پەيغەمبىرىمىز پېشىننىڭ تۆت رەكئەت سۈننىتىنى ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇغانمۇ؟

پەيغەمبىرىمىز پېشىننىڭ تۆت رەكەت سۈننىتىنى ئىككى رەكەتتىن ئوقۇغانمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىز پېشىننىڭ تۆت رەكئەت سۈننىتىنى بىر ئوقۇيمىز. ئەمما، بىر ئىمام پەيغەمبىرىمىز ئىككىدىن، ئىككىدىن ئوقۇغان دەيدۇ. زادى قايسىسى توغرىراق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

پېشىندىن بۇرۇن ئوقۇلىدىغان تۆت رەكئەت سۈننەت پەرز نامازلارنىڭ ئالدى – كەينىدە ئوقۇلىدىغان «سۈننەتى مۇئەككەدە» نامازلىرىدىندۇر. بۇ نامازلارنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە ئۇممۇ ھەبىبە، ئائىشە، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىر سوتكا ئىچىدىكى ئون ئىككى رەكئەت نەفلەنى تاشلىماي ئوقۇسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جەننەتتە بىر قەسىر بىنا قىلىپ بېرىدۇ. ئۇلار: بامداتنىڭ ئىككى رەكئىتى، پېشىندىن بۇرۇنقى تۆت رەكئەت ۋە كېيىنكى ئىككى رەكئەت، شامدىن كېيىنكى ئىككى رەكئەت، خۇپتەندىن كېيىنكى ئىككى رەكئەت» دېگەن.(1)

يەنە نۇئمان ئىبنى سالىم ئەمر ئىبنى ئەۋستىن رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: ئەنبەسە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان ۋاپات بولغان ئاخىرقى كېسىلىدە ماڭا شۇنداق خۇشاللىنارلىق بىر ھەدىس سۆزلەپ بېرىپ دېدىكى، مەن ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «كىمكى بىر سوتكا ئىچىدىكى ئون ئىككى رەكئەت نامازنى تاشلىماي ئوقۇسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جەننەتتە بىر قەسىر بىنا قىلىپ بېرىدۇ.» ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: مەن ئۇ نامازلارنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغىنىمدىن بۇيان تاشلاپ باقمىدىم. ئەنبەسە ئېيتىدۇ: مەن ئۇ نامازلارنى ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئاڭلىغىنىمدىن بۇيان تاشلاپ باقمىدىم. ئەمر ئىبنى ئەۋس ئېيتىدۇ: مەن ئۇ نامازلارنى ئەنبەسەدىن ئاڭلىغىنىمدىن بۇيان تاشلاپ باقمىدىم. نۇئمان ئىبنى سالىم ئېيتىدۇ: مەن ئۇ نامازلارنى ئەمر ئىبنى ئەۋستىن ئاڭلىغىنىمدىن بۇيان تاشلاپ باقمىدىم.(2)

دېمەك، بۇ سۈننەت بەندىنى ئاللاھقا سۆيۈملۈك قىلىدىغان پەزىلەتلىك ئىش بولغاچقا، ساھابەلەر ۋە تابىئىنلار دەۋرىدىن باشلاپ سەل قارالماي، ئىزچىل ئەمەل قىلىنىپ كەلگەن.

ئەمدى پېشىندىن بۇرۇنقى بۇ تۆت رەكئەتنى ئوقۇش مەسىلىسى توغرىسىدا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلماي بولمايدۇ:

1.  پېشىندىن بۇرۇن تۆت رەكئەت ئوقۇش ھەققىدە سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەندەك، ئىككى رەكئەتلا ئوقۇش ھەققىدىمۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن سەھىھ ھەدىس كەلگەن. ئۇنىڭدا بىر سوتكا ئىچىدىكى 12 رەكئەت دېگەننىڭ ئورنىدا 10 رەكئەت دەپ كەلگەن.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: «مەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن پېشىندىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت، پېشىندىن كېيىن ئىككى رەكئەت، شامدىن كېيىن ئىككى رەكئەت، خۇپتەندىن كېيىن ئىككى رەكئەت، جۈمەدىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغان. ئەمما، شام بىلەن خۇپتەندىن كېيىنكىنى ئۆيىدە ئوقۇغان».(3)

بۇ ھەدىسنىڭ يۇقىرىدا ئۇممۇ ھەبىبە، ئائىشە، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايەت قىلغان ھەدىس بىلەن بولغان پەرقى پەقەت پېشىندىن بۇرۇنقى سۈننەتنىڭ رەكئەت سانىدىدۇر. يۇقىرىدىكى ھەدىستە «تۆت رەكئەت» دېيىلسە، مۇنۇ ھەدىستە «ئىككى رەكئەت» دېيىلگەن.

ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى ۋە كۆپچىلىك ئالىملار تۆت رەكئەت دېيىلگەن يۇقىرىقى ھەدىسكە ئەمەل قىلغان. ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرى ئىككى رەكئەت دېيىلگەن ھەدىسكە ئەمەل قىلغان.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۈننەت نامازنى ئادەتتە ئۆيىدە ئوقۇيتتى. شۇڭا، زادى قانچە رەكئەت ئوقۇغانلىقىنى ئاياللىرى ھەممىدىن بەكرەك بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ھەنەفىي مەزھەب ۋە كۆپچىلىك ئالىملار كەلتۈرگەن دەلىلنى كۈچلۈك دەيمىز. شەيخ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ 12 رەكئەت دېگەن قاراشنى ئەڭ توغرا دەپ قارىغان.(4)

يەنە بۇ ھەقتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان مۇنداق ھەدىسلەر بار:

«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پېشىندىن بۇرۇن مېنىڭ ھۇجرامدا تۆت رەكئەت (نەفلە) ئوقۇيتتى، ئاندىن چىقىپ جامائەت بىلەن پەرزنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كىرىپ، يەنە ئىككى رەكئەت (نەفلە) ئوقۇيتتى».(5)

«نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پېشىندىن ئىلگىرىكى تۆت رەكئەت بىلەن بامداتتىن ئىلگىرىكى ئىككى رەكئەت (سۈننەت) نى تاشلىمايتتى».(6)

يەنە ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى پېشىننى ئوقۇشتىن ئاۋۋال تۆت رەكئەت، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تۆت رەكئەت ئوقۇشنى قولدىن بەرمىسە، ئاللاھ ئۇ كىشىنى دوزاخقا ھارام قىلىدۇ» دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم.(7)

2. يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن بارلىق ئالىملار پېشىندىن بۇرۇن مەيلى تۆت رەكئەتنى بىراقلا ئوقۇسۇن ياكى ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بىلەن ئايرىپ ئوقۇسۇن سۈننەتكە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىدە ئىتتىپاق.

3. ئالىملار پېشىندىن بۇرۇنقى تۆت رەكئەتنى بىراقلا ئوقۇسۇن ياكى ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بىلەن ئايرىپ ئوقۇسۇن قايسىسىنىڭ توغرىلىقىدا ئەمەس، ئەۋزەللىكىدە ئىجتىھاد قىلىشقان. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەر ئىككىلىسى «سەھىھ» رىۋايەت قىلىنغان. يەنە تېخى پېشىندىن بۇرۇن ئىككى رەكئەتلا ئوقۇشمۇ رىۋايەت قىلىنغانلىقىنى يۇقىرىدا بايان قىلدۇق.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ ۋە ئىككى شاگىرتى، شۇنداقلا ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ ۋە ئەۋزائىي قاتارلىق ئىماملار كۈندۈزى ئوقۇلىدىغان نەفلە نامازنىڭ ئەڭ ئەۋزەل شەكلى تۆت رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ ئوقۇش دەيدۇ. بۇ قاراش ھەزرىتى ئىبنى ئۆمەر، ﻧﺎﻓﯩﺌ، ئىبراھىم نەخەئىي ۋە يەھيا ئىبنى سەئىد ئەلئەنسارىي قاتارلىق سەلەفلەردىن كەلگەن. باشقا ئۈچ مەزھەب ئىماملىرى كۈندۈزدىمۇ ھەر ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ ئوقۇش ئەۋزەل دەيدۇ. بۇ ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئىبنى سىرىن رەھىمەھۇللاھ، سەئىد ئىبنى جۇبەير رەھىمەھۇللاھ ۋە ئىمام لەيس رەھىمەھۇللاھ قاتارلىقلاردىن كەلگەن.(8)

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ دەلىلى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدۇر: «كېچە ۋە كۈندۈز نامازلىرى ئىككى رەكئەت – ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ».(9)

ئەمما، بۇ ھەدىسنى تەھقىقلەپ كۆرگەندە «وَالنَّهَارِ» (يەنى كۈندۈز) دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى تېكىست قاتارىدىن بولماستىن، بەلكى كېيىن قوشۇلۇپ قالغانلىقى ئايان بولىدۇ. يەنە كېلىپ، بەزى ئالىملار بۇ ھەدىسنى «سەھىھ» دەپ قارىسا، يەنە بەزى ئالىملار «سەھىھ» ئەمەس دەپ قارىغان.(10)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ كۈندۈزى تۆت رەكئەتتىن، تۆت رەكئەتتىن بىر سالام بىلەن ئوقۇغانلىقىمۇ، «سەھىھ» رىۋايەت قىلىنغان.(11)

دېمەك، بۇ ئەۋزەللىكنى بېكىتىشتە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قىلغان رىۋايەتى بىلەن ئۆزىنىڭ تۆت رەكئەتنى بىر سالام بىلەن ئۇلاپ ئوقۇغانلىق ئەمەلى ئوخشىماي قالغان. يەنە يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، سەلەفلەرمۇ ئوخشىمىغان تاللاشتا بولغان. بۇمۇ بۇ ئىشتا ئازادىچىلىك بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

4. پېشىندىن كېيىن ئىككى رەكئەت ئەمەس، بەلكى تۆت رەكئەت ئوقۇش توغرۇلۇقمۇ مۇنداق ھەدىس كەلگەن: «كىمكى دائىم پېشىننىڭ پەرزىدىن بۇرۇن تۆت رەكئەت، پەرزىدىن كېيىن تۆت رەكئەت (نەفلە) ئوقۇسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا دوزاخنى ھارام قىلىدۇ».(12)

دېمەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن پېشىننىڭ پەرزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت ئوقۇشمۇ، تۆت رەكئەت ئوقۇشمۇ، ھەر ئىككىلىسى رىۋايەت قىلىنغان.

خۇلاسە: پىشىننىڭ ئالدىدا تۆت رەكئەتنى بىر سالام بىلەن ئوقۇشمۇ، ئىككى رەكئەتتىن، ئىككى رەكئەتتىن ئىككى سالام بىلەن ئوقۇشمۇ ھەر ئىككىسى پەيغەمبىرىمىز ۋە سەلەفلىرىمىزدىن كەلگەن ئەمەلدۇر. مۇھىم بولغىنى بۇ سۈننەتلەرنى تاشلاپ قويماسلىق. شۇڭا، بۇ ھەقتە ئىختىلاپ قىلىش ئارتۇقچە.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 14 – رەبىيئۇلئەۋۋەل/ م. 2016، 13 – دېكابىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 10 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «مۇسلىم»، (728)؛ «تىرمىزىي»، (414)؛ «ئىبنى ماجە»، (1142)؛ «ئەھمەد»، (19724).
2. «مۇسلىم»، (728).
3. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (1172)؛ «مۇسلىم»، (729).
4. شەيخ ئۇسەيمىن: «ئەششەرھۇل مۇمتى»، 4/68.
5. «مۇسلىم»، (730).
6. «بۇخارىي»، (1182).
7. «ئەبۇ داۋۇد»، (1369)؛ «تىرمىزىي»، (427)؛ «ئەھمەد»، (27443). «ھەسەن».
8. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/231؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/61؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/151؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/433. ھافىز ئىراقىي: «تارھۇتتەسرىب»، 3/67.
9. «ئەبۇ داۋۇد»، (1295)؛ «ئىبنى خۇزەيمە»، (1210).
10. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 2/479؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/433.
11. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (6635). ھافىز ئىراقىي: («تارھۇتتەسرىب»، 3/67) «سەھىھ» دېگەن،
12. «تىرمىزىي»، (428). «سەھىھ».

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ