سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئادەمنىڭ ھەممە تۇغقانلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىكەن، بەزىلىرى تەقۋا، بەزىلىرى پاسىق بولىدىكەن. بىزنىڭ بىر تۇغقان بار، كۆڭلىنى ماڭا بەك يېقىن تۇتىدۇ. ئەمما، ئاشخانىسىدا باشقىلارنىڭ پىجۇ ئىچىشىگە يول قويىدۇ ھەمدە نامازمۇ ئوقۇمايدۇ، دائىم مېھمان بولۇپ كېلىشكە چاقىرىدۇ، ھەر قېتىم بارسام تەربىيە قىلىمەن. گەپ قىلساق «ۋاي ماقۇل» دەيدۇ، ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدۇ. مۇشۇنداق تۇغقانلارنىڭ ئۆيىدىن تاماق يېيىشكە بولامدۇ؟ ئۇلار ناماز ئوقۇمىغان بىلەن زاكاتنى ئايرىيدۇ. ئەگەر بۇنداق بولسىچۇ؟ يەنە بەزى تۇغقانلار ھاراقمۇ ساتمايدۇ، ھالال ئىشلار بىلەن كۈنىنى كۈن ئېتىدۇ، ئەمما ناماز ئوقۇمايدۇ، ئەمما زاكات بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، بۇلارنىڭ ئۆيىدىن تاماق يېيىشكە بولامدۇ؟
يەنە بىر سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بەزى تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئائىلىسىدە ئايال بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدۇ، ئەر ئوقۇمايدۇ، ئىچىپمۇ، قىمار ئويناپمۇ قويىدۇ، ئەمدى بۇنداق ئائىلىلەردە تاماق يېيىشكە بولامدۇ؟ ئۇندىن باشقا بەزى قولۇم – قوشنا، خىزمەتداش دېگەندەكلەر كوممۇنىست. بۇنداق ئائىلىلەردىچۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان نەرسىلەرنىڭ پاكلىرىدىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە پەقەتلا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن باشقىسىغا بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى ئاچلىقتىن مەجبۇر بولۇپ قېلىپ كۆڭلى خالاپ ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا، ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 172، 173).
(شۇڭا، ئاللاھنىڭ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە پەقەتلا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن باشقىسىغا بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى ئاچلىقتىن مەجبۇر بولۇپ قېلىپ كۆڭلى خالاپ ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا، ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر﴾(16/«نەھل»: 114، 115).
نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ﮪﺎﻻﻟﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ، ﮪﺎﺭﺍﻣﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﯜﺑﮭﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﯚﻛﻤﯩﻨﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯜﺑﮭﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ساقلانغان ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺑﺮﯗﻳﯩﻨﻰ ﭘﺎﻙ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯜﺑﮭﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ چەكلەنگەن رايوندا ﭘﺎﺩﺍ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﭘﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﭘﺎﺩﺍ ھەرئاندا بۇ رايونغا ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﮪﻪﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ چەكلەنگەن رايونى بولىدۇ. ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ چەكلەنگەن رايونى بولسا ﮪﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩتتۇر. ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﯖﻼﺭ! بەدەندە ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺸﻠﻪﻡ ﮔﯚﺵ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘ ﮔﯚﺵ ﺗﯜﺯﻩﻟﺴﻪ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯜﺯۈلىدۇ، ﺋﯘ ﺑﯘﺯﯗﻟﺴﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﻪﻟﺒﺘﯘﺭ».(1)
بۇنىڭغا ئاساسەن سىزگە باشقىلار ئېلىپ كەلگەن ھەدىيەنىڭ دەل ئۆزى ياكى تاماقنىڭ دەل ئۆزى ھارام مالدىن ئىكەنلىكى كەسكىن بولسا، ياكى ئۇ كىشىنىڭ بارلىق كىرىمى پۈتۈنلەي ھارامدىن بولغان تەقدىردە، ئۇنىڭ تامىقىنى يېيىش، ھەدىيەسىنى ئېلىش كەسكىن ھارام بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالىملارنىڭ قارىشى بىردەك ئوخشاش.
ئەگەر كىرىمى ھالال بىلەن ھارام ئارىلىشىپ كەتكەن بولسا، ھارام كىرىمى كۆپرەكمۇ ياكى ھالال كىرىمى كۆپرەكمۇ ياكى قايسىسىنىڭ ئاز، قايسىسىنىڭ كۆپلۈكى نامەلۇممۇ؟
ھارام كىرىمى كۆپرەك بولغان ئەھۋالدا ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس.
ئىمام غەززالىي ئېيتىدۇ: «بىر كىشىنىڭ مېلىغا ھارام ئارىلاشقان بولسا، ئەگەر كۆپرەك قىسمى ھارام بولسا، ئۇنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىماي تۇرۇپ ئۇنىڭ زىياپىتىنى ياكى سوۋغىسىنى يېيىشكە بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئەكەلگىنى ھالال پۇلدىن بولسا يېيىشكە بولىدۇ، ناۋادا ھارام مېلى ئازراق، ھالال مېلى كۆپرەك بولسا بۇ چاغدا ئېلىپ كەلگەن نەرسىسىنى يېيىش گۇمانلىق نەرسىلەرنى يېيىش دائىرىسىگە كىرىدۇ».(2)
يەنە ئېيتىدۇ: «ئەگەر تاماق ئېلىپ كەلگەن ئادەمنىڭ مال – مۈلكىنىڭ كۆپ قىسمى ھالال بولۇپ، سۈرۈشتە قىلسا ئاچچىقلاپ قالىدىغان بولسا سوراپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما ھارام مېلى كۆپرەك بولسا، ئۇنى سوراپ سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك، ئاچچقلاپ قېلىشىغا پەرۋا قىلماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئۇ زالىم ئادەمدۇر».(3)
دېمەك، ئىمام غەززالىي مال – مۈلكىنىڭ كۆپ قىسمى ھارام كىشىنىڭ تامىقىنى يېيىشنى ھارام دەپ قارايدۇ. باشقا بىر تۈركۈم ئالىملارمۇ مۇشۇ قاراشنى تاللىغان.
شافىئىي مەزھەب قارىشىدا: مال – مۈلكىنىڭ كۆپ قىسمى ھارام كىشىنىڭ تامىقىنى يېيىش مەكرۇھ. ئىمام سۇيۇتىي: «مال – مۈلكىنىڭ كۆپ قىسمى ھارام كىشىگە مۇئامىلە قىلىش ئەگەر ھارام مالنىڭ دەل ئۆزى ئېنىق بىلىنمىسە ھارام بولمايدۇ، لېكىن مەكرۇھ بولىدۇ» دېگەن.(4)
ھەنبەلىي مەزھەبتە بۇ مەسىلىدە تۆت خىل قاراش بولۇپ، ئاساسلىق قاراشتا: «ھارام مال – مۈلكى كۆپ بولسۇن ياكى ئاز بولسۇن ئۇ كىشىنىڭ تامىقىنى يېيىش مەكرۇھ بولىدۇ. بۇ قاراشقا ئاساسەن ھارام مال – مۈلۈكنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە قاراپ مەكرۇھلۇقنىڭ دەرىجىسى ئېغىر ياكى يەڭگىل بولىدۇ. يەنە بەزى ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا: زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا ھارام ئارىلاشقان مالدىن يېسە بولمايدۇ».(5)
يەنە بەزى ئالىملار: مال – مۈلكى ھالال بىلەن ھارام ئارىلاشقان كىشىنىڭ تامىقىنى يېيىش ھاراممۇ ئەمەس، مەكرۇھمۇ ئەمەس، دەپ قارىغان. مەلۇمكى، ئەينى زاماندا مەدىنەدىكى يەھۇدىيلار جازانە ۋە باشقا تۈرلۈك ھارام كىرىملارنى قىلاتتى، يەنە ئۇلارنىڭ ھالال ئېلىم – سېتىم ۋە باشقا كىرىملىرىمۇ بار ئىدى.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەرز ئالغان ئارپا ئۈچۈن ساۋۇتىنى گۆرۈگە قويغان. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئارپا نېنى بىلەن كۆيدۈرۈلگەن ماينىڭ پۇراپ قالغىنىدا مېھمان قىلىش تەكلىپىنى ئېلىپ بارغان.(6)
يەنە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: بىر يەھۇدىي رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئارپا نېنى بىلەن كۆيدۈرۈلگەن ماينىڭ پۇراپ قالغىنىدا مېھمان قىلىشقا چاقىرغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان.(7)
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر يەھۇدىي ئايال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە زەھەر سېلىنغان قوينىڭ گۆشىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ گۆشتىن يېدى.(8)
سۈرىيەدىكى ئاتاقلىق شەرىئەت ئالىمى دوكتور ۋەھبە زۇھەيلىي ئېيتىدۇ: «بىر ئادەمنىڭ مېلى شۈبھىلىك ياكى ھارام ئارىلاش بولسا، ئۇنىڭ سوۋغىسىنى ياكى مېھماندارچىلىقىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ، قوبۇل قىلغۇچى مەن ئۇنىڭ ھالال كەسپىدىن ئېلىپ كەلگىنىنى ئالدىم دەپ نىيەت قىلىدۇ، ھارامدىن پۇل تاپقانلىق گۇناھى تاپقۇچىغا بولىدۇ، چۈنكى ھارام مال ئىككى ئادەمنىڭ گەدىنىدە بولمايدۇ».
قاتار شەرىئەت فاكۇلتېتى فىقھ بۆلۈمى رەئىسى دوكتور ئەلى قاراداغىي ئېيتىدۇ: «كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىچە مېلىنىڭ كۆپ قىسمى ھالالدىن بولۇپ ئۆسۈم مۇئامىلىسى ئارقىلىق مېلىغا ئۆسۈم ئارىلىشىپ قالغان ئادەمنىڭ سوۋغىسىنى ياكى زىياپىتىنى يېيىش جائىز، چۈنكى ئۇنىڭ ئەسلى ئانا پۇلى ھالال، ھارام پۇلنىڭ گۇناھى يالغۇز ئۆزىگىلا بولىدۇ، تامىقىنى يېگەن ئادەمگە بولمايدۇ، بولۇپمۇ، يېمەي تۇرۇۋالغاندا تۇغقانچىلىق سىلە – رەھىمنى ئۈزۈش ئاقىۋىتى كېلىپ چىقىدىغان بولسا».(9)
يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، تاماق ياكى ھەدىيەنىڭ دەل ئۆزى ھارام مالدىن ئىكەنلىكى كەسكىن بولمىسا، ياكى بارلىق كىرىمى پۈتۈنلەي ھارامدىن بولماي، مال – مۈلكى ھارام بىلەن ھالال ئارىلاش بولسا، ئۇنداق كىشىلەرنىڭ تامىقىنى يېيىش ھەققىدە ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس.
بۇنداق تاماق، ھەدىيەلەردىن ساقلىنىش مۇمكىن بولغان ئەھۋالدا ئۇرۇق – تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتمەيدىغان بولسا، گۇمانلىق نەرسىلەردىن ساقلىنىش تەقۋادارلىق جۈملىسىدىن بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىش، ساقلىنىش ئەۋزەلدۇر. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇنداق ئادەملەرنىڭ ئۆيىگە بارمىسا، تامىقىنى يېمىسە گۇناھ بولمايدۇ.
«كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»دە كېلىشىچە: «زىياپەتكە چاقىرغۇچىنىڭ مېلى ھارام ئارىلاش بولسا چاقىرغان زىياپەتكە بارمىسا گۇناھ بولمايدۇ».(10)
ئەگەر ئۇنى يېمەي، ھەدىيەنى قوبۇل قىلماي، ئۆيىگە بارماي تۇرۇۋالغان ئەھۋالدا ئۇرۇق – تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىدىغان بولسا، يېسە جائىز. بۇنداق ئەھۋالدا، يېگەن نەرسىنى ھالال پۇلىغا ئالغاندۇر دەپ يېسە بولىدۇ.
بۇ يەردە تەكىتلەپ قويىدىغىنىم شۇكى، ھارام مال ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرى ئۆزى ھارام بولغان مال، مەسىلەن، باشقىلاردىن ئوغرىلانغان، بۇلانغان مال. يەنى بىرەر قوينى ياكى تاۋۇزنى ئوغرىلاپ ئۇنىڭدىن يېيىشكە تەكلىپ قىلسا، ئۇنىڭدىن ھەدىيە قىلسا، بۇنى يېسە، قوبۇل قىلسا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش ۋاجىب.
يەنە بىرى، جازانە، پارا، ساختىلىق قاتارلىق ھارام ئىشلاردىن ياكى ھارام ھۈنەر – كەسىپتىن تاپقان پۇل بولۇپ، بۇنداق پۇللار تاپقان كىشىنىڭ ئۆزىگە ھارام، باشقىلار بۇ پۇلنى مېھماندارچىلىق ياكى سوۋغات ياكى سودا – سېتىق قاتارلىق قانۇنلۇق يول بىلەن ئالسا، گۇناھ بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن ساقلانسا ئەۋزەل.
بەزىدە ئۇرۇق – تۇغقانلار ياكى دوست – بۇرادەرلەر ئارا ھارام پۇل تاپىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە تاماق يېمەي، ھەتتا گەپمۇ قىلماي ئۇنىڭغا بېسىم قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ھارامنى تاشلاشقا زورلىغىلىمۇ بولىدۇ. بۇنى شارائىتقا، ئەھۋالغا قاراپ چارە سۈپىتىدە مۇۋاپىق قوللىنىشقا بولىدۇ. بۇ بىر خىل دەۋەت ئۇسۇلى بولۇپ، ئالىملار بۇنى «تاشلىۋېتىش ئارقىلىق توسۇش» دەپ ئاتايدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بىر كىشى:
— مېنىڭ جازانە يەيدىغان بىر قوشنام بار، مېنى چاقىرىپلا تۇرىدۇ، قانداق قىلاي؟ —دەپ سورىغاندا، ئۇ:
— ھالالى ساڭا، گۇناھى ئۆزىگە، — دەپ جاۋاب بەرگەن.(11)
ئۇنداق بولغان ئىكەن، مال – مۈلكى ھالال بىلەن ھارام ئارىلاشقان كىشى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى كافىر بولسۇن، تەقۋادار بولسۇن ياكى پاسىق بولسۇن، ھاراقكەش ياكى قىمارۋاز ياكى جازانىخور بولسۇن ھەممىسىنىڭ ھۆكمى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئوخشاش.
ئاللاھ ھەممىمىزنى ھارامدىن يىراق قىلسۇن، ھالالغا مۇيەسسەر قىلسۇن.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 28 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 31 – ماي
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 180 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (52)؛ «مۇسلىم»، (1599).
2. غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 2/108.
3. غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 2/110.
4. سۇيۇتىي: «ئەلئەشباھ ۋەننەزائىر»، 1/107.
5. ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلفۇرۇﺋ»، 2/503.
6. «بۇخارىي»، (2508).
7. «ئەھمەد»، (13224).
8. «بۇخارىي»، (2617).
9. www.onislam.net
10. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 20/335.
11. ئىمام ئەھمەد بۇ رىۋايەتنى «ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سەھىھ» دەپ قارىغان. سالمان ئەلفارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ۋە يەنە بەزى تابىئىيلاردىنمۇ شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان. قاراڭ: ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 9/156؛ ھافىز ئىبنى رەجەب: «جامىئۇل ئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 1/71.