قارىيلارنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرى 2

«قۇرئان»نىڭ يېزىلىشى ۋە مۇسھەفنىڭ ھۆرمەتلىنىدىغانلىقى

«قۇرئان»نىڭ يېزىلىشى ۋە مۇسھەفنىڭ ھۆرمەتلىنىدىغانلىقى

شۇنى بىلىڭكى، «قۇرئان كەرىم» پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدىلا بۈگۈنكىدەك رەتلىنىپ بولغان. ئەمما، بىر كىتاب ھالىتىدە ئەمەس، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ئىدى. بەزى ساھابەلەر تولۇق يادلىغان بولسا، يەنە بەزىلىرى مەلۇم قىسمىنى يادلىغان.

ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، كۆپلىگەن قارىيلار شەھىد بولۇپ كەتكەنلىكتىن، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قارىي ساھابەلەرنىڭ تۈگەپ كېتىشى بىلەن كېيىنكىلەر ئارىسىدا «قۇرئان» ھەققىدە ئىختىلاپ پەيدا بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، «قۇرئان»نى بىر كىتاب ھالىتىگە ئەكىلىش ھەققىدە ساھابەلەرگە مەسلىھەت سالىدۇ. ساھابەلەرمۇ بۇنىڭغا قوشۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «قۇرئان»نى بىر كىتابقا يېزىپ توپلاپ ئۇنى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىدە ساقلايدۇ(1).

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، ئىسلام دىنى يۇرت – يۇرتلارغا تارقىلىدۇ. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «قۇرئان» ھەققىدە ئىختىلاپ پەيدا بولۇپ، بەزى ئايەتلەرنىڭ تاشلىنىپ قېلىشى ياكى بەزى سۆزلەرنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ساھابەلەر بىرلىككە كەلگەن، ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدا ساقلانغان «قۇرئان»دىن بىرنەچچە نۇسخا كۆچۈرۈپ، شەھەر – شەھەرلەرگە ئەۋەتىدۇ ۋە باشقا نۇسخىلارنى يوقىتىشقا بۇيرۇيدۇ. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ ئىشىغا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق بارلىق ساھابەلەر بىردەك قوشۇلغان.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «قۇرئان»نى بىر كىتاب ھالىتىگە ئەكەلمىگەن ئىدى. چۈنكى، ئايەتلەر يەنە چۈشۈشى ۋە بەزى ئايەتلەرنىڭ ئوقۇلۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغانغا قەدەر بۇ ئېھتىماللىق داۋاملىق مەۋجۇد ئىدى. رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەبۇبەكرى ۋە باشقا ساھابەلەر بۇ ئېھتىماللىقنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولدى. دەۋر ئېھتىياجى ھەم ئۇنى جۇغلاشنى تەقەززا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ساھابەلەر «قۇرئان»نى بىر كىتابقا جۇغلىدى.

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شەھەر – شەھەرلەرگە ئەۋەتكەن «قۇرئان»لارنىڭ سانى مەسىلىسىدە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇد.

ئىمام ئەبۇ ئەمر ئەددانىي: «كۆپچىلىك ئۆلىمالار: ‹ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئاننى تۆت نۇسخا كۆچۈرۈپ، بىرىنى بەسرەگە، بىرىنى كۇفەگە، بىرىنى شامغا ئەۋەتكەن، يەنە بىرىنى بولسا ئۆز يېنىدا ئېلىپ قالغان› دەپ قارايدۇ» دەيدۇ(2)، ئەبۇ ھاتىم سىجىستانىي: «ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ‹قۇرئان›نى يەتتە نۇسخا كۆچۈرۈپ، بىرىنى مەككەگە، بىرىنى شامغا، بىرىنى يەمەنگە، بىرىنى بەھرەينگە، بىرىنى بەسرەگە، بىرىنى كۇفەگە ئەۋەتكەن، يەنە بىرىنى بولسا مەدىنەدە ئېلىپ قالغان» دەيدۇ(3).

بۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ دەسلەپ توپلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ قىسقىچە بايانىدۇر. بۇ ھەقتە «سەھىھۇلبۇخارىي»دا نۇرغۇن ھەدىسلەر بار.

«المصحف (مۇسھەف)» كەلىمەسىدىكى «مىيم» ھەرپىنى پەش ئوقۇش، زەۋەر ئوقۇش ۋە زىر ئوقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئوقۇش شەكلى بار. پەش ۋە زىر ئوقۇش مەشھۇر ئوقۇش شەكىللىرىدۇر. زەۋەر ئوقۇشنى بولسا، ئەبۇ جەئفەر نەھھاس قاتارلىقلار تىلغا ئالغان.

«قۇرئان كەرىم»نى يېزىش ۋە ئۇنىڭغا چېكىت، زىر، زەۋەر ۋە پەش قاتارلىق بەلگىلەرنى قويۇشنىڭ ھۆكمى

ئۆلىمالار «قۇرئان كەرىم»نى چىرايلىق، ھەرپلىرى ئوچۇق، دانىمۇدانە، ئالدىرىماي، ھەرپلەرنى بىر – بىرىگە كىرىشتۈرۈۋەتمەي يېزىشنىڭ «مۇستەھەب»لىكىدە بىرلىككە كەلگەن.

ئۆلىمالار: «‹قۇرئان›غا چېكىت ۋە ھەرەكەلەر (زىر، زەۋەر، پەش) نى قويۇش مۇستەھەب، چۈنكى بۇ ‹قۇرئان› ئوقۇغاندا خاتالىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ» دەيدۇ.

شەئبىي ۋە ئىبراھىم نەخەئىينىڭ چېكىت قويۇشنى مەكرۇھ دەپ قارىغانلىقىغا كەلسەك، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز زامانىسىدا «قۇرئان»غا ئۆزگەرتىش كىرىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن ئىدى. ھازىر ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولغانلىقىمىز ئۈچۈن چېكىت قويۇش چەكلەنمەيدۇ ۋە «بىدئەت» دەپمۇ توسۇلمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىلمىي كىتابلارنى يېزىش، مەدرەسە، رابات ۋە كارۋانسارايلارنى بىنا قىلىشقا ئوخشاش «ياخشى يېڭىلىقلار» قاتارىدىندۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

«قۇرئان»نى ناپاك نەرسىلەر بىلەن يېزىش ۋە تامغا يېزىشنىڭ ھۆكمى

«قۇرئان»نى ناپاك نەرسىلەر بىلەن يېزىش جائىز ئەمەس.

تاملارغا ئايەت يېزىش بىزنىڭ مەزھەبىمىزدە مەكرۇھتۇر. بۇ ھەقتە ئەتائنىڭ بىز يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن «جائىز بولىدۇ» دېگەن قارىشى بار(4).

بىز يۇقىرىدا يەنە: «ئايەت يېزىلغان يېمەكلىكلەرنى يېسە بولىدۇ، ئايەت يېزىلغان ياغاچنى كۆيدۈرۈش مەكرۇھ» دېگەنىدۇق(5).

«قۇرئان»نى ھۆرمەتلەش ۋە قوغداشنىڭ ۋاجىبلىقى

بارلىق مۇسۇلمانلار «قۇرئان»نى قوغداش ۋە ھۆرمەتلەشنىڭ «ۋاجىب»لىقىدا بىرلىككە كەلگەن. شافىئىي ئۇستازلىرىمىز ۋە باشقا مەزھەب ئالىملىرى: «ناۋادا مۇسۇلمان كىشى ‹قۇرئان›نى ئەخلەتكە تاشلىسا (ئاللاھ ساقلىسۇن!) كافىر بولىدۇ» دېگەن.

ئۆلىمالار: «‹قۇرئان›نى ياستۇق قىلىپ يېتىش ھارام. ‹قۇرئان›نىلا ئەمەس، بەلكى باشقا ئىلىم كىتابلىرىنى بېشىغا قويۇپ يېتىشمۇ ھارام، ‹قۇرئان› ئېلىپ كېلىنسە ئورنىدىن تۇرۇش مۇستەھەب» دېگەن. چۈنكى، پەزىلەت ئەھلى بولغان ئۆلىمالار ۋە سالىھلارغا ئورنىدىن تۇرۇش «مۇستەھەب» بولغان ئىكەن، «قۇرئان»غا ئورنىدىن تۇرۇش ئەلبەتتە مۇستەھەبتۇر. پەزىلەتلىك كىشىلەرگە ئورنىدىن تۇرۇشنىڭ «مۇستەھەب»لىكىنىڭ دەلىللىرىنى بۇ تېمىدا مەخسۇس يازغان رىسالەم(6)دە بايان قىلدىم.

بىز يەنە ئىمام دارىمىينىڭ «مۇسنەد» (3393) ناملىق كىتابىدا سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلدۇقكى، ئىبنى ئەبى مۇلەيكە: «ئىكرىمە ئىبنى ئەبى جەھل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ‹قۇرئان›نى يۈزىگە يېقىپ: ‹پەرۋەردىگارىمنىڭ كىتابى، پەرۋەردىگارىمنىڭ كىتابى› دەيتتى» دېگەن.

«قۇرئان»نى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ دۈشمەن زېمىنىغا سەپەر قىلىش، زىممىي (مۇسۇلمانلار دۆلىتىدىكى مۇسۇلمان ئەمەس پۇقرا) غا «قۇرئان» سېتىش، ساراڭ كىشىنىڭ ۋە كىچىك بالىنىڭ «قۇرئان»نى كۆتۈرۈشىنىڭ ھۆكمى

«قۇرئان»نىڭ دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولسا، «قۇرئان»نى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ دۈشمەن زېمىنىغا سەپەر قىلىش ھارامدۇر. «سەھىھەين»دىكى مەشھۇر ھەدىس («بۇخارىي»، 2990؛ «مۇسلىم»، 1869) تە، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىدا ‹قۇرئان› ئېلىپ دۈشمەن زېمىنىغا سەپەر قىلىشتىن توسقان».

زىممىيلارغا «قۇرئان» سېتىش ھارامدۇر. سودىنىڭ دۇرۇس بولۇش – بولماسلىقىدا ئىمام شافىئىيدىن ئىككى خىل رىۋايەت كەلگەن: بىرى، سودىسى دۇرۇس ئەمەس. بۇ توغرىراق رىۋايەت. يەنە بىرى، دۇرۇس، لېكىن زىممىي «قۇرئان»نى دەرھال قولىدىن چىقىرىۋېتىشكە بۇيرۇلىدۇ.

ساراڭ ۋە ئاق – قارىنى ئايرىيالمايدىغان كىچىك بالىنىڭ «قۇرئان»نىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىيالماسلىق ئېھتىماللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن، «قۇرئان»نى كۆتۈرۈشى چەكلىنىدۇ. بۇ چەكلەش ئۇلارنىڭ ھامىيلىرىغا (يەنى ئىگىلىرىگە) ۋە ئۇلارنىڭ «قۇرئان»نى كۆتۈرۈشكە تەمشەلگەنلىكىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشىگە ۋاجىبتۇر.

تاھارەتسىز كىشىنىڭ «قۇرئان»نى تۇتۇشى ۋە كۆتۈرۈشىنىڭ ھۆكمى

تاھارەتسىز كىشىنىڭ «قۇرئان»نى تۇتۇشى ۋە كۆتۈرۈشى مەيلى بىرەر نەرسە بىلەن كۆتۈرسۇن ياكى بىۋاسىتە كۆتۈرسۇن، ئايەتلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتسۇن، ياكى چۆرىسىدىكى ئىزاھاتلارنى تۇتسۇن، ياكى مۇقاۋىسىنى تۇتسۇن ئوخشاشلا ھارامدۇر. «قۇرئان» سېلىنغان ساندۇق، قاچا ۋە خالتىلارنى تاھارەتسىز تۇتۇش ۋە كۆتۈرۈشمۇ ھارامدۇر. بۇ شافىئىي مەزھەبىدىكى ئىشەنچلىك ۋە تاللانغان قاراشتۇر. «‹قۇرئان› سېلىنغان ساندۇق، قاچا ۋە خالتىلارنى تۇتۇش ۋە كۆتۈرۈش ھارام ئەمەس» دېگەن قاراشمۇ بار، لېكىن بۇ زەئىف قاراشتۇر(7).

ئايەت يېزىلغان تاختايمۇ يېزىلغان ئايەت ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ئوخشاشلا «قۇرئان»نىڭ ھۆكمىدە. ئۆگىنىش ئۈچۈن ئايەتنىڭ بىر قىسمىنى يازغان تاختاينىمۇ تاھارەتسىز تۇتۇش ھارامدۇر(8).

«قۇرئان»نى بىۋاسىتە قول تەگكۈزمەي بىرەر نەرسە بىلەن ۋاراقلاشنىڭ ھۆكمى

تاھارەتسىز كىشى ياكى جۇنۇب كىشى، ياكى ھەيزدار «قۇرئان» بەتلىرىنى خەتكۈش دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن ئۆرۈگەن بولسا، بۇنىڭ دۇرۇس بولۇش – بولماسلىقىدا شافىئىي ئۇستازلىرىمىز ئارىسىدا ئىككى خىل قاراش بار:

بىرىنچى خىل قاراش: جائىز؛ بۇ ئىراقلىق ئۇستازلىرىمىزنىڭ كېسىپ ئېيتقان سۆزى بولۇپ، بۇ كۈچلۈكرەك قاراشتۇر.

ئىككىنچى خىل قاراش: ھارام. چۈنكى، ئۇ «قۇرئان»نىڭ بىر ۋارىقىنى كۆتۈرگەن بولىدۇ. «قۇرئان»نىڭ بىر ۋارىقىمۇ (ھۆكۈمدە) ھەممىسىگە ئوخشاشتۇر.

ئەمما، يېڭىنى قولىغا يۆگەپ، يېڭى ئارقىلىق ۋاراق ئۆرۈگەن بولسا، ھەممە ئۇستازلىرىمىزنىڭ قارىشىدا بىردەك ھارامدۇر. «بۇ مەسىلىدىمۇ ئىككى خىل قاراش بار» دېگەن ئۇستازلىرىمىز خاتالاشقان. توغرىسى، يېڭى ئارقىلىق بەت ئۆرۈش كەسكىن ھارامدۇر. چۈنكى، بەت قول ئارقىلىق ئۆرۈلىدۇ، يەڭ ئارقىلىق ئەمەس.

تاھارەتسىز كىشىنىڭ «قۇرئان»نى يېزىشىنىڭ ھۆكمى

تاھارەتسىز ياكى جۇنۇب كىشى «قۇرئان»نى يازغان بولسا، يېزىۋېتىپ قەغەزنى تۇتسا ياكى كۆتۈرسە ھارام. ئەگەر تۇتمىسا ياكى كۆتۈرمىسە بۇنىڭدا شافىئىي ئۇستازلىرىمىز ئارىسىدا ئۈچ خىل قاراش بار:

بىرىنچى خىل قاراش: جائىزدۇر؛ بۇ شافىئىي مەزھەبىدىكى توغرا قاراشتۇر.

ئىككىنچى خىل قاراش: ھارام؛

ئۈچىنچى خىل قاراش: تاھارەتسىز كىشىگە دۇرۇس، جۇنۇب كىشىگە ھارام.

تەفسىر، فىقھ، ھەدىس كىتابلىرىدەك «قۇرئان» ئايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابلارنى تۇتۇشنىڭ ھۆكمى

تاھارەتسىز ياكى جۇنۇب، ياكى ھەيزدار فىقھ كىتابلىرى قاتارلىق «قۇرئان» ئايەتلىرى بار كىتاب، ئايەت كەشتىلەنگەن كىيىم، ئايەت بېسىلغان تەڭگە، تىللا قاتارلىق نەرسىلەرنى تۇتسا، كۆتۈرسە ياكى ئىچىدە «قۇرئان» بار يۈك – تاقلارنى كۆتۈرسە، ياكى ئايەت ئويۇلغان نان، تاتلىق – تۇرۇم، تام… قاتارلىقلارنى سىلىسا، شافىئىي مەزھەبىدىكى كۈچلۈك قاراش: بۇلارنىڭ ھەممىسى جائىزدۇر. چۈنكى، بۇ نەرسىلەر «قۇرئان» ئەمەس. بۇ مەسىلىدە بەزى ئۇستازلىرىمىزدىن بۇ ئىشلارنى ھارام دەيدىغان قاراشمۇ كەلگەن.

قازىكالان ئەبۇلھەسەن ماۋەردىي ئۆزىنىڭ «ئەلھاۋىي» ناملىق كىتابىدا (1/176): «ئايەت كەشتىلەنگەن رەختلەرنى تۇتۇش جائىز، ئەمما ئۇنى كىيىم قىلىپ كىيىش بىردەك جائىز ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق كىيىملەرنى كىيىشتىكى مەقسەت قۇرئان بىلەن بەرىكەت تىلەشتۇر» دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ قارىشى زەئىف بولۇپ، بۇنىڭغا بىرەرسىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى كۆرمىدىم. ئەكسىچە، شەيخ ئەبۇ مۇھەممەد جۇۋەينىي ۋە باشقىلار بۇ كىيىملەرنى كىيىشنىڭ دۇرۇسلۇقىنى ئوچۇق بايان قىلغان. مانا بۇ شافىئىي مەزھەبىدىكى توغرا قاراشتۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەفسىر كىتابلىرىنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، ئەگەر تەفسىردىن ئايەت كۆپ بولسا، تۇتۇش ۋە كۆتۈرۈش ھارام. ئەمما، تەفسىر ئايەتتىن كۆپ بولسا (ئادەتتە كۆپىنچە شۇنداق بولىدۇ) بۇنداق ئەھۋال ھەققىدە ئۈچ خىل قاراش بار:

بىرىنچى: ھارام ئەمەس(9)؛ بۇ ئەڭ توغرا قاراش.

ئىككىنچى: ھارام؛

ئۈچىنچى: ئايەتلەر چوڭ خەت بىلەن ياكى قىزىل ۋە باشقا رەڭلەر بىلەن ئايرىلغان بولسا، بۇنداق تەفسىرلەرنى تۇتۇش ۋە كۆتۈرۈش ھارام، ئايرىلمىغان بولسا ھارام ئەمەس.

شافىئىي ئۆلىمالىرىدىن «ئەتتەتىممە» ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىفى: «‹ھارام›، ‹ھارام ئەمەس› دېگەن تەقدىردىمۇ ‹مەكرۇھ› دەيمىز» دەيدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى يېزىلغان كىتابلارنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، ئەگەر ئۇنىڭدا ئايەت بولمىسا، تۇتۇشمۇ ھارام بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ تاھارەتسىز تۇتمىغان ياخشى. ئەگەر ئۇنىڭدا ئايەت بولسا، بىزنىڭ مەزھەبىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قاراشتا يەنىلا ھارام ئەمەس، بەلكى مەكرۇھتۇر. بەزى ئۇستازلىرىمىزدىن «ھارام» دەيدىغان قاراشمۇ كەلگەن. فىقھ كىتابلىرىدا كېيىنكى مۇشۇ قاراش كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

ئەمما، ﴿الشَّيْخُ وَالشَّيْخَةُ إِذَا زَنَيَا فَارْجُمُوهُمَا الْبَتَّةَ نَكَالًا مِنَ اللهِ وَاللهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ / قېرى ئەر، قېرى ئايال زىنا قىلسا، ئۇلارنى چالما – كېسەك قىلىڭلار﴾ دېگەن ئايەتكە ئوخشاش تىلاۋىتى مەنسۇخ قىلىنغان (يەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان) ئايەتلەرنى تۇتۇش ۋە كۆتۈرۈش ھارام ئەمەس.

شافىئىي ئۇستازلىرىمىز: «تەۋرات ۋە ئىنجىلنى تۇتۇش ۋە كۆتۈرۈشمۇ شۇنداق (يەنى ھارام ئەمەس)» دەيدۇ(10).

بەدىنىدە نىجاسەت بار كىشىنىڭ «قۇرئان»نى تۇتۇشىنىڭ ھۆكمى

تاھارەتلىك كىشىنىڭ بەدىنىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە پاكىزلىمىسا بولمايدىغان نىجاسەت بولسا، نىجاسەت بار يېرىنى «قۇرئان»غا تەگكۈزۈش ھارامدۇر. بۇنىڭدا ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق. نىجاسەت بار يەردىن باشقا يېرى بىلەن تۇتسا، شافىئىي ئۇستازلىرىمىزنىڭ ۋە باشقا مەزھەبتىكى ئۆلىمالارنىڭ كۆپچىلىكى تاللىغان سەھىھ، مەشھۇر قاراشقا ئاساسلانغاندا «ھارام» ئەمەس.

شافىئىي ئۇستازلىرىمىزدىن ئەبۇلقاسىم سەيمەرىي «ھارام» دېگەندە، باشقا ئۇستازلىرىمىز ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى خاتا دەپ باھالىغان. قازى ئەبۇتتەييىب: «ئۇنىڭ بۇ پىكرى بىردەك رەت قىلىنىدۇ» دېگەن.

يۇقىرىقى «ھارام ئەمەس» دېگەن مەشھۇر قاراشقا ئاساسەن، بەزى ئۇستازلىرىمىز «مەكرۇھ» دېگەن. توغرىسى، «مەكرۇھ» ئەمەس.

سۇ تاپالمىغان كىشىنىڭ «قۇرئان»نى تۇتۇشىنىڭ ھۆكمى

سۇ تاپالمىغان كىشى تەيەممۇم قىلىش جائىز بولىدىغان ئەھۋاللاردا — ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تەيەممۇم قىلسۇن ياكى باشقا تەيەممۇم قىلىش دۇرۇس بولىدىغان ئىشلار ئۈچۈن تەيەممۇم قىلسۇن — تەيەممۇم قىلىپ «قۇرئان» تۇتسا بولىدۇ. ئەمما، سۇنىمۇ، تۇپراقنىمۇ تاپالمىغان كىشى ھالىغا يارىشا ناماز ئوقۇيدۇ، ئەمما «قۇرئان»نى تۇتۇشى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ تاھارەتسىزدۇر. ئۇنىڭ ناماز ئوقۇشىنى «زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن دۇرۇس» دەيمىز.

ناۋادا يېنىدا «قۇرئان» بولۇپ، ئۇنى ئامانەتكە قويىدىغان كىشى تاپالمىغان ۋە تاھارەت ئېلىشقىمۇ قادىر بولالمىغان بولسا، زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن، «قۇرئان»نى ئۆزى بىلەن بىللە كۆتۈرۈپ يۈرۈشى دۇرۇستۇر. قازى ئەبۇتتەييىب: «تەيەممۇم قىلىشىمۇ زۆرۈر ئەمەس» دەيدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ گېپىدە مەسىلە بار. ئۇ كىشى تەيەممۇم قىلىشى لازىم.

ئەگەر «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئوتتا كۆيۈپ كېتىشىدىن ياكى سۇدا غەرق بولۇپ كېتىشىدىن، ياكى نىجاسەتكە چۈشۈپ كېتىشىدىن، ياكى كافىرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە، زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن، تاھارەتسىز بولسىمۇ ئۇنى بىللە ئېلىۋېلىشى لازىم.

كىچىك بالىنىڭ «قۇرئان» تۇتۇش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشىنىڭ ھۆكمى

مۇئەللىم ۋە ۋەلىيلەرنىڭ ئاق – قارىنى ئايرىيالايدىغان كىچىك بالىنى ئوقۇۋاتقان «قۇرئان» ۋە ئايەت يېزىلغان تاختايلارنى تۇتۇش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشقا بۇيرۇشى ۋاجىبمۇ؟

بۇ مەسىلىدە شافىئىي ئۇستازلىرىمىز ئارىسىدا مەشھۇر ئىككى خىل قاراش بار، ئۇستازلىرىمىزنىڭ نەزەرىدىكى توغرىراق قاراش: ئۇنداق قىلىش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن، «ۋاجىب» ئەمەس(11).

«قۇرئان»نى سېتىش ۋە سېتىۋېلىشنىڭ ھۆكمى

«قۇرئان كەرىم»نى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش سودا – سېتىق جەھەتتىن توغرا توختام بولىدۇ. ئۇنى سېتىۋېلىشمۇ «مەكرۇھ» ئەمەس. ئەمما، ئۇنى سېتىشنىڭ مەكرۇھلۇقىدا ئۇستازلىرىمىز ئارىسىدا ئىككى خىل قاراش مەۋجۇد. توغرىراقى، ئېھتىياج يوق ئەھۋالدا سېتىش مەكرۇھ. ئىمام شافىئىي بۇنى ئوچۇق سۆزلىگەن.

«قۇرئان»نى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش «مەكرۇھ ئەمەس» دەپ قارىغانلار قاتارىدا سەلەف سالىھلاردىن ھەسەن بەسرىي، ئىكرىمە، ھەكەم ئىبنى ئۇتەيبە قاتارلىقلار بار. بۇ قاراش ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان(12).

يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار: «‹قۇرئان كەرىم›نى سېتىشمۇ، سېتىۋېلىشمۇ مەكرۇھ» دەپ قارىغان. بۇ قاراشنى ئىبنۇلمۇنزىر ئەلقەمە، ئىبنى سىرىن، ئىبراھىم نەخەئىي، قازى شۇرەيھ، مەسرۇق، ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد قاتارلىقلاردىن رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ئۆمەر ۋە ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ «قۇرئان»نى سېتىشنى توغرا كۆرمەي قىلغان قاتتىق گەپلىرى رىۋايەت قىلىنغان(13).

يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار: «قۇرئاننى سېتىۋېلىش رۇخسەت، سېتىش مەكرۇھ» دەپ قارىغان. بۇ قاراشنى ئىبنۇلمۇنزىر ئىبنى ئابباس، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئىسھاق ئىبنى راھەۋەيھ قاتارلىقلاردىن رىۋايەت قىلغان(14).

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشر  قىلغان، ئاتائۇللاھ سەئىد تەرجىـــمەسى ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرىدىن ئېلىندى.


1. «بۇخارىي»، (4986).
2. «ئەلمۇقنىئۇ فى مەئرىفەتى مەرسۇمى مەساھىفى ئەھلىل ئەمسار»، 9 – بەت.
3. ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد: «ئەلمەساهىف»، (116).
4. ئەتاﺋ («ئىبنى ئەبى شەيبە»، 1/498): «مەسجىدنىڭ قىبلە تەرىپىگە ‹قۇرئان›نى يازسا مەيلى» دەيدۇ.
5. ئايەت يېزىلغان نەرسىلەرنى دەسسىلىپ خارلىنىشتىن ساقلاش نىيىتىدە كۆيدۈرۈش مەكرۇھ ئەمەس. بەلكى قوغداش ئۈچۈن كۆيدۈرۈش زۆرۈر بولسا، كۆيدۈرۈش ۋاجىبتۇر. ئۇستازلىرىمىزنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق قاراشلىرىغا ئاساسەن، كۆيدۈرۈۋېتىشتىن يۇيۇۋېتىش ئەۋزەل. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «تۇھفەتۇل موھتاج»، 1/155.
6. ئىمام نەۋەۋىي: «مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى پەزىلەتلىك، يۈز – ئابرۇيلۇق كىشىلەرگە ئورنىدىن تۇرۇش رۇخسەت»، 34 – 54 – بەتلىرى.
7. «قۇرئان»نى تاھارەتسىز تۇتماسلىق ئەۋزەل. تاھارەتسىز تۇتۇشنى كۆپچىلىك ئالىملار چەكلەيدۇ. بەزى سەلەفلەر چەكلىمەيدۇ («تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 17/227). شۇڭا، «قۇرئان»نى تۇتقاندا تاھارەتلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. تاھارەت ئېلىش ئەپسىز بولغان چاغلاردا قۇرئان ئوقۇشتىن ئۆزىنى مەھرۇم قىلماسلىق ئۈچۈن: «تاھارەتسىز تۇتسا بولىدۇ» دېگەن قاراش بويىچە ئەمەل قىلسىمۇ بولىدۇ. قاپچۇق بىلەن تۇتۇش مەسىلىسىدىمۇ ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا تاھارىتى يوق كىشى، «قۇرئان كەرىم»نى ئايرىلىدىغان، يەملىۋېتىلمىگەن قاپچۇقى بىلەن ياكى يېڭى بىلەن تۇتسا بولىدۇ. بەزىلەر بۇنداق تۇتۇشنىمۇ مەكرۇھ دەپ قارىغان. قاراڭ: «ئەلئىختىيار»، 1/62. — ت.
8. تۇمار ۋە پۇلغا ئوخشاش نەرسىلەردىكى ئايەتلەر ئۆگىنىش نىيىتىدە يېزىلمىغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغا كىرمەيدۇ.
9. لېكىن، مەكرۇھتۇر. قاراڭ: «تۇھفەتۇل موھتاج»، 1/151. ئەگەر ئايەتلەر تەفسىرى بىلەن باراۋەر بولسا، يەنىلا تۇتۇش ۋە كۆتۈرۈش ھارام ئەمەس.
10. چۈنكى بۇ كىتابلار ئۆزگەرتىۋېتىلگەن. ئىمام نەۋەۋىي («ئەلمەجمۇﺋ»، (2/87): «‹ئەگەر تەۋرات ۋە ئىنجىلدا ئۆزگەرتىۋېتىلمىگەن نەرسىلەرمۇ بار› دەپ قارىسا، تاھارەتسىز تۇتۇش مەكرۇھ، لېكىن ھارام ئەمەس» دېگەن.
11. يەنى ئاق – قارىنى ئايرىيالايدىغان كىچىك بالا «قۇرئان»نى يادلاش ۋە ئۆگىنىشكە موھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن، «قۇرئان» ياكى ئايەت يېزىلغان تاختايلارنى تۇتسا ياكى كۆتۈرۈپ قارىيخانىغا ياكى مۇئەللىملەرنىڭ يېنىغا ئۆگىنىش ئۈچۈن ئېلىپ بارسا بولىدۇ. چۈنكى، كىچىك بالىنىڭ داۋاملىق تاھارەت بىلەن يۈرۈشى قىيىندۇر. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «تۇھفەتۇل موھتاج»، 1/153.
12. «سۇنەن بەيھەقىي»، 6/17؛ ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 391 – بەت. ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد: «ئەلمەساهىف»، (646، 652، 653، 676).
13. ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 390 – بەت. بەيھەقىي «سۇنەن» ناملىق كىتابىنىڭ 6/16 – ھەدىسىدە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: «‹قۇرئان› ساتقان قوللار كېسىپ تاشلانسىكەن دەيمەن» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.
14. «سۇنەن بەيھەقىي»، 6/16؛ ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 389 – بەت. ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد: «ئەلمەساهىف»، (621، 641).

Please follow and like us: