مېھمانلارنىڭ ئولتۇرۇپلا دۇئاغا قول كۆتۈرۈشىنىڭ ھۆكمى

مېھمانلارنىڭ ئولتۇرۇپلا دۇئاغا قول كۆتۈرۈشىنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاللاھ ئەجىرلىرىنى بەرسۇن! بىز ئۇيغۇرلاردا ئۆيگە مېھمان كەلگەندە، كىرىپ ئولتۇرۇپلا دۇئاغا قول كۆتۈرىدىغان ئادەت بار. باشقا مۇسۇلمانلاردا بۇنداق ئادەت يوق ئىكەن. بۇ دىنىمىزدا بۇيرۇلغانمۇ؟ ئەگەر بۇيرۇلغان بولسا، قايسى دۇئانى ئوقۇيمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھەرقانداق ئەھۋالدا، ھەرقانداق ئىشقا تۇتۇش قىلغاندا ئاللاھنى زىكىر قىلىش ۋە دۇئا قىلىش نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدۇر. ھەتتا ھاجەتخانىغا كىرىشتىمۇ، چىقىشتىمۇ دۇئا ۋە زىكىر قىلىش بار. بىز ئۇيغۇرلاردىكى ۋە تۈركىستان دىيارلىرىدىكى ئۆيگە مېھمان كەلگەندە، كىرىپ ئولتۇرۇپلا دۇئاغا قول كۆتۈرىدىغان ئادەت تۈركىستاندىكى بۈيۈك ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ئايەت، ھەدىس ۋە سەلەفلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ «مۇستەھەب» دەپ قارىغان ۋە ئومۇملاشتۇرغان گۈزەل ئادەتلىرىدىندۇر.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «بىرىڭلار بىرەر جايغا چۈشكەندە: ‹أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللَّهِ التَّامَّاتِ مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ / ئاللاھنىڭ مۇكەممەل كەلىمىلىرىگە سىغىنىپ، ئۇ ياراتقان بارلىق نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن› دېسە، ئۇ شۇ يەردىن كېتىپ بولغۇچە، ھېچنەرسە ئۇنىڭغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ» دېگەن(1).

ئالىملارنىڭ بايانىچە: بۇ سەپەردە بىر يەرگە چۈشكەن چاغدىلا ئەمەس، بەلكى ئولتۇرغان ياكى ئۇخلىغان جايغىمۇ ئومۇميۈزلۈك قارىتىلغان كۆرسەتمىدۇر. تابىئىنلەردىن كاتتا فەقىھ ۋە مۇفەسسىر مۇجاھىد ئىبنى جەبر ئەلمەككىي (ھ. 21 – 103 / م. 642 – 721) كەبى بەزى سەلەفلەردىن يەنە «يۇقىرىقى ھەدىس بىلەن بىللە ﴿«پەرۋەردىگارىم! مېنى مۇبارەك مەنزىلگە چۈشۈرگىن، سەن (دوستلىرىڭنى) ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن» دېگىن﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 29)؛ ﴿وَأَدْخِلْنِي مُدْخَلَ صِدْقٍ وَأَخْرِجْنِي مُخْرَجَ صِدْقٍ وَاجْعَلْ لِي مِنْ لَدُنْك سُلْطَانًا نَصِيرًا «پەرۋەردىگارىم! مېنى ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن، ئوڭۇشلۇق چىقارغىن، ماڭا دەرگاھىڭدىن ھەققە ياردەم بېرىدىغان قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن»﴾(17/«ئىسراﺋ»: 80) دېگەن ئايەتلەرنى ئوقۇيدۇ. ئۇلارنى تۇرالغۇغا يېتىپ كەلگەندە ئوقۇش ياخشى. ئاللاھ تائالامۇ نۇھ ئەلەيھىسسالامنى كېمىدىن چۈشىدىغان چاغدا شۇنداق دېيىشكە بۇيرۇغان» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان(2).

ئىمام قۇرتۇبىي ئاللاھ تائالانىڭ نۇھ ئەلەيھىسسالامغا: ﴿سەن بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەر بىلەن كېمىگە چىققان چېغىڭدا: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا خاستۇر» دېگىن ھەمدە: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى مۇبارەك مەنزىلگە چۈشۈرگىن، سەن ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن» دېگىن﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 28، 29) دېگەن ئەمرىنى تەفسىر قىلىپ دەيدۇكى: «ئومۇمەن، مەزكۇر ئايەت ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەدىن بەندىلىرىگە تەلىم بولۇپ، ئۇلارغا (تۈرلۈك قاتناش ۋاسىتىلىرىغا) مىنگەندە، چۈشكەندە مۇشۇ دۇئانى قىلىشنى ئۆگىتىشتۇر. بەلكى يەنە ئۆيلىرىگە كىرىپ سالام بەرگەندە بۇنى دەيدۇ. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مەسجىدكە كىرگىنىدە: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى مۇبارەك مەنزىلگە چۈشۈرگىن، سەن ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن» دەپ دۇئا قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغاندۇر»(3).

تابىئىنلەردىن خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز (ھ. 61 – 101 / م. 681 – 720) بىرەر ئۆيگە كىرسە: «بِسْمِ اللهِ وَالْحَمْدُ لِلَّهِ، وَلاَ قُوَّةَ إلاَّ بِاَللَّهِ وَالسَّلاَمُ عَلَى نَبِيِّ اللهِ، اللَّهُمَّ افْتَحْ لِي أَبْوَابَ رَحْمَتِكَ، ﴿وَأَدْخِلْنِي مُدْخَلَ صِدْقٍ وَأَخْرِجْنِي مُخْرَجَ صِدْقٍ وَاجْعَلْ لِي مِنْ لَدُنْك سُلْطَانًا نَصِيرًا﴾ وَهَبْ لِي مِنْ لَدُنْك رَحْمَةً، إنَّك أَنْتَ الْوَهَّابُ، اللَّهُمَّ احْفَظْنِي مِنْ فَوْقِي أَنْ أُخْتَطَفَ، وَمِنْ تَحْتِ رِجْلِي أَنْ يُخْسَفَ بِي، وَعَنْ يَمِينِي، وَعَنْ شِمَالِي مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ / ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، جىمى ھەمدۇسا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ ـ قۇۋۋەت يوقتۇر. ئاللاھنىڭ نەبىيسىگە سالاملار بولسۇن! ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمىتىڭنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىۋەتكىن! ﴿پەرۋەردىگارىم! مېنى ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن، ئوڭۇشلۇق چىقارغىن، ماڭا دەرگاھىڭدىن ھەققە ياردەم بېرىدىغان قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن!﴾(17/«ئىسراﺋ»: 80) ماڭا دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. شۈبھىسىزكى، سەن بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن! ئى ئاللاھ! مېنى ئۈستۈمدىن ئېلىپ قېچىلىشتىن ساقلىغىن، پۇتۇمنىڭ ئاستىدىن يەر يۈتۈپ كېتىشتىن ساقلىغىن! ئوڭ تەرىپىمدىن، سول تەرىپىمدىن قوغلاندى شەيتاندىن ساقلىغىن!» دەپ دۇئا قىلاتتى(4).

يەنە ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «كىمكى بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ: ﴿ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى مۇبارەك مەنزىلگە چۈشۈرگىن، سەن ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 29) دەپ ئۇ يەردە يامان گەپ – سۆز ۋە نالايىق ئىش سادىر قىلمىسىلا، ئاللاھنىڭ كاپالىتى ئاستىدا بولىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان(5).

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، بىرەر ئۆي ياكى جايغا كېلىپ ئولتۇرغاندا، بىرەر قونالغۇ ياكى تۇرالغۇغا چۈشكەندە، يۇقىرىقىدەك دۇئالارنى ياكى باشقا خاھلىغان دۇئا – زىكىرلەرنى قىلىش مۇستەھەبتۇر. بولۇپمۇ سورۇندا ئولتۇرغاندا، دۇئا ياكى زىكىرنى چەكلىگەن ئەھۋالمۇ يوق، دۇئا بىلەن زىكىر ئالاھىدە چەكلىمە كەلمىگەن ئەھۋاللاردا ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەردىندۇر. بىرەر سورۇننى ياكى ئولتۇرۇشنى دۇئا ۋە زىكىر بىلەن باشلاشمۇ ياخشىدۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1446، 21 – سەفەر / م. 2024، 25 – ئاۋغۇست

 


1. مۇسلىم، (2708).
2. زۇرقانىي: «مۇۋەتتا شەرھى»، 4/499.
3. «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 12/120.
4. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (26338).
5. دولابىي: «ئەلكۇنا ۋەلئەسماﺋ»، (579).

Please follow and like us: