Turpanliq_mujahid_alim_edib_damolla_abdullah_ne'imiy

تۇرپانلىق مۇجاھىد ئالىم، ئەدىب، داموللا ئابدۇللاھ نەئىمىي

(ھ. 1314 — 1357 / م. 1896 — 1938)

 

تولۇق ئىسمى ئابدۇللاھ ئىبنى نېئمەتۇللاھ تۇرپانىيدۇر. تۇرپان شەھىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوتتۇرىسى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان چوڭ شەھەردۇر.

ئابدۇللاھ داموللام سودا – تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باي بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىك چېغىدىن باشلاپلا ئىلىم – مەرىپەتكە ئىنتايىن ھېرىسمەن ئىدى. ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا سەۋىيەدىكى ئوقۇشلىرىنى تۇرپان شەھىرىدىكى ناھايىتى كەم تېپىلىدىغان، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆلىما – ئۇستازلاردا ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن، ئىلىم مەركىزى بولغان قەشقەرگە كېلىپ، 1922 – يىلى قەشقەر شەھىرىدىكى ئالىي ئىلىم مەركەزلىرىدە ئوقۇشىنى تاماملىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغان ئانا يۇرتىغا قايتىپ، بىر مەزگىل مۇدەررىسلىك قىلغان. ئاندىن غۇلجىغا، ئۇ يەردىن چۆچەككە بېرىپ، ئۇستاز مۇراد رەمزى ئەپەندى ھەزرەتلىرىدىن ئەرەب تىلى، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، تارىخ ۋە باشقا زامانىۋى ئىلىملەرنى تەلىم ئالغان. ئاندىن ئانا يۇرتى تۇرپانغا قايتىپ، ئۇستازلىرى بىلەن بىرگە، 1931 – يىلىغىچە مۇدەررىسلىك قىلغان.

ئابدۇللاھ داموللامنىڭ يېشى تەخمىنەن قىرىقتىن ئاشقان ۋاقىتلاردا، 1931 – يىلى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ئىسلام ئىنقىلابىغا قاتناشقان. ئىنقىلابقا قاتنىشىشتىن بۇرۇن تارىخ ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە بىرقانچە ئەسەر يازغان. مۇبارەك ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ پارلاق نۇرى چاقنىشى بىلەنلا ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، ئۈستىگە ۋەزىپە ئالغان، مۇجاھىدلارغا ۋەز – نەسىھەت قىلغان ۋە كۇفرى بىلەن ئىمان ئارىسىدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭلەردە مۇسۇلمانلارنى جىھاد قىلىشقا، شېھىدلىككە ۋە قەھرىمانلىققا رىغبەتلەندۈرگەن. ئۇ ھەقىقىي بىر مۇئمىن، ئېسىل بىر مۇجاھىد، شىجائەتلىك باتۇر، يۇقىرى ئاۋازلىق كىشى ئىدى. ئۇنىڭ تىلى ھەر دائىم ئاللاھقا يېلىنىپ دۇئا قىلىپ تۇراتتى، كۆزلىرى قۇرئان سايىسىدا شېھىدلىقنى ئارزۇ قىلىپ جانلىرىنى پىدا قىلىدىغان قەھرىمان مۇجاھىدلارنىڭ قوللىرىدا چاقناۋاتقان قىلىچلار ئاستىدا، دائىما ياش تۆكەتتى، ئاغزىدىن تەۋھىد كەلىمىسى شىددەتلىك ھۇجۇملاردا كاپىرلارغا قارشى ئېتىلغان توپ – زەمبىرەكلەرنىڭ گۈلدۈرلىشىدەك چىقاتتى. ئۇ جەڭلەردە ئاق تۇلپار ئۈستىدە تۇرۇپ قوماندانلىق قىلاتتى، پېشانىسىدە قىزىل رەخت كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۈستىگە ئاق سەللە كىيىۋالاتتى، سەللىسىنىڭ ئۇزۇن پۆپۈكى سول مۈرىسىدىن چۈشۈپ تۇراتتى. ئۇ يەتتە يىل ئۇدا جىھاد قىلىپ، ئىسلام ئارمىيەسى ئىچىدە ئوقۇتقۇچى، ۋەزخان، يېتەكچى، ئامانەتدار، مۇشاۋىر، ئىدارىچى، مۇپتى ۋە قازىي بولغان ئىدى.

1937 – يىلى بۇزغۇنچى، خائىنلارنىڭ پىلانلىشى بىلەن ۋەتەنپەرۋەر مۇجاھىدلارغا قارشى بوران – چاپقۇنلار كۈچەيگەندە، ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، ھىندىستانغا كەلگەن ۋە شۇ يەردە بىر يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق تۇرغان.

1938 – يىلى جىھادتىكى سەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ھەمدە جۇڭگو ئىچىدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئۇرۇش ياكى تىنچلىق يولى بىلەن قايتا ھەرىكەت قىلىشنى ئويلاپ شاڭخەيگە سەپەر قىلغان. بىراق، پېشانىسىگە پۈتۈلگەن ئەجەل ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرمىگەن. ئۇ شاڭخەيگە بېرىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن ۋاپات بولغان. باشقا بىر رىۋايەتتە «ئوتتۇز كۈندىن كېيىن ۋاپات بولغان» دېيىلگەن.

ھىندىستاندا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، جۇڭگوغا ماڭغاندا ئۇزىتىپ قويغان ساۋاقدىشىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھىندىستاندىن شاڭخەيگە سەپەر قىلغان كۈنىمۇ كېسەل ئىكەن. (ئۇ شاڭخەيگە بېرىپ)، ئۆزىنىڭ بالىلىق دوستى ھەم ساۋاقدىشى باي ئەزىزىينىڭ ئۆيىگە چۈشكەن. بۇ چاغدا ئۇ شۇنچىلىك ھالسىزلىنىپ كەتكەن ئىدىكى، بىر ئېغىز گەپمۇ قىلالمىغان. ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن قىلىنغان تىرىشچانلىقلار ۋە دورىلارمۇ ئۈنۈم بەرمىگەن. ئاخىر ئۇ دوستى بىلەن پانىي دۇنيادىن ئاخىرەتكە سەپەر قىلغانغا قەدەر پاراڭلىشالماي، 1938 – يىلى 5 – دېكابىردا ۋاپات بولغان ۋە شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىيە ۋە ھىجاز زېمىنلىرىغا سەپەر قىلىپ، كۆرگەن – بىلگەنلىرى ھەم كېيىنكى مەزگىلدە زىيارەت قىلغان ئىسلام ئەللىرى ۋە قوشنا دۆلەتلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇ ھۆرمەتلەشكە ۋە قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان، ھەققىدە دۇئا قىلىشقا تېگىشلىك يازمىلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قوليازما ھالەتتە بولسىمۇ، نادىر بايلىق ۋە ئىلمىي مىراسلار ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا داموللامنىڭ تەجرىبە – ساۋاقلىرى ھەمدە مىللىتى، دىنى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن ئىمان – ئەقىدە يولىدىكى ئاچچىق كۈرىشىنىڭ جەۋھەرلىرى بار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ھەر ئادەم (ھىدايەت ۋە گۇمراھلىقتا) ئۆز يولى بويىچە ئىش قىلىدۇ، پەرۋەردىگارىڭلار كىمنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ﴾(17/«ئىسراﺋ»: 84). ئاللاھ تائالا توغرا يولغا باشلىغۇچى ۋە سالىھ كىشىلەرنى ھىمايە قىلغۇچى زاتتۇر.

ئاللاھ تائالادىن ئۇنى ئاخىرەتتە شېھىدلەر قاتارىدا قىلىشىنى تىلەيمىز. قولىمىزدا ئۇنىڭ 1931 – يىلىدىكى تۈركىستان ئىنقىلابى ھەققىدە يازغان ئوتتۇرا ھەجىمدىكى بىر رىسالىسى بار. رىسالە قىسقا بولسىمۇ، باشقا كىتابلاردا كەم تېپىلىدىغان ياكى ھېچ تېپىلمايدىغان قىممەتلىك مەلۇماتلارغا تولغان. ئۇ رىسالىسىنىڭ ئاخىرىغا دىنى، مىللىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىسلام ئىنقىلابىدىكى غەيرەت ۋە ئىخلاس يالقۇنلاپ تۇرىدىغان شېئىرلارنى قوشقان. بۇ ئەسەرىدىن بىز ئۇنىڭ ئىدارە قىلىش ۋە ئىقتىساد باشقۇرۇشقا ئالاقىدار مول بىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھۇجۇم قىلىش ۋە چېكىنىش تاكتىكىسى، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش، پىداكارلىق ۋە قۇربانلىق تەلەپ قىلىدىغان شىددەتلىك جەڭلەردە كەسكىن قارار چىقىرىش ئۇسلۇبىغا ئىگە كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇنىڭ دىپلوماتىيە ئۇسلۇبىدا، دەلىل – ئىسپاتسىز گەپ قىلمايدىغان، پەقەت قايىل قىلارلىق دەلىل – ئىسپاتقىلا بويسۇنىدىغان خاراكتېرى بار ئىدى. ئۇ ناھايىتى سۆزمەن، پارسچە، خەنزۇچە ۋە ئەرەبچە قاتارلىق بىرقانچە تىلنى پىششىق بىلەتتى. ئۇنىڭ بۇ يۈكسەك ئىلمىي تالانتى ئۇرۇش دەۋرىدىكى، جەڭ مەيدانلىرىدىكى سىياسىي يازمىلىرىدا ۋە نۇتۇقلىرىدا نامايان بولغان. ئۇنىڭ يەنە بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن مۇھىم پائالىيەتلىرى بولۇپ، مۇشۇنچىلىك مەلۇماتلار بىلەن كۇپايىلىنىمىز. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.

 

مەرھۇم ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

تەرجىمىدە: ئابدۇرراززاق رەجەب

Please follow and like us: