ustaz_gulamiddin_ pahta

ئۇستاز غۇلامىدىن ئەھمەد پاختا

(ھ. 1348 − 1446 /م. 1930 − 2025)

 

غۇلامىدىن ئەھمەد پاختا 1930 – يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى دىندار بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى ئەھمەد پاختا قەشقەر شەھىرىنىڭ چوڭ سودىگەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، سېخىيلىقى، مېھماندوستلۇقى ۋە ۋاپادارلىقى بىلەن مەشھۇر پاختا ئائىلىسىنىڭ ناھايىتى كۆپ باغۋاران، مۇنبەت ئېتىزلىقلىرى ۋە ئۆي – جايلىرى بار ئىدى. دادا ئەھمەد پاختىنىڭ سودا – تىجارىتى راسا گۈللەنگەن مەزگىللەردە باشتا يېقىن ئەتراپتىكى تىبەت، رۇسىيە ۋە جۇڭگوغا مال ساتقان بولسا، كېيىنچە تىجارىتى ھەتتا گېرمانىيە، بېلگىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىگىچە كېڭەيگەن.

ئەھمەد پاختا سودا – تىجارەتتە ناھايىتى پىشقان كىشى بولۇپ، ئىشچى -خىزمەتچىلىرىگە نىسبەتەن ئەركىنرەك مۇئامىلە قىلاتتى. تىجارەتنىڭ سىرتىدا يەنە ئەل – ۋەتىنىگە مۇھەببەتلىك بۇ زات خەلق ئىچىدە باشقىلارنى ھۆرمەتلەش، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىراۋنىڭ ھەق – ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلماسلىق پىكرىنى ئومۇملاشتۇرغان ئىدى. ھەممە كىشىنىڭ ئەركىن، ئىززەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ھەققى بارلىقىنى تەشەببۇس قىلاتتى. دائىم: «غەرب ئۆزىنى دېموكراتىيەنىڭ ئىگىسى دەپ داۋراڭ سالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئىسلامنىڭ ئاللىبۇرۇنلا ئەر – ئايال پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغدىغانلىقىنى بىلىدۇ» دەيتتى.

ئەھمەد پاختا زىيالىيلار (گەرچە تولىمۇ ساناقلىق بولسىمۇ) بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ھەق – ھوقۇقلىرى توغرىسىدىكى پىكىرلىرنى ئاڭلايتتى ۋە بۇ يولدا كۆپ مۇشەققەت چەككەن ئىدى. ئۇ زىيالىلار بىلەن ھەق – ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى، بىر تەرەپ قىلىش چارىلىرى، قول سېلىنىدىغان نۇقتىلار، ئىنچىكە تەرەپلەر، تەڭپۇڭلۇق ساقلاش كېرەك بولغان جەھەتلەر ۋە يۈز بەرگۈسى نەتىجىلەر ھەققىدە پىكىرلىشەتتى. بۇلار ئىقتىسادىي ھېساب – كىتاب ئىشلىرىغا ئەسلا ئوخشىمايتتى، بەلكى ۋەتەن، مىللەت، دىن، ئېتىقاد، مىراس، بايلىق ۋە تارىخ نۇقتىسىدىن يىراق كەلگۈسىنى كۆرۈش، شۇنداقلا تارىخ ۋە تېرەن مەدەنىيەت ھەمدە ئېتىقادىي، ئىبادەت ۋە ياشاش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئىسلامىي مەنسۇبىيەت يولىدىكى پىداكارلىق ۋە قۇربان بېرىشكە بېرىپ تاقىلاتتى.

بۇ مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ھەل قىلغۇچ داۋاسى بىلىم بولۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىر چارە يوقتۇر. بۇ تۈنۈگۈنكى تولغاق ئۈچۈن بۈگۈن مۇنداقلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان چولتا پىكىر ئەمەس ئىدى، ئەلبەتتە. ئەھمەد پاختا بۇ پىكىرنىڭ روياپقا چىقىش مۇمكىنچىلىكىنى زىل دەڭسەپ، پىششىق ئورۇنداش يولىدا پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئەتراپتىكى پىشقان باي – بايۋەچچىلەر، ئايدىڭ تەرەققىيپەرۋەرلەر ھەم ئىلىم – مەرىپەتكە شەيدا كىشىلەرنى سەپەرۋە قىلىدۇ. بىز ئەنە شۇنداق ئۆتكۈر پىكىرلىك، ئالاھىدە بىر توپ كىشىنىڭ ئۆز مىللىتى، ئەقىدىسى، دىنى، تارىخى ۋە كېلەچىكىگە قىلغان خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، تەقدىرلەش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىغا ئالاھىدە ئورۇن بەرمەكتىمىز.

ئەھمەد پاختىنىڭ مىللىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىدىن بىرى ئۆز مىللىتىنىڭ ئەۋلادلىرىنى تەربىيەلەش بولۇپ، ئۇ بۇ خىزمەتنى ئۆز ئوغلى غۇلامىدىن بىلەن باشلىغان. ئۇ «بىلىم ھەممىدىن مۇھىم» دېگەن شوئار ئاستىدا، مىللەت ئەۋلادلىرىنىڭ تەلىم – تەربىيەسىگە قانداق كۆڭۈل بۆلگەن بولسا، ئوغلى غۇلامىدىنغىمۇ شۇنداق كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، غۇلامىدىن پاختا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تەلىم – تەربىيەسىنى قەشقەر شەھىرىدىكى مەكتەپلەردە ئالىدۇ.

ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن 20 – يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 40 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان 20 يىل جەرياندا شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدا نۇرغۇن ئىسلامىي ئىنقىلابلار، كەسكىن جەڭلەر ۋە چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەردى. بۇ مەزگىلدە جەمئىيىتىمىزدە بۈركۈت ۋە كەپتەرگە ئوخشاش ئىككى خىل كىشىلەر توپى شەكىللەندى. «ئۇچار قۇشلار ئۆز خىللىرى بىلەن بىللە بولىدۇ» دېگەندەك، بولۇشقا تېگىشلىك ئىش بولدى. «ھەر ئادەم (ھىدايەت ۋە گۇمراھلىقتا) ئۆز يولى بويىچە ئىش قىلىدۇ، پەرۋەردىگارىڭلار كىمنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ»(17/«ئىسراﺋ»: 84).

ۋەتىنىمىزنىڭ بۈركۈتلىرى سېرىق، كەپتەرلىرى قارا بولۇپ، خەلق قاپقارا، دەھشەتلىك كۈنلەردە قالدى، ۋەتەنپەرۋەرلەرگە كەڭ زېمىن تار كەلدى. ئۇلار ھىمالايا تاغلىرىدىن ئۆتۈپ ھىندىستان، كەشمىر، ئافغانىستان، ئەرەبىستان، تۈركىيە، مىسىر، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرى ھەمدە ئامېرىكا، گېرمانىيە غەرب دۆلەتلىرىگە كېتىشكە مەجبۇر بولدى. غۇلامىدىن پاختانىڭ دادىسى ئەھمەد پاختامۇ ئائىلىسى ۋە بالىلىرىنى قويۇپ تۈركىيەگە (يەنى ئىستانبۇلغا) كەتكەن بولۇپ، بۇ ئىشلار تەخمىنەن 30 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يۈز بەرگەن ئىدى.

1949 – يىلى مۇدھىش قىيان ھەممە يەرنى باستى، بۇ قىياندا نە تۈزلەڭلىك، نە تاغ ساق قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇستاز غۇلامىدىن پاختا ئەزىز ۋەتىنىنى تاشلاپ دادىسىنىڭ يېنىغا، تۈركىيەگە كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

ئۇ (چەتئەلگە چىقىپ) قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە گېرمانىيەدىكى «ئامېرىكا ئازادلىق ئاۋازى» رادىيوسىدا ئىشلەشكە تاللىنىپ، رادىيو ئىستانسىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى بولدى. ئۇ بۇ ئورگاندا تاكى ئاڭلىتىش توختىتىلغان 1976 – يىلىغىچە 20 يىلغا يېقىن ئىشلىدى. كېيىن ئۇنىڭ خىزمىتى نيۇيوركتىكى «پان ئامېرىكان شىركىتى»گە يۆتكەلدى. تەقدىرنىڭ قىسمىتى بىلەن ئۇ مەزكۇر شىركەتتە توختاملىق ئىشلەۋاتقان چاغدا، ئامېرىكا گراژدانلىقىغا ئۆتتى ۋە ھازىر (1986- يىلى) مۇ شۇ شىركەتتە ئىشلەۋاتىدۇ.

ئۇ كۈندىلىك خىزمىتى بىلەن بىرگە، ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ۋە تۈركىيەدىكى گېزىت – ژۇرناللار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە يىغىنلار ئارقىلىق ئۆز كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇنىڭ ئا ق ش دىكى تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار جەمئىيىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي پائالىيەتلىرىدە، ئەقىدە ۋە دىنىي ساھەدە ئالاھىدە كۆزلىگەن نىشانلىرى بار.

ئۇنىڭ چوڭقۇر بىلىمى، كەڭ چۈشەنچىسى ۋە ھىجرەت قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە يازغان تالاي ماقالىلىرى ئارقىلىق توپلىغان تەجرىبىلىرى ئىلمىي نەتىجىلىرى، ئىقتىدارى ۋە سالاھىيىتىدىن ئېشىپ چۈشەتتى. بەلكىم ئۇ تاقىتىدىن ئارتۇق ياكى قابىلىيىتىدىن يۇقىرى خىزمەت قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئانا تىلىدىن باشقا ئىنگلىز، تۈرك ۋە پارس تىللىرىنى پىششىق بىلىدۇ.

ئۇ بەش ۋاقىت نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇيدۇ، رامازان روزىسىنى تۇتىدۇ، ھېيت، جۈمە ۋە جامائەت نامازلىرىغا قاتنىشىدۇ، بەزى كېچىلىرى تەھەججۈد ۋە ۋىتىر نامىزى ئوقۇيدۇ، بۇرۇن يېتىپ، بالدۇر تۇرىدۇ، خىزمىتىنى ئىزچىل ۋە سەمىمىي ھالدا قىلىدۇ. ئۇ يەنە تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ نيۇيورك شەھىرىنىڭ سىرتىدا مېۋىلىك باغلار، گۈل – گىياھلار بىلەن قورشالغان بىر داچىسى بار. ئائىلە تۇرمۇشىدا زامانىۋى قولايلىقلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇت.

غۇلامىدىن پاختا ناھايىتى رەتلىك كىيىنىدىغان، ئوتتۇرا بوي، يۇمىلاق يۈزلۈك، مەڭزى قىزىل؛ تىلى راۋان، ھازىر جاۋاب، خۇشخۇي، كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان، كۆپلىگەن لەتىپە ۋە قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى يادقا بىلىدىغان كىشى ئىدى. پەقەت كېرەك بولغاندىلا سۆزلەيتتى، ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ۋە يامان كۆرۈش پرىنسىپىدىن باشقا ئورۇندا ھېچكىمنىڭ غەيۋىتىنى قىلمايتتى. كىنوخانا، ئويۇن – تاماشا سورۇنلىرى قاتارلىق جايلارغا بارمايتتى. ئائىلىسىنى ۋە ئائىلە تۇرمۇشىنى ياخشى كۆرەتتى ۋە قەدىرلەيتتى. ئۇنىڭ بىر ئايالى، بىر ئوغۇل ۋە بىر قىزى بار.

ئۇ بەزىدە ئىسلام دۆلەتلىرىگە ساياھەت قىلاتتى، تىنچ مۇھىتنى ياقتۇراتتى، ئەدەبىي سۆھبەتلەرنى ياخشى كۆرەتتى، ئەدىبلەر سورۇنىغا قاتناشماي قالمايتتى. ھەر خىل تىللارنى (ئۆزى بىلىدىغان تىللارنى) ياخشى كۆرەتتى ۋە ئۇ تىللاردا شېئىر يازاتتى. شېئىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كونا تۈركىي تىلىدا يېزىلغان ئىدى. پىكىرلىرىنى ناھايىتى ئوچۇق – يورۇق ئىپادىلەيتتى، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سۆزلىگۈچىنىڭ گېپىنى زەن قويۇپ ئاڭلايتتى. نامرات، مىسكىن ۋە بىچارىلەرنى ياخشى كۆرەتتى ۋە ياردەم قىلاتتى.

ئۇ ئەدەبىيات ۋە شېئىرىيەتكە قىزىقىدىغان بولۇپ، سۆزلىگەندە ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن نەقىللەرنى كەلتۈرىدۇ. ماقال – تەمسىللەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ، جۈملىلىرى راۋان ۋە چۈشىنىشلىك، مەنىسى مۈجمەل سۆزلەرنى ئىشلەتمەيدۇ. ئۇ ناھايىتى زېرەك بولۇپ، كۈچلۈك ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئەدەبىي تەنقىدكە ماھىر، ئۆزىمۇ تەنقىدنى قوبۇل قىلىدىغان كىشى ئىدى.

ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇنىڭ ئوي – پىكىرلىرى خاتىرىلەنگەن بىر توپلام ياكى دەپتەرلەردە جەملەنگەن قوليازما ئەسەرلىرى ۋە لېكسىيە ئورگىناللىرى بار. ئۇنىڭ ھەر خىل تىللاردىكى كونا – يېڭى كىتابلار بىلەن تولغان كۇتۇبخانىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئىلمىي ۋە مەدەنىي مىراسلارنى، شەرق ناخشىلىرى ۋە تارىخىي فولكلورلۇق فىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىچىك لېنتا ئارخىپى بار. يەنە ئۇنىڭدا تارىخ مابەينىدە يىغىلغان ئىسلامىي مىراس ۋە ئەنئەنىلىرىمىزگە تەۋە نادىر كىتاب ۋە ماتېرىياللارمۇ بار.

ئۇ كىتاب توپلاش ۋە ئىزدەشتىن زېرىكمەيدۇ، شۇنداقلا قولىدىكى كىتابلارنى باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشى ۋە تېخىمۇ كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئۇلىشىشى ئۈچۈن تەلەپكارلارغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ يەنە يۇقىرىقىلاردىن باشقا نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بار. ئاللاھتىن ئۇنىڭ دىن ھەم ۋەتەن خىزمىتىدە ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىشىنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنى كۆپەيتىپ بېرىشىنى تىلەيمىز، ئاللاھ دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر. ئۇ ھازىر (1986- يىلى) 56 ياشتا بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئارزۇسى بار، يەنى ئۆزى ۋە ئائىلىسى بىلەن ئەقىدە، دىن ۋە ئىمانغا بولغان مۇھەببىتى ۋە ئاللاھ تائالاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب ئىسلام ئەللىرىدىن بىرىگە كۆچۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ مەقسەتكە يەتكۈزگۈچىدۇر.

مەن غۇلامىدىن پاختىنىڭ بۇ تەرجىمىھالىنى ئۇنىڭ 1983 – يىلى سەئۇدىي ئەرەبىستانغا قىلغان ئاخىرقى زىيارىتىدە، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقتىمدا ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغانلىرىم، شۇنداقلا ئۆزى يازغان تۈرلۈك ماقالە ۋە يازمىلاردىن بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرى، يەنى ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانى ھەم تۈركىيەدىكى، ھەم كېيىنكى گېرمانىيە ۋە ئامېرىكىدىكى تۇرمۇشى ھەققىدىكى بايانلاردىن تېرىپ يىغىپ، رەتلەپ يېزىپ چىقتىم.

مەرھۇم ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

تەرجىمىدە: ئابدۇرراززاق رەجەب

ئەسكەرتىش: بۇ تەرجىمىھال 1986 – يىلى يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مەرھۇمنىڭ تۇغۇلغان يىلى (ھ. 1346 /م. 1928) دېيىلگەن.

 

Please follow and like us: