شەكسىزكى، يەر تەۋرەش، چاقماق چېقىش، كۈن / ئاي تۇتۇلۇش ۋە كەلكۈن كېلىش قاتارلىق ئاپەتلەر ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ھېكمىتى بىلەن يۈز بېرىدىغان ھادىسەلەر بولۇپ، بۇلارنى «ئاللاھنىڭ غەزىپى» دېگەن بىر جۈملە بىلەن يەكۈنلەش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئاپەتلەر ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنماسلىققا قارىتا ئاللاھنىڭ غەزىپى بولۇشى ئېھتىماللىقى بولغاندەك، بىر تۈرلۈك سىناق ياكى رەھمەت بولۇشىمۇ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە يەككە – يېگانىلىقىنى ئەسلىتىش بولۇشىمۇ، قورقۇتۇش بولۇشىمۇ ۋەياكى دۇنيادىكى مۇۋازىنەتنى ساقلاش بولۇشىمۇ مۇمكىن. «كەھف» سۈرىسىدىكى ۋەقەلىكلەردەك، بىزگە كۆرۈنۈشتە ئازاب ۋە غەزەپ، ھەقىقىتىدە رەھمەت ۋە رازىلىق بولۇشىمۇ، قىيامەتتىكى چوڭ تەۋرەشنى ئەسلىتىش بولۇشىمۇ مۇمكىن.
بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئاپەتتە جەملىنىشىمۇ مۇمكىن. يەنى شۇ بىر قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ياكى «تسۇنامى»دا ئۆلگەنلەرنىڭ بەزىلىرىگە غەزەپ، بەزىلىرىگە رەھمەت، بەزىلىرىگە كەففارەت، يەنە بەزىلىرىگە جازا بولسا، باشقا ساق – يارىدار ھايات قالغانلارغا نىسبەتەن قورقۇتۇش، كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ياكى تەۋبە قىلىۋېلىشقا پۇرسەت بېرىشتۇر. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، بىزگە سىرتقى كۆرۈنۈشتە غەزەپ ياكى ئاپەت، ئەمەلىيەتتە رەھمەت ۋە رازىلىق بولۇشىمۇ تامامەن مۇمكىن. شۇڭا، بۇ تۈرلۈك چوڭ ئاپەتلەرنى «ئاللاھنىڭ غەزىپى» دەپلا يەكۈن چىقىرىپ تەھلىل قىلىش توغرا بولماي قالىدۇ. بولۇپمۇ بۇ ئاپەتلەر يۈز بېرىدىغان جايلار كۇفۇر، گۇناھ – مەئسىيەتتە ئۇچىغا چىققان شەھەرلەر بولماي، مۇسۇلمانلارنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ بولغاندىمۇ ئاددىي – ساددا، پاك – تەقۋا مۇسۇلمانلار ياشايدىغان يېزا – قىشلاقلار بولۇشى مۇمكىن.
شۇڭا، بۇنداق ئەھۋاللارنى كۆرگىنىمىزدە ياكى بۇ ئاپەتلەردە بىرەر مۇسىبەتكە ئۇچرىغىنىمىزدا ئاللاھنىڭ قازايى قەدەرىنى رازىلىق بىلەن كۈتۈۋېلىش ئاندىن گۇناھ – مەئسىيەتتىن يېنىپ تەۋبە قىلىش، باشقىلارنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇش، مەغپىرەت تىلەش، ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىش، ھەرقاچان بىر – بىرىمىزگە ھەقنى ۋە سەبرنى تەۋسىيە قىلىش، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش ۋە سەدىقە – ئېھسانلارنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق ھوشىمىزنى يىغىۋېلىشىمىز كېرەك.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1444 – رەجەب 16 / م. 2023. 02. 07