ناماز ۋاقتى كىرىپ بولغاندىن كېيىن ھەيز كېلىپ قالسا

ناماز ۋاقتى كىرىپ بولغاندىن كېيىن ھەيز كېلىپ قالسا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، پىشىن ناماز ۋاقتى كىرىپ بولغاندا ھەيز كېلىپ قالسا، ھەيز توختىغان كۈندە بۇ پىشىن نامىزىنى ئوقۇمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ناماز ۋاقتى كىرىپ بولغاندىن كېيىن شۇ نامازنى ئوقۇپ بولغىچە ھەيز كېلىپ قالغان ئەھۋالدا تاكى ساقىيىپ غۇسۇل قىلغىچە ناماز ئوقۇمايدۇ. بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار بىردەك ئىجماﺋ قىلغان.

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﮪﻪﻳﺰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﺪﯗ، ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯗ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟!» دېگەن.(1)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، «ئەبۇ ھۇبەيشنىڭ قىزى پاتىمە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: ﺋﻪﺑﯘ ﮪﯘﺑﻪﻳﺸﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ فاﺗﯩﻤﻪ رەزىيەللاھۇ ئەنھا ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! (ئىستىھازە بولۇپ) پاكلىنالمايۋاتىمەن، ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ تاشلامدىم؟ — ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪم:

— ﻳﺎﻕ، ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻮﻣﯘﺭدﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻥ، ﮪﻪﻳﺰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ئوقۇماڭ، ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﯞﯦﺘﯩﭗ، ﻏﯘسۇل ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯓ، — ﺩﯦﺪﻯ».(2)

ھەيز ۋاقتىدىكى نامازلارنىڭمۇ قازاسىنى قىلمايدۇ. بۇنىڭغىمۇ بارلىق ئالىملار بىردەك ئىجماﺋ قىلغان.

قەتادە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎﺩﯨﻦ:

— ﮪﻪﻳﺰﺩﯨﻦ ﭘﺎﻛﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﮪﻪﻳﺰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﻗﯩﻼﻣﺪﯗق؟ — ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﯟﯨﺪﻯ، ﺋﯘ:

— ﮪﻪﺭﯗﺭائلىق(3) ﺧﺎﯞﺍﺭﯨﺠﻤﯘﺳﯩﺰ؟ پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ھايات ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ بىزلەر ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭ بولۇپ قاﻻﺗﺘﯘﻕ، (ھەيزدىن پاكلانغاندىن كېيىن ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ) ﺑﯩﺰﻧﻰ (شۇ كۈنلەردىكى) ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻣﺎﻳﺘﺘﻰ، — ﻳﺎﻛﻰ — نامازنىڭ قازاسىنى ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺘﺘﯘﻕ، — دېدى».(4)

ۋاقتى كىرىپ بولغاندا ھەيز كۆرۈپ قالغان ئاشۇ نامازنىڭ قازاسىنى كېيىنچە ھەيزدىن ساقىيىپ غۇسۇل قىلغاندا قىلامدۇ ياكى قىلمامدۇ دېگەن مەسىلىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس.

ئىبراھىم نەخەئىي ۋە بەزى ھەنبەلىي ئالىملار: ئۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئايال پاك ھالىتىدە بۇ نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ بولغان، ھەيز دېگەن ناماز ۋاجىب بولۇشنى توسىدۇ، لېكىن ۋاجىبنى ساقىت قىلىۋېتەلمەيدۇ، ناماز ۋاقتىنىڭ بىر قىسمىنى پاك ھالىتىدە كۈتىۋالغان بولغاچقا، ناماز ۋاجىب بولۇپ كەتكەن بولىدۇ، ئەگەر شۇ پاك ھالىتىدە نامازنى ئادا قىلغان بولسا ئىدى، پەرز ئادا بولغان بولاتتى، دەپ قارايدۇ.

ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى: نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ بولغاندىن كېيىن ھەيز كۆرسە ئۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى، نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتمىگەنلا بولسا ئۇ ناماز تېخى گەدىنىگە قەرز بولۇپ كەتمىگەن بولىدۇ. پەقەتلا ھەيز سەۋەبىدىن توسۇلۇپ ئادا قىلالماي قالغان بولىدۇ.

ئىمام زۇفەر بىلەن مالىكىي مەزھەب ئالىملىرى: ھەيز كۆرگەندىن كېيىن، ناماز ۋاقتىدىن قالغان قىسمى ناماز ئوقۇۋالغۇدەك ۋاقىت بولسا، ئۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ، ئۇنچىلىك ۋاقىت قالمىغان بولسا قازاسىنى قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئىمام شافىئىي: ناماز ۋاقتى كىرىپ نامازنى ئوقۇۋالغۇدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ھەيز كۆرگەن بولسا، ساقايغاندىن كېيىن قازاسىنى قىلىدۇ. دەپ قارايدۇ.(5)

بۇ مەسىلە، ناماز دەسلەپكى ۋاقتىدا پەرز بولامدۇ ياكى ئاخىرقى ۋاقتىدىمۇ دېگەن قائىدىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ قائىدىدىمۇ قاراش ئوخشاش بولمىغان.

خۇلاسىلەيدىغان بولساق، بۇ مەسىلىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس، ئىمام شافىئىي بىلەن ئەھمەد: قازاسىنى قىلىدۇ دەپ قارايدۇ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن مالىك: قىلمايدۇ دەپ قارايدۇ. قازاسىنى قىلمايدۇ دېگەن قاراش دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇپ، بۇ قاراشنى ئىمام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دەپ تەرجىھ قىلغان: «دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈكرەكى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن مالىكنىڭ قارىشىدۇر. ئۇ ئايالنىڭ بىر نەرسە قىلىشى كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى قازاسىنى قىلىش دېگەن يېڭى بىر بۇيرۇق بىلەن بولىدۇ. بۇ مەسىلىدە قازاسىنى قىلىش كېرەك دەيدىغان ئايرىم بىر بۇيرۇق يوق. يەنە تېخى ئۇ ئايالنىڭ نامازنى ۋاقتى ئىچىدە كېچىكتۈرۈشى جائىز كېچىكتۈرۈشتۇر، ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇ ئايال بوشاڭلىق قىلمىغان بولىدۇ».(6)

بۇنىڭغا چېتىشلىق يەنە بىر مەسىلە: بىر نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىپ بولغىچە ھەيزدىن پاك بولغان ئەھۋالدا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ساقايغان بولسا، پىشىن بىلەن ئەسىرنى ئوقۇيدۇ. تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ساقايغان بولسا، شام بىلەن خۇپتەننى ئوقۇيدۇ.(7)

بۇ قاراش ساھابەلەردىن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ رىۋايەتلەرنىڭ سەنەدىدە سەل زەئىفلىك بار.(8)

ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ نەزەرىدە، غۇسۇل قىلىپ ئۈلگۈرسە ساقايغان چاغدىكى شۇ بىر نامازنىلا ئوقۇيدۇ. غۇسۇل قىلىشنى كېچىكتۈرگەن بولسا ناماز ۋاقتى چىقىپ كەتسە غۇسۇل قىلىپ قازاسىنى قىلىدۇ. غۇسۇل قىلىپ ئۈلگۈرمىگەن ئەھۋالدا ناماز ۋاقتى چىقىپ كەتسە قازاسىنى قىلمايدۇ.(9)

بۇ قاراش ھەم مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان.(10)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 27 – شەۋۋال / م. 2012، 14 – سېنتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 24 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (304)؛ «مۇسلىم»، (79).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (306)؛ «مۇسلىم»، (333).
3. ھەرۇراﺋ (الْحَرُورَاءُ): كۇفەگە يېقىن بىر جاي بولۇپ، خاۋارىجلار ئەڭ دەسلەپتە شۇ يەردە توپلانغان. ئۇلاردىن بىر تائىپە «ئاياللار ھەيز كۈنلىرىدە تۇتالمىغان روزىلىرىنىڭ قازاسىنى تۇتقاندەك، ئوقۇيالماي قالغان نامازلارنىڭمۇ قازاسىنى ئوقۇيدۇ» دەپ قارايتتى. بۇ ئىجمائغا خىلاپتۇر. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 4/27.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (321)؛ «مۇسلىم»، (335).
5. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 2/14؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلكافىي»، 1/63.
6. ئىبنى تەيمىييە: «ئەلفەتاۋا ئەلكۇبرا»، 2/282.
7. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/238.
8. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (7205 – 7207). ئىبنۇلمۇنزىر: «ئەلئەۋسەت»، 2/243؛ ئىبنى ھەجەر: «تەلخىيسۇل ھەبىير»، 1/192.
9. جاسساس: «مۇختەسەرۇ ئىختىلافىل ئۆلەماﺋ»، 1/262.
10. ئىبنۇلمۇلەققىن: «ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 3/303.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ