ئاخىرەتتە تەن قايتا تىرىلدۈرۈلمەمدۇ؟

ئاخىرەتتە تەن قايتا تىرىلدۈرۈلمەمدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! يېقىندا بىر ۋەزخاننىڭ تورغا چىقارغان ۋىدىيوسىدا: «قىيامەت كۈنى جەننەتكە كىرىدىغىنىمۇ بىزنىڭ روھىمىز، ماۋۇ بەدىنىمىز بۇ دۇنيادا قالىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بۇ خىل ئەقىدە توغرىمۇ؟ شۇنداقلا بۇ قاراش تارىختىكى قايسى پىرقەلەرگە ئائىت؟ مۇشۇ ھەقتە كونكرېت چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئىسلام ئەقىدەسىدە «ئاخىرەتتە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا جىمى بەندىلەرنىڭ تەنلىرىنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ ۋە روھلىرىنى تەنلىرىگە قايتۇرۇپ، ئۇلارنى ھېساب ئېلىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا توپلايدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىش شەرئەن ۋاجىبتۇر. چۈنكى، ئەقىدە ئىستىلاھىدا «بەئس (الْبَعْثُ)» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئەقىدە قۇرئان، ھەدىس ۋە سەلەف سالىھلەرنىڭ ئىجمائسى بىلەن ئىسپاتلانغان ئىسلام ئەقىدەسىنىڭ رۇكنىلىرىدىن بىرىدۇر. شۇڭا، كىمكى بۇنى ئىنكار قىلىدىكەن، «قۇرئان»نىڭ ئېنىق ئايەتلىرىگە تانغان بولىدۇ(1).

بەزىبىر ئازغۇن ئەقىدەلىكلەر، شۇنداقلا بىر قىسىم پەيلاسوپلار: «ئاخىرەتتە تەننىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلۈشى يوق، ئاخىرەتتە روھلا بولىدۇ، تەن بولمايدۇ، چۈنكى ئۆلۈپ تۈگىگەن تەننى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇھال» دەپ قارايدۇ. بۇ ئازغۇن ئەقىدە ئىسلام ئەقىدەسىگە زىت بولۇپ، بۇ ئەقىدەدىكى پەيلاسوپلارنى ھۆججەتۇلئىسلام ئەبۇ ھامىد غەززالىي «تەھافۇتۇل فەلاسىفە» ئاتلىق كىتابىدا «كافىر دېمەي بولمايدۇ» دەپ قارىغان ۋە بۇ ئېتىقادنىڭ ئىسلامغا قەتئىي توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى يالغانچى دەپ ئېتىقاد قىلىشقا ئاپىرىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندۇر(2). چۈنكى، بۇ خاتا ئېتىقاد تەننىڭ ئوتتا كۆيۈشىنى، جەننەتنى ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇ – نېئمەت ھەمدە ۋەدە قىلىنغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىنكار قىلىشقا، ئاللاھ تائالانىڭ چىرىپ كەتكەن تەن پارچىلىرىنى يىغىپ جەملەپ قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، تىرىلدۈرۈشكە بولغان قۇدرىتىگە ئىمان كەلتۈرمەسلىككە، نەتىجىدە ئاتېئىزمغا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، بۇ خاتا ئەقىدەنى تەشۋىق قىلغانلار دەرھال تەۋبە قىلىپ ئىمانىنى يېڭىلىشى، بۇ بۇزۇق ئەقىدەنى تەشۋىق قىلىشتىن دەرھال توختىشى كېرەك.

بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، قايتا تىرىلىش، ھېساب – كىتاب، جازا – مۇكاپات قاتارلىقلار ئىمان ۋە ئەقىدەنىڭ ئاساسىي رۇكنىلىرىدىندۇر. بۇ ئەقىدەنى بۇرمىلاش سالىھ ئەمەلگە ئىنتىلىش ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ بۇزۇلۇشىغىمۇ سەۋەبچى بولىدۇ.

پەيلاسوپلارنىڭ: «ئاخىرەتتە تەن قايتا تىرىلدۈرۈلمەيدۇ، چۈنكى ئۆلۈپ تۈگىگەن تەننى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس» دېگەن قارىشىغا ئىمام سەئدۇددىن تەفتازانىي (ھ. 722 – 792 / م. 1322 – 1389) ئۇلارنىڭ پەلسەپە تىلى بىلەن: «بولۇشى مۇقەررەر ياكى بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىگە پاكىت بولمىغان نەرسە پەيلاسوپلارنىڭ پرىنسىپى بويىچە بولۇشى مۇمكىن ھادىسەلەر كاتېگورىيەسىدەدۇر. شۇڭا، ‹يوق بولغان تەن قايتا تىرىلدۈرۈلمەيدۇ› دېيىلسە، ئۇنىڭغا چوقۇم پاكىت كەلتۈرۈش كېرەك» دەپ كۈچلۈك رەددىيە بېرىش بىلەن بىرگە، «قايتا تىرىلدۈرۈش باشتا يوقتىن ياراتقانغا ئوخشاش، بەلكى تېخى شۇنىڭ دەل ئۆزىدۇر. چۈنكى، گەپ يوق بولۇپ كەتكەن تەننىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىدە بولۇۋاتىدۇ. بىرنەرسىنىڭ بىر ۋاقىتتا مۇمكىن بولۇپ، يەنە بىر ۋاقىتتا مۇمكىن بولماسلىقى مۇھالدۇر. چۈنكى، ۋاقىتنىڭ بۇ ئىشتا تەسىرى يوقتۇر. بۇ ۋەجىدىن قايتا تىرىلدۈرۈش بار قىلىشتىن پەرقلىق بولمايدۇ» دەپ ئۇلارنى مات قىلغان(3).

ئىمام غەززالىيمۇ ئۇلاردىن تەننىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىنىڭ مۇھاللىقىغا دەلىل تەلەپ قىلىدۇ ۋە: «ئاخىرەتتە روھانىي ۋە جىسمانىي سائادەتنىڭ شۇنداقلا شەقاۋەتنىڭ (بەختسىزلىك، نەسلىك) جەم بولۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان نەرسە نېمە؟» دەپ سوئال قويىدۇ(4).

ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ دەلىلى ياكى جاۋابى يوق. ئەكسىچە، ئەھلىسۈننەت ۋەلجامائەنىڭ مۆتىۋەر ۋە ئەڭ بۈيۈك ئىماملىرىدىن بىرى ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي: «مۇبادا ‹قايتا يارىتىشنىڭ مۇمكىنلىكىگە نېمە دەلىل بار؟› دېيىلسە، دەلىل شۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان بىر شەكىلدە يوقتىن ياراتقانلىقىدۇر. دەسلەپتە ئۇنى ياراتقان بولسا كېيىنمۇ يارىتالايدۇ. چۈنكى، ھەر ئىككىسى ئوخشاش. ئاللاھ تائالا ﴿ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ﴾(36/«ياسىن»: 78، 79) دېگەن ئايەتىدە دەسلەپكى يارىتىشنى كېيىنكى يارىتىشنىڭ مۇمكىنلىكىگە دەلىل قىلغان» دەپ تەننىڭ قايتا يارىتىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىگە دەلىل كەلتۈرگەن(5).

ئەھلىسۈننەت ۋەلجامائەنىڭ مۆتىۋەر ۋە ئەڭ بۈيۈك ئىماملىرىدىن يەنە بىرى ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىي (ھ. 238 – 333 / م. 852 – 944) مۇ «تەفسىر»ىدە ئازغۇنلارنىڭ قارىشىنى مۇنۇ سۆزى بىلەن ئۆرۈپ تاشلىغان ئىدى: «مەزكۇر ئايەتتە باتىنىيلەر(6)نىڭ سۆزىنى ۋە قارىشىنى ئۆرۈپ تاشلاشقا دەلىل باردۇر. چۈنكى، ئۇلار: ‹ئىنساننى قايتا يارىتىش دەسلەپتە ياراتقان سۈرەتتە ۋە تەندە بولمايدۇ، بەلكى ئۇلار كۆرگەن تەنلەردىن باشقىچە روھانىي نەپسلەرنى يارىتىدۇ› دېگەن بولغاچقا، مەزكۇر ئايەت ئۇلار يارىتىلىشىنى ئىنكار قىلغان ۋە مۇھال سانىغان سۆڭەكلەرنى يارىتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. شۇڭلاشقا، باشقا بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا ﴿شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى بىلدىڭلار (يەنى دەسلەپتە ئاللاھنىڭ سىلەرنى يوقتىن بار قىلغانلىقىنى تونۇدۇڭلار). سىلەر (ئاللاھنىڭ سىلەرنى دەسلەپ ياراتقاندەك قايتا يارىتىشىنى) ئويلىمامسىلەر؟﴾(56/«ۋاقىئە»: 62) دېيىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ قايتا يارىتىشنى ئىنكار قىلىشىغا قارىتا ئۇلارنىڭ دەسلەپكى يارىتىشنى بىلىدىغانلىقلىرىنى پاكىت قىلدى. ئۇنداق بولمايدىغان بولسا ئىدى، ئۇلارغا ئۇنى پاكىت قىلىش ئورۇنسىز بولاتتى. دېمەك، ئۇ زات ئىنسانلارنى دەسلەپكى شەكلىدە قايتا يارىتىدۇ»(7).

يېقىنقى زامان ھىندىستان ئۆلىمالىرىدىن ئۇستاز ۋەھىدۇددىن خان (ھ. 1343 – 1442 / م. 1925 – 2021) بۇ ھەقتە: «ھايات بىر قېتىم يۈز بېرىپ بولغان تۇرسا، ئىككىنچى قېتىم ئەينەن تەكرارلىنىشى نېمە ئۈچۈن مۇمكىن بولمىغۇدەك؟ بىز بۈگۈن ياشاۋاتقان بۇ تەجرىبە ئىككىنچى قېتىم يۈز بېرىشى قانداقسىگە مۇھال بولغۇدەك؟ لوگىكا ۋە ئىنسان ئەقلىگە نىسبەتەن ھازىرقى پەيتتە بىر ھادىسەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تەن ئېلىپ تۇرۇپ، كېلەچەكتە يۈز بېرىشىنى ئىنكار قىلىشتىنمۇ ئېغىر دۈشمەنلىك بولماس» دەيدۇ(8).

دەرۋەقە، بۇرۇن ساغلام بولۇپ كېيىن چىرىگەن ياكى تىرىكلىكتىن كېيىن ئۆلگەن ۋە پارچىلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن نەرسىنىڭ قايتا ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىنات دائىرىسىدىكى ئىشتۇر. يەنە ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ: «تەننىڭ چىرىپ پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىشىگە دەلىل يوقتۇر. بەلكى تۇپراققا ئوخشاش باشقا ماددىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. يەنى تامامەن يوقالماي تەننىڭ سۈرىتى ۋە ماددىسى باشقا سىياق ۋە ماددىغا ئالمىشىدۇ. يوقالمايدىغان ۋە ئۆزگەرمەيدىغان كىچىككىنە بىر جەۋھەر قالىدۇ». (بۇ جەۋھەرنى ئاخىرىدا بايان قىلىمىز). ۋەلھاسىل پەيلاسوپلارنىڭ: «تەننى قايتا پەيدا قىلىش مۇھال» دېگەن سۆزى «قايتا تىرىلدۈرۈش بار قىلىشتىن پەرقلىق بولمايدۇ» دېيىش بىلەن غۇلاپ چۈشكىنىدەك، «تەن يوقىلىدۇ» دېگەن سۆزىمۇ ھەقىقەتكە زىت كېلىدۇ.

تەننىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقى ئىسلامدا سابىت ئەقىدە بولغانلىقتىن، ئەھلىسۈننەت ۋەلجامائە: «بۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ئىبارەت ‹سەمئىي دەلىل›(9)لەر بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ» دەپ قارىسا، مۇئتەزىلەلەر: «ئەقىل بىلەن» دەپ قارىغان(10).

قارايدىغان بولساق، ئاخىرەتتە تەننىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆپتۇر. مەسىلەن:

﴿ئۇ بىزگە ئىنساننىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىنى يىراق ساناپ، (چىرىگەن سۆڭەكلەرنى) مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆزىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى بولسا ئۇنتۇدى، ئۇ: «چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟» دېدى. ئېيتقىنكى: «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەربىر مەخلۇقنى بىلگۈچىدۇر»﴾(36/«ياسىن»: 78، 79). مۇبادا قايتا تىرىلدۈرۈلۈش روھ بىلەنلا بولىدىغان بولسا، سۆڭەكلەرنى تىرىلدۈرۈشتە مۇنازىرە قىلىشنىڭ نېمە پايدىسى؟!

﴿قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ ۋە (دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى) ئۇلارغا كۈندۈزدە ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تونۇشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشىنى (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىنى) ئىنكار قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ، ئۇلار توغرا يول تاپمىدى﴾(10/«يۇنۇس»: 45). ئەلۋەتتە، ئۆزئارا دۇنيادا بىلىدىغان چىراي شەكلى ئارقىلىق تونۇشىدۇ.

﴿قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەمكى، ئۆزىنى مالامەت قىلغۇچى نەپس بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ) ئىنسان (يەنى كافىر) بىزنى ئۆزىنىڭ (چىرىپ تارقىلىپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى جەمئ‍ قىلالمايدۇ دەپ گۇمان قىلامدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى جەمئ‍‍ قىلىمىز)، ئۇنىڭ (ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ نازۇك بولغان) بارماق ئۇچلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز﴾(75/«قىيامەت»: 1 – 4).

﴿سۇر چېلىنغاندا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئاللاھ خاھلىغاندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئاندىن سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ (نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا) قاراپ تۇرىدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 68). تەنلەر قايتا تىرىلدۈرۈلمىسە، ئۇلار قانداقسىگە ئۆرە تۇرۇپ قارايدۇ؟

﴿ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن» دېدى. ئاللاھ: «(ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا) ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم (تېخىمۇ) قارار تاپسۇن ئۈچۈن (كۆرۈشنى تىلەيمەن)» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «قۇشتىن تۆتنى ئالغىن، ئۇلارنى ئالدىڭغا يىغقىن (يەنى ئۇلارنى پارچىلاپ گۆشلىرى بىلەن پەيلىرىنى ئارىلاشتۇرغىن)، ئاندىن ھەربىر تاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار تېزلا كېلىدۇ». بىلگىنكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(2/«بەقەرە»: 260).

﴿سىلەر ئاللاھ دەسلەپتە پەيدا قىلغان ھالىتىڭلاردا (ئەسلىگە) قايتىسىلەر﴾(7/«ئەئراف»: 29).

﴿ئۇ كۈندە ئاسماننى (پۈتۈكچى) نەرسە يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. (بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، (ئۇنى) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 104).

﴿ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇنىڭغا قادىر، ئاللاھ ماھىر ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر﴾(36/«ياسىن»: 81).

﴿شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 56)

ھەقتائالا 50/«قاف» سۈرەسىدە بايان قىلغان قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ: ﴿بىز ئۆلۈپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن (تىرىلىپ ئىلگىرىكى ھالىتىمىزگە قايتامدۇق)، بۇنداق قايتىش (ئەقىلدىن) يىراقتۇر﴾ دېگەن سۆزى ھەققىدە ئىمام ئىبنۇلقەييىم دەيدۇكى: «بۇ سۈرەنىڭ خۇددى ئىمان ئېيتقان روھقا نېئمەت ئاتا قىلىپ، كافىر بولغىنىنى ئازابلىغىنىغا ئوخشاشلا ئىتائەت ۋە ئىسيان قىلغان مۇشۇ تەننىڭ ئۆزىنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇنى نېئمەتكە ياكى ئازابقا دۇچار قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتكەنلىكىدە پىكىر يۈرگۈزگىن. بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ پەيغەمبەرلەر خەۋەر بەرگەن قايتا تىرىلدۈرۈلۈشنى چۈشەنمىگەنلەر ئېيتقىنىدەك، ئاللاھ بۇ روھتىن باشقا بىر روھنى، بۇ تەندىن باشقا بىر تەننى يارىتىپ ئۇنى نېئمەتكە ياكى ئازابقا تاشلىمايدۇ… بۇ پۈتۈن پەيغەمبەرلەر بىردەك قارىغان، قۇرئان – سۈننەت ۋە ئاللاھنىڭ جىمى كىتابلىرى ئىسپاتلىغان ئەقىدەگە زىتتۇر. شۇنداقلا بۇ ماھىيەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلۈشنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۇنى يالغانغا چىقارغانلارنىڭ سېپىدە تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى، ئۇنى يالغانغا چىقارغانلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ تەنلەردىن باشقا تەنلەرنى يارىتىشقا قادىر ئىكەنلىكىگە تانمىغان. بۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن تانالمايدۇ. بەلكى ئۇلار چىرىپ يوق بولغان تەنلەرنىڭ دەل ئۆزىنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىگە تانغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ھەيرانلىقتا: ‹بىز چىرىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلەمدىمىز؟!› دەپ سوراشقان ۋە: ‹بىز ئۆلۈپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن (تىرىلىپ ئىلگىرىكى ھالىتىمىزگە قايتامدۇق)، بۇنداق قايتىش (ئەقىلدىن) يىراقتۇر› دېگەن… ئاللاھ تائالا باشقا ماددىغا ئايلىنىپ كەتكەن تەن پارچىلىرىنىمۇ بىلگۈچىدۇر ۋە ئۇنى قايتا جەملەپ قۇراشتۇرۇشقا قادىردۇر»(11).

﴿ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىز چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ ئاتا – بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيتتى. ئېيتقىنكى، «ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا (يەنى قىيامەتتە) توپلىنىدۇ. ئاندىن سىلەر، ئى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار! چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر، ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر. مانا بۇ، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى زىياپىتىدۇر. (ئىنسانلار!) سىلەرنى بىز ياراتتۇق، سىلەر قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەمسىلەر؟ سىلەر (ئاياللارنىڭ بەچچىدانىغا) تۆكۈلگەن مەنىينى دەپ بېقىڭلارچۇ؟ ئۇنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتامسىلەر؟ ياكى بىز (ئىنسان قىلىپ) يارىتامدۇق؟ بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەربىرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز. شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى بىلدىڭلار (يەنى دەسلەپتە ئاللاھنىڭ سىلەرنى يوقتىن بار قىلغانلىقىنى تونۇدۇڭلار). سىلەر (ئاللاھنىڭ سىلەرنى دەسلەپ ياراتقاندەك قايتا يارىتىشىنى) ئويلىمامسىلەر؟﴾(56/«ۋاقىئە»: 47 – 57)

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 7/«ئەئراف»: 57؛ 13/«رەئد»: 5؛ 17/«ئىسراﺋ»: 49 – 51، 98، 99؛ 23/«مۇئمىنۇن»: 35؛ 27/«نەمل»: 67؛ 30/«رۇم»: 27؛ 37/«ساففات»: 16 – 24؛ 34/«سەبەﺋ»: 7، 8؛ 41/«فۇسسىلەت»: 39؛ 56/«ۋاقىئە»: 47 – 50؛ 79/«نازىئات»: 9 – 14؛ 86/«تارىق»: 3 – 9 … قاتارلىق نۇرغۇن ئايەتلەردە «قۇرئان كەرىم» بۇ ھەقتە ئالاھىدە توختالغانكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى كافىرلار بىلەن پەيغەمبەرلەر ئوتتۇرىدىكى مۇنازىرىلەر بولۇپ، ئاساسلىقى ئاخىرەتتە ئۆلگەن ئىنساننى تېنىنى روھى بىلەن قايتا تىرىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت ئۇشبۇ نۇقتىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. دېمەك، ئۆلگەن ئىنسان پارچىلىرىنى جەملەپ تىرىلدۈرۈش ياكى ئۇنى جەملىمەي قايتا بار قىلىش بولسا ئىنساننى ھېچ يوقتىن بار قىلىشتىن قولاي، بەلكى بۇ ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە نىسبەتەن ئوخشاش. بۇنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىپى بىلەن ئاللاھ تائالا 2/«بەقەرە»: 260 – ئايەتىدە بايان قىلغىنىدەك، ئەمەلىي كۆرسىتىپ قويغاندۇر.

بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنلىرىمۇ مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يەتكەندۇر. مەسىلەن: «سەھىھەين»دە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دېدىكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ھەقىقەتەن سىلەر قىيامەت كۈنى يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ، خەتنە قىلىنمىغان ھالدا توپلانغۇچىسىلەر› دېدى، ئاندىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ﴿ئەڭ دەسلەپكى مەخلۇقنى ياراتقىنىمىزدەكلا، ئۇنى قايتۇرىمىز. (بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، بىز چوقۇم ئىشقا ئاشۇرغۇچىلارمىز﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 104). ئاندىن دېدى: ‹قىيامەت كۈنى خالايىق ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ كىيىم كىيدۈرۈلىدىغىنى ئىبراھىم بولىدۇ. مېنىڭ ئەسھابلىرىمدىن بىر قىسىم كىشىلەر سول (دوزاخ) تەرەپكە ئېلىپ كېتىلىدۇ. بۇ چاغدا مەن:

— ئەسھابلىرىم! ئەسھابلىرىم! — دېسەم، رەببىم:

— ئۇلار سەندىن ئايرىلغاندىن بۇيان ئارقىلىرىغا يېنىپ مۇرتەد بولۇپ كەتكەندۇر، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىسى دېگەندەك: ﴿مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارغا كۆزەتچى ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارغا سەن كۆزەتچى ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەبەردارسەن. ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر، ئەگەر ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىۋەتسەڭ، سەن ئەزىز، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن﴾(5/«مائىدە»: 117، 118) دەيمەن›»(12).

يەنە ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «قىيامەت كۈنى بىر ئادەم ئېلىپ كېلىنىپ دوزاخقا تاشلىنىپ، شۇ دوزاختا ئۈچەيلىرى قارنىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ. ئۇ خۇددى يارغۇنچاققا قاتقان ئېشەكتەك چۆرگىلەيدۇ. ئەھلى دوزاخ ئۇنى چۆرىدەپ: ‹ئى پالانى! (دۇنيادا) سەن بىزنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ، يامان ئىشتىن توساۋاتاتتىڭغۇ؟ ساڭا نېمە بولدى؟› دەپ سورىسا، ئۇ: ‹مەن سىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆزۈم قىلمايتتىم. سىلەرنى يامان ئىشتىن توساتتىم، ئەمما ئۆزۈم قىلاتتىم› دەيدۇ»([13]).^

يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «مېنى مۇسادىن ئەۋزەل قىلىۋەتمەڭلار. چۈنكى جىمى ئادەملەر قىيامەت كۈنى ھوشىدىن كېتىدۇ، مەنمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ھوشۇمدىن كېتىمەن، ئاندىن ئەڭ ئەۋۋەل ھوشىغا كېلىدىغىنى مەن بولىمەن، ھوشۇمغا كېلىپ شۇنداق قارىسام، مۇسانىڭ ئەرشنىڭ بىر تەرىپىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمەن. ئۇ ھوشىدىن كەتكەنلەر قاتارىدا بولۇپ، مەندىن بۇرۇن ھوشىغا كەلگەنمۇ ياكى ئاللاھ (بىھوش بولۇشتىن) مۇستەسنا قىلغانلاردىنمۇ؟ بىلمەيمەن»(14).

«ئاخىرەتتە تەننىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلۈشى بولمايدۇ، ئاخىرەتتە روھلا بولىدۇ، تەن بولمايدۇ» دېگەندەك ئازغۇن ئېتىقاد بىر تەرەپتىن «ئاللاھ يەرگە پەيغەمبەرلەرنىڭ جەسىتىنى يېيىشنى ھارام قىلغان» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسلەر(15)گە ۋە ئەھلىسۈننەتنىڭ «پەيغەمبەرلەرنىڭ جەسىتى چىرىمەيدۇ» دېگەن ئېتىقادىغا زىت كېلىدۇ. ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرلىرى ئەڭ پاك جايلار بولۇپ، ئۇنىڭغا قەتئىي نىجاسەت يولىمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا يەرگە ئۇلارنىڭ تەنلىرىنى يېيىشنى ھارام قىلىۋەتكەن، شۇڭا ئۇلار قەبرلىرىدە چىرىمىگەن ھالەتتەدۇرلەر» دېگەن(16).

مەزكۇر ئازغۇن ئېتىقاد يەنە بىر تەرەپتىن، پەيغەمبەرلەردىن باشقا ئىنسانلارنىڭ جەسىدى ئوتتا كۆيدۈرۈلسىمۇ، ھەتتا كىسلاتادا ئېرىتىۋېتىلسىمۇ يوقالمايدىغان، قۇيرۇق (تۇغۇر) سۆڭىكىنىڭ ئۇچىدىكى قايتا تىرىلىشنىڭ ئاساس ماددىسى بولغان ناھايىتى كىچىك (ھازىر لېنتىسىمان دەپ قارالماقتا) ئۇرۇق «ئەجبۇززەنەب (عَجْبُ الذَّنَبِ)»نىڭ ھەرقانداق شارائىت ۋە ئەھۋالدا قەتئىي چىرىمەيدىغانلىقىغا، ئىنسانلارنىڭ شۇنىڭدىن قايتا قۇراشتۇرۇلىدىغانلىقىغا دائىر سەھىھ ھەدىسلەرگە ۋە بۇ ھەقتىكى ئەھلىسەننەت ئېتىقادىغا ھەم زىت كېلىدۇ. قۇيرۇق سۆڭىكى «سەھىھەين»دە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىككى پۈۋلەشنىڭ ئارىلىقىدىكى ۋاقىت قىرىق. ئاندىن ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرسا، ئۇلار خۇددى ئوت – چۆپ ئۈنگەندەك ئۈنىشىدۇ، پەقەت بىرلا ئۇستىخاندىن باشقا ئىنساننىڭ ھەممە يېرى چىرىپ كېتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تۇغۇر سۆڭىكىنىڭ ئۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن ئىنسان قىيامەت كۈنى قايتا قوراشتۇرۇلىدۇ» دېگەن(17). بەزى ھەدىسلەردە بۇ ماددا دەسلەپكى يارىتىلىشنىڭمۇ، كېيىنكى يارىتىلىشنىڭمۇ جەۋھەر ماددىسى ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىپ: «تۇپراق ئادەم بالىسىنىڭ ‹ئەجب›دىن باشقا پۈتۈن ئەزالىرىنى يەپ تۈگىتىدۇ. ئىنسان ‹ئەجب›دىن يارىتىلغاندۇر. يەنە ئۇنىڭدىن قايتا قۇراشتۇرۇلىدۇ» دېيىلگەن(18).

يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردە ئىنساننىڭ تېنى ئاخىرەتتە روھ بىلەن قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقى، ئاخىرەتتىكى ئازاب ۋە ھۇزۇرنىڭمۇ ئاشۇ تەن بىلەن روھقا بولىدىغانلىقى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ بۇنىڭغا قادىر ئىكەنلىكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ تەنلىرىنىڭ چىرىمەيدىغانلىقى ۋە چىرىپ كەتكەن ئىنسان بەدىنىنىڭ ھەممە قىسمىنىڭ ئۆلۈم بىلەن تامامەن يوقاپ كەتمەيدىغانلىقى، بەلكى كۆپ قىسمىنىڭ چىرىپ پۈتۈنلەي يوقاپ كەتمەي باشقا ماددىغا ئايلانسا، ئومۇرتقا ئۇچىدىكى جەۋھەر ماددىنىڭ باشقا ماددىغا ئايلانمايدىغانلىقى ۋە يوقالمايدىغانلىقى ئېنىق ۋە روشەن بايان قىلىنغان بولۇپ، «تېنىمىز بۇ دۇنيادا قالىدۇ، جەننەتكە روھىمىز كىرىدۇ» دەيدىغان ئازغۇن ۋە باتىل ئەقىدەلەردىن مۇقەددەس دىنىمىز ئادا – جۇدادۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 14 – سەفەر / م. 2023، 30 – ئاۋغۇست

 


1. ئىبنۇلقەييىم: «ئەررۇھ»، 185 -، 186 – بەتلەر؛ ئىبنى ئەبۇلئىز ئەلھەنەفىي: «ئەقىدە تاھاۋىييە شەرھى»، 404 – بەت؛ بۇرھانۇددىن ئەللەقانىي: «ھىدايەتۇل مۇرىد لىجەۋھەرەتۇتتەۋھىد»، 2 – ج، 1018 -، 1019 – بەت؛ مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى: «ئىسلام ئەقىدەسى ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 220 – بەت.
2. «تەھافۇتۇل فەلاسىفە»، 307 – 309 – بەتلەر.
3. تەفتازانىي: «شەرھۇل مەقاسىد فى ئىلمىل كالام»، 2 – ج، 1981، 208 – بەت.
4. «تەھافۇتۇل فەلاسىفە»، 288، 294 – بەتلەر.
5. ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي: «ئەللۇمەئۇ فىررەد ئەلا ئەھلىززىيەغى ۋەلبىدەئى (اللمع في الرد على أهل الزيغ والبدع)»، 110 – بەت.
6. باتىنىيلەر (الْبَاطِنِيَّةُ): «قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ زاھىرى ۋە باتىنى بار» دەپ، ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ لەفزلىرىنى ئىنتايىن يىراق تەئۋىل قىلىدىغان، كۆپلىگەن قاراشلىرىنى مەخپىي تۇتىدىغان تۈرلۈك ئازغۇن ۋە خەتەرلىك پىرقەلەرنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ، تارىختا قەرمەتىيلەر، فاتىمىيلەر، ئىسمائىيلىيلەر، ھەششاشىيلەر، نۇسەيرىيلەر، پەيلاسوپلار، بەھائىيلەر، بابىيلەر، قادىيانىيلەر، شىئەلەر ۋە بىر قىسىم سوپىلار كەبى پىكىر – ئېتىقادلىرى ئىنتايىن تۇتۇق ۋە مەخپىي تۇتۇلىدىغان ساناقسىز پىرقەلەر باتىنىيلەر دائىرىسىگە كىرىدۇ. قاراڭ: «ئىسلام دۇنياسىدىكى پىرقەلەر ۋە مەزھەبلەر ئېنسىكلوپېدىيەسى (مَوْسُوْعَةُ الْفِرَقِ وَالْمَذَاهِبِ فِي الْعَالَمِ الْإِسْلَامِيِّ)»، 163 – 186 – بەتلەر.
7. ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىي: «تەئۋىلاتۇ ئەھلىسسۈننە (تأويلات أهل السنة)»، 8 – ج، 541 – بەت.
8. ۋەھىدۇددىن خان: «ئەلئىسلامۇ يەتەھەددا (الإسلام يتحدى)»، 128 – بەت.
9. «قۇرئان» ۋە «سۈننەت»تىن بولغان نەقلىي دەلىل.
10. بۇرھانۇددىن ئەللەقانىي: «ھىدايەتۇل مۇرىد لىجەۋھەرەتۇتتەۋھىد»، 2 – ج، 1020 – بەت.
11. ئىبنۇلقەييىم: «ئەلفەۋائىد»، 6 – بەت.
12. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3349)؛ مۇسلىم (2860).
13. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3267)؛ مۇسلىم (2989).
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2411)؛ مۇسلىم (2373).
15. ئەبۇ داۋۇد (1047)؛ نەسائىي (1374). مۇھەددىسلەردىن بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى «زەئىف» دېگەنلەرمۇ، «ھەسەن» دېگەنلەرمۇ بار.
16. ئىبنۇلقەييىم: «ئىغاسەتۇللەھفان ئەن مەسائىد ئەششەيتان»، 1 – ج، 187 – بەت.
17. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4935)؛ مۇسلىم (2955).
18. مالىك (567)؛ مۇسلىم (2955).

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى: