قۇرئاننىڭ يەتتە خىل قىرائەت بىلەن چۈشۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

قۇرئاننىڭ يەتتە خىل قىرائەت بىلەن چۈشۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بىر ئادەمنىڭ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغان بىر ئايەتنى باشقىچە قىرائەت قىلىپ ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قولىدىن تۇتۇپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا ئېلىپ بارسام، رەسۇلۇللاھ: ‹ھەر ئىككىڭلارنىڭ توغرا› دېدى». (راۋىيلەردىن) شۇئبە دېدىكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «(قۇرئان ئوقۇشتا) ئىختىلاپ قىلماڭلار، چۈنكى سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر ئىختىلاپلىشىپ ھالاك بولۇپ كەتكەن» دېگەن دەپ ئويلايمەن. (بۇخارىي 2410)

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەنكى: «مەن ھىشام ئىبنى ھەكىم ئىبنى ھىزامنىڭ ‹فۇرقان› سۈرىسىنى مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇماستىن، باشقىچىرەك ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇ سۈرىنى ماڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوقۇتقان ئىدى، مەن ئۆزۈمنى تۇتالماي ئۇنىڭغا پوزىتسىيە بىلدۈرگىلى تاس قالدىم. مەن ئۇنى نامازنى ئوقۇپ بولغۇچە ساقلاپ تۇردۇم. ئۇ نامازنى ئوقۇپ بولغاندا ئۇنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ سۆرىگەن پېتى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ:

— بۇنىڭ سىلى ماڭا ئوقۇتقاندەك قىرائەت قىلماي، باشقىچىرەك قىرائەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم، — دېسەم، رەسۇلۇللاھ ماڭا:

— ئۇنى قويۇۋەت، — دېدى. ئاندىن ئۇنىڭغا:

— سەن ئوقۇپ باققىن، — دېۋىدى، ئۇ ئوقۇدى، رەسۇلۇللاھ:

— مۇشۇنداق چۈشۈرۈلگەن، — دەپ، ئاندىن ماڭا:

— سەن ئوقۇغىن، — دېدى. مەن ئوقۇۋېدىم، رەسۇلۇللاھ:

— بۇ سۈرە مۇشۇنداقمۇ چۈشكەن، ھەقىقەتەن قۇرئان يەتتە خىل قىرائەت بىلەن چۈشۈرۈلگەن، شۇڭا ئۇنىڭدىن سىلەرگە ئاسان بولغىنىنى ئوقۇڭلار، — دېدى. (سەھىھەين)

قۇرئاننىڭ يەتتە خىل قىرائەت بىلەن چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئالىملار تۈرلۈك ئىزاھلىغان بولۇپ، ئەڭ كۈچلۈك قاراشتا بۇ قىرائەتنىڭ يەتتە تۈرى ۋە شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. كەلىمەلەردىكى ھەرپلەر پەرقلىق تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ مەناسى بىر، مەناسى پەرقلەنسىمۇ بىر – بىرىگە ماسلىشىدىغان، يىراقلاپ كەتمەيدىغان، زىت كەلمەيدىغان ئوقۇلۇشتۇر. كەلىمەدىكى بىر ھەرپ پەرقلىق ياكى ھەرپتىكى زىر – زەبەر ھەرەكەلىرى پەرقلىق بولسىمۇ مەناسى ئوخشاش بولىدۇ. گاھىدا مەناسى سەل پەرقلىق بولسىمۇ بۇ پەرق جۈملىدىكى ئورنىغا قاراپ يوقىلىدۇ. گاھىدا مەنىداش كەلىمەلەر ئالمىشىپ كېلىدۇ. گاھىدا كەلىمەلەرنىڭ ئورنى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئالمىشىپ كېلىدۇ. گاھىدا بىرەر كەلىمە ئىزاھات سۈپىتىدە قوشۇمچە كېلىدۇ. گاھىدا ئىدغام، غۇننە تەفخىم، تەرقىق ۋە مەد قاتارلىق تەجۋىد ئەھكاملىرىدا پەرق بولىدۇ. خوش، بىر قېتىم چۈشكەن ئايەت قانداقسىگە يەتتە خىل چۈشىدۇ؟ بىر خىلى چۈشۈپ كېيىن يەنە بىر خىلى چۈشكەنمۇ؟ جاۋاب: مەلۇمكى، جىبرىل ئەلەيھىسسالام ھەر رامازاندا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن قۇرئان تىڭشىشىپ، ئۇ زاتقا قۇرئاننى سۇناتتى. ھەر سۇنۇشىدا بەزى كەلىمەلەرنى پەرقلىق ئوقۇپ بېرەتتى. شۇڭا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «جىبرىل ماڭا بىرخىل قىرائەت ئوقۇپ بەرگەن ئىدى، مەن كۆپرەك قىرائەتتە ئوقۇپ بېرىشىنى سوراۋەرسەم، ئاخىرى ئۇ يەتتە خىل قىرائەتتە ئوقۇپ بەردى» دېگەن.(«سەھىھەين») دېمەك، تۈرلۈك قەبىلىلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئەستە تۇتۇۋېلىشى قولاي بولسۇن ئۈچۈن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇرەيش ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قەبىلىلەرنىڭ تەلەپپۇزى، شىۋىسى، دىئالېكتىدا نازىل قىلىنغان بىر قىرائەتنى باشقا قەبىلىلەرنىڭمۇ تەلەپپۇزى، شىۋىسى، دىئالېكتىدا قىرائەت قىلىنىشى ئۈچۈن رۇخسەت ئالغان. بۇ خاھلىغانچە ھەركىم ئوقۇۋالىدىغان قىرائەت بولماستىن پەقەت نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغان بولسا ئاندىن كۈچكە ئىگەدۇر. ھەزرىتى ئوسمان قۇرئاننى بىر مۇسھەف قىلىپ يەتتە ئىقلىمغا تارقاتقىنىدا ئايەتلەر بىر خىل قىرائەت بىلەنلا يېزىلغان. لېكىن، چېكىتسىز ۋە زىر – زەبەرسىز يېزىلغاچقا بەزى كەلىمەلەرنى باشقا قىرائەتتە ئوقۇشقىمۇ ئىمكانىيەت قالغان. نەتىجىدە مۇسھەف يېزىلىشى بەزىبىر قىرائەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭ بىلەن قىرائەت ئوخشىماسلىقى ھەققىدىكى دەتالاشلارنىڭ يولى ئاساسەن ئېتىلگەن. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 11/258، 259.

بۇ ھەر كەلىمە يەتتە خىل قىرائەت قىلىنىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى بەزىسى پەقەت بىر خىل، بەزىسى ئىككى ياكى بىرقانچە خىل قىرائەت قىلىنىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا يەتتە خىل قىرائەت قىلىنىدۇ، دېگەنلىكتۇر. بۇ يەتتە خىل قىرائەت قۇرئاندا چېچىلاڭغۇ ھالەتتە بار بولسىمۇ ئۇنى ماۋۇ – ماۋۇ دەپ بىلگىلى بولمايدۇ. يەتتە خىل قىرائەت دەپ تونۇلغان مەشھۇر قىرائەتلەرنى مۇپەسسىر ۋە قىرائەتشۇناس ئىمام مۇجاھىد ئىجتىھاد بىلەن جەملىگەندۇر. تەۋاتۇر يولى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان قىرائەت بولسا قايسى قىرائەت قولاي بولسا شۇنىڭ بىلەن ئوقۇسا بولىدۇ.

«قۇرئان»نى بىرلىككە كېلىنگەن يەتتە خىل قىرائەت بىلەن ئوقۇش دۇرۇس. يەتتە خىل قىرائەتتىن باشقا قىرائەتلەر بويىچە ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس. يەنە قۇرئان ئوقۇشتا ئىختىلاپلىشىش ۋە دەتالاش قىلىش جائىز ئەمەس، چۈنكى مەلۇم بىر ئايەت ياكى كەلىمەنى ئىككى – ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ خىل قىرائەت قىلىش جائىز بولغان تەقدىردە، ئۆزى ئوقۇغان قىرائەتتىن باشقا بىر خىل قىرائەتنى ئىنكار قىلسا، قۇرئاننى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. بۇ كۇفۇردۇر. توغرا بولغان بىر قىرائەتنى خاتا دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇمۇ ئاللاھنىڭ كالامىدۇر. قاراڭ: ئىمام نەۋەۋىي: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى»، 97 – بەت؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 11/250. ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىكى بۇ تۈرلۈك ئىختىلاپلار ئۇلارنى ئايەتلەرنى بۇرمىلاشقا ۋە خاھىشلىرى بويىچە ئالماشتۇرۇۋېتىشكە ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى ھەق بولغان. شۇڭا، شەرىئەت تەلەپ قىلغان بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق تەقەززاسى بويىچە قىرائەتتە ئىختىلاپلىشىپ قالغاندا دەتالاش قىلماستىن ئىختىلاپ بولمىغان قىرائەتنى تۇتۇپ مېڭىش كېرەك.

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1446، 15 – رەبىييەل ئاخىر / م. 2024، 18 – ئۆكتەبىر

Please follow and like us: