ھارام تاماقلارنى توشۇشنىڭ ھۆكمى

ھارام تاماقلارنى توشۇشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەن ياۋروپادا تۇرىمەن. ئىش ئىزدىسەم ئۆيلەرگە ئوبىر (Uber) دە تاماق توشۇش ئىشى چىقتى. بۇ يەردىكى ئاشخانىلار ئادەتتە چوشقا گۆشى ۋە باشقا ھالال بولمىغان گۆشلەردە ئېتىلگەن تاماقلارنى ساتىدۇ. ھاراقمۇ توشۇشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. بىز توشۇيدىغان تاماقنىڭ تۈرىنى تاللىيالمايمىز. بۇ ئىشنى قىلسام بولامدۇ؟ ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئادەتتىكى تاماقلىرى چوشقا گۆشى ۋە شەرئىي بوغۇزلانمىغان قوي، كالا ۋە توخۇ گۆشلىرىدە ئېتىلىدىغان ياۋروپا ۋە غەربتەك ئەللەردە مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۇنداق تاماقلارنى پىشۇرۇشتا، قاچىلاشتا ياكى توشۇشتا ئىشلىشى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار﴾(5/«مائىدە»: 2) دېگەن ئەمرىگە خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ھارامنى ئىستېمال قىلىشقا ھەسسە قاتقانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن تاپقان كىرىممۇ پاك كىرىم بولمايدۇ.

ئىسلام شەرىئىتى ھاراق ئىچىش ۋە ھاراق تىجارىتى قىلىشنى ھارام قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئون تۈرلۈك كىشىگە لەنەت قىلغان ھەدىستە: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتىدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاراققا ئالاقىدار ئون تۈرلۈك كىشىگە لەنەت قىلغان. ئۇلار: ھاراقنى ياسىغۇچى، ياساتقۇچى، ئىچكۈچى، كۆتۈرگۈچى، كۆتەرتكۈچى، تەقدىم قىلغۇچى، ساتقۇچى، پۇلىنى يېگۈچى، ئالغۇچى ۋە ئالدۇرغۇچى قاتارلىقلار»(1).

مەزكۇر ھەدىستە ھاراقلا تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، چوشقا گۆشى ۋە باشقا ھارام يېمەكلىكلەرنى توشۇشمۇ ئۇنىڭغا قىياسلىنىدۇ. چۈنكى، چوشقا گۆشىمۇ قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئېنىق ھارام قىلىنغان. ھەدىستە چوشقا گۆشىنى سېتىشمۇ ئېنىق ھارام قىلىنغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەككە فەتھ قىلىنغان يىلى مەككەدە تۇرۇپ: «ھەقىقەتەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ھاراق، ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، چوشقا ۋە بۇتلارنى سېتىشنى ھارام قىلدى» دېگەن(2).

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئەللەردە قوي، كالا ۋە توخۇلار شەرئىي بوغۇزلانمىغانلىقتىن گۆشلىرىمۇ ھالال بولمىغانىكەن، ئۇنى توشۇشمۇ ئوخشاشلا ھارام گۆش توشۇش بولىدۇ.

«چوشقا گۆشى ۋە باشقا ھارام يېمەكلىكلەرنى ياۋروپالىق خرىستىيانلار يەيدىغۇ؟ ئۇلارنىڭ يېمەكلىرى ئۇلارغا ھەتتا مۇسۇلمانغىمۇ ھالالغۇ؟ ئۇنداقتا ئۇ تاماقلارنى ئۇلارغا توشۇپ بەرسە نېمىشقا جائىز بولمايدۇ» دېيىلسە، جاۋاب شۇكى، «ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك، ھاراق بىلەن چوشقا گۆشى ئۇنى ھازىرقى دىنسىزلاشقان خرىستىيانلار ھالال سانىسىمۇ، ئىستېمال قىلىدىغان بولسىمۇ، ئۇ ئەسلىدە يەھۇدىيلارغىمۇ، خرىستىيانلارغىمۇ ھارام قىلىنغان. ئۇلارمۇ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلغان. يەھۇدىيلار تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنى ھارام دەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن، خرىستىيانلار ئۇنى ھالال دەۋېلىپ يەۋېرىدىغان بولغان»(3).

شەرئىي بوغۇزلاش بىلەن ھالال بولمىغان گۆشمۇ ياۋروپالىق خرىستىيانلارغىمۇ ئوخشاشلا ھارام گۆش ھېسابلىنىدۇ. پەقەتلا ياۋروپا ۋە باشقا ئەللەردە يەھۇدىي قۇشخانىسىدا بوغۇزلانغان قوي، كالا قاتارلىق «كوشىر» (kosher) گۆشلىرىنى مۇسۇلمانلار يېسە بولىدۇ. چۈنكى، يەھۇدىيلارنىڭ دىندارلىرى ھالال گۆش مەسىلىسىدە تۈزۈمگە قاتتىق رىئايە قىلىدۇ. ئۆلۈپ قالغان ياكى توغرا بوغۇزلانمىغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى، ئېقىتىلغان قاننى ھارام دەپ قارايدۇ. بوغۇزلانغان مالنىڭ قېنىنى تولۇق ئېقىتىۋېتىشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتايدۇ. توڭگۇز گۆشىنىمۇ ھارام دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ بوغۇزلاش ئۇسۇلىدا ئىسلام شەرىئىتىدىكى بوغۇزلىغۇچى، بوغۇزلاش سايمىنى ۋە بوغۇزلىنىدىغان مال قاتارلىقلاردا تەلەپ قىلىنغان شەرتلەرگە رىئايە قىلىنىدۇ.

ھەتتا، ياۋروپا، كورىيە ۋە ياپونىيەدەك باشقا ئەللەردىكى «ھالال» بەلگىسى چاپلانغان گۆش ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ 80% تىگە يېقىن قىسمى ھالال ئۆلچەملىرىگە توشمايدۇ.

ئاللاھ تائالا «مائىدە» سۈرىسىدە بۇ ھاراملارنى تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلغان: ﴿سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، (ھايۋانلار تەرىپىدىن) ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ قويغان ھايۋان ھارام قىلىندى﴾(5/«مائىدە»: 3).

ھاراق، چوشقا گۆشى ۋە ھارام گۆش ھەققىدىكى ھەدىسلەردىمۇ ئۇنى خاھ مۇسۇلمانغا بولسۇن، خاھ كافىرغا بولسۇن توشۇش، ئىچكۈزۈش، سېتىش ئايرىپ قارالمىغان.

كورىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردىكى ئىت، ئېشەك گۆشلىرىدە ئېتىلىدىغان تاماقلارنى توشۇشمۇ ئوخشاشلا ھارام.

بۇنىڭغا ئاساسەن ئەگەر ھالال تاماقلارنىلا توشۇش ئىشىنى قىلالايدىغان بولسا قىلىپ، ئايرىپ توشۇيالمايدىغان بولسا ئۇ ئىشنى قىلماسلىق، ھارام ۋە شۈبھىدىن خالىي باشقا ئىش تېپىش كېرەك. ھارامدىن خالىي ئىشلارمۇ ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، ھارام كەسپنى قىلىشقا زۆرۈرىيەت جەھەتتىن موھتاج بولۇپ قالمايدۇ. تەقۋادارلىق قىلماقچى بولغانلار سەل ئىزدەنسىلا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھالال كىرىمگە ۋە رىزقىغا مۇيەسسەر قىلىدۇ.

ئەھۋال يۇقىرىقىدەك بولماي، ئاشخانىلاردىن ياكى ماركىتلاردىن توشۇيدىغان تاماق ياكى يېمەك – ئىچمەكلەر ئادەتتە يەھۇدىيلەرنىڭ كوشىر تامىقى ياكى ۋېجىتېريانلارنىڭ كۆكتاتتىن ئېتىلگەن تامىقىدەك ھالال بولۇپ، بەزىبىر ئەھۋاللاردىلا ھارام ئارىلىشىپ قالىدىغان بولسا ۋە بۇنى ئايرىپ ساقلىنىشى مۇمكىن بولمىسا، كىرىمىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە بېرىپ كىرىمىنى پاكلىۋەتسە بولىدۇ.

 

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 27 – شەۋۋال / م. 2024، 6 – ماي

 


1. تىرمىزىي، (1295). ئالبانىي «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، (2236)؛ مۇسلىم، (1581).
3. «لاۋىيلىلەر پارىسى»، 11:1 – 8؛ «تەسنىيە پارىسى»، 14: 3 – 8؛ عودة مهاوش الأردني: «الكتاب المقدس تحت المجهر»، 128 – بەت.

Please follow and like us: