ھەدىسلەردىكى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈم پەرىشتەسىنى ئۇرۇپ كۆزىنى قۇيۇۋەتكەنلىكى

ھەدىسلەردىكى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈم پەرىشتەسىنى ئۇرۇپ كۆزىنى قۇيۇۋەتكەنلىكى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغانكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئۆلۈم پەرىشتەسى ئەۋەتىلگەندە، ئۇنى ئۇرۇپ كۆزىنى قۇيۇۋەتكەن، پەرىشتە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىپ:

— مېنى ئۆلۈمنى خاھلىمايدىغان بەندىگە ئەۋەتىپسەن، — دېگەندە، ئاللاھ ئۇ پەرىشتەنىڭ كۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ:

— ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ دېگىن، ئۇ كالىنىڭ دۈمبىسىگە قولىنى قويسۇن، قولى تېگىشىپ تۇرغان ھەربىر تال موي ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىر يىل ئۆمۈر بېرىمەن، — دېگەن.

مۇسا ئەلەيھىسسالام:

— ئى رەببىم، ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ — دەپ سورىغان ئىدى، ئاللاھ:

— ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆلۈم بار، — دېدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام:

— ئۇنداقتا ھازىرلا (جېنىمنى ئالغايسەن)، — دېدى ۋە بەيتۇلمۇقەددەسكە بىر يا ئوقى يېقىنلاشتۇرۇپ دەپنە قىلىنىشىنى سورىدى».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدىكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن ئاشۇ يەردە بولغان بولسام ئۇنىڭ يول ياقىسىدىكى قىزىل قۇملۇق قېشىدىكى قەبرىسىنى سىلەرگە كۆرسىتىپ قويغان بولاتتىم» دېگەن. («سەھىھەين»).

ئۆلۈم پەرىشتەسى / ئەزرائىل (مَلَكُ الْمَوْتِ / عِزْرَائِيل): ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ روھىنى قەبز قىلىشقا مۇئەككەل قىلغان پەرىشتەنىڭ ئىسمى. ئىسرائىلىييات (ئەھلى كىتاب رىۋايەتلىرى) دە ئۇنىڭ ئىسمى «ئەزرائىل» دېيىلگەن بولسىمۇ، بۇ ئىسىم يا قۇرئاندا، ياكى سەھىھ ھەدىسلەردە كەلمىگەن. بەلكى ئۇ بەزى ئايەتلەر (مەسىلەن: 32/«سەجدە»: 11) دە ۋە ھەدىسلەر (مەسىلەن «بۇخارىي»، 1339؛ مۇسلىم»، 2372 قاتارلىقلار) دە «ئۆلۈم پەرىشتەسى» دەپ ئاتالغان ۋە بەزى ئايەتلەر (6/«ئەنئام»: 61، 93) دە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى بارلىقى بايان قىلىنغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 1615 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.

بەزى دىنسىزلار ۋە ئازغۇنلار «ئادەمزات قانداقمۇ جىسمى بولمىغان پەرىشتەنىڭ كۆزىنى قۇيالايدۇ؟ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەۋەتكەن ئەلچىسىنى ئۇرۇشى قانداقمۇ جائىز بولىدۇ؟ بۇ ئەۋەتكۈچىگە قارشى چىقىش بولمامدۇ؟ پەرىشتە ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقىپ جان ئالماستىن قايتىپ كەتكەن بولمامدۇ؟» دېگەندەك قاملاشمىغان سوئاللار بىلەن بۇ ھەدىسكە مەسخىرە ئارىلاش ھۇجۇم قىلغان. ھازىرقى زاماندىمۇ بۇ ھەدىسنى ئەقىلگە زىت دەپ قارىغانلار بولغان. ئۇلارغا جاۋابەن ۋە مۇئمىنلەرگە ئىزاھلاپ دەيمىزكى: ئاللاھ تائالا ئۆلۈم پەرشىتىسىنى بىرىنچى قېتىمدا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەمر ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوغلىنى بوغۇزلاشقا بۇيرۇغاندەك، سىناق تەرىقىسىدە ئەۋەتكەن. بولمىسا پەرىشتەنى ئۇرغان چاغنىڭ ئۆزىدە جېنىنى ئالغان بولاتتى، پەرىشتەلەر ئىنسان سىياقىدا كەلسە، پەيغەمبەرلەر ئۇلارنىڭ پەرىشتە ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئىبراھىم خەلىل ئەلەيھىسسالاممۇ مېھمان سۈپىتىدە كەلگەن پەرىشتەلەرنى تونۇمىغان (11/«ھۇد»: 69 – 70). ئۇلارنىڭ پەرىشتەلەر ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسا، ئۇلارنىڭ تاماق يېمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا بىر موزاينى كاۋاپ قىلىپ ئەكىلىشى مۇھال ئىدى. لۇت ئەلەيھىسسالاممۇ مېھمان پەرىشتەلەرنى تونۇمىغان (11/«ھۇد»: 78 – 81). داۋۇد ئەلەيھىسسالاممۇ يېنىغا كىرگەن ئادەم سۈرەتلىك ئىككى پەرىشتەنى ئىنسان دەپ ئويلاپ قالغان (38/«ساد»: 20 – 24). مەريەم ئەلەيھەسسالاممۇ پەرىشتەلەر ئۇنىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۇلارنى تونۇمىغان. تونۇغان بولسا، ئۇلاردىن قورقۇپ ئاللاھتىن پاناھلىق تىلىمىگەن بولاتتى (19/«مەريەم»: 18). بۇ ھەدىستىكى ۋەقەلىكتىمۇ مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆلۈم پەرىشتەسىنى تونۇمىغاچقا، ئۆيگە ئىجازەتسىز كىرىپ مەھرەمىيىتىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ۋە «جېنىڭنى ئالىمەن» دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ پەرىشتە ھالىتىدىكى كۆزىنى ئەمەس، ئىنسان سىياقىدىكى كۆزىنى قۇيۇۋەتكەن. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ پەرىشتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ كۆزىنى قۇيۇۋېتىشى مۇھالدۇر. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدە بىزنىڭكىگە ئوخشاشلا ئۆيگە بېسىپ كىرگەن ياكى ھۇجۇم قىلغان كىشىگە ئېھتىياجغا قاراپ تاقابىل تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان. دېمەك، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغىنى مۇباھ ئىشتۇر. بىرىنچى قېتىمدا ئۆلۈم پەرىشتەسى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلۈشنى خاھلىمىغان دەپ ئويلىغىنىچە قايتقان ۋە «مېنى ئۆلۈمنى خاھلىمايدىغان بەندىگە ئەۋەتىپسەن» دېگەن. ئىككىنچى قېتىم كەلگىنىدە، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۆلۈم پەرىشتەسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى بىلگەن ۋە «جېنىمنى ھازىرلا ئالغايسەن» دېگەن. ناۋادا ئۇ بىرىنچى قېتىمدا ئۇنى تونۇغان بولسا ئىدى، ئىككىنچى قېتىمقىدەك جاۋاب بەرگەن بولاتتى. دېمەك، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆيىگە ئىجازەتسىز كىرگەن كىشىنىڭ ئۆلۈم پەرىشتەسى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ كۆزىنى قۇيۇۋەتكەندۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيغەمبەرلەرگە ئۆلۈش ياكى ياشاش ئىختىيارلىقى بېرىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە: «ھەربىر پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ جەننەتتىكى جايىنى كۆرۈپ تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلمىگىچە، روھى قەبزى قىلىنمايدۇ» دېگەن. (بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (4463)؛ «مۇسلىم»، (2444). قاراڭ: ئىبنى ھىببان: «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، (6223)؛ ئىبنۇلجەۋزىي: «كەشفۇل مۇشكىل»، 3/444؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 8/148، 149.

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا مۇقەددەس زېمىننى فەتھ قىلىشى نېسىپ بولمىغان. پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن قەبرىسىنى يۆتكەش ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز جائىز بولمايدىغان بولغاچقا، مۇسا ئەلەيھىسسالام مۇقەددەس زېمىندا دەپنە قىلىنغان ئەنبىياﺋ ۋە سالىھلەرگە يېقىن دەپنە قىلىنىشنى سورىغان. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 8/149.

ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىس (2375) تە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن ئىسراﺋ قىلىنغان كېچىسى قىزىل قۇملۇق قېشىدىكى مۇسانىڭ قېشىدىن ئۆتتۈم، ئۇ قەبرىسىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن» دېگەن.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 8 – شەئبان (بارات) / م. 2024، 18 – فېۋرال

 

Please follow and like us: