ئىسلامىي ئاتالغۇلار

ئىسلامىي ئاتالغۇلار(5)

ھاجەت نامىزى (صَلاَةُ الْحَاجَةِ): كىشى ھاجىتىنىڭ راۋا قىلىنىشىنى تىلەپ نەپلە ناماز ئوقۇش چەكلەنمىگەن ۋاقىتلاردا ئوقۇيدىغان ئىككى ياكى تۆرت رەكئەت نەپلە نامازدۇر. فۇقەھائلار نەزەرىدە بۇ نامازنى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى مۇستەھەب. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە دېگەنكى: «بىرىڭلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ياكى بىرەر كىشىگە ھاجىتى چۈشسە، كامىل تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسۇن. ئاندىن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) گە دۇرۇد يوللىسۇن. ئاندىن بۇ دۇئانى ئوقۇسۇن: ‹لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ الْحَلِيمُ الْكَرِيمُ سُبْحَانَ اللَّهِ رَبِّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ أَسْأَلُكَ مُوجِبَاتِ رَحْمَتِكَ وَعَزَائِمَ مَغْفِرَتِكَ وَالْغَنِيمَةَ مِنْ كُلِّ بِرٍّ وَالسَّلَامَةَ مِنْ كُلِّ إِثْمٍ لَا تَدَعْ لِي ذَنْبًا إِلَّا غَفَرْتَهُ وَلَا هَمًّا إِلَّا فَرَّجْتَهُ وَلَا حَاجَةً هِيَ لَكَ رِضًا إِلَّا قَضَيْتَهَا يَا أَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ / ناھايىتى كۆيۈمچان ۋە كەرەملىك ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. بۈيۈك ئەرشنىڭ ئىگىسى ئاللاھ بارلىق ئەيىب – نۇقساندىن پاكتۇر. بارلىق مەدھىيە مەۋجۇداتلارنىڭ ئىگىسى ئاللاھقا خاستۇر. ئى ئاللاھ! سەندىن رەھمىتىڭنىڭ ۋەسىيلىلىرىنى، مەغپىرىتىڭنىڭ سەۋەبلىرىنى، ھەر ياخشىلىققا نېسىپدار بولۇشۇمنى ۋە ھەر گۇناھتىن سالامەت قېلىشىمنى سورايمەن. ئى ئاللاھ! ھېچقانداق گۇناھىمنى قويماي كەچۈرگەيسەن، ھېچقانداق غەم – ئەندىشەمنى قويماي يوق قىلغايسەن ۋە سەن رازى بولىدىغان ھەر قانداق ھاجىتىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرگەيسەن، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن›»(تىرمىزىي، 479). يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاندىن ئاللاھتىن دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىدىن خاھلىغىنىنى سورايدۇ، شۇنداق قىلسا، ئۇ ئىش نېسىپ قىلىنىدۇ» دېيىلگەن(ئىبنى ماجە، 1384). بۇ ھەدىسلەر زەئىف بولسىمۇ بۇ ئىسلامدىكى بىرەر ئاساسقا زىت كەلمەي، ناماز ۋە دۇئادىن ئىبارەت ئەمەلنىڭ دائىرىسى ئىچىدە بولغاچقا ھەم بۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا زەئىف ھەدىسلەر بولغاچقا، كۆپچىلىك ئالىملار بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلىشنى تاللىغان. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 247 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 27 / 211، 212، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ھادىس (الْحَادِثُ): ئەرەبچىدە: «پەيدا بولغان ۋە پەيدا بولغىنىغا ئۇزۇن زامان بولمىغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەقىدەشۇناسلار ئىستىلاھىدا ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ: بىرى، «يوقلۇقتىن كېيىن مەۋجۇد بولغۇچى»؛ يەنە بىرى، «مەۋجۇد بولۇشىدا باشقا بىرنەرسىگە موھتاج بولغان نەرسە». بۇ «قەدىم» سۈپىتىنىڭ قارىمۇقارشىسى بولۇپ، پەيدا قىلىپ يارىتىلغان، ئىپتىداسى (باشلىنىشى) ۋە ئىنتىھاسى (ئاخىرلىشىشى) بولغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 110 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1405؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 512 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003.

ھاراق (الْخَمْرُ): ئۈزۈم ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئېچىپ مەس قىلىدىغان دەرىجىگە يەتكەن شەربىتى. ئېچىغانلىقتىن ياكى ئەقىلنى ياپقانلىقتىن «ياپماق (خَمْرٌ)» دەپ ئاتالغان. ئەقىلنى پەردىلەيدىغان ھەرقانداق نەرسە ھاراق بولىدۇ. ھەدىستە «مەست قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسە ھاراقتۇر»(«مۇسلىم»، 2003) دېيىلگەن. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 179 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

ھارام (الْحَرَامُ): ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەسكىن بۇيرۇق بىلەن قىلىنىشى چەكلەنگەن نەرسە بولۇپ، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچى ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ جازالىشىغا دۇچار بولىدۇ، بەلكى دۇنيادىمۇ شەرئىي جازاغا ﺋﯘﭼﺮىشى مۇمكىن. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 1 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ھافىز (الْحَافِظُ): ئەرەبچىدە «ساقلىماق، قوغدىماق ۋە ياد ئالماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان ھىفز (الْحِفْظُ) كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «ھەدىسلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى يادقا ئالغان ۋە ئۇنىڭ سەنەدلىرىنى مەتىنلىرى بىلەن قوشۇپ بىلگەن ئالىم»دۇر. مەسىلەن، خەتىب باغدادىي، ئىمام زەھەبىي ۋە ئىبنى ھەجەر قاتارلىقلار. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 148 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003.

ھـالال (الْحَلَالُ): ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان، چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان نەرسىدۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 1 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ھام (حَام): جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر ئەركەك ھايۋان ئون ھايۋاننىڭ تۆرىلىشىگە سەۋەبچى بولسا، «دۈمبىسىنى ساقلىدى» دەپ ئۇنىڭغا مىنمەيتتى، يۈك – تاقمۇ ئارتمايتتى. بۇنداق ھايۋانلارغا «ھام» دەپ قوياتتى. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 15 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ھاۋالە (الْحَوَالَةُ): ئەرەبچىدە «ئۆزگەرمەك، يۆتكەلمەك ۋە كۆچمەك» دېمەكتۇر. شەرىئەت ئىستىلاھىدا: بىر زىممىدىكى (بويۇندىكى) قەرزنى باشقا بىر زىممىگە يۆتكەشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، قەرزدار بىرسىگە: «پالانىنىڭ مەندىكى پۇلىنى سەن بېرىپ قوي»، دېسە ياكى بىرسى قەرز ئىگىسىگە: «پالانىدىكى پۇلۇڭنى مەندىن ئېلىۋال، دېسە، قوبۇل قىلسا، ھاۋالە بولىدۇ ۋە ئۈچ تەرەپنىڭ رازىلىقى بىلەن قەرز قەرزدارنىڭ زىممىسىدىن ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ زىممىسىگە يۆتكىلىدۇ. ھاۋالەنىڭ جائىزلىقى سۈننەت ۋە ئىجماﺋ بىلەن سابىتتۇر. بۇ شەرىئەتنىڭ كەڭچىلىكى بولۇپ، بۇنىڭدا قەرزدىن قۇتۇلۇش، سۆرۈلگەن ھەقنى قولىغا ئېلىش، تالاش – تارتىشنى تۈگىتىش ۋە زىياندىن قوغداش قاتارلىق ھېكمەتلەر باردۇر. قەرز ئىگىسىنىڭ ھاۋالەنى قوبۇل قىلىشى كۆپچىلىك فۇقەھائنىڭ نەزەرىدە مۇستەھەب، بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە ۋاجىبتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 18/185، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ھەببە (الْحَبَّةُ): «دان ۋە دانە» دېگەن مەنىدىكى قەدىمدە قوللىنىلغان ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ، كېپەك ئالتۇن ياكى كۈمۈشنىڭ ئەڭ ئۇششاق بۆلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئېغىرلىقى 72 ياكى 100 ھەببە 1 تىللا (4.25 گرام)غا تەڭ. قاراڭ: دوكتور ئەلى جۇمۇئە: «المكاييل والموازين الشرعية (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 22 – بەت، دارۇلقۇدۇس، قاھىرە، م. 2021؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 14/343 – 346، ئىستانبۇل، م. 2012.

ھەتىم/ھىجر (الْحَطِيمُ/الْحِجْرُ): كەئبەنىڭ نورى ئاستىغا توغرا كېلىدىغان، ئىككى ئۇچى كەئبە تېمىغا تۇتاشمايدىغان قورۇق (پاكار تام) بىلەن چۆرىدەلگەن يېرىم چەمبەر شەكىللىك بوش يەرنىڭ نامى. بۇ يەر كەئبەنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، تاۋاپ قىلغاندا ئۇنىڭ سىرتىدىن ئايلىنىش كېرەك. ئۇ يەردە گۇناھلار پاچاقلىنىپ كېتىدۇ دەپ قارىلىپ شۇنداق ئاتالغان. بۇ يەر كەئبەنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئايرىم تۇتۇلغانلىقتىن يەنە ھىجر (الْحِجْرُ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا /  فۇئات گۈنەل: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 694 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 17/455 – 456، ئىستانبۇل، م. 2017.

ھەج (الْحَجُّ): ئەرەبچىدە «بىرنەرسىنى ئىرادە قىلماق، كۆزلىمەك، تەكرار بارماق ۋە چوڭ بىلىدىغان نەرسىنى كۆزلەش» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. شەرىئەتتە: «ھەج ئايلىرىدا ئىھراملىق ھالەتتە تەلبىيە توۋلاپ بەيتۇللاھقا ۋە ئەرافاتقا ئاتلىنىپ ئەرافاتتا تۇرۇش، كەئبەنى تاۋاپ قىلىش ۋە سافا – مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش بىلەن ئادا قىلىنىدىغان ئىسلامنىڭ بەش رۇكنىنىڭ بىرى بولغان ئۇلۇغ ئىبادەت»تۇر. ھەج قۇربى يەتكەن ھەربىر مۇسۇلمانغا ئۆمرىدە بىر قېتىم پەرزدۇر. ھەج پائالىيەتلىرى ھەر يىلى زۇلھەججەنىڭ 8 – كۈنىدىن 13 – كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەج ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار: ھەج تەمەتتۇﺋ (التَّمَتُّعُ)، ھەج قىران (الْقِرَانُ) ۋە ھەج ئىفراد (الإِفْرَادُ) تۇر. ھەج تەمەتتۇﺋ ياكى ھەج قىران قىلغان كىشىنىڭ ھەدىيە قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىبتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 17/23 – 43، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ھەجەر (هَجَر): يەر ئىسمى. ھازىرقى كۇۋەيتنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 66 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ھەجەرۇلئەسۋەد (الْحَجَرُ الأَسْوَدُ): «قاراتاش» دېگەن مەنىدە بولۇپ، كەئبەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي بۇرجىكىگە تاۋاپنى باشلاش نۇقتىسىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە قويۇلغان، يەردىن 1.5 مېتىردەك ئېگىزلىكتە، دىئامېترى تەخمىنەن 30 سانتىمېتىرلىق ۋە تۇخۇمسىمان شەكىلدە ۋە قارىغا يېقىن قېنىق قىزىل رەڭلىك بىر تاشتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا / ئىلياس چەلەبى: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى» (تۈركچە) «Hacerülesved» ماددىسى، (قىسقارتىلدى)، ئىستانبۇل، م. 1996، 14/433 – 435.

ھەججى ئەكبەر كۈنى (يَوْمُ الْحَجِّ الأَكْبَرِ): بۇ «قۇرئان كەرىم» (9/«تەۋبە»: 3 – ئايەت) دە ۋە ھەدىس شەرىفلەردە كەلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ھىجرىيە كالېندارىنىڭ 12 – ئېيى زۇلھەججەنىڭ 10 – كۈنى بولمىش قۇربانلىق كۈنىدۇر. بۇ كۈننىڭ كېچىسىدە ئەرافاتتا تۇرۇش، مۇزدەلىفەدە قونۇش، كۈندۈزىدە شەيتانغا تاش ئېتىش، قۇربانلىق قىلىش، چاچ چۈشۈرۈش، تاۋاپ ۋە سەئيى قىلىش قاتارلىق ھەج ئەمەللىرى ئادا قىلىنىدىغان بولغاچقا، شۇنداق ئاتالغان. دېمەك، بۇ ئەمەللەرنىڭ ئۆزى «ھەججى ئەكبەر» دەپ ئاتالسا، شۇ كۈن «ھەججى ئەكبەر كۈنى» دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى ئالىملار ھەجنى چوڭ ھەج، ئۆمرەنى كىچىك ھەج دەپمۇ ئاتايدۇ. يەنە بەزىلەر بۇ ھەقتە كەلگەن بەزى ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ: «ھەججى ئەكبەر كۈنى ئەرافات كۈنى» دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر: «ھەج كۈنلىرىنىڭ ھەممىسى» دەپمۇ قارايدۇ. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 83/10، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز.

ھەج تەمەتتۇﺋ (التَّمَتُّعُ): يەنى ھەج ئايلىرىدا ئالدى بىلەن ئۆمرەگە ئىھرام باغلاپ كېلىپ، ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىھرامدىن چىقىپ كۈتۈپ تۇرۇپ، ھەج كۈنلىرى كەلگەندە شۇ يىلقى ھەجگە قايتا ئىھرام باغلاپ ھەج قىلىشتۇر.

ھەج قىران (الْقِرَانُ): يەنى ھەج ئايلىرىدا ئۆمرەگە ئىھرام باغلاپ، ھەجنى شۇ بىر ئىھرام بىلەن بىللە قىلىشتۇر. شۇنىڭغا ھەم دىققەت قىلىش كېرەككى، بىر قىسىم ھەدىس ۋە سەلەفلەرنىڭ بايانلىرىدا «ھەج قىران» يەنە «ھەج تەمەتتۇﺋ» دەپمۇ ئىپادىلەنگەن. چۈنكى، «ھەج قىران» ۋە «ھەج تەمەتتۇﺋ» شەكلەن ئازراق ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىككىلىسى بىر قېتىمدا ئۆمرە بىلەن ھەجنى بىراقلا ئادا قىلىشتىن بەھرىمەن بولۇشتۇر.

ھەج ئىفراد (الإِفْرَادُ): يەككە ھەج يەنى ھەج ئايلىرىدا پەقەت ھەجگىلا ئىھرام باغلاپ ئۆمرە قىلماي يالغۇز ھەجلا قىلىشتۇر.

ھەجۇن (الْحَجُونُ): قەدىمكى مەككەنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدىكى كەدائغا قاراپ تۇرىدىغان تاغنىڭ ئىسمى بولۇپ، مەسجىدى ھەرەمدىن 4 – 5 كىلومېتىر يىراقلىقتىدۇر. بۇ جايدا قەدىمدە مەككەلىكلەرنىڭ قەبرىستانلىقى بار بولۇپ، خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قەبرىسىمۇ شۇ جايدىدۇر. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 2/418، دارۇ مەككە، مەككە، م. 2010.

ھەدىس قۇدۇسىي (الْحَدِيْثُ الْقُدُسِيُّ): قۇدۇسىي كەلىمەسى ئەرەبچىدە «پاكلىق، مۇقەددەسلىك، نۇقسانسىزلىق ۋە بەرىكەت» دېگەن مەنىلەردىكى «قۇدۇس/قۇدس» تومۇرىغا نىسبەت بولۇپ، «ھەرقانداق نۇقساندىن خالىي ئۇلۇغ ئاللاھقا خاس» دېگەنلىكتۇر. مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ‹قۇرئان كەرىم› سىرتىدا ئاللاھ تائالادىن رىۋايەت قىلغان ۋەھيى»نى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، «ھەدىس قۇدۇسىي»نىڭ مەزمۇنى ئاللاھتىن كەلگەن، نامازلاردا تىلاۋەت قىلىنمايدىغان ۋەھيى بولۇپ، ئىبارىلىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رىۋايەت قىلغانلىقتىن «ھەدىس» دەپ ئاتالسا، ئۇلۇغ زات پەرۋەردىگارغا نىسبەت بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن «قۇدۇسىي» دەپ ئاتالغان. «ھەدىس قۇدۇسىي» يەنە «ئىلاھىي ھەدىس (الْحَدِيثُ الْإِلَهِيُّ)»، «رەببانىي ھەدىس (الْحَدِيثُ الرَّبَّانِيُّ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «ھەدىس قۇدۇسىي»لەرنىڭ سانى يۈزدىن ئاشىدۇ. «ھەدىس قۇدۇسىي»لەرنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يېتىپ كېلىشى ۋەھيىنىڭ مەلۇم بىر خىل كەيفىيىتى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. بەلكى، چۈش كۆرۈش، دىلىغا سېلىش ۋە جىبرىلدىن ئېلىش قاتارلىق كەيفىيەتلەرنىڭ خاھلىغان بىرى بىلەن يېتىپ كېلىشى مۇمكىندۇر. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر ئەلھەيتەمىي «ئەلفەتھۇل مۇبىن (الْفَتْحُ الْمُبِيْنُ بِشَرْحِ الْأَرْبَعِيْنَ)»، 432 – بەت، ئەھمەد جاسىم قاتارلىقلار نەشرگە تەييارلىغان، دارۇلمىنھاج، جىددە، ﻡ. 2008؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 528 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003.

ھەد (الْحَدُّ): ئەرەبچىدە «توسماق، چەكلىمەك، مەنئ‍ قىلماق» (كۆپلۈكى ھۇدۇد: چېگرالار) مەنىسىدىكى سۆز بولۇپ، ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلار «ھۇدۇدۇللاھ (ئاللاھنىڭ توسۇقلىرى، چەكلىمىلىرى)» دەپ ئاتىلىدۇ. شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «دىن، نەسەب، مال – مۈلك، ئەقىل ۋە ئىپپەت – نومۇسنى قوغداش ئۈچۈن تۈرلۈك جىنايەتلەرگە قارىتا قامچىلاش، قول كېسىش، تاشبوران (چالما – كېسەك) ۋەياكى ئۆلۈم جازاسىغا ئوخشاش چېكى بېكىتىۋېتىلگەن ئېغىر جازا»دىن ئىبارەت. مەنتىق (لوگىكا) ئىلمىدە: «بىر شەيئىنىڭ ماھىيىتىنى بايان قىلغۇچى تەرىپ»تۇر. بۇ تەرىپ باشقا شەيئىلەرنىڭ ئۇ شەيئىنىڭ ماھىيىتى بىلەن ئورتاق بولۇشىنى چەكلەيدىغان بولغاچقا، شۇنداق ئاتالغان. ھەد ئادەتتە تولۇق (تام) ۋە قىسمەن (ناقىس) دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. كۆپلۈكى ھۇدۇد (الحُدُوْدُ) دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 506 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 17/139، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ھەرەم (الْحَرَمُ): مەككە ۋە مەدىنەدە چېگرالىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن دائىرىنى ئىپادىلەيدىغان «چەكلەنگەن، قوغدالغان، تەگكىلى بولمايدىغان» دېگەن مەنىلەردىكى ئاتالغۇ بولۇپ، «ھارام» كەلىمەسى بىلەن مەنىداشتۇر. زىيانداشلاردىن باشقا جانلىقلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە زىيان سېلىش ھارام قىلىنغانلىقى ئۈچۈن «ھەرەم» دېيىلگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن مەككە «بەلەدۇلھەرەم»، كەئبە «بەيتۇلھەرەم»، كەئبەنى ئوراپ تۇرغان مەسجىد «مەسجىدۇلھەرەم» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ نەزەرىدە يۈكسەك مەنىۋى قىممەتكە ئىگە بولغان مەككە شەھرى بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەسجىدى ۋە مەقبەرىسى جايلاشقان مەدىنە شەھرى «ھەرەمەين (ئىككى ھەرەم)» دەپ ئاتالغىنىدەك، مەسجىدى ئەقسا جايلاشقان قۇدۇس شەھرى ۋە بەزى پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرلىرى بار خەلىل شەھەرلىرىمۇ مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنەئى مۇنەۋۋەرەلەرگە ئوخشاش ئالاھىدە ھۆرمەتكە ئىگە بولمىسىمۇ، ھەربىرى مەنىۋى مەركەزلەر قاتارىدا كۆرۈلگەن ۋە مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن «ھەرەمەين» نامىدا ياد ئېتىلگەن. قاراڭ: قۇرئان كەرىم؛ ئىلمىي گۇرۇپپا / سالىم ئۆگۈت: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «Harem» ماددىسى، 16/127 – 130. (قىسقارتىلدى)، ئىستانبۇل، م. 1997؛ ج. گ. داۋىيېس (J. G. Davies)، دىن ئېنسىكلوپېدىيەسى (The Encyclopedia of Religion)، 382 – بەت، «Architecture» ماددىسى، 1/16، نيۇيورك، م. 1987.

ھەرەمئاي (الشَّهْرُ الْحَرَامُ): بۇ ئۇلۇغلاش ۋە ھۆرمەتلەش تەلەپ قىلىنغان، گۇناھ – مەئسىيەت ۋە تائەت – ئىبادەتنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتى ھەسسىلىنىدىغان، ئالاھىدە پەزىلەتلىك ئاي بولۇپ، ھىجرىي كالېندار بويىچە 11 -، 12 -، 1 – ۋە 7 – ئايلىرى بولمىش زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم ۋە رەجەب ئايلىرى ئاللاھ ئاسمان – زېمىننى ياراتقاندىن تارتىپ مەڭگۈلۈك ئۇلۇغلىنىدىغان ھەرەمئايلاردۇر. «ھەرەمئايلار» بولسا «قۇرئان كەرىم»دە (2/«بەقەرە»: 194، 217؛ 5/«مائىدە»: 2، 97؛ 9/«تەۋبە»: 5، 36 – ئايەتلەردە) تىلغا ئېلىنغان. بۇ تۆرت ئاينى ئۇلۇغلاش جاھىلىيەتتىكى ئەرەبلەردىمۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام زامانىدىن تارتىپ بار ئىدى. ئەمما، ئۇلار بۇ ئايلاردا پەقەتلا ئۆزئارا ئۇرۇش قىلمايتتى، قىساسمۇ ئالمايتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەبىي قىلىنىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، بۇ ئايلارنىڭ ھۆرمىتى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، بۇ ئايلاردا قىلىنغان جىنايەتلەرنىڭ جازاسىمۇ، تائەت – ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابىمۇ ھەسسىلىنىدىغان بولغان ۋە بۇ ئايلاردا زۇلۇم قىلىپ سېلىشتىن ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 5/50 – 52، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ھەررە ئۇرۇشى (يَوْمُ الْحَرَّةِ / وقعةُ الحَرَّةِ): ھ. 63 – يىلى زۇلھەججە / م. 683 – يىلى 27 – ئاۋغۇست كۈنى مەدىنە ئەتراپىدىكى سايلىقتا خەلىفە يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيەگە تەۋە شام قوشۇنى بىلەن مەدىنە ئاھالىسى ئوتتۇرىدا بولغان ئۇرۇش. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 13/219.

ھەرۇراﺋ (الْحَرُورَاءُ): كۇفەگە يېقىن بىر جاي بولۇپ، خاۋارىجلار ئەڭ دەسلەپتە شۇ يەردە توپلانغان. ئۇلاردىن بىر تائىپە «ئاياللار ھەيز كۈنلىرىدە تۇتالمىغان روزىلىرىنىڭ قازاسىنى تۇتقاندەك، ئوقۇيالماي قالغان نامازلارنىڭمۇ قازاسىنى ئوقۇيدۇ» دەپ قارايتتى. بۇ ئىجمائغا خىلاپتۇر. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 4/27، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز.

ﮪﻪﺯﺭﻩﻣﻪﯞت (حَضْرَمَوْتُ): يەمەندىكى قەدىمىي بىر شەھەر. ھازىر يەمەننىڭ شەرقىدىكى چوڭ بىر ۋىلايەت نامىدۇر.

ھەسەن ھەدىس (الْحَدِيْثُ الْحَسَنُ): لۇغەت مەنىسى «گۈزەل، چىرايلىق» دېمەك بولۇپ، ھەدىس ئىلمىدە: «سەھىھ ھەدىسنىڭ شەرتىنى ھازىرلىغان، لېكىن راۋىينىڭ سەھۋەنلىك سادىر قىلمايدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە بولۇشى شەرت قىلىنمايدىغان، سەھىھ ھەدىسنىڭ تۆۋەن دەرىجىسى ياكى زەئىف ھەدىستىن يۇقىرى، ئەمما سەھىھ ھەدىس دەرىجىسىگە يەتمىگەن ھەدىس»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 5 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ھەسبە ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ (لَيْلَةُ الْحَصْبَةِ): ﮪﻪﺟﺠﻪﺗﯘلۋەدﺍئدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشچىلىقىدىكى ھاجىلار مىنادىن قايتقاندا مەككە سىرتىغا جايلاشقان ئەلمۇھەسساب ۋادىسىغا چۈشكەن كېچە بولۇپ، بۇ «تەشرىق كۈنلىرى»دىن كېيىنكى، مىنادىن قايتىشتا ئەلمۇھەسساب ۋادىسىغا چۈشۈپ شۇ جايدا قونغانلىقتىن، «ھەسبە كېچىسى» دەپ ئاتالغان. «ھەسبە»، «ھەسباﺋ»، «ئەبتاھ»، «بەتھاﺋ»، «ئەلمۇھەسساب» ۋە «بەنى كىنانەنىڭ تاغ باغرى» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى مەككە بىلەن مىنا ئوتتۇرىدىكى بىر جاينىڭ نامىدۇر. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 3/288، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز.

ھەشۋىييەلەر (الحَشْوِيَّةُ): ئەرەبچىدە: «‹بىرنەرسىنىڭ ئىچىنى تولدۇرىدىغان قىممەتسىز نەرسە، خەشەك؛ ساياق، تايىنى يوق ئاۋام› دېگەن مەنىدىكى ھەشا (الحَشَا) ياكى ھەشۋ (الحَشْو) كەلىمەسىگە نىسبەت بېرىلگەن ئاتالغۇ» بولۇپ، ئەقىدە ئىلمى ئىستىلاھىدا: «(بۇ ئاتالغۇ مۇئەييەن بىر پىرقەنىڭ نامى بولماستىن) خىلمۇخىل مەزھەب ۋە پىرقەلەردە تېپىلىدىغان نەسلەرگە قارىغۇلارچە ئېسىلىۋېلىش، يۈزەكى چۈشىنىش، ئەقىلنى پۈتۈنلەي چەتكە قېقىش ۋە توقۇلما ھەدىسلەرنى تەكشۈرمەستىن قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئورتاقلىققا ئىگە بىر خىل ئومۇمىي يۆنىلىش، ئېقىم ۋە بىر خىل تەپەككۇر مېتودى»دىن ئىبارەت. شۇڭا بۇ، دىنىي ئەقىدىنى ئىسپاتلاشتا ئەقىل بىلەن نەقىلگە بىرلىكتە تايىنىدىغان قۇرئانىي مېتودتىن چەتنىگەن يۆنىلىشتۇر. ئادەتتە بۇ ئاتالغۇ ھەربىر پىرقە باشقا پىرقەلەرنى قارىلايدىغان بىر تىل – ھاقارەتكە ئايلانغان. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/177، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425 / م. 2004؛ قازى ئابدۇرەبىننەبىي ئەھمەدنەگەرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ (دستور العلماء/جامع العلوم في اصطلاحات الفنون)»، 2/62، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، ھ. 1421 / م. 2000؛ دوكتور ھەسەن مۇھەممەد شافىئىي: «الْمَدْخَلُ إِلَى دِرَاسَةِ عِلْمِ الْكَلَامِ (ئەلمەدخەلۇ ئىلە دىراسەتى ئىلمىل كالام)»، 75 – بەت، ۋەھبە كۇتۇبخانىسى، قاھىرە، م. 1991؛ دوكتور ئەھمەد قوشتى ئابدۇررەھىم: «الْاِتِّجَاهَاتُ الحَشويَّةُ في الفِكْرِ الإسْلاميِّ (ئىسلام فىكرىدىكى ھەشۋىييەلىك يۆنىلىشلىرى)»، 5، 6 – بەتلەر، دارۇل فەزىلە، قاھىرە، م. 2016.

ھەفياﺋ (الْحَفْيَاءُ): مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ شىمالىدىكى قەدىمدە «غابە»، كۈنىمىزدە «ئەلخەلىل» دەپ ئاتىلىدىغان بىر جاينىڭ نامى بولۇپ، «ھەفياﺋ» بىلەن «سەنىييەتۇل ۋەداﺋ»نىڭ ئارىلىقى 8 ~ 9 كىلومېتىردۇر. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 3/484، دارۇ مەككە، مەككە، م. 2010؛ مۇھەممەد مۇھەممەد ھەسەن شۇرراب: «المعالم الأثيرة في السنة النبوية (پەيغەمبەر سۈننىتىدىكى ئېسىل جايلار)»، 94 – بەت، دارۇلقەلەم، دەمەشق، م. 1991.

ھەنۇت (الحَنُوطُ/الحِناطُ): مېيىتنى يۇيۇپ – تارىغاندىن كېيىن ئېغىز – بۇرنى، پۇت – قوللىرى، قورسىقى، قولتۇقلىرى ۋە تىزىنىڭ ئاستى قاتارلىق نۇقتىلىق جايلارغا شۇنداقلا كېپىنىگە سۈركەپ ياكى چېچىپ قويۇلىدىغان بىر خىل پاراشوكسىمان خۇشبۇي. ئادەتتە ئەنبەر، كافۇر، سەندەلگە ئوخشىغان خۇش پۇراق ئۆسۈملۈك ۋە دورا – دەرمەك تالقانلىرىنىڭ ئارىلاشمىسىدىن تەييارلىنىدۇ. قاراڭ: جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 7/278، دارۇ سادەر، بېيرۇت.

ھەۋزى كەۋسەر (الْحَوْضُ وَالْكَوْثَرُ): ئەرەبچىدە «كۆل» مەنىسىدىكى «ھەۋز» كەلىمەسى بىلەن «بەك، كۆپ، نۇرغۇن» مەنىسىدىكى «كەۋسەر» كەلىمەسىنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، ئەقىدە ئىلمى ئىستىلاھىدا: نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەخسۇس ئاتا قىلىنغان، قىيامەت كۈنى ھېساب مەيدانىدا ئۈممەتى مۇھەممەد سۇ ئىچىشكە كېلىدىغان، ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇئمىنلەرنى مۇبارەك قولى بىلەن ئۇنىڭ سۈيىدە سۇغىرىدىغان؛ جەننەتتىكى كەۋسەر دەرياسىدىن ئىككى نودىن سۇ قۇيۇلىدىغان، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى شام بىلەن يەمەن ئارىلىقىدەك ناھايىتى كاتتا، قاچىلىرى ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك ساناقسىز، سۈيى سۈتتىنمۇ ئاق، ھەسەلدىنمۇ تاتلىق، كىم ئۇنىڭدىن ئىچسە مەڭگۈ ئۇسسىمايدىغان ئالاھىدە بىر كۆلدۇر. ھەۋزى كەۋسەرنىڭ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇ زاتنىڭ ئۈممىتىگە ئاتا قىلىنغان ئىلاھىي ئىلتىپاتلىقى مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر شۇنداقلا ئەھلىسۈننەت ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بىلەن سابىت بولۇپ، ئىسلام ئەقىدىسىدە ئاخىرەتكە ئالاقىدار ئىمان ئېيتىش ۋاجىب بولغان غەيبىي ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى ھەۋزى كەۋسەرنىڭ پىلسىراتنىڭ ئالدىدىراق ئىكەنلىكىنى، خالايىق قەبرىدىن چاڭقىغان ھالدا قوپۇپ سۇ ئىچكىلى ئۇنىڭ بويىغا كېلىدىغانلىقىنى، كافىرلار، دىندا ئۆزگەرتىش پەيدا قىلغان ئازغۇن پاسىقلارنىڭ ئۇنىڭدىن قوغلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 580 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 725 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ھۇدەيبىيە/ھۇدەيبىييە (الْحُدَيْبِيَةُ/الْحُدَيْبِيَّةُ): مەككەنىڭ غەربىدە (جىددە تەرەپتە) مەسجىدى ھەرەمدىن 22 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى بىر كەنت بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ھ. 6، زۇلقەئدە / م. 628، مارتنىڭ بېشىدا) ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن مەدىنەدىن مەككەگە قاراپ يولغا چىققاندا، شۇ يەردىكى قۇدۇق يېنىغا چۈشكەن ۋە مۇشرىكلەر ئۇ زاتنى ئۆمرە قىلىشتىن توسۇۋالغانلىقتىن ئۇرۇشقا تەييارلىنىپ، بىر سەمۇرە دەرىخىنىڭ ئاستىدا 1400 ئەتراپىدىكى ئەسھابىدىن «بەيئەتۇررىزۋان» دەپ ئاتالغان بەيئەت ئالغان. مەشھۇر «ھۇدەيبىيە سۈلھى» تۈزۈلگەن بۇ جاينىڭ بىر قىسمى ھەرەمگە، بىر قىسمى ھالال دائىرىگە تەۋە بولۇپ، ھەرەم دائىرىسىنىڭ مەسجىدى ھەرەمدىن ئەڭ يىراق تەرىپى ھېسابلىنىدۇ. كۈنىمىزدە يەنە «شۇمەيسىي» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 6/136، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز؛ ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 2/339، دارۇ مەككە، مەككە، م. 2010.

ھۇلۇل (الْحُلُوْلُ): ئەرەبچىدە «چۈشمەك، ئورۇنلاشماق، چارە – تەدبىر ۋە ۋاقتى كەلمەك» دېگەن مەنىلەردە، ئەقىدە ئىستىلاھىدا: ئاللاھ بىلەن ئىنساننى بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بىر قىسىم تەسەۋۋۇفچىلارنىڭ ئېتىقادىدا «ھەقتائالانىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتى بىلەن تاللانغان ئىنسانلارغا چۈشۈشى ۋە ئۇلاردىكى ئىنسانىي تەبىئەتنى يوقىتىشى»دىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار خالىق (ياراتقۇچى) ۋە مەخلۇق (يارالغۇچى) دەپ ئايرىسىمۇ، پەقەت ئاللاھتىن ئىبارەت بىرلا مەۋجۇدلۇقنى ئىقرار قىلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ نامايەندىلىرىدۇر دەپ قارايدۇ. بۇ خرىستىيانلارنىڭ «ئاللاھ ئىيساغا چۈشكەن» دېگەن ئېتىقادىغا ئوخشاش بولغىنىدەك، نۇسەيرىيلەرنىڭ ئاللاھ تائالا «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا چۈشكەن» دېگەن ئېتىقادىغىمۇ ئوخشاش. جەھمىيلەرنىڭ نەزەرىدە بولسا «ئاللاھ تائالانىڭ جىمى مەخلۇقاتلارغا چۈشۈشىدىن ئىبارەت» بولۇپ، بۇ مۇتەسەۋۋىفلەرنىڭ «مەۋجۇدلۇقنىڭ بىرلىكى (وَحْدَةُ الْوُجُوْدِ)» ئېتىقادى بىلەن ئوخشاش. بۇ ئېتىقادتىكىلەر «ئەھلى ھۇلۇل (أَهْلُ الْحُلُوْلِ)» ياكى «ھۇلۇلىي (حُلُوْلِيٌّ)» دېيىلىدۇ. «ھۇلۇل» بىلەن «مەۋجۇدلۇقنىڭ بىرلىكى»نىڭ پەرقى شۇكى، «ھۇلۇل» ئىككى مەۋجۇدلۇقنى ئىسپاتلىسا، «مەۋجۇدلۇقنىڭ بىرلىكى» بىر مەۋجۇدلۇقنى ئىسپاتلايدۇ. قاراڭ: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/193، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425 / م. 2004؛ دوكتور رەفىق ئەلئەجەم: «مَوْسُوْعَةُ مُصْطَلَحَاتِ التَّصَوُّفِ الْإِسْلَامِيِّ (ئىسلامىي تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 305 – بەت، لۇبنان ناشىرۇن، بېيرۇت، م. 1999؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 716 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ھۇمس (الْحُمْسِ): «قىزغىنلار، غەيرەتلىكلەر، دىندا چىڭ يولنى تاللىۋالغانلار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، قۇرەيش ۋە باشقا قەبىلىلەرنىڭ قۇرەيش ئاياللىرىدىن بولغان ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىگە بەزى ئارتۇقچە دىنىي چەكلىمىلەرنى قويۇۋالغانلىقتىن، شۇنداق ئاتالغان. ئۇلار «ئىھراملىق ھالەتتە ھەرەم ئەھلى سۈزمە، سېرىق ماي ۋە گۆش ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ. ھەرەمنىڭ سىرتىدىن كەلتۈرۈلگەن يېمەكلىكلەرنى ھەرەم دائىرىسىدە يېمەيدۇ. كىگىز چېدىردا تۇرماي، تېرە چېدىردا تۇرىدۇ. ئاياللىرى بىرنەرسە توقۇمايدۇ…» دېگەندەك ئۆزلىرى پەيدا قىلىۋالغان چەكلىمىلەر بىلەن راھىبلىق يولىنى تۇتۇۋالغان. ئۇلار ئەرافاتتا تۇرۇشنى ھەج ئىبادىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ: «بىز ھەرەم ئەھلىدۇرمىز، دىندا چىڭ كىشىلەرمىز. ھەرەمدە ياشايمىز، ئىززەت – ھۆرمىتىمىز ھەرەم بىلەن ساقلىنىدۇ. شۇڭا ھەجدە ئىززەت – ھۆرمىتىمىزنىڭ ئاساسى بولمىش ھەرەمدىن سىرتىغا چىقمايمىز» دەپ ئەرافاتتا تۇرۇشنى تاشلىۋەتكەن بولۇپ، مۇزدەلىفەدە تۇرۇپلا مىناغا يۈرۈپ كېتەتتى. باشقىلار بولسا ئەسل قائىدە بويىچە ئەرافاتتا تۇراتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن بۇرۇن ئەسل قائىدىگە ئاللاھ تەرىپىدىن مۇۋەپپەق قىلىنغان. مەلۇمكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن بۇرۇنمۇ ھەج قىلغان، پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىن پەقەت بىرلا قېتىم ھەج قىلغان. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 10/2، 3، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز.

ھۇنەين غازىتى/ھەۋازىن غازىتى (غَزْوَةُ حُنَيْنٍ/غَزْوَةُ هَوَازِنَ): «قۇرئان»دا تىلغا ئېلىنغان ئىككى غازاتتىن بىرى (يەنە بىرى بەدر). ھ. 8 / م. 630 – يىلى مەككەنىڭ فەتھىدىن 21 كۈن كېيىن (11 – شەۋۋال/1 – فېۋرال) رەسۇلۇللاھ بىلەن ھەۋازىنلىكلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش. بۇ غازاتتا دەسلەپتە مۇسۇلمانلار پىستىرمىغا ئۇچراپ پاتپاراق بولۇپ كېتىدۇ: ﴿ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۇنەين كۈنىدە (يەنى جېڭىدە) ھەقىقەتەن ياردەم بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكىدىن خۇشاللىنىپ كەتتىڭلار (يەنى بۈگۈن بىزنىڭ سانىمىز كۆپ، مەغلۇپ بولمايمىز دېدىڭلار، بۇ چاغدا سىلەرنىڭ سانىڭلار 12 مىڭ، دۈشمىنىڭلارنىڭ سانى 4000 ئىدى)، سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى. (قاتتىق قورققىنىڭلاردىن) كەڭ زېمىن سىلەرگە تار تۇيۇلدى. ئاندىن (مەغلۇپ بولۇپ، رەسۇلۇللاھنى ئازغىنە مۇئمىنلەر بىلەن تاشلاپ) ئارقاڭلارغا قاراپ قاچتىڭلار﴾(9/«تەۋبە»: 25). ئاندىن كېيىن مۇسۇلمانلار قايتا توپلىنىپ غەلىبە قىلىدۇ: ﴿ئاندىن پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە (مەرھەمەت قىلىپ) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، سىلەرگە قوشۇنلارنى (يەنى سىلەرگە ياردەمگە پەرىشتەلەرنى) چۈشۈردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار (شۇنىڭ بىلەن سىلەر غەلىبە قىلدىڭلار)، ئاللاھ كافىرلارنى (ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئەسىر ئېلىنىش بىلەن) ئازابلىدى، كافىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇ﴾(9/«تەۋبە»: 25). قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 406 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ھىجاب (الْحِجَابُ): ئەرەبچىدە: «پەردە، توسۇق ۋە دالدا» قاتارلىق مەنىلەردە كېلىدىغان بولۇپ، ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىنى توسۇپ تۇرىدىغان ھەرقانداق نەرسىگە «ﮪﯩﺠﺎﺏ» دېيىلىدۇ. فىقھ ئىستىلاھىدا: «ئاياللارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى نامەھرەملەردىن يۆگەش ئۈچۈن كىيىدىغان كىيىمى»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 17/5، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 153 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

ھىجاب ئايەتى (آيَةَ الْحِجَابِ): مۇنۇ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﯘﺭ: ﴿ﺋﻰ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻼﺭ! ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﭘﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﯛﭖ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ، ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﯩﺮﻣﻪﯕﻼﺭ، ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﺴﺎﯕﻼﺭ ﻛﯩﺮﯨﯖﻼﺭ – ﻳﯘ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﺎﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﯖﻼﺭ، ﺳﯚﮪﺒﻪﺗﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﻛﯩﺮﻣﻪﯕﻼﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯘ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﮪﺎﻳﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮪﻪﻗﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﮪﺎﻳﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﯕﻼﺭ، توسۇق ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﯕﻼﺭ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮪﻪﻡ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﮪﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪﻘﺎ ﺋﺎﺯﺍﺭ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﯖﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻧﯩﻜﺎﮪﻠﯩﻨﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﮪﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﮔﯘﻧﺎﮪﺘﯘﺭ﴾(33/«ئەھزاب»: 53).

ﮪﯩﺮﺍﺋ غارى (غَارُ حِرَاءٍ): جىبرىل ئەلەيھىسسالام تۇنجى ۋەھيىنى ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامازان ئايلىرىدا ئىستىقامەت قىلىپ تۇرغان تاغدىكى بىر غار. ئىنسانىيەتنىڭ يولىنى يورۇتقۇچى «قۇرئان كەرىم»نىڭ تۇنجى ئايەتلىرى (96/«ئەلەق»: 1 – 3) مۇشۇ تاغدا نازىل قىلىنغاچقا، بۇ تاغ ئىسلامىيەتتە «نۇر تېغى» دەپ ئاتالغان. بۇ غار مەككەنىڭ شەرقىگە، كەئبەگە تەخمىنەن 4 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان، ئەرافاتقا ماڭغاندا سول تەرەپكە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، 1,750 قەدەم بىلەن چىققىلى بولىدىغان بۇ غارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 634 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 2 مېتىر (3.5 گەز)، كەڭلىكى 1 مېتىر (1.75 گەز) دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1026 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003.

ھىزب (الحِزْبُ): ئەرەبچىدە «سۇ ئىچىش نۆۋىتى، يەنە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىكى كىشىلەر توپى ۋە جامائەسى، شۇنداقلا پارتىيە» دېگەن مەنىدە بولۇپ، «قۇرئان ئىلىملىرى» ئىستىلاھىدا: «بىر پارەنىڭ يېرىمى»نى كۆرسىتىدۇ. «قۇرئان كەرىم» جەمئىي 60 ھىزبقا، ھەربىر ھىزب تۆرت رۇبئىغا بۆلۈنىدۇ. يەنە «كۈندىلىك تىلاۋەت ۋەزىپىسى» دېگەن مەنىدىمۇ قوللىنىلىدۇ. يەنە «قۇرئان كەرىم»نىڭ يەتتىدىن بىرى دېگەن مەنىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بەزى سەلەفلەر «قۇرئان»نى يەتتە ھىزب قىلىپ بۆلگەن. قاراڭ: مۇرتەزا ئەززەبىيدىي: «تاجۇلئەرۇس»، 2/263؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 683 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ھىزبۇتتەھرىر ئەلئىسلامىي (حزب التحرير الإسلامي/Hizb ut-Tahrir): سىياسى، ئىسلامىي پارتىيە بولۇپ، پەلەستىنلىك شەيخ مۇھەممەد تەقىييۇددىن نەبھانىي (ھ. 1326 – 1398 / م. 1909 – 1977) تەرىپىدىن ھ. 1372 / م. 1953 – يىلى قۇرۇلغان. ئىسلام تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش، خەلقنى ئىسلام چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا ئاقارتىش ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش، ئۆزگەرتىشتە پىكىرگە تايانغان ئاساستا ئىسلام خەلىفىلىكىنى تىكلەش ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قەددىنى رۇسلاشنى نىشان قىلىدۇ. پارتىيە تارىخىدا بىرقانچە قېتىم كۆپچىلىك ئالىملار تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇلار «توغرا يولدىن چەتنىگەن» دەپ قارالغان. مەسىلەن، ئەقىدە ۋە تەربىيە تەرەپلىرىگە سەل قاراپ، دىققەتنى پىكرىي ۋە سىياسىي تەرەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، ئەقىدە مەسىلىلىرىدە ۋە مۇسۇلمان كىملىكنى بەرپا قىلىشتا ئەقىلگە ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئەھكاملارنى ئىجرا قىلىدىغان ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانغا قەدەر ئەمرىمەرۇپ، نەھيىمۇنكەرنى ئېسىپ قويۇش… قاتارلىقلار. شەيخ تەقىييۇددىننىڭ ۋاپاتى (1977) دىن كېيىن پارتىيە رەئىسلىكىگە ئابدۇلقەدىم زەللۇم، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەتاﺋ خەلىل ئەبۇررىشتە (2003) چىققان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ پەلەستىن، لىۋان، ئىئوردانىيە، ھىندونېزىيە، مالايسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە پائالىيەتلىرى بار. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 683 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الموسوعة الفلسطينية (پەلەستىن ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1/564، «هيئة الموسوعة الفلسطينية» نەشرى، 1. باسمىسى، م. 1984، دەمەشق.

ھىيرە (الْحِيرَةِ): ئىراقتىكى نەجەف بىلەن كۇفە شەھەرلىرى ئارىلىقىدىكى بىر شەھەر. خالىد ئىبنى ۋەلىد فەتىھ قىلغان. ھازىر ئىزى قالمىغاندۇر. قاراڭ: مۇھەممەد مۇھەممەد ھەسەن شۇرراب: «المعالم الأثيرة في السنة النبوية (پەيغەمبەر سۈننىتىدىكى ئېسىل جايلار)»، 105 – بەت، دارۇلقەلەم، دەمەشق، م. 1991.

ئوبشىن سودىلىرى (عقود الخيارات/Option contracts): بۇ بىر توختام بولۇپ، بۇ توختام بويىچە كىشى مەلۇم تاۋار ياكى پايچىكلارنى مەلۇم مۇددەت ئىچىدە مەلۇم باھادا سېتىۋېلىش ھەققىگە ئېرىشىدۇ. بۇ ھەقنى سېتىۋالغان كىشى بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل تۆلەيدۇ. ئەگەر خاھلىسا شۇ مۇددەت ئىچىدە شۇ باھادا سېتىۋالىدۇ. سېتىۋالمىسا تۆلىگەن پۇلنى زىيان تارتىدۇ. بۇ شەرىئەتتە ناتوغرا بولغان سودىلارنىڭ بىرىدۇر.

ئورتودوكس مەزھەبى (Orthodox): يەنى شەرقىي رۇم چېركاۋىغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ مەزھەبى بولۇپ، بۇلارنىڭ قەدىمكى مەركىزى كونستانتىنوپول (بۈگۈنكى ئىستانبۇل) ئىدى. كۈنىمىزدە مەركىزى يوق بولۇپ، چېركاۋلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەگەشكۈچىلىرى دۇنيا مىقياسىدا 170 مىليون ئەتراپىدا. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى رۇسىيە ۋە شەرقىي ياۋروپادا ياشايدۇ. بۇلار: «ئاتا ئىلاھ بالا ئىلاھتىن ئەۋزەل، روھۇلقۇددۇس ئاتا ئىلاھتىن كېلىپ چىققان» دەپ ئېتىقاد قىلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ دېگەنلىرىدىن پاكتۇر. قاراڭ: ناسىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلقىفارىي، «الْمُوْجَزُ فِي الْأَدْيَانِ وَالْمَذَاهِبِ الْمُعَاصِرَةِ (ھازىرقى زامان دىن ۋە مەزھەبلىرى توغرىسىدا قىسقىچە بايان)»، 76 – بەت، دارۇسسۈمەيئىي، رىياد، ھ. 1413 / م. 1992.

ئۇزەير (عُزَيْرٌ): «بەنى ئىسرائىلغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى» دەپ مەشھۇر بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكى ئىسپاتلانمىغان. توغرىسى، ئۇ بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىدىن بولۇپ، «قۇرئان»دا ئۇنىڭ قىسسەسى بايان قىلىنغان. بۇختىنەسسەر بەيتۇلمۇقەددەسنى خاراب قىلغاندىن كېيىن، ئۇزەير ئۇنىڭ يېنىدىن ئېشەكلىك ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: «ئاللاھ بەيتۇلمۇقەددەس ئاھالىسىنى قانداقمۇ تىرىلدۈرەر» دېگەن. ئاللاھ ئۇزەيرنى قەبزى روھ قىلىپ، 100 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنى قايتا تىرىلدۈرگەن. لېكىن، يەھۇدىيلەر ئۇنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ دەۋا قىلىشقان. قاراڭ: مۇھەممەد سالىھ، «‹قۇرئان كەرىم›نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى»، 627، 628 – بەتلەر.

ئوسفان (عُسْفَانُ): مەككەدىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ يولىدا 80 كىلومېتىر شىمالغا جايلاشقان، خورما باغ ۋە قۇدۇقلىرى كۆپ ئاۋات بىر يۇرت بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ جايدا ئەنسىزلىك نامىزى ئوقۇغان. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 6/1151، دارۇ مەككە، مەككە، م. 2010.

ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمى (عِلْمُ أُصُوْلِ الْفِقْهِ): ئۇسۇلۇلفىقھ لۇغەتتە «فىقھ ئىلمىنىڭ ئۇل – ئاساسلىرى، دەلىل ۋە قائىدىلىرى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىستىلاھتا: «فىقھ ئىلمىنىڭ دەلىل ۋە مەنبەلىرى بولمىش ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى، مەلۇم بىر دەلىلنى ئىزاھلاش ۋە شۇ دەلىلدىن ھۆكۈم چىقىرىشتا مۇجتەھىد تەرىپىدىن قوللىنىلىدىغان مېتود ۋە قائىدە – پرىنسىپلارنى، شۇنداقلا ھۆكۈم چىقارغۇچى مۇجتەھىدنىڭ ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم»دۇر. دېمەك، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىنىڭ نېگىزى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى شەرئىي ھۆكۈمگە قانداق دەلىل سۈپىتىدە كەلتۈرۈش ۋە شۇ ئايەت – ھەدىسلەردىن ھۆكۈمنىڭ قانداق چىقىرىلىشىدۇر. بۇ ئىلىمنى ئوقۇش ئارقىلىق مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ ئىجتىھاد مېتودلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قاراش ئوخشىماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشىنىپ يەتكىلى، دەلىللەرنى ئۆز جايىدا ئىشلىتىپ، ئورۇنلۇق دەلىل كەلتۈرۈش بىلەن ئورۇنسىز دەلىل كەلتۈرۈشنى ئايرىش ھەمدە ئىجتىھاد قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 4 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ئۇسۇلۇددىن (أُصُوْلُ الدِّيْنِ): قاراڭ: ئەسل (الْأَصْلُ).

ئۇسۇلۇددىن ئىلمى (عِلْمُ أُصُولِ الدِّينِ): تەۋھىد ئىلمى، ئىلمى كەلام ۋە ئەقىدە ئىلمىنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 158 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003.

ئۇسۇلىي ئالىم (الْأُصُوْلِىيُّ): ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىغا چوڭقۇرلاپ چۆككەن ئالىم.

ئۇقىييە (الأُوْقيَّةُ): قىممەتلىك ماددىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشتە ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە باشقا جايلاردا مىقدارى پەرقلىق قوللىنىلغان، تارازىلانغان ماددىغا قاراپ پەرقلىق ئېغىرلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكىدۇر. ئالتۇن – كۈمۈشتىن باشقا ماددىلارنىڭ بىر ئۇقىييەسى 127 گرامغا، ئالتۇننىڭكى 29.75 گرامغا تەڭ. ھەدىس شەرىفلەردە تىلغا ئېلىنغان بىر ئۇقىييە قىرىق دىرھەم (كۈمۈش تەڭگە) گە باراۋەر كېلىدىغانلىقىغا بارلىق ئالىملار ئىجماﺋ قىلغان. ئەمما، گرامغا ئۇدۇللاشتا ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ نەزەرىدە بىر ئۇقىييە 124.8 گرامغا، كۆپچىلىك فۇقەھائنىڭ نەزەرىدە 199 گرامغا تەڭ. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 97 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996؛ دوكتور ئەلى جۇمۇئە: «المكاييل والموازين الشرعية (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 20، 21 – بەتلەر، دارۇلقۇدۇس، قاھىرە، م. 2021.

ئۇكاز بازىرى (سُوقُ عُكَاظٍ): ئەرەبلەرنىڭ جاھىلىيەتتىكى مەشھۇر 3 بازىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تائىف شەھرىنىڭ شىمالىغا 40 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. بۇ بازار مىلادىدىن بۇرۇنقى 501 – يىلىدا قۇرۇلغان بولۇپ، جاھىلىيەتتە ئەرەبلەرنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي تەشۋىقات مەركىزى بولغاندۇر. ئەرەبلەر ھەر يىلى زۇلقەئدە ئېيىدا بۇ بازاردا 20 كۈن ئېلىم – سېتىم قىلىپ، مۇشائىرەلىشىپ، زۇلقەئدەنىڭ ئاخىرقى 10 كۈنىنى مىجەننە بازىرىغا بېرىپ ئۆتكۈزەتتى. زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئالدىنقى 8 كۈنىنى بولسا زۇلمەجاز بازىرىدا ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن مىناغا ھەج ئۈچۈن يۈرۈپ كېتەتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەتتە يىل ئۇكاز ۋە مىجەننە بازارلىرىدا ئىسلامنى تەشۋىق قىلغان. بۇ بازار ئىسلامىيەتتىن كېيىن ھ. 129 / م. 746 – يىللىرى يوقالغان. قاراڭ: ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «(مُعْجَمُ البُلْدانِ) مۇئجەمۇل بۇلدان»، 4/142؛ ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 6/1186 – 1187، دارۇ مەككە، مەككە، م. 2010.

ئۇكاز كۈنلىرى (أَيَّامُ عُكَاظٍ): ئۇكاز بازىرى بولىدىغان كۈنلەر بولۇپ، «ئۇكاز بازىرى (سُوقُ عُكَاظٍ)»: جاھىلىيەت ئەرەبلىرىنىڭ مەشھۇر ئۈچ بازىرىدىن بىرى ئىدى، ھازىرقى تائىف شەھرىنىڭ 40 كىلومېتىر شىمالىغا جايلاشقان. بۇ بازار مىلادىدىن 501 يىل بۇرۇن قۇرۇلغان بولۇپ، جاھىلىيەتتە ئەرەبلەرنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي تەشۋىقات مەركىزى بولغان. ئەرەبلەر ھەر يىلى زۇلقەئدە ئېيىدا بۇ بازاردا 20 كۈن ئېلىم – سېتىم قىلىپ، مۇشائىرەلىشىپ، زۇلقەئدەنىڭ ئاخىرقى 10 كۈنىنى مىجەننە بازىرىغا بېرىپ ئۆتكۈزەتتى. زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئالدىنقى 8 كۈنىنى بولسا زىلمەجاز بازىرىدا ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن مىناغا ھەج ئۈچۈن يۈرۈپ كېتەتتى. بۇ بازار ئىسلامىيەتتىن كېيىن يوقالغان.

ئۇمرا قىلىش (الْعُمْرَى): «ئۆمۈر» دېگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىگە: «ئۆيۈمنى ساڭا ئۆمرۈمنىڭ — ياكى ئۆمرۈڭنىڭ — ئاخىرىغىچە ئولتۇرۇۋېلىشقا بەردىم» دېيىشتىن ئىبارەت. بۇ جاھىلىيەتتە ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى بولۇپ، «ھايات بولغان مۇددەتچە»، «تىرىكلا بولسام» دېگەنگە ئوخشاش مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىبارىلەرمۇ شۇنداق. فۇقاھائلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇنى جائىز ۋە كۈچكە ئىگە دەپ قارايدۇ. بۇ بىر خىل ھىبە ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، كۆپچىلىك نەزەرىدە بۇ مۈلك قىلىپ بېرىۋېتىشتىن ئىبارەت. بىر قىسىم فەقىھلەرنىڭ نەزەرىدە بۇ پايدىلىنىۋېلىشقا بېرىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 3/178؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 30/311 – 314، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ئۇممۇلۋەلەد (أُمُّ الْوَلَدِ): ئەرەبچىدە «بالىنىڭ ئانىسى»؛ فىقھ ئىستىلاھىدا: «خوجايىنىدىن بالا تۇغقان چۆرە»دۇر. ئۇممۇلۋەلەدنى سېتىش شەرىئەتتە ئىناۋەتسىز بولۇپ، خوجايىنى ۋاپات بولسا ئازاد بولۇپ كېتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 4/16، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 68 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

ئۇممىي (الأُمِّيُّ): ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغان، ساۋاتسىز. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 7 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ئۇممىيلەر (الْأُمِّيُّونَ): ئەرەبلەرنى دېمەكچى، چۈنكى ئىسلامدىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ يا مۇقەددەس كىتابى، يا ئىلىم – مەرىپىتى بولمىغاچقا، ئۇلار ئوقۇش – يېزىشنى بىلمەيدىغان ئانىدىن تۇغۇلما ساۋاتسىزلارغا ئوخشىتىلغان. ساماۋى كىتابى يوق باشقا مىللەتلەرمۇ ئۇممىيلەر قاتارىغا كىرىدۇ. قاراڭ: «تەفسىرۇ فەخرۇررازىي»، 7/175.

ئۇھۇد تېغى (جَبَلُ أُحُدٍ): مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، مەسجىدى نەبەۋىيدىن 5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قىزغۇچ تاغ بولۇپ، ھ. 3 – يىلى شەۋۋال / م. 625 – يىلى مارتتا ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ قوماندانلىقىدىكى مۇسۇلمانلار قوشۇنى بىلەن مەككە مۇشرىكلىرى قوشۇنى ئوتتۇرىدىكى ئىككىنچى جەڭ ئۇھۇد تېغىنىڭ باغرىدا يۈز بەرگەن. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪم ئۇھۇد ھەققىدە: «بۇ بىزنى ياخشى كۆرىدىغان، بىزمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان تاغدۇر» دېگەن. «سەھىھۇلبۇخارىي»، 1481؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 52 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ئۇھۇد غازىتى (غَزْوَةُ أُحُدٍ): ھ. 3 – يىلى شەۋۋال / م. 625 – يىلى مارتتا مەدىنەنىڭ شىمالىدا، مەسجىدى نەبەۋىيگە 5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۇھۇد تېغى ۋادىسىدا يۈز بەرگەن مۇسۇلمانلار بىلەن مەككە مۇشرىكلىرى ئارىسىدىكى ئىككىنچى جەڭ. جەڭدە دەسلەپ مۇسۇلمانلار غەلىبە قازانغانلىقىغا قانائەت كەلتۈرۈپ، ئولجا ئېلىشقا بېرىلىپ كېتىپ، رەسۇلۇللاھنى قوغداشنى تاشلاپ تاغدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. مۇشرىكلەر ئارقا تەرەپتىن ئايلىنىپ كېلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ چېدىرىغا بېسىپ كىرىپ، ئىبنى قامىئە دۇبۇلغىسىغا قىلىچ ئۇرىدۇ، نەتىجىدە يۈزى يارىلىنىدۇ. ئۇتبە ئىبنى ئەبى ۋەققاس ئاتقان بىر تاش زەربىسى بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئاستىنقى كالپۇكى يېرىلىپ، بىر چىشى سۇنىدۇ. مۇشرىكلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، مۇسۇلمان ئەسكەرلەر پاتپاراق بولۇپ كېتىدۇ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 ساھابە شەھىد بولۇپ، مۇسۇلمانلار يېڭىلىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 589 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ئۆزىگە تەمەننا قويۇش (الْعُجْبُ): ئۆزىگە تەمەننا قويۇشمۇ ئىسلام دىنى ھارام قىلغان قەلب قىلمىشلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. بۇ دېگەنلىك «كىشىنىڭ ئۆز نەفسى، پىكرى، كۆزقارىشى ۋە ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق نەرسە بىلەن كۆرەڭلىشى»دۇر. كىشىنىڭ بۇ ھالىتى ئۆز نەفسىگە مىكروسكوپتا ياكى تېلېسكوپتا قارىغان ئادەمنىڭ ھالىتىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى بەك چوڭ ياكى ھەيۋەتلىك نەرسىدەك، ئەتراپىدىكى باشقا شەيئى ۋە ئادەملەرنى بولسا ئۆز نەزەرىدە ھېچقانداق قەدر – قىممىتى يوق، دەسسەپ ئۆتۈپ كەتسىمۇ، پەرۋا قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئەرزىمەس نەرسىلەردەك كۆرىدۇ. ئۇ ھەرقېتىم ئۆزىگە تەمەننا قويغانسېرى، شۇنچە يوغىناپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ ۋە ئۆزىنى «ھەممە نەرسە»، ئەتراپىدىكى باشقا ئىنسانلارنى بولسا «ھېچنېمە» دەپ قارايدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتتا، بۇ ئەھۋال ئىقتىدارلىق كىشىلەر ۋە سالىھ، تەقۋادار ئىنسانلاردا كۆرۈلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىدىكى ئىلىم – مەرىپەت ۋە سالىھ ئەمەللەرنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۆزلىرىگە ئۇلۇغلۇق ۋە چوڭلۇق نەزەرى بىلەن قاراپ قالىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 464 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ئۆزىنى ئالداش (الْغُرُورُ): «ئىنسان نەفسىنىڭ شۈبھەگە ۋە شەيتاننىڭ گوللىشىغا تايىنىپ ھاۋايى – ھەۋەسكە ماس كېلىدىغان ۋە تەبىئىتى مايىل بولىدىغان نەرسىدە بەرقارار بولۇشى»دۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 474 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ئۆشر (الْعُشْرُ): ئەرەبچىدە «ئوندىن بىر (10⅟)، يەنى %10» دېمەكتۇر. فىقھ ئىستىلاھىدا: «تېرىلغۇ زېمىن ھوسۇلىدىن ئېلىنىدىغان زاكات»تۇر. ھەدىس شەرىفتە: «يامغۇر سۈيى ۋە بۇلاقلاردىن سۇغىرىلغان ياكى سۇغارمىسىمۇ ئۆزى يىلتىزى بىلەن سۇ ئىچىدىغان زىرائەتلەرگە ئۆشر (ئوندىن بىرى) كېلىدۇ، سۇغىرىلىدىغان زىرائەتلەرگە ئۆشرنىڭ يېرىمى (يىگىرمىدىن بىرى) كېلىدۇ» دېيىلگەن. يەنە «ئىسلام دۆلىتىنىڭ چېگراسىدىن ئۆتكەن زىممىي سودىگەرلەردىن ۋە ئۇرۇش ھالىتىدىكى دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ سودىگەرلىرىدىن ئېلىنىدىغان باج»مۇ «ئۆشر» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، ئىسلام خەلىفەلىرى ئۇلاردىن ئۆشر ئالغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 30/101، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 281 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

ئۆلۈم پەرىشتەسى/ئەزرائىل (مَلَكُ الْمَوْتِ/عِزْرَائِيل): ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ روھىنى قەبز قىلىشقا مۇئەككەل قىلغان پەرىشتەنىڭ ئىسمى. ئىسرائىلىييات (ئەھلى كىتاب رىۋايەتلىرى) دە ئۇنىڭ ئىسمى «ئەزرائىل» دېيىلگەن بولسىمۇ، بۇ ئىسىم يا قۇرئاندا، ياكى سەھىھ ھەدىسلەردە كەلمىگەن. بەلكى ئۇ بەزى ئايەتلەر (مەسىلەن: 32/«سەجدە»: 11) دە ۋە ھەدىسلەر (مەسىلەن «بۇخارىي»، 1339؛ مۇسلىم»، 2372 قاتارلىقلار) دە «ئۆلۈم پەرىشتەسى» دەپ ئاتالغان ۋە بەزى ئايەتلەر (6/«ئەنئام»: 61، 93) دە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى بارلىقى بايان قىلىنغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 1615 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ئۆمرە (الْعُمْرَةُ): ئەرەبچىدە: «زىيارەت، ئاۋات قىلىش ۋە بەرپا قىلىش» دېگەنلىك، فىقھتا: «ئىھراملىق ھالدا كەئبەئى مۇئەززەمەنى تاۋاپ قىلىپ، سافا ۋە مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش بىلەن ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەت» بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇئەييەن ۋاقىت بېكىتىلمىگەن. شۇڭا، ھەج كۈنلىرى (ئەرافات كۈنى ۋە ئۇندىن كېيىنكى تۆرت كۈن) دىن باشقا كۈنلەردە يىل بويى ئادا قىلىشقا بولىدۇ. ھەنەفىي ۋە مالىكىيلەردە مۆتىۋەر قاراش «ئۆمرىدە بىر قېتىم ئۆمرە قىلىش سۈننەتى مۇئەككەدە» دېسە، شافىئىي ۋە ھەنبەلىيلەرنىڭ قارىشىدا «ئۆمرىدە بىر قېتىم ئۆمرە قىلىش پەرز»دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 30/314 – 319، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 42/150 – 153، ئىستانبۇل، م. 2012.

ۋاجىب (الْوَاجِبُ): كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ھەجدىن باشقا ئىبادەتلەردە ۋاجىب بىلەن پەرزنىڭ پەرقى يوقتۇر. ھەنەفىي مەزھەب پەرز بىلەن ۋاجىبنى پەرقلەندۈرۈپ: «پەرز پەقەت كەسكىن، ئېنىق، ‹مۇتەۋاتىر› دەرىجىسىگە يەتكەن دەلىللەر بىلەنلا ئىسپاتلىنىدۇ. ۋاجىب بولسا كەسكىن، ‹مۇتەۋاتىر› دەرىجىسىگە يەتمىگەن دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ» دەيدۇ. لېكىن، بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ئەمەل قىلىش نۇقتىسىدىن پەرز بىلەن ۋاجىبنىڭ پەرقى يوق. چۈنكى، ھەر ئىككىسى چوقۇم ئورۇنداشنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنى ئادا قىلسا ساۋاب تاپىدۇ، ئادا قىلمىسا جازاغا ئۇچرايدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 6 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ۋادىلقۇرا (وَادِي الْقُرَى): «كەنتلەر ۋادىسى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەدىنە بىلەن شام ئوتتۇرىسىدىكى تەيماﺋ بىلەن خەيبەر ئارىلىقىدىدۇر. ئۇ ۋادىدا كۆپلىگەن كەنتلەر جايلاشقان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. قاراڭ: ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «مۇئجەمۇل بۇلدان»، 4/338.

ۋاقىتلىق نىكاھ (النِّكَاحُ الْمُؤَقَّتُ): قاراڭ: نىكاھى مۇتئە (نِكَاحُ الْمُتْعَةِ).

ۋەئد ۋە ۋەئىد (الْوَعْدُ وَالْوَعِيْدُ): مەزكۇر ئاتالغۇ ئەرەبچىدە: «ۋەدە، ئەھد، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەھدىت» مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە «ۋەئد» كۆپىنچە ياخشىلىقنى ۋەدە قىلىشقا، «ۋەئىد» يامانلىقنى ۋەدە قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. قىيامەت كۈنىگە «ۋەئىد كۈنى» دېيىلىدۇ. ئەقىدە ئىلمى ئىستىلاھىدا: «ۋەئد: ئاللاھ سۇبھانە ۋەتائالانىڭ شىرك كەلتۈرمەي، پەرزلەرنى ئادا قىلغان بەندىلىرىگە جەننەت ۋە ساۋاب بىلەن بەرگەن بېشارىتى بولسا، ۋەئىد: ئاللاھ سۇبھانە ۋەتائالانىڭ شىرك كەلتۈرگەن ياكى پەرزلەرنى ئادا قىلماي، ئاسىيلىق قىلغان بەندىلىرىگە قىلغان تەھدىتى»دۇر. بىر – بىرىگە چېتىلىپ كېلىدىغان بۇ ئىككى ئاتالغۇ كالامشۇناسلار بولۇپمۇ مۇئتەزىلەلەر نەزەرىدە ئەقىدە ۋە ئىلمىكالامنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. ئەھلىسۈننەت بۇ ھەقتە كەلگەن نەسلەرنى تەتقىق قىلىپ: «ئاللاھ تائالانىڭ ئاسىي بەندىنى ئەپۇ قىلىۋېتىشى جائىز، چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلغان تەۋھىد ئەھلى دوزاختىن چىقىرىلىپ ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا ۋەئد قىلغان ئەھلى ئىمانغا ئۇلارنىڭ ھەقلىق بولۇشى بىلەن ئەمەس، ۋەئد قىلغانلىقى ئۈچۈن ساۋاب بېرىدۇ» دەپ قارىغان بولسا، مۇئتەزىلەلەر: «ئاللاھ تائالاغا ئىتائەتمەنلەرگە ساۋاب بېرىشى، چوڭ گۇناھ قىلغانلارنى تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە دوزاختا مەڭگۈ قالدۇرۇشى ۋاجىب بولىدۇ» دەپ قارىغان ۋە بۇنى ئۆزلىرىنىڭ بەش ئاساسىنىڭ بىرى قىلغان. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 2/1043، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425 / م. 2004؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ العَقِيدَةِ الْإِسْلَامِيَّةِ (ئىسلام ئەقىدىسى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1171 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، م. 2010؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1783، 1784 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ۋەزىيئە (زىيىنىغا سېتىش) سودىسى (الْوَضِيعَةُ/بَيْعُ الْوَضِيْعَةِ): ئەرەبچىدە «زىيان، چۈشۈرۈپ بېرىش، قويۇۋېتىش ۋە باج – سېلىق» مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، فىقھتا: «مالنىڭ سېتىۋېلىنغان ئەسل نەرخىنىڭ خېرىدارغا بىلدۈرۈلۈشى ۋە زىيىنىغا سېتىلىشى»دۇر. يەنى خېرىدار سېتىۋالغان مېلىدا ساتقۇچىغا زىيان بولغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى جائىزدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 44/5، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 476 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

ۋەسق (الْوَسْقُ): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز ۋاقتىدا مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ئىشلەتكەن ﺳﺎﺋ بىلەن 60 ساﺋ مىقدار سىغىدىغان كەمچەن بولۇپ، ئادەتتە بىر تۆگە يۈكى ھېسابلىنىدۇ. ھىجاز سائى بىلەن ئىراق سائى مىقدار جەھەتتىن پەرقلىق بولغاچقا، كۆپچىلىك ئالىملار قارىشىدا: (2039 gr ×60=122.4 kg) 122.4 كىلوگرامغا، بەش ۋەسق 612 كىلوگرامغا باراۋەردۇر. ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا: بىر ۋەسق: (3250 gr ×60=195 kg) 195 كىلوگرامغا،. بەش ۋەسق 975 كىلوگرامغا باراۋەردۇر. قاراڭ: مۇرتەزا ئەززەبىيدىي: «تاجۇلئەرۇس»، 26/471؛ دوكتور ئەلى جۇمۇئە: «المكاييل والموازين الشرعية (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 41 – بەت، دارۇلقۇدۇس، قاھىرە، م. 2021.

ۋەسىلە (وَصِيْلَةُ): جاھىلىيەت دەۋرىدە بىراۋنىڭ ساغلىق قويى چىشى قوزىلىسا، ئۇ قوزا ئىگىسىگە تەۋە بولاتتى، ئەركەك قوزىلىسا ئاتالمىش تەڭرىلىرىگە تەۋە ئىدى. ھەم ئەركەك، ھەم چىشى قوشكېزەك قوزىلىسا، «بۇ قېرىندىشىغا يېتىشتى» دەپ ئەركىكىنى بوغۇزلىماي، ھەر ئىككىسىنى خۇدالىرىغا ئاتاپ ئەركىن قويۇپ بېرەتتى. مانا بۇنداق قويۇپ بېرىلگەن قويغا «ۋەسىلە» دېيىشەتتى. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 15 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ۋەلاﺋ (الْوَلَاءُ): ئەرەبچىدە «يېقىنلىق، ھىمايە قىلماق، ئىگە چىقماق ۋە دوست تۇتماق» دېگەن مەنىنى كۆرسىتىدۇ. فىقھ ئىستىلاھىدا: «ئىككى كىشى (ياكى ئىككى جەمەت) ئوتتۇرىدىكى نەسەب رىشتىسىدەك مەنىۋىي تۇغقاندارچىلىق رىشتىسى» بولۇپ، ئىككى سەۋەب بىلەن قولغا كېلىدۇ: بىرى، قۇل ئازاد قىلىش. بۇ «ئازاد قىلغانلىق ئىگىدارچىلىقى (وَلَاءُ الْعَتَاقَةِ)» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئازاد قىلغۇچى بىلەن ئازادگەردە (ئازاد قىلىنغان قۇل) ئوتتۇرىسىدا مىراس، دىيەت قاتارلىق ئىشلاردا تۇغقاندارچىلىقتەك رىشتە بولىدۇ. يەنە بىرى، «مەن ئۆلسەم مەندىن مىراس ئالىسەن ۋە ماڭا ئىگىدارچىلىق قىلىسەن» دەپ بىر كىشى بىلەن تۈزگەن ئىتتىپاقداشلىق توختامى قىلغان بولسا ياكى بىر كىشى، ياكى ئۇنىڭ ئابا – ئەجدادلىرىدىن بىرى بىرەر كىشى ياكى بىرەر جەمەتنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولغان بولسا، بۇلار ئوتتۇرىدىكى ئىگىدارچىلىق رىشتىسى ئىتتىپاقداشلىق ئىگىدارچىلىقى (مَوْلَى الْمُوَالَاةِ) دەپ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 45/12، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 480 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1660 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ۋەسىي (الْوَصِيُّ): ئەرەبچىدە «بىر ئىش تاپىلانغۇچى، تاپشۇرۇلغۇچى، يەتكۈزۈلگۈچى ۋە ۋەسىيەتنى ئىجرا قىلغۇچى» دېگەن مەنىنى كۆرسىتىدۇ. فىقھ ئىستىلاھىدا: « بىرەر كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بىرەر ئىشنى قىلىشتا ياكى كىچىك بالىلىرىغا قاراشتا ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئورنىدا تۇرغۇزۇلغان ۋە شۇ ئىش تاپىلانغان كىشى»دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 7/205، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ۋەلىي (الْوَلِيُّ): ئەرەبچىدە «ياردەمچى، ئىگە، دوست، ھىمايىچى ۋە يېقىن تۇغقان» دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ. ئەقىدە ئىلمى ئىستىلاھىدا: «تەقۋادار مۇئمىن ۋەلىي»دۇر. بۇ كەلىمەنىڭ كۆپلۈكى ئەۋلىياﺋ (الأَوْلِيَاءُ) بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئەۋلىيائلارنى ﴿ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلار﴾(10/«يۇنۇس»: 63) دەپ سۈپەتلىگەن. «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»لەردىن شۇنداق يەكۈنلىنىدۇكى، ئاللاھنىڭ ۋەلىيسى «ئاللاھنى تونۇغان، تائىتىدە ئىزچىل، ئىبادىتىدە ئىخلاسمەن، مەئسىيەتتىن يىراق، لەززەت ۋە شەھۋەتلەرگە چۆمۈلۈشتىن ۋاز كەچكەن، ئاللاھنىڭ سۆيگىنىنى سۆيىدىغان، يامان كۆرگىنىنى يامان كۆرىدىغان، پەرز ۋە نەفلە ئىبادەتلەر بىلەن تەقۋادارلىقنى قولدىن بەرمەيدىغان مۇئمىن»دۇر. ۋەلىي يەنە ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىم – سۈپەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنى ﴿ئاللاھ ۋەلىيدۇر﴾(42/«شۇرا»: 9) دەپ سۈپەتلىگەن. دېمەك، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە نۇسرەت بەرگۈچى، ئۇلاردىن خەۋەر ئالغۇچى، ئۇلارغا يول كۆرسەتكۈچى ۋە قىيامەتتە ئۇلاردىن ھېساب ئالغۇچى، ئۇلارغا يېقىن زاتتۇر. فىقھ ئىستىلاھىدا: «قىز – ئاياللارغا نىكاھ ۋە باشقا ئىشلاردا ئاتىلىق ياكى يېقىن تۇغقاندارچىلىق، ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بار كىشى»دۇر. قاراڭ: ئىبنى تەيمىييە: «پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 11/62، دارۇلۋەفاﺋ، ئىسكەندەرىيە – مىسىر، م. 2005؛ قازى ئابدۇرەبىننەبىي ئەھمەدنەگەرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ (دستور العلماء/جامع العلوم في اصطلاحات الفنون)»، 3/323، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، ھ. 1421 / م. 2000؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1799 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ﯞﻩﮪﻴﻰ (الْوَحْيُ): ئەرەبچىدە «يېزىش، ئىشارە قىلىش، كۆڭلىگە سېلىش، نامە ۋە پىچىرلاش قاتارلىق باشقىلارغا يوللىغان ھەرقانداق نەرسە» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، سۈرئەت بىلەن مەخپىي ئۇقتۇرۇشنى بىلدۈرىدۇ. شەرىئەت ئىستىلاھىدا بولسا: «ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىرەرسىگە شەرئىي ھۆكۈم ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان بىر ئۇقتۇرۇشنى ۋاسىتىلىك ياكى ۋاسىتىسىز بىلدۈرۈشى»دىن ئىبارەت. دېمەك، ۋەھيى رۇبۇبىيەت ئالەمىدىكىنى پەرىشتەلەر ئارقىلىق بىرەر نەبىي ياكى رەسۇلغا ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشى ئۈچۈن تاپشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ۋەھيى دىن ۋە پەيغەمبەرلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئاساسلىق ئىش بولۇپ، ئۇنىڭسىز پەيغەمبەرلىك بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ۋەھيىگە ئىمان كەلتۈرۈشمۇ ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان جىمى كىتابلار ۋە سەھىپىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن باغلىنىشلىقى جەھەتتىن ھەربىر مۇسۇلمانغا ۋاجىبتۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ۋەھيىنىڭ ئۈچ تۈرىگە مۇنداق ئىشارە قىلغان: ﴿ئاللاھ ھەرقانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا، ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خاھلىغان ۋەھيىنى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(42/«شۇرا»: 51) بۇلار: 1. ۋەھيى ئارقىلىق يەنى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەلبىگە بىرەر مەنانى ئۇنىڭ ئاللاھتىن ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شەكلىنىپ قالمايدىغان دەرىجىدە سالىدۇ؛ 2. پەردە ئارقىسىدىن، يەنى بىۋاسىتە سۆزلىشىش ئارقىلىق؛ 3. جىبرىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرگە كېلىپ يەتكۈزۈشى. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1438 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003.

ۋىتىر/ۋەتر (الْوِتْرُ/ الْوَتْرُ): ئەرەبچىدە «تاق، يەككە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «رەكئەت سانى تاق، خۇپتەن (ۋە تەراۋىھ) بىلەن بامداتنىڭ ئارىسىدا ئەزان ۋە تەكبىرسىز ئوقۇلىدىغان كېچىلىك ناماز»دۇر. كۆپچىلىك ئالىملار «سۈننەتى مۇئەككەدە»، ئىمام ئەئزەم «ۋاجىب» دەپ قارىغان بۇ ناماز تەھەججۇد ياكى قىيامۇللەيل نامازلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كېچىلىك ناماز تۈگەللىنىدۇ. بۇ ناماز جۈپ رەكئەت ئوقۇلمايدىغان، بىر ياكى ئۈچ ياكى بەش ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ تاق رەكئەت ئوقۇلىدىغان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 27/289 – 293، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ۋىدالىشىش تاۋاپى (طَوَافِ الْوَدَاعِ): مىيقات (ياكى ھەرەم) سىرتىدىن كەلگەن ھاجىلار مەككەدىن (يۇرتىغا ياكى مەدىنە، ياكى تائىف، ياكى جىددە دېگەندەك مىيقات سىرتىغا) كەتمەكچى بولغىنىدا، ئاللاھنىڭ بەيتى بىلەن ۋىدالىشىش ئۈچۈن قىلىدىغان ۋاجىب تاۋاپتۇر. بۇ تاۋاپ ئۆمرەچى ئۈچۈن (ۋاجىب ئەمەس) مۇستەھەب. ھەيزدارلار ۋە نىپاسدارلار بۇ تاۋاپنى قىلمايدۇ ۋە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بىر قوي قان قىلمايدۇ. بۇ تاۋاپتا ئىلدام مېڭىش ۋە كەينىدىن سافا – مەرۋەدە سەئيى قىلىش بولمايدۇ. بۇ تاۋاپ يەنە «قايتىش تاۋاپى (طَوَافُ الصَّدَر)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 17/48 – 58، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ۋىدالىششى ھەجى/ھەججەتۇلۋەداﺋ (حَجَّةُ الْوَدَاعِ): ھىجرەتنىڭ 6 – يىلى ھەج پەرز قىلىنىپ، تۆرت يىلدىن كېيىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن ئۈچ ئاي مۇقەددەم ئادا قىلغان، پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى ۋە ئاخىرقى ھەج ئىبادىتىدۇر. بۇ ھ. 10 / م. 632 – يىلى ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنداپ، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە قىلغان بۇ ھەجىدە مۇسۇلمانلار بىلەن ۋىدالاشقانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەج «ۋىدالىشىش ھەجى»، ئاللاھنىڭ شەرىئەتىنى سۆزىدە ۋە ئەمەلىيىتىدە تولۇق يەتكۈزۈپ بولغانلىقى ئۈچۈن «يەتكۈزۈش ھەجى (حَجَّةُ الْبَلَاغِ)» دەپ ئاتالغان. بۇ ھەجدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىسلام شەرىئەتى ھەققىدە توختىلىپ نۇتۇق سۆزلىگەن ۋە مۇسۇلمانلارغا دىن ئىشلىرىدىن تەلىم بەرگەن. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ دىننى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىغا ئاۋۋال ئاللاھنى، ئاندىن مۇسۇلمانلارنى گۇۋاھ قىلغان. شۇ جۈمە كۈنى ئەرافاتتىكى چاغدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مۇنۇ ئايەت نازىل بولغان: ﴿ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺩﯨﻨﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯧﺌﻤﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺪﯨﻢ، ئىسلامنى ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﯖﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺭﺍﺯﻯ بولدۇم﴾(5/«مائىدە»: 3). ھەجدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈچ ئاي ياشىغان ۋە ئۇ ئايلاردا ھالال – ھارامغا ئالاقىدار ھۆكۈم ۋەھيى قىلىنمىغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 498 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003؛ ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 269 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ۋىرد (الْوِرْدُ): ئەرەبچە «سۇ بويىغا ياكى بىر جايغا كەلمەك، سۇ ئۈلۈشى» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: بەندە ئۆزىگە ھەر كۈنى ياكى كېچىسى ياكى مەلۇم ۋاقىتلاردا ۋەزىپە قىلىۋالغان قۇرئان تىلاۋىتى، زىكىر ۋە نامازغا ئوخشىغان ئەمەلدۇر. بۇ ئەمەل شۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلغانلارنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدىغان ياكى ئوقۇغۇچى ھەر كۈنى شۇ ئەمەلگە كېلىدىغان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. «كۈندىلىك تىلاۋەت ۋەزىپىسى» دېگەن مەنىدىكى ھىزب (الحِزْبُ) ئاتالغۇسىمۇ گاھىدا مۇشۇ مەنىدە قوللىنىلىدۇ. قاراڭ: جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 3/456، دارۇ سادەر، بېيرۇت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 43/88، 89، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 472 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

ئېتىكاپ (الاِعْتِكَافُ): ئەرەبچىدە «بىر جايدا مۇقىم تۇرۇش، ئۆزىنى بىر جايغا قاماپ تۇرۇش» دېگەن مەنىدە. ئىسلام شەرىئەتىدە: «جامائەت نامىزى ئوقۇلىدىغان مەسجىد – جامەلەردە روزا تۇتقان ھالەتتە مۇقىم تۇرۇش»تىن ئىبارەت بولۇپ، رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش سۈننەتتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 5/206 – 208، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 174 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003.

ئېلېكترونلۇق تىجارەت (التِّجَارَةُ الإِلِكتِرونِيَّةُ/Electronic Commerce): ئىنگلىزچە: «تۈرلۈك ئاتوملارنى ھاسىل قىلىدىغان ئىنتايىن كىچىك مەنپىي زەررىچە» دېگەن مەنىدىكى «ئېلېكترون (Electron)» كەلىمەسى بىلەن سۈپەتلەنگەن تىجارەت تۈرى بولۇپ، ئىنتېرنېتقا ئوخشىغان بىرەر ئېلېكترونلۇق ۋاسىتە بىلەن ئېلىم – سېتىم توختاملىرى قىلىش، تىجارىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش، تاۋارلارنى تارقىتىش، بازارغا سېلىش ۋە سېتىش ئىشلىرىنىڭ جۇغلانمىسىدىن ئىبارەت. سودىدا شەرت قىلغان شەرئىي ئۆلچەملەر تېپىلغان تەقدىردە، ئېلېكترونلۇق تىجارەتنىڭ جائىزلىقىدا دەۋر ئالىملىرى بىردەك قاراشتا. قاراڭ: دوكتور ئەدنان ئىبنى جەمئان ئەززەھرانىي: «ئىسلام فىقھىسىدا ئېلېكترونلۇق تىجارەت ئەھكاملىرى»، 21 – بەت، دارۇلقەلەم، بېيرۇت، ھ. 1430 / م. 2009؛ دوكتور ئەدنان ئىبنى جەمئان ئەززەھرانىي: «ئىسلام فىقھىسىدا ئېلېكترونلۇق تىجارەت ئەھكاملىرى»، 21 – بەت، دارۇلقەلەم، بېيرۇت، ھ. 1430 / م. 2009؛ دوكتور نادىيە سەخخان: «شەرىئەت مىزانىدا دروپشىپپىڭ بىلەن ئېلېكترونلۇق تىجارەت (التجارة الالكترونية بالدروب شيبنغ في ميزان الشرع)» ئاتلىق ماقالە، 5 – بەت، «ئەمىر ئابدۇلقادىر ئىسلام ئىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتى»، «شەرىئەت ۋە ئىقتىساد فاكۇلتېتى»، قۇسەنتىينە – ئالجىرىيە، م. 2023؛ «خەلقئارا ئىسلام فىقھ ئاكادېمىيەسى»، ھ. 1410، 17 – 23 – شەئبان / م. 1990، 14 – 20 – مارت، (بشأن حكم إجراء العقود بآلات الاتصال الحديثة) 52 (3/6) – نومۇرلۇق قارار.

ئىجاب ۋە قوبۇل (الْإِيجَابُ وَالْقَبُولُ): ئىجاب ساتقۇچى ياكى توختاملاشقۇچىنىڭ سېتىش/ توختاملىشىشقا بولغان رازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان «ماڭا بۇ مېلىڭنى مۇنچىلىك پۇلغا ساتقىن» ياكى «سەن بىلەن مۇنداق توختاملىشىمەن» دېيىشتەك تەكلىپ لەۋزى ياكى ئىش – ھەرىكىتى. قوبۇل: سېتىۋالغۇچىنىڭ ياكى توختاملاشقۇچىنىڭ سېتىش/ توختاملىشىشقا بولغان رازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان «ئالدىم» ياكى «سەن بىلەن توختاملاشتىم» دېيىشتەك قوبۇل لەۋزى ياكى ئىش – ھەرىكىتى. بۇ ھەنەفىي مەزھەب قارىشى بولۇپ، باشقا مەزھەبلەردە: دەسلەپ ياكى ئىككىنچى بولۇپ دېسۇن ساتقۇچىنىڭ ياكى مال ئىگىسىنىڭ سۆزى ئىجاب، سېتىۋالغۇچىنىڭ سۆزى قوبۇل بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 7/202، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ئىجارىگە بېرىش ئارقىلىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش (عَقْدُ التَّأجِيْرِ التَّمْوِيْلِيِّ/Financial Leasing): بۇ مۇئامىلە ئۇسۇلى «ئىسلام بانكىلىرى» ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىگە بولۇش بىلەن ئاياغلىشىدىغان ئىجارە توختىمى»غا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئىجارىگە بېرىش ئۇسۇلى بىر خىل مەبلەغ سېلىش ۋاسىتىچىلىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭدا ئىجارىگە بەرگۈچى ئىجارىگە بېرىلگەن نەرسىنىڭ ئەسل ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئىجارىگە بېرىلىدىغان نەرسىنى ئەسل ئىگىسىدىن سېتىۋېلىش ئۈچۈن مەبلەغ سالغۇچى بولۇپ، ئۇنى ئۆز نامىدا سېتىۋېلىپ ئىجارىگە بېرىدۇ. ئىجارىگە ئالغۇچى ئىجارىگە ئالغان نەرسىگە ئىگە بولۇشقا — شەرتلەشكەن بولغاچقا — زورلىنىدۇ. ئەمما، ئىجارىگە بېرىش ئارقىلىق مەبلەغ تەمىنلەشتە بولسا 3 ئىشتىن بىرىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلىدۇ:

1. ئىجارىگە ئېلىنغان نەرسىگە يېڭى توختام بىلەن ئىگە بولۇش (بۇنى تاللىسا، يۇقىرىقى «ئىگە بولۇش بىلەن ئاياغلىشىدىغان ئىجارە توختىمى» بولىدۇ)؛

2. ئىجارە مۇددىتىنى ئۇزارتىش؛

3. ئىجارىگە ئالغان نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپ ئىجارە توختىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى بوغۇش. قاراڭ: دكتور حسين حسين شحاته: «اَلتَّأجِيْرُ التَّمْوِيْلِىُّ فِىْ ضُوْءِ الشَّرِيْعَةِ الْإِسْلَامِيَّةِ»، 4 – بەت.

ئىجتىھاد قىلىش (اَلْاِجْتِهَادُ): فىقھ ئىستىلاھتا: «مۇتلەق قۇرئان – ھەدىس ھۆكۈملىرىنىڭ لەفزى ۋە مەناسىغا ئاساسەن، مۇتلەق ھۆكۈم كەلمىگەن خۇسۇسلاردا تۈرلۈك ئالاقىدار سۆز ياكى ۋەقەدىن يوشۇرۇن مەنانى قېزىپ چىقىش مېتودلىرى بىلەن شەرئىي ھۆكۈم ھەققىدە قىياسقا ئېرىشىش يولىدىكى تىرىشچانلىق»نى كۆرسىتىدۇ. شەرئىي ھۆكۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ خىل تىرىشىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئالىمغا «مۇجتەھىد (المُجْتَهِدُ)» دېيىلىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 4 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ئىجماﺋ (الْإِجْمَاعُ): ئەرەبچىدە «بىرلىككە كېلىش، ئىتتىپاقلىشىش» دېمەكتۇر. فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى مەلۇم بىر ئەسىردە ئىسلام ئۈممىتى مۇجتەھىدلىرىنىڭ مەلۇم شەرئىي مەسىلىدە بىردەك ئىتتىپاقلىشىشى»دۇر. ئۇ مەسىلىدە ھەربىر مۇجتەھىد سۆز ئارقىلىق ئېنىق ئىپادە بىلدۈرسە، «ئېنىق ياكى سۆزلۈك ئىجماﺋ (الْإِجْمَاعُ الصَّرِيحُ/الْقَوْلِيُّ)»؛ بىرەر مۇجتەھىدنىڭ بىرەر مەسىلىدە بەرگەن پەتۋاسى كەڭ تارقىلىپ، باشقا مۇجتەھىدلەر يا ئېنىق ماقۇل كەلمەي، يا قارشى چىقماي سۈكۈتتە تۇرغان بولسا، «سۈكۈتىي ئىجماﺋ (الْإِجْمَاعُ السُّكُوْتِيُّ)»؛ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ساھابە كىراملارنىڭ بىرەر شەرئىي ھۆكۈمگە بىردەك ئىتتىپاقلىشىشى «ساھابەلەر ئىجمائسى (إجْمَاعُ الصَّحَابَةِ)»؛ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەھلى بەيتنىڭ يەنى ھەزرىتى ئەلى، فاتىمە، ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ بىرەر شەرئىي ھۆكۈمدە بىردەك ئىتتىپاقلىشىشى «ئەھلى بەيت ئىجمائسى (إجْمَاعُ أَهْلِ الْبَيْتِ)»؛ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مەدىنە مۇنەۋۋەرە مۇجتەھىدلىرىنىڭ ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە ۋە ئۇندىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى ئىجمائسى «ئەھلى مەدىنە ئىجمائسى (إجْمَاعُ أَهْلِ الْمَدِينَةِ)» دەپ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 2/48، 49، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 54 – 58 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ئىراق فەتىھلىرى (فُتُوْحَاتُ الْعِرَاقِ): ھ. 12 / م. 633 تە ھەزرىتى ئەبۇبەكرى زامانىدا باشلاپ، ھ. 16 / م. 637 دە ھەزرىتى ئۆمەر زامانىدا تاماملانغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 586 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ئىزار (الْإِزَارُ): بەلنىڭ ئاستىنى پۇتقىچە تولۇق يۆگەيدىغان يوپكىدەك رەخت. كۈنىمىزدە يەمەن ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە ئەر ۋە ئاياللارغا ئورتاق كىيىم. مىئزەر (الْمِئْزَرُ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 22/169، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 126 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ئىزخىر/مەككە چىغى (الْإِذْخِرُ): ھىجاز تۈزلەڭلىكلىرىدە ئۆسىدىغان بىر خىل خۇشپۇراقلىق، مېۋىلىك ئۆسۈملۈك. ئۇنى ھىجازلىقلار زەرگەرلىكتە، ئۆي ۋە قەبرە ياساشتا ئىشلىتەتتى. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 8/61، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز؛ ئىزخىر باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى ئۇزۇن، ياپىلاق، گۈلى كونۇسسىمان گۈل رېتىدە، تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدا ئۆسىدۇ. غول ۋە يوپۇرمىقىدىن ئىزخىر مېيى ئېلىنىپ ئەتىرنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ. قاراڭ: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 1268 – بەت.

ئىستىخارە (الْاِسْتِخَارَةُ): «كىشى ئىككىلەنگەن بىر ياكى بىرقانچە ئىشتىن ئەڭ خەيرلىك بولغىنىغا يول كۆرسىتىشنى ئاللاھتىن تىلەش»تۇر. ئىستىخارەنىڭ مەخسۇس دۇئاسى ۋە نامىزى بار. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارغا ھەرقانداق بىر ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ئىستىخارە ۋە مەسلىھەت سېلىشنى تەۋسىيە قىلغان. ھەتتا «ئىستىخارە سالغان ئالدانماس، مەسلىھەت سالغان پۇشايمان يېمەس» دېيىلگەن. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 22 بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ئىستىدلالىي ئىلىم (الْعِلْمُ الاستِدْلَاليُّ/الْعِلْمُ النَّظَرِيُّ): ئەرەبچىدە «پاكىت تەلەپ قىلىش، پاكىت كەلتۈرۈش» مەنىسىدىكى «ئىستىدلال» كەلىمەسىگە نىسبەت بولۇپ، مەنتىق (لوگىكا) ئىلمىدە: «ئىنسان ئەقىل ئىشلىتىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە پاكىت كەلتۈرۈش ئارقىلىق تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدىغان ئىلىم»دۇر. مەسىلەن، ئالەمنىڭ ھادىسەلىكى، مالائىكە ۋە ئەنبىيائلارنىڭ بارلىقى، يەرشارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىشى، جازانەنىڭ ۋە ۋاقىتلىق نىكاھنىڭ ھاراملىقى قاتارلىقلار پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە پاكىت كەلتۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم بولىدۇ. «زۆرۈرىي ئىلىم»نى غەپلەتتە قالمىغان ھەربىر ئاقىل قولغا كەلتۈرەلەيدۇ ۋە ئۇ ئىلىم شەكلىنىش قوبۇل قىلمايدۇ، ئەمما «ئىستىدلالىي ئىلىم»نى پەقەتلا پاكىت بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش سالاھىيىتى بار كىشىلەرلا قولغا كەلتۈرەلەيدۇ ۋە بۇ ئىلىمدە شەكلىنىش، شەكتىن جەزمىيەتكە يۆتكىلىش ۋە ئۇنىڭدىن يېنىۋېلىش مۇمكىن بولىدۇ. بۇ ئىلىمگە ئىنسان قولاي ئېرىشمەستىن پىكىر يۈگۈزۈش، ئەقلىي ئەمگەك سەرپ قىلىش، گاھىدا ئالگېبرا تەڭلىمىلىرىدەك پىكىر يۈرگۈزىدىغان تەڭلىمىلەرنى يېشىشكە ئوخشىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش بىلەن ئېرىشىدىغان بولغاچقا «نەزەرىي ئىلىم (الْعِلْمُ النَّظَرِيُّ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: باقىللانىي: «ئەلئىنساف» 1 – بەت؛ ئەبۇلبەقاﺋ ئەييۇب ئەلكەفەۋىي: «ئەلكۇللىييات»، 159 – بەت، ئەدنان دەرۋىش، مۇھەممەد ئەلمىسرىيلەر نەشرگە تەييارلىغان، مۇئەسسەسەتۇررىسالە، بېيرۇت، ھ. 1419 / م. 1998؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 1147 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ئىستىسقاﺋ/يامغۇر تىلەش (الْاِسْتِسْقَاءُ): ئەرەبچىدە «سۇغۇرۇشنى تەلەپ قىلماق، يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىشنى تىلىمەك» دېگەنلىك بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «قۇرغاقچىلىق سەۋەبلىك سۇغا موھتاج بولغاندا، بەندىلەرنىڭ ئاللاھتىن يامغۇر تىلىشى»دىن ئىبارەتتۇر. ھۆكمى سۈننەتى مۇئەككەدە بولۇپ، شەھەر سىرتىدىكى مەيدانلاردا ياكى جامەلەردە ئەزان – تەكبىرسىز قىلىنىدۇ. فۇقەھائنىڭ بەزىسى: «ئىستىسقاﺋ پەقەت دۇئا بىلەن بولىدۇ» دېگەن؛ يەنە بەزىلەر: «ناماز بىلەن بىللە دۇئا قىلىدۇ» دېگەن؛ يەنە بەزىلەر: «ناماز بىلەن دۇئا قىلىدۇ ھەمدە خۇتبە ئوقۇيدۇ» دېگەن. نامازنى ئادەتتىكى نامازدەك ئىككى رەكئەت ئوقۇسىمۇ، ھېيت نامىزىدەك ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. كۆپلىگەن ئالىملار قۇرغاقچىلىقنىڭ مولچىلىققا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ: «ئىستىسقائدا كىيىمىنىڭ ئۈستىنى ئاستىغا، ئاستىنى ئۈستىگە ياكى ئىچىنى تېشىغا، تېشىنى ئىچىگە ۋەياكى ئالدىنى ئارقىغا، ئارقىنى ئالدىغا قىلىپ ئۆرۈش مۇستەھەب» دېگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى: «كىيىمنى قىبلىگە قاراپ دۇئا قىلغاندا ئۆرۈيدۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر: «خۇتبىدە ئۆرۈيدۇ» دېگەن. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 3/304 – 317، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ئىستىسناﺋ/بۇيرۇتما سودا (الْاِسْتِصْنَاعُ): ئەرەبچىدە «بىرنەرسە ياساتقۇزماق، بىرنەرسە ئىشلەشنى بۇيرۇتماق»، فىقھ ئىستىلاھىدا: «بىرەر ھۈنەرۋەنگە سۈپىتى، تاپشۇرۇش مۇددىتى ۋە باھاسى ئېنىق قىلىپ بىرەر نەرسە ياساپ بېرىش ھەققىدە بېرىلگەن تاپشۇرۇق سودىسى»دىن ئىبارەت. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 3/325، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 146 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ئىستىنبات (الْاِسْتِنْبَاطُ): ئەرەبچىدە «سۇ تارتماق؛ يەكۈنلىمەك» دېمەكتۇر. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە «دېدۇكسىيە»: ئى. [ر‹لات›] ›لوگ› ئومۇمىي ھالەتتىن خۇسۇسىي ھالەتكە ئۆتۈپ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش؛ ئومۇمىي ھالەتتىن جۈزئىي نەتىجە چىقىرىش (يەنى ئىندۇكسىيىنىڭ ئەكسى). فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «ئەگەر نەسلەردە ھۆكۈم ياكى ئىللەت بايان قىلىنمىغان بولسا ھەم ئۇلار بارىدا ئىجمائمۇ قىلىنمىغان بولسا، ئىجتىھاد قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈمنى ياكى ئىللەتنى يەكۈنلەپ چىقىرىش» دېمەكتۇر. بۇ قىياس قاتارلىق «ئىللەتنى بىلىش يوللىرى (مَسَالِكُ الْعِلَّةِ)»نىڭ بىرى بولۇپ، ئىللەتنى نەس ياكى ئىجماﺋ بىلەن بىلىش ئىستىنبات بولمايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 4/111، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 158 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ئىستىنجاﺋ (الاِسْتِنْجَاءُ): ئەرەبچىدە «تەرەتتىن خالاس بولۇش، پاكلىنىش ۋە دالدىلىنىش» دېمەكتۇر. فىقھ ئىستىلاھىدا: ئالدى – ئارقا ئىككى تەرەت ئېغىزىدىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەينەتلىك قالدۇقىنى چالما ۋە شۇنىڭدەك بىرنەرسە بىلەن سۈرتۈپ ياكى سۇ بىلەن يۇيۇپ تازىلاشتىن ئىبارەت. ئىستىنجائنىڭ ھۆكمى ۋاجىب بولۇپ، ھەنەفىي مەزھەبتە يەرلىك ئورۇندىن ئەتراپقا يامرىمىغان بەزىبىر ئەھۋاللاردا سۈننەتتۇر. قاراڭ: ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 2/287، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 4/112 – 114، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ئىستىھازە (الْاسْتِحَاضَةُ): ئەرەبچە «ھەيز (الْحَيْضُ)» كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن ئىسىم بولۇپ، «ئايال کىشىنىڭ ئادەت (ھەيز) ياكى نىپاس كۈنلىرىدىن كېيىنمۇ داۋاملىق قانسىراپ تۇرۇشى»نى كۆرسىتىدۇ. فىقھ ئىستىلاھىدا بولسا: «ئاياللاردا ئادەت ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلاردا كېسەللىكتىن ياكى (بالىياتقۇ ئاستىدىكى) مەلۇم تومۇر يېرىلغانلىقتىن قان (خۇن) كېلىش»تۇر. بۇ ھالەتتىكى ئايالغا «ئىستىھازىدار (الْمُسْتَحَاضَةُ)» دېيىلىدۇ. ئىستىھازە خۇنى ھەيز خۇنىدىن پۇراقسىزلىقى ۋە ئۇيۇشقاقلىقى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ھەيز خۇنى ئايال كىشى ساق – سالامەت تۇرۇپ كەلسە، ئىستىھازە خۇنى كېسەللىك ياكى بىرەر تەڭپۇڭسىزلىقتىن كېلىدۇ. ئىستىھازە خۇنىنىڭ ھۆكمى توختىماي بۇرۇن قاناش ياكى سۈيدۈك توختىماسلىق قاتارلىقلارغا ئوخشاش بولۇپ، شەرئىي ئەھكامدا ئىستىھازىدارلار ساغلام ئاياللاردىنمۇ، ھەيزدارلاردىنمۇ پەرقلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئىستىھازە ناماز، روزا، تاۋاپ، «قۇرئان» تىلاۋىتى ۋە جىماغا توسالغۇ بولمايدۇ. لېكىن، ھەربىر نامازغا ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 3/197 – 212، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ئىسرائىلىييات (الْإِسْرائِيْلِيَّاتُ): «بەنى ئىسرائىل»غا نىسبەت بېرىلگەن «ئىسرائىلىييە» كەلىمەسىنىڭ كۆپلۈك ھالىتى بولۇپ، «يەھۇدىي – ناسارالار بولمىش ئەھلى كىتابنىڭ ئۆلىمالىرىدىن ياكى ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىن ئېلىنغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تەفسىر، تارىخ ۋە ۋەز – نەسىھەت كىتابلىرىدا ئۇلاردىن نەقىل قىلىنىپ بايان قىلىنغان رىۋايەتلەر»دۇر. بۇ رىۋايەتلەردە بەزىبىر راست سۆزلەر بولسىمۇ، كۆپىنچىسى يالغان – ياۋىداق، توقۇلمىلاردىن ئىبارەتتۇر. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد ئەبۇ شەھبە: «الْإِسْرَائِيْلِيَّاتُ وَالْمَوْضُوْعَاتُ فِيْ كُتُبِ التَّفْسِيْرِ (ئەلئىسرائىلىييات)»، سۈننەت كۇتۇبخانىسى، 13، 14 – بەتلەر، قاھىرە، ھ. 1408؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭئىي ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 165 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ئىسسىتقۇ (التِّوَلَة): ئاياللار ئەرلىرىنى ئۆزلىرىگە ئامراق قىلىش ئۈچۈن قىلىدىغان سېھىر. ئەھلى جاھىلىيەت «ئىسسىتقۇ ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنىدىن باشقىسىنى قىلىدۇ، تەسىر قىلىدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقتىن ھەدىس شەرىفتە: «ئىسسىتقۇ شىركتۇر» دېيىلگەن. قاراڭ: ئەبۇ داۋۇد ، (3883)؛ جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 11/81، دارۇ سادەر، بېيرۇت؛ ئىبنۇلئەسىر: «ئەننىھايە فىي غەرىبىل ھەدىس»، 113 – بەت، دارۇ ئىبنىل جەۋزىي، ھ. 1421.

ئىسكەنجىۋىل (السَّكَنْجِبَيْنِ): چۈچۈمەل بىلەن شېرىن ئارىلاشما ئىچىملىك. فارسچە سىركا ئانكەبىن. سىركە بىلەن ھەسەل ئارىلاشمىسى. ھەسەل ئورنىغا ئاق شېكەر، سىركە ئورنىغا بىھى مۇرابباسى ياكى ئۈزۈم شىرنىسىگە ئوخشىغان باشقا نەرسىلەر ئارىلاشتۇرسىمۇ مۇشۇ ئىسىمدا ئاتىلىدۇ. ئىسسىقنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە. قاراڭ: مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەلخارەزمىي ئەلبەلخىي: «مەفاتىيھۇل ئۇلۇم»، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، 104 – بەت؛ «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/440، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425 / م. 2004؛ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، ۋ — ي، 256 – بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، م 1998.

ئىسلام كالېندارى ياكى ھىجرىيە تەقۋىمى (التَّقْوِيمُ الْإِسْلاَمِيُّ/التَّقْوِيمُ الْهِجْرِيُّ): بىر تۈرلۈك ئاي (قەمەرىيە) تەقۋىمى بولۇپ، 12 ئاي/354 ياكى 355 كۈن بىر يىل ھېسابلىنىدىغان، ئاينىڭ يەرشارى ئەتراپىدا ئايلىنىشىنى ئاساس قىلىدىغان تەقۋىمدۇر. بۇ تەقۋىمدە بىر ئاي 29 ياكى 30 كۈن بولىدۇ. بۇ تەقۋىم خەلىفە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زامانىدا، ھىجرىيە 17 – يىلى، مىلادى 638 – يىلى ھەزرىتى ئەلىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن، ئالەملەرگە رەھمەت ۋە يولباشچى قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئانا يۇرتى مەككەدىن مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان ۋاقتى (مىلادىيە 622) 1 – يىل دەپ قوبۇل قىلىنغان ۋە يولغا قويۇلغاندۇر. شۇنداقلا ھەج مەۋسىمىنىڭ ئاياغلىشىپ يېڭى بىر باسقۇچنىڭ باشلىنىشى كۆزدە تۇتۇلۇپ، مۇھەررەم يىلنىڭ بېشى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئىددەت ساناش، زاكات بېرىش، رامازان روزىسىنى تۇتۇش، ھېيت قىلىش ۋە ھەج قىلىش قاتارلىق شەرئىي ئەھكاملارنى ئورۇنداش ۋە ئىجرا قىلىشتا ھىجرىي تەقۋىم ئاساس قىلىنىدۇ.

ئىسلامغا ئۇيغۇن دېيىلگەن زايوملار (اَلصُّكُوْكُ الْاِسْلَامِيَّةُ/Islamic instrument or Islamic bonds or Islamic Sukuk): شەرىئەتتىكى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى (مۇزارەبە) قائىدىسى بويىچە، چوڭراق بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئوتتۇرا ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ماڭدۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر شىركەتنىڭ سەرمايىسىگە ئالاقىدار مەلۇم پىرسەنتتىكى ھەسسىدارلىقنى كۆرسىتىدىغان، ھەربىرى ئوخشاش قىممەتتىكى ھۆججەتلەردۇر. بۇ زايومنى سېتىۋالغانلار ئۇنى ئېلىپ – ساتالايدۇ. ئىگىدارچىلىقىنى ھەدىيە بېرىۋېتىش، رەنىگە قويۇش ياكى مىراس قالدۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق باشقىلارغا يۆتكىيەلەيدۇ. ئىسلامغا ئۇيغۇن دېيىلگەن زايوملار ھەقىقەتەن شەرئىي ئۆلچەمگە رىئايە قىلىنغان ئاساستا بازارغا سېلىنسا، ئۇنى ئېلىپ سېتىشتىكى ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىپ ئېلىپ – سېتىشقا بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، ئەمەلىيەتتىمۇ كۆپ قىسمى ئۇنداق ئەمەس، ئۇنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ. قاراڭ: «ئىسلام مالىيە مۇئەسسەسەلىرى ھېسابات ۋە تەپتىش ھەيئىتى (AAOIFI)»: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، 17 – شەرئىي ئۆلچەم. 467 – بەت.

«ئىسلام مالىيە مۇئەسسەسەلىرى ھېسابات ۋە تەپتىش ھەيئىتى» (هيئة المحاسبة والمراجعة للمؤسسات المالية الإسلامية/AAOIFI): ھ. 1411 / م. 1991 – يىلى قۇرۇلغان ئىسلام مالىيەسى ئاستىقۇرۇلمىسىنى ھازىرلايدىغان ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۆتىۋەر خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن بىرى. باش ئىشخانىسى بەھرەيندە. بۈگۈنگە قەدەر ئىسلام مالىيەسى، ھېسابات، تەپتىش، ئىش ئەخلاقى ۋە ھەكەملىك قاتارلىق ئىسلام مالىيەسىگە ئالاقىدار تەسىرى كۈچلۈك بولغان 100 شەرئىي ئۆلچەم بېكىتىپ چىققان. ئۇنىڭغا 50 كە يېقىن دۆلەتتىكى مەركىزىي ۋە باشقا بانكىلار شۇنداقلا مالىيە مۇئەسسەسەلىرى ئەزا بولغان ۋە مەزكۇر شەرئىي ئۆلچەملەرنى ئاساس قىلىپ كەلمەكتە. قاراڭ: AAOIFI تور بېتى: https://aaoifi.com/about-aaoifi/?lang=en

ئىسناد (الْإِسْنَادُ): «سەنەد» مەنىسىدىمۇ قوللىنىلىدىغان بولۇپ، بىر ھەدىس ياكى بىر سۆزنى تۇنجى رىۋايەت قىلغۇچى ياكى تىلغا ئالغۇچىنى ئىما قىلىش ئۈچۈن سەنەدىدە ئورۇن ئالغان راۋىيلەرنىڭ ئىسىملىرىنى بايان قىلماق، سەنەدىنى بايان قىلماقتۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 6 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ئىشارە تەفسىر ۋە قىياس تەفسىر (التَّفْسِيْرُ الإِشَارِيُّ/التَّفْسِيْرُ بِالْقِيَاسِ وَالْاِعْتِبَارِ): «ئايەتلەردىكى ئىشارەلەر ئارقىلىق ئايەتلەرنى زاھىرى بىلەن زىتلەشمەيدىغان باشقىچە مەنىدە تەفسىر قىلىش»تىن ئىبارەت. «ئىشارە تەفسىر» يەنە «سىمۋوللۇق تەفسىر»، «فەيزىي تەفسىر» ۋە «سۇفىي تەفسىر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئىشارە تەفسىر قىياسقا تايىنىدىغان تەفسىر بولۇپ، ئىشارە قىلىنغان مەنا باشقا ئايەتلەرگە قىياس قىلىشتىن ئېلىنغان بولىدۇ. قىياس شەرتلىرى تولۇق تېپىلغان تەقدىردە، تەفسىر توغرا، تولۇق تېپىلمىغان تەقدىردە، تەفسىر ناتوغرا ھېسابلىنىدۇ. «سۇفىي تەفسىر»نىڭ تارىخىي جەريانى ئىككى خىل تەفسىرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، بىرى، «نەزەرىيەۋى سۇفىي تەفسىر» بولۇپ، بۇنىڭ پېشۋاسى ئىبنۇلئەرەبىيدۇر. بۇ خىل تەفسىر ئايەتنىڭ زاھىر مەنىسىنى ئىسلام ئەقىدىسىدىن يات پەلسەپەۋى مەناغا بۇراشتىن ئىبارەت. شۇڭا، بۇنى «قۇرئان»نىڭ تەفسىرى دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ يۆنىلىشتىكىلەر ئىلاھىي كالامنى تەفسىرلەشنى دالدا قىلىپ، ئازغۇن ئەقىدىلىرىنى يايماقچى بولغان. يەنە بىرى، «ئەمەلىي سۇفىي تەفسىر ياكى ئىشارە تەفسىر» بولۇپ، سۇلۇك ئەربابلىرىنىڭ ئىلھام ۋە كۆڭۈلگە ئايان بولۇشقا تايىنىپ، ئايەتلەرنى زاھىر مەناسىدىن بەكلا يىراقلارغا ئېلىپ كېتىشى سەۋەبلىك ئۇنى ئىلاھىي ئىشارە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشتا خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ. قاراڭ: ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2/28 ۋە 13/241؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الموسوعة القرآنية المتخصصَة (قۇرئان ئالاهىدە ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 282 – 284 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، م. 2002؛ ئەمر سۈبھى ئەششەرقاۋىي: «قۇرئانغا تەلپۈنگەن يۈرەك»، ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇرراززاق رەجەب، «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»، 100 – بەت.

ئىشراقىييە (الْإِشْرَاقِيَّةُ/ILLUMINATIONISM): «يورۇتۇش ۋە نۇر چېچىش» مەنىسىدىكى «ئىشراق» كەلىمەسىگە نىسبەت بولۇپ، شىھابۇددىن سۇھرەۋەردىي (ھ. 549 – 587 / م. 1154 – 1191) تەرىپىدىن قۇرۇلغان «شەخسىي زەۋق، ئىلھام، كۆڭۈلگە ئايان بولۇش ۋە رىيازەت قاتارلىقلارنى بىلىمنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى» دەپ قارايدىغان مىستىكىلىق، تەسەۋۋۇف روھى سىڭگەن پەلسەپەۋى تەلىمات.

ئىفازەت تاۋاپى (طَوَافُ الإِفَاضَةِ): بۇ تاۋاپ ھەجنىڭ ئاساسلىق رۇكنىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھەرقانداق ھاجى ئەرافاتتىن يېنىپ مۇزدەلىفەدە قونۇپ، ھېيت كۈنى مىناغا بېرىپ قۇربانلىقىنى قىلىپ، شەيتانغا تاش ئېتىپ، چېچىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن مەككەگە كىرىپ ئىفازەت تاۋاپىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ھاجى ئۇنىڭسىز ئىھرامدىن تولۇق چىققان بولمايدۇ. باشقا بىر ئىش ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ. بۇ تاۋاپ ئەرافاتتىن قايتقاندىن كېيىن قىلىنىدىغان بولغاچقا، «ئىفازەت/قايتىش تاۋاپى» دەپ ئاتالغان. بۇ تاۋاپ يەنە «پەرز تاۋاپ، زىيارەت تاۋاپى، ئاساسىي تاۋاپ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 29/122، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ئىگە بولۇش بىلەن ئاياغلىشىدىغان ئىجارە توختىمى (الْإِجَارَةُ الْمُنْتَھِيَةُ بِالتَّمْلِيْكِ/Ijarah Muntahia Bittamleek (lease to own) ): بۇ خىل توختامدا بانكا بىرەر ئۆي ياكى ماشىنىنى بىر كىشىگە مەلۇم مۇددەت ئىجارىگە بېرىدۇ. ئىجارە باھاسى ئادەتتىكى بازار باھاسىدىن سەل يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، بەلگىلەنگەن مۇددەت توشۇپ، جىمى سوممىنى تۆلەپ بولغاندا يېڭى بىر توختام بىلەن ئۇ نەرسە ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ مۈلكىگە ئايلىنىدۇ. بۇ سودا توختىمى «ئىسلام بانكىلىرى»دا كەڭ تارقالغان بولۇپ، مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشتە ئاساسلىق تۈرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىر قاراشقا قەرەللىك سودىغا ئوخشىسا، ئەمەلىيەتتە ئىجارە توختىمى بىلەن سودا توختىمىدىن ئىبارەت قوش توختاملىق بىر سودا بولۇش جەھەتىدىن قەرەللىك سودىدىن پەرقلىنىدۇ. دېمەك، بۇ ماھىيەتتە سودا، كۆرۈنۈشتە ئىجارىدىن ئىبارەت. «ئىسلام بانكىلىرى» ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ئىجارە توختىمى جازانە بانكىلىرىدىكى ئىجارىلىك ئېلىپ – سېتىش سودىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ توختام ئىجارە شەرتلىرى بىلەن ئىگە بولۇش ھەقلىرىنى بىر – بىرى بىلەن قوچىۋېتىدۇ. بۇ ۋەجدىن بۇنى كۆپچىلىك ئالىملار بەزى شەرتلەرگە رىئايە قىلىنسا جائىز دېسىمۇ، بىر قىسىم ئالىملار ھارام دەپ قارىغان. ھازىرقى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەكلىنى بېجىرىم بولمىغان، شۈبھىلىك سودا دېگىلى بولىدۇ. قاراڭ: دكتور دوكتور مۇھەممەد ئوسمان شەببىر: «الْمُعَامَلَاتُ الْمَالِيَّةُ الْمُعَاصِرَةُ فِي الْفِقْهِ الْإِسْلَامِيِّ (ئىسلام فىقھىسىدىكى ھازىرقى زامان پۇل مۇئامىلەلىرى)»، 321 – 326 – بەتلەر،. دارۇننەفائىس، ئاممان، م. 2007.

ئىللەت (العِلَّةُ): ئەرەبچىدە «ئەھۋالنى ئۆزگەرتكۈچى كېسەللىك ۋە سەۋەب» مەنىسىدە بولۇپ، تۈرلۈك ئىلىملەر ئىستىلاھىدا پەرقلىق قوللىنىلىدۇ. مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «سەھىھ كۆرۈنگەن ھەدىسنىڭ سەنەدى ياكى مەتنىدىكى سەھىھلىكنى زىدىلەيدىغان مەخپىي سەۋەب». بەزى مۇھەددىسلەر ئىللەتنى ئاشكارا سەۋەبكىمۇ ئومۇملاشتۇرىدۇ. سەنەدتىكى ئىللەتنىڭ مىسالى، مۇدەللىسنىڭ ئەنئەنە بىلەن قىلغان رىۋايەتى ياكى مەۋقۇفنىڭ مەرفۇﺋ قىلىنىشى… قاتارلىقلار بولسا، مەتىندىكى ئىللەتنىڭ مىسالى، بىرەر كەلىمەسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ياكى ئارتۇق رىۋايەت قىلىنىشى… دېگەندەك. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «فىقھىي ھۆكۈمنى تونۇتقۇچى بەلگە». باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا: «ئەسل بىلەن فەرﺋ ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق بىر سۈپەت» بولۇپ، فەرئنىڭ ھۆكمى شۇ سۈپەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ ۋە شۇ سۈپەتكە بىنائەن، ئەسلنىڭ ھۆكمى ئەسلدىن فەرئگە ھالقىپ ئۆتىدۇ. مەسىلەن، ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ ئىللىتى مەست قىلىشتۇر. پەلسەپە ئىستىلاھىدا: «بىرنەرسىنىڭ ماھىيىتىدىن تاشقىرى، ئەمما ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكۈچى» بولۇپ، ئۇ نەرسىنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۇنىڭغا قاراشلىق بولىدۇ. مەسىلەن، ئالەمنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئىللىتى ئاللاھ تائالادۇر، ئالەم ئىللەتلەنگۈچى (مَعْلُوْلٌ) دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 30/286، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ العَقِيدَةِ الْإِسْلَامِيَّةِ (ئىسلام ئەقىدىسى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 817 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، م. 2010؛ مۇھەممەد ئۇبەيدۇللاھ ئەلئەسئەدىي: «الْمُوْجَزُ فِيْ أُصُوْلِ الْفِقْهِ مَعَ مُعْجَمِ أُصُوْلِ الْفِقْهِ (ئەلمۇجەزۇ فى ئۇسۇلىلفىقھ)»، 249 – بەت، دارۇسسالام، 3 – باسمىسى، قاهىرە، ھ. 1442 / م. 2021.

ئىللىييىن/ئىللىييۇن (عِلّيُّون): «ئۈستۈن، يۇقىرى جاي؛ يەتتىنچى ئاسمان؛ مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرىنىڭ بارار جايى؛ ئىتائەتمەنلەرنىڭ نامەئى ئەئمالى ئورۇن ئالىدىغان يەر» دېگەن مەنىدىكى «قۇرئان» ئاتالغۇسى. قاراڭ: شەۋكانىي: «فەتھۇلقەدىر»، 7/444.

ئىلمى دىرايەت (عِلْمُ الدِّرَايَةِ): ئەرەبچىدە دىرايەت كەلىمەسى: «پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە چارە قىلىش ئارقىلىق تونۇماق، چۈشەنمەك ۋە بىلمەك» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مۇھەددىسلەر ئىستىلاھىدا: «سەنەد بىلەن مەتىننىڭ ئەھۋاللىرىنى تونۇشقا ۋاسىتە بولىدىغان قانۇنلارنى بىلىش»تۇر. رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسنى چۈشىنىش، ئۇنىڭدىن مەزمۇن ۋە ئەھكاملارنى سۈزۈپ ئېلىشمۇ مەتىننىڭ ئەھۋاللىرىنى بىلىشنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇ ئىلىم بىلەن ھەدىسنىڭ سەھىھلىرىنى سەھىھ ئەمەسلىرىدىن ئايرىش، ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان ئەقىدە ۋە ئەھكاملارنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش كۆزلىنىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 530 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003؛ ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئەبۇ شەھبە: «الْوَسِيْطُ فِيْ عُلُوْمِ وَمُصْطَلَحِ الْحَدِيْثِ (ئەلۋەسىت فى ئۇلۇمى ۋە مۇستەلەھىلھەدىس)»، 25، 26 – بەتلەر، سۈننەت كۇتۇبخانىسى، قاھىرە، م. 2014.

ئىلمى رىۋايەت (عِلْمُ الرِّوَايَةِ): ئەرەبچىدە رىۋايەت كەلىمەسى: «سۇغۇرۇش ئۈچۈن سۇ ئىزدىمەك، ئاڭلاپ سۆزلەپ بەرمەك ۋە نەقىل قىلماق» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مۇھەددىسلەر ئىستىلاھىدا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بېرىلگەن سۆز ياكى پېئىل، ياكى تەقرىر، ياكى جىسمانىي ۋە ئەخلاقىي سۈپەت قاتارلىقلارنى، شۇنداقلا ساھابە ۋە تابىئىنگە نىسبەت بېرىلگەن سۆز ياكى پېئىللارنى نەقىل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىلىم»دۇر. بۇ ئىلىم يەنە «ھەدىس ئىستىلاھاتلىرى ئىلمى (عِلْمُ مُصْطَلَحِ الْحَدِيْثِ)»، «ئۇسۇلۇلھەدىس (أُصُولُ الْحَدِيثِ)»، «ھەدىس ئىلىملىرى (عُلُومُ الْحَدِيثِ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 532 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003؛ ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئەبۇ شەھبە: «الْوَسِيْطُ فِيْ عُلُوْمِ وَمُصْطَلَحِ الْحَدِيْثِ (ئەلۋەسىت فى ئۇلۇمى ۋە مۇستەلەھىلھەدىس)»، 24 – بەت، سۈننەت كۇتۇبخانىسى، قاھىرە، م. 2014.

ئىمام (الْإِمَامُ) ئەرەبچىدە «كۆزلىنىدىغان ۋە يۈزلىنىدىغان شەيئى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىلمىي ئىستىلاھتا: «قىممىتى ئۈستۈن، پايدىسى زور؛ ئىسلاھ قىلغۇچى، تۈزىگۈچى، يېتەكلىگۈچى، يول باشلىغۇچى، رەھبەرلىك قىلغۇچى ۋە ئۈلگىلىك سالاھىيەت ئىگىسى»نى كۆرسىتىدۇ. «قۇرئان كەرىم» (2/«بەقەرە»: 124؛ 11/«ھۇد»: 17؛ 12/«يۈسۈف»: 78؛ 17/«ئىسراﺋ»: 71؛ 25/«فۇرقان»: 74؛ 28/«قەسەس»: 5) ۋە ھەدىسلەردە ئاشۇ مەنىلەردە كەلگەندۇر. مەسىلەن، «قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمامى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىماملارنىڭ ئىمامى، خەلىفە رەئىييەتنىڭ ئىمامى، قوماندان لەشكەرلەرنىڭ ئىمامى… دېيىلىدۇ. خەلىفە ياكى دۆلەت رەئىسى كاتتا ئىمام بولسا، نامازلاردا ئىقتىدا قىلىنغۇچىمۇ كىچىكرەك مەنىدىكى ئىمامدۇر. يەنە فىقھتا مەزھەب باشچىلىرىغا «ئىمام» دېيىلسە، مۇھەددىسلەر ئىستىلاھىدا: «ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىدىكى ئىشەنچلىك ۋە پىشقان يېتۈك راۋىي»نى كۆرسىتىدۇ. شىئە ۋە رافىزىيلار ئېتىقادىدا بولسا: «ئىماملىقى نەسس بىلەن ئىسپاتلانغان شەرئىي ھەق ساھىبى»دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 206 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 251، 252 – بەتلەر، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م.2017.

ئىنكۋىزىتسىيە (محاكم التفتيش/لاتىنچە: Inquisitio): كاتولىك چېركاۋىغا تەۋە بىر سوت – تەكشۈرۈش تۈزۈمى بولۇپ، باشتا ئىتالىيە، فرانسىيە ۋە ھەرقايسى ياۋروپا ئەل ۋە رايونلىرىدا 13 – ئەسىردىن تاكى 18 – 19 – ئەسىرلەرگىچە داۋام قىلغان بۇ سوتلار، ئومۇمەن پىكىر ۋە ئىدىيەسى چېركاۋنىڭكىدىن پەرقلىق بولغان خرىستىيان ئالىم، مۇتەپەككۇرلارنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان شەپقەتسىز جازالاشلىرى، ئىز قوغلاپ يوقىتىشلىرى بىلەن مەشھۇردۇر. ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە (ئەندەلۇس) تا قۇرۇلغان ئىنكۋىزىتسىيەلەرمۇ مۇسۇلمانلارنى خرىستىيانلىققا زورلاپ، ھەتتا خرىستىيانلاشقان مۇسۇلمان ۋە يەھۇدىيلەرنى كۆيدۈرۈپ، مال – مۈلكلىرىنى مۇسادىرە قىلغان. بەش ئەسىر داۋاملىشىپ 9 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ بېشىغا چىققان بۇ تۈزۈم فرانسىيەدە م. 1789 – يىلى، ئىسپانىيەدە بولسا م. 1835 – يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

ئىھرام باغلاش (الْإِحْرَامُ): ئەرەبچىدە «ھارام/چەكلىنىش ۋە ھۆرمەت ھالىتىگە ئۆتۈش» دېگەنلىك بولۇپ، كىشى ئىھرام باغلىغاندا، ئىلگىرى ئۆزىگە ھالال بولغان بىر قىسىم نەرسىلەر ھارام بولىدۇ. شەرىئەتتە: «ھەج ياكى ئۆمرە ئىبادىتىگە كىرىشنى نىيەت قىلىپ، ‹لەببەيكە (لەببەي ئى ئاللاھ!)› دەپ توۋلاشتىن ئىبارەت»تۇر. ئىھرام باغلاش ئىھراملىق كىيىمىنى كىيىش بولماستىن، بەلكى ھەج ياكى ئۆمرەنى نىيەت قىلىشتۇر. نىيەتنىڭ ئورنى بولسا دىلدۇر. دىلدىكى نىيەت «لەببەيكە» دەپ توۋلاپ، تىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىھرام باغلاشنى ئۆزىنىڭ ئۆيى (بەيتۇللاھنى) ئۇلۇغلاش ۋە ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن بېكىتكەن بولۇپ، ئىھرام باغلىغۇچى بۇ ئىلاھىي ھەق – ھۆرمەتلەرگە رىئايە قىلىدىغانلىقىغا بەل باغلىغان ۋە ئۇنى جاكارلىغان بولىدۇ. شۇڭا، كىشى ئىھرام باغلىغىنىدا، ئىلگىرى ئۆزىگە مۇباھ بولغان جىما قىلىش، خۇشبۇي ئىشلىتىش، كىيىم – كېچەك كىيىش ۋە ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق ئىشلار ھارام بولىدۇ. قاراڭ: جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 12/119، دارۇ سادەر، بېيرۇت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 2/128 – 169، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش/إحْيَاءُ عُلُوْمِ الدِّيْنِ): ھۆججەتۇل ئىسلام ئەبۇ ھامىد ئەلغەززالىي (ھ. 450 – 505  / م. 1058 – 1111) يازغان، ئالىملارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان، ئەقىدە، فىقھ، ئەخلاق، ۋەز – نەسىھەت ۋە سۇلۇكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەشھۇر يىرىك ئەسەردۇر. ھ. 488 – 499 / م. 1096 – 1106 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىلىپ تاماملانغان بۇ ئەسەر تۆرت بۆلەككە، ھەربىر بۆلىكى ئون بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى بۆلىكىدە ئىبادەتلەر، ئىككىنچى بۆلىكىدە ئادەتلەر، ئۈچىنچى ۋە تۆرتىنچى بۆلىكىدە، يەنى كىتابنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا، سۇلۇك ۋە ئەخلاقتىكى ئىنساننى «ھالاكەتكە تاشلايدىغان قىلمىشلار» ۋە «ھالاكەتتىن قۇتقۇزىدىغان ئەمەللەر» ھەققىدە سۆزلەنگەن. ئىبادەتلەرنىڭ سىرلىرى، ئۇنىڭدىكى روھىيەت، دىن كۆرسەتمىلىرىنى ھاياتقا تەتبىقلاش ۋە نەفسنى پاكلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى جەھەتتىن ئىسلامنى ھەر تەرەپتىن تونۇش ئۈچۈن بۇ كىتاب مۇھىم بولغىنىدەك، ئىسلام ئىلىملىرىنى ياشارتىش ۋە ئىلىمنىڭ شەنىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈنمۇ بىباھا ئەسەردۇر. ئىمام غەززالىي شەيتاننىڭ كىشىلەرنى تىزگىنلەپ، ئازدۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، دىننىڭ ئۆلىمالار نەزەرىدە ھۆكۈمەتنىڭ پەتۋاسىغا، تۆر تالىشىش ۋە ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشقا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، قەلبلەردە ئىخلاسنى ئورنىتىش ئۈچۈن، ھەر ئىشتا ئىخلاسنى ئاساس ۋە شوئار قىلىشتىن ئىبارەت سەلەف سالىھلەرنىڭ ئىدىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە بۇ كىتابىنى يېزىپ چىققان. جەمئىيەتنى توغرا ئىسلام ئەقىدىسىگە قايتۇرۇش ئارقىلىق ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن، بىر ئىدېئولوگىيە چەمبىرى ياساشقا تىرىشقان. دىن ۋە ئەقىدە مەسىلىلىرى بىلەن بىرگە پسىخىكا، جەمئىيەت، ئەخلاق، سىياسەت ۋە تەربىيە تېمىلىرىدىمۇ توختالغان ۋە يەنە ئاياللار ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئاياللارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى بايان قىلغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 646 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن (مۇفتىلارنىڭ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن يەتكۈزۈشى/إعْلَامُ الْمُوَقِّعِيْنَ عَنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ): ھەنبەلىي ئالىمى، ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئوقۇغۇچىسى شەمسۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە (ھ. 691 – 751 / م. 1292 – 1350) تەرىپىدىن ئىسلام شەرىئەت ئىدىيەسىنى مەزھەبلەر ئۈستى ياكى سەلەفىيچە ئۇسلۇب بىلەن قەلەمگە ئالغان بىر ئەسەر بولۇپ، ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش، ئۇنى سۆيۈش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ جەننەتىگە ئۇلىشىشنىڭ يېگانە يولى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بىر مۇقەددىمە بىلەن باشلىنىپ، ئاندىن ئەڭ شەرەپلىك ئىلىمنىڭ تەۋھىد ئىلمى، ئەڭ پايدىلىق ئىلىمنىڭ بولسا فىقھ ئىلمى ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئىككى ئىلىمنىڭ پەقەت ۋە پەقەت رەسۇل ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامدىن ئېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەسەرنىڭ قالغان قىسمىدا كۆپرەك ھەزرىتى رەسۇلۇللاھتىن ئىلىم ئېلىشنىڭ كەيپىيات ۋە شەرتلىرى قەلەمگە ئېلىنغان. تەپسىلىيراق ئېيتقاندا، مۇئەللىف بۇ ئەسەرىدە فىقھ ۋە ئۇنىڭ مېتودلىرى، شەرىئەت كۆزلىگەن نىشانلار، شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرى، باسقۇچلىرى، تارىخى ۋە «شەرئىي سىياسەت»نى جەملىگەن، ئىجتىھاد، قىياس ۋە ساھابە كىراملارنىڭ بايانلىرىنىڭ شەرىئەتتىكى ئورنى توغرىسىدا ئۇزۇن توختىلىش بىلەن بىرگە، ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، مۇئامىلىلەر، چۈش تەبىرى، ھىيلە – مىكىر، ئۆسۈم – جازانە، نىكاھ – تالاق، دەۋا – دەستۇر، سوت – مەھكىمە، ھۆكۈم – پەتۋا، ئۆرپ – ئادەت ۋە بەزى رۇخسەتلەرگە سەۋەب بولىدىغان زۆرۈرىيەتلەر ھەققىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئومۇمەن، تۆرت تومدا نەشر قىلىنغان بۇ قىممەتلىك ئەسەر شەرىئەت ساھەسىدىكى ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلار، شۇنداقلا پەتۋا بەرگۈچىلەر ئۈچۈن مۇھىم ئوقۇشلۇقتۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 646 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

ئىينە سودىسى (بَيْعُ الْعِيْنَةِ/Bay’ al-einah/buy-back sale): بىر كىشىگە بىر تاۋارنى مەلۇم باھادا مەلۇم ۋاقىتقا نېسى سېتىپ، ئاندىن كېيىن ساتقۇچى ئۆزى ساتقان ھېلىقى تاۋارنى ھېلىقى سېتىۋالغۇچىدىن بۇرۇنقىدىن تۆۋەنرەك باھادا نەقد سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت سودىدۇر. مال ساتقۇچى بۇ سودا ئارقىلىق نەقد پۇلغا دەرھال ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. بۇنداق شەكىلدىكى مۇئامىلە تاشقى كۆرۈنۈشتە سودىدەك كۆرۈنسىمۇ، ھەقىقەتتە ھىيلە ئىشلىتىلگەن جازانە بولغانلىقتىن ھارام قىلىنغاندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىينە سودىسى قىلىشساڭلار، كالىنىڭ قۇيرۇقىغا ئەگىشىپ، دېھقانچىلىققا رازى بولۇپ ئولتۇرساڭلار ۋە جىھادنى تاشلاپ قويساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ بوينۇڭلارغا شۇنداق بىر خارلىقنى يۈكلەپ قويىدۇكى، تاكى دىنىڭلارغا قايتىپ كەلمىگۈچە ئۇ خارلىقنى بوينۇڭلاردىن ئېلىۋەتمەيدۇ» دېگەن. بۇمۇ ئېنىقلا مەبلەغكە ئېھتىياجى بارلارنىڭ مۇرابەھە نامىدا تۇتىدىغان يولىدۇر. قاراڭ: ئەبۇ داۋۇد ، (3462)؛ «ئىسلام مالىيە مۇئەسسەسەلىرى ھېسابات ۋە تەپتىش ھەيئىتى (AAOIFI)»: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، 30 – شەرئىي ئۆلچەم. 767 – بەت.

ياخشىلار باغچىسى (رِيَاضُ الصَّالِحِيْنَ مِنْ كَلاَمِ سَيِّدِ الْمُرْسَلِيْنَ): ھەدىس ئالىمى ۋە فەقىھ ئىمام مۇھيىددىن نەۋەۋىي تەرىپىدىن بىر مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا ئالاقىدار ئەقىدە، ئەخلاق، مۇئامىلە بارىدىكى ئايەت – ھەدىسلەر توپلانغان ئەسەردۇر. ھ. 670 / م. 1272 – يىلى تاماملانغان بۇ ئەسەر 19 بۆلۈم، 372 باب ۋە 1905 ھەدىستىن مەيدانغا كەلگەن. ئىمام نەۋەۋىي بەزىدە ساھابە كىراملارنىڭ سۆزلىرىنىمۇ كەلتۈرگەن، بەزى ھەدىسلەرنىڭ سەنەدلىرىگە باھا بەرگەن، بەزى راۋىيلەرنىڭ ئىسىم – كۇنيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن ۋە بەزى ناتونۇش سۆزلەرنى ئىزاھلىغان. ئەسەرنىڭ مۇھەممەد سالىھ داموللام تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 2005 – يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ، 372 باب، 1896 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قىممەتلىك ئەسەر ھەدىس شەرىفلەرنىڭ سۈزمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن يېزىلغان بولغاچقا، ئىسلام دۇنياسىدا ئەڭ كۆپ تارقالغان ۋە ھەر ئۆيدە بىردىن ساقلىنىپ ئوقۇلغان ۋە داۋاملىق ئوقۇلىدىغان پايدىلىق كىتابلارنىڭ بېشىدا كېلىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 647 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

يەئجۇج – مەئجۇج (يَأْجُوجُ وَمَأْجُوجُ): ئىسلام ئېتىقادىدا ھەزرىتى زۇلقەرنەين زامانىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە قىيامەت قايىم بولۇشقا يېقىنلاشقاندا زاھىر بولۇپ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان توپلۇق. بۇ ئىسىمنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار بار بولۇپ، «ئەرەبچە»، «فارسچە»، «ئىبرانىيچە»، «ئارامىيچە»، ھەتتا «تۈركچە» دەپ باققانلار بولغان. ئەھلى كىتاب كىتابلىرىدا «گوگ – ماگوگ» شەكلىدە قەيت قىلىنغان مەخلۇقلارنى قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان «يەئجۇج – مەئجۇج (يەجۇج ۋە مەجۇج)» بىلەن باغلايدىغانلار بار بولۇپ، «گوگ – ماگوگ» قىسسەسى «مۇقەددەس كىتاب»تا پەقەتلا كېلەچەكتە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بىر ۋەقەگە ئالاقىدار ھالدا تىلغا ئېلىنغان بولسا، قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان «يەئجۇج ۋە مەئجۇج» بىرى ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن (18/«كەھف»: 93 — 97)، يەنە بىرى كېلەچەكتە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان (21/«ئەنبىياﺋ»: 96، 97) ۋەقەلەرگە ئالاقىدار ئىككى مەرتە زىكىر قىلىنغان. ھەدىس شەرىفلەردە يەئجۇج بىلەن مەئجۇجقا ئالاقىدار بىر قەدەر كەڭ ئۇچۇرلار بار. جۈملىدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن، «يېقىنلىشىۋاتقان پالاكەت سەۋەبلىك ئەرەبلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!» دېگەن ۋە يەئجۇج ۋە مەئجۇجنىڭ تېمىدا كىچىك بىر تۆشۈك ئېچىلغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن. (بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي 3346؛ مۇسلىم 2880) قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا / ئىلياس چەلەبى: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 43/373 – 375، (تۈركچە) «Ye’cûc ve Me’cûc» ماددىسى، (قىسقارتىلدى)، ئىستانبۇل، م. 2013.

يەتتە قارىي (الْقُرَّاءُ السَّبْعَةُ): قىرائەتنى ساھابە ۋە تابىئىندىن ئۆگەنگەن، تابىئىن دەۋرىدە ھىجاز، ئىراق ۋە شام دىيارلىرىدا قىرائەت ئىلمىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە نۇرغۇن تالىبلارنى يېتىشتۈرگەن، قىرائەتلىرىنى ئومۇم مۇسۇلمانلار بىردەك قوبۇل قىلغان يەتتە ئاتاقلىق ئالىمنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار: شاملىق ئەبۇ ئىمران ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر ئەليەھسۇبىي (ھ. 21 – 118 / م. 641 – 736)؛ مەككەلىك ئەبۇ مەئبەد ئابدۇللاھ ئىبنى كەسىر ئەددارىي (ھ. 45 – 120 / م. 665 – 738)؛ كۇفەلىك ئەبۇبەكرى ئاسىم ئىبنى ئەبىننەجۇد ئەلئەسەدىي (ھ. ؟ – 128 / م. ؟ – 745)؛ مەدىنەلىك ئەبۇ رۇۋەيم ناﻓﯩﺌ ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەللەيسىي (ھ. 70 – 169 / م. 689 – 785)؛ بەسرەلىك ئەبۇ ئەمر زەبان ئىبنى ئەلئەلاﺋ ئەلمازىنىي (ھ. 70 – 154 / م. 689 – 771)؛ كۇفەلىك ئەبۇ ئۇمارە ھەمزە ئىبنى ھەبىب (ھ. 80 – 156 / م. 699 – 772)؛ كۇفەلىك ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى ھەمزە ئەلكىسائىي (ھ. 119 – 189 / م. 737 – 805) قاتارلىقلاردۇر. قاراڭ: زۇرقانىي: «مناهل العرفان في علوم القرآن (مەناھىلۇل ئىرفان فى ئۇلۇمىل قۇرئان)»، 1/456؛ ئىيسا ئەلبابىي، 3 – باسمىسى، قاھىرە، ھ. 1362 / م. 1943؛ دوكتور ئەھمەد مۇختار ئۆمەر ۋە دوكتور ئابدۇلئال سالىم مەكرەم: «مُعْجَمُ القِراءاتِ القُرآنِيَّةِ (قۇرئانىي قىرائەتلەر قامۇسى)»، 1/78 – 81. كۇۋەيت ئۇنىۋېرسىتېتى، 2 – باسمىسى، كۇۋەيت، ھ. 1408 / م. 1988.

يەرمۇك ئۇرۇشى (مَعْرَكَةُ الْيَرْمُوْكِ): ھ. 15 – يىلى 12 – رەجەب / م. 636 – يىلى 20 – ئاۋغۇستتا خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قوماندانلىقىدىكى 40 مىڭ كىشىلىك مۇسۇلمانلار قوشۇنى بىلەن ھېراكلىيۇسنىڭ ئىنىسى تېئودوروس (Theodorus) قوماندانلىقىدىكى 200 مىڭغا يېقىن ۋىزانتىيە قوشۇنى ئوتتۇرىسىدا ھازىرقى ئىئوردانىيەگە تەۋە «يەرمۇك دەرياسى» بويىدا يۈز بەرگەن، شامدا ۋىزانتىيە ھاكىمىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شامنى مۇسۇلمانلار ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالغان ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر جەڭلەرنىڭ بىرى. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 591 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

يەسرىب (يَثْرِبُ): مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرىپىدىن «مەدىنە» دەپ ئاتىلىشىدىن بۇرۇنقى ئىسمى. قەدىمكى يەسرىب شەھرىنىڭ ئورنى ھازىرقى مەدىنە مۇنەۋۋەرە مەركىزىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلەتتى. قاراڭ: مۇھەممەد مۇھەممەد ھەسەن شۇرراب: «المعالم الأثيرة في السنة النبوية (پەيغەمبەر سۈننىتىدىكى ئېسىل جايلار)»، 297 – بەت، دارۇلقەلەم، دەمەشق، م. 1991.

يەلەملەم/ئەلەملەم (يَلَمْلَمَ/أَلَمْلَمُ): بۇ ئەسلىدە تىھامەدىكى بىر تاغ ياكى ۋادىنىڭ ئىسمى بولۇپ، يەمەن تەرەپتىن مەككەگە كىرىدىغان ھاجىلارنىڭ مىيقات نۇقتىسىدۇر. يەلەملەم ئۇزۇنىسىغا سوزۇلغان بىر جاي بولۇپ، مەككەگە ئەڭ يېقىن ئۇچى 70 كىلومېتىر ئەتراپىدا، ئەڭ يىراق ئۇچى 130 كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 10/1862، دارۇ مەككە، مەككە، م. 2010؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 45/290، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

يەمامە ئۇرۇشى (مَعْرَكَةُ الْيَمَامَةِ): ھەزرىتى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، خەلىپە ئەبۇبەكرى دەۋرىدە يەمامە رايونىدا ئۆزىنى پەيغەمبەر ئېلان قىلغان مۇسەيلىمەتۇلكەززابقا قارشى خالىد ئىبنى ۋەلىد قوماندانلىقىدىكى ئىسلام قوشۇنى ھ. 12 / م. 633 – يىلى (ماي – ئىيۇل) يەمامەدە ئېلىپ بارغان ئۇرۇشتۇر. ئۇرۇشتا مۇسەيلىمە ۋەھشى ئىبنى ھەرب تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ قوشۇنلىرى تارمار قىلىنغان. «يەمامە ئۇرۇشى»دا 70 دىن ئارتۇق قارىي ساھابەنىڭ شەھىد بولۇشى بىلەن، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىلمەسلىكى ئۈچۈن كىتابلاشتۇرۇش قارار قىلىنغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 606 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.

يەمىنۇددەۋلە (يَمِينُ الدَّولَةِ): ئەرەبچە «دۆلەتنىڭ ئوڭ قول قانىتى» دېگەن مەنىدە. سەبۇق تېكىن ئوغلى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي (ھ. 360 – 421 / م. 971 – 1030) گە باغدادتىكى خەلىفە قادىر بىللاھ (م. 947 – 1031) تەرىپىدىن ھ. 412 / م. 1022 – يىلى نىشاپۇردا تەڭگىگە نەقش قىلىپ بېرىلگەن نام بولۇپ، ئۇنىڭ بۇنداق نام ئېلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇ ئىسلام دىيارلىرىنىڭ شەرقتىكى قىسمىغا ھۆكۈمدارلىق قىلغان ۋە دۆلەت ئۇنىڭغا ئوڭ قولىغا تايانغاندەك تايانغان. قاراڭ: دوكتور ھەسەن پاشا: «تارىختىكى، ھۆججەتلەردىكى ۋە ئاسارە – ئەتىقىلەردىكى ئىسلامىي نام – ئاتاقلار (الْأَلْقَابُ الْإِسْلَامِيَّةُ فِي التَّارِيْخِ وَالْوَثَائِقِ وَالْآثَارِ)»، 544 – بەت، ئەددارۇل فەننىييە، قاھىرە، ھ. 1409 / م. 1989.

«يېڭى ئەھد» (العَهدُ الجَدِيد/The New Testament): خرىستىيانلاردىكى «مۇقەددەس كىتاب» (The Bible) نىڭ ئىككىنچى قىسمى بولۇپ، «مەتتا»، «ماركۇس»، «لۇكا» ۋە «يۇھاننا» ئىنجىللىرىدىن ئىبارەت مەشھۇر تۆرت ئىنجىل، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەمەللىرى، پاۋلۇسنىڭ 14 رىسالەسى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ھەۋارىيلەرنىڭ 7 رىسالەسى ۋە چۈش رىسالەسىدىن ئىبارەت 27 كىتابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1163 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

Please follow and like us: