ناماز ۋاقتى كىرىپ بولغاندىن كېيىن ھەيز كېلىپ قالسا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، پىشىن ناماز ۋاقتى كىرىپ بولغاندا ھەيز كېلىپ قالسا، ھەيز توختىغان كۈندە بۇ پىشىن نامىزىنى ئوقۇمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ناماز ۋاقتى كىرىپ بولغاندىن كېيىن شۇ نامازنى ئوقۇپ بولغىچە ھەيز كېلىپ قالغان ئەھۋالدا تاكى ساقىيىپ غۇسلى قىلغىچە ناماز ئوقۇمايدۇ. بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار بىردەك ئىجما قىلغان.

ئەبۇ سەئىيد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاياللار ھەيز كۆرگەن چاغلىرىدا ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ، ئەمەسمۇ؟!» دېۋىدى، ئاياللار: شۇنداق، دېيىشتى.([1])

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ ھۇبەيشنىڭ قىزى پاتىمە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ! مەن (ھەيزىم توختىماي) پاك بولالمايدىغان ئايالمەن، نامازنى تەرك ئېتەمدىم؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: «ياق، ئۇ بولسا تومۇرىدىن چىقىپ تۇرىدىغان قان، ھەيز ئەمەس. ئادەت كۈنلىرى كەلگەندە نامازنى تەرك ئېتىڭ، ئۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەندە ئۆزىڭىزدىن قاننى يۇيۇۋېتىپ، غۇسلى قىلىپ، ئاندىن ناماز ئوقۇڭ» دېدى.([2])

ھەيز ۋاقتىدىكى نامازلارنىڭمۇ قازاسىنى قىلمايدۇ. بۇنىڭغىمۇ بارلىق ئالىملار بىردەك ئىجما قىلغان.

قەتادە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مۇئازە ماڭا سۆزلەپ بەردىكى، بىر ئايال ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: بىرىمىز ھەيزدىن پاكلانغاندا ھەيز مەزگىلىدە ئوقۇيالمىغان نامازنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ دەپ سورىۋىدى. ئۇ: ھەرۇرىييەلىك خاۋارىجمۇسىز؟([3]) بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە چېغىمىزدا ھەيزدار بۇلاتتۇق، رەسۇلۇللاھ بىزنى ئۇنىڭغا (نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا) بۇيرۇمايتتى – ياكى ئۇنى قىلمايتتۇق، دېدى.([4])

ۋاقتى كىرىپ بولغاندا ھەيز كۆرۈپ قالغان ئاشۇ نامازنىڭ قازاسىنى كېيىنچە ھەيزدىن ساقىيىپ غۇسلى قىلغاندا قىلامدۇ ياكى قىلمامدۇ دېگەن مەسىلىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس.

ئىبراھىم نەخەئىي ۋە بەزى ھەنبەلىي ئالىملار: ئۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئايال پاك ھالىتىدە بۇ نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ بولغان، ھەيز دېگەن ناماز ۋاجىپ بولۇشنى توسىدۇ، لېكىن ۋاجىپنى ساقىت قىلىۋېتەلمەيدۇ، ناماز ۋاقتىنىڭ بىر قىسمىنى پاك ھالىتىدە كۈتىۋالغان بولغاچقا، ناماز ۋاجىپ بولۇپ كەتكەن بولىدۇ، ئەگەر شۇ پاك ھالىتىدە نامازنى ئادا قىلغان بولسا ئىدى، پەرز ئادا بولغان بولاتتى، دەپ قارايدۇ.

ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرى: نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ بولغاندىن كېيىن ھەيز كۆرسە ئۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتمىگەنلا بولسا ئۇ ناماز تېخى گەدىنىگە قەرز بولۇپ كەتمىگەن بولىدۇ. پەقەتلا ھەيز سەۋەبىدىن توسۇلۇپ ئادا قىلالماي قالغان بولىدۇ.

ئىمام زۇفەر بىلەن مالىكىي مەزھەپ ئالىملىرى: ھەيز كۆرگەندىن كېيىن، ناماز ۋاقتىدىن قالغان قىسمى ناماز ئوقۇۋالغىدەك ۋاقىت بولسا، ئۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ، ئۇنچىلىك ۋاقىت قالمىغان بولسا قازاسىنى قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئىمام شافىئىي: ناماز ۋاقتى كىرىپ نامازنى ئوقۇۋالغىدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ھەيز كۆرگەن بولسا، ساقايغاندىن كېيىن قازاسىنى قىلىدۇ. دەپ قارايدۇ.([5])

بۇ مەسىلە، ناماز دەسلەپكى ۋاقتىدا پەرز بولامدۇ ياكى ئاخىرقى ۋاقتىدىمۇ دېگەن قائىدىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ قائىدىدىمۇ قاراش ئوخشاش بولمىغان.

خۇلاسىلەيدىغان بولساق، بۇ مەسىلىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس، ئىمام شافىئىي بىلەن ئەھمەد: قازاسىنى قىلىدۇ دەپ قارايدۇ، ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە بىلەن مالىك: قىلمايدۇ دەپ قارايدۇ. قازاسىنى قىلمايدۇ دېگەن قاراش دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇپ، بۇ قاراشنى ئىمام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەپ تەرجىھ قىلغان: «دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈكرەكى، ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە بىلەن مالىكنىڭ قارىشىدۇر. ئۇ ئايالنىڭ بىر نەرسە قىلىشى كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى قازاسىنى قىلىش دېگەن يېڭى بىر بۇيرۇق بىلەن بولىدۇ. بۇ مەسىلىدە قازاسىنى قىلىش كېرەك دەيدىغان ئايرىم بىر بۇيرۇق يوق. يەنە تېخى ئۇ ئايالنىڭ نامازنى ۋاقتى ئىچىدە كېچىكتۈرۈشى جائىز كېچىكتۈرۈشتۇر، ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇ ئايال بوشاڭلىق قىلمىغان بولىدۇ».([6])

بۇنىڭغا چېتىشلىق يەنە بىر مەسىلە: بىر نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىپ بولغىچە ھەيزدىن پاك بولغان ئەھۋالدا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ساقايغان بولسا، پىشىن بىلەن ئەسىرنى ئوقۇيدۇ. تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ساقايغان بولسا، شام بىلەن خۇپتەننى ئوقۇيدۇ.([7])

بۇ قاراش ساھابىلاردىن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ بۇ رىۋايەتلەرنىڭ سەنەدىدە سەل ئاجىزلىق بار.([8])

ئەبۇ ھەنىيفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ نەزىرىدە، غۇسلى قىلىپ ئۈلگۈرسە ساقايغان چاغدىكى شۇ بىر نامازنىلا ئوقۇيدۇ. غۇسلى قىلىشنى كېچىكتۈرگەن بولسا ناماز ۋاقتى چىقىپ كەتسە غۇسلى قىلىپ قازاسىنى قىلىدۇ. غۇسلى قىلىپ ئۈلگۈرمىگەن ئەھۋالدا ناماز ۋاقتى چىقىپ كەتسە قازاسىنى قىلمايدۇ.([9])

بۇ قاراش ھەم مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان.([10])

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

14 – 9 – 2012
2-توم، 24-نومۇرلۇق پەتىۋا.

——————————————–
([1]) «بۇخارى» 304 – ھەدىس.
([2]) سەھىھەين: «بۇخارى» 306 – ھەدىس. «مۇسلىم» 333 – ھەدىس.
([3]) بۇ، كۇفەگە يېقىن بىر جايدىكى «ھەرۇرا» دېگەن يەرگە نىسبەت بېرىلىش بولۇپ، خاۋارىجلار ئەڭ دەسلەپتە شۇ يەردە توپلانغان. ئۇلاردىن بىر تائىپە ھەيز كۈنلىرىدە ئوقۇيالماي قالغان نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ دەپ قارايتتى. بۇ ئىجماغا خىلاپتۇر. «عمدة القاري» 3/300.
([4]) سەھىھەين: «بۇخارى» 321 – ھەدىس. «مۇسلىم» 335 – ھەدىس.
([5]) «المبسوط» السرخسي 2/14 «الكافي» ابن عبد البر 1/63.
([6]) «الفتاوى الكبرى» 2/282.
([7]) «المغني» 1/238.
([8]) «مصنف ابن أبي شيبة» 2/122 – بەت 7205 – 7207 – نومۇرلار. «الأوسط» ابن المنذر 2/243 «تلخيص الحبير» 1/192.
([9]) «مختصر اختلاف العلماء» 1/262.
([10]) «البدر المنير» 3/303.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز