ئىسلامىي ئاتالغۇلار

ئىسلامىي ئاتالغۇلار(4)

نامازنى قەسر قىلىش (قَصْرُ الصَّلاَةِ): «نامازنى كېمەيتىش ۋە قىسقارتىش» دېگەنلىك بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «سەپەردە تۆت رەكئەتلىك نامازنى ئىككى رەكئەتكە قىسقارتىش»تىن ئىبارەت. بۇنىڭدا ئەنسىز پەيتلەر بىلەن خاتىرجەم چاغلار ئوخشاش بولۇپ، ئالىملار سەپەردىكى كىشىنىڭ پېشىن، ئەسر ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى قىسقارتىپ ئوقۇيدىغانلىقى ئەكسىچە، بامدات بىلەن شام نامازلىرىنىڭ قىسقارتىلمايدىغانلىقىدا ھەممىسى بىردەك قاراشتا. سۈننەت نامازلارمۇ قەسر قىلىنمايدۇ. ھەنەفىي مەزھەب «سەپەردىكى كىشىگە ھەر تۆت رەكئەتلىك نامازنىڭ ئىككى رەكئەتى پەرز، قەسر ئوقۇشى ۋاجىب» دەيدۇ. بۇ قاراش ئىمام مالىكتىنمۇ نەقىل قىلىنغان. ئىمام شافىئىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملار: «قەسر قىلىش مۇستەھەب، ئەمما ۋاجىب ئەمەس» دەيدۇ. ئىمام مالىكقا ئوخشاش «مۇستەھەب» دېگەن قاراشتىكى بەزى ئالىملار يەنە: «تەكىتلەنگەن سۈننەت» دېگەن. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 738/2؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 273/27 – 280..

نامەئى ئەئمال / ئەمەل دەپتەرلىرى (صَحَائِفُ الْأَعْمَالِ): ئاللاھ تائالا ھەربىر بەندىگە ئىككى پەرىشتىنى مۇئەككەل قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى – يامان پۈتۈن ئىشلىرىنى نامەئى ئەئمالىغا خاتىرىلەيدۇ ۋە ئۇ ۋاپات بولغاندا دەپتەرنى پېچەتلەيدۇ. قىيامەت كۈنى ھەربىر ئىنسان نامەئى ئەئمالى بويىچە ھېساب بېرىدۇ. ئۇنىڭغا: ﴿نامەئى ئەئمالىڭنى ئوقۇغىن!﴾(17/«ئىسراﺋ»: 14) دېيىلىدۇ. ﴿نامەئى ئەئمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ. ئۇ (جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال – خۇرام قايتىدۇ. نامەئى ئەئمالى ئارقا تەرىپىدىن (سول قولىغا) بېرىلگەن ئادەم ‹ۋايداد!› دەپ توۋلايدۇ، دوزاخقا كىرىدۇ﴾(84/«ئىنشىقاق»: 7 – 12). قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 992 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م2017.

نەبىز (النَّبِيْذُ): ئەرەب تىلىدا: «تاشلىماق، سالماق ۋە چۆرىمەك» مەنىسىدىكى نەبز (النَّبْذُ) كەلىمەسىدىن «تاشلانغان» مەنىسىدە تۈرلەنگەن بولۇپ، «تاشلانغان نەرسە، چۈلە، شەربەت» دېگەن بولىدۇ. فىقھ ئىستىلاھىدا: «سۇغا خورما ياكى قۇرۇق ئۈزۈم، ياكى گۈلە – قاق، ياكى ھەسەل، ياكى بۇغداي، ياكى ئارپا، ياكى شۇنىڭدەك نەرسىلەر تاشلىنىپ ياسىلىدىغان چۈلە» بولۇپ، بۇ سۇ بىر ياكى ئىككى كۈن ئۆتسە تاشلانغان نەرسىنىڭ تەمى چىقىپ ھالال شېرىن شەربەت بولىدۇ. ئۈچ كۈندىن ئۆتۈپ كەتسە ئېچىپ ھاراققا ئايلىنىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 19/260؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 444 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.

نەفسى خاھىش (الْهَوَى): دېگىنىمىز «ئىنسان نەفسى خاھلايدىغان ۋە مايىل بولىدىغان نەرسىلەر» بولۇپ، بۇ ئىنساننىڭ ھاۋايى – ھەۋىسىگە ۋە پەس ئىچكى ئىنتىلىشلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردۇر. بۇلار ئىنساننىڭ ئۆزىنى، ئەبەدىيلىكنى ۋە نام – ئاتاقنى ياخشى كۆرۈشىگە ئالاقىدار بولغان ئارزۇ – ئىستەكلىرى دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدىغان ئىشلاردۇر. «قۇرئان»دا بۇنى «نەفسى خاھىش» دەپ ئاتىغاندۇر. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 482 – بەت.

نەجد (النَّجْدُ): ئەرەب تىلىدا «ئېگىزلىك، تۆپىلىك» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى تىھامە ئويمانلىقىنىڭ ئۈستىدىكى تاكى ئىراققا قەدەر ئېگىز ئىقلىمىدۇر. قەدىمدە مەدىنەگە شەرقتىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايلار «نەجد» دېيىلەتتى. كۈنىمىزدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان رايون بولۇپ، رىياد، قەسىيم، سۇدەير ۋە ھائىل رايونلىرى، شۇنداقلا مەككە مۇكەررەمە رايونىنىڭ شەرقىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 13/47؛ مۇھەممەد مۇھەممەد ھەسەن شۇرراب: «الْمَعَالِمُ الْأَثِيْرَةُ فِي السُّنَّةِ النَّبَوِيَّةِ (پەيغەمبەر سۈننىتىدىكى ئېسىل جايلار)»، 286 – بەت، «دارۇلقەلەم نەشرىياتى»، دىمەشق، م. 1991.

نەردەشىر ياكى نەرد (النَّرْدَشِيرُ/النَّرْدُ): ئوتتۇرا پارسچە سۆز بولۇپ، تاختە نەرد دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كىتابنىڭ ئەرەبچە تېكىستىدە «نەرد» ۋە «تاۋلە» دەپ يېزىلغان بولۇپ، ئىككىلىسى بىر ئويۇننىڭ ئىسمىدۇر (تۈركىيەدە ئومۇملاشقان «Tavla» ئويۇنى. بۇ ئويۇندا بىر ياكى ئىككى شىشىخال (زار) تاشلىنىپ چۈشكەن شەكلىگە قاراپ تاشلار ئورنىدىن يۆتكىلىدۇ، ئۇتۇش – ئۇتتۇرۇش تەلەيگە باغلىق. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 322 – بەت.

نەزىر (النَّظِيْرُ / Nadir): ئەرەبچە نظير (naẓīr) دىن كەلگەن خەلقئارالىق ئاسترونومىك ئاتالغۇ بولۇپ، مەلۇم بىر يەردە، گورىزونتال (ياتاي) يۈزگە تىك ھالدا تۇرغاندا، شۇ يەرنىڭ دەل ئاست تەرىپىنى كۆرسىتىدىغان، يەنى يەرنىڭ تارتىش كۈچىگە قارىتا تىك يۆنىلىشتۇر. قاراڭ: «ئوكسفورت ئىنگىلىز تىلى لۇغىتى»، 2003 نەشرى، Nadir ماددىسى.

نەس / نەسس، كۆپلۈكى نۇسۇس (النَصُّ، النُّصُوصُ): ئەرەب تىلىدا: «يۇقىرى كۆتۈرۈش، يۇقىرى چەك، ئىنتايىن ئوچۇق بايان ۋە ئىبارە» دېمەكتۇر. فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «باشقا مەنىگە ئاپارغىلى بولمايدىغان ئوچۇق كالام» بولۇپ، چۈشىنىلگەن ئاشۇ مەنىنى سۆزلىگۈچى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. يەنە «قۇرئان» ۋە «سۈننەت»تىن بولغان نەقلىي دەلىلگە، ھەتتا ئىجمائغىمۇ قوللىنىلىدۇ. قاراڭ: ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 7/97؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1695 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م2017؛ مۇھەممەد ئۇبەيدۇللاھ ئەلئەسئەدىي: «الْمُوْجَزُ فِيْ أُصُوْلِ الْفِقْهِ مَعَ مُعْجَمِ أُصُوْلِ الْفِقْهِ»، 137 – بەت، «دارۇسسالام نەشرىياتى»، قاھىرە. م. 2021.

نەفلە (النَّفْلُ): «ئارتۇق، زىيادە، ھەدىيە» دېگەندەك مەنىلەردە بولۇپ، پەرز ۋە ۋاجىبتىن باشقا مۇستەھەب، سۈننەت قاتارلىق تەرغىب قىلىنغان ئىبادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: بۇ سۆز نامازغا قارىتا ئېيتىلغاندا: «پەرز ۋە ۋاجىب نامازلاردىن سىرتقى ئارتۇق ناماز» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. زاكاتقا قارىتا ئېيتىلغاندا: «پەرز زاكاتتىن سىرتقى سەدىقىلەر»نى كۆرسىتىدۇ. رامىزانغا قارىتا ئېيتىلسا: «پەرز ۋە ۋاجىب روزىدىن سىرت تۇتقان روزىلار»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 5 – بەت.

نەقىيبۇلئەشراف (نَقِيْبُ الأَشْرَافِ): ئەرەب تىلىدا: «شەرىفلەرنىڭ بېشى، ۋەكىلى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، «شەرىفلەر (الأَشْرَافُ)» ئاتالغۇسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نەۋرىسى ھەزرىتى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئارقىلىق نەسەبى تۇتىشىدىغان ئۇرۇق – ئەۋلادىنى كۆرسىتىدۇ. «نەقىيبۇلئەشراف (شەرىفلەرنىڭ بېشى)» ئاتالغۇسى بولسا ھىجرىيە 3 – ئەسردىن باشلاپ رەسمىي ئۇيۇشما تۈسىنى ئېلىشقا باشلىغان ۋە كېيىنكى مەملۇكىيلار، ئوسمانىيلار دەۋرلىرىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرىدە تېخىمۇ مۇئەسسەسەلەشكەن «شەرىفلەر ئۇيۇشمىسى (نِقَابَةُ الأَشْرَافِ)»نىڭ رەئىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئوسمانىيلار دەۋرىدە مىسىردىكى «شەرىفلەر ئۇيۇشمىسى» ئىستانبۇلدىكى ئۇيۇشمىغا تەۋە ئىدى. خىلافەت ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئىستانبۇلدا ئەمەلدىن قالغان بولسىمۇ، مىسىر ۋە بەزى ئەرەب ئەللەردە كۈنىمىزگە قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەزكۇر ئۇيۇشما ئىسلام دەۋىتىگە خىزمەت قىلىش، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇرۇق – ئەۋلادى بولمىش جىمى ئەھلى بەيتنىڭ ھەقلىرىنى، نەسەبىنى قوغداش، تىزىملاش ۋە تەتقىق قىلىشنى، ئەھلى بەيتنىڭ ئۆزئارا تونۇشىشىنى، شۇنداقلا ئېسىل ئەخلاق پەزىلەتتە ئۈلگە بولۇشنى نىشان قىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 155 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «نەقىيبۇلئەشراف» ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ، 32\322 – 324، ئىستانبۇل، م. 2006.

نۇسەيرىيلەر (النُّصَيْرِيَّة): «ئاللاھ تائالا ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ سۈرىتىدە كۆرۈنگەن» دەپ قارايدىغان (ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر)، مەھرەم تۇغقانلار بىلەن نىكاھلىنىشنى مۇباھ سانايدىغان، قىيامەتتە قايتا تىرىلىش ۋە ھېساب بېرىشنى ئىنكار قىلىدىغان، ناماز، روزا ۋە ھەج قاتارلىق پەرزلەرنى باشقىچە بۇرمىلاپ چۈشىنىدىغان بۇزۇق ئەقىدىلىك بىر شىئە تائىپىسى. ئەگەشكۈچىلىرى ھازىر شامدا ياشايدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 195 – بەت.

نىكاھى مۇتئە (نِكَاحُ الْمُتْعَةِ): ئەرەب تىلىدا: «بەھرىمەن بولماق، مەنپەئەتلەنمەك ۋە ھۇزۇرلانماق» دېگەن مەنىلەردىكى «مۇتئە» كەلىمەسىگە ئىزافەت قىلىنغان ۋاقىتلىق نىكاھ بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «بىر ئەرنىڭ بىر ئايالغا مەلۇم ھەق بەدىلىگە بىر كۈن ياكى بىر ھەپتە، ياكى بىر ئاي دېگەندەك ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشنى ئىپادىلەپ نىكاھلىنىشى»دىن ئىبارەت. بۇ خىل نىكاھ ئىناۋەتسىز بولۇپ، ماھىيەت جەھەتتىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىپادىلىمىگەن «ۋاقىتلىق نىكاھ (النِّكَاحُ الْمُؤَقَّتُ)»دىن پەرقى يوقتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر غازىتى كۈنى ئاياللارغا مۇتئە نىكاھلىنىشنى چەكلىۋەتكەن. قاراڭ: ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 8/328؛ «سەھىھۇلبۇخارىي»، (4216)؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 458 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1722 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.

ھادىس (الْحَادِثُ): ئەرەبچىدە: «پەيدا بولغان ۋە پەيدا بولغىنىغا ئۇزۇن زامان بولمىغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەقىدەشۇناسلار ئىستىلاھىدا ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ: بىرى، «يوقلۇقتىن كېيىن مەۋجۇد بولغۇچى»؛ يەنە بىرى، «مەۋجۇد بولۇشىدا باشقا بىرنەرسىگە موھتاج بولغان نەرسە». بۇ «قەدىم» سۈپىتىنىڭ قارىمۇقارشىسى بولۇپ، پەيدا قىلىپ يارىتىلغان، ئىپتىداسى (باشلىنىشى) ۋە ئىنتىھاسى (ئاخىرلىشىشى) بولغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 110 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 512 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.

ھاراق (الْخَمْرُ): ئۈزۈم ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئېچىپ مەس قىلىدىغان دەرىجىگە يەتكەن شەربىتى. ئېچىغانلىقتىن ياكى ئەقىلنى ياپقانلىقتىن «ياپماق (خَمْرٌ)» دەپ ئاتالغان. ئەقىلنى پەردىلەيدىغان ھەرقانداق نەرسە ھاراق بولىدۇ. ھەدىستە «مەست قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسە ھاراقتۇر»(«مۇسلىم»، 2003) دېيىلگەن. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 179 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.

ھارام (الْحَرَامُ): ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەسكىن بۇيرۇق بىلەن قىلىنىشى چەكلەنگەن نەرسە بولۇپ، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچى ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ جازالىشىغا دۇچار بولىدۇ، بەلكى دۇنيادىمۇ شەرئىي جازاغا ﺋﯘﭼﺮىشى مۇمكىن. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 1 – بەت.

ھـالال (الْحَلَالُ): ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان، چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان نەرسىدۇر. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 1 – بەت.

ھام (حَام): جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر ئەركەك ھايۋان ئون ھايۋاننىڭ تۆرىلىشىگە سەۋەبچى بولسا، «دۈمبىسىنى ساقلىدى» دەپ ئۇنىڭغا مىنمەيتتى، يۈك – تاقمۇ ئارتمايتتى. بۇنداق ھايۋانلارغا «ھام» دەپ قوياتتى. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 15 – بەت.

ھافىز (الْحَافِظُ): ئەرەب تىلىدا: «ساقلىماق، قوغدىماق ۋە ياد ئالماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان ھىفز (الْحِفْظُ) كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «ھەدىسلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى يادقا ئالغان ۋە ئۇنىڭ سەنەدلىرىنى مەتىنلىرى بىلەن قوشۇپ بىلگەن ئالىم»دۇر. مەسىلەن، ئەلخەتىب ئەلباغدادىي، ئىمام زەھەبىي ۋە ئىبنى ھەجەر قاتارلىقلار. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 148 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.

ھەببە (الْحَبَّةُ): «دان ۋە دانە» دېگەن مەنىدىكى قەدىمدە قوللىنىلغان ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ، كېپەك ئالتۇن ياكى كۈمۈشنىڭ ئەڭ ئۇششاق بۆلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئېغىرلىقى 72 ياكى 100 ھەببە 1 تىللا (4.25 گىرام)غا تەڭ. قاراڭ: دوكتور ئەلى ﺟﯜﻣﯜئە: «المكاييل والموازين الشرعية (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 22 – بەت؛ «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 14/343 – 346 – بەتلەر، م. 2012.

ھەجەر (هَجَر): يەر ئىسمى. ھازىرقى كۇۋەيتنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 66 – بەت.

ھەج (الْحَجُّ): ئەرەب تىلىدا: «بىرنەرسىنى ئىرادە قىلماق، كۆزلىمەك، تەكرار بارماق ۋە چوڭ بىلىدىغان نەرسىنى مەقسەت قىلماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. شەرىئەتتە: «ھەج ئايلىرىدا ئىھراملىق ھالەتتە تەلبىيە توۋلاپ بەيتۇللاھقا ۋە ئەرەفاتقا ئاتلىنىپ ئەرەفاتتا تۇرۇش، كەئبەنى تاۋاپ قىلىش ۋە سافا – مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش بىلەن ئادا قىلىنىدىغان ئىسلامنىڭ بەش رۇكنىنىڭ بىرى بولغان ئۇلۇغ ئىبادەت»تۇر. ھەج قۇربى يەتكەن ھەربىر مۇسۇلمانغا ئۆمرىدە بىر قېتىم پەرزدۇر. ھەج پائالىيەتلىرى ھەر يىلى زۇلھەججەنىڭ 8 – كۈنىدىن 13 – كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەج ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار: ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ (التَّمَتُّعُ)، ھەج قىران (الْقِرَانُ) ۋە ھەج ئىفراد (الإِفْرَادُ) تۇر. ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ ياكى ھەج قىران قىلغان كىشىنىڭ ھەدىيە قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 17/23 – 43.

ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ (التَّمَتُّعُ): يەنى ھەج ئايلىرىدا ئالدى بىلەن ئۆمرەگە ئىھرام باغلاپ كېلىپ، ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىھرامدىن چىقىپ كۈتۈپ تۇرۇپ، ھەج كۈنلىرى كەلگەندە شۇ يىلقى ھەجگە قايتا ئىھرام باغلاپ ھەج قىلىشتۇر.

ھەج قىران (الْقِرَانُ): يەنى ھەج ئايلىرىدا ئۆمرەگە ئىھرام باغلاپ، ھەجنى شۇ بىر ئىھرام بىلەن بىللە قىلىشتۇر. شۇنىڭغا ھەم دىققەت قىلىش كېرەككى، بىر قىسىم ھەدىس ۋە سەلەفلەرنىڭ بايانلىرىدا «ھەج قىران» يەنە «ھەج تەمەتتۇﺋ» دەپمۇ ئىپادىلەنگەن. چۈنكى، «ھەج قىران» ۋە «ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ» شەكلەن ئازراق ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىككىلىسى بىر قېتىمدا ئۆمرە بىلەن ھەجنى بىراقلا ئادا قىلىشتىن بەھرىمەن بولۇشتۇر.

ھەج ئىفراد (الإِفْرَادُ): يەككە ھەج يەنى ھەج ئايلىرىدا پەقەت ھەجگىلا ئىھرام باغلاپ ئۆمرە قىلماي يالغۇز ھەجلا قىلىشتۇر.

ھەدىس قۇدۇسىي (الْحَدِيْثُ الْقُدُسِيُّ): قۇدۇسىي كەلىمەسى ئەرەب تىلىدا: «پاكلىق، مۇقەددەسلىك، نۇقسانسىزلىق ۋە بەرىكەت» دېگەن مەنىلەردىكى «قۇدۇس / قۇدس» تومۇرىغا نىسبەت بولۇپ، «ھەرقانداق نۇقساندىن خالىي ئۇلۇغ ئاللاھقا خاس» دېگەنلىكتۇر. مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ‹قۇرئان كەرىم› سىرتىدا ئاللاھ تائالادىن رىۋايەت قىلغان ۋەھيى»نى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، «ھەدىس قۇدۇسىي»نىڭ مەزمۇنى ئاللاھتىن كەلگەن، نامازلاردا تىلاۋەت قىلىنمايدىغان ۋەھيى بولۇپ، ئىبارىلىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رىۋايەت قىلغانلىقتىن «ھەدىس» دەپ ئاتالسا، ئۇلۇغ زات پەرۋەردىگارغا نىسبەت بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن «قۇدۇسىي» دەپ ئاتالغان. «ھەدىس قۇدۇسىي» يەنە «ئىلاھىي ھەدىس (الْحَدِيثُ الْإِلَهِيُّ)»، «رەببانىي ھەدىس (الْحَدِيثُ الرَّبَّانِيُّ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «ھەدىس قۇدۇسىي»لەرنىڭ سانى يۈزدىن ئاشىدۇ. «ھەدىس قۇدۇسىي»لەرنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يېتىپ كېلىشى ۋەھيىنىڭ مەلۇم بىر خىل كەيفىيىتى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. بەلكى، چۈش كۆرۈش، دىلىغا سېلىش ۋە جىبرىلدىن ئېلىش قاتارلىق كەيفىيەتلەرنىڭ خاھلىغان بىرى بىلەن يېتىپ كېلىشى مۇمكىندۇر. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر ئەلھەيتەمىي «ئەلفەتھۇل مۇبىن (الْفَتْحُ الْمُبِيْنُ بِشَرْحِ الْأَرْبَعِيْنَ)»، 432 – بەت، ئەھمەد جاسىم قاتارلىقلار نەشرگە تەييارلىغان، «دارۇلمىنھاج نەشرىياتى». جىددە، ﻡ. 2008؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 528 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.

ھەد، كۆپلۈكى ھۇدۇد (الْحَدُّ ج الحُدُوْدُ): ئەرەب تىلىدا: «توسماق، چەكلىمەك، مەنئى قىلماق» مەنىسىدىكى سۆز بولۇپ، ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلار «ھۇدۇدۇللاھ (ئاللاھنىڭ توسۇقلىرى، چەكلىمىلىرى)» دەپ ئاتىلىدۇ. شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «دىن، نەسەب، مال – مۈلۈك، ئەقىل ۋە ئىپپەت – نومۇسنى قوغداش ئۈچۈن تۈرلۈك جىنايەتلەرگە قارىتا قامچىلاش، قول كېسىش، تاشبوران (چالما – كېسەك) ۋەياكى ئۆلۈم جازاسىغا ئوخشاش چېكى بېكىتىۋېتىلگەن ئېغىر جازا»دىن ئىبارەت. مەنتىق (لوگىكا) ئىلمىدە: «بىر شەيئىنىڭ ماھىيىتىنى بايان قىلغۇچى تەرىپ»تۇر. بۇ تەرىپ باشقا شەيئىلەرنىڭ ئۇ شەيئىنىڭ ماھىيىتى بىلەن ئورتاق بولۇشىنى چەكلەيدىغان بولغاچقا، شۇنداق ئاتالغان. ھەد ئادەتتە تام (تولۇق)، ناقىس دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 506 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 17/139.

ھەددەسەنا (ﺑﯩﺰﮔﻪ ﮪﻪﺩﯨﺲ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ / حَدَّثَنَا)، ئەخبەرەنا (ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﻪﺭﺩﻯ / أَخْبَرَنَا)، ئەنبەئەنا (ﺑﯩﺰﮔﻪ مەلۇمات ﺑﻪﺭﺩﻯ / أَنْبَأَنَا)، سەمىئتۇ (ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ / سَمِعْتُ): بۇ ئىبارىلەر ئادەتتە ھەدىس رىۋايەتىدە ئىشلىتىلىدىغان تۆت خىل ئىبارە بولۇپ، ئىمام بۇخارىي ۋە ئۇستازى ھۇمەيدىي قاتارلىق مۇھەددىسلەر «بۇ ئىبارىلەر ئوتتۇرىدا پەرق يوق» دەپ قارىسا، ئىمام تاھاۋىي، قازى ئىياز قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھەددىسلەر قارىشىدا ئۇستازىدىن ھەدىس ئاڭلىغان كىشى يۇقىرىقى تۆت ئىبارىنىڭ قايسىبىرىنى قوللانسا ياكى «پالانىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم» ياكى «پالانى بىزگە مۇنداق دېدى»، «پالانى بىزگە مۇنداق بايان قىلدى» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ھەدىس رىۋايەت قىلسا جائىز بولىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملار «ئوقۇغۇچى ئۇستازىنىڭ ھۇزۇرىدا ھەدىس ئوقۇغان ئەھۋالدا يۇقىرىقى ئىبارىلەرگە ‹پالانى ﺑﯩﺰﮔﻪ ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ئوقۇغىنىمىزدا ﮪﻪﺩﯨﺲ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ (حَدَّثَنَا فُلاَنٌ قِرَاءَةً عَلَيْهِ)› دەپ قەيت قىلىپ رىۋايەت قىلمىسا بولمايدۇ» دەپ قارىغان. بۇ كالامشۇناسلارنىڭ قارىشىدۇر. ئىمام شافىئىي، ئىمام مۇسلىم ۋە نەسائىي قاتارلىق كۆپچىلىك مۇھەددىسلەر «ئوقۇغۇچى ئۇستازىنىڭ ھۇزۇرىدا ھەدىس ئوقۇغان ئەھۋالدا ‹ھەددەسەنا› دېسە بولمايدۇ، ‹ئەخبەرەنا› دېسە بولىدۇ» دەپ قارىغان. بۇ ھەدىس رىۋايەتىدىكى ئىستىلاھ مەسىلىسى بولۇپ، مۇھەددىسلەر «ھەددەسەنا» دېگەن ئىبارىنى پەقەتلا ئۇستازىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغانغا خاس قىلىپ ئىشلىتىشنى ئىككى ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ رىۋايەت قىلىش ئۈچۈن ئايرىپ قارىغان. كېيىنكىلەر تېخىمۇ ئىنچىكىلىگەن ھالدا ئەگەر ئۇستازىنىڭ ئاغزىدىن يالغۇز ئولتۇرۇپ ئاڭلىغان بولسا، «ھەددەسەنىي (ماڭا سۆزلەپ بەردى / حَدَّثَنِي)» ياكى «ئەخبەرەنىي (ماڭا خەۋەر بەردى / أَخْبَرَنِي)» ياكى «سەمىئتۇ (ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ / سَمِعْتُ)» دەپ ئىپادىلەپ، باشقىلار بىلەن بىللە ئاڭلىغان تەقدىردە، يۇقىرىقىدەك كۆپلۈك ھالىتىدە ئىپادىلەشنى توغرا تاپقان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاجىب ئىش بولماستىن، ئىنچىكىلىك كۆزلەنگەن گۈزەل ئىستىلاھلاردۇر. قاراڭ: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 2/11.

ھەرۇراﺋ (الْحَرُورَاءُ): كۇفەگە يېقىن بىر جاي بولۇپ، خاۋارىجلار ئەڭ دەسلەپتە شۇ يەردە توپلانغان. ئۇلاردىن بىر تائىپە «ئاياللار ھەيز كۈنلىرىدە تۇتالمىغان روزىلىرىنىڭ قازاسىنى تۇتقاندەك، ئوقۇيالماي قالغان نامازلارنىڭمۇ قازاسىنى ئوقۇيدۇ» دەپ قارايتتى. بۇ ئىجمائغا خىلاپتۇر. قاراڭ: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 4/27.

ﮪﻪﺯﺭﻩﻣﻪﯞت (حَضْرَمَوْتُ): يەمەندىكى قەدىمىي بىر شەھەر. ھازىر يەمەننىڭ شەرقىدىكى چوڭ بىر ۋىلايەت نامى.

ھەسەن ھەدىس (الْحَدِيْثُ الْحَسَنُ): لۇغەت مەنىسى «گۈزەل، چىرايلىق» دېمەك بولۇپ، ھەدىس ئىلمىدە: «سەھىھ ھەدىسنىڭ شەرتىنى ھازىرلىغان، لېكىن راۋىينىڭ سەھۋەنلىك سادىر قىلمايدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە بولۇشى شەرت قىلىنمايدىغان، سەھىھ ھەدىسنىڭ تۆۋەن دەرىجىسى ياكى زەئىف ھەدىستىن يۇقىرى، ئەمما سەھىھ ھەدىس دەرىجىسىگە يەتمىگەن ھەدىس»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 5 – بەت.

ھەسبە ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ (لَيْلَةُ الْحَصْبَةِ): ھاجىلار مىنادىن قايتقاندا مەككە سىرتىغا جايلاشقان ئەلمۇھەسسەب ۋادىسىغا چۈشكەن كېچە بولۇپ، بۇ «تەشرىق كۈنلىرى»دىن كېيىنكى كېچەدۇر. مىنادىن قايتىشتا ئەلمۇھەسسەب ۋادىسىغا چۈشۈپ شۇ جايدا قونغانلىقتىن، «ھەسبە كېچىسى» دەپ ئاتالغان. «ھەسبە»، «ھەسباﺋ»، «ئەبتاھ»، «بەتھاﺋ»، «ئەلمۇھەسسەب» ۋە «بەنى كىنانەنىڭ تاغ باغرى» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى مەككە بىلەن مىنا ئوتتۇرىدىكى بىر جاينىڭ نامىدۇر. قاراڭ: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 3/288.

ھەشۋىيلەر (الحَشْوِيَّةُ): ئەرەبچىدە: «‹بىرنەرسىنىڭ ئىچىنى تولدۇرىدىغان قىممەتسىز نەرسە، ساياق، تايىنى يوق ئاۋام› دېگەن مەنىدىكى ھەشا (الحَشَا) ياكى ھەشۋ (الحَشْو) كەلىمەسىگە نىسبەت بېرىلگەن ئاتالغۇ» بولۇپ، ئەقىدە ئىلمى ئىستىلاھىدا: «(بۇ ئاتالغۇ مۇئەييەن بىر پىرقەنىڭ نامى بولماستىن) خىلمۇخىل مەزھەب ۋە پىرقىلەردە تېپىلىدىغان نەسلەرگە قارىغۇلارچە ئېسىلىۋېلىش، يۈزەكى چۈشىنىش، ئەقىلنى پۈتۈنلەي چەتكە قېقىش ۋە توقۇلما ھەدىسلەرنى تەكشۈرمەستىن قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئورتاقلىققا ئىگە بىر خىل ئومۇمىي يۆنىلىش، ئېقىم ۋە بىر خىل تەپەككۇر مېتودى»دىن ئىبارەت. شۇڭا، بۇ دىنىي ئەقىدىنى ئىسپاتلاشتا ئەقىل بىلەن نەقىلگە بىرلىكتە تايىنىدىغان قۇرئانىي مېتودتىن چەتنىگەن يۆنىلىشتۇر. ئادەتتە بۇ ئاتالغۇ ھەربىر پىرقە باشقا پىرقىلەرنى قارىلايدىغان بىر تىل – ھاقارەتكە ئايلانغان. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 1/177؛ قازى ئەھمەدنەكرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ»، 2/26؛ دوكتور ھەسەن مۇھەممەد شافىئىي: «ئىلمىكالام تەتقىقاتىغا كىرىش (الْمَدْخَلُ إِلَى دِرَاسَةِ عِلْمِ الْكَلَامِ)»، 75 – بەت. «ۋەھبە كۇتۇبخانىسى نەشرىياتى». قاھىرە. م. 1991؛ دوكتور ئەھمەد قوشتى ئابدۇررەھىم: «ئىسلام فىكرىدىكى ھەشۋىيلىك يۆنىلىشلىرى (الْاِتِّجَاهَاتُ الحَشويَّةُ في الفِكْرِ الإسْلاميِّ)»، 5 -، 6 – بەت. «دارۇل فەزىلە نەشرىياتى». قاھىرە. م. 2016.

ھەفياﺋ (الْحَفْيَاءُ): مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ شىمالىدىكى قەدىمدە «غابە»، كۈنىمىزدە «ئەلخەلىل» دەپ ئاتىلىدىغان بىر جاينىڭ نامى بولۇپ، «ھەفياﺋ» بىلەن «سەنىييەتۇل ۋەداﺋ»نىڭ ئارىلىقى 8 – 9 كىلومېتىردۇر. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 3/484، «دارۇ مەككە نەشرىياتى»، مەككە، م. 2010؛ مۇھەممەد مۇھەممەد ھەسەن شۇرراب: «المعالم الأثيرة في السنة النبوية (پەيغەمبەر سۈننىتىدىكى ئېسىل جايلار)»، 94 – بەت، «دارۇلقەلەم نەشرىياتى»، دىمەشق، م. 1991.

ھۇلۇل (الْحُلُوْلُ): ئەرەب تىلىدا: «چۈشمەك، ئورۇنلاشماق، چارە – تەدبىر ۋە ۋاقتى كەلمەك» دېگەن مەنىلەردە، ئەقىدە ئىستىلاھىدا: ئاللاھ بىلەن ئىنساننى بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بىر قىسىم تەسەۋۋۇفچىلارنىڭ ئېتىقادىدا «ھەقتائالانىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتى بىلەن تاللانغان ئىنسانلارغا چۈشۈشى ۋە ئۇلاردىكى ئىنسانىي تەبىئەتنى يوقىتىشى»دىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار خالىق (ياراتقۇچى) ۋە مەخلۇق (يارالغۇچى) دەپ  ئايرىسىمۇ، پەقەت ئاللاھتىن ئىبارەت بىرلا مەۋجۇدلۇقنى ئىقرار قىلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ نامايەندىلىرىدۇر دەپ قارايدۇ. بۇ خرىستىيانلارنىڭ  «ئاللاھ ئىيساغا چۈشكەن» دېگەن ئېتىقادىغا ئوخشاش بولغىنىدەك، نۇسەيرىيلەرنىڭ ئاللاھ تائالا «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا چۈشكەن» دېگەن ئېتىقادىغىمۇ ئوخشاش. جەھمىيلەرنىڭ نەزەرىدە بولسا «ئاللاھ تائالانىڭ جىمى مەخلۇقاتلارغا چۈشۈشىدىن ئىبارەت» بولۇپ، بۇ مۇتەسەۋۋىفلەرنىڭ «مەۋجۇدلۇقنىڭ بىرلىكى (وَحْدَةُ الْوُجُوْدِ)» ئېتىقادى بىلەن ئوخشاش. بۇ ئېتىقادتىكىلەر «ئەھلى ھۇلۇل (أَهْلُ الْحُلُوْلِ)» ياكى «ھۇلۇلىي (حُلُوْلِيٌّ)» دېيىلىدۇ. «ھۇلۇل» بىلەن «مەۋجۇدلۇقنىڭ بىرلىكى»نىڭ پەرقى شۇكى، «ھۇلۇل» ئىككى مەۋجۇدلۇقنى ئىسپاتلىسا، «مەۋجۇدلۇقنىڭ بىرلىكى» بىر مەۋجۇدلۇقنى ئىسپاتلايدۇ. قاراڭ: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 1/193؛ دوكتور رەفىق ئەلئەجەم: «مَوْسُوْعَةُ مُصْطَلَحَاتِ التَّصَوُّفِ الْإِسْلَامِيِّ (ئىسلامىي تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 305 – بەت، «لۇبنان ناشىرۇن نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1999؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 716 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.

ھۇنەين غازىتى / ھەۋازىن غازىتى (غَزْوَةُ حُنَيْنٍ / غَزْوَةُ هَوَازِنَ): قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ئىككى غازاتتىن بىرى (يەنە بىرى بەدر). ھ. 8 – يىلى / م. 630 – يىلى مەككەنىڭ فەتھىدىن 21 كۈن كېيىن (11 – شەۋۋال / 1 – فېۋرال) رەسۇلۇللاھ بىلەن ھەۋازىنلىكلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش. بۇ غازاتتا دەسلەپتە مۇسۇلمانلار پىستىرمىغا ئۇچراپ پاتپاراق بولۇپ كېتىدۇ: ﴿ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۈنەين كۈنىدە (يەنى جېڭىدە) ھەقىقەتەن ياردەم بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكىدىن خۇشاللىنىپ كەتتىڭلار (يەنى بۈگۈن بىزنىڭ سانىمىز كۆپ، مەغلۇپ بولمايمىز دېدىڭلار، بۇ چاغدا سىلەرنىڭ سانىڭلار 12 مىڭ، دۈشمىنىڭلارنىڭ سانى 4000 ئىدى)، سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى. (قاتتىق قورققىنىڭلاردىن) كەڭ زېمىن سىلەرگە تار تۇيۇلدى. ئاندىن (مەغلۇپ بولۇپ، رەسۇلۇللاھنى ئازغىنە مۇئمىنلەر بىلەن تاشلاپ) ئارقاڭلارغا قاراپ قاچتىڭلار﴾(9/«تەۋبە»: 25). ئاندىن كېيىن مۇسۇلمانلار قايتا توپلىنىپ غەلىبە قىلىدۇ: ﴿ئاندىن پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە (مەرھەمەت قىلىپ) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، سىلەرگە قوشۇنلارنى (يەنى سىلەرگە ياردەمگە پەرىشتىلەرنى) چۈشۈردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار (شۇنىڭ بىلەن سىلەر غەلىبە قىلدىڭلار)، ئاللاھ كافىرلارنى (ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىر ئېلىنىش بىلەن) ئازابلىدى، كافىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇ﴾(9/«تەۋبە»: 25). قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 406 – بەت.

ﮪﯩﺠﺎﺏ (الْحِجَابُ): ئەرەبچىدە: «پەردە، توسۇق ۋە دالدا» قاتارلىق مەنىلەردە كېلىدىغان بولۇپ، ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىنى توسۇپ تۇرىدىغان ھەرقانداق نەرسىگە «ﮪﯩﺠﺎﺏ» دېيىلىدۇ. فىقھ ئىستىلاھىدا: «ئاياللارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى نامەھرەملەردىن يۆگەش ئۈچۈن كىيىدىغان كىيىمى»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 17/5؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 153 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.

ﮪﯩﺠﺎﺏ ﺋﺎﻳﻪتى (آيَةَ الْحِجَابِ): مۇنۇ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﯘﺭ: ﴿ﺋﻰ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻼﺭ! ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﭘﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﯛﭖ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ، ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﯩﺮﻣﻪﯕﻼﺭ، ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﺴﺎﯕﻼﺭ ﻛﯩﺮﯨﯖﻼﺭ – ﻳﯘ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﺎﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﯖﻼﺭ، ﺳﯚﮪﺒﻪﺗﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﻛﯩﺮﻣﻪﯕﻼﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯘ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﮪﺎﻳﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮪﻪﻗﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﮪﺎﻳﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﯕﻼﺭ، توسۇق ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﯕﻼﺭ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮪﻪﻡ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﮪﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪﻘﺎ ﺋﺎﺯﺍﺭ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﯖﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻧﯩﻜﺎﮪﻠﯩﻨﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﮪﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﮔﯘﻧﺎﮪﺘﯘﺭ﴾(33/«ئەھزاب»: 53). ﮪﯩﺠﺎﺏ كەلىمەسى ئەرەبچىدە: «پەردە، توسۇق ۋە دالدا» قاتارلىق مەنىلەردە كېلىدىغان بولۇپ، ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىنى توسۇپ تۇرىدىغان ھەرقانداق نەرسىگە «ﮪﯩﺠﺎﺏ» دېيىلىدۇ. مەزكۇر ﺋﺎﻳﻪتتە «ﮪﯩﺠﺎﺏ» كەلىمەسى «ئەۋرەتنى نامەھرەملەردىن يۆگەيدىغان كىيىم» مەنىسىدە ئەمەس، بەلكى «پەردە، تام ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان توسۇقلار بىلەن دالدىلىنىش»نى كۆرسىتىدۇ.

ﮪﯩﺮﺍﺋ غارى (غَارُ حِرَاءٍ): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق قۇرئان نازىل بولۇپ تۇنجى ۋەھيى كېلىشتىن بۇرۇن رامازان ئايلىرىدا ئىستىقامەت قىلىپ تۇرغان ھىراﺋ تېغىدىكى غار. «قۇرئان كەرىم»نىڭ تۇنجى ئايەتلىرى (96/«ئەلەق»: 1 – 3) مۇشۇ تاغدا نازىل قىلىنغاچقا، بۇ تاغ ئىسلامىيەتتە «نۇر تېغى» دەپ ئاتالغان. بۇ غار مەككەنىڭ شەرقىگە، كەئبەگە تەخمىنەن 4 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان، ئەرەفاتقا ماڭغاندا سول تەرەپكە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، 1750 قەدەم بىلەن چىققىلى بولىدىغان بۇ غارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 634 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 2 مېتىر (3.5 گەز)، كەڭلىكى 1 مېتىر (1.75 گەز) دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1026 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.

ھىزب (الحِزْبُ): ئەرەب تىلىدا: «سۇ ئىچىش نۆۋىتى، يەنە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىكى كىشىلەر توپى ۋە جامائەسى، شۇنداقلا پارتىيە» دېگەن مەنىدە بولۇپ، «قۇرئان ئىلىملىرى» ئىستىلاھىدا: «بىر پارەنىڭ يېرىمى»نى كۆرسىتىدۇ. «قۇرئان كەرىم» جەمئىي 60 ھىزبقا، ھەربىر ھىزب تۆت رۇبئىغا بۆلۈنىدۇ. يەنە «كۈندىلىك تىلاۋەت ۋەزىپىسى» دېگەن مەنىدىمۇ قوللىنىلىدۇ. يەنە «قۇرئان كەرىم»نىڭ يەتتىدىن بىرى دېگەن مەنىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بەزى سەلەفلەر قۇرئاننى يەتتە ھىزب قىلىپ بۆلگەن. قاراڭ: مۇرتەزا ئەززەبىيدىي: «تاجۇلئەرۇس»، 2/263؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 683 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م2017.

ھىزبۇتتەھرىر ئەلئىسلامىي (حزب التحرير الإسلامي / Hizb ut-Tahrir): سىياسى، ئىسلامىي پارتىيە بولۇپ، پەلەستىنلىك شەيخ مۇھەممەد تەقىييۇددىن نەبھانىي (ھ. 1326 – 1398 / م. 1909 – 1977) تەرىپىدىن ھ. 1372 / م. 1953 – يىلى قۇرۇلغان. ئىسلام تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش، خەلقنى ئىسلام چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا ئاقارتىش ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش، ئۆزگەرتىشتە پىكىرگە تايانغان ئاساستا ئىسلام خەلىفىلىكىنى تىكلەش ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قەددىنى رۇسلاشنى نىشان قىلىدۇ. پارتىيە تارىخىدا بىرقانچە قېتىم كۆپچىلىك ئالىملار تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇلار «توغرا يولدىن چەتنىگەن» دەپ قارالغان. مەسىلەن، ئەقىدە ۋە تەربىيە تەرەپلىرىگە سەل قاراپ، دىققەتنى پىكرىي ۋە سىياسىي تەرەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، ئەقىدە مەسىلىلىرىدە ۋە مۇسۇلمان كىملىكنى بەرپا قىلىشتا ئەقىلگە ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئەھكاملارنى ئىجرا قىلىدىغان ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانغا قەدەر ئەمرىمەرۇپ، نەھيىمۇنكەرنى ئېسىپ قويۇش… قاتارلىقلار. شەيخ تەقىييۇددىننىڭ ۋاپاتى (1977) دىن كېيىن پارتىيە رەئىسلىكىگە ئابدۇلقەدىم زەللۇم، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەتاﺋ خەلىل ئەبۇررىشتە (2003) چىققان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ پەلەستىن، لىۋان، ئىئوردانىيە، ھىندونېزىيە، مالايسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە پائالىيەتلىرى بار. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 683 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الموسوعة الفلسطينية»، 1/564، «هيئة الموسوعة الفلسطينية» نەشرى، م. 1984، دەمەشق.

Please follow and like us: