زابىتە (الضَّابِطُ، الضَّوَابِطُ): ئەرەبچىدە «پۇختا ساقلىغۇچى، ئىنتىزامغا چۈشۈرگۈچى، تۇتۇپ تۇرغۇچى ۋە تۈزەتكۈچى» دېمەكتۇر. فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «بىر بابتىكى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان فىقھىي قائىدە» بولۇپ، زابىتە بىلەن قائىدەنىڭ پەرقى: زابىتە بىر بابنىڭ فۇرۇئلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قائىدە بولسا خىلمۇخىل بابلارنىڭ فۇرۇئلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېمەك، قائىدەگە قارىغاندا زابىتەنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ تار. ئىككى ئاتالغۇنى پەرقسىز ئىشلىتىدىغان فۇقەھائمۇ بار. قاراڭ: جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 7/340، دارۇ سادەر، بېيرۇت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1035 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017؛ ئىبنى نۇجەيم: «ئەلئەشباھۇ ۋەننەزائىر»، 166 – بەت، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، م. 1980.
ﺯﺍﺗﯘﺭﺭﯨﻘﺎﺋ ﻏﺎﺯىتى (غَزْوَةَ ذَاتِ الرِّقَاعِ): رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرىپىدىن غەتەفان قەبىلىسىنىڭ بەزى ئۇرۇقلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان غازات. تارىخشۇناسلار بۇ غازاتنىڭ قاچان يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان. ئىمام بۇخارىي «‹خەيبەر غازىتى› (ھ. 7 / م. 628) دىن كېيىن بولغان» دەپ قارىغان. ئىبنى ئىسھاق «‹بەنى نەزىر غازىتى› (ھ. 4 / م. 625 سېنتەبىر ياكى ئۆكتەبىر) دىن كېيىن بولغان» دەپ قارىغان. «‹خەندەك غازىتى› (ھ. 5 / م. 627 مارت) دىن كېيىن» دېگەنلەرمۇ بار. كۈچلۈك قاراشتا بۇ غازات «بەنى نەزىر غازىتى»دىن بىر يېرىم ئاي كېيىن (ھ. 5 / م. 626) بولغان. بۇ غازاتنىڭ سەۋەبى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبىلىلەرگە دىن ئۆگىتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن يەتمىش قارىينىڭ مۇھارىب ۋە بەنى سەئلەبە كەبى ئەھدىنى بۇزغان قەبىلىلەر تەرىپىدىن قەتل قىلىنىشى قاتارلىق ھەددىن ئاشقان قىلمىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قارشى قوشۇن توپلاۋاتقانلىق ئۇچۇرى بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ قەبىلىلەرگە جازا يۈرۈشى قىلىپ 400 (700 ياكى 800 دېگەن قاراشلارمۇ بار) كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئاتلانغان. ئىسلام قوشۇنىنى كۆرگەن بۇ قەبىلىلەر بالىچاقا ۋە چارۋىلىرىنى تاشلاپ تاغقا چىقىۋالغان. دەل شۇ چاغدا ناماز ۋاقتى كىرىپ مۇسۇلمانلار قوشۇنى ناماز ئوقۇۋاتقاندا، دۈشمەننىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالانىڭ نازىل قىلىشى بىلەن ئەنسىز پەيتلەردە ئوقۇلىدىغان نامازنى يولغا قويغان ۋە «قۇرئان كەرىم» دۈشمەن بىلەن روبىرولاشقان پەيتلەردە ناماز ئوقۇش سۈپىتىنى مۇنداق بايان قىلغان: ﴿سەن ئۇلار (مۇجاھىدلار) نىڭ ئارىسىدا بولۇپ، ئۇلارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرمەكچى بولغىنىڭدا، ئۇلاردىن بىر تۈركۈمى سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن، قوراللىرىنى ئېلىۋالسۇن، سەجدىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئارقاڭلارغا ئۆتۈپ تۇرسۇن. (ئۇلارنىڭ ئورنىغا) تېخى ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنچى بىر تۈركۈم كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇسۇن، ھوشيار بولۇپ، قوراللىرىنى ئېلىۋالسۇن. كافىرلار سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلارنى، نەرسە – كېرەكلىرىڭلارنى تاشلاپ قويۇپ غەپلەتتە قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا باستۇرۇپ كېلىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. ئەگەر سىلەرگە يامغۇر سەۋەبىدىن قىيىنچىلىق تۇغۇلسا ياكى كېسەل بولۇپ قالغان بولساڭلار، قوراللىرىڭلارنى قويۇپ قويساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ ھوشيار بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن كافىرلار ئۈچۈن خار قىلغۇچى ئازاب تەييارلىدى﴾(4/«نىساﺋ»: 102). ئەنسىز پەيتتىكى بۇ ناماز مەدىنەدىن ئىككى كۈنلۈك يىراقلىقتىكى «نەخل» دېگەن جايدا ئوقۇلغان.
بۇ غازات بىلەن مەدىنەگە تېگىش قىلماقچى بولغان دۈشمەن قوشۇنىنى تىرىپىرەن قىلىشتىن ئىبارەت مەقسەت ھاسىل بولۇپ، دۈشمەنگە تېگىشلىك دەرسنى بەرگەندىن كېيىن ئىسلام قوشۇنى مەدىنەگە قايتقان. بۇ غازاتنىڭ ئىسمى ھەققىدە غازات يۈز بەرگەن يەردە قارا، قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك بۆلەكلىرى بار بىر تاغ بارلىقى، زېمىنىنىڭ خۇددى ياماق چۈشكەندەك ئاق – قارا كۆرۈنىدىغانلىقى؛ ئۇ يەردە زاتۇررىقاﺋ ئاتلىق بىر دەرەخنىڭ بارلىقى؛ بۇ غازات ئەسناسىدا تۇغلارغا ياماق چۈشۈرۈلگەنلىكى ياكى جەڭگە ئاتلانغان ساھابە ئەسكەرلەرنىڭ چۆلدە مېڭىۋېرىپ پۇتلىرى يېرىلىپ كېتىپ لاتىلار بىلەن تېڭىۋالغاچقا شۇنداق ئاتالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بۇ ھەقتە ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە غازاتقا چىقتۇق. ئالتىمىز بىر تۆگىنى نۆۋەتلىشىپ مىنگەنلىكىمىزدىن پۇتلىرىمىز تېشىلىپ كەتتى. مېنىڭ ھەر ئىككى پۇتۇم تېشىلىپ، تىرناقلىرىم چۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز پۇتلىرىمىزغا لاتىلارنى يۆگىۋالدۇق. بىز پۇتلىرىمىزغا لاتىلارنى يۆگىۋالغان سەۋەبتىن شۇ قېتىملىق غازات ﺯﺍﺗﯘﺭﺭﯨﻘﺎﺋ (لاتا يۆگىۋېلىنغان غازات) دەپ ئاتالدى». («سەھىھۇلبۇخارىي»، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ غازاتلىرى بۆلۈمى»، 4128).
زاتۇلجەيش (ذَاتُ الْجَيْشِ): قەدىمىي يەسرىب (مەدىنە مۇنەۋۋەرە)نىڭ 22 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بىر تۆپىلىك بولۇپ، ئەقىق بىلەن زۇلھۇلەيفەگە تۇتىشىدۇ. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بەدر غازىتىغا چىقىشتىكى ۋە بەنى مۇستالىق/مۇرەﻳﺴﯩﺌ غازىتىدىن قايتىشىدىكى چۈشكۈن قىلغان جايلاردىن بىرىدۇر. ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎنىڭ بىر مارجىنى شۇ جايدا يۈتۈپ كەتكەن ۋە ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺗﻪﻳﻪﻣﻤﯘﻡ ئايەتىنى شۇ جايدا نازىل قىلغان. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 2/388، دارۇ مەككە، مەككە، م. 2010.
زاتۇ ئىرق (ذَاتُ عِرْقٍ): مەككەنىڭ شەرقىدە، 80 كىلومېتىر يىراقلىقتا كىچىك بىر تاغ بار جاي بولۇپ، ئىراق ئاھالىسىنىڭ ۋە مەككەگە ئىراق تەرەپتىن كىرمەكچى بولغان بارلىق ھاجىلارنىڭ مىيقاتى (ئىھرام باغلاش ئۈچۈن بەلگىلەپ بېرىلگەن جاي) دۇر. ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 21/163، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.
زاكات (الزَّكَاةُ): ئەرەبچىدە «كۆپەيمەك، ئۆسمەك، ئاۋۇماق، ياخشىلانماق، تەقۋا بولماق ۋە پاكلانماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. شەرىئەتتە: «ئىسلامنىڭ بەش رۇكنىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىلكىدىكى ئىقتىساد بايلىق ئۆلچىمىگە يەتكەن مۈلۈكدارنىڭ چارۋا – مال، زىرائەت ھوسۇلى، تىجارەت تاۋارلىرى، كان بايلىقلىرى، نەق پۇل ۋە ئالتۇن – كۈمۈش قاتارلىق مال – مۈلكىنىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى تەيىنلەنگەن شەخس ۋە ئوبيېكتلارغا بەلگىلەنگەن مۇددەتتە بېرىش ئارقىلىق ئادا قىلىنىدىغان ئۇلۇغ ئىبادەت»تۇر. بۇ ئىبادەت ھىجرەتنىڭ 2 – يىلى پەرز قىلىنغان. «زاكات» كەلىمەسى پەرز زاكاتقىمۇ، نەفلە سەدىقەگىمۇ ئىشلىتىلگەندىن سىرت بۇ ئىبادەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بېرىلىدىغان پۇل – مالنىڭ ئۆزىگىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. زاكات يىغقۇچى خادىمغا «زاكاتچى» دېيىلىدۇ. زاكاتنىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي رولى ھەقىقىي رەۋىشتە جارى قىلىنىشى ئۈچۈن، «قۇرئان»(9/«تەۋبە»: 60) زاكاتنىڭ سەككىز ئورۇنغىلا سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 23/226 – 312، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 728 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003.
زەمزەم (زَمْزَمُ): مەسجىدى ھەرەمدە ھەجەرۇلئەسۋەدنىڭ دەل ئۇدۇلىدا، كەئبەدىن 19 مېتىر يىراقلىقتىكى بىر بۇلاقتىن چىقىدىغان، مۇسۇلمانلار تولىمۇ ئەتىۋارلايدىغان ئالاھىدە سۇ بولۇپ، «مول ۋە ئاققۇچى، جىبرىل سۆزلىگەندىكى ئاۋازى، ئاققان چاغدا چىققان ئاۋاز، كۆپكەندىكى ئاۋاز، قەيەردىن كەلگەنلىكى ئېنىق بولمىغان سۇ» دېگەن مەنىلەردىكى زەمزەم (زەمزەمە، زەممەزەم، زۇممەزىم، زەممىزەم) گە باغلاپ شۇنداق دېيىلگەن. ھەزرىتى ئىسمائىلنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ھاجەر مەككە چۆلىدە ئۇزۇن مۇددەت سۇ ئىزدەپ، ئاخىرى بوۋىقى ئىسمائىلنى قويۇپ قويغان يەردىن توختاۋسىز بۇلدۇقلاپ چىققان سۇنى كۆرۈپ، «ئاستا، ئاستا ئاق، توختا!» دېگەنلىكى ياكى «ئېقىپ كېتىپ قالمىسۇن» دەپ ئەتراپىنى قۇم بىلەن قىرلاپ توسۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن، «زەمزەم» دېيىلگەنلىكى ھەققىدە رىۋايەتلەر بار. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما زەمزەمگە «سۇ ئاۋازى» دەپ مەنە ئېيتقان. مەسئۇدىي ۋە ياقۇت ئەلھەمەۋىي قاتارلىقلار فارسچىدىكى «ئاتلار سۇ ئىچكەندە چىقىرىدىغان ئاۋاز» مەنىسىدىكى «زەمزەمە» دېگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن دېگەن بولسىمۇ، بۇ ئىسمنىڭ تېگىنىڭ ئەرەبچە بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرىراق. ھەزرىتى ئىسمائىلنىڭ ئىسمىگە باغلاپ «بىئرۇ ئىسمائىل» دەپ ئاتىلىدىغان زەمزەم قۇدۇقىنىڭ مەككە ئۈچۈن قانچىلىك ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى، شەكلىي ۋە خىمىيىۋىي خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىشارە قىلىدىغان ئاتمىشتىن كۆپرەك ئىسمى بار بولۇپ، شەببائا، مۇرۋىيە، نافىئە، ئافىيە، مەيمۇنە، بەررە، مەزنۇنە، كافىيە، مۇئزىبە، شفائۇ سۇقم، تائامۇ تۇئم، خەزمەتۇ جىبرىل قاتارلىقلارنى ساناپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. «زەمزەم» كەلىمەسى قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ھەدىس شەرىفلەردە كۆپ تىلغا ئېلىنغان.
زەمزەم يەر يۈزىگە بالقىپ چىققان بىرلا كۆزلۈك بۇلاق بولۇپ، ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ئەتراپى قېزىلىپ قۇدۇق شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە ھاجەر ئانىمىز بىلەن ئوغلى ئىسمائىل بۇ قۇدۇق ئەتراپىدا ياشاشقا باشلىغان. شۇنداقلا زەمزەم مەككەدە ھايات نىشانەسى بولۇپ قالغان ۋە يەمەن – سۇرىيە لىنىيەسىدە يولۇچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. جۈملىدىن ئەسلى يۇرتلىرى يەمەن بولغان جۇرھۇم ئۇرۇقىدىن بىر كارۋان يولۇچىلىق ئەسناسىدا بۈگۈنكى مەككە رايونىدا چۈشكۈن قىلىپ دەم ئېلىۋاتقاندا، يىراقتا ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى كۆرۈپ، «شۇ ئەتراپتا سۇ بولسا كېرەك» دېيىشىپ، ئىككى كىشىنى چارلاشقا ئەۋەتىدۇ. شۇ تەرىقە زەمزەم قۇدۇقىدىن خەۋەردار بولۇپ، ھەزرىتى ھاجەرنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىدۇ. ھەرزىتى ھاجەر زەمزەم سۈيىدىن پايدىلىنشتىن باشقا ھېچقانداق ھەق دەۋا قىلماسلىق شەرتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئولتۇراقلىشىپ قېلىشىغا قوشۇلىدۇ. مەككەدە ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئىمكان ياراتقان زەمزەم قۇدۇقى، ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملار تەرىپىدىن قوپۇرۇلغان كەئبە بىلەن بىر پۈتۈنلىشىپ مەسجىدى ھەرەمنىڭ مۇقەددەس سانالغان ماكانلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا / مۇستافا سابرى كۈچۈكئاشچى: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى» 44، (تۈركچە) «Zemzem» ماددىسى، (قىسقارتىلدى)، ئىستانبۇل، م. 2013، 242 – 246 – بەتلەر؛ ئابدۇلكەرىم ئۆزئايدىن: «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، «Zemzem» ماددىسى، ئىستانبۇل، م. 1940 – 1988، 13/519 – 520.
زەئىف ھەدىس (الْحَدِيثُ الضَّعِيفُ): «زەئىف ۋە كۈچسىز» دېگەندەك مەنىلەردە بولۇپ، «سەھىھ» ۋە «ھەسەن» ھەدىسنىڭ شەرتلىرىدىن بىرىنى ياكى بىرقانچىسىنى ھازىرلىمىغان رىۋايەتنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 3 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
زەيدىييە مەزھەبى (الزَّيْدِيَّةُ): ھ. 2 / م. 8 – ئەسىرنىڭ تۇنجى چارىكىدە كۇفەدە ئوتتۇرىغا چىققان، ئىراق، تەبەرىستان ۋە بولۇپمۇ يەمەندە مەۋجۇدلىقىنى سۈردۈرگەن، ئەقىدىدە مۇئتەزىلە يولىنى تۇتىدىغان، ئىمامەتچىلىك ئەقىدىسىدە بولسا پىكىر جەھەتتىن ئەھلىسۈننەتكە ئەڭ يېقىن بىر شىئە پىرقەسى. رەسۇلۇللاھنىڭ چەۋرىسى، كاتتا ئالىم ئەبۇ ھۈسەين زەيد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ئەلئەلەۋىي ئەلھاشىمىي (ھ. 76 – 122 / م. 695 – 740) غا نىسبەت بېرىلىپ «زەيدىييە مەزھەبى» دەپ ئاتالغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 595 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
زۇلمەجاز بازىرى (سُوقُ ذُو الْمَجَازِ): جاھىلىيەتتە ئەرەبلەرنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي تەشۋىقات مەركىزى بولغان مەشھۇر ئۈچ بازىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەرافاتنىڭ شىمالىغا 5.5 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. ئەرەبلەر ھەر يىلى زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئالدىنقى سەككىز كۈنىنى زۇلمەجاز بازىرىدا ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن مىناغا ھەج ئۈچۈن يۈرۈپ كېتەتتى. بۇ بازار ئىسلامىيەتتىن كېيىن ھ. 2 (م. 8) – ئەسىرلەردە يوقالغان. قاراڭ: ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «(مُعْجَمُ البُلْدانِ) مۇئجەمۇل بۇلدان»، 5/55؛ ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 8/1502، 1503، دارۇ مەككە، مەككە، م. 2010.
زۇلھۇلەيفە (ذُو الْحُلَيْفَةِ): بۈگۈنكى كۈنىمىزدە «ئەبيارۇ ئەلى (أبيَار عَلِيٍّ/آبَارُ عَلِيٍّ)» دەپمۇ ئاتىلىدىغان مەدىنە سىرتىدىكى بىر كەنت بولۇپ، مەككەگە مەدىنە تەرەپتىن كىرمەكچى بولغان بارلىق ھاجىلارنىڭ مىيقاتى (ئىھرام باغلاش ئۈچۈن بەلگىلەپ بېرىلگەن جاي) دۇر. مەككە بىلەن بولغان ئارىلىقى 420 كىلومېتىر، مەدىنەدىكى مەسجىدى نەبەۋىي بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 10 كىلومېتىر كېلىدۇ. زۇلھۇلەيفە بارلىق مىيقاتلارنىڭ ئىچىدە مەككە بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يىراق بولغىنىدۇر. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 3/494، دارۇ مەككە، مەككە، م. 2010؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 21/290، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.
زۆرۈرىي ئىلىم (الْعِلْمُ الضَّرُورِيُّ): «زۆرۈرىي» كەلىمەسى ئەرەبچىدە «ساقلىنىپ بولالمايدىغان زەرەر، ئېھتىياج ۋە مۇشەققەت» دېگەن مەنىدىكى «ضرورة (زەرۇرە)» كەلىمەسىگە نىسبەت بولۇپ، ئىنسان زەرەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېھتىياجى چۈشىدىغان، ئۇنى ئۆزلۈكىدىن بىلىشكە مەجبۇر بولىدىغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. مەنتىق (لوگىكا) ئىلمىدە: يېڭىدىن قولغا كەلتۈرۈلىدىغان ئىلىم «بەدىيھىي»، «زۆرۈرىي» ۋە «ئىستىدلالىي» دەپ ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، زۆرۈرىي دېگىنىمىز: «ئىنسان پىكىر يۈرگۈزمەستىن ياكى پاكىت تەلەپ قىلماستىن ئېرىشىدىغان، ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتالمايدىغان، ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرەلمەيدىغان ھۆكۈم»دۇر. مەسىلەن، ئاڭلاش، كۆرۈش، تۇتۇش، پۇراش ۋە تېتىش قاتارلىق بەش سەزگۈ ئەزادىن بىرى بىلەن بىلىش، ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى، ئۆزىدىكى ئاغرىقنى بىلىش، پۈتۈننىڭ پارچىدىن چوڭلۇقى، بېرىپ باقمىغان يىراق شەھەرلەرنىڭ بارلىقىنى ئارىلىرىدا يالغان ئېيتىشقا كېلىشىۋېلىش ئېھتىماللىقى يوق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ خەۋەر بېرىشى (مۇتەۋاتىر بولۇشى) بىلەن بىلىش، شۇنداقلا بارلىق ۋە يوقلۇقنىڭ بىرنەرسىدە تەڭلا جەملەشمەيدىغانلىقى ھەم بىرنەرسىدىن تەڭلا كۆتۈرۈلۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى تەستىقلاش قاتارلىقلار. يۇقىرىقى مىساللاردا زۆرۈرىي بەدىيھىي بىلەن مەنىداش ياكى زۆرۈرىيدىنمۇ خاسراق دېيىلىشى مۇمكىن. چۈنكى، زۆرۈرىي سەزگۈ ئەزالار ۋە مۇتەۋاتىر خەۋەرلەر ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىلىمگە بەكرەك قارىتىلسا، بەدىيھىي ئەقىلنىڭ ئۆزىلا سەزگۈ ئەزالارنىڭ ياكى مۇتەۋاتىر خەۋەرلەرنىڭ ياردىمىسىز ئىسپاتلايدىغان ھۆكۈمدۇر. «زۆرۈرىي»نى يۇقىرىقىدەك «پىكىر يۈرگۈزمەستىن ياكى پاكىت تەلەپ قىلماستىن ئېرىشىدىغان ئىلىم» دەپ تەرىپلەنسە، بەدىيھىي بىلەن ئوخشاش مەنىدە بولىدۇ. مۇبادا «ھېچ نەرسىگە موھتاج بولماستىن ئېرىشىدىغان ئىلىم» دەپ تەرىپلەنسە، زۆرۈرىيدىنمۇ خاس بولىدۇ. چۈنكى، زۆرۈرىي سەزگۈ ئەزالارغا ۋە مۇتەۋاتىر خەۋەرگە موھتاج. دېمەك، بەدىيھىي زۆرۈرىيدىن خاسراق بولۇپ، گاھىدا ئوخشاش مەنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/538، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425 / م. 2004؛ جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 58 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1405؛ ئىيجىي: «ئەلمەۋاقىف» 1/63؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 268 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 1146 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.
زى تۇۋا (ذُو طُوًى): قەدىمىي مەككە ۋادىلىرىدىن بىرى. كۈنىمىزدە ئۇ مەككە شەھەر ئىچىگە تەۋە بولۇپ، ئۇتەيبىييە، جەرۋەل كەبى مەھەللىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زى تۇۋا قۇدۇقى ھازىرمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەججەتۇلۋەدائدا قونغان جايدا بار. بۇ قۇدۇققا كۈنىمىزدە «سۇدان تېغى» دەپ ئاتالغان قۇئەيقىئان تېغى قاراپ تۇرىدۇ. قاراڭ: مۇھەممەد مۇھەممەد ھەسەن شۇرراب: «المعالم الأثيرة في السنة النبوية (پەيغەمبەر سۈننىتىدىكى ئېسىل جايلار)»، 175 – بەت، دارۇلقەلەم، دەمەشق، م. 1991.
زىج (الزيج/Zij): ئەسلى فارسچە «زایچه» بولۇپ، يۇلتۇزلارنىڭ پەسىللەر ۋە يىللار بويى ئورۇنلىرى ۋە ھەرىكىتىنى ماتېماتىكىلىق ھېسابات بىلەن بايان قىلىدىغان مەخسۇس ئاسترونومىيەلىك جەدۋەلدىن ئىبارەت. مۇسۇلمانلار بۇ ئىلىمنى گرېك ۋە سۇريانلاردىن ئالغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان ۋە جەدۋەللىرىنى ئەمەلىي سىناپ باققاندىن كېيىن ئۇنى مۇھاكىمە قىلغان. ئاندىن يېڭى ئاسترونومىيەلىك سايمانلارنى ئىجاد قىلىپ، ئۇنى ئىلغار رەسەتخانىلاردا ئىشلىتىش ئارقىلىق يېڭى زىجلارنى سۇنغان. بۇ زىجلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن: فەزارىي، خارەزمىي، مەئمۇنىي، بەلخىي، مىرۋەزىي، بەتتانىي، ھەمەدانىي، ئىلخانىي، بوزجانىي، سەنجەرىي ۋە مەلىكشاھىي… قاتارلىقلار.
زىكىر (الذِّكْرُ): ئەرەبچە «بىرنەرسىنى ساقلىماق، تىلغا ئالماق، ئۇنتۇپ قالماي ئەستە تۇتماق ۋە يادىغا كەلتۈرمەك» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى دىلىدا ياكى تىلىدا ئۇلۇغلاپ ئەسلىشىدىن ئىبارەت. بۇ ئاللاھنى دىلدا، تىلدا، نامازدا، تىلاۋەتتە، تەسبىھتە، تىلەكتە ۋە مەدھىيە – سانادا ئۇلۇغلاپ ئەسلەش بىلەن بولىدۇ. زىكىر ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەر ئۇنىڭغا بۇيرۇغان ۋە ئۇنىڭ كاتتا پەزىلىتىنى بايان قىلغان. شۇنداقلا تۈرلۈك ئىبادەتلەردە ۋە ئەھۋاللاردا زىكىر قىلىشنى يولغا قويغان. قاراڭ: جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 4/308، دارۇ سادەر، بېيرۇت؛ ئەرراغىب ئەلئەسبەھانىي: «ئەلمۇفرەدات»، 328 – بەت.
زىممەت (الذِّمَّةُ): ئەرەبچىدە «مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت، ئەھد، ئامانلىق، ئىگە بولۇش ۋە كاپالەت» مەنىلىرىدىكى سۆز بولۇپ، يۇقىرىقىلارنى بۇزۇش «زەم (ئەيىبلەش)»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىسلام دۆلىتىدە مۇقىم ياشايدىغان، ھاياتى ۋە ھەق – ھوقۇقلىرى ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ زىممىسىدىكى مۇسۇلمان بولمىغان پۇقراغا زىممىي (الذِّمِّيُّ) ياكى ئەھلى زىممەت (أَهْلُ الذِّمَّةِ) دېيىلىدۇ. فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھلىرىدا ئەھد ۋە سالاھىيەتنى بىلدۈرىدىغان بىرقانچە مەنىدە قوللىنىلىدۇ: بەزىلەر ئۇنى: ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتكە ئىگە قىلىدىغان سالاھىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سۈپەت دەپ ئىزاھلايدۇ. شۇڭلاشقا، ئاقىل، بالىغ كىشىدە باشقىلارنىڭ ھەققى يۈكلىنىش ۋە ئۇنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتى يەنى زىممەت بولىدۇ. ئەمما، نارەسىدە بالىدا باشقىلارنىڭ ھەققى يۈكلىنىش مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ، ئۇنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتى يەنى زىممىسى بولمايدۇ. بۇ ۋەجدىن زىممەت قورساقتىكى ھامىلە چاغدىلا باشلىنىپ، ئۆمۈر بويى داۋاملىشىپ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۇنى: ئەھدىگە ئىگە ئىنسان دەپ ئىزاھلايدۇ. چۈنكى، ئىنسان تۇغۇلغاندىلا ھوقۇق يۈكلىنىش ۋە ئادا قىلىش سالاھىيىتى بار زىممەت بىلەن تۇغۇلىدۇ. ھەربىر ئىنساننىڭ زىممىسى بولغاندەك، شىركەت، ئورگان ۋە دۆلەت قاتارلىق مەنىۋىي قانۇنىي شەخسلەرنىڭمۇ ئۆز لايىقىدا زىممىسى بولىدۇ. قاراڭ: قازى ئابدۇرەبىننەبىي ئەھمەدنەگەرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ (دستور العلماء/جامع العلوم في اصطلاحات الفنون)»، 2/89، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، ھ. 1421 / م. 2000؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 662 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا زىممە: (ۋەزىپە، مەسئۇلىيەت ، بۇرچ قاتارلىقلارغا نىسبەتەن) ئۈست، بويۇن مەنىسى بولۇپ، جانلىق ۋە ئەدەبىي تىلدا بىرىكمە سۆز شەكلىدە «زىممىسىگە ئالماق، زىممىسىگە چۈشمەك» شەكلىدە ئىشىلىتىلىدۇ. قاراڭ: تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى(قىسقاراىلمىسى)»، 573 – بەت، خەلق نەشرىياتى، م. 2011.
زىممىي (الذِّمِّيُّ): قاراڭ: زىممەت (الذِّمَّةُ).
زىھار (الظِّهَارُ): ئەرەبچە «دۈمبە ۋە ئۇچا» دېگەن مەنىدىكى «ئەززاھر/الظَّهْرُ» كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن ئاتالغۇ بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: كىشىنىڭ ئايالىنى ياكى ئايالىنىڭ تېنىنىڭ مەلۇم بىر يېرىنى ئۆزى بىلەن مەڭگۈلۈك نىكاھ چۈشمەيدىغان ئانىسىنىڭ ياكى يېقىن تۇغقىنىنىڭ مەلۇم بىر يېرىگە ئوخشىتىپ، ئايالىنى ئۆزىگە ھارام ھېسابلاپ قەسەم ئىچىشى. جاھىلىيەتتە كىشىلەر ئاياللىرىدىن قاتتىق نارازى بولغاندا «سىز ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىدەك (ھارام)» دېيىش ئارقىلىق ئۇ ئايالنى ئۆزىگە ھارام قىلىۋېتىپ ھەم قويۇۋەتمەي، ئېسىپ قوياتتى. ئىسلامىيەت بۇنى ھارام قىلىپ، 58/«مۇجادىلە»: 2 – 4 – ئايەتلەردە بۇنى «يامان، ساختا سۆز» دەپ قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئاخىرى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇ سۆز تالاق ھېسابلانمايدىغان، لېكىن كەففارەت بەرمىگۈچە ئايالىغا يېقىن كېلەلمەيدىغان بولغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 29/189 – 210، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 935 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003.
سابىئىيلەر (الصَّابِئُونَ/الصَّابِئَةُ): ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان، يەھۇدىي ۋە خرىستىيانلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن بىر قەۋمنىڭ قالدۇقلىرى. بۇلار كېيىنچە يۇلتۇزلارنى ۋە پەرىشتەلەرنى ئۇلۇغلايدىغان بولۇپ كەتكەن. سابىئىيلەر «قۇرئان كەرىم» ۋە ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن ئىككى تۈرلۈكتۇر: بىرى، ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان ئەھلى كىتاب سابىئىيلەر بولۇپ، بۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەردۇر. يەنە بىرى، بۇتپەرەست مۇشرىكلەردۇر. «قۇرئان كەرىم»دە ئۈچ ئايەتتە (2/«بەقەرە»: 62؛ 5/«مائىدە»: 69 ۋە 22/«ھەج»: 17) تىلغا ئېلىنغان سابىئىيلەر ئۆز زامانىدا، ھارران (ھازىرقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى شانلىئۇرفا ۋىلايىتىگە قاراشلىق، مەركەزدىن 44 كىلومېتىر يىراق ناھىيە) دا ياشىغان. ئۇلارنىڭ ئالىملىرى باغدادتا كىتاب تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئىسلام مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان ۋە كېيىنچە تارىختىن ئىزى ئۆچكەن. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 842 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 984 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.
سافا – مەرۋە (الصَّفَا وَالْمَرْوَةُ): كەئبە يېنىدىكى ئىككى تۆپىلىك ياكى پاكارراق تاغنىڭ نامى بولۇپ، ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچىنىڭ كەئبەنى تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئىككى تاغ ئوتتۇرىسىدا يەتتە قېتىم (سافادىن مېڭىپ مەرۋىگە كېلىش بىر قېتىم، مەرۋىدىن سافاغا قايتىش يەنە بىر قېتىم ھېسابلىنىدۇ) بېرىپ – كېلىش ئارقىلىق سەئيى قىلىشى ۋاجىبتۇر. بۇ پائالىيەت ئەينى چاغلاردىكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى بۈۋىھاجەرنىڭ بوۋىقى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن سۇ ئىزدەپ سافا – مەرۋە ئارىلىقىدا سەئيى قىلىشىدەك تارىخىي ۋەقەلىكنى خاتىرىلەش، شۇنداقلا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە ياردەم تىلەشتە بۈۋىھاجەرنى ئۈلگە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىككى تاغ ئارىلىقى 400 مېتىرغا يېقىن بولۇپ، ھازىر ھەر ئىككىسى ھەرەم مەسجىدىنىڭ ئىچىدىدۇر. 2/«بەقەرە»: 158 – ئايەتىدە تىلغا ئېلىنغاندۇر.
سالىك (السَّالِكُ): قاراڭ: سۇلۇك (السُّلُوكُ).
سالاتۇل ئەۋۋابىن (ئىتائەتمەنلەر نامىزى/صَلَاةُ الْأَوَّابِينَ): قاراڭ: چاشگاھ نامىزى (صَلاَةُ الضُّحَى).
سالاتۇل ئىشراق (كۈن يورۇش نامىزى/صَلَاةُ الْإِشْرَاقِ): قاراڭ: چاشگاھ نامىزى (صَلاَةُ الضُّحَى).
سامانيولى (أم النجوم/مَجَرَّةٌ درب التبانة/The Milky Way): بىز ياشاۋاتقان يەر شارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇياش سىستېمىسى جايلاشقان يۇلتۇز تۈركۈمى بولۇپ، ھاۋا ئوچۇق ۋە بولۇپمۇ قاتتىق ئايدىڭ ئەمەس كېچىلەردا كۆك يۈزدە پەيدا بولىدىغان، كۆز بىلەن كۆرۈش مۇمكىن بولغان، ئەمما تەپسىلىي ۋە ئېنىق كۆرۈش مۇمكىن بولمىغان يۇلتۇزلاردىن تەشكىل تاپقان تۇمانلىق بىر بەلۋاغ. ئاتا – بوۋىلىرىمىز بۇ مەنزىرىنى خۇددى سامان باسقان ھارۋىنىڭ كەينىدىن تۆكۈلگەن سامان يول يۈزىنى نېپىز قاپلاپ تۇرغىنىغا ئوخشىتىپ سامانيولى دەپ ئاتىغان بولسا كېرەك. ئەرەبلەر (درب التبانة/أم النجوم)، فارسلار (راه شیری)، ئىنگلىزلەر (The Milky Way)، فرانسۇزلار (La Voie lactée)، رۇسلار (Млечный Путь) «سۈت يولى»، خىتايلار «كۈمۈش دەريا» دەپ ئاتىغان سامانيولى يۇلتۇز تۈركۈمى ئىنتايىن چوڭ بىر تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئائىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا قۇياشقا ئوخشاش نەچچە يۈز مىليارد دانە تۇرغۇن يۇلتۇز ۋە نۇرغۇن يۇلتۇزلار ئارا ماددىلار ماكانلاشقان. سامانيولى يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ دىئامېترى 87.400 ± 3.590 نۇر يىلى، قېلىنلىقى 1000 نۇر يىلىدۇر ۋە 200 مىلياردتىن 400 مىلياردقىچە يۇلتۇزدىن تەشكىل تاپماقتىدۇر.
ساھابە (الصَّحَابِيُّ): ئەرەبچىدە «ئۇچراشقۇچى ۋە ھەمراھ بولغۇچى» دېگەنلىكتۇر، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «ئىمان ئېيتقان ھالىتىدە پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪمنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ كۆرگەن ۋە مۇسۇلمان ھالىتىدە دۇنيادىن كەتكەن كىشى»نى كۆرسىتىدۇ. كۆپلۈك شەكلى: «ئەسھاب»تۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/507، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425 / م. 2004؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 26/312، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.
ﺳﺎﺋ (الصَّاعُ): قەدىمكى زامانلاردىكى مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئاھالىسى ئىشلىتىدىغان 4 ﻣﯘﺩ (ئوچۇم) مىقدار سىغىدىغان كەمچەن بولۇپ، كۆپچىلىك ئالىملار: «ھىجاز سائىغا ئىراق رىتلى بويىچە بەش پۈتۈن ئۈچتىن بىر (5) رىتل (5.33×382.5=2039 gr) سىغىدۇ» دەپ قارىسا، ھەنەفىي مەزھەب ئۆلىمالىرى: «سەككىز ئىراق رىتلى (8×406.25=3250 gr) سىغىدۇ» دەپ قارايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 38/296، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 35/317 – 319، ئىستانبۇل، م. 2008؛ دوكتور ئەلى جۇمۇئە: «المكاييل والموازين الشرعية (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 37 – بەت، دارۇلقۇدۇس، قاھىرە، م. 2021.
سائىبە (السَّائِبَةُ): جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر كىشى سەپەردىن قايتسا ياكى بىرەر كېسەلدىن ساقايسا، بىر تۆگىنى ئاتالمىش خۇدالىرى ئۈچۈن ئەركىن قويۇۋېتەتتى. ئۇ «سائىبە» دەپ ئاتىلاتتى. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 15 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
سەبىر تېغى (ثَبِيرُ): مۇزدەلىفەدىكى چوڭ بىر تاغ. مىناغا كېتىۋاتقۇچىنىڭ سول تەرىپىگە، ئەرەفاتقا كېتىۋاتقۇچىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 9/262، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز.
سەجدە ئايەتى (آيَاتُ السَّجْدَةِ): «قۇرئان كەرىم»دىكى نامازدا ياكى نامازنىڭ سىرتىدا تىلاۋەت قىلغاندا ياكى ئاڭلىغاندا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان ئايەتلەردۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە بەندىلىرىنى سەجدىگە بۇيرۇغان ياكى ئىلگىرىكىلەرنىڭ سەجدىگە بۇيرۇلغاندا سەجدە قىلغانلىقىنى مەدھىيەلىگەن ياكى سەجدە قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. «قۇرئان كەرىم»دە 15 ئورۇندا سەجدە ئايەتى بار، بۇلار: 7/«ئەئراف»: 206، 13/«رەئد»: 15، 16/«نەھل»: 49، 17/«ئىسراﺋ»: 107، 19/«مەريەم»: 58، 22/«ھەج»: 18، 77، 25/«فۇرقان»: 60، 27/«نەمل»: 25، 32/«سەجدە»: 15، 38/«ساد»: 24، 41/«فۇسسىلەت»: 37، 53/«نەجم»: 62، 84/«ئىنشىقاق»؛ 21، 96/«ئەلەق»: 19 قاتارلىق ئايەتلەر. بەزى ئىماملار 14، بەزى ئىماملار 11 دەپمۇ قارايدۇ. ئادەتتە، «قۇرئان كەرىم» باسمىلىرىدا «سەجدە ئايەتلىرى»دىكى «سەجدە» كەلىمەسىنىڭ ئۈستىگە سىزىق تارتىلىپ ئايەت ئاخىرىغا سەجدە بەلگىسى قويۇلىدۇ. قاراڭ: ئىمام نەۋەۋىي: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى»، 137 – بەت؛ ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/80؛ شەيخ مۇھەممەد ئەلى سايىس: «تەفسىرۇ ئاياتىل ئەھكام»، 423 – بەت.
سەدىقە فىتىر (صَدَقَةُ الْفِطْرِ): لۇغەت مەنىسى: «ئېغىز ئېچىش سەدىقەسى ياكى فىترەت (يارىتىلىش) سەدىقەسى». شەرئىي ئىستىلاھتا: «مۇسۇلمانلار روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن رامازان روزىسىنى تۇتۇشنى توختىتىپ، ئېغىز ئاچقاندا پېقىرلارغا بېرىشى ۋاجىب بولغان سەدىقە»دۇر. بۇ سەدىقە ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، قۇل بولسۇن، ھۆر بولسۇن، ھەربىر مۇسۇلمان بېشىغا ۋاجىب بولغانلىقى ئۈچۈن «كىشى بېشىغا ۋاجىب بولىدىغان زاكات (زَكَاةُ الْفِطْرِ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن شۇ يۇرتنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇقلىرىدىن ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋ (2040 گرام) مىقدارىدا ئاشلىق ياكى ئۇنىڭ قىممىتىدە نەق پۇل بېرىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن بۇنى ھەدىستە كەلگەن بويىچە بىر خىل «زاكات» دەپ ئاتىغاندا، «رامازان روزىسىنى تۇتۇشنى توختىتىپ ئېغىز ئاچقاندا، رامازاندا سادىر بولغان بەزى گۇناھلارنى پاكلىغۇچى، روزىنىڭ كەم قالغان نۇقسانلىرىنى تولۇقلىغۇچى زاكات» دېگەن مەنىدە بولىدۇ. چۈنكى، زاكات دېگەن سۆز پاكلاش ۋە ئۆستۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن، پۇل – مال ۋە باشقا ئىقتىسادقا مۇئەييەن ئۆلچەم بىلەن بېرىلىدىغان زاكات بىلەن بۇ زاكاتنىڭ كۆپ پەرقلىرى بار. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 862 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003؛ دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ: «سەدىقە فىتىر ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار»، 1 – بەت (https://sajiya.biz/?p=1990).
سەرەخس (السَّرَخْس): بەزىلەر سەرخەس (سَرْخَس) دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىشىدۇ. خۇراساندا ساسانىيلار زامانىدا بىنا قىلىنغان، قەدىمكى يىپەك يولىغا جايلاشقان، بۈگۈنكى تۈركمەنىستاندىكى مەشھۇر قەدىمىي چوڭ شەھەر. (هازىرقى ئىراندىكى) نىشاپۇر بىلەن مەرۋ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ھەر ئىككىسىگە 200 كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. چوڭ كۇتۇبخانىلىرى بولغان بۇ شەھەردىن نۇرغۇن ئالىملار يېتىشىپ چىققان. ئەمما، ھازىرقى ئىراندىكى سەرەخس بولسا كېيىنچە تۈركمەنىستان چېگراسىغا بىنا قىلىنغان باشقا شەھەردۇر. قاراڭ: ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «(مُعْجَمُ البُلْدانِ) مۇئجەمۇل بۇلدان»، 3/208.
سەرىف (سَرِفُ): مەككە بىلەن مەدىنە ئارىلىقىدىكى بىر جاينىڭ نامى بولۇپ، مەككەنىڭ غەربىي شىمالىدا، ئون مىل (ياكى 12 كىلومېتر) يىراقلىققا توغرا كېلىدۇ. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 3/216، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز.
سەغائىر/كىچىك گۇناھلار (الصَّغَائِرُ): قاراڭ: كەبائىر/چوڭ گۇناھلار (الْكَبَائِرُ).
سەلەف سالىھلەر (السَّلَفُ الصَّالِحُ): «ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى پەزىلەتلىك سالىھ زاتلار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا شاھىد بولغان ساھابەلەر، ئۇلاردىن ئىلىم ئالغان تابىئىن ۋە تابىئىندىن كېيىنكى تەبەئى تابىئىن قاتارلىق ئىمان ۋە پەزىلەت بىلەن گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئۈچ ئەۋلادنى كۆرسىتىدۇ. تۆرت ئىمامنىڭ بەزىسى شۇ قاتارغا كىرسە، بەزىسى ئاشۇ يولنى تۇتقان ۋە ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىزىنى باسقان بولغاچقا، شۇ نامغا تەۋەدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئىمام لەيس ئىبنى سەئد، ئىمام ئەۋزائىي، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ۋە شۇلار كەبى زاتلارمۇ سەلەف سالىھلەرگە تەۋە دەپ قارىلىدۇ. قاراڭ: ئىبنى تەيمىييە: «دەرئۇ تائارۇزىل ئەقىل ۋەننەقل»، 1/206 – 207؛ دوكتور مۇستافا ھىلمىي: «السلفية بين العقيدة الإسلامية والفلسفة الغربية»، 3 – بەت، دارۇددەئۋە، ئىسكەندەرىيە – مىسىر، ھ. 1411 / م. 1991؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ الْفِرَقِ وَالْمَذَاهِبِ فِي الْعَالَمِ الْإِسْلَامِيِّ (ئىسلام دۇنياسىدىكى پىرقەلەر ۋە مەزھەبلەر ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 377 – 382 – بەتلەر؛ مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، م. 2007؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 912 – بەت، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ، ﺭﯨﻴﺎﺩ، ﻡ. 2017.
سەلەم (ئالدىن پۇل تاپشۇرۇش) سودىسى (بَيعُ السَّلَمِ/ بَيعُ السَّلَفِ): ئەرەبچىدە بۇ سۆز: «ئالدىن بېرىش، ئالدىن تاپشۇرۇش» دېگەن مەنىدە. «السَّلَفُ» دېگەن سۆزمۇ شۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىسلام فىقھىدا: «ئىگىدارلىقنى پۇلدا دەرھال، تاۋاردا مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن روياپقا چىقىرىدىغان سودا كېلىشىمى»نى كۆرسىتىدۇ. بۇ سودىدا پۇلنى ئالدىن نەق بېرىپ، تاۋارنى مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئالتۇن – كۈمۈش ۋە قەغەز پۇللارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سەلەم سودىسى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، سەلەم دېگەن پۇلنى ئالدىن بېرىپ تاۋارنى كېيىن تاپشۇرۇۋېلىشتىن ئىبارەت. ئالتۇن – كۈمۈش ۋە قەغەز پۇللارنى سېتىش – سېتىۋېلىشتا نەقمۇنەق بولمىسا جازانە بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭدىن باشقا سۈپىتىنى ئېنىق بېكىتكىلى، مىقدارىنى بىلگىلى بولىدىغان ھەرقانداق تاۋاردا سەلەم سودىسى دۇرۇستۇر. يەنە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ سودىنى قىلىش ياكى قىلماسلىق ئىختىيارلىقى بولماستىن سودىنى كېسىپ قىلىش كېرەك. بولمىسا جائىز بولمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە كەلگەندە، كىشىلەر ئىككى يىلنىڭ ۋە ئۈچ يىلنىڭ خورمىسىغا ئالدىنئالا پۇل تاپشۇراتتى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ: «كىمكى بىرەر نەرسىگە ئالدىنئالا پۇل تاپشۇرماقچى بولسا، كەمچەننى ئېنىق، ۋەزننى ئېنىق قىلىپ، مەلۇم مۇددەتكە پۇل تاپشۇرسۇن» دەپ («بۇخارىي»، 2240؛ «مۇسلىم»، 1604)، بۇ سودىنىڭ شەرتلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن. قاراڭ: ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 2/35؛ ئالائۇددىن ئەبۇبەكرى ئىبنى مەسئۇد ئەلكاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 11/371، نەشرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد ئەدنان دەرۋىش، دارۇ ئىھيائىتتۇراسىل ئەرەبىي، بېيرۇت، م. 2000؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 25/191 – 200، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.
سەمىمىي تەۋبە (التَّوْبَةُ النَّصُوحُ): «دىلىدا پۇشايمان، تىلىدا مەغفىرەت تىلەش بىلەن گۇناھتىن قول ئۈزۈش ۋە قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاش، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇش ۋە ئۇلاردىن كەچۈرۈم سوراش»تىن ئىبارەت. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى «ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار!» دەپ بۇيرۇغان (66/«تەھرىم»: 8). قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 563 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.
سەنەد (السَّنَدُ): لۇغەت مەنىسى «تايىنىلىدىغان نەرسە» دېمەك بولۇپ، ھەدىس ئىلمىدە: «ھەدىسنىڭ مەتنىدىن بۇرۇن تىلغا ئېلىنىدىغان راۋىيلەر»نى كۆرسىتىدۇ. راۋىيلەر ھەدىس مەتنىگە ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، سەنەد يەنە «يول (تەرىق/الطريق)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 3 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
سەنىييەتۇل ۋەداﺋ (ثَنِيَّةُ الْوَدَاعِ): «سەنىييە» سۆزلۈكتە «كېچىك، چىغىر يول، تاغ يولى، كىچىك تۆپە» مەنىسىدە بولۇپ، «سەنىييەتۇل ۋەداﺋ»نى «ۋىدا تۆپىلىكى» دەپ تەرجىمە قىلىش مۇمكىن. قەدىمىي مەدىنەنىڭ جەنۇبىدىكى مەككە يولى ئۈستىدە ۋە شىمالىدىكى شام يولى ئۈستىدە ئىككى يەردە، سەپەرگە چىققان يولۇچىلار بىلەن ئۇلارنى ئۇزىتىپ چىققۇچىلار خوشلىشىدىغان سەنىييەتۇل ۋەداﺋ بار بولۇپ، بۇ ھەدىستە تىلغا ئېلىنغىنى مەسجىدى نەبەۋىيدىن 1100 مېتر جەنۇبقا جايلاشقان سەنىييەتۇل ۋەدائدۇر. بۇ يەر يېقىنقى يىللارغا قەدەر «شامىي» دەرۋازىسى سىرتىدىكى «ئەبۇلئەلاﺋ بېكىتى»نىڭ كەينىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، «ئەلقەرىن» ياكى «يۈسۈف پاشا بوتكىسى» دەپمۇ ئاتىلاتتى (كۈنىمىزدىكى «داۋۇدىييە تىجارەت مەركىزى»نىڭ ئورنىدۇر). يۈسۈف پاشا ھ. 1214 / م. 1799 – يىلى شۇ تۆپىلىكنى تۈزلەپ يول ياسىغان ئىدى. قاراڭ: ئەھمەد ياسىن ئەلخىيارىي: «تَارِيْخُ مَعَالِمِ الْمَدِيْنَةِ الْمُنَوَّرَةِ قَدِيْماً وَحَدِيْثاً (مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ قەدىمكى ۋە ھازىرقى مەشھۇر جايلىرىنىڭ تارىخى)»، 217 – بەت، مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئەدەبىيات كۇلۇبى، ھـ. 1410 / م. 1990؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 36/526، ئىستانبۇل، م. 2009.
سەھىھ ھەدىس (الْحَدِيثُ الصَّحِيحُ): لۇغەت مەنىسى «ساق، ساغلام، ئەيىبتىن خالىي» دېمەك بولۇپ، ھەدىس ئىلمىدە: «ئىشەنچلىك دەپ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان سەنەدنىڭ تۇتىشىشى، راۋىيلەرنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشى، باشقا تېخىمۇ ئىشەنچلىك ياكى كۆپ راۋىيلەرنىڭ رىۋايەتىگە زىت رىۋايەت بولماسلىقى ۋە كۆزگە ئاسانلىقچە چېلىقمايدىغان ئەيىبلەردىن خالىي بولۇشى قاتارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان ۋە دىنىي خۇسۇسلاردا دەلىل بولىدىغان ھەدىس»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 3 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
سەھىھەين (الصَّحِيحَيْنِ): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى توپلانغان ئەڭ مۆتىۋەر «ئالتە كىتاب (الْكُتُبُ السِّتَّةِ)» ئىچىدە ئەڭ ئىشەنچلىك ئىككى «ئەلجامىئۇسسەھىھ (الْجَامِعُ الصَّحِيحُ)»، يەنى ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىملارنىڭ «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى»لىرىنىڭ بىرلىكتە ئاتىلىشى. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 3 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
سەھىھۇتتەرغىب (ئەتتەرغىب ۋەتتەرھىب ھەدىسلىرىنىڭ سەھىھلىرى/صَحِيحُ التَّرْغِيبِ وَالتَّرْهِيبِ): شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىي تەرىپىدىن مۇنزىرىينىڭ «ئەتتەرغىب ۋەتتەرھىب» ناملىق ئەسەرىدە كەلتۈرۈلگەن ھەدىسلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەھقىقلەر ئاساسىدا يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، ئالبانىينىڭ «سەھىھ» باھالىغانلىرى (3775) ئۈچ جىلد ھالدا ھ. 1402 / م. 1982 – يىلى بېيرۇتتا تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان. «زەئىف» باھالىغانلىرى («زەئىفۇتتەرغىب»، (2248) ئىككى جىلد ھالدا رىيادتا نەشر قىلىنغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 637 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
سەھىھۇلبۇخارىي (صَحِيحُ الْبُخَارِيِّ/ الْجَامِعُ الْمُسْنَدُ الصَّحِيْحُ الْمُخْتَصَرُ مِنْ أُمُوْرِ رَسُوْلِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَسُنَنِهِ وَأَيَّامِهِ): مەشھۇر ھەدىس ئالىمى، ھەدىس ئىلمىدە «ھەدىس ئىللەتلىرىنىڭ دوختۇرى»، «ئەمىرۇلمۇئمىنىن» دەپ نام ئالغان مۇھەددىسلەر سەردارى ئىمام بۇخارىي (ھ. 194 – 256 / م. 810 – 870) نىڭ «سەھىھۇلبۇخارىي» نامى بىلەن مەشھۇر ئەڭ ئىشەنچلىك ئىككى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى بولغان «سەھىھەين»نىڭ بىرىنچىسى «ئەلجامىئۇسسەھىھ»دۇر. جىمى ئالىملار ئاللاھنىڭ كىتابى «قۇرئان كەرىم»دىن قالسا، ئەڭ سەھىھ كىتاب «سەھىھەين»، «سەھىھەين»نىڭ ئەڭ سەھىھى «سەھىھۇلبۇخارىي» ئىكەنلىكىدە بىردەك قاراشتا بولغان. ئىمام بۇخارىي 16 يىلدا (ھ. 216 – 232 / م. 831 – 846) تاماملىغان بۇ كىتابىدا 600 مىڭغا يېقىن ھەدىستىن ئەقىدە، ئەھكام، تەفسىر، تارىخ، جىھاد، ئەدەب – قائىدە ۋە پەزىلەتلەرگە ئالاقىدار ئەڭ سەھىھ ھەدىسلەرنى سۈزۈپ توپلىغان. ئىمام بۇخارىي بۇ كىتابىغا تاللىغان سەھىھ ھەدىسلەرگە قاتتىق شەرتلەرنى قويغان ۋە ھەربىر ھەدىس ئۈچۈن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئىستىخارە سېلىپ، ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىنى جەزم قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنى كىتابىغا كىرگۈزگەن. ئەسەردىكى سەنەدلىك ھەدىسلەرنىڭ سانى تەكرارلىرىنى ھېسابلىمىغاندا 2602، تەكرارلىرى بىلەن 7563، جەمئىي سەنەدلىكلىرى 9082، بەزى جايدا سەنەدلىك كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ ئومۇم مۇئەللەقاتلىرى (سەنەدسىزلىرى) 1341، پەقەت سەنەدسىزلىرى 159 ھەدىس بولۇپ، جەمئىي 98 بۆلۈم، 3450 بابقا بۆلۈنگەن. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 636 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
سەھىھۇمۇسلىم (صَحِيحُ مُسْلِمٍ/الْمُسْنَدُ الصَّحِيْحُ الْمُخْتَصَرُ مِنَ السُّنَنِ بِنَقْلِ الْعَدْلِ عَنِ الْعَدْلِ عَنْ رَسُوْلِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ): ئاتاقلىق ھەدىس ئالىمى ئىمام مۇسلىم ئىبنى ئەلھەججاج ئىبنى مۇسلىم نىشاپۇرىي (ھ. 206 – 261 / م. 821 – 875) نىڭ «سەھىھۇمۇسلىم» نامى بىلەن مەشھۇر ئەڭ ئىشەنچلىك ئىككى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى بولغان «سەھىھەين»نىڭ ئىككىنچىسى «ئەلمۇسنەدۇسسەھىھ»دۇر. ئىمام مۇسلىم 15 يىلدا (ھ. 235 – 250 / م. 849 – 864) تاماملىغان بۇ كىتابىغا ھەدىس ئىلمىدە ئىنتايىن قىممەتلىك بىر مۇقەددىمە يازغان. ھەدىسلەرنى تەكشۈرۈش، راۋىيلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە رىۋايەتلەرنى سېلىشتۇرۇشتا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ۋە بۇ ھەدىس توپلىمىنى 300 مىڭ ھەدىستىن سۈزۈپ ئالغان. ئاندىن پەقەت سەھىھ ھەدىسنىلا بايان قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ساھابە ۋە تابىئىنلەردىن كەلگەن بايانلارنى ئارىلاشتۇرمىغان. بىر مەزمۇنغا ئالاقىدار ھەدىسلەرنى بىر يەرگە جەملىگەن. بۇ جەھەتتىن ئۈستۈن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. مۇھەددىسلەرنىڭ نەزەرىدە ئىمام مۇسلىم كىتابىدىكى ھەدىسلەرنى راۋىيلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە بىنائەن ئىككى قىسىمغا بۆلگەن: بىرى، ئەڭ پىشقان راۋىيلەر رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەر «ئاساسلىق ھەدىسلەر»دۇر. ئىككىنچىسى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك راۋىيلەر رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەر «مۇتەبەئات (باشقا ساھابەدىن ئوخشاش مەزمۇندا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەر)» بولۇپ، بۇ تۈرلۈك ھەدىسلەردە بىرىنچى تۈردىكىدەك قاتتىق ئۆلچەملەر شەرت قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭدىكى سەنەدلىك ھەدىسلەرنىڭ سانى تەكرارلىرىنى ھېسابلىمىغاندا 3٫333 (4000 دېگۈچىلەرمۇ بار)، تەكرارلىرى بىلەن جەمئىي 7275 (8000 ياكى 12 مىڭ دېگۈچىلەرمۇ بار)، جەمئىي 54 بۆلۈم، 3450 بابقا (بابلار ئىمام نەۋەۋىي تەرىپىدىن قويۇلغان) بۆلۈنگەن. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 636 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
سەھىھۇ ئىبنى ماجە (‹سۈنەنۇ ئىبنى ماجە› ھەدىسلىرىنىڭ سەھىھلىرى/صَحِيحُ ابنِ مَاجَه): شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىينىڭ «سۈنەنۇ ئىبنى ماجە» ھەققىدىكى تەتقىقاتىنىڭ سەمەرىسى سۈپىتىدە 1986 – يىلى بېيرۇتتا ئىككى جىلد ھالدا نەشر قىلىنغان ئەسەرى بولۇپ، 3519 «سەھىھ» ۋە «ھەسەن» ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەيخ ئالبانىي يەنە مەزكۇر «سۈنەن»دىكى «زەئىف» ھەدىسلەرنى «زەئىفۇ ئىبنى ماجە» نامىدا 1988 – يىلى بېيرۇتتا نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، 800 «زەئىف» ۋە ئازغىنە «مەۋزۇﺋ» ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 637 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە (مُخْتَصَرُ الْمُخْتَصَرِ مِنَ الْمُسْنَدِ الصَّحِيحِ عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ): مۇھەددىس ۋە فەقىھ ئەبۇبەكر مۇھەممەد ئىبنى ئىسھاق ئىبنى خۇزەيمە نىشاپۇرىي (ھ. 223 – 311 / م. 838 – 924) رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، «سەھىھەين»دىن قالسا، ئەڭ ئىشەنچلىك سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدۇر. ئەسلىدە بۈيۈك ھەجىملىك بىر ئەسەرنىڭ مۇختەسەرى (قىسقارتمىسى) بولغان بۇ ئەسەرىنى فىقھىي تەرتىب بويىچە بۆلۈم ۋە بابلارغا ئايرىغان ئىبنى خۇزەيمە قەيت قىلىنغان ۋە ئۆزى «سەھىھ» دەپ قارىغان ھەدىسلەرنىڭ ئېرىشىلگەن بارچە سەنەدلىرىنى قاتارغا تىزغان، زۆرۈر تۇغۇلغاندا رىجال (رىۋايەت قىلغۇچىلار) ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن، لەفز پەرقلىرىگە ئىشارە قىلىپ زىتلىق باردەك ھېس قىلغان ھەدىسلەرنى كېلىشتۈرۈشكە تىرىشقان. رەسۇلۇللاھتىن سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنىپ تۇرۇپ، بىر – بىرىگە زىت ئەقەللىي ئىككى ھەدىسمۇ يوق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىبنى خۇزەيمە «ئىختىلافۇل ھەدىس» باشتا ھەممە ھەدىس ئىلىملىرى ھەققىدە دېگۈدەك ئۇچۇر بېرىدۇ. بولۇپمۇ ئەسەرىنىڭ باب ماۋزۇلىرىدا فىقھىي قاراشلىرى ۋە ھەدىسلەردە كۆرۈلگەن ئىختىلاپلارغا ئالاقىدار ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىغا ئورۇن بەرگەن. كۈنىمىزگە پەقەت 4/1 ى (3079 ھەدىس) يېتىپ كېلەلىگەن ئەسەر مۇھەممەد مۇستافا ئەلئەئزەمىي تەرىپىدىن «سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە» نامى بىلەن 4 جىلدتا 1975 – يىلى بېيرۇتتا نەشر قىلىنغان. كېيىن 2009 – يىلى دوكتور ماھىر ئەلفەھل تەرىپىدىن تېخىمۇ سۈپەتلىك نەشر قىلىنغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 637 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
سەھىھۇ ئىبنى ھىببان/ئەلمۇسنەدۇسسەھىھ» (قىسىملار ۋە تۈرلەر بويىچە سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى/الْمُسْنَدُ الصَّحِيحُ عَلَى التَّقَاسِيمِ وَالأَنوَاعِ مِنَ غِيرِ وُجُودِ قَطْعٍ فِي سَنَدِهَا وَلاَ ثُبُوتِ جَرْحٍ فِي نَاقِلِيْهَا): ھەدىس ۋە فىقھ ئالىمى ئەبۇ ھاتىم مۇھەممەد ئىبنى ھىببان ئەلبۇستىي (ھ. 277 – 354 / م. 890 – 965) ئۆز دەۋرىدە ھەدىس رىۋايەت قىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن سەھىھ ھەدىسلەرنى ئېنىقلاش قىيىنلاشقانلىقىنى ۋە ھەدىسلەردىن ھۆكۈم چىقىرىشقا سەل قارىلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ، «سەھىھ» ھەدىسلەرنىڭ يادقا ئېلىنىشىنى ۋە ئۇلاردىن ھۆكۈم چىقىرىلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 7491 «سەھىھ» ھەدىسنى توپلاپ، ئۇلارنى ئەنئەنىۋىي ئۇسلۇبلاردىن پەرقلىق ھالدا بەش قىسىم ۋە 400 تۈرگە بۆلۈپ تۈزگەن. «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان/صحيح ابن حبان» ياكى ئىسمى قىسقارتىلىپ «قىسىملار ۋە تۈرلەر/التقاسيم والأنواع» نامى بىلەن تونۇلغان ئەسەرنىڭ بەش قىسىمى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ تائالا بىلدۈرگەن ئەمىرلەر (110 تۈر). چەكلەشلەر (110 تۈر)، بېشارەت – خەۋەرلەر (80 تۈر)، مۇباھلار (50 تۈر) ۋە پەقەتلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلغان پېئىل – ئەمەللەر (50 تۈر). مۇئەللىف ئەسەرىدە ھەدىسلەردىن ئېلىنىدىغان ئىلمىي مەزمۇن ۋە فىقھىي ئەھكاملارنى بايان قىلىش بىلەن بىللە ھەدىس ۋە ئۇنىڭدىكى ناتونۇش سۆزلەرنى ئىزاھلىغان. ئەمىر ئالائۇددىن ئەلفارسىي (ھ. 675 – 739 / م. 1276 – 1339) تەرىپىدىن تېخىمۇ قولاي تەرتىبكە سېلىنغان بۇ ئەسەر مۇھەددىس شەيخ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت (ھ. 1346 – 1438 / م. 1928 – 2016) تەرىپىدىن 1988 – يىلى نەشرگە تەييارلىنىپ 18 تومدا (ئاخىرقى ئىككى تومى مۇندەرىجە ۋە تىزىقلار) بېسىلغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 638 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
سەۋر غارى (غَارُ ثَوْرٍ): مەككەنىڭ جەنۇبىغا، كەئبەگە تەخمىنەن 4 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان، قىزغۇچ ۋە ئۇچلۇق چوققىلىرى بار، سەۋر تېغىنىڭ مەككەگە قارايدىغان شىمال تەرىپىدە ئورۇن ئالغان، دېڭىز يۈزىدىن 500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر غار بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە ھىجرەت قىلماقچى بولغاندا ئىز قوغلاپ كەلگەن مۇشرىكلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مۆكۈنۈۋالغانلىقى بىلەن مەشھۇر ۋە مۇبارەك غاردۇر. «قۇرئان كەرىم»نىڭ 9/«تەۋبە»: 40 – ئايەتى مۇشۇ غاردا نازىل قىلىنغان. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 1/317، دارۇ مەككە، مەككە، م. 2010.
ﺳﻪﺋﺪﺍن (السَّعْدَان): ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى نەجد رايونى قۇملۇق تۈزلەڭلىكلىرىدە يامغۇردىن كېيىن ئۆسۈپ، يازدا قۇرۇپ كېتىدىغان كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر خىل چېچەكلىك ئوت بولۇپ، بۇ ئوتنى تۆگە ياخشى كۆرىدۇ. تەڭگىدەك ياپىلاق، توپارەڭ، تەملىك كېلىدۇ، ئۈستۈن تەرىپىدە بۇدۇشقاققا ئوخشايدىغان «زەفئانە (الضَّفْعانةُ)» دەپ ئاتىلىدىغان تىكەنلىك مېۋىسى بار. ئادەتتە تىكىنى ئاسمانغا قارىغان ھالەتتە چۈشۈپ قۇرۇپ قالىدۇ. قاراڭ: جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 8/224، دارۇ سادەر، بېيرۇت؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 6/85، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز.
سەييىد (السَّيِّدُ): ئەرەبچىدە «ئىگە، ئىگىدار، خوجايىن، مۈلۈكدار، ئېسىل زات ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشىنى باشقۇرىدىغان ئىتائەت قىلىنغۇچى رەئىس» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئادەتتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ھۆرمەت سۆزىدۇر. بۇ ۋەجدىن نەسەب شەجەرەسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەۋلادلىرىغا تۇتاشقانلارغا «سەييىد ئەۋلادى» دېيىلىدۇ. ئەقىدە ئىلمى ئىستىلاھىدا بولسا رەب، پەرۋەردىگار ۋە جىمى مەخلۇقاتلارنىڭ ئىگىسى، جىمى مەخلۇقاتلار ئىتائەت قىلىدىغان، نۇقسانسىز زات ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم شەرىفلىرىدىن بىرىدۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/461، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425 / م. 2004؛ قازى ئابدۇرەبىننەبىي ئەھمەدنەگەرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ (دستور العلماء/جامع العلوم في اصطلاحات الفنون)»، 2/139، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، ھ. 1421 / م. 2000؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 940 – بەت، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ، ﺭﯨﻴﺎﺩ، ﻡ. 2017.
سپوت/تېز پۇل سودىسى (العقد الفوري للعملات/السبوت/SPOT): «خەلقئارا ئاكسىيە بازىرىدا شىفىرلىك (Cryptocurrencies) ۋە باشقا تۈرلۈك پۇل ۋە پاي چەكلەرنى تېز ئېلىم – سېتىم قىلىش»تىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ سودىدا سېتىۋالغان پۇلنى ئادەتتە سودا قىلغان كۈن (The Trade Date) دىن ئىككى تىجارىي كۈن (Two Business Days) ئۆتكەندە، يەنى راسچوت كۈنى (Settlement Date) ئاندىن تاپشۇرۇپ ئالالايدۇ. بىرقانچە شەرتلەر تېپىلسا پۇللارنى سپوت (SPOT) قىلىپ ئېلىپ – سېتىش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە جائىز، بىر قىسىم ئالىملار نەزەرىدە «نەقلىشىش شەرتى» تېپىلمىغانلىقتىن جائىز ئەمەس.
سۇلۇك (السُّلُوكُ): «يول ئېلىش، يۈرۈش» مەنىسىدە بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابە كىراملىرى تۇتقان يولدا مېڭىشنى كۆرسىتىدۇ. تەسەۋۋۇف ئەھلىنىڭ قارىشىدا: «بەندىنىڭ دۇنياغا بېرىلىش، ھەسەت، كىبىر، ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇش، كۆرەڭلەش، يالغانچىلىق، غەيۋەت ۋە زۇلۇم قاتارلىق گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن ئۆزىنى پاكلاش، نەفسىنى ئىلىم – مەرىپەت، ھايا، رازىمەنلىك، ئادالەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئېسىل پەزىلەتلەر بىلەن زىننەتلەش يولىدا مېڭىش»تۇر. بۇ يولدا مېڭىپ ئۆزىنىڭ نەفسى خاھىشى ۋە شەھۋەتلىرىگە قارشى ئىش تۇتۇپ تائەت – ئىبادەت ۋە زىكىر ئارقىلىق ئاللاھقا قاراپ ماڭغۇچى «سالىك (السَّالِكُ)»، تۇتقان يولى بولسا «مەسلەك (الْمَسْلَكُ)» دەپ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىمام تەھانەۋىي: «كەششافۇ ئىستىلاھاتىل فۇنۇن»، 1/969.
سۇۋەيش كرىزىسى (أزمة السويس/العدوان الثلاثي/حرب 1956): 1956 – يىل ئۆكتەبىردىن 1957 – يىلى مارتقىچە، بىر تەرەپتە مىسىر، بىر تەرەپتە ئىسرائىلىيە، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە، يەنە بىر تەرەپتە ئا ق ش ۋە ب د ت بولغان دىپلوماتىك كرىزىس ۋە ئەسكىرىي توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن ۋە تارىختا «2 – قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى»، «1956 ئۇرۇشى»، «ئۈچ تەرەپلىمىلىك تاجاۋۇزچىلىق» ۋە «سۇۋەيش ئۇرۇشى» دەپ قەيت قىلىنغان ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇشتا مىسىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن غەلىبە قىلغانىدى. بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن دۇنيا ھاكىمىيىتى ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى جاكارلانغان بولدى.
سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد (سُنَنُ أَبِي دَاوُدَ): مۇھەددىس ئەبۇ داۋۇد سۇلايمان ئىبنى ئەلئەشئەس سىجىستانىي (ھ. 202 – 275 / م. 817 – 888) ئۆمۈر بويى توپلىغان 500 مىڭ ھەدىس ئارىسىدىن سەنەدىدە ئۈزۈكلۈك بولمىغان ۋە راۋىيلىرىنىڭ زەئىفلىكى ھەققىدە بىردەكلىك بولمىغان ئەھكامغا دائىر 4800 (مۇئەللىف ھېسابلىمىغاننى قوشقاندا 5274) ھەدىسنى تاللاپ تۈزگەن ئەسەر بولۇپ، «كۇتۇبۇ سىتتە (ئالتە كىتاب)» ئىچىدىكى «تۆرت سۈنەن»نىڭ بىرىدۇر. 35 بۆلۈم، 1871 بابقا بۆلۈنگەن «مەرفۇﺋ»، «مەۋقۇف» ۋە «مەقتۇﺋ» ھەدىسلەرنىڭ كۆپ قىسمى «سەھىھ» ۋە «ھەسەن» بولۇپ، ئاز بىر قىسمى «مۇرسەل»، ناھايىتى ئاز بىر قىسمى بەكلا «زەئىف»تۇر. ئىمام ئەبۇ داۋۇد «زەئىف» ھەدىسلەرنى كەلتۈرگەندە، كۆپ ئەھۋاللاردا ئۇنىڭ زەئىفلىكىنى بايان قىلىپ ماڭغان، يەنە بىر قىسىم ھەدىسلەرنىڭ دەرىجىسى ھەققىدە بولسا ئۇ مەزمۇندا باشقا سەھىھ ھەدىس بولمىغاچقا ھەم «زەئىف» ھەدىسنى قىياسنىڭ ئالدىغا قويىدىغان بولغاچقا، بىرنەرسە دېمىگەن. ئومۇمەن، بۇ ئەسەر ئەھكام ھەدىسلىرى ھەققىدە «سەھىھەين»دىن قالسا ئەڭ مۇھىم ئەسل مەنبە ھېسابلىنىدۇ. شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىي «سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد»تىكى ھەدىسلەرنى «سەھىھۇ سۈنەنى ئەبى داۋۇد» ۋە «زەئىفۇ سۈنەنى ئەبى داۋۇد» نامىدا يىرىك ھەجىملىك ئىككى كىتابتا 2734 «سەھىھ» ۋە 561 «زەئىف»كە ئايرىغان ۋە بۇ ئىككى ئەسەردە سەنەد ۋە راۋىيلەر ھەققىدە تەپسىلىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 638 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
سۈنەنۇتتىرمىزىي ئەلجامىئۇل كەبىر (سُنَنُ التِّرْمِذِيِّ/الجَامِعُ الْمُخْتَصَرُ مِنَ السُّنَنِ عَنْ رَسُولِ اللهِ وَمَعْرِفَةُ الصَّحِيحِ وَالْمَعْلُولِ وَمَا عَلَيْهِ الْعَمَلُ): ئاتاقلىق مۇھەددىس مۇھەممەد ئىبنى ئىيسا ئەتتىرمىزىي (ھ. 209 – 279 / م. 824 – 892) تەرىپىدىن ساھابە – تابىئىن ۋە مۇجتەھىد ئالىملار تەرىپىدىن ئەمەل قىلىنىپ كەلگەن ئەھكامغا دائىر 3956 ھەدىسنى فىقھىي تەرتىب بويىچە 51 بۆلۈم ۋە 2285 بابقا ئايرىپ، ھەدىس بىلەن فىقھنى جەملەپ تۈزۈلگەن ئەسەر بولۇپ، «كۇتۇبۇ سىتتە (ئالتە كىتاب)» ئىچىدىكى «تۆرت سۈنەن»نىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭدىكى «مەرفۇﺋ»، «مەۋقۇف» ۋە «مەقتۇﺋ» ھەدىسلەرنىڭ كۆپ قىسمى «سەھىھ» ۋە «ھەسەن» بولۇپ، ئاز بىر قىسمى «مۇرسەل»، ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى بەكلا «زەئىف»تۇر. ئىمام تىرمىزىي ھەدىسلەرگە «سەھىھ» ياكى «ھەسەن»، ياكى «ھەسەن سەھىھ»، ياكى «غەرىب» دېگەنگە ئوخشىغان باھا بېرىش بىلەن بىللە، ئۇ ھەدىسلەرگە قارىتا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ۋە چۈشەنچىلىرىنى، ھەدىسلەردىكى ئىللەتلەرنى، راۋىيلەرنىڭ ئىسىم، كۇنيەتلىرىنى ۋە ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى بايان قىلىدۇ. قارىماققا ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر ئەسەر نامىدا تونۇلغان «ئىلەلۇتتىرمىزىي»مۇ ئەمەلىيەتتە ئۇشبۇ ئەسەرنىڭ بىر بۆلۈمىدۇر. «سۈنەنۇتتىرمىزىي» مەتبەئەدە تۇنجى بولۇپ 1875 – يىلى قاھىرەدە، كېيىن 1910 – يىلى دېھلىدا بېسىلغان. ئەڭ سۈپەتلىك نەشرى 2009 – يىلى شەيخ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت تەرىپىدىن تەييارلىنىپ 6 تومدا (ئاخىرقى تومى مۇندەرىجە ۋە تىزىقلار) بېسىلغان. شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىي مەزكۇر ئەسەردىكى ھەدىسلەرنى «سەھىھۇتتىرمىزىي» ۋە «زەئىفۇتتىرمىزىي» ناملىق ئىككى كىتابتا %73.2 «سەھىھ» ۋە %16.8 «زەئىف»كە ئايرىغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 639 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
سۈنەنۇددارەقۇتنىي (سُنَنُ الدَّارَقُطْنِىِّ): ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس ۋە قىرائەت ئالىمى ئەلى ئىبنى ئۆمەر ئەددارەقۇتنىي ئەلباغدادىي (ھ. 306 – 385 / م. 918 – 995) تەرىپىدىن باشقا «سۈنەن»لەرنىڭ ئەكسىچە، ئەھكام بىلەن ئالاقىدار ھەدىسلەرنى سەنەدلىرى بىلەن رىۋايەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سەنەد بىلەن مەتنىدىكى پەرقلەر ۋە يوشۇرۇن ئىللەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، مۇئەللىف ئۇ ھەدىسلەرگە «سەھىھ»، «ھەسەن»، «زەئىف» ۋە ھەتتا «مەۋزۇﺋ» دەپ باھا بېرىدۇ ۋە راۋىيلەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ھەققىدە توختىلىدۇ. شۇنداقلا فىقھىي تەتقىقاتمۇ ئېلىپ بارىدۇ. مەزكۇر «سۈنەن» فىقھىي كىتابلاردىكى ھەدىسلەرگە باھا بېرىشتە مۇھىم ئەسەر بولۇپ، ئۈچ تومدا، بابلارغا بۆلۈنمىگەن، جەمئىي 27 بۆلۈمدە 4749 «مەرفۇﺋ»، «مەۋقۇف» ۋە «مەقتۇﺋ» ھەدىس باردۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 639 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
سۈنەنۇددارىمىي (سُنَنُ الدَّارِمِيِّ): مۇھەددىس، مۇفەسسىر ۋە فەقىھ ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇرراھمان دارىمىي (ھ. 181 – 255 / م. 797 ياكى 798 – 869) تەرىپىدىن يېزىلغان، بىلىنگەن ئەڭ كونا «سۈنەن»دۇر. بەزى مۇھەددىسلەر ئۇنى «ئەلمۇسنەد» دەپ ئاتىسىمۇ، مەزمۇنى ۋە شەكىل ئالاھىدىلىكلىرى بائىس «سۈنەن» دەپ ئاتىلىشى توغرىدۇر. ھافىز ئىبنى ھەجەر، ئىبنۇسسەلاھ ۋە ئىمام نەۋەۋىي قاتارلىق بەزى مۇھەددىسلەر ئۇنىڭ سەنەدىنىڭ قىسقىلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسلىنىپ، ئۇنى «تۆرت سۈنەن (السُّنَنُ الأَرْبَعَةُ)»دىن بىرى بولغان «سۈنەنۇ ئىبنى ماجە»نىڭ ئورنىغا تىزغان. ئوقۇغۇچىسى ئىيسا ئىبنى ئۆمەر تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان مەزكۇر توپلام بىر مۇقەددىمە بىلەن 24 بۆلۈم، 1582 بابتىن تەشكىل تاپقان. ئەسەردە 3503 ھەدىس بار بولۇپ، 304 ھەدىس قايتىلانغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 640 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
سۈنەنۇننەسائىي (السُّنَنُ الصُّغْرَى/الْمُجْتَبَى مِنَ السُّنَنِ): ئاتاقلىق مۇھەددىس ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەھمەد ئىبنى شۇئەيب ئىبنى سىنان ئەننەسائىي (ھ. 215 – 303 / م. 830 – 915) تەرىپىدىن توپلانغان، 11٫949 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك ھەجىمدىكى كىتابى «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»نىڭ سۈزمىسىدۇر. ئەھكامغا دائىر 5774 ھەدىسنى فىقھىي تەرتىپ بويىچە 58 بۆلۈم ۋە ۋە ھەربىر بۆلۈمنى بابلارغا ئايرىپ، ھەدىس بىلەن فىقھىنى جەملەپ تۈزگەن ئەسەر بولۇپ، «كۇتۇبۇ سىتتە (ئالتە كىتاب)» ئىچىدىكى «تۆرت سۈنەن»نىڭ بىرىدۇر. سۈزۈپ ئالغان ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ بولۇشى ئۈچۈن قاتتىق شەرتلەرنى قويغاچقا، بەزى ئالىملار ئۇنى «كۇتۇبۇ سىتتە (ئالتە كىتاب)»نىڭ ئۈچىنچىسى دەپ قارايدۇ. ئىمام نەسائىي ھەدىسلەرگە باھا بەرگەن بولۇپ، بىر ھەدىسنىڭ تۈرلۈك سەنەدلىرىنى بىر يەرگە جەملىگەن. ئۇنىڭدىكى «مەرفۇﺋ» ھەدىسلەرنىڭ كۆپ قىسمى (%91.6) «سەھىھ» بولۇپ، ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى (%8.4) «زەئىف»تۇر. ئۇنىڭدا سەنەد ۋە ھەدىسلەرنىڭ رىۋايەتلىرىدىكى پەرقلەرگە، شۇنداقلا بابلىرىدىكى فىقھ تەتقىقاتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئەسەر ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە 2012 – يىلى «قاتار ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 640 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
سۈنەنۇ ئىبنى ماجە (سُنَنُ ابنِ مَاجَه): «كۇتۇبۇ سىتتە (ئالتە كىتاب)»نىڭ ئالتىنچىسى دەپ قوبۇل قىلىنغان ئەسەر، مەشھۇر ھەدىسشۇناس ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى يەزىد ئىبنى ماجە ئەلقەزۋىنىي (ھ. 209 – 273 / م. 824 – 886) نىڭ قەلىمىگە ئائىت بولۇپ، بەزى ئالىملار تەرىپىدىن بابلارنىڭ فىقھىي نۇقتىدىن ياخشى تىزىلغانلىقى ۋە ئىچىدە قايتىلانغان ھەدىس بولمىغانلىقى سەۋەبلىك «باشقا ھەدىس كىتابلىرىدىن تېخىمۇ قوللىنىلىشچان» دەپ قارالغان ئەسەردۇر. مۇھەممەد فۇئاد ئابدۇلباقىي نەشرىدە 37 بۆلۈم، 1513 باب ۋە تۈرلۈك دەرىجىلەردىكى 4341 ھەدىستىن، مۇستافا ئەلئەئزەمىي نەشرىدە 32 بۆلۈم، 1515 باب ۋە 4397 ھەدىستىن تەشكىل تاپقان. تەتقىقاتچىلار «بۇلارنىڭ ‹سەھىھ› ۋە ‹ھەسەن›لىرى 3519، ‹زەئىف›لىرى 800 ۋە ‹مەۋزۇﺋ›لىرى 44 ئەتراپىدا» دەپ يەكۈنلىگەن. بۇلاردىن 3002 ھەدىس «ئالتە كىتاب»نىڭ قالغان بەشىدە كەلگەن، ئىبنى ماجە ئۇلاردىن ئارتۇق ھالدا 1٫339 ھەدىس كەلتۈرگەن. ئىمام شىھابۇددىن ئەھمەد بۇسەيرىي (ھ. 762 – 840 / م. 1360 – 1436) ئىبنى ماجە بەش كىتابتىن ئارتۇق ھالدا كەلتۈرگەن (بىر نەشرىدە 1476) ھەدىسلەرنى ئايرىم بىر كىتابتا جەملەپ سەنەدلىرىگە باھا بەرگەن ۋە ئەسەرىنى «مىسباھۇززۇجاجە (مِصْبَاحُ الزُّجَاجَةِ فِي زَوَائِدِ ابْنِ مَاجَه)» دەپ ئاتىغان. كېيىن جەلالۇددىن ئابدۇرراھمان ئەسسۇيۇتىي (ھ. 849 – 911 / م. 1445 – 1505) مۇ ئوخشاش نامدا ۋە مەزمۇندا بىر ئەسەر يازغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 641 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
سۈترە (السُّتْرَةُ): سۆزلۈكتە «پەردە، توسۇق، يوپۇق ۋە دالدا» مەنىسىدە بولۇپ، فىقھتا كىشىلەرنىڭ ئۆتمەسلىكى ئۈچۈن، نامازخان ئالدىغا تىكلەپ قويىدىغان نەيزە ياكى هاسىغا ئوخشىغان نەرسىدۇر. يەككە نامازخان ياكى ئىمامنىڭ ئالدىغا سۈترە قويۇشنىڭ ھۆكمى سۈننەت ۋە مۇستەھەبتۇر. ئەمما، ئىقتىدا قىلغۇچىغا ئىمامىنىڭ سۈترەسى ھېساب بولغاچقا، ئۇنىڭ سۈترە قويۇشى مۇستەھەب ئەمەس. سۈترە دالدا بولىدىغان تۈۋرۈك، تام ياكى ئورۇندۇق ۋە سومكا قاتارلىق يەردىن بىر گەز ياكى بىلەكچىلىك (ئوتتۇز – قىرىق سانتىمېتر ئەتراپىدا) ئېگىزلىكتە بولغان نەرسىلەرنى ئالدىغا قويۇش بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. قويىدىغان بىرەر نەرسە تاپالمىغانلار سىزىق سىزىپ قويسىمۇ بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ نامازخان بىلەن ئۇنىڭ سۈترەسى ئارىلىقىدىن ئۆتۈشى ھارام بولۇپ، ئۆتۈپ قالسا نامازنى بۇزۇۋەتمەيدۇ. نامازخان سۈترەسى ئارىلىقىدىن ئۆتكەن كىشىنى ئەڭ يەڭگىل ھەرىكەت بىلەن توسۇۋالسا ياكى قولى بىلەن ئىتتىرىۋەتسە بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 24/177 – 188، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.
سۈنەن (السُّنَنُ): ئىمان، ئىبادەت، مۇئامىلىلەر، جازا – قىساس ھەققىدىكى ئەھكام ھەدىسلىرى توپلانغان كىتابلارنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى بولۇپ، «ئەسسۈنەن (السنن)» نامى بىلەن ئاتالغان كىتابلار ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرلىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى توپلانغان ئەڭ مۇھىم ئالتە كىتابتىن تۆرتى، يەنى «تۆرت سۈنەن (السنن الأربعة)» نامى بىلەن تونۇلغان ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي، نەسائىي ۋە ئىبنى ماجەلەرنىڭ ھەدىس كىتابلىرىدۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 4 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
سۈننەت (السُّنَّةُ): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇتقان يولىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، ئىشلىتىلگەن ئورنى (كونتېكىستى) غا قاراپ مەنىسى پەرقلىق بولىدۇ. فىقھ ئىلمىدە: «پەرز ۋە ۋاجىبتىن سىرت پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئادا قىلغان نەفلە ئىبادەت»نى كۆرسىتىدۇ. ھەدىس ئىلمىدە: «شەرئىي ھۆكۈمنى بىلدۈرسۇن ياكى بىلدۈرمىسۇن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى، ئىش – ئىزلىرى ۋە سۈپەتلىرى»نى كۆرسەتسە، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىدە: «شەرئىي ھۆكۈمنى بىلدۈرىدىغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى، ئىش – ئىزلىرى ۋە سۈپەتلىرى»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 4 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
سېخىيلىق (الْجُودُ): ئۆزگىلەرگە كۆپ ھەدىيە قىلىش ۋە قولى ئوچۇق بولۇشتۇر. بۇ كەلىمەدىن پەزل – ئېھسانى، نېئمەتلىرى ۋە ئەتالىرى تىلىگەن ۋە تىلىمىگەن، ياخشى – يامان جىمى بەندىلىرىگە ئورتاق بولغان ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ «جەۋۋاد» سۈپىتى تۈرلىنىپ چىقىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنى شۇ ئىسىم بىلەن سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «ئاللاھ جەۋۋاد (سېخىي) دۇر، سېخىيلىقنى ۋە گۈزەل ئەخلاقنى ياخشى كۆرىدۇ» (بەيھەقىي، «شۇئەبۇلئىمان»، 10346). قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 635 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.
سېفرا ترىگونومېترىيەسى (عِلْمُ المُثَلّثات المستوية والكروية/ Trigonometrie): سېفرا گرېكچە «شارنىڭ سىرتقى يۈزى، يەنى يېرىم چەمبەرنىڭ دېئامېترىنى ئوق قىلىپ ئايلىنىشتىن ھاسىل بولغان يۈز؛ ترىگونومېترىيە: ئۈچبۇلۇڭ ئىلمى» دېمەكتۇر.
سېكۇلارىزم/لائىكلىك (Secularism/Laïcité): تېگى لاتىنچە «نەسىل» تومۇرىدىن كەلگەن بولۇپ، كېيىنچە خرىستىيان لاتىنچىسىدە «دۇنيا» مەنىسىدە قوللىنىلىشقا باشلىغان، سېكۇلارىزم — خاراكتېرى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «ئىجتىمائىي جەمئىيەت ۋە سىياسەتتىن دىننى سىقىپ چىقىرىش خاھىشى»نى ئىپادىلەيدىغان ئۇقۇم بولۇپ، ئاخىرەت بىلەن ئالاقىسى يوق بولغان، روھىي، مەنىۋىي بولماسلىقنى شەرت قىلغان، دىنىيلىقنىڭ قارىمۇقارشىسى سۈپىتىدىكى «دۇنياچىلىق»نى كۆرسىتىدۇ. ئەرەبچە «ئىلمانىييە (علمانية)» دېيىلىدۇ. تېخىمۇ كەڭ مەلۇمات ئۈچۈن قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 991 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003. بۇنىڭغا ئالاقىدار ئاتالغۇ: لائىك (عَلْمَانِيّ/Secular فرانسۇزچە: Laïc)
سىججىن (السِّجِّينُ): تارچىلىق؛ جەھەننەمدىكى بىر ۋادىنىڭ ئىسمى؛ فاجىرلەرنىڭ روھلىرىنىڭ بارار جايى؛ يامانلارنىڭ نامەئى ئەئمالى ئورۇن ئالغان يەر دېگەن مەنىدىكى «قۇرئان» ئاتالغۇسى. قاراڭ: شەۋكانىي: «فەتھۇلقەدىر»، 7/440.
سىددىقلار (الصِّدِّيقُونَ): ئەرەبچىدە «تولىمۇ ۋە ئىزچىل راستچىل ياكى سۆزنىڭ راستلىقىغا تولىمۇ ۋە ئىزچىل ئىشەنگۈچى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ سۆزلىرىگە ئىزچىل ۋە شەكسىز ئىشىنىپ، سۆزىدە ۋە ئېتىقادىدا، دىلىدا ۋە ئىش – ھەرىكىتىدە ئىزچىل راستچىل بولىدىغانلاردۇر. يەنە «پەيغەمبەرلەرگە ھەممىدىن بۇرۇن ئەگەشكەن زاتلارنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكلىرى» دەپمۇ ئىزاھلانغان. سىددىقلىق پەيغەمبەرلىكتىن قالسا، شەھىدلىكتىن بىر دەرىجە يۇقىرى مەرتىۋە بولۇپ، ھەزرىتى مەريەم، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋە ھەزرىتى ئائىشەلەرمۇ ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىشتە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولغاچقا، «سىددىق» دەپ نام ئالغان زاتلاردۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/511، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425 / م. 2004؛ قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 4/«نىساﺋ»: 69 – ئايەتنىڭ تەفسىرى؛ جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 174 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1405؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1008 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.
سىدرەتۇل مۇنتەھا (سِدْرَةُ الْمُنْتَهَى): «ئەڭ ئاخىرقى چەكتىكى سىدر (چىلان) دەرىخى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، 7 – قەۋەت ئاسماندا، ئەرشنىڭ ئاستىدا ھەرقانداق ئالىم، پەيغەمبەر ۋە مالائىكەنىڭ ئىلمىنىڭ، جىمى مەخلۇقاتلارنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىشىنىڭ ئاداققى چەك – چېگراسىدۇر. مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ مەنبەسى 53/«نەجم»: 13 – 18 – ئايەتلەردۇر. بۇ ئاتالغۇدىكى دەرەخنى «پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪم مىئراج كېچىسى يېنىدا ئىلاھىي سىرلارغا مۇيەسسەر بولغان دەرەخ ياكى ماقام» دېيىشكە بولىدۇ. ھەدىسلەردە «ئۇنىڭ مېۋىسى خۇددى كۈپتەك يوغان، يوپۇرمىقى پىللارنىڭ قۇلىقىدەك چوڭ، ئۇنىڭ تۈۋىدە تۆرت دەريا بار» دېيىلگەن. ھەقىقىتىنى ئاللاھ ئۆزى بىلۇر. قاراڭ: «سەھىھۇلبۇخارىي»، (3207)؛ «تەفسىرۇ تەبەرىي»، 22/33 – 36.
سىففىن جېڭى (مَعْرَكَةُ صِفِّينَ): ھ. 37، 9 -، 10 – سەپەر / م. 657 – يىلى 27 -، 28 – ئىيۇلدا ئىراق بىلەن شام ئارىلىقىدىكى فۇرات دەرياسى بويىدا خەلىفە ھەزرىتى ئەلى قوشۇنى بىلەن خەلىفە ئوسماننىڭ قاتىللىرىدىن قىساس ئېلىشنى تەلەپ قىلغان شام ۋالىيسى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوشۇنى ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتۇر. تۆگە ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يىلى يۈز بەرگەن بۇ ئۇرۇش، شۇ يىلى رامازان ئېيىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىدا ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي ۋە ئەمر ئىبنى ئەلئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارنىڭ ھەكەملىك قىلىشى ۋە سۈلھ قىلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشقان. قاراڭ: يەئقۇبىي: «تارىخۇ يەئقۇبىي»، 2/183 – 190، 6 – باسمىسى، دارۇ سادەر، بېيرۇت، ھ. 1415 / م. 1995؛ خەلىفە ئىبنى خەييات: «تارىخۇ خەلىفە»، 44 – بەت، نەشرگە تەييارلىغۇچى: دوكتور ئەكرەم زىيا، دارۇلقەلەم، دەمەشق، ھ. 1397 / م. 1977.
سىقە (الثِّقَةُ): ئەرەبچىدە «سۆزى ئىشەنچلىك كىشى ياكى ئىشەنچلىك دەپ قاراش» دېگەن مەنىدە. ھەدىس ئىلمىدە: «راۋىينىڭ دىيانەتلىك، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى يۇقىرى بولۇشتىن ئىبارەت ئىجابىي سۈپىتى» بولۇپ، تەئدىل (راۋىينى ئىشەنچىلىك دەپ قاراش) دەرىجىلىرىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ دەرىجىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈرلۈك راۋىيلەرنىڭ رىۋايەتلىرى باشقا بىرەر ئىللەت تېپىلمىغان تەقدىردە «سەھىھ لىزاتىهى» بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 312 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 582 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.
سىلق (السِّلْقُ): يېسسىۋېلەككە ياكى پالەككە ئوخشاپ قالىدىغان، ئوتياش قاتارىدا ئىستېمال قىلىنىدىغان، بىر خىل سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى چوڭ، قىزىلچىنىڭ ياپراقلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئىلمىي ساھەدە «Beta vulgaris L. var. cicla»، ئىنگلىزچە « Chard/Swiss chard »، تۈركچە «Pazı»، ئۆزبەكچە «ئاتقۇلاق» دەپ ئاتىلىدۇ.
سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ (ئېسىل زاتلارنىڭ مەشھۇرلىرىنىڭ تەرجىمىھاللىرى/سِيَرُ أَعْلاَمِ النُّبَلَاءِ): ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس تارىخچى ئىمام زەھەبىي (ھ. 673 – 748 / م. 1274 – 1348) بۈيۈك ئەسەرى «تارىخۇل ئىسلام»دىن سۈزۈپ ئالغان چوڭ ھەجىملىك (25 توم) ۋە قىممەتلىك تەرجىمىھال كىتابى بولۇپ، يەتتە ئەسىر مابەينىدىكى ئۈممەتنىڭ سەرخىللىرىنىڭ ئوبرازىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مۇئەللىف بۇ شانلىق ئەسەرىنى ھ. 739 / م. 1338 – يىلى تاماملىغان ۋە 5964 تەرجىمىھالنى 40 تەبىقە ياكى ئەۋلادقا ئايرىپ، دەسلەپكى بىرقانچە جىلدتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سىيرەتى، خۇلەفائى راشىدىنلەر ۋە ساھابە كىراملارنى تونۇشتۇرغان. كېيىنكىلەرنى زامان تەرتىپى بويىچە كەلتۈرگەن ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەشرىقىدىن مەغرىبىگىچە ھەممە يۇرتلاردا ياشىغان تۈرلۈك ساھەلەردىكى مەشھۇرلارنىڭ بولۇپمۇ مۇھەددىسلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆزى بېكىتكەن ئىلمىي مېتود ئاساسىدا يازغان. تارىخچىلارنىڭ باھالىرىنى مۇھاكىمە قىلغان. ئەسەرىدە نۇرغۇن ھەدىسلەرنى كەلتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ سەنەدى ۋە مەتنىدە توختالغان. سەرخىللارغا باھا بېرىشتە مەدھىيە ئوقۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمەي، تەنقىدلەنگەن تەرەپلەرنىمۇ بايان قىلغان. ئۇنىڭ تەنقىدىدىن ئۇستازى ئىمام ئىبنى تەيمىييە ۋە ھەتتا ئۆز ئوغلىمۇ ئامان قالمىغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 641 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
شاز (اَلشَّاذُّ): ئەرەبچىدە «باشقىلاردىن ئايرىلىۋالغۇچى، توپتىن چىققۇچى، يات، غەيرىي، قائىدە سىرتىغا چىققۇچى ۋە غەلىتە» دېگەن مەنىدە. مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «رىۋايەتى قوبۇل قىلىنىدىغان بىر راۋىينىڭ ئۆزىدىنمۇ ئىشەنچلىكرەك ياكى ياخشىراق بىر ياكى بىرقانچە راۋىينىڭ رىۋايەتىدىن باشقىچە قىلغان رىۋايەتى» بولۇپ، ئىككى رىۋايەتنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش مۇمكىن بولمىغىنىدا، ئۇ رىۋايەت «شاز (يات)» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچسىز بىر راۋىينىڭ ئۆزى يالغۇز قىلغان، تەكشۈرگۈچىگە خاتالىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان رىۋايەتىگىمۇ قوللىنىلىدۇ. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «مۇتلەق كۆپچىلىك ئالىملارغا، ئۇسۇل (ئاساسلىق پرىنسىپ ۋە قائىدە – قانۇنىيەتلەر) غا مۇخالىپ ھۆكۈم»دۇر. فىقھ ئىستىلاھىدا: ھەنەفىيلەر ۋە مالىكىيلارنىڭ قارىشىدا: «شاز مەشھۇرنىڭ ياكى راجىھنىڭ، ياكى سەھىھنىڭ قارىمۇقارشىىسىدۇر». يەنى شاز قاراش دېمەكلىك «مەرجۇھ ياكى زەئىف، ياكى غەرىب قاراش» دېگەنلىك بولىدۇ. شافىئىيلارنىڭ بايانلىرىدا شاز قاراش «راجىھقا ياكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا مۇخالىپ»نى كۆرسىتىدۇ. قىرائەت ۋە قۇرئان ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: قىرائەتلەر «مۇتەۋاتىر» ۋە «شاز» دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. شاز قىرائەت سەھىھ قىرائەتنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ ئاساسىدىن بىرەرسى كەم بولغان قىرائەتتۇر: سەنەدى سەھىھ بولۇش، ئەرەب تىلى قائىدىسىگە مەلۇم جەھەتتىن ئۇيغۇن بولۇش ۋە ئوسمانىي مۇسھەف («قۇرئان») كە ماس كېلىش. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 25/357، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 430 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003.
شەجەرە يولى (طَرِيقُ الشَّجَرَةِ): مەدىنەدىن مەككەگە بارىدىغان يول ئۈستىدىكى تارماق يول. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ يولدىن زۇلھۇلەيفەگە چىقىشتىكى كاۋچۇك دەرەخ ئااستىدا قوناتتى ۋە قايتىشىدىمۇ شۇ جايدا قوناتتى. كېيىنچە ئۇ دەرەخنىڭ ئورنىغا زۇلھۇلەيفە مەسجىدى سېلىنغان. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 9/147، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز؛ مۇھەممەد مۇھەممەد ھەسەن شۇرراب: «المعالم الأثيرة في السنة النبوية (پەيغەمبەر سۈننىتىدىكى ئېسىل جايلار)»، 148 – بەت، دارۇلقەلەم، دەمەشق، م. 1991.
شەخس (الشَّخْصُ): ئەرەبچىدە «ئېگىزلىكى ۋە كۆرۈنۈشى بار ھەرقانداق جىسىم»نى بىلدۈرىدۇ. كۆپىنچە ئىنسانغا ئىشلىتىلىدۇ. مۇتەكەللىملەر ئىستىلاھىدا: «كۆزگە كۆرۈنىدىغان گەۋدە، جىسىم» دېگەن مەنىدە. ئاللاھ تائالانىڭ جىسىم بولۇشى مۇھالدۇر. قاراڭ: قۇرتۇبىي: «ئەلمۇفھىم»، 13/124؛ «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/475، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425 / م. 2004.
شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم (مِنْهَاجُ الْمُحَدِّثِيْنَ وَسَبِيْلُ طَالِبِيْهِ الْمُحَقِّقِيْنَ فِي شَرْحِ صَحِيْحِ أَبِي الْحُسَيْنِ مُسْلِمِ بْنِ الْحَجَّاجِ الْقُشَيْرِىِّ): ئىمام مۇھيىددىن نەۋەۋىي (ھ. 631 – 676 / م. 1233 – 1277) تەرىپىدىن ئىمام مۇسلىمنىڭ «ئەلمۇسنەدۇسسەھىھ» ناملىق يىرىك ئەسەرىگە (ھ. 664 – 675 / م. 1266 – 1276 – يىللار ئارىلىقىدا) يېزىلغان، ۋاپاتىدىن بىر يىل بۇرۇن تاماملانغان شەرھ بولۇپ، «سەھىھۇ مۇسلىم»نىڭ ئەڭ ياخشى شەرھلىرىدىن بىرىدۇر. ئىمام نەۋەۋىي بۇ شەرھنى يېزىشتا ئىلگىرىكى شەرھلەردىن بولۇپمۇ قازى ئىيازنىڭ شەرھىدىن كۆپرەك پايدىلانغان بولۇپ، پايدىلانغان ۋە ئىسمىنى تىلغا ئالغان 16 خىل ئىلىمدىكى مەنبەلەر 250 كە يېتىدۇ. ئىمام نەۋەۋىي بۇ ئەسەرىگە ئىنتايىن قىممەتلىك بىر مۇقەددىمە يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ شەرھكە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى بايان قىلغان. ئاندىن بىرقانچە پاراگرافتا سەھىھۇ مۇسلىم راۋىيلىرىنىڭ ئەھۋالى، ھەدىس ئىلمىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالغان. ئاندىن ئىمام مۇسلىم بىلەن ئارىلىقىدىكى ئۇستازلىرىنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى بايان قىلغان ۋە «سەھىھۇ مۇسلىم»نى مۇناسىپ بابلارغا ئايرىپ، ھەر بابقا ئىسىم قويغان. راۋىيلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى، ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى بېرىش بىلەن بىللە ئىسىملىرىنى ھەرەكە (زىر – زەبەر) بىلەن ئېنىق قىلىپ بېكىتكەن. ھەدىسلەردىن ئېلىنىدىغان ئىلمىي مەزمۇننى گاھىدا ئىخچام، گاھىدا تەپسىلىي يازغان. ھەربىر قاراشنى ئىگىسى بىلەن بەرگەن. بەزىدە ئوقۇرمەننى ئۆزىنىڭ باشقا ئەسەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشقا يۆنەلدۈرگەن. ئالىملار بىردەك ئىجماﺋ قىلغان مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغان ۋە ناتونۇش سۆزلەرنى ئىزاھلىغان. بۇ ئىخچام شەرھ بەزى نەشرىدە 18 تومدا بېسىلغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 642 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
شەرئىي ھۆكۈم، كۆپلۈكى شەرئىي ئەھكام (الْحُكْمُ الشَّرْعِيُّ): قاراڭ: فىقھ/فىقھ ئىلمى (عِلْمُ الْفِقْهِ).
شەرىئەت/شەرﺋ ۋە شارﯨﺌ (الشَّرِيعَةُ/الشَّرْعُ وَالشَّارِعُ): ئەرەبچىدە «سۇ ئالىدىغان جاي؛ يول» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىستىلاھتا: «ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق بەندىلىرىگە نازىل قىلغان ئەقىدە، ئەخلاق ۋە ئادابلارنى، شۇنداقلا ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج كەبى ئىبادەتلەرنىڭ ئەھكاملىرىنى، تۈرلۈك مۇئامىلىلەر، جىنايەتلەرنىڭ جازالىرى، سوت، ھۆكۈم ۋە مىراس تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام قانۇنى ۋە تۈزۈمى»دۇر. شارﯨﺌ: شەرىئەتنى بەلگىلىگۈچى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 808 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 964 – بەت، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ، ﺭﯨﻴﺎﺩ، ﻡ. 2017.
شەك كۈنى (يَوْمُ الشَّكِّ): «شەك» ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «گۇمان، شۈبھە» دېگەن مەنىدىدۇر. قەمەرىيە (ئاي) تەقۋىمى بولغان ھىجرىيە كالېندارى بويىچە 8 – ئاي بولمىش شەئبان ئېيىنىڭ 29 – كۈنى كەچتە ئايغا قارىغاندا ھاۋانىڭ تۇتۇقلۇقى سەۋەبىدىن 9 – ئاي بولمىش رامازان ئېيىغا تەۋە يېڭى تۇغۇلغان ئاي شەرئىي ئۆلچەمدە كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا ئەتىسى يەنى شەئباننىڭ 30 – كۈنى «شەك كۈنى» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، بۇ كۈننىڭ شەئبانغا ياكى رامازانغا تەۋەلىكىدە شۈبھە تۇغۇلىدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ھاۋا ئوچۇق بولسىمۇ ئاي كۆرۈلمىسە، «شەك كۈنى» دەپ قارىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملار: «ھاۋا ئوچۇق ياكى تۇتۇق بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر ئاي كۆرگەنلىكى ھەققىدە پاراڭ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئاي كۆرۈش گۇۋاھچىلار بىلەن ئىسپاتلانمىغان بولسا، بۇ كۈن يەنىلا شەك كۈنى بولىدۇ. ئۇنداق پاراڭ بولماي ھاۋا تۇتۇق بولسا، بۇ كۈن شەك كۈنى دائىرىسىگە كىرمەيدۇ ۋە ئۇ كۈندە روزا تۇتۇش چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ كۈن شەئبان ئېيىغا تەۋە بولىدۇ» دەپمۇ قارىغان. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە «شەك كۈنى»دە روزا تۇتۇش ھارام ياكى مەكرۇھتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 45/313 – 315، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.
شەيخ (الشَّيْخُ) كۆپلۈكى شۇيۇخ ياكى مەشايىخ (الشُّيُوخُ، الْمَشَايخُ): ئەرەبچىدە «ياشانغان، چېچىغا ئاق كىرگەن (مويسىپىت)، 50 ياشتىن ھالقىغان كىشى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» (11/«ھۇد»: 72؛ 12/«يۈسۈف»: 78؛ 28/«قەسەس»: 23؛ 40/«غافىر»: 67) ۋە ھەدىسلەردە سۆزلۈك مەنىسى بويىچە كەلگەندۇر. ئىلمىي ئىستىلاھتا: قايسى ساھەدە بولسۇن «ئۆز ئىلمىدە پىشقان ۋە شۇ ساھەنىڭ ئۇستازلىرىغا باش بولالايدىغان يېتۈك، مەرتىۋىسى كاتتا، مۇرەببىي، مۇرشىد، پىر، سەردار ئالىم»نى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، مۇھەددىسلەر شەيخى ئىمام بۇخارىي، تېۋىپلەر شەيخى ئىبنى سىنا، مۇفەسسىرلەر شەيخى ئىبنى جەرىر تەبەرىي، تەرىقەت شەيخى پالانى … دېگەندەك. يەنە ھەدىس ئىلمىدە ھەدىس سۆزلەپ بەرگۈچى ئۇستازغىمۇ، ئىشەنچلىك راۋىيلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەبىقىسى بولغان 6 – تەبىقىدىكى راۋىيغىمۇ قوللىنىلىدۇ. «ئىككى شەيخ» ئاتالغۇسى ساھابە كىراملاردىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بىلەن ھەزرىتى ئۆمەرنى كۆرسەتسە، ھەدىس ئىلمىدە ئىمام بۇخارىي بىلەن ئىمام مۇسلىمنى، ھەنەفىي مەزھەبتە بولسا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن قازى ئەبۇ يۈسۈفنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 831 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭئىي ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 979 – 981 – بەتلەر، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م.2017.
ﺷﻪﻳﺨﯘﻟﺌﯩﺴﻼﻡ (شَيْخُ الإِسْلَامِ): ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﻰ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺯﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ئۇنۋان. ﺑﯘ ئۇنۋان ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺑﯘﻝ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺗﻪﻗﯩﻴﻴﯘﺩﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺗﻪﻳﻤﯩﻴﻴﻪ (ﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﮪ. 728/ﻡ. 1328) ﺩﯗﺭ. ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﯞﻩﺭﺍﺋﯘﻧﻨﻪﮪﺮﺩﯨﻜﻰ ﮪﻪﻧﻪﻓﯩﻲ ﻣﻪﺯﮪﻪﺏ ﭘﯧﺸﯟﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ «ﺑﻪﻛﺮ خاھەرزادە» نامى بىلەن ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺋﻪﺑﯘﺑﻪﻛﺮﻯ ﺋﻪﻟﺒﯘﺧﺎﺭﯨﻲ (ﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﮪ. 483/ﻡ. 1090)، ﻣﺎﻟﯩﻜﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﺑﻰ ﺯﻩﻳﺪ ﺋﻪﻟﻘﻪﻳﺮﺍﯞﺍﻧﯩﻲ (ﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﮪ. 386/ﻡ. 996)، ﺷﺎﻓﯩﺌﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﺯﻩﻛﻪﺭﯨﻴﺎ ﺋﻪﻟﺌﻪﻧﺴﺎﺭﯨﻲ (ﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﮪ. 926/ﻡ. 1520)، ﮪﻪﻧﺒﻪﻟﯩﻲ ﻣﻪﺯﮪﻪﺏ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻗﯘﺩﺍﻣﻪ ﺋﻪﻟﻤﻪﻗﺪﯨﺴﯩﻲ (ﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﮪ. 620/ﻡ. 1223) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺯﺍﺗﻼﺭ «شەيخۇلئىسلام» نامى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭﺩﯗﺭ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻣﯘ ﺋﯩﺰﺯﻩﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯗﺭ. ﻗﺎﺭﺍﯓ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 980 – ﺑﻪﺕ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ، ﺭﯨﻴﺎﺩ، ﻡ. 2017.
شۇئەبۇلئىمان (ئىمان شاخچىلىرى توپلىمى/شُعَبُ الْإِيمَانِ/الجَامِعُ لِشُعَبِ الْإِيمَانِ): مەشھۇر مۇھەددىس ۋە شافىئىي فەقىھ ئەھمەد ئىبنى ھۈسەين ئەلبەيھەقىي (ھ. 384 – 458 / م. 994 – 1066) تەرىپىدىن كامىل ئىماننى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن قىلىنىدىغان دىنىي ئىش – ھەرىكەتلەر ھەققىدە تەسنىف قىلىنغان يەتتە جىلدلىق ئەسەردۇر. مۇئەللىف ئەسەرنى يېزىشتا بۇخارالىق شافىئىي فەقىھ ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەلھەلىيمىي (ھ. 338 – 403 / م. 950 – 1012) نىڭ شۇ نامدىكى بىر ئەسەرىنى ئۆرنەك ئالغان ۋە ئۆزى ياشىغان دەۋردىكى ئىماننىڭ ھەقىقىتى ھەققىدىكى تالاش – تارتىشلارنى ھەل قىلىشنى ئويلىغان ھەمدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ئىمان ئاتمىش نەچچە شاخچىدۇر، ھايامۇ ئىماننىڭ بىر شاخچىسىدۇر» دېگەن ھەدىسىنى چىقىش قىلغان. ئەسەرىنى 12 بابقا بۆلۈشتىمۇ ئەبۇ ئابدۇللاھ ھەلىيمىيگە ئەگەشكەن. ئەسەرنىڭ مۇھەممەد ئىبنى سەئىد ئەلئىبيانىي نەشرى 1100 بەتلىك ھەدىس ۋە ئەسەر مۇندەرىجىلىرى بولۇپ، توپلام 12٫269 رىۋايەتتىن تەشكىل تاپقان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 642 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
شۈكرانە بايرىمى (عيد الشكر/Thanksgiving): ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردىكى خرىستىيانلار ئالاھىدە قۇتلايدىغان بايراملارنىڭ بىرى. ئامېرىكىدا نويابىردىكى تۆرتىنچى پەيشەنبە كۈنى تەبرىكلەيدۇ. كانادا قاتارلىق باشقا دۆلەتلەردە يىلنىڭ باشقا كۈنلىرىدە تەبرىكلەيدۇ. زىرائەتتىن ھوسۇل ئېلىشقا باغلىنىپ كەلگەن بۇ بايرام كېيىنچە، خرىستىيانلاردىكى شۈكۈر نامىزى قاتارلىق ئىبادەتلەر ۋە بەزى يەرلىك ئادەتلەر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، شۇ ئەللەردىكى دىنىي ۋە مىللىي بايرامغا ئايلانغان. چېركاۋلارمۇ بۇ بايرامغا ئالاھىدە تەييارلىق قىلىدۇ. بەزى خرىستىيان تائىپەلىرى بۇ بايرامدىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى شۈكۈر روزىسى تۇتىدۇ. بۇ كۈندە كەچلىك تاماققا چوقۇم كۈركە توخۇسى پىشۇرۇلماي قالمايدۇ.
شۈكۈر سەجدىسى (سَجْدَةُ / سُجُودُ الشُّكْرِ): بەندە بىرەر نېئمەتكە ئېرىشكەندە ياكى بىرەر بالا – مۇسىبەتتىن قۇتۇلغىنىدا، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ناماز سىرتىدا قىلىدىغان بىر سەجدەدۇر. كۆپچىلىك فۇقەھائلارنىڭ نەزەرىدە شۈكۈر سەجدىسى شەرىئىتىمىزدە يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بۇنى سۈننەت دەپ قارايدۇ. يەنە بىر قىسمى جائىز دەپ قارايدۇ. بۇلار: «ئۇنىڭغا نامازغا شەرت قىلىنغان تاھارەت، نىجاسەتلەردىن پاكلىنىش، قىبلىگە يۈزلىنىش، ئەۋرەتنى يېپىش قاتارلىقلار شەرت قىلىنىدۇ. سەجدە قىلىش ئۇسۇلى نامازنىڭ سىرتىدا تىلاۋەت سەجدىسى قىلغانغا ئوخشاش بولۇپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ بىر تەكبىر ئېيتىپ سەجدىگە بارىدۇ ۋە ئاللاھقا ھەمد ۋە تەسبىھ ئېيتىدۇ. يەنە بىر تەكبىر ئېيتىپ بېشىنى كۆتۈرىدۇ» دەيدۇ. بۇلارنىڭ قولىنى كۆتۈرۈش، تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇش ۋە سالام بېرىشتە ئوخشىمىغان قاراشلىرى بار. بەزى ئالىملار: «شۈكۈر سەجدىسى بىلەن بىللە سەدىقە بەرسە ھەم نەپلە ناماز ئوقۇسا ياكى شۈكۈر سەجدىسى ئورنىغا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا ياخشى» دەپ قارايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ نەزەرىدە بۇ خىل سەجدە قىلىش مەكرۇھ بولۇپ، ئۇنى قىلمىغان تۈزۈك. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 24/245 – 249، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.
شېپىلىك ھەققى، شۇفئەت (الشُّفْعَةُ): ئەرەبچىدە «جۈپلۈك، قوشنىلىق، قوشۇش» دېگەنلىك بولۇپ، بىرنەرسىگە يەنە بىرنەرسىنى قوشۇش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. فىقھ ئىستىلاھىدا: قوشنىسىنىڭ ياكى شېرىكىنىڭ ئۆي، زېمىنىنى رازى بولسۇن ياكى بولمىسۇن سېتىلماقچى بولغان باھادا مەجبۇرىي سېتىۋېلىش ھەققىدۇر. بۇ ھەق ھەدىس شەرىفلەر ۋە ئىجماﺋ بىلەن ئىسپاتلانغان بولۇپ، بۇ ھەقنى تەلەپ قىلىش ياكى قىلماسلىق ھەقدارنىڭ ئىختىيارىدىدۇر. بۇ ھەقكە ئاساسەن، قوشنىنىڭ ئۆي – زېمىنى ياكى شېرىكنىڭ نېسىۋىسى سېتىلماقچى بولسا، ئۇنى سېتىۋېلىشتا قوشنا ياكى شېرىك يات كىشىلەردىن ھەقلىق بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ھەقنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبى سېتىلغۇسى مۈلۈكنىڭ قوشنىدارچىلىق سەۋەبلىك تۇتاش ياكى شېرىكچىلىك نۇقتىسىدىن ئورتاق بولغانلىقىدۇر. بۇ تۈزۈم ئارقىلىق شەرىئەت ياقتۇرۇلمايدىغان قوشنىدارچىلىق ياكى شېرىكچىلىكتىن تۇغۇلغۇسى ئۇزۇن مۇددەتلىك زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆزلىگەن. ساتقۇچىنىڭ مەنپەئەتى بولسا ھەر ئىككى ئەھۋالدا قوغدالغاندۇر. قاراڭ: ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 2/44؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 26/136 – 138، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.
شىشىخال: ئى. [فارسچە: شىش + خال/ ئالتە + چېكىت] بىر خىل قىمار ئەسۋابى. سۆڭەك، چاقچۇق، ياغاچ ياكى پلاستىك قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ. كۇب شەكلىدە بولۇپ، ئالتە يېقىغا رەت بويىچە 1، 2، 3، 4، 5، 6 دانىدىن قىلىپ رەڭلىك چېكىتلەر ئويۇلغان بولىدۇ. قاراڭ: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 3/846.
غايەتۇل مەرام (‹ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام› ھەدىسلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەخرىج قىلىش/غَايَةُ المَرَامِ فِي تَخْرِيجِ أَحَادِيثِ الْحَلاَلِ وَالْحَرَامِ): مەرھۇم شەيخ مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئالبانىي تەرىپىدىن ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىينىڭ «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» ناملىق ئەسەرىدە كەلتۈرۈلگەن ھەدىسلەرنىڭ (500 ئەتراپىدا) سەنەدلىرىگە باھا بېرىپ، 1980 – يىلى يازغان بىر توملۇق كىتابى بولۇپ، ئۇنى شامدىكى «ئەلمەكتەبۇل ئىسلامىي» نەشرىياتى قايتا – قايتا نەشر قىلغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 643 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
غەرىب ھەدىس (الْحَدِيْثُ الْغَرِيبُ): ئەرەبچىدە «يىراق، يات» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «يالغۇز بىر راۋىي رىۋايەت قىلغان ھەدىس بولۇپ، باشقىلار رىۋايەت قىلىپ باقمىغان بىر پۈتۈن ھەدىسكىمۇ، بىر ھەدىسنىڭ مەلۇم قىسمىغىمۇ قوللىنىلىدۇ. بۇ تۈرلۈك ھەدىسنى بەزى مۇھەددىسلەر يەنە يالغۇز ۋە يېگانە مەنىسىدە «ئەلفەرد/الْفَرْدُ» دەپمۇ ئاتىشىدۇ. گاھىدا بىرقانچە راۋىينىڭ رىۋايەت قىلغانلىقى مەشھۇر بولغان بىر ھەدىسنى ئۇنى رىۋايەت قىلغانلىقى بىلىنمىگەن باشقا بىر راۋىي رىۋايەت قىلسىمۇ، ئۇ ھەدىس مەتىن جەھەتتىن ئەمەس، ئىسناد جەھەتتىن «غەرىب» دەپ ئاتىلىدۇ. «غەرىب ھەدىس» سەھىھ بولۇشىمۇ، ھەسەن بولۇشىمۇ، زەئىف بولۇشىمۇ مۇمكىن. كۆپىنچە زەئىف بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 563 – 566 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ الْعُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 1176 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.
فاسىد (الْفَاسِدُ): ئەرەبچىدە «بۇزۇق، ئىناۋەتسىز ۋە ناتوغرا» دېگەنلىك بولۇپ، فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا مەزھەبلەرگە قاراپ پەرقلىق ئىشلىتىلىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ئىبادەت ياكى توختاملاردىن ھېچبىر نەتىجىسى ۋۇجۇدقا چىقمايدىغان ئىناۋەتسىز بولغىنىدۇر. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بۇ ئاتالغۇ مەيلى مۇئامىلات مەسىلىلىرىدە بولسۇن، مەيلى ئىبادەت مەسىلىلىرىدە بولسۇن «ئىناۋەتسىز (الْبَاطِلُ)» بىلەن ئوخشاش. ھەنەفىي مەزھەبنىڭ قارىشىدا ئەسلى يوللۇق، ئەمما بىرەر سۈپىتى ناتوغرا بولغان ئىش بولۇپ، جازانە توختاملارمۇ ئۆسۈم سەۋەبلىك فاسىد توختاملار قاتارىدىندۇر. ئۆسۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، توختام توغرا بولۇپ كېتىدۇ. ھەنەفىي مەزھەبنىڭ قارىشىدا ھەجدىن باشقا ئىبادەت مەسىلىلىرىدە «فاسىد (الْفَاسِدُ)» بىلەن «ئىناۋەتسىز (الْبَاطِلُ)» ئوخشاش مەنىدە. ئۇلار «‹فاسىد (الْفَاسِدُ)›نى ‹ئىناۋەتسىز (الْبَاطِلُ)› بىلەن ‹سەھىھ (الصَّحِيْحُ)› ئوتتۇرىدا» دەپ قارايدۇ. لېكىن، ھەممەيلەن: «بۇ شەرىئەتتە چەكلەنگەن، ئۇنىڭغا تۇتۇش قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇنى بىكار قىلىۋېتىش كېرەك» دەپ قارايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 9/98، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1194 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.
فالۇزەج (فَالُوْذَج): ئۇن بىلەن ھەسەلدىن يۇغۇرۇلۇپ پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل ئېسىل تاتلىق تۈرمە. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 2/700، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425 / م. 2004.
فەتھۇلبارىي (فَتْحُ الْبَارِي بِشَرْحِ صَحِيحِ الْبُخَارِيِّ): ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس ۋە شافىئىي فەقىھ شىھابۇددىن ئەبۇلفەزل ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھەجەر ئەلئەسقەلانىي (ھ. 773 – 852 / م. 1371 – 1449) تەرىپىدىن ئىمام بۇخارىينىڭ «جامىئۇسسەھىھ»ىگە يېزىلغان مۇكەممەل شەرھ بولۇپ، مۇئەللىف ئۇنى 25 يىلدا (ھ. 817 – 842 / م. 1414 – 1439) تاماملىغان. مۇئەللىف مەزكۇر شەرھنى يېزىشتا ئىلگىرىكى شەرھلەرنى خۇلاسىلىگەن ۋە ئۆزىدىن بۇرۇنقى 1200 ئەسەردىن پايدىلانغان. ئالدى بىلەن ئەسەرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ۋە ئىلمىي پىلانىنى بايان قىلىپ «ھۇدەسسارىي» نامىدا بىر مۇقەددىمە يازغان. ئاندىن ھەربىر ھەدىسنى ئىزاھلاشقا باشلاپ، ئالىملار ئىتتىپاق قىلغان ياكى قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەرنى فىقھىي تەتقىقات ۋە تەرجىھلىرى بىلەن بايان قىلغان. «سەھىھۇل بۇخارىي»نىڭ قوليازما نۇسخىلىرىدىكى ۋە ئاغزاكى رىۋايەتلىرىدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇرغان. ئۆزى كەلتۈرگەن ھەدىسلەرگە سەھىھلىك جەھەتتىن باھا بەرگەن. ئەقىدە، تەفسىر، ھەدىس، فىقھ، تارىخ، تىل، قىرائەت، ئەدەبىيات، تېبابەت ۋە باشقا تۈرلۈك ئىلىملەرگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە چوڭقۇر ۋە قىممەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. ھەر بۆلۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇ بۆلۈمدىكى ھەدىسلەرنىڭ ئىمام مۇسلىمنىڭمۇ ھەم «جامىئۇسسەھىھ»ىدە رىۋايەت قىلغىنى، تەكرارلانغىنى ۋە ئومۇمىي سانىنى بايان قىلىپ خاتىمە يازغان. ئەسەرنىڭ ئىسمى ئىمام زەينۇددىن ئىبنى رەجەب ئەلباغدادىي (ھ. 736 – 795 / م. 1336 – 1393) نىڭ شۇ نامدا تاماملىيالمىغان بىر ئەسەرىگە ۋە مۇئەللىف ھافىز ئىبنى ھەجەرنىڭ ئۇستازى مەجدۇددىن فەيروزئابادىي (ھ. 729 – 817 / م. 1329 – 1415) نىڭ قەلىمىگە ئائىت شۇ ناملىق ئەسەرىگە ئىشارە سۈپىتىدە «فەتھۇلبارىي» دەپ ئاتالغان. ئەڭ سۈپەتلىك نەشرى 1958 – يىلى شەيخ مۇھىببۇددىن خەتىب (ھ. 1305 – 1389 / م. 1886 – 1969) تەرىپىدىن تەييارلىنىپ 1959 – يىلى قاھىرەدە «ئەلمەكتەبەتۇسسەلەفىييە» تەرىپىدىن 12 تومدا بېسىلغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 642 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
فەدەك (فَدَكٌ): مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن ئىككى – ئۈچ كۈنلۈك (120 كىلومېتىر ئەتراپىدا) يىراقلىقتىكى تۇپرىقى مۇنبەت، بۇلاقلىق بىر ۋاھە بولۇپ، بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى خەيبەرنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ھائىت رايونىدىكى ھائىل ۋىلايىتىگە تەۋەدۇر. ئۇ جايدا پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا يەھۇدىيلەر تۇرىدىغان بولۇپ، ھ. 7 – يىلى خەيبەر فەتھ قىلىنغان ھامان ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلەر پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. قاراڭ: ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «مۇئجەمۇل بۇلدان (مُعْجَمُ البُلْدانِ)»، 4/238.
فەرەق (الْفَرَقُ): سۆزلۈكتە «ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش» مەنىسىدىكى فەرق/ پەرق تومۇرىدىن كەلگەن ئەرەبچە بىر ئىسىم بولۇپ، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ھىجاز، يەمەن ۋە مىسسوپوتامىيەدە سۇ، ھەسەل، سۈت ۋە ئاشلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەجم / سىغىمىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بىرلىكىدۇر. ھەدىسلەردە كەلگەن، پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ دەۋرىدە مەدىنەدە قوللىنىلغان فەرەق «شەرئىي فەرەق» ياكى «مەدىنە فەرەقى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بەزى ھەدىسلەردە بېرىلگەن يىپ ئۇچلىرى ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئاساسەن، بىر فەرەق 3 ساﺋ ياكى 12 مۇد ۋەياكى 16 رىتلغا، يەنى تەخمىنەن 8.26 لىتىر سۇ، 6.5 كىلوگرام ئاشلىققا تەڭدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، «فەرەق» ماددىسى، (تۈركچە) 12/164 – 165، ئىستانبۇل، م. 1995؛ دوكتور ئەلى جۇمۇئە: «المكاييل والموازين الشرعية (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 45 – بەت، دارۇلقۇدۇس، قاھىرە، م. 2021.
فەرسەخ/فەرسەنگ (الْفَرْسَخُ/پرسنگ): ئەسلى «ئارام ئالماق، جىمىماق، ئارىلىق، بىر مۇددەت ۋاقىت ۋە مۇساپە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان فارسچە «پرسنگ» كەلىمەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۈچ مىل ياكى 12 مىڭ گەزگە يەنى 5565 مېتىرغا باراۋەر كېلىدىغان قەدىمكى ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمىدۇر. ئادەتتە (ئاتلىق) يولۇچى شۇنچىلىك مۇساپىنى ماڭغاندىن كېيىن بىر ئارام ئالىدىغان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. قاراڭ: جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 3/44، دارۇ سادەر، بېيرۇت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 38/321، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.
فەرﺋ (الْفَرْعُ): ئەرەبچىدە «بىرنەرسىنىڭ يۇقىرى قىسمى، يەنى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىن (يىلتىزىدىن) ئۆرلەپ چىققان شاخ» دېمەكتۇر. فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «قىياس قىلىنىدىغان ھۆكۈم (ئورتاق جەملەيدىغان بىر سۈپەت بولغانلىقتىن) ئۆتىدىغان (قىياس قىلىنغۇچى) شەيئىنى؛ ئاتا – بوۋىغا نىسبەتەن پەرزەنتنى؛ تۈپ مەسىلىدىن شاخلاپ چىققان فىقھىي مەسىلە»نى كۆرسىتىدۇ. كۆپلۈكى فۇرۇﺋ ۋە فۇرۇئات (الفُرُوعُ، الفُرُوعاتُ) تۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 32/98، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1205- بەت، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ، ﺭﯨﻴﺎﺩ، ﻡ. 2017.
فەمىي بىشەۋق (فمي بشوق): سەلەف سالىھلەرنىڭ «قۇرئان»نى تامام قىلىش ئادىتى بىر – بىرىدىن پەرقلىنەتتى. نۇرغۇنلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ھەر يەتتە كۈندە بىر قېتىم تاماملايتتى. «ئاغزىم ئىشتىياق بىلەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بۇ جۈملە ساھابە كىراملاردىن بەزىلىرىنىڭ «قۇرئان»نى يەتتە كۈنگە بۆلۈپ، ھەپتىدە بىر خەتم قىلىش ئۇسلۇبىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ھەربىر ھەرپ كۈندىلىك تىلاۋەت ۋەزىپىسى باشلىنىدىغان سۈرىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ تەرىقىدە «قۇرئان» مۇنداق يەتتە «مەنزىل»گە بۆلۈنىدۇ:
بىرىنچى كۈنى «ف» يەنى 1/«فاتىھە»دىن باشلاپ 4/«نىساﺋ»نىڭ ئاخىرىغىچە؛
ئىككىنچى كۈنى «مىم» يەنى 3/«مائىدە»دىن باشلاپ 9/«تەۋبە»نىڭ ئاخىرىغىچە؛
ئۈچىنچى كۈنى «يا» يەنى 10/«يۇنۇس»تىن باشلاپ 16/«نەھل»نىڭ ئاخىرىغىچە؛
تۆرتىنچى كۈنى «بە» يەنى 17/«بەنى ئىسرائىل (ئىسراﺋ)»دىن باشلاپ 25/«فۇرقان»نىڭ ئاخىرىغىچە؛
بەشىنچى كۈنى «شىين» يەنى 26/«شۇئەراﺋ»دىن 36/«ياسىن»نىڭ ئاخىرىغىچە؛
ئالتىنچى كۈنى «ۋاۋ» يەنى «ۋەسساففات (37/«ساففات»)»تىن 49/«ھۇجۇرات»نىڭ ئاخىرىغىچە؛
يەتتىنچى كۈنى «قاف» يەنى 50/«قاف»تىن 114/«ناس»نىڭ ئاخىرىغىچە.
قاراڭ: مۇھەممەد ئەمىمۇل ئېھسان ئەلبەركەتىي: «قەۋائىدۇلفىقھ»، 218 – بەت، سەدەف نەشرىياتى، كاراچى، م. 1986؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ لۇغىتى قامۇسى)»، 461 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996؛ ئەمر سۈبھى ئەششەرقاۋىي: «قۇرئانغا تەلپۈنگەن يۈرەك»، ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇرراززاق رەجەب، «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»، 74 – بەت.
فۇرۇئات ئىلمى (عِلْمُ الفُرُوْعُ): فۇرۇئات كەلىمەسى ئەرەبچىدە «ئەسلى (يىلتىزى) دىن ئۆرلەپ چىققان شاخلار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «ئەمەلگە ئالاقىدار شەرئىي ئەھكاملارنى تەپسىلىي دەلىللىرىدىن بىلىش كۆزلىنىدىغان، دىننىڭ ئەسلى (ئۇسۇلۇددىن) بولمىش تەۋھىد ۋە ئەقىدە ئۈستىگە قۇرۇلغان ‹فىقھ ئىلمى (عِلْمُ الْفِقْهِ)› دەپ تونۇلغان ئىلىم»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 32/98، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ سىددىق ھەسەنخان ئەلقىننەۋجىي: «أبجد العلوم (ئەبجەدۇل ئۇلۇم)»، 2/329، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت.
فىتنە (الْفِتْنَةُ): ئەرەبچىدە: «ئېغىر سىناق، ئىمتىھان، مەپتۇن بولماق، تېڭىرقىماق، تاۋلىماق ۋە كۆيدۈرمەك» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «ئىنساننىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان سىناق، جۈملىدىن ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنى تۈرلۈك نېئمەت ياكى بالا – مۇسىبەت، مال – دۇنيا ياكى پەرزەنتلەر بىلەن تاۋلىشى؛ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا ئىختىلاپلىشىشى، مالىمانچىلىقى، ئۇرۇشۇشلىرى، توغرا يولدىن توسۇلۇشى، ئازدۇرۇلۇشى، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيالماسلىقى؛ شىرك، كۇفۇر، نىفاق، گۇناھ – مەئسىيەت، شۇنداقلا ھايات – ماماتلىق سىنىقى، مەسىھ دەججال سىنىقى، قەبر سىنىقى قاتارلىق ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن سىناقلار»دىن ئىبارەتتۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 2/673، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425 / م. 2004؛ ئەبۇلبەقاﺋ ئەييۇب ئەلكەفەۋىي: «ئەلكۇللىييات»، 1097 – بەت، ئەدنان دەرۋىش، مۇھەممەد ئەلمىسرىيلەر نەشرگە تەييارلىغان، مۇئەسسەسەتۇررىسالە، بېيرۇت، ھ. 1419 / م. 1998؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 1199 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.
فىديە (الْفِدْيَةُ/الْفِدَاءُ): ئەرەبچىدە: «ئەسىرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قۇربان قىلىنىدىغان جان ۋە مال» دېگەن مەنادا بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «بەندە دۇچار بولغان بىرەر يامان ئاقىۋەتتىن ئۆزىنى خالاس قىلىدىغان بەدەل»دۇر. مەسىلەن، دۈشمەن قولىغا چۈشكەن ئەسىرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بېرىلگەن ماددىي تۆلەم ياكى ئالماشتۇرۇلغان ئەسىر؛ كېسەللىك ياكى ياشانغانلىق سەۋەبلىك روزا تۇتالماسلىق، شۇنداقلا ئىھراملىق ھالەتتە چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىپ سالغانلىق ئۈچۈن ئادا قىلىنىدىغان مىسكىنگە تاماق بېرىش، روزا تۇتۇش ۋە قان قىلىشلار؛ ھەج تەمەتتۇﺋ ۋە ھەج قىراندا ۋاجىب بولىدىغان قۇربانلىق ياكى روزا تۇتۇش؛ ھەج بىلەن ئۆمرەدە بىرەر ۋاجىبنى تەرك قىلغانلىق ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىق ياكى روزا تۇتۇش؛ ئەر – ئايال ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورققاندا، خوتۇننىڭ خېتىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېرىگە بېرىدىغان مال قاتارلىقلار». قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 65/32 – 73، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.
فىراسەت (الفِرَاسَةُ): ئەرەبچىدە «سىنچىلاپ قارىماق، پەملىمەك، بايقىماق، مۇلاھىزە قىلماق ۋە ئىچكى ئەھۋالنى بىلمەك» دېگەن مەنالارنى بىلدۈرىدۇ. ئىستىلاھتا ئىنساننىڭ تەقى – تۇرقى، چىراي شەكلى، رەڭگىرويى ۋە سۆز – ھەرىكەتلىرىگە قاراپ، ئەخلاق – پەزىلىتى ۋە خۇي – مىجەزلىرىنى پەملەش ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 6/159، دارۇ سادەر، بېيرۇت؛ «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 2/681، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425 / م. 2004؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1072 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424 / م. 2003.
فىرئەۋن (فِرْعَوْنُ): قەدىمكى مىسىر پادىشاھلىرىنىڭ نامىدۇر. بۇ يەردە مۇسا ئەلەيھىسسالام زامانىدىكى فىرئەۋن كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 264 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022.
فىسق/فىسقۇفۇجۇر (الْفِسْقُ/الْفِسْقُ وَالْفُجُورُ): ئەرەبچىدە «بىرنەرسىنىڭ بىرنەرسىدىن بۇزۇقلۇق بىلەن چىقىشى؛ ھەق يولدىن، دىندىن ۋە ئىتائەتتىن چىقىش» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، شەرىئەتتە: «تەئۋىل قىلماستىن قەستەن چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلىش ۋە كىچىك گۇناھلارنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا، فىسق بەزىدە كۇفۇر ۋە شىركنى، بەزىدە باشقا گۇناھنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋەجدىن ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان مۇسۇلمان كىشىگە، شۇنداقلا كەڭرەك مەنىدە ئېيتقاندا كۇفۇرلۇق بىلەن ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان كافىرغىمۇ «فاسىق» دېيىلىدۇ. لېكىن، كۆپىنچە شەرىئەتنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن ئاندىن جىمى ياكى قىسمەن ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلمىغان ئاسىي مۇسۇلمان كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قاراڭ: قازى ئابدۇرەبىننەبىي ئەھمەدنەگەرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ (دستور العلماء/جامع العلوم في اصطلاحات الفنون)»، 3/22، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، ھ. 1421 / م. 2000؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1209 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 32/140، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.
فىقھ/فىقھ ئىلمى (عِلْمُ الْفِقْهِ): ئەرەبچىدە «چۈشەنمەك، چۈشىنىپ يەتمەك ۋە بىلمەك» دېگەنلىك بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «ئەمەلگە ئالاقىدار شەرئىي ئەھكاملارنى تەپسىلىي دەلىللىرى بولمىش ‹قۇرئان كەرىم›، سۈننەت، ئىجماﺋ ۋە قىياس ئارقىلىق بىلىش كۆزلىنىدىغان ئىلىم»نى كۆرسىتىدۇ. «شەرئىي ئەھكاملار» شەرئىي ھۆكۈمنىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەردىن قىلىشنى ياكى تەرك ئېتىشنى تەلەپ قىلغان ياكى ئىختىيارلىقنى بەرگەن ۋاجىبلىق، ھاراملىق، مۇستەھەبلىك، مەكرۇھلۇق ۋە مۇباھلىقتىن ئىبارەت خىتابىدۇر. بۇ ۋەجدىن فىقھ مۇكەللەفنىڭ ھاياتنىڭ جىمى ساھەلىرىدىكى بارلىق قىلىم – ئېتىملىرىنى شەرئىي ھۆكۈم بىلەن ئەمەلىي ئەھۋالنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىش ئاساسىدا «بۇيرۇلغان ئىش/ۋاجىب، مۇستەھەب» ياكى «چەكلەنگەن ئىش/ھارام، مەكرۇھ» ياكى «ئىختىيارلىق بېرىلگەن ئىش/مۇباھ» دەپ سۈپەتلەيدۇ. فىقھ ئىلمى دىننىڭ ئەسلىسى بولمىش تەۋھىد ۋە ئەقىدە ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچقا، «فۇرۇئات ئىلمى (عِلْمُ الفُرُوْعِ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 32/193، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ سىددىق ھەسەنخان ئەلقىننەۋجىي: «أبجد العلوم (ئەبجەدۇل ئۇلۇم)»، 2/329، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «موسوعة التشريع الإسلامي (ئىسلام قانۇنى چىقىرىش ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 258 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى»، قاهىرە، م. 2006.