قۇرئاندىكى «بسم» سۆزىنىڭ ئىككى خىل يېزىلىشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، «فاتىھە» سۈرىسىنىڭ 1 – ئايىتىدىكى «بسم» سۆزى بىلەن «ئەلەق» سۈرىسىنىڭ 1 – ئايىتىدىكى «باسم» سۆزىنىڭ يېزىلىشى ئوخشىمايدىكەن. «ئەلەق» سۈرىسىنىڭ 1 – ئايىتىدىكىدە «ھەمزەتۇل ۋەسلى» ھەرپى ئارتۇقكەن. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ بۇ يەردە بىرەر گرامماتىكىلىق قائىدە بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

سوئالىڭىزدا بايان قىلغاندەك قۇرئان كەرىمدە «بسم» دېگەن سۆز ئىككى خىل يېزىلغان.

بىرى، ئەلىفسىز «بسم» دېگەن ھالەتتە. بۇ «فاتىھە»نىڭ بېشىدا «بسم الله الرحمن الرحيم»دا، «ھۇد» سۈرىسى 41 – ئايەتتە،([1]) «نەمل» سۈرىسى 30 – ئايەتتە([2]) كەلگەن.

يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا قارايدىغان بولساق، «بسم» دېگەن سۆزدىن كېيىنلا «ئاللاھ» سۆزى كەلگەن.

ئىككىنچىسى، ئەلىف بىلەن «باسم» دېگەن ھالەتتە. مەسىلەن: «ۋاقىئە» سۈرىسى 74 – ۋە 96 – ئايەتلەردە، شۇنداقلا «ئەلھاققە» سۈرىسى 52 – ئايەتتە «فسبح باسم ربك العظيم» دەپ كەلگەن. «ئەلەق» سۈرىسى 1 – ئايەتتە بولسا، «اقرأ باسم ربك الذي خلق» دەپ كەلگەن. بۇ ئەھۋاللاردا «بسم» دېگەن سۆزدىن كېيىنلا «ئاللاھ» سۆزى ئەمەس، «رب» سۆزى كەلگەن.

قۇرئان كەرىمنى مۇسھەپكە يۇقىرىقىدەك يېزىش ئۇسۇلىدا ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.

يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى كۆزەتكەن ئالىملار قۇرئان كەرىمنى يېزىشتا «اسم» دېگەن سۆزنىڭ ئەلىفىنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن ئىككى شەرت تېپىلىشى كېرەك، ئۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى ياكى بىرى كەم بولسا ئەلىف يېزىلىدۇ دېگەن خۇلاسىگە كېلىشكەن.

بۇنىڭدىكى بىرىنچى شەرت: «ب» ھەرپىگە ئۇلىنىپ كەلگەن بولۇش.

ئىككىنچى شەرت: ئۇلۇغلۇق ئىسمى بولغان «ئاللاھ» دېگەن ئىسىم ئۇنىڭ كەينىدىلا ياندىشىپ كەلگەن بولۇش.

بۇ شەرتلەر تېپىلمىغان ئەھۋالدا «بسم» دېگەن سۆز «ئەلىف» بىلەن كېلىدۇ: مەسىلەن: (فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ) (وَاذْكُرُواْ اسْمَ اللّهِ) (تَبَارَكَ اسْمُ رَبِّكَ) (بِئْسَ الاسْمُ الْفُسُوقُ) دېگەنلەرگە ئوخشاش.

قۇرئاندىن باشقا جايلاردىمۇ «بسم الله» شۇنداق يېزىلىدۇ. ئەگەر باشقا ھەرپ بىلەن كەلسە ياكى «ئاللاھ» سۆزىدىن باشقا سۆز كەلسە ئەلىف بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن: «لاسم الله بركة»، «ليس اسم كاسم الله» «باسم ربك» دېگەندەك. بۇ «رحمن» سۆزىنى يەڭگىللىتىش يۈزىسىدىن ئەلىفسىز يېزىشقا ئوخشايدۇ.([3])

دوكتور غانىم قاددۇرى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەسلى قائىدىدە ‹ئەلىف› بىلەن ‹باسم› دەپ يېزىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن بۇ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، قۇرئاننى مۇسھەپكە يېزىققا ئالغان سەلەفلەر ‹ئەلىف› نى ئېلىپ تاشلىغان. ئىبنى دەرەستەۋەيھ مۇنداق دەيدۇ: ‹اسم› دىن باشقا سۆزلەردە ياكى ئۇ سۆز ‹ب› ھەرپى ۋە ‹ئاللاھ› ئەززە ۋەجەللە سۆزى بىلەن بىللە كەلمىگەن ئەھۋالدا، ‹ئەلىفنى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئومۇمى قائىدىگە خىلاپتۇر».([4])

تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ قارايدىغان بولساق، «اسم» دېگەن سۆزدىكى «ئەلىف» ھەرپى ئەسلى شۇ سۆزدە بار ھەرپ ئەمەس، بەلكى ۋەسلى ئەلىفىدۇر. شۇڭا كۆپ ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللاردا بۇ «ئەلىف» قالدۇرۋېتىلگەن.

دېمەك، يۇقىرىقى ئىككى شەرت تېپىلغان ئەھۋالدا ئەلىفنىڭ چۈشۈپ قېلىشىدىكى سەۋەب ئادەتتە كۆپ چاغلاردا كۆپ پېئىللار بىلەن ئىشلىتىلىدىغانلىقى دەپ يەكۈنلەنگەن. چۈنكى ئادەتتە «بسم الله» دېگەن ئىبارە ھەر سۈرىنىڭ باشلىنىشىدا، يېزىش، تاھارەت ئېلىش، تاماق يېيىش، جىما قىلىش… قاتارلىق نۇرغۇن ئىشنى باشلاشتا ئىنتايىن كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما «باسم ربك» ياكى «باسم الرحمن» ئۇنچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ. بۇنى ئىمام رازى ئاتاقلىق تىلشۇناس ئەلخەلىل ئىبنى ئەھمەدتىن نەقىل قىلغان. ئىمام قۇرتۇبىي قاتارلىقلارمۇ مۇشۇنداق تەھلىل قىلغان. ئەرەبلەر كۆپ ئىشلىتىلگەن سۆز ئىبارىلەردە ئەلىفنى قىسقارتىپ ئىشلەتكەن.([5])

سەلەف – سالىھلارنىڭ «بسم الله» دەپ ئەلىفنى يازماسلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇكى، قۇرئاننىڭ يوچۇن (شاز) بىر قىرائىتىدە،([6]) «بِسُمَى الله» دەپمۇ قىرائەت قىلىنغان. چۈنكى «اسم» سۆزىنى ئەسلى ھالىتىدىكى ئەلىفسىز «سُمَى» دەپ تەلەپپۇز قىلىش بەزى ئەرەب قەبىلىلىرىدە بار ئەھۋال. ئۇلارنىڭ بۇ تەلەپپۇزىنى مۇشۇ يوچۇن (شاز) قىرائەتمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. ئەلىفنى ئېلىۋېتىپ يېزىش بولسا ئاشۇ يوچۇن قىرائەتنىڭ بارلىقىغا دىققەتنى تارتىش ئۈچۈن بولسا كېرەك.([7])

يەنە بىر سەۋەبنى ئەلقاسىم ئەلھەرىرى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئادەتتە باشلاش ۋە تۇتۇش قىلىشتا «بسم الله» كۆپ ئىشلىتىلگەنلىكتىن سۈرىلەرنىڭ ۋە مەكتۇپلارنىڭ بېشىدا يېزىلغىنىدا ئەلىف ئېلىپ تاشلىنىدۇ. «بسم الله»نىڭ ئەسلىسى «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» بولۇپ. شەخسنىڭ باشلاش ھالىتى بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغان بولغاچقا، «باشلايمەن» دېگەن سۆز قىسقارتىلغان. ئەگەر «باشلايمەن» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن كەلگەن ئەھۋالدا ئەلىفنى يېزىش لازىم. بۇ سەۋەبتىن «اقرأ باسم ربك»، «فسبح باسم ربك» دېگەندە، چوقۇم ئەلىفنى يېزىش لازىم.([8])

بۇنىڭغا بىنائەن، «بسم الله»نىڭ ئالدىدا ياكى كەينىدە ئۇ مۇتەئەللىق (ئالاقىدار) بولغان پېئىل كەلگەن ئەھۋالدا ئەلىف يېزىلىدۇ. مەسىلەن: «أتبرك باسم الله»، «باسم الله أستفتح» دېگەنلەرگە ئوخشاش.

دېمەك، «اسم» سۆزى «ب» ھەرپى بىلەن «ئاللاھ» سۆزى ئوتتۇرىسىدا كەلگەن بولسا، ئەرەب تىلىدا بۇ ئىبارە كۆپ ئىشلىتىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، يەڭگىللىتىش قائىدىسى بويىچە، ئەلىف ئېلىپ تاشلىنىپ قىسقارتىلىپ يېزىلغان. قۇرئاندىن باشقا جايلاردا بۇ تەرىقىدە يېزىشنىڭ يەنە بىر شەرتى يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك «بسم الله»نىڭ ئالدىدا ياكى كەينىدە ئۇ مۇتەئەللىق (ئالاقىدار) بولغان پېئىل كەلمىگەن بولۇشتۇر.

ئىبنۇل ھاجىب قاتارلىق يەنە بەزى ئالىملار «بسم الله الرحمن الرحيم» تولۇق كەلگەندە ئاندىن ئەلىف چۈشۈپ قالىدۇ دېگەن.([9])

لېكىن «ھۇد» سۈرىسى 41 – ئايەتتە ئوخشاشلا ئەلىفسىز: «وقال اركبوا فيها بسم الله مجراها ومرساها ان ربي لغفور رحيم» دەپ كەلگەن بولغاچقا، بۇ شەرت ئورۇنسىز كۆرۈنىدۇ.

مەيلى قانداقلا بولسۇن، تا ھازىرغا قەدەر مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئاننى مۇسھەپلەرگە يېزىشتا، ئەينى دەۋردىكى سەلەفلەر يازغان ئۇسۇلنى چىڭ تۇتۇپ كېلىشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟

قۇرئاننى بۇ شەكىلدە يېزىپ قالدۇرغان سەلەف – سالىھلار ئەسلىدىكى جاھىلىيەت ئەرەبلىرىنىڭ «باسمك اللھم» دەپ يېزىش ئۇسۇلىنى ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى يېزىش قائىدىلىرى بويىچە، «بسم الله» دەپ ئەلىفنى تاشلىۋېتىپ يازىدىغان، ئۇنىڭدىن باشقا «بِاسْمِ رَبِّكَ» دېگەندەك ئەھۋاللاردا ئەلىف بىلەن يازىدىغان بولغان. كېيىنكى دەۋرلەردە قۇرئان كەرىمنى ھەر تۈرلۈك ئۆزگەرتىلىش ۋە بۇرمىلاشلاردىن قوغداش ئۈچۈن ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن مۇسۇلمانلار، گەرچە بۇ تەرىقىدە يېزىش ئۇسۇلى ئادەتتىكى يېزىش قائىدىسىدىن چىقىپ كەتكەن ياكى مەلۇم بىر دەۋر يېزىش قائىدىسى بويىچە بېكىتىلگەن بولسىمۇ، قۇرئاننى شۇ تەرىقىدە ئەينەن يېزىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. بۇ جانابى ئاللاھنىڭ ئۆز كالامى بولغان قۇرئان كەرىمنى قوغداش كاپالىتىنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، قىرائەت قىلىنىشى قوغدالغاندەك، يېزىلىشىمۇ ئەينەن قوغدىلىپ كەلگەن. بۇمۇ ئاللاھنىڭ بەرھەقلىقى، سۆزىنىڭ راستلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى دېيىشكە بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە تەۋرات، ئىنجىللاردەك خىلمۇخىل نۇسخىلارغا ئايلىنىپ قالمىغانلىقىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ تاكى قىيامەتكە قەدەر ئۆزگەرمەي تۇرىدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2017 – 3 – 13

2-توم، 9-نومۇرلۇق پەتىۋا.

——————————-

([1])  ﭽوَقَالَ ارْكَبُوا فِيهَا بِسْمِ اللَّهِ مَجْرَاهَا وَمُرْسَاهَا ۚ إِنَّ رَبِّي لَغَفُورٌ رَّحِيمٌ ﭼ.
([2]) ﭽإِنَّهُ مِن سُلَيْمَانَ وَإِنَّهُ بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ ﭼ.
([3]) «اللباب في علل البناء والإعراب» أبو البقاء العكبري 2/488.
([4]) «علم الكتابة العربية» غانم قدوري الحمد 119 – بەت.
([5]) «التفسير الكبير» 1/93. «تفسير القرطبي» 1/99. «رسم المصحف دراسة لغوية تاريخية» غانم قدوري الحمد 368 – بەت.
([6]) «شاز قىرائەت»: سەھىھ سەنەد بىلەن كەلگەن بولسىمۇ مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يەتمىگەن، شۇنداقلا ھەزرىتى ئوسمان دەرۋىدە يېزىلغان مۇسھەپكە ئۇدۇل كەلمىگەن قىرائەتتۇر. «مناهل العرفان في علوم القرآن» 1/323.
([7]) «العلل البينة في وجه حذف الألف اللينة» د. عبد الرحيم بن عبد السلام نبولسي 20 – 28 – بەتلەر.
([8]) «درة الغواص في أوهام الخواص» القاسم بن علي الحريري 1/245.
([9]) «الشافية في علم التصريف» ابن الحاجب 1/144.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.