زاكات پۇلدا ئىفتارلىق بەرسە ياكى ئاشلىق تارقاتسا بولامدۇ؟

زاكات پۇلدا ئىفتارلىق بەرسە ياكى ئاشلىق تارقاتسا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! زاكات پۇلدا تونۇش – بىلىش، ئاغىنە – بۇرادەرلەرنى مېھمان قىلىپ ئىفتارلىق بەرسە ياكى ئاشلىق قاچىلانغان رامازانلىق ساندۇقلارنى زاكات پۇلدىن تارقاتسا بولامدۇ؟ ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

روزىدارلارنى ئىفتارلىتىش ئەجىرلىك ۋە پەزىلەتلىك ئەمەل بولسىمۇ، ئۆيلەردە ياكى كوچا – مەيدانلاردا زاكات پۇلنى ئىشلىتىپ ئىفتارلىق ياكى سوھۇرلۇق بەرسە بولمايدۇ. چۈنكى، ئىفتار قىلىدىغانلار قاتارىدا بايمۇ بولىدۇ. مەكتەپ ياكى ياتاقلاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىفتارلىق بېرىلسە، ئۇنى بايلارنىڭ بالىلىرىمۇ يەيدۇ. شۇڭا، ئىفتارلىقنى بايلارغا ھەدىيە، پېقىرلەرگە سەدىقە قاتارىدا قىلىش لازىم.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە زاكات بېرىلىدىغان سەككىز تۈرنى مۇنداق بايان قىلغان:

﴿زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، ئۇنى يىغىدىغان خادىملارغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا ۋە ئىبنى سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(9/«تەۋبە»: 60).

«كەمبەغەلنىلا چاقىرىدۇ» دېگەن ئەھۋالدىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، ئايەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن زاكات پۇل پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىلگىنىدە، ئۇلارنىڭ قولىغا پۇل بېرىش كېرەك بولىدۇ. زاكاتنى ئالغان كىشى ئۇنى قەرز تۆلەشكە ئىشلىتەمدۇ، كىيىم – كېچەك ياكى ئۆي سايمانلىرىدەك بىرەر نەرسە سېتىۋالامدۇ، ياكى باشقىچە تاماق قىلىپ يەمدۇ ۋەياكى باشقا ئىشىغا سەرپ قىلامدۇ بۇنى ئۆزى قارار قىلىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن ئاشلىق قاچىلانغان رامازانلىق ساندۇقلارنى زاكات پۇلدىن تارقىتىشمۇ توغرا بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى بەزى تۈرلەرنى پېقىر قەتئىي ئىستېمال قىلماسلىقىمۇ، ئىستېمال قىلسا ئۇنىڭغا زىيانلىق   بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىپتارلىق بېرىش ۋە رامازانلىق ساندۇق تارقىتىش رىيا ۋە ئابرويپەرەسلىكتىن خالىي ئەمەس. مۇبادا پېقىر دەلدۈش ياكى پۇلنى قولىغا تۇتقۇزسا بۇزۇۋېتىپ ئاچ قالىدىغان كىشى بولسا، ئۇنىڭغا زاكاتتىن تاماق ئېلىپ بەرسە بولىدۇ ياكى ئاشلىق تىجارىتى قىلىدىغان كىشى قولىدىكى ئاشلىقلارنىڭ زاكىتىنى ئاشلىق بەرسە جائىز بولىدۇ.

پېقىر – مىسكىنلەرنى پۇلغا ئىگە قىلىش شەرتتۇر. ھەقتائالا يەنە بىر ئايەتتە: ﴿…زاكاتنى بېرىڭلار…﴾(2/«بەقەرە»: 43) دەپ بۇيرۇغان. (ئايەتتىكى) «الْإِيتَاءُ» سۆزى «بېرىش» دېگەن مەنىدىدۇر. بېرىش — ئىگىداچىلىقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش دېمەكتۇر. شۇڭا، زاكاتنى كەمبەغەلنىڭ قولىغا ياكى «ھامىيسى»، «ئاتىسى» ۋە «كىچىك بالىنىڭ بىر تۇغقان ياكى يات ۋەسىيسى» دېگەندەك ۋەكىلىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇش كېرەك(1).

بەزى كەففارەت ۋە فىديەلەردە «تاماق بېرىش» دەپ ئېنىق كەلگەن. مەسىلەن، زىھار كەففارەتىدە: ﴿… ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم، قادىر بولالمىغان ئادەم 60 مىسكىنگە تاماق بېرىشى لازىم…﴾(58/«مۇجادىلە»: 4)؛ رامازاندا روزا تۇتالمىغانلىق فىديەسىدە: ﴿…ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىنگە تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم….﴾(2/«بەقەرە»: 184) دەپ بۇيرۇغان.

بۇنىڭدىكى ئۆلچەم: «تاماق بېرىش» دەپ بۇيرۇلغان پەرزدە تاماق بېرىشكە بولىدۇ. «بېرىش ياكى ئادا قىلىش» دەپ بۇيرۇلغان پەرزدە قولىغا بېرىپ ئىگە قىلىش لازىم(2).

بۇ ھەقتە ئىمام مىرداۋىي: «زاكاتنى بەرگەندە بېرىلگۈچىگە مۈلك قىلىپ بېرىش كېرەك. شۇڭلاشقا، ئۇنى پېقىرلەرگە ناشتىلىق ياكى كەچلىك تاماق شەكلىدە يېگۈزسە بولمايدۇ»(3) دەيدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 15 – رامازان / م. 2024، 25 – مارت


1. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/129.
2. قازى شەيخزادە: «مەجمەئۇل ئەنھۇر شەرھۇ مۇلتەقال ئەبھۇر»، 3/350.
3. مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 3/166.

Please follow and like us: