ھەدىسلەردىكى ئائىلىسىنىڭ يىغا - زارى سەۋەبىدىن مېيىتنىڭ ئازابلىنىشى

ھەدىسلەردىكى ئائىلىسىنىڭ يىغا – زارى سەۋەبىدىن مېيىتنىڭ ئازابلىنىشى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئەبى مۇلەيكە خەۋەر بېرىپ دېدىكى: «ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر قىزى (ئۇممۇ ئەبان) مەككەدە ۋاپات تاپتى، بىز يەرلىككە قويۇشقا قاتنىشىشقا كەلگەندە، سورۇنغا ئىبنى ئۆمەر، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ ھازىر بولدىلەر. مەن ئىككى كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇردۇم — ياكى «بىر كىشىنىڭ يېنىدا ئولتۇرسام، يەنە بىر كىشى يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى» دېگەن— ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئەمر ئىبنى ئوسمانغا دېدىكى: ‹يىغا – زار قىلىشتىن توسمامسەن؟ چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ”ئائىلىسىنىڭ يىغا – زارى سەۋەبىدىن مېيىت ئازابلىنىدۇ“ دېگەن›».

(بۇنى ئاڭلىغان) ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئۆمەرمۇ شۇنداقراق دەيتتى» دەپ مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى: «مەن ئۆمەر بىلەن مەككەدىن قايتىپ بەيداﺋ دېگەن سايغا كەلگىنىمىزدە، سەمۇرە دەرىخىنىڭ ئاستىدا سايىداۋاتقان بىر توپ تۆگىلىكلەرنى كۆردۇق. شۇندا ئۆمەر ماڭا:

— بېرىپ قاراپ باق، ئۇلار كىملەر ئىكەن؟ — دېگەنىدى، بېرىپ قارىسام، (ئارىلىرىدا) سۇھەيب بار ئىكەن. ئۆمەرگە خەۋەر قىلسام:

— ئۇنىڭغا ئېيت، مەن بىلەن ماڭسۇن، — دېدى. مەن يەنە سۇھەيبنىڭ قېشىغا بېرىپ:

— يۈر، ئەمىرىلمۇئمىنىنگە يېتىشىپ ماڭ، — دېدىم.

كېيىن ئۆمەر سۇيىقەستكە ئۇچراپ يارىلانغاندا، سۇھەيب كىرىپ:

— ۋاي قېرىندىشىم! ۋاي ھەمراھىم! — دەپ يىغلاپ كەتكەنىدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— ئى سۇھەيب! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئائىلىسىنىڭ بەزى يىغا – زارى سەۋەبىدىن مېيىت ئازابلىنىدۇ› دېگەن تۇرسا، ماڭا يىغلاۋاتامسەن!؟ — دېدى».

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما )سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ( دېدىكى: «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغاندا، ئۆمەرنىڭ سۆزىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا دېسەم، ئۇ:

— ئاللاھ ئۆمەرگە رەھمەت قىلسۇن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەرگىزمۇ: ‹ئاللاھ مۇئمىننى ئائىلىسىنىڭ ئۇنىڭغا يىغلىغان يىغىسى سەۋەبىدىن ئازابلايدۇ› دېمىگەن. لېكىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئاللاھ كافىرغا ئائىلىسىنىڭ ئۇنىڭغا يىغلىغان يىغا – زارى سەۋەبىدىن ئازابنى كۆپەيتىدۇ› دېگەن، سىلەرگە قۇرئاندىكى: ﴿ھېچبىر گۇناھكار ئادەم بىراۋنىڭ گۇناھىدىن جاۋابكار ئەمەس﴾(6/«ئەنئام»: 164؛ 17/«ئىسراﺋ»: 15؛ 35/«فاتىر»: 18؛ 39/«زۇمەر»: 7) دېگەن ئايەتلا كۇپايە قىلىدۇ، — دېدى».

شۇ چاغدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما (ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ گېپىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ): «ھەقىقەتەن كۈلدۈرگەنمۇ، يىغلاتقانمۇ دەل ئاللاھتۇر» دېدى.

ئىبنى ئەبى مۇلەيكە دېدىكى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما لام – جىم دېمىدى». (سەھىھەين)

ساھابەلەردىن ھەزرىتى ئائىشە بىلەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئائىلىسىنىڭ يىغىسى سەۋەبىدىن مېيىت ئازابلىنىدۇ» دېگەن ھەدىسنى ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ۋە ئۆزى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشقىچە قىلغان رىۋايەتكە زىت دەپ قاراپ، ئېھتىماللىق دەلىلنىڭ ئورنىغا (ئۆزىنىڭ نەزەرىدە) ئېھتىماللىقى يوق دەلىلنى تەرجىھ قىلغان. ئۇنىڭچە بولغاندا، باشقىلارنىڭ (ئۆزىنىڭ نەزەرىدە) قۇرئاننىڭ زاھىرىغا زىت كېلىدىغان رىۋايەتىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ رىۋايەتىنى ئېلىشتا ئايەتنىڭ زاھىرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ھازىرقى زاماندىكى بەزى ئالىملارمۇ مۇشۇ خىل تەرجىھنى تۇتۇپ، مەزكۇر ھەدىسنى رەت قىلغان. لېكىن، قارايدىغان بولساق، ھەدىسنى رەت قىلغانلار «ھەدىسنىڭ زاھىرى مېيىتنى گۇناھسىزلا جازالاشنى كۆرسىتىدۇ» دەپ ئويلىۋالغان ۋە بۇنى قۇرئان ئايەتىمۇ، ئەقىلمۇ رەت قىلىدۇ دەپ تۇرۇۋالغان. ھەقىقەت شۇكى، بۇ ھەدىس ئەقىلگە زىت كەلمىگەندىن سىرت، ئايەتكىمۇ زىت كەلمەيدۇ. ئۇلار: «زىت كېلىدۇ» دەپ قارىۋالغىنى ھەدىسنىڭ مەزمۇنى ئەمەستۇر. بۇنىڭ بايانى مۇنداق: رەت قىلغۇچىلار ھەدىستىكى «ئازاب» كەلىمەسىنى «جازا» دەپ چۈشىنىۋالغان. ئەمەلىيەتتە ئۇ جازادىنمۇ ئومۇمىيراق سۆزدۇر.

ئاللاھ تائالا ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ بەدىنىنى مۇبتىلا قىلغان ئىللەتنى ئەييۇب ئەلەيھىسسالام «ئازاب» دەپ ئاتىغان (38/«ساد»: 41). ھالبۇكى بۇ ئازاب جازا تەرىقىسىدە بولماستىن، سىناق تەرىقىسىدە بولغان. يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سەپەر دېگەن ئازابتۇر» دېگەن («بۇخارىي»، 1804). سەپەردىكى بۇ ئازابمۇ جازا ئەمەستۇر. بۇنىڭدىن «ئازاب» كەلىمەسىنىڭ ئومۇمراقلىقى ئايان بولىدۇ. ئۇنداقتا، ھەدىستىكى «ئازاب» كەلىمەسىنى بىر خىل جازا دەپ چۈشىنىدىغان بولساق، مېيىتنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۇنىڭغا يىغلىغان يىغىسى سەۋەبىدىن تارتىدىغان ئازابى ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر خىل جازا بولۇشى مۇمكىن. بۇ شۇ جەمەتتە شۇنداق ئادەت بولۇپ، مېيىت ئۇنى توسمىغان بولسا ياكى شۇنداق تاپىلاپ ۋەسىيەت قىلغان بولسا، ئىمام بۇخارىي ھەزرەتلىرى مۇشۇنداق چۈشەنگەن ۋە بۇ ھەدىسلەرنىڭ بابىغا «مېيىتكە جار سېلىپ يىغا – زار قىلىش شۇ كىشىنىڭ ئادىتى بولسا، ئاندىن شۇنداق بولىدىغانلىقى» دەپ ئىسىم قويغان. بۇ كۆپچىلىك ئالىملار تۇتقان قاراش بولۇپ، ئۇلار: «ھەدىستىكى ئازابلىنىدىغان مېيىتتىن يىغا – زار قىلىشنى ۋەسىيەت قىلىپ، ئۆلگەندىن كېيىن ۋەسىيىتى ئورۇندالغان كىشى مەقسەت قىلىنىدۇ» دېگەن. بۇ مەزكۇر ھەدىس ھەققىدىكى قاراشلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈكىدۇر.

ئىككىنچى قاراشنى ئىمام كەرمانىي مۇنداق ئىپادىلىگەن: «دۇنيادىكى چاغدا باشقىلارنىڭ قىلىقى تۈپەيلىدىن مېيىتنىڭ ئازابلىنىشى جائىز، ئاللاھ تائالا: ﴿سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا – قازادىن ساقلىنىڭلار﴾(8/«ئەنفال»: 25) دېگەن. بەرزەخ ھاياتىدىمۇ شۇنداق. ئەمما، ﴿ھېچبىر گۇناھكار ئادەم (باشقا) بىراۋنىڭ گۇناھىدىن جاۋابكار ئەمەس﴾(6/«ئەنئام»: 164؛ 17/«ئىسراﺋ»: 15؛ 35/«فاتىر»: 18؛ 39/«زۇمەر»: 7) دېگەن ئايەت بولسا، قىيامەت كۈنىدە شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ».

ئۈچىنچى قاراشنى ئىمام تەبەرىي قاتارلىق ئالىملار مۇنداق بايان قىلغان: «ھەدىسنىڭ مەنىسى: مېيىت ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان يىغا – زارىنى ئاڭلاپ ئازابلىنىدۇ، بالىچاقىلىرىغا ئىچى ئاغرىيدۇ». قازى ئىياز: «بۇ ئەڭ مۇۋاپىق قاراش» دەپ باھالىغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 5 خىل قاراش بار. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 8/79، 80. دېمەك، بۇ ھەدىسنى ھەزرىتى ئۆمەر، ئىبنى ئۆمەر ۋە مۇغىرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايەت قىلغان. سەھىھلىكىگە قىل سىغمايدۇ. ئۇنداق بولىدىكەن، ئېھتىماللىق دەلىل ياكى پەرەز بىلەن ئۇنى رەت قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ. ھەزرىتى ئائىشە باشقىچە رىۋايەت قىلغان ۋەقەلىك بۇ ھەدىسنى رەت قىلىۋېتىشكە يېتەرلىك ئەمەس، چۈنكى ھەر ئىككى ھەدىس سەھىھ بولۇشى ۋە باشقا – باشقا ئىككى ۋەقەلىكتە ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىنچىلىكى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەدىسنى ھەزرىتى ئۆمەر سۇيىقەستكە ئۇچراپ خەنجەر تىقىلغاندا، مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ كاتتىلىرى ئۇنى يوقلاپ كىرگەندە سۆزلەپ بەرگەن ۋە سۇھەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يىغلاشتىن توسقان. سورۇندا ھازىر بولغان ساھابەلەر بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرمىگەن. مانا بۇ توغرا قاراشتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئازابلىنىدۇ» دېگەن، «جازالىنىدۇ» دېمىگەن. ئازاب بولسا جازادىن ئومۇمراقتۇر.

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1446، 12 – رەبىييەل ئاخىر / م. 2024، 15 – ئۆكتەبىر

 

Please follow and like us: