ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبد ئەلقارىي سۆزلەپ بەرگەنكى: «مەن (خەلىفە) ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن رامازاننىڭ بىر كېچىسى مەسجىدكە چىقسام، كىشىلەر مەسجىدتە چېچىلاڭغۇ ھالەتتە تارقىلىپ ناماز ئوقۇۋېتىپتۇ، بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا، بەزىلىرى بىر ئادەمگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ‹مەن جامائەتنى بىر قارىينىڭ ئارقىغا يىغسام ياخشى بولامدىكىن دەيمەن› دەپ كەسكىن بىر قارارغا كېلىپ، جامائەتنى ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارقىسىغا يىغدى. كېيىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن يەنە بىر كېچىسى چىقسام، جامائەت قارىيسىغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇۋېتىپتىكەن. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ‹بۇ نېمىدېگەن ياخشى بىدئەت (يېڭىلىق) – ھە! ئۇلار ئۇخلىغان چاغ ئۇلار تەراۋىھنى ئوقۇغان چاغدىن ئەۋزەلدۇر› دېدى. ئۇ كېچىنىڭ ئاخىرىنى دەسلىپىدىن ئەۋزەل دېمەكچى. جامائەت تەراۋىھنى كېچىنىڭ ئاۋۋىلىدە ئوقۇيتتى». (بۇخارىي 2010)
بىدئەت (الْبِدْعَةُ): ئەرەبچىدىكى «ئىجاد قىلماق، يېڭىلىق ياراتماق، ئۆرنىكى كۆرۈلمىگەن بىرنەرسىنى قىلماق» دېگەن مەنىدىكى «بدع» يىلتىزىدىن تۈرلەنگەن بىدئەت: ئىلگىرى ئوخشىشى كۆرۈلۈپ باقمىغان، كېيىنچە پەيدا بولغان نەرسىدۇر. شەرىئەت ئىستىلاھىدا بىدئەتنى تەرىپلەشتە ئىككى يۆنىلىش بار: بىرى، ئىمام شافىئىي باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئالىملار ئەرەب تىلىدىكى ئومۇم مەناسىنى ۋە :«كىمكى ئىسلامدا بىرەر ياخشى ئىشنى يولغا قويسا، ئۇنىڭغا (تۇنجى يولغا قويغۇچىغا) شۇ ئىشنىڭ ئەجرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئىشنى قانچىلىك ئادەم قىلسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئەجىر بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئەجىرلىرىدىن ھېچنەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ. كىمكى ئىسلامدا بىرەر يامان ئىشنى باشلاپ بەرسە، ئۇنىڭغا شۇ ئىشنىڭ گۇناھى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئىشنى قانچىلىك ئادەم قىلسا، تۇنجى باشلاتقۇچىغا شۇنچىلىك گۇناھ بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئەگەشكۈچىلەرنىڭ گۇناھىدىن ھېچنەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ»(مۇسلىم: 1017) دېگەن ھەدىسنى ۋە خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەراۋىھنى بىر قارىي ئارقىدا جامائەت بولۇپ ئوقۇشنى «بۇ نېمىدېگەن ياخشى بىدئەت (يېڭىلىق) – ھە»(بۇخارىي: 2010) دېگىنىنى ئاساس قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدىن كېيىن پەيدا بولغان ياخشى – يامان ھەممە يېڭىلىقلارنى بىدئەت دەپ چۈشەنگەن ۋە: «ئىشلارنىڭ يامىنى يېڭى پەيدا قىلىنغانلىرىدۇر. بىدئەتنىڭ ھەممىسى گۇمراھلىقتۇر»(مۇسلىم: 867)، «(دىنغا) يېڭىدىن پەيدا قىلىپ قوشۇپ قويۇلغان ھەرقانداق ئىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ھەقىقەتەن يېڭى پەيدا قىلىنغان ھەرقانداق ئىش بىدئەتتۇر. ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر»(ئەبۇ داۋۇد: 4607) دېگەن ھەدىسلەر بىلەن بۇ چۈشەنچىنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ، بىدئەتنى ياخشى ۋە يامان دەپ ئىككىگە ئايرىشنى مۇناسىپ كۆرگەن. شۇ جۈملىدىن، قۇرئاننى بىر مۇسھەف قىلىپ جەملەش، تەراۋىھنى جامائەت ھەممەيلەن بىر ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇش، مەكتەپ ۋە مەدرەسەلەرنى قۇرۇش كەبى يېڭىلىقلار ياخشى بىدئەتنىڭ، قەبرە قاتۇرۇشتەك ئىشلار يامان بىدئەتنىڭ مىسالىدۇر. بۇ ئىزاھاتقا ئاساسەن ھەدىسلەردە «ئازغۇنلۇق» دەپ سۈپەتلەنگىنى يامان بىدئەتتۇر.
ئىمام مالىك باشچىلىقىدىكى يەنە بىر تۈركۈم ئالىملار بىدئەتنى تار دائىرىدە چۈشىنىپ، ئۇنى «ئىشلارنىڭ يامىنى يېڭى پەيدا قىلىنغانلىرىدۇر. بىدئەتنىڭ ھەممىسى گۇمراھلىقتۇر»(مۇسلىم: 867) دېگەن ھەدىسكە ئاساسلىنىپ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان دىنىي ئېتىقاد ۋە ئەمەلگە قوشۇلغان ياكى تاشلانغان ھەرقانداق نەرسە» دەپ تەرىپلىگەن. بۇ تەرىپ بويىچە دىنغا مۇناسىۋەتسىز ۋە دىنىي ماھىيىتى بولمىغان ئىشلار بىدئەت دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.
ئىمام ئىبراھىم ئىبنى مۇسا شاتىبىي (ھ. 720 – 790 / م. 1320 – 1388) بىدئەت تېمىسىدا ئالاھىدە توختالغان «ئەلئىئتىسام (الاعتصام)» ناملىق ئەسەرىدە بىدئەتنى «تېخىمۇ ياخشى ئىبادەت قىلىش مەقسىتىدە كېيىن ئىجاد قىلىنغان، شەرىئەتكە ئۇيغۇنلۇق تۈسىنى ئالغان يول» دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن دىنىي تۈس ئالمىغان ئىشلار بىدئەت ھېسابلانمايدۇ. مەسىلەن، كىشىنىڭ سالامەتلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ھالال بىر يېمەكتىن پەرھىز تۇتۇشى بىدئەت بولمايدۇ. لېكىن، «بۇ پەرھىزنى دىن بۇيرۇغان» دېسە، بىدئەت بولىدۇ.
مەزكۇر ئىككى يۆنىلىش ئوتتۇرىسىدىكى قاراش ئوخشاشماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب پەقەت ئاتاشتىكى چۈشىنىشمەسلىك بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ دىندىن بولمىغان، كېيىن پەيدا قىلىنغان دىنىي ئېتىقاد ۋە ئەمەللەرنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقىدا بىردەك ئىتتىپاق بولغىنىدەك، دىنىي ماھىيىتى بولمىغان ۋە دىنغا زىت بولمىغان يېڭى پىكىر ۋە ئىشلارنى بىرىنچى يۆنىلىشتىكىلەر «ياخشى بىدئەت» دەپ ئاتىسا، ئىككىنچى يۆنىلىشتىكىلەر بۇلارنى «بىدئەت» دائىرىسىگە كىرگۈزمەيدۇ.
بىدئەت بەزى ئالىملارنىڭ نەزەرىدە «ياخشى» ياكى «يامان» دەپ ئايرىلغىنىدەك، يەنە ھېچبىر دەلىل ياكى ئاساسقا تايانمىغاننى «ھەقىقىي بىدئەت»، مەلۇم ئاساسى بار، لېكىن قوشۇمچە مەزمۇن پەيدا قىلىنغانلىرىنى «ئىزافىي بىدئەت» دەپ ئايرىشمۇ، ئېتىقادقا ئالاقىدار ۋە ئەمەلگە ئالاقىدار دەپ ئايرىشمۇ، ئەمەل قىلىشقا ئالاقىدار بولغىنىنى «ئەمەلىي بىدئەت»، تەرككە ئالاقىدار بولغىنىنى «تەركىي بىدئەت» دەپ ئايرىشمۇ بار. قاراڭ: رەھمىي ياران: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «بىدئەت» ماددىسى، 6/129 – 131، (قىسقارتىلدى)، ئىستانبۇل، م. 1992.
خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەزكۇر سۆزى مەسجىدتىكى جامائەتنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ئىمامنىڭ ئارقىسىدا جامائەت بولۇپ تەراۋىھ ئوقۇشىنى يېڭىدىن يولغا قويۇلغانلىقىغا قارىتا ئېيتىلغان، ھەرگىزمۇ «تۈپتىن يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ تەراۋىھنى بىرقانچە كېچە جامائەت بىلەن مەسجىدتە ئوقۇغان. لېكىن، پەرز بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ توختىۋالغان. ئەسھابلىرىمۇ: «كىمكى رامازان كېچىلىرىدە ئاللاھنىڭ ئەجىر بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا قىيامدا تۇرسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن ئۇ زاتنىڭ دەۋرىدىن تاكى خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىگە قەدەر بۇ نامازنى ئايرىم – ئايرىم جامائەت بولۇپ ياكى يەككە ھالەتتە ئوقۇپ كەلگەن. دېمەك، تەراۋىھمۇ، مەسجىدتە جامائەت بىلەن ئوقۇشمۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىلغىنى بىلەن ئىسپاتلانغان سۈننەتتۇر. ئەمما، مەسجىدتىكى جىمى جامائەتنى بىر ئىمامنىڭ ئارقىسىغا جەملەش بۇ خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىلغان يېڭىلىق بولۇپ، بۇ يېڭىلىق ھەرگىزمۇ ئازغۇنلۇق بىدئىتى بولماستىن، بەلكى تىل ۋە سۆز جەھەتتىن يېڭىلىق مەنىسىدىكى ياخشى بىدئەتتۇر. قاراڭ: مۇبارەكفۇرىي: «مىرئاتۇلمەفاتىيھ»، 4/651.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1446، 15 – رەبىييەل ئاخىر / م. 2024، 18 – ئۆكتەبىر