ئىسلامىي ئاتالغۇلار

ئىسلامىي ئاتالغۇلار(2)

پانچاسىلا ( المبادئ الخمسة/Pancasila): ھىندونېزىيە مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئەھمەد سوكارنو تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ھىندونېزىيەنىڭ مىللىي ئىدېئولوگىيەسى بولۇپ، سانسىكرىتچە «بەش پرىنسىپ» دېگەن مەنىدىكى پانچاسىلانىڭ بىر – بىرىدىن ئايرىلماس بەش مەزمۇنى: تەڭرى بىر، ئادىل ۋە زامانىۋى جەمئىيەت، بىر ھىندونېزىيە، دېموكراتىيە ۋە ئىجتىمائىي ئادالەت پرىنسىپلىرىدۇر.

پەرز (الْفَرْضُ): ئەرەبچىدە «كەسمەك، بېكىتمەك ۋە ۋاجىب قىلماق» مەنىسىدە بولۇپ، فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىدا: «ئاللاھ تائالا بەندىدىن چوقۇم ئورۇندىشىنى تەلەپ قىلغان ئىش – ھەرىكەت»تۇر. بەندە ئۇنى ئادا قىلسا، ساۋاب تاپىدۇ. ئادا قىلمىسا، جازاغا ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇش ۋە زاكاتنى ئادا قىلىش. كۆپچىلىك فۇقەھائنىڭ نەزەرىدە پەرز بىلەن ۋاجىب مەنىداش. ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا پەرز قىلچە ئېھتىماللىقى يوق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغان ئىشقا خاس بولۇپ، ئۇنىڭدىن تانغۇچى كافىر بولىدۇ. ۋاجىب ئازراق بولسىمۇ ئېھتىماللىقى بار دەلىل بىلەن ئىسپاتلانغان ئىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن تانغۇچى كافىر بولمايدۇ. ئەمما، ھەممەيلەننىڭ قارىشىدا ئەمەل قىلىش كېرەكلىكتە بۇ ئىككى ئاتالغۇ ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق. فۇقەھائ‍ يەنە پەرز ئاتالغۇسىنى بىر ئىشنىڭ ئاساسلىق قىسمى (رۇكن) غىمۇ قوللىنىدۇ. مەسىلەن، تاھارەتنىڭ پەزرلىرى، نامازنىڭ پەزرلىرى. پەرز بەلگىلەنگەن ئىشنىڭ تەبىئىتىگە قاراپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ: پەرز ئەين ۋە پەرز كۇپايە. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 23/110، كۇۋەيت ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1074 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

پەرز ئەين (فَرْضُ عَيْنٍ): ناماز ۋە زاكاتقا ئوخشاش ھەربىر كىشى ئۆزى چوقۇم ئورۇندىشى كېرەك بولغان، ئۆزى ئادا قىلغاندىلا گەدىنىدىن ساقىت بولىدىغان، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرى ئادا قىلىپ قويسا بولمايدىغان پەرز.

پەرز كۇپايە (فَرْضُ كِفَايَةٍ): چوقۇم ئادا قىلىنىشى كېرەك بولغان، بىر قىسىم كىشىلەر ئادا قىلسا، باشقىلاردىن ساقىت بولىدىغان، ھېچكىم تەرىپىدىن ئادا قىلىنمىسا، ھەممە گۇناھكار بولىدىغان پەرزلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: مېيىتنى يۇيۇپ – تاراپ، نامىزىنى چۈشۈرۈش، ئەمرىمەرۇپ ۋە نەھيىمۇنكەر مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، تۈرلۈك ئىلىملەرنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش قاتارلىقلار. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 2 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

پەيغەمبەرلىك مۆھۈرى/نۇبۇۋۋەت مۆھۈرى (خَاتَمِ النُّبُوَّةِ): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك ئىككى تاغىقى ئارىسىدا سول تاغىقىغا يېقىنراق، قاپىرىپ چىققان، كەپتەر ياكى كەكلىك تۇخۇمى ياكى تۈگمە ياكى چوڭراق مەڭ ھەجمىدە كېلىدىغان قىزغۇچ ئۆسمە گۆش شەكلىدىكى ئىز بولۇپ، بۇ مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ ۋە ئۇ زاتتىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدىغانلىقىنىڭ بىر بەلگە/نىشانەسى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئەھلى كىتاب بۇ بەلگىنى ئۆز كىتابلىرىدا ۋەدە قىلىنغان تۈگەنجى پەيغەمبەرنىڭ سۈپەتلىرى قاتارىدا بىلگەچكە، ئۇنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنى كۆرۈشكە تىرىشقان. ساھابە كىراملارمۇ بۇ نىشانەنى كۆرگەن. بۇ مۆھۈرگە ئالاقىدار بەزىبىر تەپسىلاتلار سەھىھ ھەدىسلەردە ۋە سىيرەت مەنبەلىرىدە بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۇغما ياكى ئۇندىن كېيىن پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇد. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 6/561 – 563؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «نۇبۇۋۋەت مۆھۈرى» ماددىسى، 33/291 – 293. ئىستانبۇل، (قىسقارتىلدى)، م. 2007.

پروتېستانت مەزھەبى (Protestantism ): 16 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن گېرمانىيەلىك پوپ مارتېن لۇتېر Martin Luther (م. 1483 – 1546) باشچىلىقىدا بەرپا قىلىنغان چېركاۋغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ مەزھەبى بولۇپ، خرىستىيان دىنىنىڭ ئىككىنچى چوڭ مەزھەبىدۇر. بۇلار كاتولىك پاپالىرىنىڭ كۆڭۈلنى ئېلىشتۈرىدىغان قىلىقلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كاتولىك چېركاۋلىرىدىن ئايرىلىپ چىققان. ئەگەشكۈچىلىرى دۇنيادا 360 مىليون ئەتراپىدىدۇر. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدا ياشايدىغان بولۇپ، ئۆز ئىچىدە يەتتە ئېقىمغا بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىدا، خرىستىيانلىقنىڭ مەنبەسى (پاپالىق كېڭىشى ئەمەس) پەقەت مۇقەددەس كىتابتۇر، ‹مەغفىرەت چېكى› ئالدامچىلىقتۇر، پوپلارنىڭ ئۆيلىنىشى ۋاجىبتۇر. خرىستىيانلارنىڭ «بىر ئىلاھقا مەركەزلەشكەن ئۈچ ئىلاھ» ئەقىدىسىنى ئىزاھلاشتا شىرك ئېتىقادى كاتولىكلارغا قارىغاندا پروتېستانتلاردا سەل يەڭگىل. بۇلار ئەسلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تەۋھىدكە مايىل ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، كېيىنچە خرىستىيانلارنىڭ بېسىمى ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالماي، شىرك بىلەن كۇفۇرغا پاتقان. قاراڭ: ناسىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلقىفارىي، «الْمُوْجَزُ فِي الْأَدْيَانِ وَالْمَذَاهِبِ الْمُعَاصِرَةِ (ھازىرقى زامان دىن ۋە مەزھەبلىرى توغرىسىدا قىسقىچە بايان)»، 76، 77 – بەتلەر، دارۇسسۈمەيئىي، رىياد، ھ. 1413/م. 1992.

پۈتكۈل ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى ياكى مۇسۇلمان لىگى (اتحادیه مسلمانان تمامی هند/رابطة مسلمي عموم الهند /All-India Muslim League): 1906 – يىلى بېرىتانىيە ھىندىستانىدا قۇرۇلغان بىر سىياسىي پارتىيە بولۇپ، بۇ پارتىيەنىڭ پاكىستان نامىدا ئايرىم ئىسلام مىللىي ھۆكۈمىتى قۇرۇشىنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىشى نەتىجىسىدە 1947 – يىلى بېرىتانىيە ھىندىستانىنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

پۈتۈشۈۋېلىنغان تەۋەررۇق (التَّوَرُّقُ الْمَصْرَفِيُّ/Monetization/ Tawarruq): بۇ بولسا نەقد پۇلغا ئېھتىياجى بار كىشى بانكىدىن بىرەر تاۋارنى مۇرابەھە ياكى نورمال سودا كېلىشىمى بىلەن نېسى سېتىۋېلىپ، ئۇ تاۋارنى باشقا بىرىگە نەقد سېتىشتا بانكىنى ۋەكىل قىلىپ نەقد پۇلغا ئېرىشىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ خىل تەۋەررۇقنىڭ ماھىيىتى ھىيلە قىلىنغان جازانەلىك سودا شەكلىنى پەيدا قىلىپ ئۆسۈملۈك قەرز بېرىشتىن ئىبارەت بولغاچقا، بۇ ئىينە سودىسىغا يېقىن، ھەتتا ئىينە سودىسىنىڭ مۇرەككەپ ۋارىيانتى ياكى ئارىغا ئۈچىنچى بىر شەخس كىرگۈزۈلگەن شەكلىدۇر. شۇڭا، ئالىملار ۋە فىقھىي كومىتېتلار بۇ خىل تەۋەررۇق سودىسىنى ھارام دەپ كېسىۋەتكەن. چۈنكى، بۇمۇ ئېنىقلا مەبلەغكە ئېھتىياجى بارلارنىڭ مۇرابەھە نامىدا تۇتىدىغان يولىدۇر. قاراڭ: «ئىسلام مالىيە مۇئەسسەسەلىرى ھېسابات ۋە تەپتىش ھەيئىتى (AAOIFI)»: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، 30 – شەرئىي ئۆلچەم. 767 – بەت؛ دكتور عبد الله محمد السعيدي: «التورق كما تجريه المصارف في الوقت الحاضر»، 2 /522: أعمال وبحوث الدورة السابعة عشرة للمجمع الفقهي، رابطة العالم الإسلامي – مكة المكرمة، في الفترة من 19-23/10/ 1424هـ الموافقة لـ 13-17/12/2003م؛ دكتور علي السالوس: «العينة والتورق والتورق المصرفي»، 2/488.

پېئىلىي سۈننەت (السُّنَّةُ الْفِعْلِيَّةُ): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىدىن ئىبارەتتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 25/266، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

تابىئىي (التَّابِعِيُّ): ئەرەبچىدە: «ئەگەشكۈچى ۋە ئىزىدىن ماڭغۇچى» دېگەنلىكتۇر. مۇھەددىسلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ نەزەرىدە: «ھەدىس ئاڭلىمىغان بولسىمۇ، ئاق – قارىنى پەرق ئېتىدىغان ياشتا ساھابە بىلەن ئۇچراشقان ۋە مۇسۇلمان ھالەتتە دۇنيادىن كەتكەن كىشى»نى كۆرسىتىدۇ. كۆپلۈكى تابىئىن (التَّابِعُوْنَ) دۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا «قۇرئان كەرىم» (9/«تەۋبە»: 100) دە ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ، بۇ نامنى ئۆزى بەرگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئۇلار ھەققىدە: «كىشىلەرنىڭ ياخشىسى مېنىڭ دەۋرىمدىكىلەردۇر، ئۇندىن قالسا ئۇلاردىن كېيىن كېلىدىغانلار، ئۇندىن قالسا ئۇلاردىن كېيىن كېلىدىغانلاردۇر» دېگەن («سەھىھەين»). بەزى ئالىملار ئۇلارنى ساھابە كىراملار بىلەن ئاز ياكى كۆپ ھەمراھ بولۇشى ۋە ئۇلاردىن كەلتۈرگەن ھەدىس رىۋايەتلىرىنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە قاراپ ئۈچ تەبىقىگە ئايرىيدۇ. تابىئىندىن ئەڭ دەسلەپ دۇنيادىن كەتكىنى مەئمەر ئىبنى زەيد ھ. 30 – يىلى خۇراساندا ۋاپات بولغان بولسا، ئەڭ ئاخىرقىسى ھ. 181 – يىلى يۈز ياشتىن ئېشىپ ۋاپات بولغان خەلەف ئىبنى خەلىفەدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 321 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

تارسۇس (طَرْسُوْس/Tarsus): ئاق دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان، بۈگۈنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان مەرسىن ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەردۇر.

تاغۇت (الطَّاغُوتُ): ئەرەبچىدە «ئىسياتكارلىقتا ھەددىدىن ئاشماق، چوڭچىلىق قىلماق مەنىسىدىكى ‹الطّغْيانُ› كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن» بولۇپ، ئەقىدە ۋە قۇرئان ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: «ئاللاھقا چوڭچىلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئورنىدا ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلىنغان ئىنسان، شەيتان، بۇت قاتارلىق ھەرقانداق نەرسە». تاغۇتلۇق سۈپەت ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرىدىغان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدىغان ۋە ھۆكمىنى رەت قىلىپ شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىگە قارشىلىق، توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسىدە تېپىلىدۇ. دېمەك، ئاللاھ ۋە رەسۇلىدىن باشقا ھۆكمى قوبۇل قىلىنىدىغان ياكى قارىغۇلارچە ئەگىشىپ، ئىتائەت قىلىدىغان، بەندىچىلىك ھەددىدىن ئېشىپ، ئۆزىگە ئىلاھلىق ۋە پەرۋەردىگارلىق سۈپەتلەرنى دەۋا قىلىدىغان، توغرا يولدىن بۇرۇۋەتكۈچى رەھبەر، داھىي، گۇرۇھ، كاھىن، پالچى، سېھرىگەر، شەيتان، ئىنس – جىنلار ۋە تۈزۈملەر تاغۇت دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇ ۋەجدىن تاغۇتنى ئېتىراپ قىلماسلىق، ئۇنىڭدىن ئادا – جۇدا بولۇش ۋە ئۇنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى ئېتىقاد قىلىش ئىماننىڭ مەھكەم تۇتقۇلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي يىراق تۇرۇش ساغلام ئىماننىڭ تەقەززاسىدۇر. ھەقتائالا: ﴿كىمكى تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 256) دېگەن. قاراڭ: تەبەرىي: «تەفسىرۇ تەبەرىي»، 4/558؛ ئەرراغىب ئەلئەسبەھانىي: «ئەلمۇفرەدات»، 520 – بەت؛ مەۋدۇدىي: «الْمُصْطَلَحَاتُ الْأَرْبَعَةُ فِي الْقُرْآنِ (قۇرئاندىكى تۆت ئىستىلاھ/تېرمىن)»، 50، 63 – بەتلەر؛ شەيخ مۇھەممەد غەززالىي: «نَحْوَ تَفْسِيْرٍ مَوْضُوْعِيٍّ (مەۋزۇئىي/تېماتىكىلىق تەفسىرگە يۈزلىنىش)»، 4/558.

تاۋلە (الطَّاوِلَة/Tavla): قاراڭ: نەردەشىر ياكى نەرد (النَّرْدَشِيرُ/النَّرْدُ).

تائىف (الطَّائِفُ): ھىجازدىكى مەشھۇر شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ، مەككە مۇكەررەمەنىڭ 75 كىلومېتر شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ھاۋاسى ياخشى، باغ – بوستانلىق، ئەتراپى تاغلار بىلەن قورشالغان، دېڭىز يۈزىدىن 1630 مېتىر ئېگىز بولغان بىر شەھەردۇر.

تائىف غازىتى (غَزْوَةُ الطَّائِفِ): ھ. 8 – يىلى شەۋۋال/م. 630 – يىلى فېۋرالدا رەسۇلۇللاھ ۋە مۇسۇلمانلار ھۇنەين غازىتىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، قاچقان مەغلۇب ھەۋازىنلىكلەرنى قوغلاپ تائىفقا بېرىپ بىر ئايغا يېقىن قورشاۋغا ئېلىپ ساقلاپ بېقىپ كېيىن قايتىپ كەتكەن. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 591 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

تەبەررۈك (التَّبَرُّكُ): ئەرەبچىدە «بەرىكەت تىلەش» دېگەنلىكتۇر. ئەقىدە ۋە فىقھ ئىستىلاھىدا: «ئىلاھىي خەيرلىكنىڭ بىرنەرسىدە ئىسپاتلىنىشى»دىن ئىبارەت. بەرىكەت رىزق ۋە ھىدايەت قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا ئاللاھتىن كېلىدۇ. بۇ ئايەتلەر بىلەن ئىسپاتلانغان ئەقىدەدۇر. ھەدىس شەرىفتىمۇ «بەرىكەت ئاللاھتىن» دېيىلگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزى مۇبارەك زات بولغاچقا، ئالىملار بىردەك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ۋە ئۇ زاتقا تەۋە نەرسىلەرنى تەبەررۈك قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. تارىخ ۋە سىيرەت كىتابلىرىدا ساھابە كىراملارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ۋە ئۇ زاتقا تەۋە نەرسىلەرنى تەبەررۈك بىلگەنلىكى ھەققىدىكى ھەدىسلەر نۇرغۇندۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 10/69 – 70، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

تەبۇك غازىتى (غَزْوَةُ تَبُوكَ): ھ. 9 – يىلى رەجەب/م. 630 – يىلى ئۆكتەبىردە ھەزرىتى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋىزانتىيەلىكلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان غازىتى. بۇ غازاتنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ۋىزانتىيەلىكلەر «مۇئتە» غازىتىدىن كېيىن ئۆزلىرىگە تەۋە خرىستىيان ئەرەبلەرنىڭ مۇستەقىللىققا بولغان ئىنتىلىشىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭى كۈچىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ جەڭگە تەييارلىنىپ زور قوشۇن تەييارلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ رەسۇلۇللاھقا يېتىپ كېلىشىدۇر. ھەزرىتى رەسۇلۇللاھ ۋىزانتىيەلىكلەر تەۋەلىكىدىكى ئىئوردانىيەگە يېقىن «تەبۇك» (ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا) دېگەن جايغا 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن بېرىپ 20 كۈن دۈشمەننى كۈتۈپ قايتقان. بۇ غازاتقا شۇ چاغدىكى ئىنتايىن قىيىن ئىقتىسادىي شارائىتتا ئاتلانغان بولغاچقا، بۇ غازات «قىيىنچىلىق پەيتى(9/«تەۋبە»: 117) غازىتى» دەپمۇ ئاتالغان. مۇسۇلمانلار قوشۇنى تەبۇكقا بارغاندا رۇم ۋە خرىستىيان ئەرەبلەرنىڭ قوشۇنلىرىنى ئۇچراتمىغاچقا، ئۇرۇش بولمىغان. خرىستىيان ئەرەب ھاكىملار بولسا جىزيە تۆلەپ سۈلھنى تاللىغان. دەۋمەتۇل جەندەل پادىشاھى ئۇكەيدىر ئەسىر ئېلىنىپ جىزيە تۆلەشكە سۈلھ تۈزگەن. ئەيلە پادىشاھى رەسۇلۇللاھقا بىر ئاق قېچىرنى ھەدىيە قىلغان. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا بىر تون كىيگۈزۈپ، ئۇنىڭ زېمىنىغا چېقىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئەھدىنامە يېزىپ بەرگەن. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 337 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

تەخرىج (التَّخْرِيْجُ): ئەرەبچىدە «چىقارماق» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھەدىس ئىلمىدە: «ھەدىسلەرنىڭ ئەسل مەنبەسىنى ۋە ئىسنادلىرىنى ئېنىق بايان قىلىش، سەھىھ – زەئىف دەرىجىلىرىنى ئايرىشنى، شۇنداقلا مۇھەددىسنىڭ ھەدىسنى بىرەر كىتابىدا سەنەدلىك رىۋايەت قىلىشى»نى كۆرسەتسە؛ فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «مەزھەب ئىمامىنىڭ بىرەر بايانى بولمىغان مەسىلىلەرگە مەزھەب ئىمامىنىڭ ئوخشاپ قالىدىغان بىر مەسىلىدىكى بايانىنى ياكى مەزھەبنىڭ ئومۇم ئۇسۇل – قائىدىلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىش»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 4/111، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 407، 408 – بەتلەر، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

تەخرىجۇل مەنات (تَخْرِيجُ الْمَنَاطِ): ئەرەبچىدە «چىقارماق دېگەن مەنىدىكى تەخرىج (تَخْرِيجُ) كەلىمەسىنىڭ ئاسقۇ مەنىسىدىكى مەنات (الْمَنَاطُ) كەلىمەسىگە ئىزافەت قىلىنىشى» بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «نەس ياكى ئىجماﺋ بىر ھۆكۈمگە دالالەت قىلىپ، ئۇ ھۆكۈمنىڭ ئىللىتىگە دالالەت قىلمىغان بولسا، شۇ ھۆكۈمنىڭ ئىللىتىنى چىقىرىش ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىجتىھاد قىلىش»نى كۆرسىتىدۇ. ھۆكۈمنىڭ ئاسقۇسى (مَنَاطُ الْحُكْمِ) ئۇنىڭ ئىللىتىدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 11/40، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 407، 408 – بەتلەر، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

تەراۋىھ نامىزى (صَلَاةُ التَّرَاوِيحِ): ئەرەبچىدە «ئارام ئېلىش ئولتۇرۇشى» مەنىسىدىكى «تەرۋىھە»نىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، رامازاندا ئۇزۇن ئوقۇلىدىغان ھەر تۆت رەكئەت نامازدىن كېيىن بىر ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىش «تەرۋىھە» دەپ ئاتالغان. ھەر تۆت رەكئەتمۇ مەجازەن شۇنداق ئاتالغان. فىقھتا: رامازان كېچىسى خۇپتەندىن كېيىن ۋىتىردىن بۇرۇن تاڭ ئاتقانغا قەدەر ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ ئەزان ۋە تەكبىرسىز ئوقۇلىدىغان نەفلە نامازنى كۆرسىتىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا رامازاندا ئەسھابلىرى بىلەن بۇ نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇشى ۋە ئوقۇشقا تەرغىب قىلىشى بىلەن، شۇنداقلا خەلىفەلىرىنىڭمۇ ئىزچىل جامائەت بولۇپ ئوقۇشى بىلەن سۈننەتلىكى ئىسپاتلانغان بولۇپ، ئۇزۇنراق سەككىز ياكى ئون ئۈچ رەكئەت ئوقۇش نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى بولسا، يەڭگىلرەك يىگىرمە رەكئەت ئوقۇش خەلىفەلىرىنىڭ سۈننىتىدۇر. كۆپچىلىك ئالىملار ھەر ئىككى سۈننەتنى تۇتۇپ: «يىگىرمە رەكئەت ئوقۇش ئەۋزەل» دەپ قارىسا، ئىمام مالىك: «36 رەكئەت ئوقۇش ئەۋزەل» دەپ قارايدۇ. تەراۋىھ نامىزى يەنە «قىيامۇل لەيل (كېچىلىك ناماز)» ۋە «تەھەججۇد نامىزى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 27/135 – 147، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

تەرجىھ (التَّرْجِيْحُ): ئەرەبچىدە «ئېغىر بېسىش، مايىل بولۇش، ئەلا بىلىش ۋە كۈچلەندۈرۈش» دېگەندەك مەنىلەردە بولۇپ، «دەلىللەرنى سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا ئىككى ياكى بىرنەچچە قاراش ئىچىدىن مەلۇم بىر قاراشنى كۈچلۈك» دەپ تاللاشتۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 2 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

تەرۋىيە كۈنى (يومُ التَّرْوِيَةِ): زۇلھەججەنىڭ 8 – كۈنى بولۇپ، «تەرۋىيە» كەلىمەسى ئەرەبچىدە «سۇغارماق، تەپەككۇر قىلماق، باش قاتۇرماق، ئويلانماق، كۆرمەك، كۆرسەتمەك ۋە رىۋايەت قىلماق» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ كۈننىڭ ئۇنداق ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىدە تۆۋەندىكىدەك ئوخشىمىغان قاراشلار بار: 1) قەدىمقى زاماندا مىنا ۋە ئەرافاتلاردا سۇ يوق بولغاچقا، بۇ كۈنى ھاجىلار مىناغا مېڭىشتىن بۇرۇن ئۆزلىرى ۋە ئۇلاغلىرى ئۈچۈن زەمزەم ۋە باشقا زاپاس سۇ قاچىلىۋالاتتى؛ 2) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلىش ئەمرى چۈشكەندە، شۇ كۈنى بۇ چۈش ئاللاھتىنمۇ ياكى شەيتاندىنمۇ دەپ ئويلانغان. بۇ ئەمرنىڭ ئاللاھتىن ئىكەنلىكى شۇ كېچىسى (ئەرافە كېچىسى) ۋەھيى ئارقىلىق بىلدۈرۈلگەن ۋە ئۇ كۈنى شۇ سەۋەبتىن «ئەرافە» دەپ ئاتالغان؛ 3) بۇ كۈنى جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ باش قىسمىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى، ئىماملارمۇ ھاجىلارغا ھەج پائالىيەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان؛ 4) بۇ كۈن ئادەم ئەلەيھىسسالام ھەۋۋا ئانىمىزنى كۆرگەن كۈن. بۇ كۈن ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، بۇ كۈندە ھاجىلارنىڭ مىنادا قونۇشى ۋە مىنادا پېشىن، دىگەر، شام، خۇپتەن، بامدات نامازلىرىنى ئوقۇشى سۈننەتتۇر. قاراڭ: ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 4/26، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز؛ سالىم ئۈگۈت: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «تەرۋىيە» ماددىسى، 40/520، 521، ئىستانبۇل، م. 2011.

تەسەررىي (التَّسَرِّى): ئەرەبچىدە «نىكاھ ۋە جىما مەنىسىدىكى ‹سىر (السِّرُّ)› كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن» بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «خوجايىننىڭ ئۆزىنىڭ قول – ئىلكىدىكى چۆرىسىنى خوتۇن ئورنىدا قوللىنىشى»دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 11/294، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 109 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

تەسەۋۋۇف (التَّصَوُّفُ): بۇ ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەبىرى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بار بولۇپ، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىخلاس، سەبر، تەۋەككۈل ۋە دۇنياغا بېرىلمەسلىك قاتارلىق ھالەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىمانىي ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، شۇنداقلا نەفسنى پاكلاپ، تەربىيەلەپ، ئۇنى پەزىلەتلەر بىلەن زىننەتلەش ۋە ئۇنى رەزىل نەفسى خاھىشتىن تازىلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە بۇنى «قۇرئان كەرىم»دە كەلگىنى بويىچە «تەزكىيە (التَّزْكِيَةُ)»، ھەدىستە كەلگىنى بويىچە «ئېھسان (الإِحْسَانُ)» دەپ ئاتىساق ۋە شۇنى توغرا رەۋىشتە چۈشەندۈرۈپ، كامىل ئىمانغا، ئېھسان مەرتىۋىسىگە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سۈپەتلىرىگە، ئەخلاقىغا چاقىرساق تەسەۋۋۇفتىكى دەتالاش تۈگەيتتى. «تەسەۋۋۇف» ئاتالغۇسى نەفسنى پاكلاش مەنىسىدىكى «تەزكىيە» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلگەچكە، يەنە كېلىپ تەسەۋۋۇف مەنسۇبلىرى ئىسلامغا يات بولغان ئىبادەت، ئەخلاق ۋە ھەتتا ئەقىدىلەرنى پەيدا قىلىۋالغان بولغاچقا، بۇ ئاتالغۇ ئىسلام (قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە) تەشەببۇس قىلغان «تەزكىيە»، «ئېھسان» ۋە «گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەر»نىڭ يۈزىنى قاپلىۋالغان. قاراڭ: شەيخ ئابدۇلبارىي نەدۋىينىڭ «تەسەۋۋۇف ۋە ھايات (بين التصوف والحياة)» ناملىق ئەسەرىگە شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ يازغان كىرىش سۆزى، 3 – 15 – بەتلەر، ئەرەبچە تەرجىمەسى: مۇھەممەد ئەننەدۋىي، 1 – باسمىسى، دارۇلفەتھ، دەمەشق، ھ. 1383/ م. 1963.

تەسبىھ نامىزى (صَلاَةُ التَّسْبِيْحِ): 300 تەسبىھنى ئۆزئىچىگە ئالغان تۆت رەكئەتلىك نەفلە ناماز بولۇپ، ھەربىر رەكئەتتە قىرائەتتىن كېيىن 15 قېتىم، رۇكۇدا تەسبىھتىن كېيىن 10 قېتىم «سۇبھانەللاھ»، «ئەلھەمدۇلىللاھ»، «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» ۋە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەسبىھ ئوقۇلىدۇ. بۇ ھەقتە ھەدىس بولسىمۇ، سەھىھلىكىدە قاراش ئوخشاش بولمىغاچقا، بەزىلەر «بۇنداق ناماز يوق» دەپ قارىغان.

تەسنىيە (سفر التثنية أو سفر تثنية الاشتراع/Book of Deuteronomy): ئەرەبچە: «ئىككى پارچىدىن تەشكىل تاپقان» دېمەكتۇر. ئىبرانىيچە ئىسمى «دەۋارىم (سۆزلەر)» بولۇپ، ئاساسلىق «ئون پەرھىز»نىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تەكرار ئۇرغۇلانغان ۋە يەھۇدىي قانۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، «تاناھ» ۋە «قەدىم ئەھد»نىڭ دەسلەپكى بەش كىتابى بولغان «تەۋرات»نىڭ 34 بابتىن تەشكىل تاپقان 5 – كىتابىدۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 33 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

تەشەھھۇد (التَّشَهُّدُ): ئەرەبچىدە «ئىككى شاھادەتنى ئېيتىش»، فىقھ ئىستىلاھىدا: «نامازدا ئىككى ياكى ئۈچ، ياكى تۆت رەكئەتتىن كېيىن ئولتۇرغاندا ‹ئەتتەھىيياتۇ› بىلەن باشلانغان تەۋھىد ۋە سالام مەزمۇنىدىكى دۇئانى ئوقۇش»تىن ئىبارەت. مەزكۇر دۇئا ئىككى شاھادەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان. ئۇنى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى ۋاجىب بولغاچقا، تەرك قىلىنسا سەجدە سەھۋى (سەھۋەنلىك سەجدىسى) ۋاجىب بولىدۇ. ئۈچ ياكى تۆت رەكئەتلىك نامازدا ئىككى رەكئەتتىن كېيىنكى تەشەھھۇد «دەسلەپكى تەشەھھۇد (التَّشَهُّدُ الْأَوَّلُ)» دەپ ئاتالسا، ھەممە نامازلاردا سالام بېرىشتىن بۇرۇنقى تەشەھھۇد «ئاخىرقى تەشەھھۇد (التَّشَهُّدُ الْأَخِيرُ)» دەپ ئاتىلىدۇ. دۇئانىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق: «التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ، وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ، السَّلاَمُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللَّهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلاَمُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللَّهِ الصَّالِحِينَ‏.‏ أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ/ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺵ (ﻳﻪﻧﻰ ﺗﯩﻞ، ﺑﻪﺩﻩﻥ، ﻣﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ)، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﻪﺩھىيەلەﺭ ۋە ﮔﯜﺯﻩللىكلەر ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ. ﺳﺎﻻﻡ ﺳﺎﯕﺎ، ﺋﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ! ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺭﻩﮪﻤﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺑﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ! ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﻟﯩﮭ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ! ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮪﯧﭻ ﺋﯩﻼﮪﻨﯩﯔ يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن ﯞﻩ يەنە ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩنىڭ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪنلىكىگىمۇ ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ». قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 4/168، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 12/34 – 35، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ﺗﻪﺷﺮﯨﻖ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ (أَيَّامُ التَّشْرِيْقِ): «تەشرىق» كەلىمەسى: «ئاپتاپقا سېلىش، قاقلاش ۋە ئاپتاپلىق جايغا چىقىش» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. فىقھتا: مەشھۇر قاراشتا زۇلھەججەنىڭ 11 – ، 12 – ، 13 – (يەنى قۇربان ھېيتنىڭ 2 -، 3 – ۋە 4 -) كۈنلىرى. ئۇ كۈنلەردە قۇربانلىق گۆشى پارچىلىنىپ ئاپتاپقا قاقلىنىدىغان بولغاچقا ياكى قۇربان ھېيت نامىزى كۈن چىققاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. ئالىملاردىن قۇربان ھېيتنىڭ 2 -، 3 – كۈنلىرى دەپ قارايدىغانلارمۇ، ھېيىت كۈنىنىمۇ قوشۇپ ھېسابلايدىغانلارمۇ بار. بۇ ئۇلۇغ كۈنلەر ﴿ﺳﺎﻧﺎﻗﻠﯩﻖ كۈنلەرﺩﻩ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﻰ ياد ئېتىڭلار!﴾(2/«بەقەرە»: 203) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ «ﺳﺎﻧﺎﻗﻠﯩﻖ كۈنلەر»دۇر. بۇ كۈنلەردە ھاجىلار مىنادا قونىدۇ ۋە شەيتانغا تاش ئېتىش، تەكبىر ئېيتىش، ئاللاھنى ياد ئېتىش قاتارلىق ئەمەللەرنى ئادا قىلىدۇ. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 2/457؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 7/325، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

تەفسىر قىلىش (التَّفْسِيْرُ): ئەرەبچىدە: «ئاچماق، ئىزاھلىماق، بايان قىلماق، يورۇتۇپ بەرمەك ۋە چۈشەندۈرمەك» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، تەفسىرشۇناسلار ئىستىلاھىدا: «قۇرئان كەرىمنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان، ئۇنىڭدىكى ئاللاھ تائالا دېمەكچى بولغان مەنالارنى ئىنساننىڭ تاقىتى يېتىشىچە بايان قىلىشنى كۆزلەيدىغان ئىلىم»دۇر. ئەۋۋەلىگە يەنى ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئېھتىماللىقى بار بولغان مەناغا قايتۇرۇش مەنىسىدىكى «تەئۋىل» ئاتالغۇسىمۇ بەزىدە تەفسىر مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئىككى ئاتالغۇ بىر مەنىدە بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْقُرْآنِيَّةُ الْمُتَخَصِّصَةُ (قۇرئان ئالاهىدە ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 241 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، م. 2002.

تەفسىرۇ قۇرتۇبىي (تَفْسِيْرُ الْقُرْطُبِي): ئاتاقلىق مۇفەسسىر ۋە ھەدىسشۇناس ئىمام قۇرتۇبىي (ھ. 600 – 671/م. 1204 – 1273) نىڭ «ئەلجامىئۇ لىئەھكامىل قۇرئان (الجامع لأحكام القرآن والمبين لما تضمنه من السنة وآي الفرقان)» ناملىق مەشھۇر تەفسىرى. بۇ ئەسەر «قۇرئان كەرىم» تەفسىرىدە بىر ئېنسىكلوپېدىيە ھېسابلىنىدۇ. ئەسەر تەفسىر كىتابلىرى ئىچىدە «ئەھكام»غا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن تەفسىرلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولۇپ، ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبلىرى، تىل ۋە قىرائەتتىكى ئوخشىماسلىقلار، ھەدىسلەرنى تەخرىج قىلىش، ناتونۇش سۆزلەرنى ئىزاھلاش، فۇقەھائنىڭ قاراشلىرىنى بېكىتىش ۋە يەكۈنلەش، سەلەف سالىھلەر ۋە ئۇندىن كېيىنكىلەرنىڭ قاراشلىرىنى جەملەش، ئىلگىرىكى مۇفەسسىرلەردىن نەقىل ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ تەفسىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، مەدداھلارنىڭ ۋە يەھۇدىي – ناسارالارنىڭ ئاساسسىز رىۋايەتلىرىنى يېقىن يولاتماسلىق، تۈرلۈك ئازغۇن پىرقەلەرگە رەددىيە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. باشقا ئەھكامغا ئالاقىدار تەفسىرلەردىن پەرقلىنىدىغان تەرىپى، مەزكۇر تەفسىر ئەھكام ئايەتلىرى ياكى ئۇنىڭ فىقھىي تەرىپى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، تەفسىرگە ئالاقىدار ھەممە مەزمۇندا توختىلىدۇ. ئىمام قۇرتۇبىي بۇ تەفسىرىنى يېزىشتا سەلەف سالىھلەردىن كەلگەن تەفسىر بىلەن ئىجتىھادنى بىرلەشتۈرۈش، ئەرەب تىلىغا مۇراجىئەت قىلىش، فىقھىي ئەھكاملارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە تار مەزھەبچىلىكتىن يىراق تۇرۇپ دەلىل – پاكىتنى ئاساس قىلىشتەك ئېسىل ئىلمىي مېتودقا تايانغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 632 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

تەقرىر (التَّقْرِيرُ): ئەرەبچىدە: «روشەن بايان قىلىش، مۇقىمداش، ئېتىراپ قىلىش، تەتقىق قىلىش، ماقۇللاش ۋە ئىزاھلاش» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ھەدىس ئىلمى ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەقرىرى دېگىنىمىز: پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىدا ياكى ئۇ زاتنىڭ خەۋىرى بار ھالەتتە بىر ئادەم بىر ئىشنى ياكى بىر سۆزنى قىلسا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇ ئىشقا سۈكۈت قىلىشى بىلەن ياكى پەيغەمبىرىمىزدىن ئۇ ئىشقا قارىتا رازىلىق ئالامىتى كۆرۈلۈشى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇ ئىشنى ماقۇللىشى»دۇر. بۇ خىل ماقۇللىشى مەرفۇﺋ ھەدىسنىڭ ھۆكمىدە بولۇپ، «ئېنىق تەقرىر» ۋە «ھۆكمىي تەقرىر» دەپ ئىككى قىسىم بولىدۇ. يەنە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ساھابە كىراملارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا قىلغان ئىشلىرىنى ئەيىبلەپ ۋەھيى نازىل بولماسلىقى «ئىلاھىي تەقرىر (التَّقْرِيْرُ الْإِلهِيُّ)» بولىدۇ. فىقھىي ئىستىلاھتا بولسا: «مەسىلىنى ئىزاھلاش، رايىنى بايان قىلىش ۋە ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەتقىق قىلىش»قا ئىشلىتىلگەندەك، «مەۋجۇد ئىشنىڭ داۋاملىشىشى ۋە شۇ ھالدا قالدۇرۇشقا، يەنە قارىلانغۇچىدىن ئىقرار تەلەپ قىلىش ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش»قا ئىشلىتىلىدۇ. كۆپلۈكى تەقرىرات (التَّقْرِيرَاتُ). قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 518 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 13/140 – 143، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

تەقرىرىي سۈننەت (السُّنَّةُ التَّقْرِيْرِيَّةُ): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا ياكى ئۇ زاتنىڭ خەۋىرى بار ھالەتتە، ساھابەلەر بىر ئىشنى قىلسا، ئۇ زاتنىڭ ئۇ ئىشقا سۈكۈت قىلىشى ۋە ئىپادە بىلدۈرمەسلىكىدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 25/266، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

تەقلىد قىلىش (التَّقْلِيْدُ): ئەرەبچىدە: «بوينىغا ئېسىۋېلىش ۋە دوراش» مەنىسىدە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «بىرەر ئالىمنىڭ ھۆكمىگە دەلىلىنى بىلمەستىن ئەگىشىش» دېمەك بولۇپ، دەلىلسىز سۆزنى قوبۇل قىلىشمۇ شۇ جۈملىدىندۇر. دەلىلگە تايانماي، باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئەگەشكۈچى بولسا «مۇقەللىد (الْمُقَلِّدُ)» دەپ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 90 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1405؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 521 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

تەقۋالىق (التَّقْوَى): «ساقلىنىش، قورقۇش، ھەزەر ئەيلەش ۋە نېرى تۇرۇش» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ جازاسىدىن ۋە ئازابىدىن ساقلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 412 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

تەكلىف (التَّكْلِيْفُ): ئەرەبچىدە مۇشەققەت مەنىسىدىكى «كۇلفەت» سۆزىنىڭ يىلتىزى بولۇپ، «كىشىنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭغا مۇشەققەت بولىدىغان نەرسىنى يۈكلەش» دېمەكتۇر. ئىستىلاھتا: «شارىئنىڭ (مۇكەللەفتىن) قىلىش ياكى تەرك ئېتىشتىن ئىبارەت مۇشەققەت بار ئىشنى تەلەپ قىلىشى»دۇر. شارىئنىڭ بۇ تەلىپى ھۆكۈم ئارقىلىق بولىدۇ (بۇ «تەكلىفىي ھۆكۈم» دەپ ئاتىلىدۇ). ئۇ ھۆكۈم بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ تەلەپ قىلىش ياكى ئىختىيارلىق بېرىش مەزمۇنىدىكى مۇكەللەفلەرنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار خىتابىدۇر. كۆپلۈكى تەكلىفات (التَّكْلِيْفُاتُ) تۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 13/248، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

تەلبىسۇ ئىبلىس (شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى/تَلبِيسُ إِبْلِيسَ): ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىدىن ئاتاقلىق مۇھەددىس جامالۇددىن ئابدۇرراھمان ئىبنۇلجەۋزىي (ھ. 510 – 597/م. 1116 – 1201) يازغان قىممەتلىك ئەسەر. ئاپتور كىتابىنى 13 بابقا بۆلۈپ، شەيتاننىڭ فىتنەلىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە شەيتاننىڭ ئويۇنلىرىدىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرغان. شەيتاننىڭ بەندىلەرنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇشتىكى تاكتىكىلىرىنى، ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئادەمزاتلارنىڭ ئۆزىنى قانداق ئالدايدىغانلىقىنى پاش قىلغان. شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى كىشىلەردىكى جاھالەتكە قاراپ كۈچىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇ ئىللەتنىڭ جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك تەبىقىلىرىدە شەكىللەنگەن ئالامەتلىرى ئۈستىدە توختالغان. بولۇپمۇ دەۋرداش مۇتەسەۋۋىفلەردىكى ھەق ۋە ساپ يولدىن بۇرۇلۇشنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئەسەرنىڭ ئىسمىنى ۋە مەزمۇنىنى ئەبۇ ھامىد ئەلغەززالىينىڭ «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش)»دىن ئالغان ھەم بېيىتقان بولسىمۇ، ئىمام غەززالىي ئۇنىڭ تەنقىدىدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئالغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 633 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

تەلىبىيە (التَّلْبِيَةُ): تەلبىيە كەلىمەسى: چاقىرىققا «لەببەي» دېيىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىھراملىق كىشى ئاللاھ تائالانىڭ بەيتىنى ھەج قىلىشقا قىلغان چاقىرىقىغا «لەببەي ساڭا ئى ئاللاھ! لەببەي ساڭا!… » دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى: ﴿ئىنسانلار ئارىسىدا ھەجنى ئېلان قىلىپ نىدا قىلغىنكى، ئۇلار پىيادە ۋە يىراق كەڭ يوللارنى بېسىپ كېلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئورۇق تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىشكەي﴾(22/«ھەج»: 27) دەپ بۇيرۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئەبى قۇبەيس تېغى ۋە ماقامى ئىبراھىم تېشى ئۈستىدە تۇرۇپ ھەجنى ئېلان قىلغان، بۇ سەۋەبتىن ھاجىلار شۇ چاقىرىققا «لەببەي» دەپ ھەجگە ماڭىدۇ. ئىمام ئەئزەمنىڭ نەزەرىدە ئىھرام باغلاشتا تەلبىيە شەرت، باشقىلارنىڭ نەزەرىدە ۋاجىب ياكى سۈننەت. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 2/132، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 9/172، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز.

 

تەلخسۇل مۇستەدرەك (تلخيص المستدرك): ئاتاقلىق ھەدىس ئالىمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ھاكىم نىشاپۇرىي (ھ. 321 – 405/م. 933 – 1014) نىڭ «ئەلمۇستەدرەك» ناملىق بۈيۈك ھەدىس كىتابى ھەققىدە ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس تارىخچى ئىمام زەھەبىي (ھ. 673 – 748/م. 1274 – 1348) تەرىپىدىن يېزىلغان ئەڭ مۇھىم ئەسەرلەردىن بولۇپ، ھاكىم نىشاپۇرىينىڭ ھەدىسلەرگە «سەھىھ» دەپ باھا بېرىشتىكى بەزى خاتا ھۆكۈملىرى تۈزىتىلگەن ئەسەردۇر. «ئەلمۇستەدرەك» بىلەن بىرلىكتە كۆپ قېتىم نەشر قىلىنغان. ئىمام قەرەداۋىينىڭ «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» ئاتلىق ئەسەرىدىمۇ ھەدىس تەخرىجلىرىدە «ئەلمۇستەدرەك» بىلەن بىرلىكتە ئىمام زەھەبىينىڭ باھالىرىمۇ بېرىلگەن.

تەلقىن قىلىش (التَّلْقِينُ): بىر كىشىنىڭ ئەگىشىپ تەلەپپۇز قىلىشى ئۈچۈن ئالدىدا ئوقۇش ۋە ئاغزىغا سېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. سەكراتتىكى كىشىلەرگە ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ (ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق)› دېگەن كەلىمەئى شاھادەتنى تەلقىن قىلىش مۇستەھەبتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 542 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

تەنزىھىي مەكرۇھ (الْمَكْرُوهُ تَنْزِيهًا): قاراڭ: مەكرۇھ (الْمَكْرُوهُ).

تەنقىھۇل مەنات (تَنْقِيحُ الْمَنَاطِ): ئەرەبچىدە «ئېرىغدىماق، كېرەكسىز قىسمىنى چىقىرىۋەتمەك، ئىخچاملىماق ۋە تازىلىماق» دېگەن مەنىدىكى تەنقىھ (تَنْقِيحُ) كەلىمەسىنىڭ ئاسقۇ مەنىسىدىكى مەنات (الْمَنَاط) كەلىمەسىگە ئىزافەت قىلىنىشى بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «نەستە بىرىنى تەيىنلىمەستىن ‹ئىللەت› دەپ بايان قىلىنغان سۈپەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئارىسىدىن قىياس قىلىشتا ئىللەتلىككە ئالاقىسىز بولغانلىرىنى شاللىۋېتىش»تىن ئىبارەت. مەسىلەن، «رامازان كۈندۈزىدە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىپ قويدۇم» دېگەن بىر ئەئرابىيغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر قۇل ئازاد قىلىۋەت» دېگەن(«سەھىھەين»). ئۇ كىشىنىڭ ئەئرابىي بولۇشى ئىللەتلىككە ئالاقىسىز بولغاچقا، بۇ سۈپەت شاللىنىدۇ ۋە قۇل ئازاد قىلىشنىڭ ئىللىتى روزىدار ھالەتتە يېقىنچىلىق قىلىشلا بولىدۇ. بۇ قىياس ۋە ئىستىنبات قاتارلىق «ئىللەتنى بىلىش يوللىرى (مَسَالِكُ الْعِلَّةِ)»نىڭ بىرى بولۇپ، ھۆكۈمنىڭ ئاسقۇسى (مَنَاطُ الْحُكْمِ) ئۇنىڭ ئىللىتىدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 14/77، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 556 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

تەنئىم (التَّنْعِيمُ): قەدىمكى مەككە مۇكەررەمەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بىر جاينىڭ نامى بولۇپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە قاراپ ماڭغاندا مەسجىدى ھەرەمدىن 7 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. ھەرەم يەنى چەكلەنگەن رايوننىڭ ئەڭ يېقىن چېكى شۇ يەر بولۇپ، ھەدىستە كەلگىنىدەك ھ. 9 – يىلى زۇلھەججە (م. 631 – يىلى مارت) ئېيىدا ھەججەتۇلۋەداﺋ ئاخىرلىشىشىغا يېقىن رەسۇلۇللاھنىڭ يوليورۇقى بىلەن ھەزرىتى ئائىشە ۋە ئاكىسى ئابدۇرراھمان (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي) شۇ يەردە ئىھرام باغلاپ كېلىپ، ئۆمرە قىلغان. مەككەدە ياشىغۇچىلار ياكى ۋاقىتلىق تۇرغۇچىلار ئۆمرە قىلماقچى بولسا، كۆپىنچە «تەنئىم»دە ئىھرام باغلاپ ھەرەمگە كىرىدۇ. بۇ جايغا ھ. 240/م. 854 – 855 – يىلى خەلىفە ئەلمۇتەۋەككىل دەۋرىدە 6000 كۋادرات مېترلىق بىر مەسجىد بىنا قىلىنغان بولۇپ، ھ. 310/م. 922 ۋە ھ. 619/م. 1222 – يىللىرى قايتا قولدىن ئۆتكۈزۈلگەن. 1847 – يىلى ئوسمانلى سۇلتانى ئابدۇلمەجىدخان ۋە 1984 – يىلى سەئۇدى ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھى فەھد بىن ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن يېڭىدىن سېلىنغان بۇ مەسجىد «مەسجىدى ئائىشە»، «مەسجىدى ئۇمرە» ياكى «مەسجىدى تەنئىم» دەپ ئاتالماقتا. «تەنئىم» كۈنىمىزدە مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر. قاراڭ: سەييىد ئابدۇلمەجىد بەكر: «ئىسلامىيەتتىكى ئەڭ مەشھۇر مەسجىدلەر (أَشْهَرُ الْمَسَاجِدِ فِي الْإِسْلَامِ)»، 1/176، سەھەر مەتبەسى، جىددە، ﻡ. 1980؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 40/452 – 453، ئىستانبۇل، م. 2012.

تەھرىمىي مەكرۇھ (الْمَكْرُوْهُ تَحْرِيمًا): قاراڭ: مەكرۇھ (الْمَكْرُوْهُ).

تەھەججۇد (التَّهَجُّدُ): «تەھەججۇد» سۆزلۈكتە «ئۇخلاش ۋە تۈنەش» مەنىسىدە بولۇپ، فىقھتا: كېچىسى ئۇيقۇدىن قوپۇپ تاڭ ئاتقانغا قەدەر ئوقۇلىدىغان نەفلە نامازدۇر. ئالدىدا ئۇخلىغان بولسۇن، بولمىسۇن كېچىدىكى نەفلە نامازغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئىككى رەكئەتتىن ياكى تۆت رەكئەتتىن خاھلىغانچە ئوقۇلىدۇ. پەزىلىتى كاتتا بولغان بۇ نامازنىڭ ھۆكمى سۈننەت بولۇپ، «تەراۋىھ نامىزى» ۋە «قىيامۇل لەيل (كېچىلىك ناماز)»لەرمۇ تەھەججۇد نامىزىدۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/507، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425/م. 2004؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 14/86، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

تەھقىقۇل مەنات (تَحْقِيقُ الْمَنَاطِ): ئەرەبچىدە: «‹ئەمەلگە ئاشۇرماق، ئايدىڭلاشتۇرماق، تەكشۈرمەك، دەلىل بىلەن ئىسپاتلىماق ۋە ئېنىقلىماق› دېگەن مەنىدىكى تەھقىق (تَحْقِيقُ) كەلىمەسىنىڭ ئاسقۇ مەنىسىدىكى مەنات (الْمَنَاط) كەلىمەسىگە ئىزافەت قىلىنىشى» بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «نەس ياكى ئىجماﺋ، ياكى ئىستىنبات ئارقىلىق بىر ھۆكۈمنىڭ ئىللىتىنى بىلگەندىن كېيىن باشقا بىر مەسىلە (فەرﺋ) دە ئىللەتنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلاشتا تىرىشىش»تىن ئىبارەت. مەسىلەن، ئايەت قىبلىگە يۈزلىنىشكە بۇيرۇغان. قىبلە تەرەپ يۈزلىنىش ئىللىتى بولۇپ، مەلۇم بىر تەرەپنىڭ قىبلە ئىكەنلىكىدە شەكلىنىپ قالغاندا ئۇ تەپەككۇر قىلىپ تىرىشىش ئارقىلىق ئايدىڭلىشىدۇ. بۇ قىياس ۋە ئىستىنبات قاتارلىق «ئىللەتنى بىلىش يوللىرى (مَسَالِكُ الْعِلَّةِ)»نىڭ بىرى بولۇپ، ھۆكۈمنىڭ ئاسقۇسى (مَنَاطُ الْحُكْمِ) ئۇنىڭ ئىللىتىدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 10/232، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 401 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

 

تەۋەسسۇل (التَّوَسُّلُ): ئەرەبچىدە «يېقىنلىق ئىزدىمەك، ۋەسىلە قىلماق» مەنىسىدە بولۇپ، ۋەسىلە دېمەك «مەقسەتنى ھاسىل قىلىشقا ياردەمچى بولىدىغان ۋاسىتە» دېگەنلىكتۇر. تەۋەسسۇل كەلىمەسى ئەقىدە ۋە فىقھ ئىستىلاھىدا: «تائەت – ئىبادەت قىلىش ۋە گۇناھتىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەش»كە قوللىنىلىدۇ، شۇنداقلا باشقىلاردىن دۇئا تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەشكىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بىرەر ئىسمى ياكى سۈپىتى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەشكىمۇ، ياكى بىرەر پەيغەمبەر، بىرەر سالىھ كىشى، ياكى ئەرش ۋەيا ئۇندىن باشقىغا ئوخشاش ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەپ قىلىنغان دۇئاغىمۇ قوللىنىلىدۇ. تەۋەسسۇلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ تۈرىدە ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق، ئىختىلاپ پەقەت تۆتىنچى تۈر (يەنى بىرەر پەيغەمبەر ياكى بىرەر سالىھ كىشى ۋەياكى ئەرشكە ئوخشاش ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقى بىلەن تەۋەسسۇل قىلىش) نىڭ بەزى جەھەتلىرىدە بار. مەسىلەن، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز بىلەن تەۋەسسۇل قىلىش ھەققىدە ئۈچ خىل قاراش مەۋجۇد. 1) كۆپچىلىك فۇقەھائ‍ (يەنى مالىكىيلەر، شافىئىيلەر، مۇتەئەخخىر/كېيىنكى ھەنەفىيلەر ۋە كۆپچىلىك ھەنبەلىيلەر): «رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىدا بولسۇن ياكى ۋاپاتىدىن كېيىن بولسۇن رەسۇلۇللاھ بىلەن تەۋەسسۇل قىلىش جائىز» دەپ قارىغان؛ 2) ئىمام ئەبۇ يۈسۈف ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ: «ھەرقانداق كىشى ئاللاھقا پەقەت ئاللاھ بىلەنلا (يەنى ئاللاھنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرى بىلەنلا) دۇئا قىلىشى لازىم» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان؛ لېكىن، ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئۆزىنىڭ «ئەرش بىلەن تەۋەسسۇل قىلسا ھېچقىسى يوق» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. ھەنەفىي مەزھەبنىڭ تۈۋرۈكلىرىدىن مۇھەققىق ئالىم ئىمام كەۋسەرىي مۇتلەق ھالەتتە پەيغەمبىرىمىز ۋە سالىھ كىشىلەر بىلەن تەۋەسسۇل قىلىش ھەققىدە ھەنەفىي مەزھەبتە، بەلكى ھەشۋىييەلەر (دىنىي تېمىلاردا ئەقىل يۈرگۈزۈشنى رەت قىلىپ، ئەمرلەرنىڭ تاشقى/لەۋزىي مەزمۇنىغا سادىق ھالدا بېكىتىش/تەشبىھ ۋە جىسملاشتۇرۇش/تەجسىم قىلىشقىچە بارىدىغان تەلىماتلارنى ئۆزلەشتۈرۈۋالغۇچىلار) نى چىقىرىۋەتكەندە ئومۇمىي ئۈممەت ئارىسىدا ئىختىلاپ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ھەشۋىييەلەرنىڭ بۇ مەسىلە سەۋەبلىك مۇسۇلمانلارنى مۇشرىك، بىدئەتچى دەپ قارىلاشلىرىنى قاتتىق سۆككەن؛ 3) ئىبنى تەيمىييە ۋە بەزى مۇتەئەخخىر ھەنبەلىيلەر: «پەيغەمبىرىمىزنىڭ زاتى بىلەن تەۋەسسۇل قىلىشنى جائىز ئەمەس» دەپ قارىغان. سالىھلەر بىلەن تەۋەسسۇل قىلىشتىمۇ مۇشۇنداق ئىختىلاپ بار. قاراڭ: ئىمام كەۋسەرىي: «مقالات الكوثري (كەۋسەرىي ماقالەلىرى)»، 339 – بەت، تەۋفىقىييە كۇتۇبخانىسى، قاھىرە، نەشر يىلىسىز؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 14/149 – 164، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

تەۋەللا – تەبەررا/ئەلۋەلائۇ ۋەلبەرائۇ (الْوَلَاءُ والْبَرَاءُ): قارىمۇقارشى ئىككى كەلىمەدىن بىرىككەن بولۇپ، «تەۋەللا» ئەرەبچىدە «يېقىن بولماق، ھىمايە قىلماق، ئىگە چىقماق ۋە دوست تۇتماق» دېگەن مەنىدىكى «ئەلۋەلائۇ (الْوَلَاءُ)» كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن بولسا، «تەبەررا» ئەرەبچىدە «يىراقلاشماق، ئۆچ بولماق، خالاس بولماق ۋە ئادا – جۇدا بولماق» دېگەن مەنىدىكى «ئەلبەراائۇ (الْبَرَاءُ)» كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن. شەرىئەت ئىستىلاھىدا: ئاللاھ ۋە رەسۇلىنى شۇنداقلا مۇئمىنلەرنى سۆيۈش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش، ئۇلارغا سەمىمىي بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش، كافىرلارغا، مۇنافىقلارغا ۋە زالىملارغا ئۆچ بولۇش، ئۇلارنى تاشلىۋېتىش، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇش ۋە ئۇلارغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت. «تەۋەللا – تەبەررا»نىڭ جەۋھەرى مۇھەببەت – نەپرەت بولۇپ، بۇ ئىماننىڭ ئۇلى ۋە ئەڭ مۇستەھكەم تۇتقىسىدۇر. ئاللاھنىڭ دوستلىرىنى دوست، دۈشمەنلىرىنى دۈشمەن تۇتمىغۇچە بەندىنىڭ ئىمانىنىڭ تەمى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇكى: ﴿مۇئمىنلەر مۇئمىنلەرنى قويۇپ كافىرلارنى دوست تۇتمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھنىڭ دوستلۇقىغا ئېرىشەلمەيدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 28)، ﴿ئى مۇئمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار بىر – بىرىنى دوست تۇتىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىن سانىلىدۇ، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ﴾(5/«مائىدە»: 51)، ﴿كىمكى ئاللاھنى، پەيغەمبىرىنى ۋە مۇئمىنلەرنى دوست تۇتىدىكەن، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ جامائەسى (ئەلبەتتە) غالىبتۇر﴾(5/«مائىدە»: 56)، ﴿ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ كافىرلارنى دوست تۇتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىغان ئەمەللىرى نېمىدېگەن يامان! (بۇ) ئۇلارغا ئاللاھنىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار مەڭگۈ ئازابقا قالغۇچىلاردۇر. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتسا ئىدى، ئۇلارنى دوست تۇتمايتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر﴾(5/«مائىدە»: 80 — 91)، ﴿ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلارنى — ئۇلارنىڭ ئانىلىرى، ئوغۇللىرى، يا قېرىنداشلىرى، يا ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ — دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن، ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا ئاللاھ ئىماننى مەھكەم قىلدى ۋە ئۆز دەرگاھىدىن بولغان روھ بىلەن ئۇلارنى كۈچەيتتى، ئاللاھ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئاللاھتىن ئۇلارمۇ مەمنۇن بولىدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ قوشۇنى مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾(58/«مۇجادىلە»: 22). جەرىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەيئەت قىلغاندا، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «سەن بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشىڭغا، نامازنى جايىدا ئوقۇشۇڭغا، زاكاتنى ئادا قىلىشڭغا، مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي بولۇشۇڭغا ۋە مۇشرىكلەردىن ئايرىلىپ كېتىشىڭگە بەيئەتلىشىمەن» دېگەن(«نەسائىي»، 4177). قاراڭ: جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 1/31، 15/405، دارۇ سادەر، بېيرۇت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 328، 1796 – بەتلەر، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

تەۋلىيە/ئىزىغا سېتىش سودىسى (التَّوْلِيَةُ/بَيْعُ التَّوْلِيَةِ): ئەرەبچىدە «ئىگە قىلىش»نى بىلدۈرىدىغان «وَلَّى» كەلىمەسىنىڭ مەسدەرىدۇر. فىقھتا: «مالنىڭ سېتىۋېلىنغان ئەسل نەرخىنىڭ خېرىدارغا بىلدۈرۈلۈشى ۋە ئۈستىگە پايدا قوشماستىن ياكى زىيان تارتماستىن ئىزىغا سېتىلىشى»دۇر. يەنى خېرىدار سېتىۋالغان مېلىدا ساتقۇچىغا پايدا بەرمىگەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى جائىزدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 14/195، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 132 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

تەئزىر (التَّعْزِيرُ): ئەرەبچىدە «ياندۇرماق، توسماق، ئەدەبلىمەك؛ ياردەم بەرمەك، ھۆرمەتلىمەك» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھىي ئىستىلاھتا: «شەرىئەتتە جازا ياكى كەففارەت بەلگىلەنمىگەن جىنايەت ۋە قىلمىشلارغا قارىتا ئەدەبلەش يۈزىسىدىن بېرىلىدىغان بەش – ئون دەررە ئۇرۇشتەك ياكى جەرىمانە ئېلىشتەك ئاللاھنىڭ ياكى بەندىنىڭ ھەققى سۈپىتىدە ۋاجىب بولغان يەڭگىلرەك جازا»دۇر. بۇ جازانى ھاكىم ياكى قازى ئۆزى جەمئىيەت ۋە شەخس ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق بەلگىلەيدۇ. بەزى مەزھەبلەردە بەزى جىنايەتلەرگە قارىتا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىمۇ تەئزىر دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. تەئزىر جىنايەتچىنى جىنايەتنى قايتا سادىر قىلىشتىن توسۇش، ئۇنى ئىسلاھ قىلىش ۋە باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 12/254، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 395 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

تەئۋىل (التَّأْوِيلُ): ئەرەبچىدە «ئەۋۋەلىگە قايتۇرماق؛ ئاقىۋىتى ۋە بارىدىغان جايى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىستىلاھتا ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ: بىرى، «تەفسىر» مەنىسىدە؛ يەنە بىرى، «سۆزنىڭ ئېھتىماللىق مەنىسى كىتاب ۋە سۈننەتكە مۇۋاپىق دەپ قارالسا، سۆزنى ئۆزىنىڭ زاھىر مەنىسىدىن ئېھتىماللىق مەنىسىگە قايتۇرۇش» دېمەكتۇر. مەسىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ (ئاللاھ ئۆلۈكتىن تىرىكنى چىقىرىدۇ)﴾(30/«رۇم»: 19) دېگەن سۆزىگە ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭغا بىنائەن تۇخۇمدىن قۇشنىڭ چىقىرىلىشى تەفسىر بولسا، كافىردىن مۇئمىننىڭ چىقىرىلىشى ياكى جاھىلدىن ئالىمنىڭ چىقىرىلىشى تەئۋىل بولىدۇ. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 72 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1405؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 327 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

تەيەممۇم قىلىش (التَّيَمُّمُ): ئەرەبچىدە «مەقسەت قىلىش، كۆزلەش، نىيەت قىلىش»، فىقھ ئىستىلاھىدا: سۇ تېپىلمىغاندا ياكى سۇ ئىشلىتەلمەيدىغان ئەھۋاللاردا نامازغا ئالىدىغان تاھارەتنىڭ ۋە غۇسۇلنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان سىمۋول خاراكتېرلىك تاھارەت بولۇپ، يۈز بىلەن ئىككى قولنى تاھارەت نىيىتى بىلەن پاكىز تۇپراق ياكى تۇپراق تۈرىدىن بولغان نەرسە بىلەن سىلاشتىن ئىبارەت. تەيەممۇم ئارقىلىق تاھارەت ئېلىش ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتىگە ئاتا قىلغان، بۇرۇنقى ئۈممەتلەرگە بېرىلمىگەن كاتتا نېئمەتلىرىدىن بىرىدۇر. قاراڭ: ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/23؛ ئالائۇددىن ئەبۇبەكرى ئىبنى مەسئۇد ئەلكاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 1/209، نەشرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد ئەدنان دەرۋىش، دارۇ ئىھيائىتتۇراسىل ئەرەبىي نەشرىياتى، بېيرۇت، م. 2000؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 438 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

تۇرۇنج (الأُتْرُجَّة): ئاپلىسىن. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 201 – بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، م. 2016؛ سۇزاپ ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ ياكى چاتقال بولۇپ، قىسقا تىكەنلىرى بولىدۇ، مېۋىسى سوقۇچاق ۋە سېرىق، شۆپۈكى يىرىك ھەم قېلىن كېلىدۇ. قاراڭ: تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 40 – بەت، خەلق نەشرىياتى، م. 1990.

تۇستەر (فارسچە: شۇشتەر/Shushtar): ئىراننىڭ خوزىستان ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئەھۋاز شەھرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان قەدىمىي شەھەر بولۇپ، خەلىفە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب دەۋرىدە ئىككى يىلدىن كۆپرەك قورشاۋغا ئېلىنىپ، تەخمىنەن ھ. 17/م. 638 – يىلى ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوماندانلىقىدا فەتھ قىلىنغان. م. 13 – ئەسىردە تۇستەرنى زىيارەت قىلغان ئىبنى بەتتۇتا ئۆز دەۋرىدە جامە – مەدرەسە، گۈزەر – رەستىلىرى بىلەن گۈللەنگەن چوڭ بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. 16 – ئەسىردە شاھ ئىسمائىل سەفەۋىي تەرىپىدىن ئېلىنىپ، شىئە ھاكىمىيىتى دائىرىسىگە كىرگەن. 1722 – 1729 – يىللىرى ياۋنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان تۇستەر ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. 1832 – يىلىدىكى كولېرا ۋە 1876 – يىلىدىكى ۋابا قاتارلىق يۇقۇملاردا ئاھالە ئىنتايىن كۆپ قىرىلىپ كەتكەن. 1885 – يىلى قارۇن دەرياسىنىڭ تېشىپ كېتىشى بىلەن ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. شۇ سەۋەبلەردىن خەلق ئاستا – ئاستا ئەھۋازغا كۆچۈپ كېتىپ، مەركەزلىك ئورنىدىن قالغان. 1973 – يىلىدىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتىن تەرك قىلىنغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «تۇستەر» ماددىسى، 39/267، (قىسقارتىلدى)، ئىستانبۇل، م. 2012.

تۆگە ئۇرۇشى (مَعْرَكَةُ الْجَمَلِ): ھ. 36/م. 656 – يىلى نويابىردا خەلىفە ھەزرىتى ئەلى قوشۇنى بىلەن خەلىفە ئوسماننىڭ قاتىللىرىدىن قىساس ئېلىشنى تەلەپ قىلغان ھەزرىتى تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام ۋە ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم باشچىلىقىدىكى قوشۇن ئارىسىدا بەسرەدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 600 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

تىجارەت (التِّجَارَةُ): ئەرەبچە «ئالماق – ساتماق ۋە سودا قىلماق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: پايدىنى كۆزلەپ مال – مۈلك ۋە تاۋارلارنى ئېلىپ – سېتىشتىن ئىبارەت. تىجارەت قىلىش پۇل تېپىش يوللىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزەللىرىدىن بولۇپ، ئىسلامدا تىجارەتتە راستچىل، سەمىمىي ۋە كەڭ قورساق بولۇشتەك ئاداب – قائىدىلىرى، ساختىلىق قىلماسلىق، ئالدامچىلىق قىلماسلىق، يالغان قەسەم قىلماسلىق، ئىلكىدە بولمىغاننى ساتماسلىق، مونوپول قىلماسلىق ۋە باشقىلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ سودا قىلماسلىقتەك چەكلىمىلىرى بار. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 10/151 – 154، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 334 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

تىكلەنگەن تاشلار (الأَنْصَابُ): ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىنىدىغان تاش ياكى ھەيكەل قاتارلىق باتىل نەرسىلەردۇر. جاھىلىيەت دەۋرىدە كەئبەنىڭ ئەتراپىدا بۇنداق تىكلەنگەن تاشلار بار بولۇپ، مۇشرىكلەر خۇدالىرىغا ۋە بۇتلىرىغا يېقىنلىشىش نىيىتى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدا قۇربانلىق قىلىشاتتى. بۇ 5/«مائىدە»: 3 -، 90 – ئايەتلەردە ئېنىق چەكلەنگەن قىلمىشتۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 48 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

تىلاۋەت ۋە قىرائەت (التِّلاَوَةُ وَالْقِرَاءَةُ): ئىككىسى لۇغەتتە بىر مەنىدە بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ فىقھىي ئىستىلاھتىكى پەرقى شۇكى، تىلاۋەت ئىككى ۋە ئۇندىن كۆپ كەلىمەلەرنى ئوقۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئازنى ئوقۇشقا ئىشلىتىلمەيدۇ. قىرائەت بىر كەلىمەنى ئوقۇشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، «پالانى ئىسمىنى ئوقۇدى (قَرَأَ فُلاَنٌ اِسْمَهُ)» دېگىلى بولىدۇ، ئەمما «پالانى ئىسمىنى تىلاۋەت قىلدى (تَلَا فُلَانٌ اِسْمَهُ)» دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، تىلاۋەت (التِّلاَوَةُ) نىڭ ئەسلى مەنىسى بىرنەرسىنىڭ يەنە بىرنەرسىگە ئەگىشىشى دېمەكتۇر. بىرسى بىرسىگە ئەگەشسە، «تَلَاهُ» دېيىلىدۇ. شۇڭا، تىلاۋەت (تەلەپپۇزدا) بىر – بىرسىگە ئەگىشىپ چىققان كۆپ كەلىمەلەردە بولىدۇ، بىر كەلىمەدە بولمايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 33/47، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

تىلاۋەت سەجدىسى (سَجْدَةُ/سُجُودُ التِّلاَوَةِ): «قۇرئان كەرىم»دىكى «سەجدە ئايەتلىرى»دىن بىرەرىنى تىلاۋەت قىلىش ياكى تىلاۋەتنى ئاڭلاش سەۋەبىدىن قىلىنىدىغان سەجدەدۇر. نامازدا ياكى نامازنىڭ سىرتىدا ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا سەجدە قىلىشنىڭ ھۆكمى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە سۈننەت، ھەنەفىي ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ۋاجىبتۇر. سەجدە ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندا سەجدە قىلىش تولۇق خۇشۇئنى قولغا كەلتۈرۈش، ئاللاھقا موھتاجلىقنى ئىزھار قىلىش، شەيتاننىڭ دەككىسىنى بېرىش ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغاندۇر. تىلاۋەت سەجدىسى بىر سەجدە بىلەن ئادا تاپىدۇ. ئالدى – كەينىدە تەكبىر ئېيتىش مۇستەھەب. سەجدىنىڭ ئورنىنى باشقا بىر ئىش ياكى سۆز باسالمايدۇ. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە تىلاۋەت سەجدىسى ئۈچۈن تاھارەت، نىجاسەتلەردىن پاكلىنىش، قىبلىگە يۈزلىنىش، ئەۋرەتنى يېپىش قاتارلىقلار شەرت قىلىنىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 24/212 – 233، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

تىھامە (تِهَامَةُ): ئەرەبچىدە «پۇراپ قالماق، سېسىماق ۋە تىنچىقماق» دېگەنلىك. ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدىكى جەنۇبتا يەمەننىڭ ئەدەندىن باشلىنىپ شىمالدا ئىئوردانىيەگە قەدەر سوزۇلغان سەرات تاغ تىزمىسى بىلەن قىزىل دېڭىز ئارىسىغا جايلاشقان ئويمانلىقنىڭ نامى بولۇپ، ھاۋاسى يازدا ئۇپ – تىنچىق بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. مەككە مۇكەررەمە، جىددە ۋە ئەدەن قاتارلىقلار ئەڭ مەشھۇر شەھەرلىرىدۇر. مەككە مۇكەررەمەگىمۇ تىھامە دېيىلىدۇ. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمِ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 2/283، دارۇ مەككە، مەككە، م. 2010.

جازانە/ئۆسۈم (الرِّبَا/Riba/Usury): ئەرەبچىدە «ئارتۇق» دېگەن مەنىدە بولۇپ، شەرىئەتتە: «پۇل ۋە تاۋارلارنى بىرىنى بىرىگە ئالماشتۇرۇشتا ئىككى تەرەپنىڭ بىرىگە شەرت قىلىنغان، شەرئىي ئۆلچەم نەزەرىدىكى قارشىلىقسىز بەدەل ياكى ئىككى بەدەلنىڭ ھەر ئىككىسىنى ياكى بىرىنى نېسى قىلىش»تۇر. جازانە كىشىلەرنى ئىش – ھۈنەر قىلىپ پۇل تېپىشتىن، قەرز بېرىپ ياخشىلىق قىلىشتىن توسۇپ قويىدىغان، موھتاجنى قەرزگە بوغۇپ، جازانىخورنى بوداشقا، باشقىلارنىڭ ھەققىنى بەدەلسىز يەۋېلىشقا ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، بارلىق ساماۋى شەرىئەتلەردە ھارام قىلىنغان بولۇپ، بىزنىڭ شەرىئەتىمىزدىمۇ جىمى ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بىلەن ھارام قىلىنغان ۋە ھالاك قىلغۇچى چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن سانالغان. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان ئايەتلىرى ئىچىدە مۇنۇ ئايەتلەر بار ئىدى: ﴿ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! مۇئمىن بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىڭلار، قالغان جازانەنى تاشلاڭلار! ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سىلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار، سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر﴾(بەقەرە: 278 – 279). ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «ئاللاھ تائالا ئۆسۈم يېگۈچىگە، يېگۈزگۈچىگە، ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغۇچىغا ۋە ئۇنى يازغۇچىغا لەنەت قىلغان» (مۇسلىم: 1598).

جازانەنىڭ تۈرلىرى: 1. قەرز جازانەسى (رِبَا الدُّيُونِ). يەنى ئۆسۈملۈك قەرز. بۇ يەنە «جاھىلىيەت جازانەسى (رِبَا الْجَاهِلِيَّةِ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، بۇ جاھىلىيەتتىكى جازانە تۈرلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان بىرىدۇر. نېسىنى دېيىشكەن ۋاقتىدا بېرەلمىسە، ئۆسۈم قوشۇش بەدىلىگە ۋاقىتنى ئۇزارتىپ بېرىشمۇ مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ. 2. جىنسداش تاۋارنى كەم – زىيادە قىلىپ ئالماشتۇرۇش جازانەسى (رِبَا الْفَضْل). بۇ يەنە «سودا جازانەسى (رِبَا الْبُيُوعِ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 3. نېسى جازانەسى (رِبَا النَّسَاءِ). بۇ ئامېرىكا دوللىرىنى تۈركىيە لىراسىغا ئالماشتۇرۇپ، لىرانى نەق تاپشۇرۇپ بەرمىگەندەك ئەھۋاللاردا شەكىللىنىدۇ. 4. ناتوغرا سودىلار (الْعُقُودِ الْفَاسِدَةِ). ھەنەفىي مەزھەبتە: «زىيادىلىك بولسۇن – بولمىسۇن، مەلۇم سۈپەت سەۋەبلىك ناتوغرا بولغان سودىلارنىڭ ھەممىسى جازانە ھېسابلىنىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى، جازانە بەدەلسىز نەرسە بولۇپ، ناتوغرا شەرتلەرنىڭ ماھىيىتى بولسا توختامغا ماس كەلمەيدىغان ئارتۇق نەرسىنى قوشۇۋېلىشتىن ئىبارەت. نەتىجىدە، ناتوغرا توختاملاردا بەدەلسىز نەرسە بولغان بولىدۇ ۋە بۇ جازانەنىڭ ئۆزىدۇر. قاراڭ: ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 2/30، 31؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 5/169؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 22/49 – 59، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

جاھىلىيەت (الْجَاهِلِيَّةُ): ئەرەبچىدە «نادانلىق، بىلمەسلىك ۋە مەرىپەتسىزلىك» مەنىسىدىكى «جەھل» كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»دە مەدىنەدە نازىل بولغان سۈرىلەردە كەلگەن بۇ ئاتالغۇ مىللەتلەرنىڭ ئىسلامىيەتتىن ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇنقى (ياكى پەيغەمبەرلەر زامانلىرى ئارىلىقىدىكى) دىنىي جەھەتتىن بىلىمسىزلىكتە ئۆتكۈزگەن دەۋر ۋە ھالەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. جاھىلىيەت دەۋرىدە خەلقلەر ئەقىدە، ئىبادەت، مۇئامىلە ۋە ئەخلاقتا ئېغىر دەرىجىدە نادان ۋە كرىزىسكە پاتقان ھالەتتە ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەۋەتىلىشى بىلەن بۇ دەۋر ئاياغلاشقان بولسىمۇ، بەزى شەخس ۋە جەمئىيەتلەردە جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ناچار قالدۇقلىرى تېپىلىشى مۇمكىن. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 453 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

جائىز (الْجَائِزُ): شەرىئەتتە: «توغرا ۋە قىلىش چەكلەنمىگەن، ئاللاھ تائالا بەندىگە قىلىش – قىلماسلىق ئىختىيارلىقىنى بەرگەن، قىلسا گۇناھ بولمايدىغان ھالال، مۇباھ ئىشلار»نى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، ئەقىدە ئىلمىدە: «يۈز بېرىشى ئەقلىي جەھەتتىن مۇمكىن بولغان ئىش»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 3 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

جەرىب (الْجَرِيبُ): قەدىمكى زامانلاردىكى مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئاھالىسى ئىشلىتىدىغان يەر كۆلىمى ئۆلچىمى بولۇپ، ھازىر 1366.04 كوادىرات مېتىرگە باراۋەر كېلىدۇ. يەنە 48 ﺳﺎﺋ مىقدار سىغىدىغان كەمچەنگىمۇ ئىشلىتىدىغان ئۆلچەم بولۇپ، ھازىر 156 (يەنە بىر قاراشتا 97.92) كىلوگرامغا باراۋەر كېلىدۇ. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 451 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 611 – بەت، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ، ﺭﯨﻴﺎﺩ، ﻡ. 2017؛ دوكتور ئەلى جۇمۇئە: «المكاييل والموازين الشرعية (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 41 – بەت، دارۇلقۇدۇس، قاھىرە، م. 2021.

.جەزب/جەزبە (الجَذَبُ): تەسەۋۋۇف ئاتالغۇسى بولۇپ، ئىلاھىي ئىنايەتنىڭ بەندىنى ئۆز ھۇزۇرىغا يېقىن تارتىشىدۇر. تارتىلغۇچىنىڭ جىمى مەنزىل ۋە ماقاملارنى جاپا – مۇشەققەتسىز بېسىپ ئۆتۈشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا پۈتۈن ئېھتىياجىنى تەييارلاپ بېرىدۇ. بۇ جەھەتتىن تارتىلغۇچى «مەجزۇب» يولنى رىيازەت ۋە چېنىقىش بىلەن باسىدىغان «سالىك»تىن پەرقلىنىدۇ. مەجزۇب ــ «مۇراد (ئىرادە قىلىنغۇچى)» دەپ ئاتالسا، سالىك ــ «مۇرىد (ئىرادە قىلغۇچى)» دەپ ئاتىلىدۇ. تەسەۋۋۇف شەيخلىرىنىڭ قارىشىچە، تارتىلغۇچى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يېقىن تارتىلغان «مەجزۇب» بۇ يولدا داۋاملىشىپ ئىلگىرىكى ھالىتىگە قايتمىسا، «ئاشىق» دەپ ئاتىلىدۇ. قايتىپ يولىنى داۋاملاشتۇرسا «مەجزۇب سالىك» دەپ ئاتىلىدۇ. يولىنىڭ ئاخىرىدا جەزب قىلىنغان سالىك «سالىك بولغان مەجزۇب» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىككىلىسى شەيخلىك ۋە مۇرىدلەرنى تەربىيەلەش مەرتىۋىسىگە لايىق بولىدۇ. مۇتەسەۋۋىفلەرنىڭ جەزب ھەققىدىكى بايانلىرىدا ئەقىلنىڭ يوقىلىپ شەرئىي تەكلىفاتلارنى بوينىدىن ساقىت قىلىدىغان ساراڭلىق دەرىجىسىگە يېتىش توغرۇلۇق سۆز بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىزاھاتلىرى مەجزۇبنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن مەشغۇل بولۇشىغا، خۇدىنى يوقىتىشىغا ئىشارە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، جەزبە تۇتقان «مەجزۇب» كىشى ئەقلى – ھوشى جايىدا بولسىمۇ، كىشىلەرگە ئوي – پىكرى قالايمىقان، گەپ – سۆزى ئېلىشاڭغۇ كۆرۈنىدۇ. ئەللامە ئىبنى خەلدۇن «مەجزۇب»نىڭ تەكلىف شەرتى بولغان ئەقىلنى يوقاتقان كالۋا، ساراڭلار قاتارىغا قوشۇۋېتىشكە مايىل بولغان ۋە ئۇنى مۇقەررەب ئەۋلىياﺋ دېيىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاۋامنىڭ دەرىجىسىدىنمۇ تۆۋەن دەپ قارىغان، قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 458 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 140 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

جەمرە (الْجَمْرَةُ): «چوغ پارچىسى، شېغىل تاش» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئاتالغۇسى سۈپىتىدە ھاجىلار قۇربان ھېيت ۋە تەشرىق كۈنلىرىدە مىنادا ئاتقان كىچىك تاشلارنىڭ ھەربىرىنى ۋە ئۇ تاشلار ئېتىلىدىغان ئايرىم – ئايرىم ئۈچ يەرنى كۆرسىتىدۇ. ھېيتنىڭ 1 – كۈنى چوڭ ئەقەبە جەمرىسىگىلا يەتتە تاش، ئۇندىن كېيىنكى ئۈچ كۈندە ئۈچ جەمرەگە يەتتىدىن تاش ئاتىدۇ. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 145 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996؛ مەھمەت ئۆزگۈ ئاراس، CEMRE ماددىسى، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى: «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 1993، 7/340، 341؛ ئىستانبۇل، م. 1993.

جەھمىييە (الْجَهْمِيَّةُ): قۇرغۇچىسى جەھم ئىبنى سەفۋان ئەتتىرمىزىيغا نىسبەت بېرىلگەن بۇ تائىپە، ھ. 2/م. 8 – ئەسىردە تىرمىزدا پەيدا بولغان بولۇپ، «كىشى تىلدا ئېتىراپ قىلمىسىمۇ دىلدا ئىقرار قىلىش بىلەن مۇئمىن بولىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش ئازغۇن قاراشلىرى، شۇنداقلا ئاللاھنى مەخلۇققا ئوخشاتماسلىق ئۈچۈن قول ۋە يۈز دېگەندەك سۆزلەرنى تەئۋىل قىلىش، ئەزەلىي سۈپەتلەرنى ئىنكار قىلىش ۋە ئىنساندا ئىختىيارلىق يوق دېيىشتەك قاراشلىرى بىلەن تونۇلغان.

جەنابەت (الْجَنَابَةُ): قاراڭ: جۇنۇب (الْجُنُبُ).

جەۋھەر ۋە ئەرەز (الجوهَرُ وَالعَرَضُ): ئەرەبچىدە جەۋھەر (الجوهَرُ) كەلىمەسى «بىرنەرسىنىڭ ھەقىقىتى، ماھىيىتى ۋە ئېسىل تاش (گۆھەر)» نى، ئەرەز (العَرَضُ) كەلىمەسى «ئىنسان ۋاقىتلىق دۇچار بولىدىغان ئەھۋال ۋە مال – دۇنيا»نى كۆرسىتىدۇ. مۇتەكەللىملەر ئىستىلاھىدا بۇ ئىككى كەلىمە بىر – بىرى بىلەن باغلىنىپ، «جەۋھەر ۋە ئەرەز» دەلىلى ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىسپاتلاشتا ئىشلىتىلگەن. ئۇلار ئالەم (يەنى ئاللاھ تائالادىن باشقا پۈتۈن مەۋجۇدات) نى ئەرەزلەردىن ئايرىلمايدىغان جەۋھەر ۋە جەۋھەردىن ئايرىلمايدىغان ئۆزگىرىشچان ئەرەز دەپ ئىككىگە بۆلۈشىدۇ. جەۋھەر: «ئۆز زاتى بىلەن تۇرالايدىغان نەرسە»دۇر. ئەھلى كالامنىڭ نەزەرىدە جەۋھەرنىڭ ئۆز زاتى بىلەن تۇرالىشىنىڭ مەنىسى: «ئىككىنچى بىرنەرسىنىڭ بوشلۇق ئىگىلىشىگە تاﺑﯩﺌ بولماستىن بوشلۇق ئىگىلىشىدۇر». ئەرەز: «ئۆز زاتى بىلەن تۇرالمايدىغان نەرسە». ئەرەزنىڭ بوشلۇق ئىگىلىشى جەۋھەرنىڭ بوشلۇق ئىگىلىشىگە تابىئتۇر. مەسىلەن، جىسىم جەۋھەر، رەڭ ئەرەزدۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/149، 2/594، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425/م. 2004؛ تەفتازانىي: «شرح العقائد النسفية (شەرھۇل ئەقائىدىننەسەفىييە)»، 40 – بەت، دارۇ ئىھيائىتتۇراس ئەلئەرەبىي بېيرۇت، م. 2014؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 638، 1105 – بەتلەر، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

جۇرۇف (الْجُرُفُ): مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ غەربىي شىمالىغا، شامغا قاراپ ماڭغاندا ئالتە كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان قۇدۇقلىرى بىلەن مەشھۇر باغۇ – بوستانلىق جاي. جۇشەم ۋە جەمەل قۇدۇقلىرى، شۇنداقلا ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋەقف قىلغان رۇۋمە قۇدۇقىمۇ شۇ جايدا ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شەرقىي رۇم (بىزانس) غا قارشى ھەزرىتى ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قوماندان قىلىپ تەيىنلىگەن قوشۇنمۇ شۇ جايدا بارگاھ قۇرغان ئىدى. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «بُحُوْثٌ وَدِرَاسَاتٌ فِي اللَّهَجَاتِ الْعَرَبِيَّةِ (ئەرەب تىلى دىئالېكتلىرى ھەققىدە تەتقىقاتلار)»، 16/4، «ئەرەب تىلى كومىتېتى»، قاھىرە، م. 2014؛ ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 2/353، دارۇ مەككە، مەككە، م. 2010.

جۇزئىي (الْجُزْئِيِّ): ئەرەبچىدە «پارچە ۋە ئۈلۈش» دېگەن مەنىدىكى جۇزﺋ (الْجُزْءُ) كەلىمەسىگە نىسبەت بېرىلگەن بولۇپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بىر ماھىيەتتە ئورتاق بولماسلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىدا: «تەسەۋۋۇر قىلىنغىنىدا كۆپ نەرسىگە ئورتاق بولۇشى چەكلىنىدىغان مەنە». مەسىلەن، «زەيد» كەلىمەسى پەقەت مۇئەييەن بىر شەخسنىلا بىلدۈرىدۇ. زەيدتىن باشقىلار ئۇ ئىسىمدا ئورتاق بولمايدۇ. دېمەك، «جۇزئىي»لىك ئورتاقلىقتىن توسىغۇچى ھەقىقىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ «ھەقىقىي جۇزئىي» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ قارشىسىدا «ھەقىقىي كۇللىي» بولىدۇ. «جۇزئىي» يەنە ھايۋانغا نىسبەتەن ئىنساندەك، بىرنەرسىدىن خاسراق نەرسىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بۇ «ئىزافىي جۇزئىي» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ قارشىسىدا «ئىزافىي كۇللىي» بولىدۇ. كۆپلۈكى جۇزئىييات (الْجُزْئِيَّاتُ) دۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/120، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425/م. 2004؛ قازى ئابدۇرەبىننەبىي ئەھمەدنەگەرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ (دستور العلماء/جامع العلوم في اصطلاحات الفنون)»، 1/271، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، ھ. 1421/ م. 2000؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 613 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

جۇنۇب (الْجُنُبُ): ئەرەبچىدە «ساقلانغۇچى، يىراق تۇرغۇچى» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «(ئۇيقۇدا ياكى ئويغاق) ئېھتىلام بولغان ياكى جىما قىلغان كىشى»نى كۆرسىتىدۇ. جۇنۇب كىشى ناماز ئوقۇش، مەسجىدكە كىرىش ۋە قۇرئاننى تۇتۇشتەك ئىبادەتلەردىن چەكلەنگەن بولۇپ، غۇسۇل تاھارەت ۋاجىب بۇ ھالغا «جەنابەت (الْجَنَابَةُ)» دېيىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 16/47 – 54، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 146 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

جىئرانە/جىئىررانە (الْجِعْرَانَةُ/الْجِعِرَّانَةُ): قەدىمكى مەككەنىڭ 20 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بىر جاينىڭ نامى بولۇپ، ھەرەم يەنى چەكلەنگەن رايوننىڭ سىرتىدا بولغاچقا، مەككەدە ياشىغۇچىلار ياكى ۋاقىتلىق تۇرغۇچىلار ئۆمرە قىلماقچى بولسا، «تەنئىم»گە ئوخشاش شۇ يەردىن ئىھرام باغلاپ ھەرەمگە كىرسە بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ھۇنەين غازىتىدىن قايتىشىدا شۇ جايدا غەنىيمەتلەرنى تەقسىم قىلغان ۋە شۇ يەردىن ئىھرام باغلاپ ئۆمرە قىلغان. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 2/359، دارۇ مەككە، مەككە، م. 2010.

جىزيە (الْجِزْيَة): ئىسلام دۆلىتىدىكى كافىر گىراژدانلارنىڭ ساغلام ئەرلىرىدىن ئېلىنىدىغان باج. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 66 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

جىنازا نامىزى (صَلاَةُ الْجِنَازَةِ): ئەرەبچە «مېيىت ياكى تاۋۇتتىكى مېيىت» مەنىسىدىكى «جىنازا» كەلىمەسى بىلەن ئاتالغان بۇ ناماز فىقھ ئىستىلاھىدا: يۇيۇپ – تارالغان مۇسۇلمان مېيىتكە دەپنە قىلىنىشتىن بۇرۇن دۇئا قىلىپ ۋە مەغفىرەت تىلەپ، تەكبىر ۋە قىيام بىلەنلا رۇكۇ، سەجدە ۋە تەشەھھۇدسىز ئوقۇلىدىغان پەرز كۇپايە نامازدۇر. بۇ مۇسۇلمان بىر ئىنسان ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ ئادا قىلىنىشقا تېگىشلىك بەش ھەققىنىڭ بىرىدۇر. بۇلار: يۇيۇپ – تاراش، كېپەنلەش، نامىزىنى چۈشۈرۈش، دەپنە قىلىش ۋە قەرزىنى ئادا قىلىش. مېيىت نامىزى ئۈچۈن باشقا نامازلاردىكىدەك تاھارەت، قىبلىگە يۈزلىنىش ۋە نىيەت قاتارلىقلار شەرت بولۇپ، ئۇنى جامائەت بولۇپ ئوقۇش پەرز ئەمەس، سۈننەتتۇر. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 146، 247 – بەتلەر، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 16/17، – 18، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 482 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

ﺟﯩﮭﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ (الْجِهَادُ): ئەرەبچىدە «تاقىتىنىڭ يېتىشىچە كۈچ چىقىرىش» مەنىسىدە بولۇپ، ئىسلام فىقھىدا: «مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ كەلىمەسىنى ئۈستۈن قىلىش نىيىتىدە ئەھدىنامە تۈزۈشمىگەن كافىرلارنى (ياكى مۇرتەدلەرنى ۋەياكى توپىلاڭچىلارنى) ئىسلامغا (ياكى تائەتكە) دەۋەت قىلسا، قوبۇل قىلىشتىن باش تارتسا، سۆز ۋە ئىش – ھەرىكىتىدە پۈتۈن كۈچ – تاقىتىنى سەرپ قىلىپ تۇرۇپ قوراللىق ئۇرۇشۇشى»نى كۆرسىتىدۇ. جىھاد ھىجرەتنىڭ 2 – يىلى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلبەتتە قادىر﴾(22/«ھەج»: 39) دېگەن ئىجازىتى بىلەن يولغا قويۇلغان بولۇپ، جىھادنىڭ مەقسىتى مۇسۇلمانلار دىيارىنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىش، كافىرلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن توسالغۇلارنى يوقىتىش ۋە ئۇلارنى ئىسلام ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگۈزۈش قاتارلىقلاردۇر. جىھادنىڭ يەنە قورالسىز باشقا تۈرلۈكىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار «مۇناپىقلار بىلەن جىھاد قىلىش» ۋە «نەفس بىلەن جىھاد قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 489 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى قامۇسى)»، 630 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

چاشگاھ (الضُّحَى): تاڭ ئېتىپ، قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەن، ئاپتاپنىڭ تەپتى سېزىلىشكە باشلىغان ﭼﺎﻍ. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/535، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425/م. 2004؛ مۇھەممەد سالىھ، «ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت»، 2/129؛ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، ت – خ، 642 – بەت.

چاشگاھ نامىزى (صَلاَةُ الضُّحَى): قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ تىكلەشكەنگە قەدەر ئوقۇلىدىغان كۈندۈزگە تەۋە نەفلە نامازدۇر. ئىككى رەكئەتتىن سەككىز رەكئەتكىچە ئوقۇلىدۇ. پەزىلىتى كاتتا بولغان بۇ نامازنىڭ ھۆكمى مۇستەھەب ۋە سۈننەت بولۇپ، چاشگاھ نامىزى يەنە «سەلاتۇل ئەۋۋابىن (ئىتائەتمەنلەر نامىزى/صَلَاةُ الْأَوَّابِينَ)»، «سەلاتۇل ئىشراق (كۈن يورۇش نامىزى/صَلَاةُ الْإِشْرَاقِ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 479 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

خاسەكى سۇلتان (خاصكي/ HASEKİ): ئوسمانىيلار سۇلتانلىرىدىن ئوغۇل پەرزەنت تۇغقان دېدەكلەرگە بېرىلگەن ئۇنۋان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 16/368 – 369. (قىسقارتىلدى)، ئىستانبۇل، م. 1997.

ﺧﻪﺯﯨﺮﻩ (خَزِيرَةٌ): ئۇششاق پارچىلانغان گۆش تاشلاپ شورپا سېلىنىپ، شورپا پىشقاندا ئۈستىگە كېپەكلىك ئۇن چېلىنىپ ئېتىلگەن ئۇماچ. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 4/168، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز.

خەلخال (الخَلْخَالُ): ئە. ئاياغقا تاقىلىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈش ھالقا، پۇت ھالقىسى. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 260 – بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، م. 2016.

خەندەك غازىتى/ئەھزاب غازىتى (غَزْوَةُ الْخَنْدَقِ/غَزْوَةُ الأَحْزَابِ): ھ. 5/م. 627 – يىلى 1 – مارتتىن 24 – مارتقىچە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قوماندانلىقىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ھۇجۇم قىلىپ مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلام ھاكىمىيىتىنى يوق قىلىش ئۈچۈن توپلانغان بىرقانچە ئەرەب قەبىلىلىرىدىن تەشكىللەنگەن قوشۇنلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن غازاتتۇر. «خەندەك غازىتى»نىڭ سەۋەبى: بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىلىرىنى بۇزۇپ، ئۇ زاتنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا بۇ زات ئۇلارغا قوشۇن ئەۋەتىپ، تەسلىم بولغانغا قەدەر ئىسكەنجىگە ئالدى. ئاندىن ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋەتتى. شۇندا بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرى مۇسۇلمانلاردىن ئىنتىقام ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئەرەب قەبىلىلىرىنى مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قۇرەيش قەبىلىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولمىش كىنانە، غەتەفان قەبىلىسى (بەنى فەزارە، بەنى مۇررە، بەنى ئەشجەﺋ) ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان بەنى ئەسەد، بەنى سۇلەيملەرمۇ قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ زور قوشۇن «بىرلەشمە قوشۇن (الْأَحْزَابُ)» دەپ ئاتالدى. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە مۇسۇلمانلار بىرلەشمە قوشۇنغا قارشى يۈزلىنىپ، ئۇلارنى مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە كىرىشتىن چەكلەش ئۈچۈن، مەدىنەنىڭ شىمالىدىكى توسالغۇسىز تۈزلەڭلىككە ئۇزۇنلۇقى 5000 گەز (2500 مېتىر ئەتراپىدا)، كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى 9 گەز (4.5 مېتىر ئەتراپىدا) خەندەك كولاپ تەييارلاندى. بۇ سەۋەبتىن بۇ غازات «خەندەك غازىتى» دەپ ئاتالدى. بىرلەشمە قوشۇن مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ چېگرالىرىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار خىياللىرىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان خەندەك ئۇلارغا توسالغۇ بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەدىنە مۇھاسىرە ئاستىدا قالدى. بۇ مۇھاسىرە مۇسۇلمانلارنى قاتتىق ئەزىيەت، مۇشەققەت ۋە ئاچلىقتا قويدى. بۇ ئاز كەلگەندەك، مۇسۇلمانلار بىلەن ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم بار بولغان بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى كېلىشىمنى بۇزۇپ بىرلەشمە قوشۇنغا قوشۇلدى. بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئىسكەنجىگە ئېلىندى. مۇھاسىرە يىگىرمە كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشتى. بۇ جەرياندا ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مۇشرىكلەرنىڭ مەنىۋىيىتى تۆۋەنلەپ، ئىتتىپاقداش قوشۇن ئارىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچ يوقالدى. نەتىجىدە بۇ قېتىمقى ھەربىي يۈرۈش ھېچبىر غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەن بىرلەشمە قوشۇننىڭ چېكىنىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 56، 57 – بەتلەر؛ مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

خەيبەر ئاھالىسى (أَهْلُ خَيْبَرَ): خەيبەر مەدىنە مۇنەۋۋەرە بىلەن شام يولى ئۈستىگە جايلاشقان قەدىمىي تىجارەت ۋە زىرائەت مەركىزى بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى يۇقىرى، قەلئەلىرى مۇستەھكەم، خەلقى ئۇرۇشقا ماھىر بىر يەھۇدىي شەھىرى ئىدى. خەيبەر ئاھالىسى ئىچىدە مەدىنەدىن قوغلانغان بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىمۇ بار ئىدى. خەيبەر يەھۇدىيلىرى مەككە مۇشرىكلىرى ۋە خەيبەرنىڭ بىر يىللىق خورما مەھسۇلاتىنى بېرىش ئېۋەزىگە غەتەفانلىقلار بىلەن كېلىشىپ، ئاۋۋال رەسۇلۇللاھ ۋە تېخى سان جەھەتتىن ئاز بولغان ساھابەلەرنى مەدىنە سىرتىغا تارتىپ چىقىپ يوقىتىش، ئاندىن مەدىنەگە ھۇجۇم قىلىپ، بارلىق مۇسۇلمان ئاھالىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىسلام تەرغىباتىدىن ئۈزۈل – كېسىل قۇتۇلماقچى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھ. 5/م. 627 – يىلى مارتتا خەندەك ئۇرۇشى يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېڭى قۇرۇلغان ئىسلام دۆلىتىگە رەسمىي ئېغىر تەھدىد بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئالدى بىلەن ھۇدەيبىيەدە (ھ. 7/م. 628 – يىلى) قۇرەيش بىلەن قۇرەيشنىڭ شەرتلىرى بويىچە كېلىشىم تۈزۈپ، كېلەچەكتە يۈز بەرگۈسى بىر مەيدان مۇسۇلمان – يەھۇدىي ئۇرۇشىدا قۇرەيشنىڭ بىتەرەپلىك ساقلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئاندىن شۇ يىلى خەيبەرگە جازا يۈرۈشى قىلىشقا تەييارلىنىپ، بىر ئاي بولمايلا تەخمىنەن 1500 كىشلىك قوشۇن بىلەن مەدىنەدىن چىقىدۇ. قوشۇن ساﮪﺒﺎﺋ دېگەن يەرگە كەلگەندە غەتەفانلىقلار يولىنى كەسمەكچى بولغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇدۇل ئۇلارنىڭ يۇرتىغا ماڭىدۇ. شۇنىڭ بىلەن غەتەفانلىقلار ئۆز مال – مۈلكلىرىنى قوغداش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتىدۇ ۋە قايتا سىرتقا چىقمايدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ كەلگىنىدىن خەۋەر تاپقان خەيبەرلىكلەر ئەڭ ئاز 10 مىڭ (بەزى رىۋايەتلەردە 20 مىڭ) جەڭچى بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. لېكىن، تېزلا مەغلۇب بولىدۇ. ئەگەر فەتىھتىن كېيىن «تەۋرات» بويىچە ھۆكۈم قىلىنغان بولسا قۇرامىغا يەتكەن پۈتۈن ئەرلەر قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئايال ۋە بالىلار قۇل قىلىناتتى. لېكىن، رەسۇلۇللاھ باشتا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئۇچىسىدىكى كىيىملىرى بىلەن شەھەردىن چىقىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلغان، كېيىن يەھۇدىيلەرنىڭ ئۆتۈنۈشى بىلەن قارارىنى تېخىمۇ يۇمشىتىپ، يۇرتلىرىدا قېلىپ ئورتاقچىلىق قىلىشىغا، يەنى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتىنىڭ يېرىمىنى ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغان. ئۇلار تاكى ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىگىچە خەيبەردە ياشىغان. ھ. 20/م. 641 – يىلى خەيبەر يەھۇدىيلىرى تەرىپىدىن ئەنسارلاردىن مۇزاھھىر ئىبنى رەﻓﯩﺌ ئۆلتۈرۈلىدۇ ۋە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئۇخلاۋاتقاندا ئۆگزىدىن تاشلىنىپ ئىككى قولى سۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلىفە ئۆمەر ئۇلارنى سۇرىيە تەرەپكە سۈرگۈن قىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «خەيبەر» ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ، 17/20 – 22. (قىسقارتىلدى)، ئىستانبۇل، م. 2012.

خەيبەر غازىتى (غَزْوَةُ خَيْبَرَ): ھ. 7/م. 628 – يىلى پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ قوماندانلىقىدىكى ئىسلام قوشۇنلىرى بىلەن خەيبەر يەھۇدىيلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن غازاتتۇر. «خەيبەر» مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ شىمالىغا يەنى شام تەرىپىگە 150 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان، قورغانلىرى، تېرىلغۇ يەرلىرى ۋە باغۇ – بوستانلىرى بىلەن مەشھۇر، يەھۇدىيلار ياشايدىغان چوڭ شەھەر بولۇپ، قەدىمىي تىجارەت ۋە زىرائەت مەركىزى ئىدى. خەيبەر يەھۇدىيلىرى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىتتىپاقداش قوشۇن تەشكىللىگەن، بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنى ئەھدىنى بۇزۇپ مۇسۇلمانلارغا خىيانەت قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ۋە مۇناپىقلار ۋە بەزى قەبىلىلەر بىلەن مەخپىي ئالاقە ئورنىتىپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقان ئىدى. ھەتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆلتۈرۈش سۈيىقەستىنى پىلانلىغان ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ھۇدەيبىيە سۈلھدىن كېيىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىتتىپاقداش قوشۇننىڭ ئەڭ كۈچلۈك قانىتى بولغان قۇرەيش مۇشرىكلىرىدىن تولۇق خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقداش قوشۇننىڭ يەنە بىر قانىتى بولغان خەيبەر يەھۇدىيلىرىدىن ھېساب ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا جازا يۈرۈشى قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھۇدەيبىيەدىن قايتىشىدا ئاللاھ تائالا ﴿دەرەخ ئاستىدا بەيئەت قىلغان مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا خەيبەرنىڭ غەنىيمەتلىرىنى ھەممىدىن بۇرۇن ئاتا قىلىدىغانلىقى﴾(48/«فەتھ»: 20)نى ۋەدە قىلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە زۇلھەججە ئېيىدا قايتىپ ھ. 7 – يىلى مۇھەررەم (628 – يىلى ماي) ئېيىدا دەرەخ ئاستىدا بەيئەت قىلغان 1400 كىشى ۋە ئۇلارغا قېتىلغانلار بولۇپ جەمئىي 1600 گە يېقىن كىشىدىن تەشكىللەنگەن ئىسلام قوشۇنى بىلەن خەيبەرگە ئاتلاندى ۋە ئۇنى مۇھاسىرەگە ئېلىپ بىر ئاي ئەتراپىدا داۋاملاشقان «خەيبەر غازىتى»دا يەھۇدىيلارنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، سەپەر (ئىيۇن) ئېيىدا خەيبەرنى فەتىھ قىلدى. خەيبەردە كىچىكلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا مەشھۇر چوڭ قورغانلاردىن سەككىزى بولۇپ، «نائىم قورغىنى»لا 10 كۈن مۇھاسىرىگە ئېلىنغاندىن كېيىن فەتھ قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا «ئەسسەئب» ۋە «ئەززۇبەير» قورغانلىرى ئۈچ كۈندىن، باشقىلىرى بىرقانچە كۈندىن مۇھاسىرىگە ئېلىنغان. ئەڭ مۇستەھكەم دەپ قارىلىدىغان «نىزار قورغىنى» فەتھ قىلىنغاندىن كېيىن «ئەلقەمۇس»، «ئەلۋەتىھ» ۋە «سەلالىم» قورغانلىرى 14 كۈن مۇھاسىرىدىن كېيىن ئاندىن فەتھ قىلىنغاندۇر. يەھۇدىيلەرنىڭ قورغانلىرى مانا مۇشۇنداق ئارقا – ئارقىدىن فەتھ قىلىندى. بۇ غازاتتا مۇسۇلمانلاردىن جەمئىي 18 مۇجاھىد شەھىد بولۇپ، 93 يەھۇدىي ئۆلتۈرۈلدى. خەيبەرنىڭ شىمالىدىكى «فەدەك» ئاھالىسى سۈلھ تەلەپ قىلىپ تۆلەم تۆلىدى. ئاندىن مۇسۇلمانلار قوشۇنى خەيبەر بىلەن «تەيماﺋ» ئارىلىقىدىكى «ۋادىلقۇرا» كەنتلىرىنى مۇھاسىرىگە ئالدى ۋە بىرنەچچە كۈندىن كېيىن فەتھ قىلىپ، نۇرغۇن مال – مۈلك غەنىيمەت ئالدى. مۇسۇلمانلار ئۇ يەرلەرنى خەيبەر زېمىنىغا ئوخشاش يەھۇدىيلەرنىڭ قولىدا قالدۇرۇپ، باغۋەنچىلىك ۋە تېرىقچىلىق توختامى تۈزدى. «تەيماﺋ»غىمۇ «خەيبەر» ۋە «ۋادىلقۇرا»غا ئوخشاش سۈلھ تۈزۈلدى. بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلەرنىڭ جىمى قورغانلىرى مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ قولىغا بىر – بىرلەپ چۈشتى. بۇ غازاتتا ئەسىر چۈشكەن ھەزرىتى سەفىييە ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان. مەدىنەگە قايتىشتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن ئەمرىگە ئالغان ۋە توي مەرىكىسى ئۆتكۈزگەن. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 7/464 – 497؛ سەفىييۇرراھمان مۇبارەكفۇرىي: «اَلرَّحِيْقُ الْمَخْتُوْمُ (شېرىن بۇلاق)»، 333 – 347 – بەتلەر، دارۇ ئىھيائىتتۇراس ئەلئەرەبىي، بېيرۇت، م. 1976.

خۇراسان (خُرَاسَانَ): خۇراسان تارىخىي بىر دىيار بولۇپ، بۈيۈك خۇراسان (خراسان بزرگ) ئىراننىڭ شەرقى، ئافغانىستاننىڭ شىمالى، ماۋەرائۇننەھرنىڭ جەنۇبىدىن ئاز بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نىشاپۇر (نىسابۇر)، ھېرات، بەلخ، سەرخس، ئەبيۇرد، نەسا (ئاشخاباتنىڭ 18 كىلومېتىر شەرقىدە) مەرۋ قاتارلىق مەشھۇر تارىخىي شەھەرلەر خۇراسان رايونى ئىچىدىدۇر. ساسانىيلەرنىڭ تۆت ۋىلايىتىدىن بىرىنىڭ ئىسمى خۇراسان بولۇپ، فارياب، بۇخارا، باۋەرد ۋە گارجىستان رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە بىر ئومۇمىي ۋالىي بىلەن باشقۇرۇلغان. كۈنىمىزدە خۇراسان ئۈچ پارچىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، مەرۋ (مارى) نەسا ۋە سەرخس شەھەر ۋە رايونلىرى تۈركمەنىستانغا؛ ھېرات ۋە بەلخ ئافغانىستانغا؛ قالغان قىسمى ئىراننىڭ ئەڭ شەرقتىكى شىمالىي خۇراسان، رەزەۋى خۇراسان ۋە جەنۇبىي خۇراسان قاتارلىق ئۈچ ۋىلايىتىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ دىيارلارنىڭ كۆپ قىسمى خەلىفە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدە، ھ. 13/م. 635 – يىلى كۈچ بىلەن ياكى سۈلھ بىلەن فەتھ قىلىنغان. قاراڭ: ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «(مُعْجَمُ البُلْدانِ) مۇئجەمۇل بۇلدان»، 2/350؛ تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، 18/234 – 240.

خۇلەفائى راشىدىن (الْخُلَفَاءُ الرَّاشِدُونَ): ئەرەبچىدە: «خۇلەفاﺋ: خەلىفەلەر، راشىدۇن: توغرا يولدا ماڭغۇچىلار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدە كەلگەن بۇ ئاتالغۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن ھ. 11 – 40/م. 632 – 661 – يىللار ئارىسى ئىسلام دۆلىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئەبۇبەكرى سىددىق، ئۆمەر فارۇق، ئوسمان زۇننۇرەين، ئەلى مۇرتەزا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىق تۆت خەلىفە «چاھاريار (تۆر ساھابە)»گە قوللىنىلىدۇ. بۇ زاتلار ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش، شۇرا (كېڭەش) بىلەن ھۆكۈم قىلىش، ھوقۇقنى ئۆزئارا قولاي شەكىلدە ئالماشتۇرۇش ۋە ئادالەتنى بەرپا قىلىش ۋە ئەمەلدارلاردىن ھېساب ئېلىش قاتارلىقلاردا توغرا يولدا ماڭغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 610 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

خۇلئى (الْخُلْعُ): ئەرەبچىدە «سېلىۋەتمەك، تارتىۋەتمەك، سۇغۇرۇپ چىقارماق ۋە يالىڭاچلىماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. شەرىئەتتە: ئەر كىشىنىڭ ماددىي بەدەل ئېلىپ نىكاهىدىكى ئايالىدىن خۇلئى (ياكى تالاق) سۆزىنى قىلىپ ئايرىلىشىدىن ئىبارەت. خۇلئىنىڭ ھۆكمى جائىز بولۇپ، كۆپچىلىك فۇقەھائنىڭ قارىشىدا خۇلئى مەيلى «تالاق» كەلىمەسى بىلەن بولسۇن ياكى باشقا كەلىمە بىلەن تالاقنى نىيەت قىلمىغان بولسۇن ئوخشاشلا ئۈزۈل – كېسىل ئاجرايدىغان «بائىن تالاق» ھېسابلىنىدۇ. ئىددەتمۇ ئادەتتىكى تالاقتىكىدەك (ئۈچ ھەيز) بولىدۇ. بۇنىڭدا ئىككى تەرەپنىڭ رازى بولۇپ قوبۇل قىلىشى كېرەك. بۇنداق ئايرىلىشقا سېلىۋېتىش دېگەن مەنىدىكى «خۇلئى» سۆزىنىڭ ئىشلىتىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەر – ئايال ئىككىيلەن بىرى يەنە بىرىگە قارىتا يۆگەپ تۇرىدىغان كىيىمدۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان»دا: ﴿ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر﴾(2/«بەقەرە»: 143) دېگەن. قاراڭ: ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 20/260، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 19/234 – 256، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

خىزىر/ خەزىر ئەلەيھىسسالام (الْخَضِرِ): ئاللاھ تائالا ئالاھىدە نېئمەت ئاتا قىلغان ۋە ئىلاھىي ئىلىمنى دىلىغا سالغان بەندىلەردىن بىر زات بولۇپ، ئۇ زاتنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان قىسسەسى «قۇرئان»دا «كەھف» سۈرىسىدە بايان قىلىنغان. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە «ئۇ زات پەيغەمبەر ئەمەس»تۇر. بەنى ئىسرائىلدىن ئىكەنلىكى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ مۇسا ئەلەيھىسسالام زامانىغىچە ياشىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئىسمى ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلار مەۋجۇد، «بەليا» دەپ باققانلارمۇ بار. «خىزىر (يېشىل)» بولسا ئۇنىڭ نامى بولۇپ، بۇنداق ئاتىلىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە «سەھىھۇلبۇخارىي»، «پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەدىسلىرى»، (3402) بۆلۈمىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەيدۇكى: «خىزىرنىڭ خىزىر دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇ بىرەر ئاق يەردە ئولتۇرسا، ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىنلا ئۇ يەر يېشىللىققا ئايلىنىپ كېتەتتى». ئىمام سۇھەيلىي (ھ. 508 – 581/م. 1114 – 1185) خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئۇچراشقانلىقى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپاتىدىن كېيىن ئەھلى بەيتكە تەزىيە بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى «سەھىھ» دەپ قارىغان. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە «ئۇ ھازىرمۇ ھايات» دەپ قارىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا بىرقانچىلىغان دەلىللەر كەلتۈرۈلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئالىملار ئۇنىڭ ئىسمى، نەسەبى، پەيغەمبەرلىكى ۋە ھازىرغىچە ھايات ياكى ئەمەسلىكى بارىدا ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان. شۇڭلاشقا، بۇ ئەقىدە دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 599 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى قامۇسى)»، 984 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

دارۇلھىجرەت (دَارُ الْهِجْرَةِ): ئەرەبچىدە: «ھىجرەت يۇرتى، ھىجرەت دىيارى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇ زاتنىڭ ساھابە كىراملىرى شىرك ۋە كۇفۇرنى تاشلاپ، ھىجرەت قىلىپ بېرىپ، ئىمان ۋە قېرىنداشلىق ئاساسىدا ئىسلام دۆلىتىنى قۇرغان مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ نامىدۇر. بۇ دىيار يەنە «رەسۇل شەھرى (مَدِينَةُ الرَّسُولِ)، ئىسلام دىيارى (دَارُ الإِسْلاَمِ)، ئىمان دىيارى (دَارُ الإِيمَانِ)، سۈننەت دىيارى (دَارُ السُّنَّةِ)، نۇسرەت دىيارى (دَارُ النُّصْرَةِ)، تابە (پاك شەھەر/طَابَةُ)، تەيبە (پاك شەھەر/طَيْبَةُ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جاھىلىيەتتە ئىسمى يەسرىپ (يَثْرِبُ) بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇبارەك ھىجرىتى بىلەن نۇرلاندۇرغانلىقتىن، «مەدىنە مۇنەۋۋەرە (نۇرلاندۇرۇلغان شەھەر/الْمَدِينَةُ الْمُنَوَّرَةُ)» دەپ ئاتالغان. مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ ئەسل ئاھالىسى بولمىش ئەنسارلار «ئەھلى دارىلھىجرەت (أَهْلُ دَارِ الْهِجْرَةِ)» دەپ ئاتىلىدۇ. مەدىنەدە ياشاپ ئۆتكەن، مەشھۇر «تۆت مەزھەب»نىڭ بىرى بولغان «مالىكىي مەزھەبى»نىڭ ئىمامى ئىمام مالىك «دارۇلھىجرەت ئىمامى» دەپ تونۇلغاندۇر.

دەۋشىرمە تۈزۈمى (Devşirme): «ئوسمانىيلار دۆلىتىدە تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سېلىش ئۈچۈن ئوسمانىيلار تەۋەلىكىدىكى خرىستىيان بالىلارنىڭ بىر قانۇن بويىچە توپلىنىشى»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «دەۋشىرمە» ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ، 9/254 – 257، (قىسقارتىلدى)، ئىستانبۇل، م. 1994.

دەۋھە (الدوحة): قاتارنىڭ پايتەختى، دوھا دەپمۇ تونۇلغان خەلقئارالىق چوڭ شەھەر.

دەييۇس (الدَّيُّوْثُ): خوتۇن – قىزلىرىنىڭ ۋە مەھرەم ئايال تۇغقانلىرىنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىشىغا يول قويىدىغان كىشى. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 199 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

دروپشىپپىڭ (Dropshipping): ئىنگىلىزچە «يۈك توشۇماي، ئامبارسىز ۋاكالەتچىلىك» مەنىسىدىكى بىر خىل ئېلېكترونلۇق تىجارەت ئۇسۇلى بولۇپ، بۇنىڭدا شەخسلەر «ئەلى ئېكسپرېس (AliExpress)» ۋە «ئېباي (eBay)» دېگەندەك توربەتلەردە ئۆزلىرىگە خاس ئىنتېرنېت سۇپىسى ياكى سەھىپە قۇرۇپ، ئۇنىڭدا ئۆزلىرىنىڭ ئىلكىدە ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان، باشقىلارنىڭ ئىلكىدە ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولغان تاۋارلارنى پايدا قوشۇپ پارچە ساتىدۇ. خېرىدارلار توربەتتىن مەلۇم تاۋارنى سېتىۋالغىنىدا، توربەت ئىگىسى ئۇ تاۋارنى ئىگىسىدىن سېتىۋېلىپ، خېرىدارىنىڭ ئادرېسىنى بېرىدۇ. تاۋارنىڭ ئىگىسىمۇ تاۋارنى شۇ ئادرېسقا ئەۋەتىدۇ. نەتىجىدە توربەت ئىگىسى ئەۋەتىش ۋە يەتكۈزۈش ئاۋارىچىلىقىغا يولۇقماستىن ھەم سەرمايە سالماستىن ئىككى باھا ئوتتۇرىدىكى پەرقنى پايدا ئالىدۇ. قاراڭ: مۇھەممەد سەندۇبىي: «دروپشىپپىڭ (Dropshipping)»، 1 – بەت، تور كىتابى. م. 2018؛ دوكتور نادىيە سەخخان: «شەرىئەت مىزانىدا دروپشىپپىڭ بىلەن ئېلېكترونلۇق تىجارەت» ئاتلىق ماقالە، 6 – بەت، «ئەمىر ئابدۇلقادىر ئىسلام ئىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتى»، «شەرىئەت ۋە ئىقتىساد فاكۇلتېتى»، قۇسەنتىينە – ئالجىرىيە، م. 2023.

دۇرزىيلەر (الدُّرُوْزُ): چېكىدىن ئاشقان شىئەلەرنىڭ ئىسمائىلىييە تائىپىسىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئىلاھلىق دەۋاسى قىلغان فاتىمىي خەلىفەسى ھاكىم بىئەمرىللاھ ئەلفاتىمىي (ھ. 375 – 411/م. 985 – 1021) دېگەن ئازغۇننى ئۇلۇغلايدۇ. ئەقىدىسى بىرقانچە دىننىڭ ئارىلاشمىسىدىن ئىبارەت. ئەگەشكۈچىلىرى ھازىر شامدا ياشايدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 195 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

دۇنيا (الدُّنْيَا): ئەرەبچىدە «تۆۋەن، يېقىن، پەس، ئاز» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئىنسانغا مەلۇم زامان ياشىشى تەقدىر قىلىنغان سىناق ۋە ئەمەل دىيارى ياكى باسقۇچى دېمەكتۇر. «دۇنيا»دىن ئادەتتە يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق يەرلىشىپ، بەھرىمەن بولىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىشقا تەييارلىق قىلىدىغان بۇ «ھاياتىي دۇنيا» كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ھاياتىي دۇنيانىڭ قارىمۇقارشىسى بولسا ئاخىرەت ياكى ئاخىرەت دىيارىدۇر. ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئۈستۈن دىيار بولغان «ئاخىرەت (ئۇ دۇنيا)» كە نىسبەتەن، «بۇ دۇنيا (دۇنيا)» ئەڭ ئاز ۋە ئەڭ تۆۋەن بولغان دىياردۇر. قاراڭ: جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 14/271، دارۇ سادەر، بېيرۇت.

دۇنياغا بېرىلىش (حُبُّ الدُّنْيَا): سېنىڭ دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئۈستۈن كۆرۈشۈڭ، يەنى «بىرى ئاخىرەتكە تەۋە، يەنە بىرى دۇنيالىققا تەۋە بولغان ئىككى خىل تاللاش بولۇپ قالسا، دۇنيالىققا تەۋە بولغان ئىشنى ئاخىرەتلىككە تەۋە بولغان ئىشتىن ئارتۇق كۆرۈشۈڭ» دېگەنلىكتۇر. «دۇنياغا بېرىلىش»نىڭ مەنىسى يەنە دۇنيانىڭ قەلبىڭنى ئەسىر قىلىۋېلىشىغا قاراپ تۇرۇشۇڭ بولۇپ، نەتىجىدە سەن دۇنيانىلا ئويلايدىغان، دۇنيا ئۈچۈنلا چاپىدىغان بولۇپ قالىسەن. دۇنيا سېنىڭ پۈتۈن غېمىڭ ۋە مۇراد – مەقسىتىڭ بولۇپ قېلىشى، شۇنداقلا پۈتۈن ئوي – خىياللىرىڭنىڭ دۇنياغىلا مەركەزلىشىپ قېلىشىدۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 444 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

دۆنمە يەھۇدىيلىرى (DÖNME): «ئەندەلۇستىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلگەن، ئوسمانىيلار دۆلىتىدە ياشىغان، ئەسل دىنىنى يوشۇرۇپ ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان بولغان كۆرسىتىپ، مۇسۇلمانچە ئىسىم قويغان ۋە مۇسۇلمانچە كىيىنگەن يەھۇدىيلەر» كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «دۆنمە» ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ، 9/518 – 520، ئىستانبۇل، م. 1994.

دۆنۈم (دُونَم/Dönüm): ئوسمانلىدىن قالغان يەرمەيدانى ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، ئەسلىدە 918.393 كۋادرات مېتىرغا تەڭ ئىدى. كۈنىمىزدە تۈركىيەدە 1000 كۋادرات مېتىر ياكى بىر دېكارغا، ئىراقتا 2500 كۋادرات مېتىرغا تەڭ.

د ن ئا سىنىقى (تحليل الحمض النووي/DNA): دېئوكسىرىبۇنۇكلېئىك كىسلاتا (Deoxyribonucleic acid) ياكى ئوكسىگېنسىزلانغان يادرو قەنتى كىسلاتاسى سىنىقى، يەنى ئىرسىيەت بەلگە تىپى تەكشۈرۈش سىنىقى.

دېتېرمىنىزم (الحتميّة/Determinism): تىلىمىزغا رۇسچە ئارقىلىق لاتىنچىدىن كىرگەن پەلسەپە ئاتالغۇسى بولۇپ، تەبىئەت ۋە جەمئىيەتتىكى ھەممە ھادىسىلەر قانۇنىيەتكە، مۇقەررەرلىككە ئىگە، ئۇلار بىر – بىرىگە باغلىنىشلىق بولۇپ، بىر – بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ دەپ قارايدىغان ماتېرىيالىزملىق تەلىمات. قاراڭ: تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى(قىسقاراىلمىسى)»، 521 – بەت، خەلق نەشرىياتى، م. 2011.

رافىزىيلار (رەت قىلغۇچىلار/الرَّافِضَة): شىئە پىرقەلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىمام زەيد ئىبنى ئەلى (ھ. 75 ياكى 80 – 122/م. 694 ياكى 699 – 740) ساھابەلەرگە تىل تەگكۈزۈشنى چەكلىگەندە، بىر تۈركۈم شىئەلەر ئىمام زەيد ئىبنى ئەلىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۈچۈن «رەت قىلغۇچىلار» دەپ ئاتالغان. كېيىنچە پۈتۈن شىئە پىرقەلىرى بىلەن شىئە ئالامەتلىرىگە ئىگە بىر قىسىم باتىنىي گۇرۇپپىلارمۇ رافىزىي دەپ ئاتالغان. كۈنىمىزدە ئىران شىئەلىرىنىڭ كۆپچىلىكى رافىزىيلەردىن بولۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ يەكەندىكى شىئەلەرمۇ رافىزىيلەردىندۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 201 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

رامازان ئېيى (شَهْرُ رَمَضَانَ): ئەرەبچە: «قاتتىق ئىسسىق، ئاپتاپ، كۆيۈپ كەتمەك» دېگەن مەنىلەردىكى رامازان كەلىمەسى بىلەن ئاتالغان بۇ ئاي ھىجرىيە يىلنامىسى تەرتىبى بويىچە توققۇزىنچى ئاي بولۇپ، ئەرەبلەر ئايلارنىڭ ئىسىملىرىنى قەدىمكى تىللاردىن يۆتكەپ بېكىتكەن يىلى رامازان قاتتىق ئىسسىققا توغرا كەلگەچكە، بۇ ئاينى رامازان دەپ ئاتاشقان. ئۇشبۇ ئايدا گۇناھلارنىڭ كۆيۈپ كېتىدىغانلىقىدىن ياكى روزىدارنىڭ ئىچى قىززىپ كېتىدىغانلىقىدىن شۇنداق ئاتالغان دەپمۇ قارىلىدۇ. رامازان ئېيى روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ئاي بولۇپ، بۇ ئايدا روزا تۇتۇش ﺋﯩﺴﻼﻡ دىنىنىڭ ﺑﻪﺵ ئاساسىنىڭ بىرىدۇر. بۇ يەنە «قۇرئان» نازىل قىلىنغان ئۇلۇغ ئاي بولغاچقا، ئاللاھ تائالا قەدر كېچىسىنى رامازان ئېيىدا قىلغاندۇر. بۇ خاسىيەتلىك كېچىدە قىلغان ئىبادەت «قۇرئان»نىڭ ئېنىق كۆرسەتمىسى بويىچە مىڭ ئاي يەنى 83 يىل تۆت ئاي ئىبادەت قىلغاندىنمۇ ئەۋزەلدۇر. «رامازان ئېيى كىرسە ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ»(«سەھىھەين»). قاراڭ: قازى ئابدۇرەبىننەبىي ئەھمەدنەگەرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ (دستور العلماء/جامع العلوم في اصطلاحات الفنون)»، 2/103، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، ھ. 1421/ م. 2000؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 23/140، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

راۋىي (الرَّاوِيُّ): «چاڭقىغانلارغا سۇ توشۇپ بەرگۈچى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھەدىسنى باشقىلارغا سەنەدى بىلەن سۆزلەپ بەرگۈچىنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 3 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

راھمان (الرَّحْمَٰنُ): ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن بىرى بولۇپ، «ناھايىتى مېھرىبان» دېگەن مەنىدە. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 321 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

رەببانىيلەر (الرَّبَّانِيُّون): ئەرەبچىدە «پەرۋەردىگار، تەربىيەلىگۈچى، پەرۋىشكار ۋە خۇدا» دېگەن مەنىلەردىكى «رەب (الرَّبُّ)» كەلىمەسىگە نىسبەت بولۇپ، ئەلىف بىلەن نۇن تەكىتلەش ۋە مۇبالىغە ئۈچۈن زىيادە قىلىنغاندۇر. «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» ئىستىلاھىدا: «شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تولۇق بىلگۈچى فەقىھ ھەم ئالىم بولغان، شەرئىي سىياسەتنى بىلىدىغان، پۇقرالارنىڭ دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى پىلانلىيالايدىغان ۋە مەنپەئەتىنى قوغدىيالايدىغان ئىسلاھاتچى زاتلار»دۇر. قاراڭ: تەبەرىي: «جامىئۇلبەيان»، 5/531؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 2/43، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز.

رەتل/رىتل (الرَّطْلُ/الرِّطْلُ): ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، كەمچەن قىلىپمۇ ئىشلىتىلىدۇ. يۇرتلارغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. ئادەتتە فىقھ كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنسا 406.25 (يەنە بىر قاراشتا 382.5) گرامغا تەڭ ئىراق ياكى باغداد رەتلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شام رەتلى 1875 گرامغا، مىسىر رەتلى 449.28 گرامغا تەڭ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 841 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م2017؛ دوكتور ئەلى جۇمۇئە: «المكاييل والموازين الشرعية (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 29 – بەت، دارۇلقۇدۇس، قاھىرە، م. 2021.

رەغائىب (الرَّغَائِبُ): ئەرەبچىدە «تەرغىب قىلىنغان، مول ئىنئام» مەنىسىدىكى رەغىيبە (الرَّغِيبَةُ) كەلىمەسىنىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىزچىل قىلغان ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلغان نەفلە ئەمەل»نى كۆرسىتىدۇ. مالىكىيلەردە: «بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ياكى كىشى يالغۇز ھالەتتە ئادا قىلىدىغان سۈننەتتىن بىر دەرىجە تۆۋەن مۇستەھەب»نى كۆرسىتىدۇ. ئاتالمىش «رەغائىب نامىزى» بولسا: «رەجەب ئېيىنىڭ تۇنجى پەيشەنبە كۈنىنى جۈمەگە باغلىغان كېچىسى (‹رەغائىب كېچىسى›) شام بىلەن خۇپتەن ئارىلىقىدا ئوقۇلىدىغان 12 رەكئەت ناماز بىلەن بارائەت (شەئبان) ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچە (‹بارائەت كېچىسى›)دە ئوقۇلىدىغان 100 رەكئەت ناماز»نى كۆرسىتىدۇ. ھەر ئىككى ناماز بىدئەتتۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/356، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425/م. 2004؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/56؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 22/271، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

رەفئۇليەد (رَفْعُ الْيَدَيْنِ): ئەرەبچىدە «قولنى كۆتۈرۈش» دېگەن مەنىدە بولۇپ، فىقھتا: «نامازدا رۇكۇغا بېرىشتىن بۇرۇن ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قول كۆتۈرۈش» كۆزدە تۇتۇلىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار: «بۇ ئىككى ئەھۋالدا قول كۆتۈرۈش سۈننەت» دەپ قارىسا، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار: «بۇ ئىككى ئەھۋالدا قول كۆتۈرۈش سۈننەت ئەمەس» دەپ قارىغان. قاراڭ: نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 3/354؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/96؛ ئالائۇددىن ئەبۇبەكرى ئىبنى مەسئۇد ئەلكاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 2/305، نەشرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد ئەدنان دەرۋىش، دارۇ ئىھيائىتتۇراسىل ئەرەبىي نەشرىياتى، بېيرۇت، م. 2000.

رەۋزە شەرىف (الرَّوْضَةُ): ئەرەبچىدە: «باغ، گۈلىستان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى ئۆيى (ھازىرقى قەبرىسى بار جاي) بىلەن مەسجىدىدىكى مۇنبىرى ئارىلىقىدىكى مۇبارەك جاي. بۇ جاينىڭ پەزىلىتى ھەققىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۆيۈم بىلەن مۇنبىرىمنىڭ ئارىلىقى جەننەتنىڭ باغچىلىرىدىن بىر باغچىدۇر، مۇنبىرىم ھەۋزى كەۋسەرىمنىڭ ئۈستىدىدۇر» («سەھىھەين»). قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/382، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425/م. 2004؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 204 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

رەييان (الرَّيَّانُ): «ئۇسسۇلۇققا قېنىش» دېگەن مەنىدىكى رەييان جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن بىرىنىڭ نامى بولۇپ، ئۇسسۇز ۋە ئاچ قالسىمۇ روزىدار بولغانلىقتىن سەۋر قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىززەتى – ئىكرام تەرىقىسىدە، روزىدارلارغا مەخسۇس ئاتا قىلىنغان مۇكاپاتتۇر. ئۇ ئىشىكتىن كىرگەندە ئادەتتە ئۇسسۇزلۇققا سەۋەب بولىدىغان قىىستاڭچىلىق بولمايدۇ. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 262/10، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز.

روزا (الصَّوْمُ/الصِّيَامُ): ئەرەبچىدە «تۇرۇۋېلىش، جىم تۇرۇش، گەپ قىلماي شۈك تۇرۇش» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»دە «الصَّوْمُ (سەۋم)» ياكى «الصِّيَامُ (سىيام)» دەپ كەلگەن. تىلىمىزدىكى «روزا» ئاتالغۇسى فارس تىلىدىكى «روزه»دىن كەلگەن بولۇپ، «كۈنلۈك» دېگەن مەنىدىدۇر. ئاتا – بوۋىلىرىمىز بولسا قەدىمدە «روزا»غا «بَچاقْ (باچاق)»، «روزا تۇتۇش»قا «باچاق باچاماق» دېگەنىكەن. شەرىئەتتە: ئېغىز ئاچقۇزۇۋېتىدىغان يېمەكلىك، ئىچىملىك ۋە ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەت قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك نەرسىدىن تاڭ ئاتقاندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچە بولغان ئارىلىقتا ساقلىنىش ئارقىلىق ئىبادەتنى كۆزلەشتۇر. رامازان روزىسى ھ. 2 – يىلى بارات (شەئبان)/م. 624 – يىلى فېۋرالدا پەرز قىلىنغان بولۇپ، رامازان روزىسىنىڭ پەرز ئىكەنلىكى «قۇرئان كەرىم»، سۈننەت ۋە ئىجماﺋ بىلەن سابىتتۇر. قاراڭ: ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/133؛ م. كاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، 1/536، ”شىنجاڭ“ خەلق نەشرىياتى، 1981 – يىل؛ ئەرتان بەسلى: «قەدىمكى ئۇيغۇر تۈركچىسىدە قوللىنىلغان ‹باچا› پېئىلىنىڭ يىلتىزى ھەققىدە (ESKİ UYGUR TÜRKÇESİNDE GEÇEN baça- FİİLİNİN KÖKENİ ÜZERİNE)»، Uluslararası Uygur Araştırmaları Dergisi ژۇرنىلى 2016/7 سان، 41 – 44 – بەتلەر؛ دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنالىرى»، ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف، «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشرى، 4 – بەت، ئىستانبۇل، ھ. 1442/م. 2021 – يىلى 1 – نەشرى 1 – باسمىسى.

رىداﺋ (الرِّدَاءُ): ئىككى مۈرىگە ئارتىۋالىدىغان، بەدەننىڭ ئۈستۈن تەرىپىنى يۆگەيدىغان يەكتەك، تونغا ئوخشىغان كىيىم. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 22/169، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 832 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

رىزۋان بەيئەتى/بەيئەتۇررىزۋان (بَيْعَةُ الرُّضْوَانِ): ھ. 6، زۇلقەئدە/م. 628، مارت ئېيىنىڭ بېشىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرگەن بىر چۈشىدىن كېيىن ئەسھابلىرى بىلەن بىرگە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن مەدىنەدىن مەككەگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. مەككەگە 17 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى ھۇدەيبىيە قۇدۇقى يېنىدا چۈشكۈن قىلىپ قونىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مەككە مۇشرىكلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرگە كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن خالىد ئىبنى ۋەلىد قوماندانلىقىدا 200 كىشىلىك ئاتلىق بىرلىك ھازىرلايدۇ. رەسۇلۇللاھ ھەرگىز ئۇرۇشمايدىغانلىقىنى، پەقەتلا ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ھىراش ئىبنى ئۇمەييەنى ئەلچى قىلىپ مەككەگە ئەۋەتىدۇ. مەككەلىكلەر پىسەنت قىلمىغاندىن كېيىن، ئابرۇيلۇق زات ھەزرىتى ئوسماننى ئەلچى قىلىپ يوللايدۇ. مەككەلىكلەر مۇسۇلمانلارنىڭ كىرىشىگە قەتئىي قوشۇلمايدۇ ۋە خاھلىسا ئۆزىنىڭ ئۆمرە قىلىشىغا رۇخسەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ھەزرىتى ئوسمان بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەككەلىكلەر خاپا بولۇپ ئۇنى نەزەربەند قىلىپ قويىدۇ. رەسۇلۇللاھقا ۋە مۇسۇلمانلارغا بولسا ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ مۇشرىكلەر بىلەن ئۇرۇش قىلماي قايتمايدىغانلىقىلىرىغا دائىر 1400 ئەتراپىدىكى ئەسھابىدىن بەيئەت ئالماقچى بولىدۇ ۋە ھۇدەيبىيەدە تۇرغاندا سايىدىغان «سەمۇرە» دېيىلىدىغان بىر تۈپ سېغىز ياكى مۇغەيلان جىنسى چۆل دەرىخىنىڭ ئاستىدا، بىر رىۋايەتتە («بۇخارىي»، 2960) «تا ئۆلگۈچە»، يەنە بىر رىۋايەتتە («بۇخارىي»، 2958) «ئۇرۇشتىن قاچماسلىققا» بەيئەت ئالغان. ﴿ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن رازى﴾(48/«فەتىھ»: 18) بولغاچقا، بۇ بەيئەت «بەيئەتۇررىزۋان» دەپ ئاتالغان. دەرەخنىڭ ئاستىدا بولغاچقا، «دەرەخ بەيئەتى» دەپمۇ ئاتالغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 586 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

رىسالەت (اَلرِّسَالَةُ): ئەرەبچىدە «ئەۋەتىلىدىغان نامە، بىر تېمىنى چۆرىدىگەن بىرقانچە مەسىلەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابچە، ئەلچىلىك ۋە پەيغەمبەرلىك» دېمەكتۇر. ئەقىدە ئىلمى ئىستىلاھىدا: «بەندىنىڭ شەرئىي ھۆكۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەھيىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولۇشى ۋە ئۇنى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلىشى»دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 693 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003؛ خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 324 – بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، م. 2016..

رىيازىييات ئىلىملىرى (عُلُومُ الرِّيَاضِيَّاتِ): ئون خىل ئىلىم كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇلار: «تەسەۋۋۇف ئىلمى، ئىنژېنېرلىق ئىلمى، گېئومېترىيە، پېداگوگىكا، ھېساب ئىلمى، ئالگېبرا، مۇزىكا ئىلمى، سىياسەت ئىلمى، ئەخلاق ئىلمى ۋە ئائىلە باشقۇرۇش ئىلمى» قاتارلىقلاردۇر. قاراڭ: شەيخ ئەلەۋىي ئىبنى ئەھمەد سەققاف ئەلمەككىي: «الْفَوَائِدُ الْمَكِّيَّةُ (ئەلفەۋائىدۇل مەككىييە)»، 26 – بەت، مۇئەسسەسەتۇررىسالە، بېيرۇت، م. 2015.

Please follow and like us: