seyyid yakubkhan kashgari

كاشغەرىيە دۆلىتىنىڭ ئەلچىسى، دىپلومات سەييىد ياقۇبخان كاشغەرىي

(ھ. 1233 – 1317 / م. 1818 – 1899)

 

ياقۇبخان تۆرە كاشغەرىي ھ. 1233 / م. 1818 – يىلى ئەتراپىدا قوقەند خانلىقىغا قاراشلىق تاشكەنت شەھىرىدە توغۇلغان بولۇپ، تېگى بۇخارالىق سەييىد نىزامىددىنخان تۆرە بىلەن پاشاخان بېگىمنىڭ ئوغلى، ئاتالىق غازى مۇھەممەد ياقۇب بەگنىڭ (یعقوب بیگ، ئۆ. ھ .1294 / م. 1877، سەلتەنەت: 1867 – 1877) جىيەنىدۇر. ياقۇبخان تۆرەنىڭ گۆدەكلىك ۋە ياشلىق يىللىرىغا دائىر مەلۇمات يوق بولۇپ، سەييىد ياقۇپ ۋە غوجام تۆرە نامى بىلەن تونۇلغان بۇ زات تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىچكى نىزا پاتقىقىغا كۈنسايىن غەرق بولۇشى، مۇسۇلمانلارنىڭ چاررۇسىيە ۋە مەنچىڭ ئىشغالىيىتىگە شارائىت ياراتقۇچى دەرىجىدە ئاجىز ھالغا چۈشۈپ قېلىشى ھەمدە بۇخارا، خىۋە ۋە قوقەند ھۆكۈمەتلىرى ئارا سىياسىي غەۋغانىڭ ئېغىرلىشى ئۈزرە دەۋلەتى ئالى ئوسمانىيەنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋەزىپىسى بىلەن 1865 – يىلى قوقەند خانى سەييىد سۇلتان خاننىڭ (سەلتەنەت: 1863 – 1865) ئەلچىسى سۈپىتىدە ئىستانبۇلغا بارغان. ھ. 1282 / م. 1865 – يىلى 31 – ئاۋغۇست يەنى رامازاننىڭ 8 – كۈنى ۋە 18 – رەببىيۇلئەۋۋەل كۈنى ئىككى قېتىم دىنى مۇبىننىڭ خىلافەت مەركىزى بولمىش ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقى باشۋەزىرلىكىگە (سەدرىئەزەم) سۇنغان مەلۇماتنامىگە بېرىلگەن جاۋابتا، رايوندىكى قىيىن ئەھۋالغا قول تىقىشنىڭ تەسلىكى بىلدۈرۈلگەن، مۇسۇلمانلاردىن بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقى ئۇرغۇلانغان، قولدىن كەلگەنچە ماددىي ۋە مەنەۋى قوللاشقا تىرىشىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۆز يۇرتىدا بىر نەقشىبەندىيە شەيخىگە ئىنتىساب قىلىپ خەلپەتلىك ئالغان ياقۇبخان تۆرە، ئىستانبۇلدىكى چېغىدا تەسەۋۋۇف ئەھلى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرغان. ئۆز دەۋرىدىكى تونۇلغان نەقشىبەندى شەيخى ھاجى فەيزۇللاھ ئەپەندى (ئۆ. ھ. 1293 / م. 1876) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەيخلەر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن خەلۋەتى شەئبانىي شەيخى مۇھەممەد تەۋفىق بوسنەۋىيگە ئىنتىساب قىلغان. ئۆز ۋاقتىدا ئىستانبۇل فاتىھ رايونىدا بىر ھاممامى بولغان ۋە شۇ سەۋەبلىك «ھاممامىي ھەزرەتلىرى» دەپمۇ ئاتالغان مۇھەممەد تەۋفىق بوسنەۋىي ئىستانبۇلدىكى ئەڭ مەشھۇر دەرۋىشلەر قاتارىدىن بولۇپ، شەئبانىي – مەلامىي سۈلۈكىنىڭ بەرپاچىلىرىدىن بىرى ئىدى. مۇرىتلىرىنىڭ تەسەۋۋۇفىي تەربىيەسىنى كۆپرەك سۆھبەت ۋە ئۇلارغا يازغان مەكتۇپلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان بۇ ئېقىمنىڭ مەزكۇر پىرىنىڭ ئىرشاد ئۇسۇلى ۋە سۆھبەتلىرىگە مەپتۇن بولۇپ قالغانلاردىن بىرى دەل ئەلچى سەييىد ياقۇبخان تۆرە كاشغەرىي ئىدى. يېقىنقى زامان تەسەۋۋۇف تارىخچىسى ۋە مۇتەسەۋۋۇف ھۈسەيىن ۋاسساف (Hüseyin Vassâf، ھ. 1288 – 1348 / م. 1872 – 1929) ئەپەندى ئۆزىنىڭ سۇفىي بىئوگرافىيەلىرى ھەققىدىكى ئەسەرى «سەفىنەئى ئەۋلىيا» (Sefîne-i Evliyâ، سفينۂ أولياء) دا ياقۇبخان تۆرە ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى جەملىگەن بولسا، مۇھەممەد ساراي ئۇ زاتنىڭ دىپلوماتلىقىغا ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە ھۆججەتلەرنى تەتقىق قىلغان. ھۈسەيىن ۋاسساف ئەۋۋالا ئۇنىڭ سۈرىتىنى نەقىل قىلىپ: «بۇخاراچە تون – سەرپايىلەر بىلەن كېزەتتى، دائىما بۇخارا تەقيەسى ئۈستىگە ئاق سەللە يۆگىۋالاتتى، بۇخارا ھىرقىسى كىيەر ئىدى» دېسە، كېيىن سىيرەتىنى تەئرىف ئەيلەيدۇ: «يەئقۇبخان ھەزرەتلىرىكىم، زاتى ئالىي قەدر كىشى بولۇپ، ئاشىق، ھاشىي، ھادىئ‍ ئىدى ۋە سالىھ بىر زاتى ۋەلايەت سىمات ئىدى. بارچە گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆز نەفسىدە جەمئىي قىلغان ئالىم، فازىل بىر مۇرشىدى كامىل ۋە مۇكەممىل ئىدى».

1866 – يىلى بوسنەۋىي ھەزرەتلىرى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن مۇستافا ئەنۋەرىي ئەپەندىنىڭ سۆھبەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغان. ئوسمانلى ھۆكۈمىتىدىن كۈتۈلگەن ياردەمنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن ياقۇبخان تۆرە، قوقەند خانىنىڭ كۈچلۈك ۋەزىرى ئەلىقۇلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە تاشكەنتنىڭ رۇسلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى مۇناسىۋىتى بىلەن 1870 – يىلىنىڭ باشلىرىدا ئوسمانلى ھۆكۈمىتىگە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇزۇن بىر تەقرىر سۇنغاندىن كېيىن ئىستانبۇلدىن ئايرىلىپ، ئۆز ۋاقتىدا مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان تاغىسى، كاشغەرىيە ھۆكۈمدارى ئاتالىق غازى ياقۇپ بەگنىڭ ھۇزۇرىغا بارغان. ئۆز ئىچىدە تۈركىستاننى بۆلۈشۈۋالغان چاررۇسىيە ۋە بۈيۈك برىتانىيە بىلەن مۇناسىۋىتىنى دوستانە بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىشقا تىرىشقان ياقۇپ بەگ 1872 – يىلى ياقۇبخان تۆرىنى ياردەم سوراش ئۈچۈن ئوسمانلى سۇلتانى ئابدۇلئەزىزخاننىڭ (عبد العزيز أوَّل، 1830 – 1876؛ سەلتەنەت: 1861 – 1876) ھۇزۇرىغا يوللىغان. 1873 – يىلى 16 – ئىيۇن كۈنى ھۇزۇرى ئالىيغا قوبۇل قىلىنغان ياقۇبخان تۆرە تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ئىشلار، كاشغەر ھۆكۈمەتىنىڭ ھال – ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجلىرىنى پادىشاھقا بايان قىلدى. بولۇپمۇ ئەسكەرىي جەھەتتە ئوسمانلى دۆلىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نەتىجىدە پادىشاھ ئابدۇلئەزىزخاننىڭ پەرمانى بويىچە بېرىلگەن ياردەملەر سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتۈپ بومبايغا، ئۇ يەردىن كاشغەرگە يېتىپ باردى. بۇ قېتىمقى ياردەمدە ئالتە دانە كروپ زەمبىرىكى (چاقلىق زەمبىرەك)، 1000 دانە كونا ۋە يېڭى مىلتىق ۋە ئوق – دورا ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن كېرەكلىك خام ماتېرىيال ۋە ئۇستا ئەۋەتىلگەن. كاشغەرىيە قوشۇنىنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە ھەربىي ئىشلار ئوفىتسېرى (istihkâm subayı) ئەلى كازىم (Ali Kâzım Bey) ئەپەندى، پىيادە ئوفىتسېرى مەھمەد يۇسۇف (Mehmed Yûsuf Bey)، زەمبىرەك خادىمى (topçu zâbiti) ئىسمائىل ھەققى (İsmâil Hakkı Bey) ئەپەندى بىلەن تۆرت دەمئېلىشقا چىققان ئوفىستسېر (subay) پادىشاھلىق مەكتەپ – ئەندەرۇندىن (Enderun) مۇرات ئەپەندىنىڭ باشغانلىقىدا كاشغەرگە ئەۋەتىلگەن. بۇ ھادىسەدىن كېيىن كاشغەرىيەدە سۇلتان ئابدۇلئەزىزخاننىڭ نامىغا خۇتبە ئوقۇلۇپلا قالماي ئاقچىلارمۇ ئۇنىڭ نامىدا بېسىلغان. ياقۇپ بەگكە ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئەمىرلىك ئۇنۋانىنىڭ جاكارلىنىش مۇراسىمىغا ئۆز ۋاقتىدا كاشغەرگە بارغان ئىنگلىز ئەلچىلىك ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. كاشغەرىيەنىڭ ئىستىلاچى زو زۇڭتاڭ (1812 – 1885) قوشۇنىنىڭ تەھدىدىگە دۇچ كەلگەن پەيتلەردە ياقۇبخان تۆرە ئوسمانلى ئەلچىلىك ھەيئەتىنىڭ باشغانى مۇراد ئەپەندى بىلەن بىللە 1876 – يىلى يەنە بىر قېتىم ئىستانبۇلغا كەلگەن. ئوسمانلى ھۆكۈمىتى ياقۇبخانغا ئىنگلىزلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە رۇسىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھەققىدە تەۋسىيەدە بولغان. شۇنىڭ بىلەن ياقۇبخان ئەۋۋەلا پېتىربۇرگغا، ئۇ يەردىن لوندونغا بېرىپ رۇس ۋە ئىنگلىزلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار بىلەن كۆرۈشكەن. 1877 – يىلى 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئاتالىق غازى يەئقۇب بەگ ئۆلۈپ، كاشغەر زو زۇڭتاڭ تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئىستانبۇلغا بارغان ياقۇبخان تۆرە سۇلتان ئابدۇلھەمىدخان II (عبد الحميد ثانی، 1842 – 1918؛ سەلتەنەت. 1876 – 1908) غا مۇراجىئەت قىلىپ كاشغەرنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىگە قاراشلىق بىر مەملىكەت ئىكەنلىكى، بۇ ۋەجدىن مەنچىڭ ئىستىلاسىنىڭ قەتئىي رەت قىلىنىشى، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيەتنى توختىتىشى ئۈچۈن ئارىچىلىق قىلىپ بېرىشى ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى سۇنغان بولسىمۇ ئۆز ۋاقتىدىكى 1877 – 1878 – يىلىدىكى ئوسمانلى – رۇس ئۇرۇشى (ھ. 1293 – يىلى يۈز بەرگەن ۋە 93 جېڭى / 93 Harbi دەپ مەشھۇر بولغان ئۇرۇش) سەۋەبلىك كۆڭۈلدىكىدەك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.

سىياسىي ۋەزىپىسىدىن باشقا، مۇستافا ئەنۋەرىي ئەپەندىنىڭ ئۆلۈمىدىن (ھ. 1288/م. 1872) كېيىن ھالۋەتىي شەئبانىي شەيخى سۈپىتىدە ئىرشاد پائالىيىتى بىلەن شوغۇللانغان ياقۇبخان تۆرە سۇلتان ئابدۇلھەمىدخان دەۋرىدە، 1879 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىزمىردا مەجبۇرىي ئولتۇراقلاشقان ۋە ئۇ يەردىن ھىندىستانغا سۈرگۈن قىلىنغان. ياقۇبخان دېھلىغا بارغاندىن كېيىن يەنە يىگىرمە يىلدەك ئىرشاد پائالىيىتىنى بىلەن شۇغۇللىنىپ شەئبانىييە تەرىقىتىنى يايغان ۋە 1899 – يىلى شۇ يەردە ئۆلگەن، مىيىتى ئىمام رەببانىينىڭ مۇرشىدى باقىي بىللاھنىڭ يېنىغا كۆمۈلگەن.

تۈرك مۇسىقەسىنىڭ ئاخىرىقى دەۋر مۇھىم نامايەندىلىرىدىن ئابدۇلقادىر تۆرە ياقۇبخان تۆرىنىڭ ئوغلىدۇر. ئىستانبۇلدىكى چاغلىرىدا خەلپەتلەر تەربىيەلىگەن ياقۇبخان تۆرە ھىندىستانغا مېڭىش ئالدىدا ئەدرەمىت-ئايۋاجىق (Edremit-Ayvacık) لىق ھاجى كامىل (Hacı Kâmil Efendi، ئۆ. 1912) دېگەن كىشىنى ئۆز ئورنىغا ۋەكىل تەيىنلىگەن. مۇرشىدى ياقۇبخان تۆرىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئالغاندىن كېيىن «مەندە سىررى ۋەكالەت قالمىدى» دەپ ئىنزىۋاغا كىرىپ كەتكەن ھاجى كامىل ئەپەندى قۇرئان كەرىمنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى بىلەن تونۇلغان مەشھۇر ئالىم ئەلمالىلى مۇھەممەد ھەمدى يازىر (Elmalılı Muhammed Hamdi Yazır، 1878 – 1942) نىڭ شەيخىدۇر. ياقۇبخان تۆرىگە تەسىر قىلغان زاتلاردىن سەييىد مۇھەممەد جالالىددىن ئەپەندى (Seyyid Mahmud Celâleddin Efendi) ئىستانبۇلنىڭ ئاسىيا ياقىسىغا جايلاشقان ئۈسكۈدار رايونىدىكى ۋالىدەئى ئەتىق شەئبانىي دەرگاھىدا پوستنىشىن (postnişin) بولغان ۋە شۇ يەردە ۋىردى يەھيا ئوقۇۋېتىپ جان تەسلىم قىلغان (1919). ياقۇبخان تۆرىنىڭ كۈيئوغلى ئەھمەد نەزمى ئەپەندى (ئۆ. 1924) فۇسۇسۇل ھىكەم (فُصُوصُ الْحِكَم)، ئەلفۇتۇھاتۇل مەككىييە (الفُتُوحَاتُ الْمَكِّيَّة) ۋە مەسنەۋى (مَثْنَوِى) ئوقۇتۇش ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرغان، قېينائاتىسىدىن كېيىن شۇ دەرگاھنىڭ شەيخى بولغان. ئابدۇلھەمىد II نىڭ باشئىمامى مۇھەممەد راشىد ئەپەندى، ياقۇبخان تۆرىنىڭ خەلپەتلىرىدىن ئىدى. مۇستافا ئەنۋەرى ئەپەندىنىڭ ئوغلى ۋە نالچاچى دەرگاھىنىڭ سوڭغى شەيخى ئېھسان ئەپەندىمۇ ياقۇبخان تۆرىنىڭ كۈيئوغلى ئىدى.

ئەسەرلىرى:

ياقۇبخان تۆرە ئەرەبچە، فارسچە ۋە تۈركچە ئەسەرلەر قەلەمگە ئالغان. بۇ ئەسەرلەردىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. «لەۋائىھ» (لوائح) نىڭ تەرجىمەسى «تۇھفەتۇل ئىخۋان فى مەئرىفەتى سىررى ئىھاتەتى يەزدان»

موللا جامى (نورالدین عبدالرحمن جامی، ھ. 817 – 898 / م. 1414 – 1492) نىڭ ۋاھدەتى ۋۇجۇد (يەنى مەۋجۇداتنىڭ بىرلىكى ۋە بارلىقتا بىرلىك مەناسىدا بىر تەسەۋۇف ئاتالغۇسى؛ بۇ مەنادا تەڭرى، ئالەم ۋە ئىنسان مۇناسىۋەتلىرىنى ئىزاھلىغان پىكىر سىستېمىسى) ئىشتىياقىنى تەرەننۇم قىلغان ئەللىك رۇبائىيسىنى فارسچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ شەرھلىگەن. مەزكۇر ئەمگەك ياقۇبخان ئىزمىردا تۇرغان ۋاقىتلىرىدا تەييارلانغان بولۇپ، ئەۋۋەلا دۇئايى سەلام بىلەن باشلىغاندىن سوڭرە تۈركلەرنىڭمۇ بۇ رۇبائىيلەردىن ئىسسىغلىنىشىنى كۆزلەپ تەرجىمە قىلىپ، شەرھلىگەنلىكى بايان قىلىنغان. 53 بەتلىك ئۇشبۇ رىسالەنىڭ ئاخىرىدا ئىسمى، قەيەردە ۋە قاچان يېزىلغانلىقى قەيت قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزىگە ئائىت بىر رۇبائىي ھەم يېزىلغان بولۇپ، بۇ رۇبائىي كېيىنكى يىللاردا ئوغلى ئابدۇلقادىر تۆرە تەرىپىدىن بەستىلەنگەن. ئەسەر شۇ دۇئا بىلەن باشلايدۇ.

2. ئەئيانى سابىتە رىسالەسى

ئۈچ بەتلىك بۇ رىسالە ئەئيانى سابىتە ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. ھۈسەيىن ۋاسسافنىڭ قارىشىچە بۇ رىسالە مەكتۇپ سۈپىتىدە قەلەمگە ئېلىنغان.

3. تەسەۋۋۇف رىسالەسى

بۇ ئىسىم بىلەن قەيت قىلىنغان سەككىز بەتلىك رىسالەدە ئەۋۋەلا قۇربى فەرائىز، قۇربى نەۋافىل تېمىسى ئىزاھلانغاندىن كېيىن ھەقتائالانىڭ تەجەللىلىرى تۆرت باشلىق ئاستىدا شەرھلەنگەن، ئەڭ ئاخىرىدا مەجزۇبى سالىك ۋە سالىكى مۇجزەب ئاتالغۇلىرى ئىزاھلانغان.

4. «مىفتاھۇل غەيب» تەرجىمىسى

سەدرەددىن كونەۋىي (ھ. 606 – 673 / م. 1209 – 1274) تەرىپىدىن ئەرەبچە يېزىلغان مەزكۇر ئەسەرنىڭ بىر بۆلۈمىنىڭ پارسچە تەرجىمىسى بولۇپ، جەمئىي 17 بەتتىن ئىبارەتتۇر.

5. كىتابۇررۇمۇز ۋەلئەمسالىللاھۇتىيە تەرجىمىسى

شىھابۇددىن سۇھراۋەردىي مەقتۇل (ھ. 549 – 587 / م. 1154 – 1191) غا ئائىت مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئەرەبچىدىن فارسچىگە تەرجىمىسى بولۇپ، ئىزمىردا تەييارلانغان.

6. تەۋزىھۇل بەيان

مۇھىيىددىن ئىبنى ئەرەبىي (ھ. 560 – 638 / م. 1165 – 1240) نىڭ مەشھۇر ئەسەرى بولمىش «فۇسۇسۇل ھىكەم» (فُصُوصُ الْحِكَم) نىڭ ئەرەبچە شەرھى بولۇپ، 1892 – يىلى دېھلى ئىفتىخار مەتبەئەسىدە بېسىلغان. ئەسەرنىڭ مۇقاۋىسىدە كاشغەرىي ئۈچۈن مۇنداق ئىپادە قوللىنىلغان: «عالم نحرير فاضل شہير قدوة العارفین زبدة الکاملین وحید العصر والزمان مولانا وہادینا سیّد یعقوب خان أفندی مد ظله العالي  / ئالىمى نىھرىر فازىلى شەھىر، قۇدۋەتۇل ئارىفىن زۇبدەتۇل كامىلىن ۋاھىدۇل ئەسرى ۋەززەمان مەۋلانا ۋە ھادىينا سەييىد ياقۇبخان ئەفەندى، يۈكسەك سايىسى كەڭ بولغاي!». مەزكۇر كىتاب ھ. 1287 / م. 1870 – يىلى كەشمىردە تاماملانغان. ئەرەبچە ۋە فارسچە 40 بەتلىك «مۇقەددىمە» بۆلۈمىدە تەسەۋۋۇف پەلسەپەسىنىڭ نېگىزلىك ئاتالغۇلىرى ئىزاھلانغان. شەرھتە پات – پات پارسچە بېيىتلەر كەلتۈرۈلگەن.

 

پايدىلىنىلغان مەنبەلەر:

Mustafa Kara, “Diplomat ve Fusûs Şârihi Yakup Han Kaşgarî”, Tasavvuf: İlmî ve Akademik Araştırma Dergisi, 2009, cilt: IX, sayı: 23, “İbnü’l-Arabî” özel sayısı- II, s. 9-24;

Esma ERTEN, “Yakub Han Kaşgarî’nın Tuhfetü’l-İhvân Fî Ma’rifeti Sırr-ı İhâta-i Yezdân İsimli Eseri ve Tahlili”, yayınlanmamış Yüksek Lisans Tezi, Kahramanmaraş Sütçü İmam Üniversitesi Sosyal Bilimler Enstitüsü Temel İslam Bilimleri Ana Bilim Dalı, Kahramanmaraş, 2019.

Hüseyin Vassaf, Sefîne-i Evliyâ, haz.: Mehmet Akkuş, Ali Yılmaz, Kitabevi, İstanbul 2006.

https://islamansiklopedisi.org.tr/yakub-han-kasgari

https://tr.wikipedia.org/wiki/Yakub_Beg

 

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەييارلىدى.

Please follow and like us: