ئەسىر ئەزىنىدىن كېيىنكى نەفلە

ئەسىر ئەزىنىدىن كېيىنكى نەپلە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئادەتتە ئەسىر نامىزى سائەت ئۈچلەر بىلەن ئوقۇلۇپ بولىۋاتىدۇ، جامائەت ئوقۇپ بولۇپ يېرىم سائەتلەردىن كېيىن بىرقانچىمىز بىللە ئوقۇماقچى بولۇپ مەسجىدكە كىرگىنىمىزدە تاھارىتى يوقلار تاھارەت ئالغۇچە نەفلە ئوقۇساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەسىر نامىزىغا ئەزان چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئەسىرنى ئوقۇشتىن بۇرۇن 4 رەكئەت نەفلە ناماز ئوقۇش تەكىتلەنمىگەن سۈننەت، يەنى مۇستەھەب بولۇپ، ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئوقۇسا مەيلى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئون ئىككى رەكئەت سۈننەتنى داۋاملىق ئوقۇسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلىدۇ. ئۇلار: پېشىندىن بۇرۇن تۆت رەكئەت، پېشىندىن كېيىن ئىككى رەكئەت، شامدىن كېيىن ئىككى رەكئەت، خۇپتەندىن كېيىن ئىككى رەكئەت ۋە بامداتتىن بۇرۇن ئىككى رەكئەتتۇر».(1)

يەنە بىر رىۋايەتتە: «خۇپتەندىن كېيىن ئىككى رەكئەت» دېگەننىڭ ئورنىغا «ئەسىردىن بۇرۇن ئىككى رەكئەت» دەپ كەلگەن.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەسىردىن بۇرۇنقى ئىككى رەكئەت پەرزنىڭ ئالدىدا ئوقۇيدىغان سۈننەتلەر قاتارىدىن بولىدۇ.(2)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەسىرنىڭ پەرزىدىن بۇرۇن تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇغان كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!»(3)

ئەسىرنىڭ پەرزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن ئوقۇغان ناماز سۈننەت ناماز دېمىگەن تەقدىردىمۇ، بۇ ناماز ئىختىيارى نەفلە دائىرىسىگە كىرىدۇ – دە، يەنىلا ھەدىسكە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەففەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ﮪﻪﺭ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺑﺎﺭ، ﮪﻪﺭ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺑﺎﺭ» ﺩﻩﭖ، ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ: «ﺧﺎھلىغاﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ.(4)

ئەسىرنىڭ پەرزىدىن بۇرۇن يەنە تەھىييەتۇل مەسجىد، قازا ناماز ۋە ئىككى رەكئەت تاۋاپ نامىزى قاتارلىق نامازلارنى ئوقۇشقا بولىدۇ.

پەقەتلا كۈن سارغىيىپ ناماز ئوقۇش مەكرۇھ چاغ كىرگەن بولسا ياكى ئەسىر ۋاقتى چىقىپ كېتىش ئېھتىمالى بولسا پەرزنىلا ئوقۇيدۇ.

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى كۈن چىقىۋاتقان ۋاقىتتىن كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگىچە، كۈن تىكلەنگەن ۋاقىتتىن، كۈن قايرىلغانغىچە ۋە كۈن پېتىۋاتقان ۋاقىتتىن كۈن ئولتۇرغانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بۇ ئۈچ ۋاقىتتا، ناماز ئوقۇش ۋە جىنازا نامىزىنى چۈشۈرۈشتىن توسايتتى.(5)

ئەسىرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن نەفلە ئوقۇش مەكرۇھ.

ئەبۇلئالىيە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﯩﺴﻰ — ﻧﻪﺯەرﯨﻤﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻜﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺩﯗﺭ — پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﻣﺪﺍﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯜﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛلگۈچە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ، دىگەرﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯜﻥ ﭘﺎﺗﻘﯘﭼﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺳﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ».(6)

ئەسىردىن كېيىن نەفلە ئوقۇش ھەققىدە كەلگەن چەكلىمە ئەسىرنىڭ ئەزىنىدىن كېيىن ئوقۇشنى ئەمەس، ئەسىرنىڭ پەرزىدىن كېيىن ئوقۇشقا قارىتىلغان. چۈنكى، «مۇسلىم» رىۋايەتىدە ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغانكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەسىر نامىزىدىن كېيىن كۈن پاتقۇچە ناماز ئوقۇش يوق. بامدات نامىزىدىن كېيىن كۈن كۆتۈرۈلگىچە ناماز ئوقۇش يوق» دېگەن.(7)

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «ئەسىردىن كېيىن ناماز ئوقۇشتىن توسۇش پەرزنى ئادا قىلىشقا چېتىشلىق بولۇپ، گەرچە باشقىلار ئوقۇپ بولغان بولسىمۇ، پەرزنى تېخى ئوقۇمىغان كىشىگە نىسبەتەن نەفلە ئوقۇش مۇباھ قىلىنغان. كىمكى ئەسىرنى ئوقۇغان بولسا، گەرچە ئۇنىڭدىن باشقا بىركىم تېخى ئوقۇپ بولمىغان بولسىمۇ، ئۇ نەفلە ئوقۇسا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئەسىردىن كېيىن ناماز ئوقۇشنى چەكلەيدىغان ئالىملار ئوتتۇرىسىدا قاراش ئوخشاشماسلىقى يوقتۇر».(8)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1437، 25 – رەبىيئۇلئەۋۋەل/ م. 2016، 5 – يانۋار

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 25 – نومۇرلۇق پەتۋا.

——————-
1. «تىرمىزىي»، (414). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
2. «نەسائىي»، (1473).
3. «تىرمىزىي»، (430). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (627)؛ «مۇسلىم»، (838).
5. «مۇسلىم»، (831).
6. «بۇخارىي»، (581).
7. «مۇسلىم»، (581).
8. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/429.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ