ناﻓﯩﺌ سۆزلەپ بەردىكى: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۇنىڭغا مۇنداق خەۋەر بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆلۈكلەر تاشلانغان قۇدۇققا نەزەر تاشلاپ: ‹سىلەر رەببىڭلارنىڭ ۋەدە قىلغان نەرسىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلدىڭلارمۇ؟› دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھقا:
— ئۆلۈكلەرگە گەپ قىلىۋاتاملا؟ — دېيىلدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ:
— سىلەر ئۇلاردىنمۇ ئوبدانراق ئاڭلىمايسىلەر. لېكىن، ئۇلار جاۋاب قايتۇرالمايدۇ، — دېدى». (سەھىھەين)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇلار مېنىڭ دېگەنلىرىمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلىۋاتىدۇ» دېگەن. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿سەن ئۆلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن﴾(27/«نەمل»: 80). (سەھىھەين)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يۇقىرىقى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئۆلۈكلەرنىڭ ئاڭلايدىغانلىقى توغرىسىدىكى رىۋايەتىنى رەت قىلىپ: «ئاڭلىغان ئەمەس بەلكى بىلگەن» دەپ قارىغان. لېكىن، كۆپچىلىك ئالىملار ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قارىشىنى ئالماي، ئىبنى ئۆمەرنىڭ رىۋايەتىنى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭ سەۋەبى: 1) باشقا كۆپ ساھابەلەر ئىبنى ئۆمەرگە ئوخشاش رىۋايەت قىلغان؛ 2) ھەزرىتى ئائىشە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇ سۆزنى دېگەن ۋەقەلىككە قاتناشمىغان، ۋەقەگە بىۋاسىتە قاتناشقان ھەم ئۇ زاتتىن: «ئۆلۈكلەرنى چاقىرىۋاتاملا؟» دەپ سوراپ سۈرۈشتە قىلغانلار نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىنىڭ لەۋزىنى ئەينەن ئەستە تۇتۇشتا ھەزرىتى ئائىشەگە قارىغاندا كۈچلۈكرەك. يەنە: ئۆلۈكلەر ئاشۇ ھالەتتە بىلىدىغان بولسا، كۆپچىلىك ئالىملار دېگەندەك يا قۇلاقلىرى بىلەن، يا سوئالنى روھقىلا قارىتىدىغانلارنىڭ قارىشى بويىچە روھ قۇلاقلىرى بىلەن، ياكى تەننىڭ قەتئىي يوقاپ كەتمەيدىغان ئەڭ كىچىك بىر پارچىسى بىلەن ئاڭلايدىغان بولۇشىمۇ مۇمكىندۇر. ھەقتائالانىڭ ﴿سەن ئۆلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن﴾(27/«نەمل»: 80) دېگەن ئايەتىنى كۆپچىلىك ئالىملار: «سەن ئۇلارغا ئۇلار ئاڭلاپ پايدىلىنىدىغان تەرىقىدە ئاڭلىتالمايسەن ياكى ئاللاھ خاھلىمىسا ئاڭلىتالمايسەن، ئۇلارغا سەن ئەمەس، ئاللاھ ئاڭلىتىدۇ» دېگەنلىك ياكى «ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ تۇرۇۋالغان تىرىك كافىرلارغا ھەقنى ئاڭلىتالمايسەن» دېگەنلىكتۇر دەپ قارىغان. ئەلبەتتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇ ۋەقەلىككە قاتناشمىغان بولسىمۇ، بۇ ھەدىسنى قاتناشقان ساھابەلەردىن ياكى كېيىنچە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلاپ رىۋايەت قىلغاندۇر. شۇڭا، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر ئىككى ھەدىسنى ئاشۇنداق دېگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى، بۇ ئىككى خىل ھەدىس ئوتتۇرىسىدا ياكى ھەدىس بىلەن ئايەت ئوتتۇرىسىدا زىتلىق يوق. ئۆلۈكلەر ئاڭلىمايدىغان بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا ئاڭلىمايدىغانلارغا ئاڭلىتىشنى ئىرادە قىلسا ﴿شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى (يەنى پەرزلەرنى ۋە شەرىئەت تەكلىپلىرىنى) ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق﴾ (33/«ئەھزاب»: 72)، ﴿ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار» دېدى. ئىككىلىسى «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى﴾(41/«فۇسسىلەت»: 11) دېگەن ئايەتلىرىدىكىدەك ئاڭلىشى مۇمكىن بولىدۇ. كېيىنكى «بەندە قەبرىسىگە قويۇلۇپ قايتقانلارنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقان چاغدىلا ئۇنىڭ يېنىغا ئىككى پەرىشتە كېلىپ، ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ:
— سەن ماۋۇ كىشى يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟ — دەيدۇ. مۇئمىن بولسا:
— مەن ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا:
— دوزاختىكى ئورنىڭغا قارا، ئاللاھ ئۇنى ساڭا جەننەتتىكى بىر ئورۇنغا ئالماشتۇرۇپ بەردى، — دەيدۇ» («بۇخارىي»، 1374) دېگەندەك ھەدىس شەرىفلەر ئۆلۈكلەرنىڭ ئاڭلايدىغانلىقىنلا ئەمەس، قەبر ئازابىنىڭ روھ بىلەن تەنگىمۇ بولىدىغانلىقتىن ئىبارەت كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىنى ئىسپاتلايدۇ. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3/234.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1446، 12 – رەبىييەل ئاخىر / م. 2024، 15 – ئۆكتەبىر