ئىسلام مەدەنىيىتى سەرخىللىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھاللىرى

ئىسلام مەدەنىيىتى سەرخىللىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھاللىرى

بۇ سەھىپىدە ئىسلامىي ئەدەبىياتتا كۆپ ئۇچرايدىغان سەرخىللارنىڭ ۋە ئالاقىدار مۇھىم شەخسلەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھاللىرى «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەرجىمە ئەسەر ۋە ماقالىلىرىدە مەخسۇس تەييارلانغىنى بويىچە كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ئېلىپبە تەرتىبى بويىچە سۇنۇلدى. يېڭى تەرجىمىھاللار ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇپ، مەزمۇنلار تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. كىتاب ياكى ماقالىلەردە مەنبە كۆرسەتكەن ھالدا قوللىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. (2024. 6. 12 نەشرى. ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقتى: 2024. 6. 12)

 

1.            ئەبۇلقاسىم ئابباس ئىبنى فىرناس ئىبنى ۋىرداس ئەلئەندەلۇسىي (عباس بن فرناس بن ورداس التاكرني الأندلسي، ھ. 194 – 273 / م. 810 – 887) — ئەندەلۇس ئۇمەۋىي دۆلىتىدە ياشىغان ئەندەلۇس ھەكىمى، كەشپىياتچى ۋە تۇنجى بوشلۇقتا ئۇچقۇچى. كېلىپ چىقىشى شىمالى ئافرىقا بەربەرلەردىن بولغان ئاسترونوم، كىمياگەر، فىزىكىچى، شائىر ۋە ئىسلام ئالىمى. ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقتىن كېيىن بىر جىھاز كەشپ قىلىپ، ئۈستىگە رەخت يېپىپ قانات ئورنىغا چوڭ قوش قانات تاقاپ، بۇ جىھازنى قوزغىتىپ قۇشلاردەك ئۇچقانلىقى ۋە ئاسماندا مەلۇم مۇددەت تۇرغانلىقى، كېيىن يەرگە ئاستا قونغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇ، ئاكا – ئۇكا رايتلاردىن 1023 يىل بۇرۇن ئىدى.

2.            ئەبۇبەكرى ئابدۇرراززاق ئىبنى ھەممام ئىبنى ناﻓﯩﺌ ئەسسەنئانىي ئەلھىميەرىي (عَبْدُ الرَّزَّاقِ بنُ هَمَّامِ بنِ نَافِعٍ الحِمْيَرِيُّ، ھ. 126 – 211 / م. 744 – 827) — يەمەنلىك ئازادگەردە. مەشھۇر مۇھەددىس، تەفسىرشۇناس. «تەفسىرۇ ئابدۇرراززاق»نىڭ ۋە «مۇسەننەفۇ ئابدۇرراززاق» (11 توم) ناملىق ھەدىس ۋە سەلەف – سالىھلەرنىڭ سۆزلىرى توپلانغان چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنىڭ مۇئەللىفى.

3.            ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەلئەشئەس ئىبنى قەيس ئەلكىندىي (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ مُحَمَّدِ بنِ الأَشْعَثِ بنِ قَيْسٍ الكِنْدِيُّ) — ھەججاجنىڭ قول ئاستىدىكى ئۇمەۋىيلەرنىڭ ھەربىي قوماندانى. ئۇمەۋىيلەر دۆلىتىگە قارشى ئىسيان قوزغىغان. ھ. 85 / م. 704 – يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

4.            ئەبۇ مۇتەررەف ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلئۇمەۋىي ئەلقۇرەشىي ئەنناسىر لىدىينىللاھ (عبد الرحمن بن محمد بن عبد الله الأموي القرشي الناصر لدين الله، ھ. 277 – 350 / م. 891 – 961) — ئەندەلۇستىكى ئۇمەۋىيلەر دۆلىتىنىڭ 8 – خەلىفەسى III ئابدۇرراھمان.

5.            دوكتور ئابدۇرراھمان بەدەۋىي (عبد الرحمن بدوي، م. 1917 – 2002) — يىگىرمىنچى ئەسىردىكى داڭلىق ئەرەب پەيلاسوپلىرىنىڭ بىرى. يازغان، تەرجىمە قىلغان ۋە نەشرگە تەييارلىغان ئەسەرلىرى 150 پارچىدىن ئاشىدۇ. «غەززالىي ئەسەرلىرى» نامىدا ئەسەر يازغان.

6.            ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبد ئەلقارىي (عَبْد الرَّحْمَنِ بْنُ عَبْدٍ الْقَارِي، ھ. 2 – 80 / م. 624 – 700) — تابىئىنلەرنىڭ پېشۋالىرىدىن بولۇپ، پەزىلەتلىك فەقىھ، ئالىم. كىچىك ۋاقتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەن بولغاچقا، ساھابە دەپ قارىغانلارمۇ بولغان.

7.            ئەبۇ مۇسا ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەجلان ئەلبۇرجۇمىي ئەتتەھھان ئەلكۇفىي (عَبد الرَّحمَن بْنُ عَجْلاَنَ البُرجُمِيّ الطَّحّان الكُوفيّ، ھ. ؟ – 151 – 160 – يىللار ئارىسىدا) — كۇفەلىك تابىئىن. ئىبراھىم ئەننەخەئىيدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، رىۋايەتلىرى ئىشەنچلىك زات.

8.            ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف ئىبنى ئەبد ئەۋف ئەززۇھرىي ئەلقۇرەشىي (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ عَوْفِ بنِ عَبْدِ عَوْفٍ الزُّهْرِيُّ، ھ. بۇرۇن 43 – ھ. 32 / م. 580 – 653) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — تۇنجى مۇسۇلمان بولغان سەككىز كىشىنىڭ ۋە «ئەشەرەئى مۇبەششەرە (جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە)»نىڭ بىرى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنى خەلىفە تاللايدىغان ئالتە كىشىلىك «شۇرا ھەيئىتى»گە تاللىغان.

9.            ئەبۇ سەئىد ئابدۇرراھمان ئىبنى سەمۇرە ئىبنى ھەبىيب ئەلقۇرەشىي (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بْنُ سَمُرَةَ بْنِ حَبِيبٍ الْقُرَشِيُّ، ھ. ؟ – 50 / م. ؟ – 669) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «مۇئتە غازىتى»، «تەبۇك غازىتى»غا، كېيىن «ئىراق فەتىھلىرى»گە قاتناشقان ساھابە. كابۇلنى ۋە ئەتراپىدىكى باشقا دىيارلارنى فەتىھ قىلغان قوماندان. كېيىنچە تابىئىنلارغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىنى ئۆگەتكەن زات.

10.        ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇرراھمان ئىبنى ھارىس ئىبنى ھىشام ئەلمەخزۇمىي (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ الحَارِثِ بنِ هِشَامٍ الْمَخْزُومِيُّ، ھ. ؟ – 143 / م. ؟ – 761) — بەنى مەخزۇم قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىسىدا دۇنياغا كەلگەن كاتتا تابىئىن. نۇرغۇن ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىلافەت زامانىدا قۇرئاننى جەملەپ كىتاب ھالىتىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان زات.

11.        ئابدۇرراھمان ئىبنى زەيد ئىبنى ئەسلەم ئەلئۆمەرىي ئەلمەدەنىي (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ زَيْدِ بنِ أَسْلَمَ العُمَرِيُّ الْمَدَنِيُّ، ھ. ؟ – 182 / م. ؟ – 798) — «ئىبنى زەيد» دەپ تونۇلغان مەدىنەلىك فەقىھ، مۇفەسسىر، تىلشۇناس. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئازادگەردىسى. ھەدىس رىۋايىتىدە زەئىف دەپ قارىلىدۇ.

12.        ئابدۇرراھمان ئىبنى شىبل ئەلئەنسارىي (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بْنُ شِبْلٍ الْأَنْصَارِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ساھابە، ئەۋس قەبىلىسىدىن. ساھابىلەرنىڭ ئالىملىرىدىن بولۇپ، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدە شامدا ۋاپات بولغان.

13.        ئابدۇرراھمان ئىبنى يەزىد ئىبنى قەيس ئەننەخەئىي (عبد الرَّحْمَن بن يزِيد بن قَيْسِ) — ئۇ جاھىلىيەت دەۋرىدە يەمەندە تۇغۇلۇپ، ھ. 80 / م. 699 ياكى 700 – يىلى كۇفەدە ۋاپات بولغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدە مۇسۇلمان بولۇپ، پەيغەمبىرىمىز بىلەن كۆرۈشەلمىگەن تابىئىن، مۇھەددىس.

14.        ئەبۇ ئەھمەد تەقىييۇددىن ئابدۇلغەنىي ئىبنى ئابدۇلۋاھىد ئىبنى ئەلى ئەلمەقدىسىي (تَقِيُّ الدِّينِ عَبْدُ الغَنِيِّ بنُ عَبْدِ الوَاحِدِ بنِ عَلِيٍّ الْمَقْدِسِيُّ، ھ. 541 – 600 / م. 1147 – 1203) — قىرائەتشۇناس كاتتا ئالىم. ئىبادەتگۇي، زاھىد، شىجائەتلىك دەۋەتچى، فەقىھ، مۇھەددىس، «ئەلمىسباھ فى ئۇيۇنىل ئەھادىسىسسىھاھ»، «ئۇمدەتۇل ئەھكام»، «ئەلكەمالۇ فى ئەسمائىررىجال»، «تۇھفەتۇتتالىبىن فىلجىھاد ۋەلمۇجاھىدىن» ۋە باشقا قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفىدۇر.

15.         ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلئۆمەرىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ عَبْدُ اللّهِ بنُ عَبْدِ العَزِيْزِ بنِ عَبْدِ اللّهِ العُمَرِيُّ، ھ. 98 – 184 / م. 717 – 801) — ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ چەۋرىسى. مۇھەددىس ئالىم. ئىبادەتگۇي، زاھىد، تەقۋادار زات.

16.        ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئەلئاس ئەلقۇرەشىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ عَبْدُ اللَّهِ بْنُ عَمْرِو بْنِ الْعَاصِ الْقُرَشِيُّ، ھ. بۇرۇن 27 – ھ. 63 ياكى 65 / م. 595 – 683 ياكى 685) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — ئاتىسى ئەمر ئىبنى ئەلئاستىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولۇپ مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان ۋە غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىجازىتى بىلەن ھەدىسلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ساھابەلەر ئىچىدە ئالىملىقى ۋە ئىبادەتگۇيلىقى بىلەن تونۇلغان، 700 گە يېقىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

17.        ئەبۇ خالىد ئابدۇللاھ ئىبنى رەباھ ئەلئەنسارىي ئەلبەسرىي (عَبْدُ اللَّهِ بْنُ رَبَاحٍ الْأنْصَارِيّ الْبَصْرِيّ، ھ. ؟ – 90 / م. ؟ – 709) — ئىمران ئىبنى ھۇساين، ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىق ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان تابىئىن.

18.        ئەبۇ مۇھەممەد / ئەبۇ ئەمر ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە ئىبنى سەئلەبە ئەلئەنسارىي ئەلخەزرەجىي (عَبْدُ اللهِ بنُ رَوَاحَةَ بنِ ثَعْلَبَةَ الأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن ؟ – 8 / م. ؟ – 629) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «ئەقەبە بەيئەتى»گە قاتناشقان ئەنسارلارنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى. «بەدر غازىتى»غا، ھۇدەيبىييەدىكى «رىزۋان بەيئەتى»گە قاتناشقان ۋە «مۇئتە غازىتى»دا شەھىد بولغان ئۈچىنچى قوماندان. «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شائىرى» دەپ نام ئالغان زات.

19.        ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەيدە ئىبنى نەشىت ئەررەبەزىي ئەلقۇرەشىي (عَبْد اللَّه بنِ عُبَيْدَةَ بْنِ نَشِيطٍ الرَّبَذِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. ؟ – 130 / م. ؟ – 748) — قۇرەيشلىك ئازادگەردە. خاۋارىجلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ھەدىس رىۋايىتىدە ئىشەنچلىك زات.

20.        ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇرەيقىت ئەللەيسىي ئەددىيلىي (عَبْدُ اللهِ بْنُ أُرَيْقِطٍ اللَّيْثِيُّ الدِّيلِيُّ) — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ مەككەدىن مەدىنەگە قىلغان ھىجرەت سەپىرىدىكى يول باشلىغۇچىسى. ئۇلارنى مەدىنەگە ھېچكىم بىلمەيدىغان دېڭىز ساھىل يولى بىلەن سالامەت ئاپارغان. ئىمام زەھەبىي ئۇنى ساھابە دېگەن، لېكىن كۆپچىلىك تارىخچىلار ئۇنى كېيىنمۇ مۇسۇلمان بولمىغان دەپ قارايدۇ.

21.        ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممى مەكتۇم (قەيس) ئىبنى زائىدە ئەلئامىرىي ئەلقۇرەشىي (عَبْدُ اللهِ بْنُ أُمِّ مَكْتُوْمٍ قَيْسِ بنِ زَائِدَةَ الْقُرَشِيُّ العَامِرِيُّ، ھ. ؟ – 15 / م. ؟ – 636) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن بىر نەۋرە ساھابە. ئۆز ئىچىدىن ئىسلامغا مايىل بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە مۇشرىكلىرىنى دەۋەت قىلىۋاتقان سورۇنغا كېلىپ ئىسلامدىن تەلىم ئالماقچى بولغان. كۆزى ئەما بولغانلىقىدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەشغۇلىيىتىدىن بىخەۋەر سوئال سوراۋەرگەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىئارام بولۇپ يۈزىنى پۈرۈشتۈرگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاللاھ تائالاغا ماقۇل كەلمەي «ئەبەسە» سۈرىسىنىڭ 1 -، 2 – ئايەتلىرى نازىل بولغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام خاتاسىنى تونۇپ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممى مەكتۇمغا ئىلتىپات قىلغان ۋە «ئى ئۆزى يۈزىدىن رەببىم ماڭا تەرگىگەن زات، مەرھابا!» دەپ خىتاب قىلغانلىقى مەشھۇردۇر. ئىسلامغا مۇشەررەپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا ھەزرىتى بىلال بىلەن بىللە نۆۋەتلىشىپ ئەزان توۋلايتتى. دەسلەپ مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم 13 قېتىم غازاتقا چىققاندا، مەدىنەدە ئورنىغا ئۇنى تەيىنلەپ قويغان. «قادىسىييە ئۇرۇشى»دە ئەما بولسىمۇ تۇغ كۆتۈرۈپ شەھىد بولغان زات.

22.        ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ئىبنى ۋازىھ ئەلھەنزەلىي ئەلمەرۋەزىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ عَبْدُ اللهِ بنُ المُبَارَكِ بنِ وَاضِحٍ الحَنْظَلِيُّ المَرْوَزِيّ، ھ. 118 – 181 / م. 736 – 797) — تەقۋادارلىقى ۋە زاھىدلىقى بىلەن تونۇلغان تەبەئى تابىئىن، كاتتا ئالىم، فەقىھ، ھەدىسشۇناس ۋە تىلشۇناس. ئانىسى خارەزملىك، ئاتىسى تۈرك ئىدى. بۈگۈنكى تۈركمەنىستاننىڭ مەرۋ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۆمرىنى ئىلىم تەھسىل قىلىش، تىجارەت ۋە جىھاد بىلەن ئۆتكۈزگەن غازىي زات. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام مالىك ۋە ئىمام لەيس ئىبنى سەئد قاتارلىق نۇرغۇن كاتتا ئالىملاردىن ئىلىم ئالغان ۋە «جىھاد» ۋە «ئەززۇھد ۋەررەقائىق (الزهد والرقائق)» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

23.        ئەبۇبەكرى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ئىبنى ئەلئەۋۋام ئەلئەسەدىي (عَبْدُ اللهِ بنُ الزُّبَيْرِ بنِ العَوَّامِ الأَسَدِيُّ، ھ. 1 – 73 / م. 623 – 692) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — ئانىسى ئەبۇبەكرى سىددىقنىڭ قىزى ئەسما، ئاتىسى جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابەدىن زۇبەير ئىبنى ئەۋۋامدۇر. ئىبادەتگۇيلىقىدىن «مەسجىد كەپتىرى» دەپ نام ئالغان ساھابە. 10 يېشىدا ئاتىسى بىلەن يەرمۇك غازىتىغا قاتناشقان. مىسىر فەتھىدە زور تۆھپە كۆرسەتكەن قەھرىمان، مۇجاھىد زات. زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن قۇرئاننى جەملەشكە قاتناشقان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ھ. 64 – 73 / م. 683 – 692 ئارىلىقىدا ئۇمەۋىيلەرگە قارشى مەككەدە خەلىفە بولغان. مەككەدە ھەججاجنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەن.

24.        ئەبۇ يەھيا ئابدۇلھەمىد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى مەيمۇن ئەلھىممانىي (عَبْدُ الْحَمِيدِ بنُ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بْنِ مَيْمُونٍ الْحِمَّانِيُّ ، ھ. 120 – 202 / م. 738 – 818) — تېگى خارەزملىك ئازادگەردە. تەخەللۇسى بەشمىن. مۇھەددىس. ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە، ئەئمەش، ھەسەن ئىبنى ئۇمارە قاتارلىقلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. يەھيا ئىبنى مەئىين، ئىبنى ھىببان قاتارلىقلار: «رىۋايەتتە ئىشەنچلىك» دېگەن، بەزى مۇھەددىسلەر: «زەئىف» دېگەن.

25.        ئەبۇبەكرى ئاسىم ئىبنى بەھدەلە ئەبۇننەجۇد ئەلئەسەدىي ئەلكۇفىي (عَاصِمُ بنُ بَهْدَلةَ أَبِي النَّجُوْدِ الأَسَدِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 127 / م. ؟ – 745) — كۇفەلىك ئازادگەردە. مەشھۇر «يەتتە قىرائەت ئالىمى» نىڭ بىرى. قىرائەت ئىلمىنى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتى زىررۇ ئىبنى ھۇبەيش، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتى ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەسسۇلەمىيدىن ئۆگەنگەن پېشۋا قارىيلاردىندۇر. ئاسىم ئىبنى ئەبىننەجۇدتىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىرائىتىنى ھەفس ئىبنى سۇلايمان ئۆگەنگەن بولۇپ، ئۇشبۇ قىرائەت كۈنىمىزدە ئىسلام دىيارلىرىدا كەڭ ئومۇملاشقان.

26.        ئالبېرىت ئېينىشتېين (Albert Einstein، م. 1879 – 1955) — گېرمانىيەلىك نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى، كېلىپ چىقىشى يەھۇدىي. 1921 – يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

27.        ھەزرىتى ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئۇممۇ ئابدۇللاھ ھەزرىتى ئائىشە (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ عَائِشَةُ بِنْتُ أَبِي بَكْرٍ الصِّدِّيقِ، ھ. بۇرۇن 6 – ھ. 58 / م. 615 – 678) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈچىنچى ئايالى. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناھايىتى ئۈستۈن بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى تەپسىلىي رىۋايەت قىلغان فەقىھە، نەسەبشۇناس، تىلشۇناس زات.

28.        ئەبباد ئىبنى ھەمزە ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ئەلئەسەدىي (عَبَّادُ بْنُ حَمْزَةَ بنِ عَبْدِ اللهِ بنِ الزُّبَيْرِ الأَسَدِيُّ، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) — تابىئىن. ئاتىسىدىن، شۇنداقلا ئاتىسىنىڭ مومىسى، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ قىزى ئەسما، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە، خەلىفە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ۋە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىق ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. رىۋايەتتە ئىشەنچلىك، كېلىشكەن، سېخىي زات.

29.        ئەبۇلقاسىم ئەبدە ئىبنى ئەبى لۇبابە ئەلئەسەدىي (عَبْدَةُ بنُ أَبِي لُبَابَةَ أَبُو القَاسِمِ الأَسَدِيُّ، ھ. ؟ – 127 / م. ؟ – 745) — تابىئىن. ساخاۋەتپەرۋەر تىجارەتچى. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ شاگىرتلىرىدىن، مۇھەددىس. ئىبنى ئۆمەر، سۇۋەيد ئىبنى غەفەلە، ئەبىي ۋائىل، ئەلقەمە قاتارلىق زاتلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

30.        ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى ھەبىب ئەسسۇلەمىي ئەلكۇفىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ السُّلَمِيُّ عَبْدُ اللهِ بنُ حَبِيْبٍ الكُوْفِيُّ، ھ. 11 دىن بۇرۇن – 74 / م. 632 دىن بۇرۇن – 694) — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايات ۋاقتىدا تۇغۇلغان كاتتا تابىئىن. قىرائەتشۇناس ۋە مۇھەددىس. قىرائەتنى ھەزرىتى ئەلى ۋە باشقا ساھابەلەردىن ئۆگەنگەن. كۇفەدىكى چوڭ جامەدە قىرىق يىل ئىمام بولغان زات.

31.        شەيخ ئەبۇ ئابدۇرراھمان مۇھەممەد ئىبنى ئەلھۈسەين ئىبنى مۇھەممەد ئەسسۇلەمىي ئەننىشاپۇرىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ مُحَمَّدُ بنُ الحُسَيْنِ بنِ مُحَمَّدٍ السُّلَمِيُّ النَّيْسَابُوْرِيُّ، ھ. 325 – 412 / م. 937 – 1021) — ئەقىدە، ھەدىس، تەفسىر ئالىمى. زامانىنىڭ نىشاپۇر ئىمامى. تەسەۋۋۇف پېشۋالىرىدىن. «ھەقائىقۇتتەفسىر»، «سوپىلارنىڭ تەرجىمىھاللىرى» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

32.        ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى يەزىد ئەلھۇبۇلىي ئەلمەئافىرىي ئەلمىسرىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ عَبْدُ اللهِ بْنُ يَزِيدَ الْحُبُلِيُّ الْمَعَافِرِيُّ المِصْرِيُّ، ھ. ؟ – 100 / م. ؟ – 718) — تابىئىن. ھەدىسشۇناسلار نەزەرىدە ئىشەنچلىك راۋىي. ھۇبۇلىي جەمەتىگە تەۋە ئەنسارلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، مىسىردا ياشاپ كېيىن ئەندەلۇسقا بارغان ۋە شۇ يەردە ۋاپات بولغان.

33.        ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەلھەسەن ئىبنى بىشر ئەلقەتتان (أَحْمَد بْن عَلِيّ بْن الْحَسَن بْن بشر القطان، ھ. ؟ – 404 / م. ؟ – 1014) — باغداتلىق كاتتا ئالىم. «قۇرئان كەرىم» تىلاۋەت قىلىشقا ئالاھىدە ھېرىسمەن، ئىشەنچلىك زاتتۇر.

34.        ئەبۇ ئابدۇلمەلىك قاسىم ئىبنى ئوسمان ئەلئەبدىي ئەلجۇۋئىي (القَاسِمُ بنُ عُثْمَانَ العَبْدِيُّ الجُوْعِيُّ الدِّمَشْقِيُّ، ھ. ؟ – 248 / م. ؟ – 862) — دەمەشىقلىق مۇھەددىس، ئىبادەتگۇي شەيخ، زامانىدىكى تەسەۋۋۇف پېشۋالىرىدىن بىرى. سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە قاتارلىقلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئۇنىڭدىن ئەبۇ ھاتىم، ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد قاتارلىق مۇھەددىسلەر ھەدىس رىۋايەت قىلغان راستچىل زات.

35.        ئەبۇ ئەلى مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەلھۈسەين ئىبنى مۇقلە ئەششىيرازىي (أَبُو عَلِيٍّ مُحَمَّدُ بنُ عَلِيِّ بنِ حسين بن مُقْلَة، ھ. 272 – 328 / م. 886 – 940) — شائىر، ئەرەب يېزىقى ھۆسىنخەت سەنئەتىگە ئاساس سالغان خەتتاتلاردىن بىرى. ئابباسىيلار خەلىفەسى مۇقتەدىر بىللاھقا ۋەزىر بولغان.

36.        ئەبۇ ئەمر ئىبنى ئەلاﺋ ئىبنى ئەممار ئىبنى ئۇريان ئەتتەمىمىي ئەلمازىنىي ئەلبەسرىي (أَبُو عَمْرٍو بنُ العَلاَءِ بنِ عَمَّارِ بنِ العُرْيَانِ التَّمِيْمِيُّ ثُمَّ المَازِنِيُّ، البَصْرِيُّ، ھ. 70 – 154 / م. 689 – 771) — مەشھۇر يەتتە قارىينىڭ بىرى، تىلشۇناس، گرامماتىكىشۇناس، شائىر، ساھابە ۋە تابىئىنلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان مۇھەددىس.

37.        ئىمام ئەبۇ ئەمر ئوسمان ئىبنى سەئىد ئىبنى ئوسمان ئەلئەندەلۇسىي ئەلقۇرتۇبىي ئەددانىي (أَبُو عَمْرٍو عُثْمَانُ بنُ سَعِيْدِ بنِ عُثْمَانَ الأَنْدَلُسِيُّ القُرْطُبِيُّ الدَّانِي، ھ. 371 – 444 / م. 981 – 1053) — قۇرتۇبەلىك مەشھۇر قىرائەت ئالىمى. مۇھەددىس. قىرائەت ئىلمىغا ئائىت «جامىئۇل بايان»، «ئەلئىشارە» ۋە «ئەتتەيسىر» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان.

38.        ئەبۇ ئەييۇب ئەلئەنسارىي خالىد ئىبنى زەيد ئىبنى كۇلەيب (أَبُو أَيُّوْبَ الأَنْصَارِيُّ خَالِدُ بنُ زَيْدِ بنِ كُلَيْبٍ، ھ. ؟ – 52 / م. ؟ – 672) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئەنسارىي ساھابە. «ئەقەبە بەيئىتى»گە، «بەدر غازىتى»غا ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە، رەسۇلۇللاھنى تۇنجى بولۇپ ئۆيىدە كۈتۈۋېلىش شەرىپىگە نائىل بولغان، ئەڭ ئاخىرقى ھاياتىنى كونستانتىنوپول (بۈگۈنكى ئىستانبۇل) نى فەتىھ قىلىش يولىدا ئاخىرلاشتۇرغان بۈيۈك مۇجاھىد، رەسۇلۇللاھتىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان مۇھەددىس.

39.        ئەبۇ بەكرە نۇفەﯾﺌ ئىبنى ئەلھارىس (ياكى مەسرۇھ) ئەسسەقەفىي (أَبُو بكرَة نُفَيْعُ بنُ الحَارِثِ الثَّقَفِيُّ، ھ. بۇرۇن 10 – ھ. 51 / م. 611 – 671) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئازادگەردىسى (رەسۇلۇللاھ تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغان). «قىرىق بالىسى بولغان» دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن 132 ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

40.        ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەتتەمىمىي ئەلئەبھەرىي (أَبُو بَكْرٍ مُحَمَّدُ بنُ عَبْدِ اللهِ بنِ مُحَمَّدٍ التَّمِيْمِيُّ الأَبْهَرِيُّ، ھ. 289 – 375 / م. 902 – 986) — ئۆز زامانىسىدىكى ئىراقلىق مالىكىي فەقىھلەرنىڭ پېشۋاسى، قىرائەتشۇناس ۋە مۇھەددىس. قازىلىق مەنسىپىنى رەت قىلغان تەقۋادار زات. مالىكىي مەزھەب فىقھىدا «ئىجمائۇ ئەھلىل مەدىنە»، «ئەرراددۇ ئەلەل مۇزەنىي» ۋە «ئەلئۇسۇل» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

41.        ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھەسەن ئىبنى ۋەھب ئەلئەتۇفىي/ ئەلئەتەۋىي (أَبُو بَكْرٍ مُحَمَّدُ بنُ عَلِيِّ بنِ حَسَن بْنِ وَهْبٍ العَطُوفي / العَطَوِي، ھ. ؟ – 343 / م. ؟ – 955 – يىلىدىن كېيىن) — قىرائەتشۇناس، مۇھەددىس.

42.        ئەبۇبەكرى سىددىق ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى قۇھافە ئوسمان ئىبنى ئامىر ئەتتەيمىي ئەلقۇرەشىي (أبو بَكر الصّدِّيق عبد الله بن أبي قُحافة التَّيمي القُرَشيّ، ھ. بۇرۇن 50 – ھ. 13 / م. 573 – 634) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ساھابە، تۇنجى مۇسۇلمان بولغانلاردىن بىرى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشى، «سىددىق»ى. رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىسلام دۆلىتىگە ئىككى يىلدىن كۆپرەك خەلىفەلىك قىلغان. ئارزۇسى بويىچە ۋاپاتىدىن كېيىن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا دەفن قىلىنغان.

43.        ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ئەلمۇنزىر ئەننىشاپۇرىي (أَبُو بَكْرٍ مُحَمَّدُ بنُ إِبْرَاهِيْمَ بنِ الْمُنْذِرِ النَّيْسَابُوْرِيُّ، ھ. 241 – 318 / م. 855 – 930) — نىشاپۇرلۇق مۇھەددىس ۋە مۇجتەھىد فەقىھ. فىقھتا «ئەلئىجماﺋ»، «ئەلئىشراف» ۋە «ئەلمەبسۇت» قاتارلىق مىسلىسىز ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

44.        ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئۆمەر ئەتتىرمىزىي ئەلبەلخىي ئەلۋەرراق (أَبُو بَكْرٍ مُحَمَّدُ بْنُ عُمَرَ الْوَرَّاقُ التِّرْمِذِيّ الْبَلْخِيُّ، ھ. ؟ – 280 / م. ؟ – 893) — «ھەكىم» نامى بىلەن تونۇلغان تەسەۋۋۇف ئىماملىرىدىن بىرى. سەنەدى بىلەن ھەدىسمۇ رىۋايەت قىلغان. شائىر. «ھېكمەت ۋە تەسەۋۋۇف رىسالىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

45.        ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ئابدۇللاھ ئىبنى سۇلايمان ئىبنى ئەلئەشئەس ئەسسىجىستانىي (أَبُو بَكْرٍ عَبْدُ اللَّهِ بْنُ سُلَيْمَانَ بْنِ الْأَشْعَثِ السِّجِسْتَانِيُّ ، ھ. 230 – 316 م. 844 – 928) — ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس ئىمام ئەبۇ داۋۇدنىڭ ئوغلى. ئافغانىستاننىڭ سىجىستان رايونىدا تۇغۇلۇپ، ئاتىسى بىلەن بىللە ئۆز ۋاقتىدىكى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى كېزىپ ھەدىس ئۆگەنگەن ۋە ئاتىسىغا ئوخشاش ھەدىستە يېتىشكەن ئالىم. ئۆز زامانىدىكى باغدادتىكى ھەدىسشۇناس ئىمام، ھەنبەلىي مەزھەب فۇقاھالىرىنىڭ پېشۋاسى. «ئەلمەساهىف (المصاحف)»، «فەزائىلۇلقۇرئان (فضائل القرآن)»، «ئەسسۈنەن (السنن)»، «مۇسنەدۇ ئائىشە (مسند عائشة رضي الله عنها)»، «ئەلقىرائات (القراآت)»، «نەزمۇل قۇرئان (نظم القرآن)» ۋە «ئەلبەئس (البعث والنشور)» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. باغدادتا ۋاپات بولغان.

46.        ئەبۇبەكرى شۇئبە ئىبنى ئەيياش ئىبنى سالىم ئەلئەسەدىي (أَبُو بَكْرٍ شُعْبَةُ بنُ عَيَّاشِ بنِ سَالِمٍ الأَسَدِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 95 – 193 / م. 714 – 809) — مەشھۇر «يەتتە قىرائەت ئالىمى»نىڭ بىرى. ئەلى ئىبنى ھەمزە ئەلكىسائىي ۋە باشقا قارىيلارغا قىرائەت ئىلمىنى ئۆگەتكەن، فەقىھ، مۇھەددىس، ئىبادەتگۇي، زاھىد.

47.        ئەبۇ بەرزە نەزلە ئىبنى ئۇبەيد ئەلئەسلەمىي (أَبُو بَرْزَةَ نَضْلَةُ بنُ عُبَيْدٍ الأَسْلَمِيُّ، ھ. ؟ – 64 / م. ؟ – 684) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ئىبادەتگۇي، زاھىدلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان ساھابە.

48.        ئەبۇ تالھە زەيد ئىبنى سەھل ئەلئەنسارىي (أَبُو طَلْحَةَ زَيْدُ بْنُ سَهْلٍ الْأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن 36 – ھ. 34 / م. 587 – 655) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئىككىنچى «ئەقەبە بەيئەتى» (م. 622) گە ۋە بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان شىجائەتلىك، مەرگەن ساھابە. «ئۇھۇد» ۋە «ھۇنەين» غازاتلىرىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا سەباتلىق بىلەن تۇرغان زات.

49.        ئەبۇ جەئفەر ئەلقارىي يەزىد ئىبنى قەئقاﺋ ئەلمەدەنىي (أَبُو جَعْفَرٍ القَارِئُ يَزِيْدُ بنُ القَعْقَاعِ الْمَدَنِيُّ، ھ. 35 – 130 / م. 656 – 748) — مەدىنەلىك مەشھۇر ئون قىرائەتشۇناس ئالىمنىڭ بىرى. كىچىك يېشىدا «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ دۇئاسىنى ئالغان، ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىق ساھابەلەردىن ئىلىم ئۆگەنگەن تابىئىن. فىقھشۇناس ئالىم.

50.        ئەبۇ جەئفەر نەھھاس ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل (أَبُو جَعْفَرٍ أَحْمَدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ إِسْمَاعِيْلَ المِصْرِيُّ النَّحْوِيُّ، ھ. 241 – 338 / م. 855 – 949) — مىسىرلىق تىلشۇناس، نەھۋىشۇناس (گرامماتىكاشۇناس)، مۇفەسسىر، ھەدىسشۇناس. «ئىئرابۇل قۇرئان» (إعراب القرآن) «تەفسىرۇل قۇرئان» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

51.        ئىمام ئەبۇ داۋۇد سۇلايمان ئىبنى ئەلئەشئەس ئىبنى شەدداد ئەسسىجىستانىي (أَبُو دَاوُدَ سُلَيْمَانُ بنُ الأَشْعَثِ بنِ شَدَّادٍ السِّجِسْتَانِيُّ، ھ. 202 – 275 / م. 817 – 888) — مەشھۇر ھەدىس ئالىملىرىدىن. مەشھۇر «كۇتۇبۇ سىتتە (ئالتە كىتاب)» ئىچىدىكى «تۆت سۈنەن» ھەدىس كىتابلىرىنىڭ بىرى «سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد» دەپ تونۇلغان «ئەسسۈنەن»نىڭ، يەنە «ئەلمەراسىيل» (مۇرسەل ھەدىسلەر توپلىمى) ۋە «ئەززۇھد» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

52.        ئەبۇددەرداﺋ ئۇۋەيمىر (ياكى ئامىر) ئىبنى زەيد ئىبنى قەيس ئەلئەنسارىي ئەلخەزرەجىي (أَبُو الدَّرْدَاءِ عُوَيْمِرُ بنُ زَيْدِ بنِ قَيْسٍ الأَنْصَارِيُّ الخَزْرَجِيُّ، ھ. بۇرۇن 43 – ھ. 32 / م. 580 – 653) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ساھابە. فەقىھ ۋە قىرائەت ئۇستازى. خەلىفە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە دەمەشقكە قازى بولغان ۋە شۇ يەردە ۋاپات تاپقان.

53.        ئەبۇددۇھا مۇسلىم ئىبنى سۇبەيھ ئەلكۇفىي (أَبُو الضُّحَى مُسْلِمُ بْنُ صُبَيْحٍ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 100 / م. ؟ – 719) — تابىئىن. ئىشەنچلىك راۋىيلەردىن.

54.        ئەبۇززاھىرىييە ھۇدەير ئىبنى كۇرەيب ئەلھىمسىي (أَبُو الزَّاهِرِيَّةِ حُدَيْرُ بنُ كُرَيْبٍ الحِمْصِيُّ، ھ. ؟ – ھ. 100 / م. ؟ – 718) — شام دىيارىدا ئۆتكەن مەشھۇر فەقىھلەردىن بولۇپ، ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، رىۋايەتلىرى ئىشەنچلىك دەپ قارالغان مۇھەددىس تابىئىن.

55.        ئەبۇ زەر جۇندۇب ئىبنى جۇنادە ئەلغىفارىي (أَبُو ذَرٍّ جُنْدُبُ بنُ جُنَادَةَ الغِفَارِيُّ، ھ. بۇرۇن ؟ – 32 / م. ؟ – 653) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — تۇنجى مۇسۇلمان بولغان بەش ساھابىنىڭ بىرى. مەككەدە مۇسۇلمانلىقىنى ئوچۇق ئېلان قىلغان، ھەقنى سۆزلەشتە شىجائەتلىك، دۇنياغا بېرىلمەي، غورىگىل ياشاشنى تەشەببۇس قىلغان زاھىد زات.

56.        ئەبۇ سالىھ بازام ئەلكەلبىي (أَبُو صَالحٍ باذامُ الْكَلْبِيُّ، ھ. ؟ / م. ؟) — ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەمشىرىسى ئۇممۇ ھاﻧﯩﺌ بىنتى ئەبۇ تالىبنىڭ ئازادگەردىسى، تابىئىنلەرنىڭ چوڭلىرىدىن بىرى. ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئىبنى ئابباس ۋە خوجايىنى ئۇممۇ ھاﻧﯩﺌ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ دەۋرىدە (ھ. 86 – 96 / م. 705 – 715) ۋاپات بولغان.

57.        ئەبۇ سالىھ زەكۋان ئىبنى ئابدۇللاھ ئەسسەممان (أَبُو صَالِحٍ ذَكْوَانُ بنُ عَبْدِ اللهِ السَّمَّانُ، ھ. 15 – يىللار ئەتراپىدا – 101 / م. 636 – يىللار ئەتراپىدا – 720) — كاتتا تابىئىن. مۇھەددىس. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى جۇۋەيرىيە بىنتى ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئازادگەردىسى. ھەزرىتى سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىق ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

58.        ئەبۇ سەللام مەمتۇر ئەلباھىلىي ئەلھەبەشىي (أَبُو سَلاَّمِ مَمْطُور الْبَاهِلِيّ الحَبَشِيُّ، ھ. ؟ – 102 / م. ؟ – 720 – يىلى ئەتراپى) — تابىئىن. شام دىيارىدىكى كاتتا ئالىملاردىن. ھۇزەيفە، ئەبۇ زەر قاتارلىق ساھابەلەردىن مۇرسەل رىۋايەت قىلغان. ھەدىسشۇناسلار نەزەرىدە ئىشەنچلىك راۋىي.

59.        ئەبۇ سەھل ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى زىياد ئىبنى ئەبباد ئەلقەتتان (أَحْمَد بْن مُحَمَّد بْن عَبْد اللَّه بْن زياد بْن عباد القطان، ھ. ؟ – 350 / م. ؟ – 962) — باغداتلىق كاتتا شائىر ھەم ئەدىب. فەقىھ، مۇجتەھىد، ئىبادەتگۇي، «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتىگە ئالاھىدە ھېرىسمەن زاتتۇر.

60.        ئەبۇ سەۋر ئىبراھىم ئىبنى خالىد ئەلكەلبىي ئەلباغدادىي (أَبُو ثَوْرٍ إِبْرَاهِيْمُ بنُ خَالِدٍ الكَلْبِيُّ البَغْدَادِيُّ، ھ. 170 – 240 / م. 786 – 854) — مۇھەددىس ۋە مۇجتەھىد فەقىھ. ئۆز زامانىدىكى ئىراق مۇپتىسى. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ۋە ئىمام شافىئىيلاردىن تەلىم ئالغان ۋە كېيىن ئۆز ئالدىغا ئىجتىھاد قىلغان. لېكىن، ئەزەربەيجان تەرەپلەردە كەڭ تارقالغان ئەبۇ سەۋر مەزھىبى كېيىن يوقاپ كەتكەن. ئىلىم ۋە پەزىلەتتە ھەممە ئېتىراپ قىلغان، تەقۋادارلىقى بىلەن تونۇلغان زات. «اختلاف مالك والشافعي» «أحكام القرآن» ۋە «المبسوط في الفقه» قاتارلىق ئەسەرلەر قالدۇرغان، ئەمما بىزگە يېتىپ كەلمىگەن.

61.        ئەبۇ سەئد ئابدۇلكەرىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مەنسۇر ئەسسەمئانىي ئەلمەرۋەزىي (عَبْدُ الكَرِيْم بنُ مُحَمَّدِ بنِ مَنْصُوْرٍ السَّمْعَانِيُّ الْمَرْوَزِيُّ، ھ. 506 – 562 / م. 1109 – 1166) — تۈركمەنىستاننىڭ مەرۋ شەھرىدە تۇغۇلغان. تارىخشۇناس، ئەدىب، مۇھەددىس، فەقىھ، نەسەبشۇناس. «الأنساب (نەسەبلەر)»، «قواطع الأدلة في أصول الفقه قەۋاتىئۇل ئەدىللە فى ئۇسۇلىلفىقھ)» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى بار.

62.        ئەبۇ سەئلەبە جۇرھۇم ئىبنى ناشىم (ياكى جۇرسۇم ئىبنى ناشىر) ئەلخۇشەنىي (أَبُو ثَعْلَبَةَ جُرْهُمُ بنُ نَاشِمٍ الْخُشَنِيُّ، ھ. ؟ – 75 / م. ؟ – 694) — ھۇدەيبىييەدىكى «رىزۋان بەيئەتى»گە قاتناشقان ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئۆز قەۋمىگە ئەۋەتكەندە، ئۇلار مۇسۇلمان بولغان. شامدا ياشىغان، سەجدە قىلغان ھالەتتە ۋاپات تاپقان.

63.        ئەبۇ سەئىد ئەلخەرراز ئەھمەد ئىبنى ئىيسا ئەلباغدادىي (أَبُو سَعِيْدٍ أَحْمَدُ بنُ عِيْسَى الخَرَّازُ البَغْدَادِيُّ، ھ. ؟ – 286 / م. ؟ – 899) — باغداتلىق تەسەۋۋۇف پېشۋاسى، زاھىد ئالىم. «كىتابۇسسىدق / ئەتتەرىيقۇ ئىلەللاھ» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

64.        ئەبۇ سەئىد سەئد ئىبنى مالىك ئىبنى سىنان ئەلخۇدرىي (أَبُو سَعِيْدٍ سَعْدُ بنُ مَالِكِ بنِ سِنَانٍ الخُدْرِيُّ، ھ. بۇرۇن 10 – ھ. 74 / م. 612 – 693 ياكى 694) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «ئۇھۇد غازىتى»غا قاتنىشىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەندە 13 ياش بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. ئاتىسى «ئۇھۇد غازىتى»دا شەھىد بولغان. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە «خەندەك ئۇرۇشى»غا قاتناشقان ۋە كېيىن يەنە 12 غازاتقا قاتناشقان. ئۇزۇن ياشىغان ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەسۇلۇللاھتىن 1170 ھەدىس رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئەڭ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان يەتتە ساھەبەنىڭ بىرىدۇر.

65.        ئەبۇ سۇفيان سەخر ئىبنى ھەرب ئىبنى ئۇمەييە ئەلئۇمەۋىي ئەلقۇرەشىي (أَبُو سُفْيَانَ صَخْرُ بنُ حَرْبِ بنِ أُمَيَّةَ الأُمَوِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. بۇرۇن 57 – ھ. 31 / م. 566 – 567 – 652) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — مەككەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، قۇرەيشنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خانىملىرىدىن ئۇممۇ ھەبىبە ئانىمىزنىڭ ۋە «ئۇمەۋىيلەر دۆلىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاتىسى. مەككە فەتىھ بولغاندا مۇسۇلمان بولغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى نەجرانغا ۋالىي قىلغان. كېيىن مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە غازاتلارغا قاتناشقان. بىر كۆزى «تائىف غازىتى»دا، يەنە بىر كۆزى «يەرمۇك ئۇرۇشى»دا قۇيۇلۇپ كەتكەن.

66.        ئەبۇ سۇلايمان ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەھمەد ئەددارانىي (أَبُو سُلَيْمَانَ عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ أَحْمَدَ الدَّارَانِيُّ، ھ. 140 – 215 / م. 758 – 831) — ئىبادەتگۇي، زاھىد، ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن مەشھۇر زاتتۇر.

67.        ئىمام ئەبۇ شامە ئابدۇرراھمان ئىبنى ئىسمائىل ئىبنى ئىبراھىم ئەلمەقدىسىي ئەددىمەشقىي (الإمَامُ شِهَابُ الدِّيْنِ أبو شَامة عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ إِسْمَاعِيلَ بْنِ إِبْرَاهِيمَ الْمَقْدِسِيُّ الدِّمَشْقِيُّ، ھ. 599 – 665 / م. 1202 – 1267) — ھەدىسشۇناس، كاتتا شافىئىي فەقىھ، قىرائەت ئالىمى ۋە تارىخچى.

68.        ئەبۇ قۇتەيبە سەلم ئىبنى قۇتەيبە ئەلخۇراسانىي ئەلفىريابىي (أَبُو قُتَيْبَةَ سَلْمُ بنُ قُتَيْبَةَ الخُرَاسَانِيُّ الفِرْيَابِيُّ، ھ. ؟ – 200 / م. ؟ – 816) — خۇراسانلىق ئىمام. رىۋايەتلىرى ئىشەنچلىك مۇھەددىس.

69.        ئەبۇ قىلابە ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئەلجەرمىي ئەلبەسرىي ئەلئەزدىي (أَبُو قِلابَةَ عَبْدُ اللَّهِ بْنُ زَيْدٍ الْجَرْمِيُّ الْبَصْرِيُّ الْأَزْدِيُّ، ھ. ؟ – 104 / م. ؟ – 722) — مەشھۇر تابىئىن. فەقىھ ۋە تونۇلغان ھەدىس راۋىيسى.

70.        ئەبۇلئابباس ئەنناسىر لىدىينىللاھ ئەھمەد ئىبنى ئەلمۇستەزى بىئەمرىللاھ ھەسەن ئىبنى يۈسۈف (النَّاصِرُ لِدِيْنِ اللهِ أَبُو العَبَّاسِ أَحْمَدُ ابنُ الْمُسْتَضيءِ، ھ. 553 – 622 / م. 1158 – 1225) — ھەدىسشۇناس ۋە شائىر. ئابباسىيلار خەلىفەسى (ھ. 577 – 622 / م. 1180 – 1225). ئابباسىيلار خىلاپىتىنى بۇرۇنقى كۈچلۈك ھالىتىگە ئەكىلىشكە تىرىشقان. سالاھىددىن ئەييۇبىينى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن. شىئە مەزھىبىگە مايىللىقى بىلەن تونۇلغان. «رۇھۇل ئارىفىن»( ھەدىس ئىلمى) نامىدا ئەسەر يازغان.

71.        ئەبۇلئالىيە رۇفەﻳﺌ ئىبنى مىھران ئەررىياھىي ئەلبەسرىي (أَبُو العَالِيَةِ رُفَيْعُ بنُ مِهْرَانَ الرِّيَاحِيُّ البَصْرِيُّ، ھ. بۇرۇن ؟ – 93 / م. ؟ – 712) — جاھىلىيەت دەۋرىدە تۇغۇلۇپ، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە مۇسۇلمان بولغان ئازادگەردە تابىئىن. ئۇبەي ئىبنى كەئب، زەيد ئىبنى سابىت ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن قىرائەت ئۆگەنگەن ۋە كېيىن ئىلىم يايغان زات.

72.        ئەبۇلئەھۋەس ئەۋف ئىبنى مالىك ئەلجۇشەمىي (أَبُو الأَحْوَصِ عَوْفُ بْنُ مَالِكٍ الْجُشَمِيُّ، ھ. ؟ – 90 – يىللىرى / م. ؟ – 709 – يىللىرى) — تابىئىنلەرنىڭ چوڭلىرىدىن. ئىبنى مەسئۇد، ئەبۇ مۇسا، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن ئىلىم ئالغان ۋە ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

73.        ئەبۇلبەختەرىي سەئىد ئىبنى فەيرۇز ئەتتائىي ئەلكۇفىي (أَبُو البَخْتَرِيِّ سَعِيْدُ بنُ فَيْرُوْزٍ الطَّائِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 82 / م. ؟ – 701) — كۇفەلىك ئازادگەردە. فىقھشۇناس، قىرائەتشۇناس، مۇھەددىس تابىئىن. ھەججاجغا قارشى جەڭدە شەھىد بولغان.

74.        ئەبۇلجەۋزاﺋ ئەۋس ئىبنى ئابدۇللاھ ئەررەبەئىي ئەلبەسرىي (أَبُو الجَوْزَاءِ أَوْسُ بنُ عَبْدِ اللهِ الرَّبَعِيُّ البَصْرِيُّ، ھ. ؟ – 83 / م. ؟ – 702) — ئائىشە، ئىبنى ئابباس قاتارلىق ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان تابىئىن. زالىم ھەججاجغا قارشى توپىلاڭغا قاتناشقان ئىبادەتگۇي زات.

75.        ئىمام ئەبۇلقاسىم ئابدۇلكەرىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلكەرىم ئىبنى پەزل ئەررافىئىي ئەلقەزۋىينىي (عَبْدُ الكَرِيْمِ بنُ مُحَمَّدِ بنِ عَبْدِ الكَرِيْمِ الرَّافِعِيُّ القَزْوِيْنِيُّ، ھ. 557 – 623 / م. 1162 – 1226) — كاتتا شافىئىي فەقىھ، مۇھەددىس، تارىخشۇناس، مۇفەسسىر. ئەسەرلىرى: «ئەلمۇھەررەر فىلفىقھ»، «ئەتتەدۋىن فى ئەخبارى قەزۋىن»، «فەتھۇل ئەزىز»، «شەرھۇ مۇسنەدىششافىئىي» ۋە باشقىلار .

76.        ئەبۇلقاسىم ئابدۇلۋاھىد ئىبنى ئەلھۈسەين ئىبنى مۇھەممەد ئەسسەيمەرىي (أَبُو القَاسِمِ عَبْدُ الوَاحِدِ بنُ الحُسَيْنِ بنُ مُحَمَّدِ الصَّيْمَرِيُّ، ھ. ؟ – 386 / م. ؟ – 996) — كاتتا شافىئىي فەقىھ، قازى. «ئەل ئىيزاھ فىلمەزھەب (الإيضاح في المذهب)»، «ئەلقىياس ۋەلئىلەل (القياس والعلل)» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

77.        ئىمام ئەبۇللەيس نەسر ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئەسسەمەرقەندىي ئەلفەقىھ ئەلھەنەفىي (الفَقِيْهُ أَبُو اللَّيْثِ نَصْرُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ إِبْرَاهِيْمَ السَّمَرْقَنْدِيُّ الحَنَفِيُّ، ھ. ؟ – 375 / م. ؟ – 985) — «ئەلفەقىھ»، «ئىمامۇل ھۇدا» ۋە «زاھىد» دەپ نام ئالغان سەمەرقەندلىك كاتتا ھەنەفىي ئالىم. ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ئەلماتۇرىيدىينىڭ شاگىرتى. «بەھرۇل ئۇلۇم» ناملىق تەفسىر، «ئەننەۋازىل»، «ئۇيۇنۇل مەسائىل»، «خازانەتۇل فىقھ»، «بۇستانۇل ئارىفىن»(«تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان)، «تەنبىھۇل غافىلىن» ۋە «شەرھۇل فىقھىل ئەكبەر» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

78.        ئەبۇلمەلىھ ئامىر ئىبنى ئۇسامە ئىبنى ئۇمەير ئەلھۇزەلىي ئەلبەسرىي (أَبُو الْمَلِيحِ عامِرُ بنُ أُسَامَةَ بنِ عُمَيْرٍ الهُذَلِيُّ البَصْرِيُّ، ھ. ؟ – 112 / م. ؟ – 731) — تابىئىن. ئىشەنچلىك راۋىيلەردىندۇر.

79.        ئەبۇلھەسەن ئىبنى ئەخرەم مۇھەممەد ئىبنى نەزر ئىبنى مۇر ئىبنى ئەددىمەشقىي (ابْنُ الأَخْرَمِ مُحَمَّدُ بنُ النَّضْرِ بنِ مُرٍّ الدِّمَشْقِيُّ، ھ. 260 – 341 / م. 874 – 953) — دەمەشققە يېقىن قىينىييە يېزىسىدا تۇغۇلغان. ھارۇن ئەلئەخفەشنىڭ شاگىرتى بولۇپ، ھاياتىنى جىھاد، كۈرەش، سەۋر، قىرائەت ئۆگىتىش بىلەن ئۆتكۈزگەن مەشھۇر قارىيلارنىڭ بىرى.

80.        ئەبۇلھەلال رەبىئە ئىبنى زۇرارە ئەلئەتەكىي ئەلئەزدىي ئەلبەسرىي (أَبُو الْحَلاَلُ رَبِيعَةُ بْنُ زُرَارَةَ الْعَتَكِيُّ الْأَزْدِيُّ الْبَصْرِيّ، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) — ئىبادەتگۇي، «قۇرئان كەرىم» ئوقۇشقا ئالاھىدە ھېرىسمەن، ساخاۋەتچى، بىرقانچە ساھابەدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان مۇھەددىس زات. 120 ياشتا ۋاپات تاپقان.

81.        ئەبۇلھەيسەم كەسىر (أَبُو الْهَيْثَم كَثِير) — تابىئىن. ئىسمى. ھەزرىتى ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى.

82.        ئەبۇل ھۈسەين مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۇبەيش ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئىيسا ئىبنى خاقان (أَبُو الْحُسَيْنِ مُحَمَّدُ بْنُ عَلِيِّ بْنِ حُبَيْشٍ بن أَحْمد بْن عِيسَى بن خاقان، ھ. ؟ – 359 / م. ؟ – 970) — رىۋايەتلىرى ئىشەنچلىك دەپ قارالغان مۇھەددىس ئالىم.

83.        ئەبۇ لۇبابە بەشىر (رىفائە دېگەن قاراشمۇ بار) ئىبنى ئابدۇلمۇنزىر ئەلئەنسارىي (أَبُو لُبَابَةَ بَشِيرُ بْنُ عَبْدِ الْمُنْذِرِ الْأَنْصَارِيُّ، ھ. ؟ – 40 / م. ؟ – 660) — ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى بەدر ۋە سەۋىق غازاتلىرىدا ئۆزىنىڭ ئورۇنباسارى قىلىپ مەدىنەدە قالدۇرۇپ قويغان. ئۇھۇد ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان، مەككە فەتھى بولغان كۈنى ئەمر ئىبنى ئەۋف جەمەتىنىڭ تۇغىنى كۆتۈرگەن قوماندان زات.

84.        ئەبۇ مەريەم ئەمر ئىبنى مۇررە ئەلئەزدىي ئەسسەكۇنىي (ئەلجۇھەنىي دېگەنلەرمۇ بار) (أَبُو مَرْيَمَ عَمْرُو بْنُ مُرَّةَ الْأَزْدِيُّ السَّكُونِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — دەمەشقتىكى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۇزۇرىغا بارغان ۋە بىر ھەدىسنى سۆزلەپ بېرىپ نەسىھەت قىلغان ساھابە. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە (م. 661 – 680) ۋاپات تاپقان.

85.        ئەبۇ مەسئۇد ئۇقبە ئىبنى ئەمر ئىبنى سەئلەبە ئەلبەدرىي ئەلئەنسارىي (أَبُو مَسْعُودٍ عُقْبَةُ بنُ عَمْرِو بنِ ثَعْلَبَة البَدْرِيُّ الْأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن 15 – ھ. 40 ياكى 60 / م. 607 – 662 ياكى 679) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئىككىنچى «ئەقەبە بەيئەتى»گە، «بەدر غازىتى»غا ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە.

86.        ئەبۇ مەيسەرە ئەمر ئىبنى شەرەھبىيل ئەلھەمدانىي ئەلكۇفىي (أَبو مَيْسَرَةَ عُمَرُ بنُ شُرَحْبِيْلَ الْهَمدَانِي الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 63 / م. ؟ – 683) — كاتتا تابىئىنلاردىن. ھەزرىتى ئۆمەر، ئەلى، ئىبنى مەسئۇد قاتارلىق ساھابىلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

87.        ئەبۇ مۇسا ئابدۇللاھ ئىبنى قەيس ئەلئەشئەرىي (أَبُو مُوْسَى عَبْدُ اللهِ بنُ قَيْسٍ الأَشْعَرِيُّ، ھ. ؟ – 42 ياكى 44 / م. ؟ – 662 ياكى 665) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ۋەتىنى يەمەندىن ھەبەشسىتانغا، كېيىن مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان ساھابە، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوتتۇرىدا كېلىشىم ئۈچۈن ھەزرىتى ئەلى تەرىپىدىن ھەكەم تەيىنلەنگەن فەقىھ زات.

88.        ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇرراھمان ئىبنى قاسىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇبەكرى سىددىق (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ القَاسِمِ، ھ. 56 – 126 / 676 – 744) — تابىئىن. ھەدىس ئىماملىرىدىن بىرى. شۇئبە، سۇفيان ئەسسەۋرىي، ئەۋزائىي ۋە ئىمام مالىكلارنىڭ ئۇستازى.

89.        شەيخ ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى يۈسۈف ئىبنى ئابدۇللاھ ھەييۇۋەيھ ئەلجۇۋەينىي ئەننىشاپۇرىي (أَبو مُحَمَّدٍ عَبْدُ اللَّهِ بْنُ يُوسُفَ بن عبد الله حَيُّويَه الجُوَيْنِيُّ النَّيْسَابُوْرِيُّ، ھ. ؟ – 438 / م. ؟ – 1047) — «ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى» دەپ تونۇلغان ئەبۇلمەئالىي جۇۋەينىنىڭ ئاتىسى. تەفسىرشۇناس، فەقىھ، كالامشۇناس، تىلشۇناس، ئەدىب. شافىئىي مەزھىبىدىكى كاتتا ئالىم. «تەفسىرى كەبىر (التفسير الاكبير)»، «ئەتتەبسىرە (التبصرة)»، «ئەتتەزكىرە (التذكرة)»، «ئەلجەمئۇ ۋەلفۇرۇق (الجمع والفروق)» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلىرى بار.

90.        ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى زەيد ئەلقەيرۇۋانىي ئەلمالىكىي (أَبو مُحَمَّدٍ عَبْدُ اللهِ بنُ أَبِي زَيْدٍ القَيْرَوَانِيُّ المَالِكِيُّ، ھ. 310 – 386 / م. 922 – 996) — تۇنىسلىق. مالىكىي مەزھىبىنىڭ كاتتا ئالىملىرىدىن بىرى. «كىچىك مالىك» دەپ نام ئالغان. ئىلىمگە ئەمەل قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلارغا پۇل خەجلەيدىغان ساخاۋەتلىك زات. مۇھەددىس ۋە تەفسىرشۇناس. مەشھۇر ئەسەرلىرى: «رىسالە»، «مختصر المدونة» قاتارلىقلار.

91.        ئەبۇ نەسر مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلجاببار ئەلئۇتبىي ئەررازىي (أَبُو النَّصر مُحَمَّد بْن عَبْد الجبّار العُتْبي الرازي، ھ. 350 – 427 / م. 961 – 1036) — غەزنەۋىي دۆلىتىنىڭ كاتىپى ۋە ۋەزىرى. تارىخچى ئەدىب. يەمىنۇددەۋلە مەھمۇد غەزنەۋىيگە ئاتاپ يازغان «تارىخى يەمىينىي» دېگەن ئەسەرى «تارىخى ئۇتبىي» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

92.        ئەبۇ ھاتىم سەھل ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئوسمان ئەسسىجىستانىي (أَبُو حَاتِمٍ سَهْلُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ عُثْمَانَ السِّجِسْتَانِيُّ، ھ. 172 – 255 / م. 788 – 869) — مۇھەددىس، تىلشۇناس، قىرائەتشۇناس ۋە تەفسىرشۇناس. «ئىئرابۇل قۇرئان (إعراب القرآن)»، «الأضداد»، «القراءات» ۋە باشقا ئەسەرلىرى بار.

93.        ئەبۇ ھارۇن ئۇمارە ئىبنى جۇۋەين ئەلئەبدىي (أَبُو هَارُون عمَارَة بن جُوَيْن الْعَبْدي، ھ. ؟ – 134 / م. ؟ – 751) — ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي قاتارلىق ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان تابىئىن. ھەدىس رىۋايەت قىلىشتا ئاجىز دەپ قارىلىدۇ.

94.        ئەبۇ ھازىم سەلەمە ئىبنى دىنار ئەلمەدىنىي ئەلمەخزۇمىي (أَبُو حَازِمٍ سَلَمَةُ بنُ دِيْنَارٍ الْمَدِينِيُّ الْمَخْزُومِيُّ، ھ. ؟ – 144 / م. ؟ – 762) — مەدىنەلىك ئازادگەردە تابىئىن. ساھابە ۋە تابىئىنلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان مۇھەددىس، شەيخۇلئىسلام، ئىبادەتگۇي، زاھىد، فەقىھ، ئۇنىڭدىن ئىمام بۇخارىي، مۇسلىم ۋە باشقا مۇھەددىسلەر ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

95.        ئەبۇ ھەمزە ئەلقەسساب ئىمران ئىبنى ئەبى ئەتاﺋ ئەلئەسەدىي ئەلۋاسىتىي (أَبُو حَمْزَةَ القَصَّابُ عِمْرَانُ بنُ أَبِي عَطَاءٍ الأَسَدِيُّ الوَاسِطِيُّ، ھ. ؟ – 140 / م. ؟ – 758) — ئازادگەردە تابىئىن، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، رىۋايەتلىرى ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ئىشەنچلىك فەقىھ ئالىم.

96.        ئىمام ئەبۇ ھەنىفە نۇئمان ئىبنى سابىت ئىبنى زۇتا ئەتتەيمىي ئەلكۇفىي (الإمَامُ أَبُو حنيفةَ النُّعْمَانُ بنُ ثَابِتِ بنِ زُوْطَى التَّيْمِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 80 – 150 / م. 699 – 767) — مەشھۇر «تۆت مەزھەب»نىڭ بىرى بولغان «ھەنەفىي مەزھىبى»نىڭ ئىمامى، مۇجتەھىد ئىماملار ئىچىدە «ئىمامى ئەزەم (بۈيۈك ئىمام)» دەپ تونۇلغان زات. باغدادتا قازىلىق مەنسىپىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، تۈرمىگە تاشلانغان ۋە تۈرمىدە ۋاپات تاپقان. «زەھەرلىنىپ شەھىد قىلىنغان» دېگەن قاراشمۇ بار.

97.        ئەبۇ ھۇرەيرە ئابدۇرراھمان ئىبنى سەخر ئەددەۋسىي (أَبُو هُرَيْرَةَ عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ صَخْرٍ الدَّوْسِيُّ، ھ. بۇرۇن 19 – ھ. 59 / م. 603 – 678) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەردىكى ۋاقتىدا يېنىغا كېلىپ مۇسۇلمان بولغان ۋە 3 يىل بويىچە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا مۇقىم تۇرغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۇئاسى بەرىكىتىدىن ئەستە تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان. 5374 ھەدىس بىلەن ئەڭ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان يەتتە ساھابىنىڭ تۇنجىسى. ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە بەھرەينگە ۋالىي بولغان.

98.        ئەبۇ ئوسمان سەئىد ئىبنى سالام ئەلمەغرىبىي ئەلقەيرەۋانىي (أَبُو عُثْمَانَ الْمَغْرِبِيُّ سَعِيْدُ بنُ سَلاَّمٍ القَيْرَوَانِيُّ، ھ. ؟ – 373 / م. ؟ – 984) — تۇنىسلىق تەسەۋۋۇف پېشۋالىرىدىن بىرى. ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن مەشھۇر زات. نىشاپۇردا ۋاپات تاپقان.

99.        ئەبۇ ئوسمان ئەننەھدىي ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇل (أَبُو عُثْمَانَ النَّهْدِيُّ عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ مُلٍّ، ھ. ؟ – 95 ياكى 100 / م. ؟ – 714 ياكى 719) — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايات ۋاقتىدا مۇسۇلمان بولۇپ، رەسۇلۇللاھنى كۆرۈش نېسىپ بولمىغان تابىئىن. كاتتا ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىلافەت زامانىدا شامدىكى غازاتلارغا قاتناشقان، سالمان فارسىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا 12 يىل ھەمراھ بولغان فەقىھ، ئىبادەتگۇي، مۇھەددىس.

100.   ئەبۇ ئۇبەيد قاسىم ئىبنى سەللام ئەلھەرەۋىي (أَبُو عُبَيْدٍ القَاسِمُ بنُ سَلاَّمِ بنِ عَبْدِ اللهِ الهَرَوِيّ، ھ. 157 – 224 / م. 774 – 838) — ئافغانىستاننىڭ ھىراتتا تۇغۇلغان. تىلشۇناس، مۇھەددىس، مۇجتەھىد فەقىھ. «ئەلئەمۋال ئەششەرئىييە»، «فەزائىلۇلقۇرئان» ۋە «ئەلغەرىب» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

Please follow and like us: