سوغۇق ھاۋادا جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش

سوغۇق ھاۋادا جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى (ئوغۇل)، كېچىدە جۇنۇب بولۇپ قالسام، ياتاقتا مۇنچا يوق، مەكتەپتە مۇسۇلمانچە مۇنچا بولمىغاچقا (بۇ خەق چوڭ – كىچىك، ئوقۇغۇچى – ئوقۇتقۇچى ھەممىسى ئوپچا مۇنچىدا يۇيۇنىدۇ)، پاكلىنىش ئۈچۈن مەسجىدكە ياكى يىراقراق جايغا بېرىپ غۇسۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ياز كۈنلىرى كىيىملىرىم بىلەنلا سۇخانىدا يۇيۇناتتىم، ھازىر ھاۋا سوغۇق ھەم بامداتقا يېقىن ئويغىنىپ قالسام سۇخانا ئۆچىرەت بولۇپ كېتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، مەن سۇخانىدا يۇيۇنسام باشقا كافىرلارغا تەسىرى ياخشى بولمىدى. بەزىدە تۇيۇقسىز غۇسۇل ۋاجىب بولۇپ قالىدۇ، ئارقا – ئارقىدىن دەرس بار. شۇڭا، بىرنەچچە نامازنىڭ ۋاقتى كېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا تەيەممۇم قىلسام بولامدۇ؟ تاھارەت ئېلىشقا تامامەن بولىدۇ، تەيەممۇمدىن كېيىن تاھارەت ئالىمەنمۇ؟ باشقا قىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يۇيۇنۇش ئىشى تېخىمۇ تەسرەك. ئۇستاز بىزگە دۇئا قىلىپ قويسىلا!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

مەلۇمكى، تەيەممۇم قىلغاندا تەيەممۇم قىلىش نىيىتى بولۇشى، سۇنى يېقىن ئەتراپتىن ئىزدەپ ـ سوراپ باققان بولۇشى، ئىزدىگەندىن كېيىن سۇ تاپالمىغان بولۇشى كېرەك، ئەمما سۇ تېپىلسىمۇ سۇ ئىشلەتسە زىيان قىلىدىغان جاراھەت ياكى كېسەللىك بولغاندا، سۇ ئالىدىغان نەرسە تېپىلمىغاندا ياكى سۇنى ئېلىش ئىنتايىن قىيىن بولغاندا، دۈشمەندىن، ئوغرىدىن ياكى ياۋايى ھايۋانلاردىن قورقۇپ سۇ ئەكىلەلمەي قالغاندا، قاتتىق سوغۇقتىن توڭۇپ كەتكەندە، يېنىدا سۇ ئالىدىغان ياكى قىش كۈنلىرىدە مۇنچىغا كىرىدىغان پۇلى بولمىغاندا، ياكى يېنىدا بار بولغان سۇنى ئىشلىتىۋەتسە ئۆزى ياكى ئۇلاغلىرى ئۇسساپ قىينىلىپ قالىدىغان بولسا، بۇ ئەھۋاللاردا تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئەھۋاللاردا سۇنى بەرىبىر ئىشلىتەلمىگەنلىكتىن، بار بولغان سۇ ھۆكۈم جەھەتتىن يوق ھېسابتا بولىدۇ.

دېمەك، سۇ بار تۇرۇپ ئىسسىتىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ھاۋا سوغۇق بولغانلىقىدىن ئاغرىپ قېلىشتىن ئەنسىرىسە، سۇ بولغان تەقدىردىمۇ، يۇيۇنسا باشقىلارغا ئەۋرىتى كۆرۈنۈپ قالىدىغان ۋەزىيەت بولسا، يۇيۇنماي تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «ئېھتىلام ياكى جىمادىن جۇنۇب بولغان كىشى غۇسۇل قىلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇشى لازىم. سۇ يوقلۇقىدىن ياكى ئىشلەتسە زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىدىن غۇسۇل قىلالمىسا، مەسىلەن، كېسەل كىشى غۇسۇل قىلماقچى بولسا، ياكى ھاۋا سوغۇق بولۇپ غۇسۇل قىلسا باش ئاغرىقىدىن، ياكى زۇكامدىن، ياكى سوغۇق تېگىپ كېتىشتىن قورقسا، مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. نامازنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرسە بولمايدۇ. بۇنداق شارائىتتا ئايال كىشى غۇسۇل قىلالمايمىز دەپ ئېرىنى جىما قىلىشتىن توساپ تۇرۇۋالسا بولمايدۇ. بەلكى جىما قىلىۋەرسە بولىدۇ. غۇسۇل قىلالىسا قىلىدۇ، بولمىسا تەيەممۇم قىلىدۇ.»(1)

ئالىملار سۇ ئىسسىتىش ئىمكانىيىتىگە قاراپ ئىككىگە ئايرىغان:

1. سۇ ئىسسىتىش ئىمكانىيىتى بار بولغان ئەھۋالدا سۇ ئىسسىتىپ بولغۇچە، ياكى غۇسۇل قىلىشقا ئۆچىرەت ساقلاپ كۈتۈپ تۇرۇپ غۇسۇل قىلغۇچە، ياكى مۇنچىغا بېرىپ بولغۇچە ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىدىغان بولسا، ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ئىككى خىل قاراش مەۋجۇد. بىرى، يۇقىرىدا ئىمام ئىبنى تەيمىييە دېگەندەك تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. چۈنكى، ناماز دېگەن ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان ئىبادەت بولغاچقا، ئۇنى ھەرقانداق ئۆزرە بىلەن ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

يەنە بىرى، ناماز ۋاقتى چىقىپ كەتسىمۇ سۇ ئىسسىتىپ غۇسۇل قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. چۈنكى، ئۇ سۇ تاپقان كىشىدۇر.

2. سۇ ئىسسىتىش ئىمكانىيىتى يوق بولغان ئەھۋالدا، سوغۇق سۇنى ئىشلەتسە زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىسە، بۇنىڭدىمۇ ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ئىككى خىل قاراش مەۋجۇد. بىرى، يۇقىرىدا ئىمام ئىبنى تەيمىييە دېگەندەك تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. تاھارەت ئالالايدىغان بولسىمۇ تاھارەت ئېلىشى كېرەك ئەمەس. چۈنكى، تەيەممۇم غۇسۇلنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. تەيەممۇم چوڭ ۋە كىچىك تاھارەتسىزلىكنى كۆتۈرۈۋېتىشتە يېتەرلىك.

يەنە بىرى، تاھارەت ئالالايدىغان، لېكىن غۇسۇل قىلالمايدىغان بولسا، تاھارەت ئېلىپ ئاندىن تەيەممۇم قىلىشى كېرەك. چۈنكى، ئاللاھ تائالا: ﴿ئاللاھتىن تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە قورقۇڭلار ﴾(64/«تەغابۇن»: 16) دېگەن.

يۇقىرىقىدەك، سوغۇقتىن توڭۇپ كېتىدىغان ئەھۋالدا، تاھارەت ئالمىسىمۇ تەيەممۇم قىلسىلا يېتەرلىك دېگەن قاراش كۈچلۈك. ئىسلام دىنىمىز قولايلىق دىنىدۇر.

ھەزرىتى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «مەن زاتۇسسالاسىل غازىتىدا، سوغۇق بىر كېچىدە ئېھتىلام بولۇپ قالدىم، غۇسۇل قىلسام ئۆلۈپ كېتىشىمدىن ئەنسىرەپ تەيەممۇم قىلىپ ھەمراھلىرىمغا ئىمام بولۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇدۇم، بۇ ئىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمگە يەتكەندە مەندىن: ‹ئى ئەمر! سەن جۇنۇب ھالەتتە ھەمراھلىرىڭغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدۇڭمۇ؟› دەپ سورىدى، مەن غۇسۇل قىلىشقا توسالغۇ بولغان سەۋەبنى دەپ بەردىم ۋە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ چوقۇم سىلەرگە رەھىم – شەپقەت قىلغۇچىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 29) دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، دېدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزۈمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە بىر نەرسە دېمىدى».(2)

بۇ ھەدىستىمۇ تاھارەت ئېلىپ ئاندىن تەيەممۇم قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنمىغان.

يۇقىرىقىدەك قىيىن شارائىتلارغا دۇچ كېلىدىغان ئوغۇل – قىز قېرىنداشلىرىمىز تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى لازىم:

1. مۇسۇلمان ياتاقداشلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرەر ئېغىز مۇنچىغا پەردە ياكى ئىشىك بېكىتىپ، كىشى يالغۇز غۇسۇل قىلالايدىغان شارائىت ھازىرلاش. قايناقسۇ ساقلاپ قويىدىغان چايدانغا ئوخشىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ پايدىلىنىش.

2. كىيىمدىكى مەنىي ھۆل بولسا يۇيۇۋېتىش، قۇرۇپ قالغان بولسا ئۇۋۇلىۋېتىش يېتەرلىك. ئەمما، ئەۋرەتتىكى شالتاقلارنى ئىستىنجا ئارقىلىق تازىلىۋېتىدۇ.

3. پۇرسەت تېپىلغان ھامان غۇسۇل قىلىۋېلىش.

4. غۇسۇل قىلىشقا يەتمەيدىغان، ئەمما تاھارەت ئېلىشقا يېتىدىغان ئىسسىق سۇ بولغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ بىلەن ئىستىنجا قىلىپ كىيىمىنى تازىلىۋېتىش، ئېشىپ قالسا تاھارەت ئېلىۋېتىپ ئاندىن تەيەممۇم قىلىش.

5. يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا تەيەممۇم قىلىپ ئوقۇغان نامازلارنى كېيىن غۇسۇل قىلالايدىغان چاغدا قايتا ئوقۇمايدۇ.

6. تەيەممۇم قىلىش ئۇسۇلى: تۇپراققا ئالىقان بىلەن ئىككى قېتىم ئۇرۇپ، بىرىنچى قېتىمدا يۈزىنى، ئىككىنچى قېتىمدا قولىنى جەينەككىچە سىلايدۇ، بەزى فەقىھلەرنىڭ قارىشىدا، تۇپراققا ئىككى قېتىم ئەمەس بىر قېتىم ئۇرسىمۇ، قولىنى جەينەككىچە ئەمەس بېغىشقىچە سىلىسىمۇ بولىدۇ.

7. تەيەممۇم قىلغاندا، تۇپراقنى توسىدىغان ئۈزۈك، پەلەيگە ئوخشىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشى كېرەك، تەيەممۇم قىلىشقا باشلىغاندا «بىسمىللاھ» دېيىش، ئالىقاننى كېرىپ تۇرۇپ تۇپراققا ئۇرۇش، ئۇرغاندىن كېيىن يۈزىنى بۇلغىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن قولىنى قېقىۋېتىش، بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئارىلاپ سىلاش، ئوڭدىن باشلاش، تەرتىپ بويىچە، باشتا يۈزىنى ئۇندىن كېيىن قولىنى سىلاش، تەيەممۇم ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارىلىقىنى ئۈزۈپ قويماي ئارقا ـ ئارقىدىن قىلىش مۇستەھەب.

جانابى ئاللاھ تەقۋادارلىق قىلغان قېرىنداشلىرىمىزغا پەزلى – مەرھەمىتى بىلەن چىقىش يولى، قولايلىق ئاتا قىلغاي!

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1434، 28 – مۇھەررەم / م. 2012، 12 – دېكابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 23– نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، ، 21/451.
2. «ئەھمەد»، (17845)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (334). ئىمام نەۋەۋىي ۋە ئالبانىي قاتارلىقلار «سەھىھ» دېگەن. ئىمام بۇخارىيمۇ «سەھىھ»ىدە بۇ ۋەقەلىكنى قىسقارتىپ مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ