ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغانكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «رەببىمىز تەبارەكە ۋەتائالا ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا، دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشۈپ: ‹كىم ماڭا دۇئا قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلاي، كىم مەندىن سورايدۇ؟ ئۇنىڭغا (سورىغىنىنى) بېرەي ۋە كىم مەندىن مەغپىرەت تىلەيدۇ؟ ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلاي› دەيدۇ». («سەھىھەين»).
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشىدىغانلىقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى سەھىھ ھەدىسلەردە ئىسپاتلانغان بىر سۈپەت بولۇپ، ئەھلىسۇننەت ئالىملارنىڭ ھەممىسى بۇ سۈپەتنى ئىسپاتلاشتا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ چۈشۈشىنى مەخلۇقاتلارنىڭ چۈشۈشىگە ئوخشاتماسلىقتا بىردەك قاراشتا. چۈنكى، خالىقنىڭ چۈشۈشى مەخلۇقنىڭ چۈشۈشىگە ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ سۇبھانە ۋەتائالاغا ئوخشايدىغان بىرەر نەرسە مەۋجۇد ئەمەس ﴿ئۇ زاتقا ئوخشاش ھېچ شەيئى يوقتۇر﴾(42/«شۇرا»: 11). ئەمما، ئۇنى تەئۋىل قىلىش – قىلماسلىقتا قاراش ئوخشاش ئەمەس. ئىمام نەۋەۋىي دەيدۇكى: «بۇ ھەدىس سۈپەت ھەدىسلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالىملارنىڭ ئىككى مەشھۇر قارىشى بار: بىرى، سەلەفلەرنىڭ ۋە بىر قىسىم مۇتەكەللىملەرنىڭ مەزھىبىدە ئۇ سۈپەتنى ئاللاھ تائالاغا لايىق رەۋىشتە ھەق دەپ تونۇش بىلەن بىرگە ‹ئۇنىڭ بىزنىڭ ئادەتتە چۈشىنىشىمىزدىكى زاھىرى مەقسەت قىلىنمايدۇ› دەپ چۈشىنىش. ئاللاھ تائالانى مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن ۋە يۆتكىلىش، ھەرىكەت قاتارلىق باشقا جىمى خۇسۇسىيەتلىرىدىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىش بىلەن بىللە ئۇنى تەئۋىل قىلماسلىق. يەنە بىرى، كۆپچىلىك مۇتەكەللىملەرنىڭ ۋە بىر تۈركۈم سەلەفلەرنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇ قاراش ئىمام مالىك ۋە ئىمام ئەۋزائىيلاردىن نەقىل قىلىنغان. ئۇلار: ‹بۇ سۈپەتلەر ئۆز ئورنىغا قاراپ ئۆز لايىقىدا تەئۋىل قىلىنىدۇ› دەپ قارىغان. بۇنىڭغا بىنائەن، ئۇلار بۇ ھەدىسنى مۇنداق ئىككى خىل تەئۋىل قىلىشقان: بىرى، ئىمام مالىك ۋە باشقىلىرىنىڭ تەئۋىلى: يەنى ‹رەھمىتى، ئەمرى، پەرىشتىلىرى چۈشىدۇ›. ئادەتتە ‹پادىشاھ مۇنداق قىلدى› دېيىلسە، قول ئاستىدىكىلەر ئۇنىڭ پەرمانى بىلەن قىلغان بولىدۇ. يەنە بىرى، بۇ ئىستىئارە تەرىقىسىدە ‹دۇئا قىلغۇچىلارغا ئىجابەت بىلەن ۋە لۇتف قىلىش بىلەن يۈزلىنىدۇ› دېگەن بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم».
ئىمام ئىبنۇلجەۋزىيمۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «چۈشۈش ھەدىسىنى يىگىرمە ساھابە رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە ھەرىكەت، يۆتكىلىش ۋە ئۆزگىرىش مۇھالدۇر. خەلقنىڭ ئۇ زاتنى مەخلۇقات سۈپەتلىرىدىن ۋە يۆتكىلىشىتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىشى ۋاجىبتۇر. شۇنداقلا بىر ماكاندىن يەنە بىر ماكانغا يۆتكىلىشتىن ئىبارەت بولغان چۈشۈش ئۈستىن جىسىم بىلەن ئاستىن جىسىم، شۇنداقلا ئۈستىدىن ئاستىغا يۆتكىلىدىغان بىر جىسىم بولۇپ، جەمئىي ئۈچ جىسىمغا موھتاج بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالاغا توغرا كەلمەيدۇ. مۇبادا ئاۋام كىشى: ‹ئۇنداقتا چۈشۈشتىن نېمىنى مەقسەت قىلغان؟› دەپ سورىسا، ئۇنىڭغا: ‹ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا يارىشىدىغان مەنانى مەقسەت قىلغان، سېنىڭ ئۇنى كوچىلىشىڭ كېرەك ئەمەس› دېيىلىدۇ. ئەگەر ئۇ: ‹ئۇنداقتا مەن چۈشەنمەيدىغان ھەدىسنى سۆزلىگەنمۇ؟› دېسە، ئۇنىڭغا: ‹سەن ساڭا چۈشكەن نەرسىنىڭ ساڭا يېقىنلىقىنى بىلدىڭ، ئەمدى يېقىنلىقىغا قانائەت قىلىپ ئۇنى ئادەتتىكى بىر جىسىمنىڭ يېقىنلىقىدەك ئويلىۋالمىغىن› دەيمىز». تەئۋىل قىلغۇچىلاردىن بەزىلەرنىڭ بايانىچە ھەدىستىكى «چۈشىدۇ» دېگەن ئىبارە «چۈشۈرىدۇ» دەپمۇ رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ «پەرىشتىلەرنى چۈشۈرىدۇ» دېگەن مەنىدە. لېكىن، بۇ خىل رىۋايەت ئىسپاتلانمىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنى سەل كۈچلەندۈرىدىغىنى شۇكى، ئىمام نەسائىي («سۈنەنۇننەسائىي ئەلكۇبرا»، 10243) رىۋايەتىدە: «ئاللاھ كېچىنىڭ يېرىمى ئۆتكىچە توختاپ تۇرۇپ، ئاندىن: ‹دۇئا قىلغۇچى بارمۇ؟…› دەپ توۋلايدىغان بىر جاكارچىنى بۇيرۇيدۇ» دەپ كەلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە «ئاندىن بىر چاقىرغۇچى: ‹…› دەپ چاقىرىدۇ» دېيىلگەن («مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا»، 5936). ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ رىۋايەتلەر مەزكۇر ھەدىستىكى چۈشۈشنى ئىزاھلاپ بەرگەن، بۇ ئىستىلىستىكىدىكى ئىخچام ئىپادىلەش ئۇسۇلىدۇر. ئىمام قۇرتۇبىي: «بۇنىڭ بىلەن چۈشىنىكسىزلىك ھەل بولىدۇ» دېگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىملىرىمىزنىڭ ئىجتىھادلىرىدۇر. لېكىن، بۇ ھەدىستە بىزگە مۇھىم بولغىنى كېچىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا قىلىنغان دۇئا، ئىستغفار ۋە تەھەججۇدتىن ئىبارەت ئەمەللەرنى قولدىن بەرمەسلىكىمىزدۇر.
قاراڭ: ئىبنۇلجەۋزىي: «دەفئۇ شۇبەھىتتەشبىھ»، 194 – 196؛ نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 3/96؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3/30.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1445، 20 – رەجەب / م. 2024، 1 – فېۋرال