توققۇزىنچى ئوسمانلى پادىشاھى ۋە 88 – ئىسلام خەلىفەسى، شەرەپلىك ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمەتكارى، خاقان ئىبنى خاقان، نۇسرەتلىك سۇلتان، قاھھار تائالانىڭ غازى سەركەردىسى، دىن ۋە دۇنيانىڭ مەزمۇت تىرىكى ياۋۇز سۇلتان سەلىمخان ئىبنى بايەزىدخان ئىبنى فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد ئەلئوسمانىي

تۇنجى تۈرك ئىسلام خەلىفەسى سۇلتان ياۋۇز سەلىمخان

(ھ. 874 – 926 / م. 1470 – 1520)

 

تۈركچە ئوسمان نۇرى توپباشنىڭ «?Yavuz Sultan Selim Kimdir» ئاتلىق ماقالىسىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى: يۇلتۇز ئۇممۇ ئابدۇللاھ

 

توققۇزىنچى ئوسمانلى پادىشاھى ۋە 88 – ئىسلام خەلىفەسى، شەرەپلىك ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمەتكارى، خاقان ئىبنى خاقان، نۇسرەتلىك سۇلتان، قاھھار تائالانىڭ غازى سەركەردىسى، دىن ۋە دۇنيانىڭ مەزمۇت تىرىكى ياۋۇز سۇلتان سەلىمخان ئىبنى بايەزىدخان ئىبنى فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد ئەلئوسمانىي بىر رىۋايەتتە كېلىشىچە ھىجرى 872 (مىلادى 68 -1467) – يىلى، كۈچلۈكرەك رىۋايەتكە ئاساسەن ھ. 875 – يىلى 14 – رەببىيۇلئاخىر (م. 1470 – يىلى 10 – ئۆكتەبر) تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتىسى ئىستانبۇلنى فەتىھ قىلغان سۇلتان مۇھەممەدخان II ئوغلى سۇلتان بايەزىدخان II، ئانىسى دۇلقادىرئوغۇللارى بەگلىكىدىن ئالائۇددەۋلە بوزقۇرت بەگ قىزى گۈلباھار ئائىشە خاتۇندۇر.

سۇلتان سەلىمخان ئۇستىخانلىق، ئېگىز بويلۇق، دولىسى كەڭ، بېشى يۇمىلاقراق، قىزىل يۈزلۈك ۋە شاپ بۇرۇتلۇق كېلىشكەن كىشى بولۇپلا قالماي، ياخشى تەربىيەلەنگەن، باتۇر، كۈچتۈڭگۈر ۋە جەسۇر بىر پادىشاھ ئىدى.

ھ. 886 (م. 1481) – يىلى فاتىھ سۇلتان مۇھەممەدخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئوغلى بايەزىد ۋەلى خان سەلتەنەت تەختىگە ئولتۇرىدۇ ۋە ئوغۇللىرىدىن شاھزادە سەلىم ھەربىي تەلىم ۋە دۆلەت باشقۇرۇشنى ئۆگەنسۇن ئۈچۈن ترابزونغا ۋالىي قىلىپ تەيىنلىنىدۇ.

شاھزادە سەلىم ترابزوندا ھاكىمىيەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇش بىلەن بىرگە ئىلىم تەھسىلىگە كۆڭۈل بېرىپ، بۈيۈك ئالىم مەۋلانا ئابدۇلھەلىمنىڭ دەرسلىرىگە قاتنىشىدۇ. ترابزوننى ناھايىتى ياخشى ئىدارە قىلغان شاھزادە سەلىم بۇ جەرياندا قوشنا دۆلەتلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ.

ئۇ ئۇزۇندىن بېرى ترابزون خەلقىگە پاراكەندىچىلىك سېلىپ كەلگەن گۈرجىلەر / گرۇزىنلەرگە قارشى ئۈچ قېتىم جازا يۈرۈشى قىلغان بولۇپ، ئەڭ مۇھىملىرىدىن بولغان كۇتايىس يۈرۈشىدە قارس، ئەرزۇرۇم ۋە ئارتۋىن دىيارلىرى بىلەن بىرقانچە يەر فەتىھ قىلىنىپ، ئوسمانلى تۇپراقلىرىغا قوشۇۋېلىنغان (ھ. 913 / م. 1508) ۋە بۇ دىيارلاردا ياشىغۇچى گۈرجىلەر ئىسلامنى قوبۇل قىلغان.

شاھزادە سەلىم ترابزوندا 29 يىل ۋالىيلىق قىلغاندىن كېيىن ھ. 918 – يىلى 7 – سەفەر (م. 1512 – يىلى 24 – ئاپرېل) ئوسمانلى تەختىگە چىقىپ، سۇلتان سەلىم ئاتالغان ھەمدە سۈرى، كەسكىن مىجەزى، جاسارىتى ۋە چەبدەسلىكى سەۋەبلىك «ياۋۇز» لەقەبىنى ئالغان.

ياۋۇز سۇلتان سەلىم ئات مىنىشكە ناھايىتى ماھىر، قىلىچۋازلىقتا دەۋرىنىڭ ئەڭ زەبەردەست جەڭچىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغۇدەك دەرىجىدە قابىلىيەتلىك ئىدى. ئېلىشىش، نەيزىۋازلىق ۋە ئوقيا ئېتىش ئۇستىسى ۋە ئۇرۇشخۇمار بولۇشىغا قارىماي، تولىمۇ سىپايە، دىلى يۇمشاق ۋە تولىمۇ كەمتەر بولۇپ، ھەر ۋاق تامىقىدا پەقەت بىرلا خىل تائام يەيتتى ۋە ياغاچ قوشۇق تۇتاتتى.

جەننەت ماكان ياۋۇز سەلىمخان ناھايىتى دىندار زات بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە سۈرە «ياسىن»نى كۆپ ئوقۇغان ۋە ھ. 926 – يىلى 8 ياكى 9 – شەۋۋال (م. 1520 – يىلى 21 ياكى 22 – سېنتەبىر) كۈنى «شىر پەنجە» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل چىيقان سەۋەبلىك 49 يېشىدا ۋاپات تاپقان، پايتەخت ئىستانبۇلدىكى فاتىھ جامىئە مەسجىدىدە جىنازە نامىزى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، بۈگۈنكى ياۋۇز سۇلتان سەلىم جامىئە مەسجىدى ھويلىسىغا دەپنە قىلىنغان.

تارىخچىلار سۇلتان ياۋۇز سەلىمنى سەككىز يىلدا سەكسەن يىللىق ئىشىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان بۈيۈك پادىشاھ دەپ تەرىپلەشكەن.

ياۋۇز سۇلتان سەلىمدىن كېيىن ئوسمانلى تەختىگە ئوغلى سۇلايمان I ۋارىسلىق قىلغان ۋە تارىختا قانۇن تۇرغۇزۇش بىلەن مەشھۇر بولۇپ، «قانۇنىي سۇلتان سۇلايمان» دەپ نام ئالغان.

سۇلتان سەلىمنىڭ شاھزادە سۇلايماندىن باشقا خەدىجە، فاتىمە، ھەفسە ۋە شاھ سۇلتان ئاتلىق قىزلىرى بار ئىدى. شاھزادە سالىھ (ۋ. ھ. 904 ياكى 905 / م. 1499) ۋە مەلىكە قەمەرشاھ (ۋ. ھ. 919 / م. 1503) لار كىچىك ياشتا ۋاپات تاپقان.

623 يىللىق شانلىق دەۋلەتى ئالى ئوسماننىڭ پەقەت سەككىز يىللىق بۆلۈكى سۇلتان ياۋۇز سەلىمنىڭ ھۆكۈمدارلىق دەۋرى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن شۇنچە كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەقىلگە سىغدۇرماق بەسى مۈشكۈلدۇر.

تارىخىي ۋاقىئەلەرنىڭ سىررۇ ھېكمەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان تارىخ پەلسەپەسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارمۇ سۇلتان ياۋۇز سەلىمخاننىڭ تۈرك – ئىسلام تارىخىمىزغا بەخش ئەتكەن ماددىي ۋە مەنىۋى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىزاھلاشتا بۈگۈنگە قەدەر ئاجىز كەلمەكتە.

*

پايانسىز چۆلنى كېسىپ ئۆتكەن سۇلتان

ئوسمانلى دۆلىتى ياۋۇز سۇلتان سەلىمخان دەۋرىگە كەلگۈچە كۈندىن – كۈنگە كۈچىيىپ، شەرقتە ئىران سەفەۋىي دۆلىتى، غەربتە ئالبانىيەنى ئېلىپ، ئادرىئاتىك دېڭىزىدا ئىتالىيەگە قوشنا بولغان، شىمالدا قىرىم ئارىلى فەتىھ قىلىنىپ، كىيېف كىنەزلىكى ھامىيلىققا ئېلىنغان ئىدى.

ياۋۇز سۇلتان سەلىم تەختكە چىقىپلا شەرقتىكى سەفەۋىي پىتنىسىنى يىغىشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈشكە باشلىدى، مىڭلارچە چاقىرىم تاغ – ئېدىر، چۆل – ئورمانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئۆز زامانىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان ئىران سەفەۋىي تۈركمەن دۆلىتىنىڭ زور قوشۇنىنى مەشھۇر چالدىران ئۇرۇشىدا تارمار قىلغان.

ھ. 922 (م. 1516) – يىلى مىسىر مەملۇكىي دەۋلەتىگە جازا يۈرۈشىگە ئاتلىنىپ، ھ. 922 – يىلى زۇلھەججە (1517 – يىلى يانۋار) نىڭ بېشىدا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر شىجائەت بىلەن «كىرسە چىقماس» ھالاكەتلىك سىنا چۆلىنى شۇ چاغدىكى ماددىي ئىمكانلار بىلەن بەش كۈندە بۈيۈك بىر قوشۇن بىلەن بېسىپ ئۆتۈشى ئىزاھى نامۇمكىن بىر مۇئجىزەدۇر.

شۇ يىلى (ھ. 933 /م.1517) فېۋرالدا قاھىرە شەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن، مەملۇكىي ھامىيلىقىدىكى ئابباسىي خەلىفەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئالەمى ئىسلامنىڭ دىنىي داھىيسى بولمىش خەلىفەلىك سالاھىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى ۋە خىلافەت تۇنجى قېتىم بىر تۈرك قاغانغا، ئوسمانلى خاقانىغا ئۆتتى ۋە ھ. 656 (م. 1258) – يىلىدىن بېرى مەملۇكىي ھامىيلىقىدا نامدا بار ئەمەلدە يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالغان خىلافەت يېڭىدىن ئۆز ئىززىتىنى تاپقان ۋە يۈكسەلگەن. قاھىرەدە ساقلىنىۋاتقان مۇقەددەس ئامانەتلەر سۇلتان سەلىمخان تەرىپىدىن ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېتىلىپ، ئۆز لايىقىدا ئۇلۇغلانغان.

ئۇنىڭ ئۆمرى چارىسىزلىك ۋە ئاجىزلىققا تەسلىم بولۇشنىڭ ئورنىغا ئاللاھقا تايىنىش بىلەن ھەر دەردكە مۇھەققەق توغرا چارە تېپىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش بىلەن تولغان.

تارىخنىڭ ئاددىي سەھپىسى مانا مۇشۇ مىسلىسىز جەڭگىۋار خاقاننىڭ ئالتۇن سىماسى بىلەن شەرەپلەنگەن.

ترابزون ئىرانغا نىسبەتەن يېقىن بولۇپ، سۇلتان سەلىمخان شاھزادە ۋاقتىدىلا شاھ ئىسمائىلنىڭ (ھ. 892 – 930 / م. 1487 – 1524 ياشىغان، 1501 – 1524 ئارىسى ئىرانغا شاھ بولغان) ئۈممەتكە قىلغان يامانلىقلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى ئەتراپلىق ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر ئېلىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەنىدى ۋە شاھ ئىسمائىل بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن يەنى شاھزادىلىك سالاھىيىتى بىلەن قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئوسمانىيلار تەختىگە تېزرەك چىقىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلغانىدى. بۇ ۋەجدىن، ئاكىلىرى شاھزادە ئەھمەد (ھ. 870 – 919 / م. 1465 – 1513) ۋە شاھزادە قورقۇتنى (م. 872 ياكى 874 – 919 / 1467 ياكى 1469 – 1513) مەغلۇپ قىلىپ ئۆز تەختىنى مۇستەھكەملىگەن. سۇلتان قەھرىمانلىقتا تىللاردا داستان بولۇش بىلەن بىرگە، ناھايىتى ھېسسىياتچان ۋە دىلى نازۇك كىشى ئىدى. دۆلەتنىڭ بەرقارارلىقى ئۈچۈن يوقىتىشقا مەجبۇر بولغان قېرىندىشى ئاكىسى قورقۇتنىڭ تاۋۇتىنىڭ تۈۋىدە: «ئەي قېرىندىشىم! كاشكى سەن ئۇنداق قىلمىغان بولساڭ ئىدىڭ، مەنمۇ بۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولمىغان بولسام ئىدىم» دەپ يىغلايدۇ، شاھزادە قورقۇتنىڭ پىيالە ئاتلىق سادىق ئادىمىگە: «سېنى ساداقەتمەنلىكتىن ئىبارەت بۈيۈك پەزىلىتىڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن كەچۈردۈم، ئۇشبۇ ساداقەتمەنلىكنىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە سېنى خاھلىغان ئورنۇڭغا تەيىنلەي، خاھلىساڭ ۋەزىرىم بول!» دەپ ئىلتىپات كۆرسەتكەندە، پىيالەمۇ تەشەككۈر ئېيتىدۇ ۋە ساداقىتىنى تېخىمۇ ئىپادىلەپ: «سۇلتانىم! بۇندىن كېيىن مېنىڭ ۋەزىپەم شاھزادە قورقۇتنىڭ قەبرىسىگە قارىغۇچى قارانچۇق بولغاي» دەيدۇ.

بۇ كۆرۈنۈشلەر ئاۋامدىن سۇلتانغا قەدەر پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ ئەخلاق سەۋىيەسىنى كۆرسىتىشكە يېتەرلىكتۇر.

ياۋۇز سۇلتان سەلىمخان تەختكە چىقار – چىقماي تېز سۈرئەتتە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا ئەزەربەيجان، ئىراق، ئىرانلارنى قولغا كىرگۈزگەن شاھ ئىسمائىل ئاناتولىيەگە تەھدىت سالغۇدەك ھالغا كەلگەنىدى. ئۇ شىئە مەزھىبىنى كېڭەيتىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، داۋاملىق پىتنە چىقىرىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى داۋالغۇتىدۇ.

*

سۇلتان سەلىمخاننىڭ ئىران سەپىرى

سۇلتان سەلىم ئوردا دىۋانىدا ئەئيانغا شاھ ئىسمائىلنىڭ خەتەرلىك پائالىيەتلىرىنى ئۇزۇندىن ئۇزۇن چۈشەندۈرىدۇ. ئەھلى دىۋان نۇرغۇن مۇزاكىرىلەردىن كېيىن شەيخۇلئىسلام كامالپاشازادەنىڭ پەتۋاسى بىلەن ئىرانغا يۈرۈش قىلىش قارارى ئالىدۇ.

ياۋۇز سەلىمخان ھ. 920 – يىلى 23 – مۇھەررەم (م. 1514 – يىلى 20 – مارت) كۈنى ئىستانبۇل ئۈسكۈدار تەرەپكە ئۆتۈپ، ئوردۇئى ھۇمايۇن (ئىمپېراتورلۇق ئارمىيەسى) بىلەن ئىرانغا قاراپ ئات سالىدۇ. سۇلتان سەلىم شاھ ئىسمائىلنى باتۇرلۇق ۋە شىجائەت نامايەن بولىدىغان مەردلىك مەيدانىغا چىللىسىمۇ، ئۇ دائىما ئۇرۇشتىن قاچىدۇ. ئاقىۋەت ياۋۇز سەلىمخان سەفەۋىي تۇپراقلىرىغا كىرىدۇ. شاھ ئىسمائىل دائىم كەينىگە چېكىنىدۇ. سۇلتان سەلىمنىڭ ئەسكەرلىرى بىرەر مەيدان ئۇرۇش قىلماي قوغلاۋېرىشتىن ھەم زېرىكىدۇ، ھەم ھېرىپ چارچايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلىدىغان تولۇقلىما تەمىناتمۇ ئاقساشقا باشلايدۇ. قوشۇن ئىچىدە بىئارامچىلىق بارغانسېرى ئۇلغىيىپ: «شاھ ئىسمائىل قاچتى، مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر غەلىبە، ئەمدى ئارقىمىزغا يانايلى!» دەپ غەۋغا چىقىشقا باشلايدۇ. ھەتتا توپىلاڭچىلار ھەددىدىن ئېشىپ سۇلتان سەلىمخاننىڭ چېدىرىغا قارىتىپ ئوق ئۈزۈشكىمۇ جۈرئەت قىلىدۇ.

*

سۇلتان ياۋۇز سەلىمنىڭ توپىلاڭچى ئەسكەرلەرگە خىتابى

جەننەت ماكان ياۋۇز سەلىمخاننىڭ شاھانە چېدىردىن چىقىپ، غەۋغاچى ئەسكەرلەرگە قىلغان خىتابى جەڭ تارىخىدا تىللاردا داستاندۇر.

سۇلتان ئۆز نۇتقىدا ھەقىقىي نىشانغا تېخى يەتمىگەنلىكىنى، جازا يۈرۈشىدىن ئەسلا قايتمايدىغانلىقىنى، جىھاد ئۈچۈن قىلىنغان ئۇشبۇ سەپەردىن پەقەت خاتۇنلىرىنى سېغىنغانلارنىڭلا قايتىدىغانلىقىنى، ئوغۇلبالا – ئەركەكلەرنىڭ داۋاملىق ئۆزىگە ئەگىشىدىغانلىقىنى، ھەتتا يالغۇز ئۆزىلا قالغان تەقدىردىمۇ ئاداققىچە جەڭ قىلىدىغانلىقىنى جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن ئىپادىلەپ:

— خاھلىغانلار خاتۇنلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ، كۆينەكلىرىنى تەڭ كىيسۇن! مەن دۈشمەنگە قارشى بىر بېشىم بىلەنمۇ كېتىۋېرىمەن، — دەيدۇ ۋە ئارغىمىقىنى دېۋىتىپ كېتىدۇ.

*

كېپىنىنى بوينىغا ئېسىپ يۈرگەن سۇلتان

ياۋۇز سەلىمخان شاھزادە ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ كېپىنىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن بىر جەڭگىۋار كىشى بولۇپ، شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ مىڭلارچە ئوق ئىچىدە شەھىد بولۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن ئىدى، ئۇنىڭ تەۋەككۈلچىلىكى، ئاللاھقا تەسلىمىيىتى، ھەمدە تەڭرى جەللە جەلالۇھۇنىڭ چوقۇم چارە ئەۋەتىشىگە شەكسىز ئىشەنچى ھادىسىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدۇ. سۇلتان سەلىمنىڭ يۈرەك قېتىدىن چىققان بۇ سۆزلەر ئەسكەرلەرنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق لەرزىگە سالىدۇ – دە، چالدىران تۈزلەڭلىكىگە (ئىران تۈركىيە چېگرىسىدىكى بىر يەر) باشقىچە بىر جاسارەت، سۈر – ھەيۋە بىلەن ئاتلىنىشىدۇ. نىھايەت شاھ ئىسمائىل ناھايىتى ئېغىر مەغلۇپ بولۇپ، خاتۇنى ۋە تەختىنى جەڭ مەيدانىغا تاشلاپ بەدەر قاچىدۇ (ھ. 920 – يىلى 2 – رەجەب / م. 1514 – يىلى 23 – ئاۋغۇست).

920 – يىلى 16 – رەجەب (1514 – يىلى 6 – سېنتەبىر) ياۋۇز سەلىمخان تەبرىز شەھرىگە كىرىدۇ ۋە خۇتبە خۇلەفائى راشىدىن (تۆت خەلىفە) تىلغا ئېلىنىپ تۇرۇپ، سۇلتان ياۋۇز سەلىمخاننىڭ نامىغا ئوقۇلىدۇ. تەبرىزدىكى ئىلىم ۋە سەنئەت ئەربابلىرى بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتىدۇ ۋە ئۇلارنى ئىستانبۇلغا تەكلىپ قىلىدۇ.

سەلىمخان رايوندىكى فەتىھلىرىنى تاماملاش ئۈچۈن شۇ يىلى قىشنى ئەزەربەيجاندىكى قاراباغدا ئۆتكۈزىدۇ. ئىستانبۇلدىن تەبرىزگە قەدەر 2500 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى مىڭبىر جاپادا، ئوزۇق – تۈلۈك قىيىنچىلىقىغا قارىماي ياياق بېسىپ ناھايىتى كاتتا غەلىبە قۇچۇش تارىختا بەك ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسىلەردىندۇر.

*

ھەزرىتى مۇھيىددىن ئىبنۇل ئەرەبىينىڭ كارامىتى

سۇلتان سەلىم شەرقىي جەنۇب ئاناتولىيەنى دانا بىر سىياسەت بىلەن ئۇرۇشسىزلا دۆلىتىگە قوشۇپ، شام شەھرىگە قەدەم باسقان چاغدا مۇھيىددىن ئىبنۇل ئەرەبىي (ھ. 560 – 638 / م. 1165 – 1240) ھەزرەتلىرىنىڭ بىر كارامىتى ئىسپاتلىنىدۇ. ئۇ زاتنىڭ ھايات ۋاقتىدا: «پېقىرنىڭ قەبرىسى س (سىن) ش (شىن) غا كىرگەندە ئوتتۇرىغا چىقۇر» دېگىنىدەك، دەرۋاقىئە سۇلتان سەلىمخاننىڭ شامغا كىرىشى مۇھيىددىن ئىبنۇل ئەرەبىينىڭ قەبرىسى تېپىلغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

بىر كۈنى ياۋۇز سۇلتان سەلىم سىردىشى ھەسەنجاننى ھۇزۇرىغا چاقىرتىدۇ ۋە سۆھبەت ئارىلىقىدا ئۇنىڭغا:

— ئېيتقىن ھەسەن! كېچە قانداق چۈش كۆردۈڭ؟! — دەپ سورايدۇ. ھەسەنجان:

— دېگۈدەك بىر چۈش كۆرمىدىم، — دەپ جاۋاب بېرىدۇ. سۇلتان دوستىدىن:

— كىشى بىر كېچە ئۇخلاپمۇ ھېچقانداق چۈش كۆرمەسمۇ؟ ھەر ھالدا بىرەر چۈش بولسىمۇ كۆرگەنسەن؟ — دەپ قايتىلاپ سورايدۇ. بىرەر نەرسىنى ئەسلىيەلمىگەن ھەسەنجان ئوڭايسىزلىنىدۇ ۋە كېيىنراق بىر مۇناسىۋەت بىلەن ئەسلىدە ئىشىكئاغاسى(1) ھەسەن ئاغانىڭ شۇ كېچە چۈش كۆرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ھەقىقەتنى سورايدۇ. ئىشىكئاغا ھەسەن بايان قىلىپ: «بۇ كېچە ھەرەم نۇر يۈزلۈك كىشىلەر بىلەن تولدى، سۇلتاننىڭ ئىشىك ئالدىدا قوللىرىدا بايراق تۇتقان تۆرت كىشى تۇرار ئىدى، ئەڭ ئالدىدىكى كىشىنىڭ قولىدا سۇلتانىمىزنىڭ بايرىقى بار ئىدى. ئۇ كىشى ماڭا:

— بىز نېمە ئۈچۈن كەلدۇق بىلەمسەن؟ — دېگەنىدى، مەن:

— سىز بىلىسىز، — دېدىم. ئول زات:

— سەن كۆرۈپ تۇرغان بۇ مۇبارەك كىشىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدۇر، ھەممىمىزنى رەسۇل ئەكرەم ئەۋەتتى ھەم سۇلتان سەلىمخانغا سالام ئېيتتى ۋە: ‹ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمىتى ئۇنىڭغا بېرىلدى، تېز كەلسۇن!› دېدى. سەن كۆرگەن بۇ تۆرت كىشىنىڭ بىرى ئەبۇبەكرى سىددىق، بىرى ئۆمەر فارۇق، بىرى ئوسمان زىننۇرەيندۇر، مەن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبتۇرمەن. دەرھال بېرىپ سەلىمخانغا بۇنىڭدىن خۇش بېشارەت بەرگىل، — دېدى»(2).

*

ھەسەن ئاغانىڭ چۈشى

ھەسەنجان ھەسەن ئاغانىڭ چۈشىنى سۇلتانغا ئەينەن نەقىل قىلدى. پادىشاھنىڭ مۇبارەك يۈزى قىزاردى ۋە كۆزلىرىدىن خۇشاللىق ياشلىرى تۆكۈلدى. ئۇ: «ئەي ھەسەنجان! ساڭا دېمىدۇقمۇ؟ بىز بىر تەرەپكە بۇيرۇلمىغۇچە ھەرىكەت قىلمايمىز، ئەجدادىمىزدىن ھەربىرى ئەۋلىيالىقتىن نېسىۋە ئالغانلاردۇر، ھەربىرىنىڭ نۇرغۇن كارامەتلىرى باردۇر» دېدى. سۇلتانمۇ شۇ كېچە ئوخشاش چۈش كۆرگەنىدى.

*

سۇلتان ياۋۇز سەلىمنىڭ مىسىر يۈرۈشى

ئىران سەپىرىدىن بۇرۇن سۇلتان سەلىمخان مىسىردىكى مەملۇكىيلەردىن ئىران سەفەۋىي شاھىغا ياردەم بەرمەسلىك توغرۇلۇق ئەھدە ئالغان بولسىمۇ، مەملۇكىيلەرنىڭ ئەھدىنى بۇزۇشى سۇلتاننى قاتتىق بىئارام قىلىدۇ ۋە ھ. 922 – يىلى 14 – سەفەر (م. 1516 – يىلى 19 – مارت) كۈنى دىۋان كېڭىشى نەتىجىسىدە شەرق سەپىرى يەنى مىسىرغا يۈرۈش قارارى ئېلىنىدۇ. نەتىجىدە ئوسمانلى قوشۇنى مەملۇكىي قوشۇنلىرى بىلەن بۈگۈنكى سۈرىيەنىڭ ھەلەپ شەھرىنىڭ 38 كىلومېتىر شىمالىغا توغرا كېلىدىغان مەرجىدابىق تۈزلەڭلىكىدە ئۇچرىشىپ، ئۇلارنى ئېچىنىشلىق مەغلۇپ قىلىدۇ (ھ. 922 – يىلى 25 – رەجەب / م. 1516 – يىلى 24 – ئاۋغۇست. بۇ ئۇرۇشتا 15 يىلدىن بېرى مىسىر مەملۇك دۆلىتىنى باشقۇرۇپ كەلگەن قانسۇھ غاۋرى ئۆلىدۇ، ئورنىغا قاھىرەدىكى تەخت نائىبى جىيەنى تۇمانباي رەسمىي مەملۇك سۇلتانى بولىدۇ). ئەمما، بۇ زەپەرنىڭ تولۇق بولۇشى ئۈچۈن مىسىرغا بېرىشى ئىستىراتېگىيەلىك بىر زۆرۈرىيەت بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن قورقۇنچلۇق سىنا چۆلىنى كېسىپ ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. ئۇ بۇ قىيىن ئىشنى ھېچبىر چىقىم تارتماي، قىينالماي 13 كۈندە ئورۇندايدۇ. بۈيۈك بىر ئەسكىرىي قوماندان سانالغان ناپالىئونمۇ ياۋۇز سۇلتان سەلىمدىن ئۈچ يۈز يىل كېيىن بۇ چۆلدىن ساق ئۆتەلمىگەن ۋە فرانسۇز ئەسكەرلىرى ئۇسسۇزلۇقتىن ئەسەبىيلىشىپ بىر – بىرلىرىنى ئۆلتۈرگەن ئىكەن. بۇ چۆلنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا زامانىۋى تېخنىكا ئىمكانىيەتلىرى بىلەن 11 كۈندە ئاران بېسىپ ئۆتۈلۈشىمۇ ياۋۇز سەلىمخاننىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ شارائىتىدا پەقەتلا 13 كۈندە ئەمەلگە ئاشۇرالىغانلىقىنىڭ نەقەدەر بۈيۈك بىر مۇۋەپپەقىيەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

ئۆز ۋاقتىدا سەركەردە پاشالار ۋە ئەسكەرلەر بۇ چۆلدىن قانداق ئۆتۈش توغرۇلۇق ئەندىشە ۋە ئىككىلىنىشكە مۇپتىلا بولىدۇ. بۇ خەتەرلىك چۆل كۈندۈزى بەئەينى جەھەننەم مىسالى 50 گرادۇستىن يۇقىرى ئىسسىق، كېچىسى خۇددى مۇز ئوكياندەك نۆلدىن تۆۋەن 20 گرادۇسقىچە سوغۇق بولۇپ، تولىمۇ ئۆزگىرىشچان كىلىماتقا ئىگە، يەنە كېلىپ ئۇ بىر پايانسىز قۇم دېڭىزى ئىدى.

*

سۇلتان ياۋۇز سەلىمنىڭ سىنا چۆلىنى بېسىپ ئۆتۈشىنىڭ سىرى

پۈتۈن بولۇمسىز شەرت – شارائىتقا قارىماي ياۋۇز سەلىمخاننىڭ قەتئىي قارارى بىلەن چۆلگە يۈرۈش قىلىنىدۇ. ئاتلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سۇلتان ئېتىدىن چۈشىدۇ ۋە پىيادە مېڭىشقا باشلايدۇ. بۇنى كۆرگەن ئەسكىرىي ئەركان قاتتىق ھەيرەت ئىچىدە: «ئاتلار جېنىدا قىينىلىپ تەسلىكتە مېڭىۋاتقان بۇ چۆلدە سۇلتان نېمىشقا ئېتىدىن چۈشۈپ پىيادە ماڭىدىغاندۇ؟» دەپ پىچىرلاشقاچ ئاتلىرىدىن چۈشۈپ پىيادە مېڭىشقا باشلايدۇ. پاشالار سۇلتاننىڭ جان جىگەر دوستى ھەسەنجانغا:

— بۇنىڭ ھېكىمىتى نەدۇر، پادىشاھتىن بىر سوراپ باقساڭ، — دەيدۇ. ھەسەنجان سۇلتان ئالىيلىرىدىن نېمە سەۋەبتىن بۇنداق قىلغانلىقىنى سورىغىنىدا، سۇلتان:

— ھەسەن! كۆرمەيۋاتامسەن؟ ئالدىمىزدا كائىنات پەخرى رەسۇلىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېڭىۋاتىدۇ، — دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار شۇ ماڭغانچە بۇ قورقۇنچلۇق چۆلنى توپتوغرا 13 كۈندە، بىر بۇلۇتنىڭ ئاستىدا ئاللاھ رەسۇلىنىڭ روھىي يولباشچىلىقىدا بېسىپ ئۆتۈپ، ھ. 922 – يىلى 28 – زۇلھەججە (م.1517 – يىلى 22 – يانۋار) كۈنى مەملۇكىيلەرنى رىدانىيە ئۇرۇشىدا يەنە بىر كەررە مەغلۇپ قىلىدۇ ۋە قاھىرە دەرۋازىسى سۇلتان سەلىمخانغا ئېچىلىدۇ.

*

بۈيۈك سۇلتاننىڭ پەزىلەتلىرى

ئوسمانلى قوشۇنىنىڭ قاھىرەگە، يەنى مىسىرغا كىرىش بىلەنلا ئىش تۈگىمىگەن ئىدى. مەملۇك ئەسكەرلىرى كوچا – كوچىلاردا قارشىلىق بىلدۈرىدۇ، يېڭى مەملۇك ھۈكۈمدارى تۇمانباينىڭ پىدائىيلىرى: «سەلىمنى ئۆلتۈرسەك، ئۇرۇشتا بىز يېڭىمىز» دېگەن ئىشەنچتە ياۋۇز سەلىمخاننى پايلاپ يۈرۈشىدۇ. بۇنى سەزگەن سىنان پاشا ئەھۋالنى ياۋۇز سەلىمخانغا ئۇقتۇرۇپ، ئۆزى سۇلتاننىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، پىدائىيلارنىڭ ئالدىغا چىقىدۇ. ياۋۇز سەلىمخان كەينىدىن يېتىشىپ، ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلغۇچە سىنان پاشا شەھىد بولىدۇ (ۋ. ھ. 922 – يىلى 29 – زۇلھەججە / م. 1517 – يىلى 23 – يانۋار).

*

مىسىر فەتھىگە بەدەل بولغان شەھىد

سۇلتان ياۋۇز سەلىم مىسىرغا كىرىشنى كىرىدۇ، ئەمما كۆڭلى ناھايىتى يېرىم ھالدا: «مىسىرنى ئالدۇق، لېكىن سىنان پاشادىن ئايرىلدۇق» دەيدۇ. دېمەك سۇلتاننىڭ نەزەرىدە بىر ئالىم مۇجاھىدتىن ئايرىلىپ قېلىشقا مىسىر فەتھى دېگەندەك تەسەللى بولالمايدۇ.

يەھيا كامال ئەپەندى (1894 – 1958) بۇ ئايرىلىشنى شۇ شەكىلدە ئىپادىلىگەنىدى:

”On Mısr’a bir Sinan bedel olmazdı ey kaza

Kudretlu padişahı bu hal etti telh-kam“

(ئون مىسىرغا بىر سىنان بەدەل ئولمازدى ئەي قازا

قۇدرەتلۇ پادىشاھى بۇ ھال ئەتتى تەلھ قام)

«ئەي قازا! سىنان پاشا كەبى ئالىم دۆلەت ئەربابىغا ئون مىسىرنى تېگىشىپ بولماس ئىدى، بۇ ئەھۋال قۇدرەتلىك پادىشاھنى ناھايىتى ئازابلىدى».

تارىخنىڭ ھەر دەۋرىدىكى كۈچلۈك شەخسلەر مۇشۇنداق سەرخىل ئارقا تېرەكلەر بىلەن پەللىگە چىققان بولسا كېرەك.

سۇلتان ياۋۇز سەلىمخان ھ. 923 – يىلى 23 – مۇھەررەم (م. 1517 – يىلى 15 – فېۋرال) ناھايىتى دەبدەبىلىك بىر مۇراسىم بىلەن مەملۇكىيلەرنىڭ سارىيى قەسرى يۇسۇفقا كىرىدۇ. شۇ دەۋرنىڭ شاھىدى قاھىرە خەلقىنىڭ ياۋۇز سەلىمخاننى مۇنداق كۈتۈۋالغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ:

«خەلق ياۋۇزنىڭ سەلتەنەتىنى كۆرۈش ئۈچۈن كوچا – كويلارغا تولغان ۋە پەنجىرىلەردىن قارىشىپ كەتكەنىدى، ياۋۇز ئۇلارغا باشقىچە كۆرۈنگەن ئىدى، خالايىق ئۇنى ئۆزگىچە تون – لىباس ۋە ئالاھىدە تاج – سەللە كىيسە كېرەك دەپ ئويلىغانىدى. ۋەھالەنكى ياۋۇز سەلىمخان بولسا ئەڭ ئالدىدا ئەمەس، بەلكى جەڭگىۋارلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى، نە ئۆزگىچە ئىگىن، نە باشقىچە بۆك كىيمىگەن، سەرۋازلاردىن پەرقسىز ھالدا ئالغا قاراپ كەمتەرىن ھالەتتە ماڭاتتى».

*

سۇلتان ياۋۇز سەلىمنىڭ سەللىسىنىڭ سىرى

ياۋۇز سەلىمخان 28 – مۇھەررەم (20 – فېۋرال) جۈمە كۈنى مەلىك مۇئەييەد جامەسىدە ئوقۇلغان خۇتبىدە خاتىپنىڭ ئۆزى توغرىسىدا: «ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك ئىككى ھەرەمنىڭ ھۆكۈمدارى» دېگەن تەئرىفىگە دەرھال ئېتىراز بىلدۈرۈپ، كۆزى ياش ھالدا خۇتبىنى: «ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمەتكارى» دەپ ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. رەببىگە شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن، گىلەمنى ئېلىۋېتىپ، تۇپراققا سەجدە قىلىدۇ. ئۇلۇغ ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمەتكارى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن، سەللىسىنىڭ ئالدىغا سۈپۈرگە شەكلىدە تاج پۆپۈك تاقايدۇ.

مەنبە: ئوسمان نۇرى توپباش، ئالتۇن ئۇلۇق ژۇرنىلى، 1996 – يىل، نويابىر 129 – سانى، 32 – بەت.

https://www.islamveihsan.com/yavuz-sultan-selim-kimdir.html

———————————-

1. بۇرۇنقى خان ئوردىسىدا تۇرۇپ ئىشىككە قارايدىغان، ئوردا ئىشىكىدىن كىرگەن خاس ئەمەلدار ۋە باشقىلارنىڭ كىرگەن -چىقىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلىدىغان كىشى. (ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، 1288 – بەت)
2. ئوسمانىيلار دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن يەتمىش يىل بۇرۇن مۇتەسەۋۋىف ئىبنۇل ئەرەبىي تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان دېيىلگەن «ئوسمانىيلار دۆلىتى ھەققىدىكى نۇئمانىي شەجەرە (ئەششەجەرەتۇننۇئمانىييە فىددەۋلەتىل ئوسمانىييە)» ئاتلىق بىر ئەسەردە قۇرئاندىكى بەزى ئايەتلەرگە ۋە جەفر ئىلمىگە تايىنىپ سىن يەنى سەلىمنىڭ شىنغا يەنى شامغا كىرگىنىدە يىقىلغان قەبرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئىشارە قىلىنغان دېيىلىدۇ. گەرچە بۇ تەسەۋۋۇف ئەھلى تەرىپىدىن شەيخ ئىبنۇل ئەرەبىينىڭ بىر ئىلمىي كارامىتى دەپ قارالسىمۇ، بۇ ھەقتە تۈزۈك تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلمىغاچقا، مەزمۇنى سىمۋۇللۇق ئىشارەلەر ھالىتىدە قالغان دەپ قارىلىدۇ. قاراڭ: Hakan Yılmaz, “Şeceretü’n-Nu‘mâniyye fî Devleti’l-‘Osmâniyye Kitabında, Osmanlı’nın Zuhuruna Dair Esrarengiz İşaretler“, Hakikat dergisi, Temmuz 2005, Sayı: 142.

Please follow and like us: