ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما سۆزلەپ بېرىپ دېدىكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۇسسۇزلۇققا زەمزەم سۈيى بەرسەم، ئۇنى ئۆرە تۇرۇپ ئىچىۋەتكەن». ئاسىم دېدىكى: «(بۇنى ئىكرىمەگە دېسەم)، ئىكرىمە: ‹رەسۇلۇللاھ ئاشۇ چاغدا تۆگىنىڭ ئۈستىدە ئىدى› دەپ قەسەم قىلدى». (سەھىھەين)
ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچىشنى چەكلىگەن مەزمۇندا ئىمام مۇسلىم (2024) ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچىشتىن توسقان» دېگەندەك «سەھىھ» ھەدىسلەر كەلگىنىدەك، رۇخسەت قىلغان ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچكەنلىكى ھەققىدىمۇ «سەھىھ» ھەدىسلەر كەلگەن. مەسىلەن، ئىمام بۇخارىي «ئىچىملىكلەر بۆلۈمى»، «ئۆرە تۇرۇپ ئىچىش بابى» (5615) دا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (كۇفەدىكى) مەسجىدنىڭ سەيناسىغا كېلىپ، ئۆرە تۇرۇپ ئىچتى. ئاندىن: «بەزى كىشىلەر ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچىشنى يامان كۆرىدۇ. مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خۇددى سىلەر مېنىڭ قىلغىنىمنى كۆرگىنىڭلاردەك قىلغانلىقىنى كۆرگەنمەن» دېگەن. ساھابە ۋە تابىئىنلەرمۇ بۇ ھەقتە «مەكرۇھ» ياكى «جائىز» دېگەن ئىككى قاراشتا بولغان. بەزى ئۆلىمالار بۇ ھەدىسنى ئالدىنقى ئۆرە تۇرۇپ ئىچىشنى چەكلىگەن ھەدىسلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى دەپ قارايدۇ. بەزى ئالىملار: «بۇ ھەدىسلەر قارىمۇقارشى ئەمەس، ئادەتتە ئولتۇرۇپ ئىچىش كېرەك. زۆرۈرىيەت – ئېھتىياج بولسا ئۆرە تۇرۇپ ئىچسىمۇ بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زەمزەم قۇدۇقى يېنىغا كەلگەندە، ئۆرە تۇرۇپ ئىچتى. چۈنكى، ئۇ قىستىلاڭچىلىقتا ئولتۇرۇپ ئىچىش قىيىن ئىدى» دەپ قارايدۇ. ئىمام نەۋەۋىي قاتارلىق ئالىملار ئېيتقاندەك، چەكلىگەن ھەدىسلەرنى زۆرۈرىيەت – ئېھتىياج بولمىغىنىدا «تەنزىھىي مەكرۇھ» يەنى «ساقلىنىش ئەلا» دەپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچكەنلىكى ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى جائىزلىقنى بايان قىلىش ئۈچۈن دەپ چۈشىنىش ئەڭ مۇناسىپتۇر. ئىمام تاھاۋىي: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىگە مېھرىبانلىقىدىن تەن سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ياكى كېسەللىككە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار قاتارىدا ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچىشنى چەكلىگەن» دەپ قارىغان. تېۋىپ ئۆلىمالىرىمىزدىن ئىمام ئىبنۇلقەييىم بايان قىلغىنىدەك: «ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچىشنىڭ تۈرلۈك زىيانلىرى بار: بىرى، ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچكۈچىنىڭ ئۇسسۇزلۇقى تولۇق قانمايدۇ. سۇ جىگەرنىڭ ئەزالارغا تارقىتىپ بېرىشى ئۈچۈن ئاشقازاندىمۇ تۇرمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن سۇ تېزلىك بىلەن ئاشقازانغا چۈشسە، ئاشقازاننى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ بەدەنگە تەدرىجىي تارالمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى سۇ ئىچكۈچىگە زىيانلىق. ئەمما، ئاندا – ساندا ياكى ئېھتىياج سەۋەبىدىن ئىچىپ قالسا ھېچقىسى يوق. ئادەتلىنىپ قالغاننى بۇنىڭغا قارشى دەلىل قىلىش توغرا ئەمەس، چۈنكى ئادەتلەر ئىككىنچى تەبىئەت. ئۇنىڭ باشقا ھۆكۈملىرى بار. ئۇ فۇقاھائنىڭ نەزەرىدە قىياس قىلغىلى بولمايدىغان بىر خۇسۇسىيەتتۇر». ھازىرقى زامان تېببىي تەتقىقاتلارنىڭ يەكۈنىمۇ بۇنى تەكىتلىسە كېرەك. قاراڭ: ئىبنۇلقەييىم: «زادۇلمەئاد»، 4/205؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 9/278، 279.
ئىكرىمە تابىئىن بولغاچقا، ئۇ ۋەقەلىكنى كۆرمىگەن. شۇڭا، بۇ ئۇنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئويى. ھەدىسلەردە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زەمزەم ئىچكەن چاغدا تۆگە ئۈستىدە ئىكەنلىكىگە ئېنىق دەلىل يوق. «زەمزەمنى ئۆرە تۇرۇپ ئىچىۋەتكەن» دېگەن سۆز تۆگىنىڭ ئۈستىدە ئۆرە ئولتۇرغاننىمۇ، يەردە ئۆرە تۇرغاننىمۇ بىلدۈرۈش ئېھتىماللىقى بار سۆزدۇر. ئەبۇ داۋۇدنىڭ بىر رىۋايەتى (1883) دە ئىكرىمە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆگىسى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ تاۋاپ قىلغانلىقىنى، تاۋاپتىن كېيىن ئۇنى چۆكتۈرۈپ، ئىككى رەكئەت ئوقۇغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. شۇ ئارىلىقتا تۆگىسىگە قايتا مىنىشتىن بۇرۇن زەمزەم ئىچكەن بولۇشى مۇمكىن. بەلكى مۇشۇنداق يەكۈنلەش كېرەك. ئىكرىمە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆگىسى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ تاۋاپ ۋە سەئيى قىلغانلىقىغا ئاساسلىنىپلا ئىنكار قىلغان. ھالبۇكى تاۋاپ بىلەن سەئيى ئارىلىقىدا يەردە تۇرۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغانلىقى ئېنىق ئىسپاتلانغان. شۇڭا، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن شەئبىي رىۋايەت قىلغاندەك، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يەردە ئۆرە تۇرۇپ ئىچكەنلىكىنى ئاغدۇرغۇدەك پاكىت يوق. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 10/85.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1446، 12 – رەبىييەل ئاخىر / م. 2024، 15 – ئۆكتەبىر