سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، 1/«فاتىھە» سۈرىسىنىڭ 1 – ئايەتىدىكى «بسم» سۆزى بىلەن 96/«ئەلەق» سۈرىسىنىڭ 1 – ئايەتىدىكى «باسم» سۆزىنىڭ يېزىلىشى ئوخشىمايدىكەن. «ئەلەق» سۈرىسىنىڭ 1 – ئايەتىدىكىدە «ھەمزەتۇل ۋەسل» ھەرپى ئارتۇقكەن. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ بۇ يەردە بىرەر گرامماتىكىلىق قائىدە بارمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
سوئالىڭىزدا بايان قىلغاندەك «قۇرئان كەرىم»دە «بسم» دېگەن سۆز ئىككى خىل يېزىلغان.
بىرى، ئەلىفسىز «بسم» دېگەن ھالەتتە. بۇ «فاتىھە»نىڭ بېشىدا «بسم الله الرحمن الرحيم»دا، 11/«ھۇد» سۈرىسى، 41 – ئايەتتە(1)، 27/«نەمل»: 30 – ئايەتتە(2) كەلگەن.
يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا قارايدىغان بولساق، «بسم» دېگەن سۆزدىن كېيىنلا «ئاللاھ» سۆزى كەلگەن.
ئىككىنچىسى، ئەلىف بىلەن «باسم» دېگەن ھالەتتە. مەسىلەن، 56/«ۋاقىئە»: 74 – ۋە 96 – ئايەتلەردە، شۇنداقلا 69/«ئەلھاققە»: 52 – ئايەتتە «فسبح باسم ربك العظيم» دەپ كەلگەن. 96/«ئەلەق»: 1 – ئايەتتە بولسا، «اقرأ باسم ربك الذي خلق» دەپ كەلگەن. بۇ ئەھۋاللاردا «بسم» دېگەن سۆزدىن كېيىنلا «ئاللاھ» سۆزى ئەمەس، «رەب» سۆزى كەلگەن.
«قۇرئان كەرىم»نى مۇسھەفكە(3) يۇقىرىقىدەك يېزىش ئۇسۇلىدا ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.
يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى كۆزەتكەن ئالىملار «قۇرئان كەرىم»نى يېزىشتا «اسم» دېگەن سۆزنىڭ ئەلىفىنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن ئىككى شەرت تېپىلىشى كېرەك، ئۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى ياكى بىرى كەم بولسا ئەلىف يېزىلىدۇ دېگەن خۇلاسىگە كېلىشكەن.
بۇنىڭدىكى بىرىنچى شەرت: «ب» ھەرپىگە ئۇلىنىپ كەلگەن بولۇش.
ئىككىنچى شەرت: ئۇلۇغلۇق ئىسمى بولغان «ئاللاھ» دېگەن ئىسىم ئۇنىڭ كەينىدىلا ياندىشىپ كەلگەن بولۇش.
بۇ شەرتلەر تېپىلمىغان ئەھۋالدا «بسم» دېگەن سۆز «ئەلىف» بىلەن كېلىدۇ: مەسىلەن، (فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ) (وَاذْكُرُواْ اسْمَ اللّهِ) (تَبَارَكَ اسْمُ رَبِّكَ) (بِئْسَ الاسْمُ الْفُسُوقُ) دېگەنلەرگە ئوخشاش.
«قۇرئان كەرىم»دىن باشقا جايلاردىمۇ «بسم الله» شۇنداق يېزىلىدۇ. ئەگەر باشقا ھەرپ بىلەن كەلسە ياكى «ئاللاھ» سۆزىدىن باشقا سۆز كەلسە ئەلىف بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن، «لاسم الله بركة»، «ليس اسم كاسم الله» «باسم ربك» دېگەندەك. بۇ «رحمن» سۆزىنى يەڭگىللىتىش يۈزىسىدىن ئەلىفسىز يېزىشقا ئوخشايدۇ.(4)
دوكتور غانىم قاددۇرىي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەسلى قائىدىدە ‹ئەلىف› بىلەن ‹باسم› دەپ يېزىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن، بۇ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، قۇرئاننى مۇسھەفكە يېزىققا ئالغان سەلەفلەر ‹ئەلىف›نى ئېلىپ تاشلىغان. ئىبنى دەرەستەۋەيھ مۇنداق دەيدۇ: ‹اسم› دىن باشقا سۆزلەردە ياكى ئۇ سۆز ‹ب› ھەرپى ۋە ‹ئاللاھ› ئەززە ۋەجەللەنىڭ سۆزى بىلەن بىللە كەلمىگەن ئەھۋالدا، ‹ئەلىفنى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئومۇمىي قائىدىگە خىلاپتۇر».(5)
تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ قارايدىغان بولساق، «اسم» دېگەن سۆزدىكى «ئەلىف» ھەرپى ئەسلى شۇ سۆزدە بار ھەرپ ئەمەس، بەلكى ۋەسل ئەلىفىدۇر. شۇڭا، كۆپ ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللاردا بۇ «ئەلىف» قالدۇرۋېتىلگەن.
دېمەك، يۇقىرىقى ئىككى شەرت تېپىلغان ئەھۋالدا ئەلىفنىڭ چۈشۈپ قېلىشىدىكى سەۋەب ئادەتتە كۆپ چاغلاردا كۆپ پېئىللار بىلەن ئىشلىتىلىدىغانلىقى دەپ يەكۈنلەنگەن. چۈنكى، ئادەتتە، «بسم الله» دېگەن ئىبارە ھەر سۈرىنىڭ باشلىنىشىدا، يېزىش، تاھارەت ئېلىش، تاماق يېيىش، جىما قىلىش… قاتارلىق نۇرغۇن ئىشنى باشلاشتا ئىنتايىن كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما، «باسم ربك» ياكى «باسم الرحمن» ئۇنچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ. بۇنى ئىمام رازىي ئاتاقلىق تىلشۇناس ئەلخەلىل ئىبنى ئەھمەدتىن نەقىل قىلغان. ئىمام قۇرتۇبىي قاتارلىقلارمۇ مۇشۇنداق تەھلىل قىلغان. ئەرەبلەر كۆپ ئىشلىتىلگەن سۆز ئىبارىلەردە ئەلىفنى قىسقارتىپ ئىشلەتكەن.(6)
سەلەف – سالىھلارنىڭ «بسم الله» دەپ ئەلىفنى يازماسلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇكى، «قۇرئان كەرىم»نىڭ يوچۇن (شاز) بىر قىرائەتىدە(7)، «بِسُمَى الله» دەپمۇ قىرائەت قىلىنغان. چۈنكى، «اسم» سۆزىنى ئەسلى ھالىتىدىكى ئەلىفسىز «سُمَى» دەپ تەلەپپۇز قىلىش بەزى ئەرەب قەبىلىلىرىدە بار ئەھۋال. ئۇلارنىڭ بۇ تەلەپپۇزىنى مۇشۇ يوچۇن (شاز) قىرائەتمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. ئەلىفنى ئېلىۋېتىپ يېزىش بولسا ئاشۇ يوچۇن قىرائەتنىڭ بارلىقىغا دىققەتنى تارتىش ئۈچۈن بولسا كېرەك.(8)
يەنە بىر سەۋەبنى ئەلقاسىم ئەلھەرىرىي مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئادەتتە باشلاش ۋە تۇتۇش قىلىشتا ‹بسم الله› كۆپ ئىشلىتىلگەنلىكتىن سۈرىلەرنىڭ ۋە مەكتۇبلارنىڭ بېشىدا يېزىلغىنىدا ئەلىف ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ‹بسم الله›نىڭ ئەسلىسى ‹ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن› بولۇپ. شەخسنىڭ باشلاش ھالىتى بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغان بولغاچقا، ‹باشلايمەن› دېگەن سۆز قىسقارتىلغان. ئەگەر ‹باشلايمەن› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن كەلگەن ئەھۋالدا ئەلىفنى يېزىش لازىم. بۇ سەۋەبتىن، ‹اقرأ باسم ربك›، ‹فسبح باسم ربك› دېگەندە، چوقۇم ئەلىفنى يېزىش لازىم».(9)
بۇنىڭغا بىنائەن، «بسم الله»نىڭ ئالدىدا ياكى كەينىدە ئۇ مۇتەئەللىق (ئالاقىدار) بولغان پېئىل كەلگەن ئەھۋالدا ئەلىف يېزىلىدۇ. مەسىلەن، «أتبرك باسم الله»، «باسم الله أستفتح» دېگەنلەرگە ئوخشاش.
دېمەك، «اسم» سۆزى «ب» ھەرپى بىلەن «ئاللاھ» سۆزى ئوتتۇرىسىدا كەلگەن بولسا، ئەرەب تىلىدا بۇ ئىبارە كۆپ ئىشلىتىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، يەڭگىللىتىش قائىدىسى بويىچە ئەلىف ئېلىپ تاشلىنىپ قىسقارتىلىپ يېزىلغان. «قۇرئان كەرىم»دىن باشقا جايلاردا بۇ تەرىقىدە يېزىشنىڭ يەنە بىر شەرتى يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك «بسم الله»نىڭ ئالدىدا ياكى كەينىدە ئۇ مۇتەئەللىق (ئالاقىدار) بولغان پېئىل كەلمىگەن بولۇشتۇر.
ئىبنۇلھاجىب قاتارلىق يەنە بەزى ئالىملار «بسم الله الرحمن الرحيم» تولۇق كەلگەندە ئاندىن ئەلىف چۈشۈپ قالىدۇ دېگەن.(10)
لېكىن، 11/«ھۇد»: 41 – ئايەتتە ئوخشاشلا ئەلىفسىز: ﴿وَقَالَ ارْكَبُوا فِيهَا بِسْمِ اللَّهِ مَجْرَاهَا وَمُرْسَاهَا﴾ دەپ كەلگەن بولغاچقا، بۇ شەرت ئورۇنسىز كۆرۈنىدۇ.
مەيلى قانداقلا بولسۇن، تا ھازىرغا قەدەر مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئاننى مۇسھەفلەرگە يېزىشتا، ئەينى دەۋردىكى سەلەفلەر يازغان ئۇسۇلنى چىڭ تۇتۇپ كېلىشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟
«قۇرئان كەرىم»نى بۇ شەكىلدە يېزىپ قالدۇرغان سەلەف – سالىھلار ئەسلىدىكى جاھىلىيەت ئەرەبلىرىنىڭ «باسمك اللھم» دەپ يېزىش ئۇسۇلىنى ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى يېزىش قائىدىلىرى بويىچە، «بسم الله» دەپ ئەلىفنى تاشلىۋېتىپ يازىدىغان، ئۇنىڭدىن باشقا «بِاسْمِ رَبِّكَ» دېگەندەك ئەھۋاللاردا ئەلىف بىلەن يازىدىغان بولغان. كېيىنكى دەۋرلەردە «قۇرئان كەرىم»نى ھەر تۈرلۈك ئۆزگەرتىلىش ۋە بۇرمىلاشلاردىن قوغداش ئۈچۈن ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن مۇسۇلمانلار، گەرچە بۇ تەرىقىدە يېزىش ئۇسۇلى ئادەتتىكى يېزىش قائىدىسىدىن چىقىپ كەتكەن ياكى مەلۇم بىر دەۋر يېزىش قائىدىسى بويىچە بېكىتىلگەن بولسىمۇ، قۇرئاننى شۇ تەرىقىدە ئەينەن يېزىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. بۇ جانابى ئاللاھنىڭ ئۆز كالامى بولغان «قۇرئان كەرىم»نى قوغداش كاپالىتىنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، قىرائەت قىلىنىشى قوغدالغاندەك، يېزىلىشىمۇ ئەينەن قوغدىلىپ كەلگەن. بۇمۇ ئاللاھنىڭ بەرھەقلىقى، سۆزىنىڭ راستلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى دېيىشكە بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە «تەۋرات»، «ئىنجىل»لاردەك خىلمۇخىل نۇسخىلارغا ئايلىنىپ قالمىغانلىقىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ تاكى قىيامەتكە قەدەر ئۆزگەرمەي تۇرىدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1438، 14 – جامادىيەلئاخىر / م. 2017، 13 – مارت
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 9 – پەتۋا.
1. ﴿وَقَالَ ارْكَبُوا فِيهَا بِسْمِ اللَّهِ مَجْرَاهَا وَمُرْسَاهَا﴾.
2. ﴿إِنَّهُ مِن سُلَيْمَانَ وَإِنَّهُ بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ﴾.
3. مۇسھەف (الْمُصْحَفُ): ئەرەب تىلىدا: «سەھىپىلەرنىڭ جۇغلانمىسى» دېگەن مەنىدە. قىرائەت ۋە قۇرئان ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: بىر جىلدقا ياكى ئىككى مۇقاۋا ئارىسىغا جەملەنگەن، پەقەت ئاللاھنىڭ جىمى ئايەتلىرىلا يېزىلغان سەھىپىلەرنىڭ ئىسمىدۇر. «قۇرئان» بولسا ئاشۇ كىتابتا يېزىلغان ئاللاھنىڭ كالامىدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 38/5؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1306 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
4. ئۇكبەرىي: «اللباب في علل البناء والإعراب»، 2/488.
5. دوكتور غانىم قاددۇرىي: «علم الكتابة العربية»، 119 – بەت.
6. فەخرۇررازىي: «ئەتتەفسىرۇل كەبىر»، 1/93؛ قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 1/99؛ دوكتور غانىم قاددۇرىي: «رسم المصحف دراسة لغوية تاريخية»، 368 – بەت.
7. شاز (اَلشَّاذُّ): ئەرەب تىلىدا: «باشقىلاردىن ئايرىلىۋالغۇچى، توپتىن چىققۇچى، يات، غەيرىي، قائىدە سىرتىغا چىققۇچى ۋە غەلىتە» دېگەن مەنىدە. مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «رىۋايەتى قوبۇل قىلىنىدىغان بىر راۋىينىڭ ئۆزىدىنمۇ ئىشەنچلىكرەك ياكى ياخشىراق بىر ياكى بىرقانچە راۋىينىڭ رىۋايەتىدىن باشقىچە قىلغان رىۋايەتى» بولۇپ، ئىككى رىۋايەتنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش مۇمكىن بولمىغىنىدا، ئۇ رىۋايەت «شاز (يات)» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچسىز بىر راۋىينىڭ ئۆزى يالغۇز قىلغان، تەكشۈرگۈچىگە خاتالىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان رىۋايەتىگىمۇ قوللىنىلىدۇ. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «مۇتلەق كۆپچىلىك ئالىملارغا، ئۇسۇل (ئاساسلىق پرىنسىپ ۋە قائىدە – قانۇنىيەتلەر) غا مۇخالىپ ھۆكۈم»دۇر. فىقھ ئىستىلاھىدا: ھەنەفىيلەر ۋە مالىكىيلارنىڭ قارىشىدا: «شاز مەشھۇرنىڭ ياكى راجىھنىڭ، ياكى سەھىھنىڭ قارىمۇقارشىىسى»دۇر. يەنى شاز قاراش دېمەكلىك «مەرجۇھ ياكى زەئىف، ياكى غەرىب قاراش» دېگەنلىك بولىدۇ. شافىئىيلارنىڭ بايانلىرىدا شاز قاراش «راجىھقا ياكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا مۇخالىپ»نى كۆرسىتىدۇ. قىرائەت ۋە قۇرئان ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: قىرائەتلەر «مۇتەۋاتىر» ۋە «شاز» دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. شاز قىرائەت سەھىھ قىرائەتنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ ئاساسىدىن بىرەرسى كەم بولغان قىرائەتتۇر: سەنەدى سەھىھ بولۇش، ئەرەب تىلى قائىدىسىگە مەلۇم جەھەتتىن ئۇيغۇن بولۇش ۋە ئوسمانىي مۇسھەف (قۇرئان) غا ماس كېلىش. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 25/357؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 430 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.. قاراڭ: زۇرقانىي: «مەناھىلۇل ئىرفان»، 1/323.
8. د. عبد الرحيم بن عبد السلام نبولسي: «العلل البينة في وجه حذف الألف اللينة»، 20 – 28 – بەتلەر.
9. ئەلقاسىم ئەلھەرىرىي: «درة الغواص في أوهام الخواص»، 1/245.
10. ئىبنۇلھاجىب «الشافية في علم التصريف»، 1/144.