(ھ. 354 – 430 / م. 965 – 1040)
دۇنيادا ھەقنى ئەلا بىلىش ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىشتىنمۇ بەكرەك ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان، پەزىلىتى كاتتا بىر ئەمەل يوقتۇر. ئەقلىي مەسىلىلەرنى چۈشىنىپ يېتەلەيدىغان بولۇپ يېتىشكىنىمدە، ئىلىم كېنىنى قېزىش بىلەنلا مەشغۇل بولدۇم.
— ئىبنۇلھەيسەم
(1)
ئىسلام ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ئۇلۇغ بىلگە، يېتۈك تالانت ئىگىسى ۋە گىگانت ئالىملاردىن بىرى بولغان ئەبۇ ئەلى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئىبنى ھەسەن ئىبنۇلھەيسەم ئەلبەسرىي / ئەلمىسرىي مۇنۇ ئۈچ خۇسۇستا باشلامچىلىقى، كۈچلۈك تەسىرچانلىقى ۋە مىسلىسىز ئەسەرلىرى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا مەدەنىيىتىدىمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان پەۋقۇلئاددە زاتتۇر. ئۇلار:
1. ئۇ زامانىمىزدا «ئىسلامىي مېتود» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان زامانىۋى ئىلمىي مېتودنى ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرىغا قويغۇچىلاردىن بىرى ئىدى؛
2. ئۇ مىسىردا بۈيۈك بىر سۇ توسمىسى بىنا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى ئالىمدۇر؛
3. ئۇ يېڭى زامان يورۇقلۇق ئىلمىنىڭ بەرپاچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرى نيۇتوننىڭ «جىسىملار مېخانىكاسى» ھەققىدىكى تەسىرىدىن قېلىشمايدۇ.
ئىبنۇلھەيسەم «يېڭى زامان ئىلمىي مېتودى»نىڭ ئاساسىنى «ئوپتىكا كىتابى (كِتَابُ الْمَنَاظِرِ)»(1)
ناملىق كىتابىدا يورۇتۇپ بەرگەن ۋە «بۇ مېتودتىكى ئاساسلىق ئېلېمېنتلار: ئىندۇكسىيە (Induction ئايرىم پاكىتلاردىن ئومۇمىي خۇلاسىگە كېلىش)، ئۈچ ھۆكۈملۈك قىياس (Syllogisme)، كۆزىتىش، تەجرىبە (Experiment) ۋە ئوخشىتىپ قىياسلاش (Analogie) قاتارلىقلاردۇر» دەپ كۆرسەتمە بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«تەتقىقاتنى ئالدى بىلەن كائىناتتىكى شەيئىلەردىكى قىسمەن ھادىسىلەردىن ئومۇمىي نەتىجە چىقىرىش (ئىندۇكسىيەلەش)، كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش، قىسىملارنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈش بىلەن باشلايمىز. كۆرۈش ساھەسىدە كۆرۈشكە ئائىت نەرسىلەر ۋە ئىزچىل ئۆزگەرمەيدىغان، قانداق ھېس قىلىنىشىدا شەك قىلىنمايدىغان ئوچۇق نەرسىلەردىكى ئىندۇكسىيەدىن باشلايمىز. ئاندىن تەتقىقات ۋە ئۆلچەملەردە مۇقەددىمە ئاساسلارنى تەكشۈرۈش ۋە نەتىجە، يەكۈنلەردە خاتالىقتىن ساقلىنىش ئارقىلىق پراكتىكا، مەشىق قىلىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلىمىز. بارلىق تەتقىقات ۋە كۆزىتىشلىرىمىزدە ھاۋايى – ھەۋەسكە ئەگەشمەي، ئادالەتنى بەرپا قىلىشنى ئەڭ چوڭ نىشانىمىز قىلىمىز. ھەر شەيئىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆڭۈل سۆيۈنگۈدەك دەرىجىدە تەپسىلىي تەكشۈرىمىز ۋە ھەقىقىي ئىشەنچ ھاسىل بولىدىغان نىشانغا ئاستا – ئاستا، تەمكىنلىك بىلەن يېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئىختىلاپ ۋە شۈبھىلەردىن ئېرىغ ھەقىقەتكە يېتىمىز. گەرچە بىز ئىنسانلار تەبىئىتىمىزگە تالىق تۈرلۈك ئەيىب – نۇقسانلاردىن خالىي بولمىساقمۇ، ئەمما يەنىلا بىزگە بېرىلگەن كۈچ – قۇۋۋەتنىڭ يېتىشىچە تىرىشىمىز ۋە ھەممە ئىشىمىزدا ئاللاھتىن ياردەم تىلەيمىز»(2).
ئىبنۇلھەيسەم ئۆز نەزەرىدىكى «ئىلمىي مېتود نىشانى»نى مۇنداق بايان قىلغان:
. ئادالەتپەرۋەر بولۇش، ھاۋايى – ھەۋەسكە بېرىلمەسلىك؛
. ھاۋايى – ھەۋەستىن قۇتۇلۇپ، كۆزقاراشلارغا ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىش؛
. ھەقىقەتكە يېتىشتە كۆڭۈل سۆيۈنگۈدەك ئىشلارنىڭ بولۇشى.
كاتتا ئالىم دوكتور مۇستافا نەزىف (ھ. 1310 – 1390 / م. 1893 – 1971) ۋە ئەللامە قەدرى ھافىز توقان (ھ. 1328 – 1391 / م. 1910 – 1971) ئىككىيلەن «ئىبنۇلھەيسەم چۈشەنچىلىرى»نى تەتقىق قىلغان(3) بولۇپ، مۇنداق خۇلاسىلەشكەن: «ھەقىقەتەن ئىبنۇلھەيسەم چۈشەنچىلىرىدە دەسلەپكى مۆلچەرلىرىمىزدىنمۇ ئارتۇق چوڭقۇرلىغانىكەن، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىنى ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن ۋە 20 – ئەسىر زامانىۋى يېڭى ئىلىم – پەن ئالىملىرىدىن ماك، كارل پېيرسون (Karl Pearson، م.1857 – 1936) ۋە يەنە باشقىلار چۈشىنىپ، ئۇنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەلىرىنىڭ توغرا شەكلىنى ۋە ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى ھەقىقىي ۋەزىپىسىنى بىلىپ يەتكەن». يەنى ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىبنۇلھەيسەم ھازىرقى زامان ئىلمىي تەپەككۇرى تامان يۈزلەنگەن، شۇنداقلا ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىلمىي كەشپىيات يولىدا ئىزدىنىشتە فرانسىس باكون (Francis Bacon، م. 1561 – 1626) نى بېسىپ چۈشىدۇ، ھەتتا نەزەر دائىرىسى ئۇنىڭكىدىنمۇ كەڭ ۋە تەپەككۇرى ئۇنىڭكىدىنمۇ چوڭقۇر ئىدى.
ئۇنىڭ يېتۈك تەپەككۇر ئىگىسى ئىكەنلىكىنىڭ تىپىك دەلىلى ئۇ مىسىرغا بېرىشتىن بۇرۇن بەسرەدە يازغان مۇنۇ سۆزلىرىدۇر: «مەن نىل دەرياسى سۈيىنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئاقىدىغانلىقىدىن ۋاقىف بولدۇم، ئەگەر مىسىردا بولسام ئىدىم، ئۇنىڭ سۈيى ئۆرلىگەندىمۇ، پەسەيگەندىمۇ ئوخشاشلا پايدىلانغىلى بولىدىغان بىر ئىشنى قىلغان بولاتتىم».
بۇ قىسسەنىڭ مۇشۇ قىسمىلا مەشھۇر بولۇپ، كۆپىنچە مۇئەررىخلەر ۋە تەتقىقاتچىلار باش – ئايىغىنى تولۇق يازمايدۇ. ۋاقتاكى، مىسىر ھاكىمى ھەسەن ئىبنۇلھەيسەمگە ئاتايىن سوۋغا – سالاملارنى ئەۋەتىپ، ئۇنى مىسىرغا كېلىشكە تەرغىب قىلغاندىن كېيىن، ئۇ مىسىرغا يېتىپ كەلگەن ۋە قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مىسىر ھاكىمى ئۇنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن قاھىرە سىرتىغىچە ئۆزى ئالدىغا چىققان ۋە ئۇنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىرنەچچە كۈن ئارام ئالدۇرغاندىن كېيىن نىل توغرىسىدا دېگەنلىرىنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ھۇزۇرىغا چاقىرغان.
ئىبنۇلھەيسەم پۇختا تەييارلىق بىلەن ھاكىم ھۇزۇرىغا كىرىپ ئۆز پىكرىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قۇرۇلۇشقا كېتەرلىك ماتېرىياللار ۋە ھۈنەرۋەن ئۇستىلار تەييارلاپ بېرىلگەن. ئىبنۇلھەيسەم ــ ئۇلار يەنى در. مۇستافا نەزىفنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا ــ كۈنىمىز مەناسىدىكى قۇرۇلۇش ئەترىتى بىلەن بىرگە نىلنى ئېقىن بويلاپ تەكشۈرگەن. ھەتتا (قاھىرە شەھىرىگە 900 كىلومېتىردىن يىراق) ئەسۋانغىچە بېرىپ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ تارىخچى جامالۇددىن ئەلقىفتىي (ھ. 568 – 646 / م. 1172 – 1248) «جەنادىل» دەپ قەيت قىلغان يەردىنمۇ ئۆتكەن. نىل دەرياسىنى ئىككى تەرەپلىمە تەكشۈرۈپمۇ ئۆز كاللىسىدىكى گېئومېتىرىيەلىك ھېسابلاشلارغا ئاساسەن بىرەر ياخشى ئىشقا يارىغۇدەك ئورۇن تاپالماي نائىلاج قاھىرەگە قايتىپ كەتكەن.
تارىخچىلار يەنە مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «ئۇ قاھىرەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھاكىم بىلەن كۆرۈشۈپ، تەكشۈرۈش جەريانى ۋە نەتىجىنى مەلۇم قىلىدۇ. ھاكىم ئۇنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلغان قىياپەتكە كىرىپ، ئۇنى مەنسەپكە تەيىنلەيدۇ. ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىيالمىغانلىقى ئۇنىڭغا بەك ھار كېلىپ ۋە ھاكىمدىن قورقۇپ ــ چۈنكى ھاكىم زوراۋانلىق بىلەن تونۇلغان كىشى ئىدى ــ ساراڭ بولۇپ قالغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. بۇ خەۋەر ھاكىمنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كېيىن، ھاكىم ئۇنىڭ پۇل – ماللىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، خالايىق كۆزىدىن يىراق ھالدا ئۆز ئۆيىگە قاماپ قويۇشقا بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئادەم تەيىنلەيدۇ. ئۇ ھاكىم ئۆلگۈچە شۇ پېتى ياشاپ، ھاكىمنىڭ ئۆلۈمى جەزملەشكەندىن كېيىن، ئەسل ھالىتىگە قايتىپ ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغان»(4).
ئىبنۇلھەيسەمنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئەمەلىي شارائىتنى كۆزىتىپ، ئۆز پىكرىدىن ۋاز كېچىشىگە سەۋەب بولغان رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بىرەر ئىشەنچلىك مەلۇمات يوق.
ئۇنىڭ ھۈنەرۋەن ئۇستىلارنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ مېڭىشنى خاھلىغانلىقىدىن بىرەر توسما ياكى سۇ ئامبىرى سېلىشتەك كاتتا بىر پىلاننى روياپقا چىقىرىشقا كۆزى يېتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئېھتىمال ئۇنىڭ پەرىزىدىكى نىل دەرياسىنىڭ ئەمەلىيىتى دەريا بويلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن ئويلىغان يەردىن چىقماي قالغان ياكى ئەمەلىي شارائىتنىڭ بىرەر ئۈنۈملۈك قۇرۇلۇش سېلىشقا ناقولايلىقىنى ھېس قىلىپ بۇ نىيىتىدىن يانغان ۋەياكى ئىبنۇلھەيسەم مىسىر ھاكىمىنىڭ تەبىئىتىنى، ھەممىگە مەشھۇر تۇراقسىز غەلىتە مىجەزىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەگەر بىرەر ئىشنى باشلىسا داۋاملاشتۇرالماي قېلىشتىن ياكى باشلاپ ئويلىغىنىدەك چىقماي قېلىشتىن ئەنسىرىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پارس قولتۇقىغا جايلاشقان ئىراق بەسرەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئىبنۇلھەيسەم ئىقلىمى قۇرغاق ۋە قاقاس مىسىر ئېلىگە نىسبەتەن يات بىر ئادەم، ئەگەر ئىش باشلاپ قالغۇدەك بولسا ئۇنى ئوڭۇشلۇق ھالدا داۋاملاشتۇرالىغۇدەك ئەسۋاب – ئۈسكۈنە، تۇرمۇش جەھەتتىكى قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردىن خاتىرجەم بولالمايتتى، شۇڭا ئۇ ئۆز ھېسابىچە ئۆلچەپ پىچىپ، كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچى بولسىمۇ، ھەر تەرەپلىمە ئويلىنىپ كۆرۈپ، ۋاز كەچكەن بولۇشى ئېھتىمال.
(2)
ئىبنۇلھەيسەمنىڭ ھايات كارتىنىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ پىلانچى ئالىم بولۇپ، ئۇنىڭ تەپەككۇرى ئۆز قۇدرىتى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىقتىدارىدىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇنىڭ ئەقلىي ساھەدىكى خىزمىتى قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى خىزمىتىدىن كۆپ ئىدى. ئۇنىڭ «ئىندۇكسىيە ۋە دەلىل ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىلمىي مەزھەب»نى ئىجاد قىلىشتىكى ئىنچىكىلىكى مانا مۇشۇنىڭدىن كەلگەندۇر. ئۇ ئىندۇكسىيەنى روگېر باكون (Roger Bacon، م. 1220 – 1292) دىن بۇرۇن چۈشىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ باكون بايقىمىغان يەنە باشقا ئېلېمېنتلارنىمۇ تېپىپ چىقىش ئارقىلىق باكۇندىن ئېشىپ كەتكەن. ئىبنۇلھەيسەمشۇناس دوكتور نەزىفنىڭ قارىشىچە، ئۇ «ئىندۇكسىيە، ئۈچ ھۆكۈملۈك قىياس، ئوخشىتىپ قىياسلاش، مەۋجۇد بولغان ئەمەلىيەتكە تايىنىش يولى»نى تۇتۇپ مېڭىشنى بۇرۇنلا بىلىپ يەتكەن.
ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە بۈيۈك تۆھپىسى «ئوپتىكا (Optics) ئىلمى»(5)نى ئىجاد قىلىشىدۇر. ئۇ مەزكۇر كەشپى ئارقىلىق ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلەرنى پۈتۈنلەي ئاستىن – ئۈستۈن قىلىپ، قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ كۆرۈنۈش ئىلىمىنى بىتچىت قىلغان ۋە ئوكلېد (Euclid، مىلادىدىن بۇرۇنقى 300 – 265)، پېتولمى (Ptolemy، م. 87 – 150 ئەتراپى) لەرنىڭ: «كۆز كۆرۈش نۇرىنى كۆرگىلى بولىدىغان جىسىملارغا يەتكۈزىدۇ» دېگەن نەزەرىيەسىگە قارشى چىققان. ئۇ: «نۇرنىڭ كۆزدىن مۇستەقىل ئۆزىگە خاس ئايرىم مەۋجۇدلۇقى بار» دېگەن تۇنجى ئالىمدۇر.
كۆرۈشنىڭ نۇر بىلەن بولىدىغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان ئالىم ئىبنۇلھەيسەم نۇرنىڭ كائىناتتىكى گورزىنتاللىقى، ئەكس ئېتىش ۋە سۇنۇش ھادىسىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەتقىق قىلىپ: «بۇرۇنقىلارنىڭ ‹نۇر كۆزدىن چىقىدۇ› دېگەن قارشى توغرا ئەمەس، نۇر كۆرۈشتىن ئايرىم ئۆزىگە خاس مۇستەقىل مەۋجۇدلۇقتۇر» دېگەن.
گاررېت بىركوف (Garrett Birkhoff، 1911 – 1996) مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن ئوپتىكا ئىلمى ئىبنۇلھەيسەمنىڭ سايىسىدە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتتى، ئوپتىكا ئالىمى يوھاننېس كېپلېر (Johannes Kepler، 1571 – 1630) ئۆزىنىڭ نۇر توغرۇلۇق مەلۇماتلارنى، بولۇپمۇ نۇرنىڭ ھاۋادا پارچىلىنىشىغا دائىر بىلگۈلەرنى ئىبنۇلھەيسەمنىڭ كىتابلىرىدىن ئالغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن. بۇلارنى فرانسىيەلىك ئالىم لويىس فياردوت (Louis Viardot، 1800 – 1883) مۇ ئېتىراپ قىلغان. ئۇنىڭ ‹ئوپتىكا› دېگەن كىتابى (7 ماقالە) بۇ ساھەدە ھۆججەت بولالايدۇ(6). چۈنكى ئۇنىڭدا نۇر، رەڭلەرنىڭ تارقىلىشى، كۆز بوياش، ئەكسى كۆرۈش قاتارلىقلاردا ئەكس ئېتىش ۋە چۈشۈش بۇلۇڭلىرىنى تاللاش ئىلمىي تەجرىبىلىرىنى ئېلىپ بارغان».
شۇنىڭدەك ئىبنۇلھەيسەم نۇر شولىسىنىڭ پارچىلىنىشىنى سۈزۈك ۋاسىتىلەر (ھاۋا ۋە سۇ) ئارقىلىق تەكشۈرۈپ، ئۈچ ئەسىردىن كېيىن ئىتالىيەدە ياسالغان كۆزئەينەك كەشپىياتىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئىنتايىن يېقىنلاشقان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، «ئوپتىكا كىتابى» مەزمۇنى ۋە بابلارغا بۆلۈنۈشى جەھەتتىن بىر قىسىم يۇقىرى سەۋىيەلىك زامانىۋى كىتابلار بىلەن بوي تالاشقۇچىلىكى بار كىتاب بولۇپ، نۇرنىڭ پارچىلىنىشى، كۆز ئاناتومىيەسى، كۆز پەردىسىدە سۈرەتلەرنىڭ قانداق شەكىللىنىشى قاتارلىق تېمىلار مەزكۇر كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ياۋروپا ئالىملىرى بۇ كىتابنى بىرنەچچە ئەسىر دەرسلىك قىلغان ۋە 19 -، 20 – ئەسىر ئالىملىرى دەل مۇشۇ كىتاب سايىسىدە نۇر ئىلمىدە كۆرۈنەرلىك قەدەملەرنى تاشلىغان. بۇ كىتابنىڭ ئەڭ مۇھىم مېۋىلىرىدىن بىرى ئوپتىكانى ئۆز ئالدىغا ئاساسلىرى، ئىسمى ۋە قانۇنىيەتلىرى بولغان مۇستەقىل بىر ئىلىم سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىدۇر.
ئۇنىڭ كىتابلىرىدىن ياۋروپالىق مەشھۇر ئالىملاردىن ئىنگلىز پەيلاسوپ روگېر، ي. كېپلېر، فەنزى (Mordechai Finzi، 1476 – 1407)،ۋىتېلون(7) قاتارلىقلار پايدىلانغان. ئۇنىڭ نۇر توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرى ماكس مايرھوف (Max Meyerhof، 1874 – 1945) نى شۇنداق مەپتۇن قىلىۋالغان ۋە ئۇنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىغانكى، ھەتتا ئۇ: «ئىسلام ئىجادچانلىقىنىڭ كاتتىلىقى بىزگە ئوپتىكىدا بەك نامايەن بولىدۇ» دېگەن. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كىتابلىرى مەشھۇر ئىتالىيان رەسسامى لىئوناردو داۋىنچى (Leonardo da Vinci، 1452 – 1519) غىمۇ بەك تەسىر قىلغان.
ئىبنۇلھەيسەم نۇرغا ئالاقىدار پۈتۈن تەتقىقاتلىرىدا تەجرىبىگە تايانغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ئۇسلۇبى زامانىمىزدىكى تەجرىبە مېتودىغا ئىنتايىن يېقىن ئىدى. ئۇ سېلىشتۇرما ياكى قىياس مېتودىغا ناھايىتى بەك كۆڭۈل بۆلەتتى ۋە دەسلەپكى پرىنسىپلارنى تەجرىبە بىلەن ئىسپاتلاپ چىققاندىن كېيىن، شۇ پرىنسىپلارنى يېتەكچى قىلغان ئاساستا نەتىجىنى يەكۈنلەپ چىقاتتى.
ئىبنۇلھەيسەم بۇرۇنقىلارغا ئۆزگىچە پوزىتسىيە بىلەن يېقىنلىشىپ، تۈپتىن يېڭىچە بىر يۆنىلىشتە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ ۋە خاتالىقلارنى تۈزىتىپ، كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاپلا قالماي، يېڭى تەتقىقات تېمىلىرىنى تىكلەش بىلەن بىرگە يېڭى كەشپىياتلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ نوقۇل بىر ساھەگىلا مەركەزلىشىۋالماي، كۆپ تەرەپلىمە يېتىشكەن ئالىم ئىدى. شۇ جۈملىدىن ئۇنىڭ ئاسترونومىيە ۋە پەلسەپە تەتقىقاتىمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
پەقەت ئاسترونومىيە ئىلمىدىلا 20 دىن ئارتۇق رىسالە يازغان ئىبنۇلھەيسەم ئەسەرلىرىدە قۇتۇپنىڭ جۇغراپىيەلىك كەڭلىك، دەرىجە، گرادۇسىنى ئېنىق بېكىتىش ئۈچۈن يېڭىچە مېتودنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە يۇلتۇز تۈركۈملىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تۈگەل يېڭىدىن تەرتىپلىيەلىگەن، يەنە شۇنىڭدەك كۆرۈش سىزىقلىرىنىڭ ئورنىغا «نۇر شولىسى سىزىقى»نى كىرگۈزگەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسترونومىيەنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولغان.
ئىبنۇلھەيسەمنىڭ ئاسترونومىيە ۋە تەبىئەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەردە گېئومېتىرىيە، تەڭلىمە ۋە سان – سىفىرلارنى تەتبىقلاش ماھارىتى ئۇنىڭ ئۈستۈن ماتېماتىكا قابىلىيەتىنى نامايەن قىلىدۇ.
ئالىم ئۆز ئەمگەكلىرىدە نەقىل كەلتۈرۈش، ئىخچاملاش ۋە تەئلىفتىن ئىبارەت ئۇسلۇبنى چىڭ تۇتقان بولۇپ، تۆۋەندىكى ئىنچىكە ئىبارىلەر ئالىمنىڭ پسىخىكىسىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغان دېيىشكە بولىدۇ: «تەندە جانىم بولسىلا پۈتۈن كۈچۈمنى مۇشۇنداق ئىلمىي ئەمگەككە سەرپ قىلىمەن، بۇنىڭدىن مۇنۇ ئۈچ ئىشنى كۆزلەيمەن:
بىرىنچىدىن، ھەقنى ئىزدىگەن ۋە ئەلا بىلگەن كىشىگە تىرىكلىكىمدە ۋە ئۆلگەندىن كېيىن پايدا يەتكۈزۈش؛
ئىككىنچىدىن، بۇ مەشقلەر ئارقىلىق ھەر ئىلىمدە تەپەككۇرۇمغا سىغقان تەسەۋۋۇرلىرىم (نىڭ مۇمكىنچىلىكىنى) ۋە مەسىلىلەرنى (قانچىلىك) پىششىق ئىگىلىگەنلىكىمنى ئىسپاتلاش؛
ئۈچىنچىدىن، قېرىلىق كۈنلىرىم ئۈچۈن كېرەكلىك تەييارلىق ۋە زاپاس بايلىق يىغىش»(8).
دېمەك، ئىبنۇلھەيسەم نىيەتنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىدىغان، سۆلەتۋازلىقتىن بىزار، بىر ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ھەقنىلا دەيدىغانلىقى بىلەن تونۇلغان ئىسلام ئىدىئولوگىيەسىگە ساداقەتمەن ئۈلگىلىك ئالىملاردىن بىرىدۇر. بۇ مەئنانى ئىبنۇلھەيسەم مۇنۇ سۆزىدە بىرنەچچە قېتىم بايان قىلغان: «دۇنيادا ھەقنى ئەلا بىلىش ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىشتىنمۇ بەكرەك ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان پەزىلىتى كاتتا بىر ئەمەل يوقتۇر». شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ — ئۆز تەبىرىچە — كىچىكىدىن باشلاپ خىلمۇخىل ئېتىقادتىكى كىشىلەرنى ئاڭلىغان، ھەرخىل پىرقە ۋە تۈرلۈك پىكىرلەرنى تەتقىق قىلغان بولسىمۇ، «ھەق پەقەتلا بىردۇر» دېگەنگە چوڭقۇر ئىشەنگەن ۋە ئارىدىكى پەرقلەرنى «ئەسل سەۋەب تۇتقان يولنىڭ ئوخشىماسلىقى خالاس» دەپ قارىغان(9).
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئەقلىي مەسىلىلەرنى چۈشىنىپ يېتەلەيدىغان ياشقا يەتكەندە، ئىلىم كېنىنى قېزىش بىلەنلا مەشغۇل بولدۇم، شۇنىڭ ئۈچۈن خىلمۇخىل پىكىرلەر، ئېتىقادلار، دىنلار ئىلمىگە چوڭقۇر چۆكتۈم، ئەمما ئۇلاردىن ھېچبىر پايدىغا ئېرىشەلمىدىم. ھەقكە يەتكۈزىدىغان بىرەر ئۇسۇل، ئىشەنچىلىك پىكىرگە يەتكۈزىدىغان يېڭى مەسلەك تاپالمىدىم. ئاندىن ھەقكە سەزگۈ ئەزالار بىلەن بىلىدىغان زۆرۈرىي ئىلىم (شەك كەلتۈرەلمەيدىغان ھۆكۈم) نى ئاساس قىلغان ئەقلىي يەكۈنلەر شەكلىدىكى قاراشلار ئارقىلىقلا يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم»(10).
مانا مۇشۇ تەرىقىدە ئۇ ھەقىقەت چۈشەنچىسىگە ئۆزى مەشغۇل بولۇۋاتقان ئىلىم يولى ئارقىلىق يەتتى ۋە بۇ ئىلىملەرنىڭ مېۋىسىنىڭ ھەقنى بىلىش ۋە دۇنياۋى ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئادالەتپەرۋەر بولۇش ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا ئادالەتنىڭ ساپ خەيرلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنى قىلغۇچىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئىلاھىي نېئمەتلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىغا ھەقىقىي قانائەت ھاسىل قىلالىدى.
ئۇنىڭ ئۆز ئىلمىي مېتودى ھەققىدىكى يازغانلىرىنى ئوقۇغان كىشى بۇنى خۇددى 20 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا يېزىلغاندەك ھېس قىلىدۇ: «بىر – بىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىككى خىل قاراشلا بولىدىكەن، يا بىرى راست، بىرى يالغان، يا بولمىسا ھەر ئىككىسى بىر مەئناغا، يەنى ‹ھەقىقەت›كە يەتكۈزىدۇ، ئەمما ھەر ئىككى قاراشتىكى تەتقىقاتچىلار ئىزدىنىشتە بىردەك بىپەرۋالىق قىلىپ، مەقسەتكە يېتەلمەي توختاپ قالغان ياكى بىرى نىشانغا يېتىپ، يەنە بىرى يېتەلمەي قالغان بولىدۇ. ئىككى قاراش ئارىسىدا كۆرۈنۈشتە ئىختىلاپ باردەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىزدەنگىنىمىزدە، ئىككىسىنىڭ غايىسى بىر چىقىدۇ. يەنە بەزىدە مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىشتىكى ئۇسلۇب ئوخشىمىغانلىقتىن تەتقىقات ئوبيېكتىدا ھەم ئىختىلاپ كۆرۈلىدۇ، ئەگەر ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىزدىنىلسە ۋە چوڭقۇر قاراپ چىقىلسا، ئىختىلاپ يوقاپ، بىرلىك ھاسىل بولىدۇ»(11).
(3)
ئىلىم – پەن تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مەشھۇر سۆزلىرىدىن بىرى: «پۈتۈن دۇنيادا ھازىرغا قەدەر تەبىئەت تارىخىدا تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ھەرقانداق بىر ئەسەر ‹ھەيسەم ئوغلى ھەسەن ئوغلى ھەسەن ياكى ئەبۇ ئەلى ئەلمۇھەندىس› دېگەن ئىسىملاردىن خالىي بولالمايدۇ».
ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ياۋروپادا 16 – ئەسىرگىچە ئاساسلىق پايدىلىنىش مەنبەسى بولۇپ كەلگەن. «برىتانىيە ئېنسىكلوپېدىيەسى»دە مۇنداق كەلگەن: «ئىبنۇلھەيسەم ئوپتىكا ئىلمىدا پېتولمىدىن كېيىن كۆزگە كۆرۈنگەن تۇنجى تەتقىقاتچى، ئوپتىكا ئىلمى ئۇنىڭ سايىسىدە ناھايىتى يۇقىرى پەللىگە يەتتى، ئىبنۇلھەيسەم يەنە كۆز ئاناتومىيەسى توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرۇپ، ھەربىر بۆلەكنىڭ ۋەزىپىسىنى بايان قىلغان ۋە يەنە بىرلا ۋاقىتتا ئىككى كۆز بىلەن نەرسىلەرگە قانداق قارىلىدىغانلىقىنى، نۇرنىڭ شولىسى كۆرۈلگەن جىسىمدىن كۆزگە كىرىدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ بىر ۋاقىتتا ئوخشاش ئىككى ئورۇندا كۆز تور پەردىسىگە ئىككى سۈرەتنىڭ تەڭ چۈشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ بۇلارنى يۇنانلىقلار ‹نۇر كۆزدىن چىقىپ، جىسىمغا چۈشىدۇ› دەۋاتقاندا ئوتتۇرىغا قويغان».
ئۇ كۆرۈلگۈچى سۈرەتنىڭ كۆز تور پەردىسىگە چۈشۈشىدىن پەيدا بولىدىغان سۈرەتلەرنىڭ تۆۋەندىكى مىسالدىكى يولنىڭ ئۆزى بىلەن پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى ئالىمدۇر: قاراڭغۇ بىر جايدىكى نۇر شولىسى بىر تۆشۈكتىن ئۆتۈپ تۆشۈكنىڭ ئۇدۇلىدىكى تەكشى يۈزگە چۈشىدۇ، بۇ تەكشى يۈز نۇرغا ناھايىتى سەزگۈر كۆز تور پەردىسىگە ئۇدۇل كېلىدۇ، ئەگەر نۇر چۈشسە تەسىر قىلىپ مېڭىغا يۆتكىلىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق مېڭىدە كۆرۈلگەن جىسىمنىڭ سۈرىتى ھاسىل بولىدۇ.
ئۇنىڭ لوپا ئەينەك بىلەن ئوت يېقىش توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى ئۇنىڭ «تەكشى يۈزگە چۈشكەن شولىلارنى ئوق مەركىزىگە پاراللېل تەڭشەپ يىغىش پرىنسىپى»نى تولۇق بىلىپ بولغانلىقىغا دەلىل بولالايدۇ.
(4)
مۇھەندىس (ئېنژېنىر) ئەبۇ ئەلى ھەيسەم ئوغلى ھەسەن ئوغلى ھەسەن ھ. 354 / م. 965 – يىلى بەسرەدە تۇغۇلغان، ھ. 415 / م. 1024 – يىلى مىسىرغا كېلىپ، ھ. 430 / م. 1040 – يىلى ۋاپات بولغان(12)غا قەدەر شۇ يەردە تۇرغان.
مىسىردا تۇرۇش جەريانىدا ئاسترونومىيە، ئوپتىكا ئىلمى ۋە پەلسەپە قاتارلىق ئىلمىي ساھەلەرگە ھەسسە قوشقان. ئەزھەر جامىئەسىدە مۇدەررەسلىك قىلغان ۋە ئىبنى يۇنۇس ئەلمىسرىي (ھ. 342 – 399 / م. 950 – 1009)، ئەممار ئەلمۇسۇلىي (ئۆ، ھ. 400 / م. 1010)، ئەلى ئىبنى رىزۋان ئەلمىسرىي (ھ. 388 – 460 / م. 998 – 1067)، ماسەۋىھ ئەلماردىنىي (ئۆ، ھ. 406 / م. 1015) غا ئوخشاش كاتتا ئاسترونوم، تېۋىپ ۋە پەيلاسوپلار بىلەن بىرگە ئىشلىگەن.
ئالىمنىڭ تۇرمۇشى باياشاتچىلىقتا ئۆتمىگەن، ئۇ ماتېماتىكىغا ئائىت قول يازمىلارنى كۆچۈرۈپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، ھەر يىلى ماتېماتىكا كىتابلىرىدىن ئىككى – ئۈچىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى كۆچۈرۈپ تەييارلايتتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر شەھەرنىڭ يىراق جايلىرىدىن كېلىپ قول يازمىلارنى مەلۇم باھادا سېتىۋالاتتى، بۇ ئۇنىڭ بىر يىللىق چىقىمىغا يېتەتتى. ئىبنۇلھەيسەمگە قاھىرەدىكى «مۇقەتتەم» دېگەن تۆپىلىككە رەسەتخانا قۇرۇش پۇرسىتى بېرىلدى، رەسەتخانا پۈتكەندە ئاسترونوم ئىبنى يۇنۇس ئەلمىسرىينى ئۇنىڭغا تەيىنلىدى. شۇنىڭدەك بىرقانچە باسقۇچلۇق ئىنژېنېرلىق تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىپ، نۇر ئەكس ئېتىدىغان ئاي يۈزىنىڭ كۆلىمىنى مۆلچەرلىگەن.
بېلگىيەلىك پەن تارىخچىسى گېئورگې سارتون (George Sarton، 1884 – 1956) «ئىلىم – پەن تارىخىغا كىرىش» ناملىق كىتابىدا «ئىبنۇلھەيسەم ئەڭ كاتتا مۇسۇلمان فىزىكا ئالىمى، تارىختا ئۆتكەن ئەڭ ئۇتۇقلۇق ئوپتىكا تەتقىقاتچىلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا تېۋىپ، ئاسترونوم ۋە ماتېماتىك ئىدى. ئۇ ئارىستوتېل (م. ب. 384 – 322) ۋە گالىنۇس (م. 129 – 216) لارنىڭ يازمىلىرىنى شەرھلىگەن بولۇپ، ‹كىتابۇل مەنازىر (ئوپتىكا كىتابى)› ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىندۇر» دەپ تەرىپلىگەن.
ئىبنۇلھەيسەم 200 گە يېقىن ئەسەر ۋە رىسالە يازغان بولۇپ، زامانىمىزغا بۇ ئەسەرلەردىن بىرنەچچىسىلا يېتىپ كەلگەن.
ئىبنۇلھەيسەم ئېسىل پەزىلەتلىك، زېرەك ۋە كەشپىياتقا باي زات ئىدى. ئۇ ياشىغان دەۋردە ماتېماتىكا ساھەسىدە ئۇنىڭدەك ياكى ئۇنىڭغا يېقىنراق كېلىدىغان بىرەر ئالىم ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەس، ئۇ توختاۋسىز تىرىشىدىغان، كۆپ يازىدىغان ۋە دۇنياغا بېرىلمەيدىغان ئالىم بولۇپ، ئىبنى ئەبى ئۇسەيبىئە (ھ. 600 – 668 / م. 1203 – 1270) نىڭ «تېۋىپلەرنىڭ خەبەرلىرى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلار (عيون الأنباء في طبقات الأطباء)» ناملىق كىتابىدا تېۋىپلار قاتارىدىن ئورۇن بېرىلگەن. ئۇ يەنە («ئەرەبلەرنىڭ ئېينىشتېينى» دەپ نام ئالغان) دوكتور ئەلى مۇستافا مۇشەررەفە (م. 1898 – 1950) سۈپەتلىگەندەك ھەقىقىي مەنادا ماتېماتىك ئىدى.
ئەسىرلەر بويى ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئىسمى دائىما تىلغا ئېلىنغان ئىبنۇلھەيسەم پېقىرچىلىقتا ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن، خەلق ئاممىسى لايىقىدا قەدىرلىيەلمىگەن بولسىمۇ، ئېڭى ئوچۇق بىر تۈركۈم مۇسۇلمان ئالىملار ئىبنۇلھەيسەمنى ياخشى تونۇغان، ئىلمىي ئورنىنى قەدىرلەپ، ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلغان. مەسىلەن، نەسىرۇددىن تۇسىي (ھ. 597 – 672 / م. 1201 – 1274) نىڭ شاگىرتى قۇتۇبۇددىن شىيرازىي (ھ. 634 – 710 / م. 1236 – 1311) ئىبنۇلھەيسەمنىڭ «ئوپتىكا كىتابى» نىڭ قىممىتىنى بىلگەن ۋە شاگىرتى كامالۇددىن ھەسەن ئەلفارىسىي (ھ. 665 – 719 / م. 1267 – 1319) غا ئۇنى شەرھلەشنى تاپىلىغان. ئەلفارىسىيمۇ ئەسەرنى « ئوپتىكا كىتابىنى كۆز ۋە بەسىرەت ئېلىگىلىرىگە ئىخچاملاش (تنقيح المناظر لذوى الأبصار والبصائر) » نامىدا ئىخچاملىغان ۋە ئۇنى شەرھلەپ چىققان (1984 – يىلى قاھىرەدە نەشر قىلىنغان). ئىبنۇلھەيسەمنىڭ قەدرىگە غەرب ئالىملىرى تېخىمۇ يەتكەن ۋە ئۇنى Alhazen / Alhacen / Avennathan / Avenetan دېگەندەك ئىسىملىرى بىلەن ھۆرمەتلەپ تىلغا ئېلىپ، مىلادى 13 – ئەسىردىن تارتىپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆپ نەقىل ئالغان ۋە ۋە پايدىلانغان. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ياۋروپانىڭ ئىلىمدە توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن.
ئىبنۇلھەيسەمنىڭ تۆھپىلىرى
1. ئۇ نۇرنىڭ سۇنۇش قانۇنىيىتىنى تولۇقلاپ «نۇرنىڭ چۈشۈش ۋە قايتىش بۇلۇڭلىرى ئوخشاش بىر سەۋىيەگە چۈشىدۇ» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇندىن بۇرۇن يۇنانلىقلار «پەقەتلا چۈشۈش ۋە قايتىش بۇلۇڭلىرى تەڭ سەۋىيەدە» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
2. ئۇ بىر قىسىم شارسىمان ھالقىلاردىن تەشكىل تاپقان ئەينەك كەشپ قىلغان بولۇپ، ھەربىر ھالقىنىڭ مۇئەييەن رادىئوسى ۋە ئوقى بار ئىدى. بارلىق ھالقىلاردىن ئۆتكەن شولىلارنى بىر نۇقتىغا ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق بارلىق چۈشۈش ۋە سۇنۇش بۇلۇڭلىرىنى ئۆلچەپ چىققان.
3. ئۇ پېتولمىنىڭ: «چۈشۈش ۋە سۇنۇش بۇلۇڭلىرىنىڭ ئارىسىدىكى نىسبەت تۇراقلىقتۇر» دېگەن نەزەرىيەسىنىڭ خاتالىقىنى بايقىغان ۋە بۇ نىسبەتنىڭ تۇراقلىق ئەمەس، بەلكى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
4. سۇنۇش بۇلۇڭىنى ئۆلچەشتە ئاساسىي قۇرۇلمىسى بۈگۈنكى كۈندىكى ئەسۋابقا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەسۋاب ئىشلەتكەن ۋە ماددىلارنىڭ پارچىلىنىشى ھەققىدە پېتولمىنىڭ جەدۋەللىرىدىنمۇ ئىنچىكىرەك جەدۋەل تۈزۈپ چىققان.
5. ئۇ تۇنجى بولۇپ كۆز بۆلەكلىرى ھەققىدە ئەسەر يازغان ۋە ئۇلارنى روشەن سىزىپ چىقىپ، بەزى كۆز بۆلەكلىرىگە ئىسىملارنى قويغان. ئۇ قويغان ئىسىملاردىن: كۆز تور پەردىسى (Retina)، مۈڭگۈز پەردە (Cornea)، ئەينەكسىمان سۇيۇقلۇق (Vitreous humor) ۋە دالان سۈيى (Aqueous humor) قاتارلىقلاردۇر(13).
مەنبە: ئەنۋەر ئەلجۇندىي: «ئىسلام تالانتلىقلىرى (نوابغ الإسلام)»، 124 – 133 – بەتلەر.
تەرجىمەدە: شەبنەم
1. ئىبنۇلھەيسەمنىڭ بۇ ئەسىرى ھ. 401 – 411 / م. 1011 – 1021 – يىللار ئارىسىدا يېزىلغان.
2. ئىبنۇلھەيسەم: «ئوپتىكا»، 2 – بەت.
3. دوكتور مۇستافا نەزىف: «ھەسەن ئىبنۇلھەيسەم — تەتقىقاتلىرى ۋە ئوپتىكادىكى كەشپىياتلىرى»، 11 -، 12 – بەتلەر؛ قەدرى ھافىز توقان: «ئەرەبلەرنىڭ ماتىماتىكا ۋە ئاسترونومىيەدىكى ئىلمىي مىراسى»، 299 – بەت.
4. جامالۇددىن ئەلقىفتىي: «ئىخبارۇل ئۆلەماﺋ بئەخبارىل ھۆكەماﺋ»، 75 – بەت.
5. ئوپتىكا: فىزىكىنىڭ بىر تارمىقى. يورۇقلۇقنىڭ پەيدا بولۇشى، تارقىلىشى ھەمدە يورۇقلۇقنىڭ. ھەر خىل ماددىلار بىلەن بولغان ئۆزئارا تەسىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ. قاراڭ: ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى.
6. مەزكۇر كىتاب كرېمونالىق گېرارد (Gerardus Cremonensis، 1114 – 1187) تەرىپىدىن ئەرەبچىدىن لاتىنچىگە بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىنغان. ئىتالىيانچىغا مىلادى 14 – ئەسىردە تەرجىمە قىلىنغان.
7. ۋىتېلون (Witelon ياكى Vitello Thuringopolonis) پولشالىق پوپ، ئىلاھىيەتچى، فىزىك، ماتېماتىك ۋە پەيلاسوپ بولۇپ، 1230 – يىلى تۇغۇلغان، ئۇ «ئوپتىكا كىتابى»نى لاتىنچىگە تەرجىمە قىلغان ۋە 1280 – 1314 يىللار ئارىسى ئۆلگەن.
8. ئىبنى ئەبى ئۇسەيبىئە: «ئۇيۇنۇل ئەنباﺋ في تاباقاتىل ئەتىبباﺋ»، 365 – بەت.
9. يۇقىرىقى مەنبە، 364 – بەت.
10. يۇقىرىقى مەنبە.
11. ئىبنۇلھەيسەم: «ئوپتىكا»، 3 – بەت.
12. ئىبنۇلھەيسەمنىڭ ۋاپات بولۇش تارىخى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇد. سەئىد ئەلئەندەلۇسىينىڭ («تاباقاتۇل ئۇمەم»، 150 – بەت) بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ دوستى قازى ئەبۇ زەيد ئىبنۇلھەيسەم بىلەن ھ. 430 – يىلى مىسىردا كۆرۈشكەن. جامالۇددىن ئەلقىفتىي («ئىخبارۇل ئۆلەماﺋ بىئەخبارىل ھۈكەماﺋ»، 167 – بەت) ئۇنىڭ ھ. 430 ياكى ئۇنىڭدىن سەل كېيىن ۋاپات بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، ئۆز قەلىمى بىلەن ئىنژېنىرلىققا ئائىت بىر ئەسەرنى قەلەمگە ئالغانلىقىنى يازىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇ ھ. 432 – يىل ۋاپات بولغان دېيىشكىمۇ بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «İbnü’l Heysem» ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ، 21 – جىلد، 82 – 87 – بەتلەر، ئىستانبۇل، م. 2000.
13. غەرب ئالىملىرى بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئەرەبچە تەلەپپۇزىنى ياكى تەرجىمىسىنى قوبۇل قىلغان.