سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۆشتىن شۈبھىلىنىپ، خېلى ۋاقىتتىن بېرى گۆش يېمەي تۇخۇم يەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، يېقىندىن بۇيان تۇخۇمدىنمۇ شۈبھىلىنىپ، مېۋە – چىۋە يەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇبھىلىنىشتىكى سەۋەب: بۇ توخۇلارنىڭ يېمەكلىكى تەركىبىدە ئۆلۈك توخۇ، سۆڭەك، قان دېگەندەك ھارام نەرسىلەر بارلىقىنى ئېيتتى. مۇشۇ خىل تۇخۇمنى يېيىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ مۇشۇ توغرىسىدا بىر جاۋاب بەرگەن بولسىلا!
يەنە بىر سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ھازىر ۋەتىنىمىزدە بېلىق باقىدىغان كۆلچەككە يەم ئۈچۈن چوشقىنىڭ ئىچ قارنىنى تاشلاپ، بېلىقنى تېز چوڭ قىلىدىغان ئىش بار ئىكەن. ۋە مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا بېقىلغان بېلىقلار بىلەن ھەر قايسى چوڭ – كىچىك ئاشخانىلاردا قورۇما قورۇلىدىكەن. بۇ بېلىقلار ھارام بولامدۇ؟ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ پەتۋا بېرىشلىرىنى سورايمەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پوق يەيدىغان ھايۋاننىڭ سۈتىنى ئىچىشتىن توسقان.(1)
ئالىملار بۇ ھەدىستىكى چەكلىمىنى مەكرۇھلۇقنى ياكى ھاراملىقنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قاراپ، تۇخۇم بىلەن سۈتنى گۆش قاتارىغا كىرگۈزگەن.(2)
نىجىس يەم بىلەن بېقىلغان توخۇ، بېلىق ۋە باشقا ھايۋانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ تۇخۇملىرىنى، سۈتلىرىنى ئىستېمال قىلىش مەسىلىسىدە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا قاراش ئوخشاش ئەمەس.
بىر قىسىم ئالىملار بۇنداق ھايۋاننىڭ گۆشى ياكى سۈتى ياكى تۇخۇمىدا مەينەتلىكنىڭ ئەسىرى كۆرۈلمىسە ياكى پۈتۈن يەملىرى نىجىس بولمىسا، بۇلار ھالال دەپ قارايدۇ. بۇ ھەنەفىي مەزھەب قارىشى. ئەگەر پاك بىلەن نىجىس يەمنى ئارىلاشتۇرۇپ يەيدىغان بولسا، گۆشىدە مەينەتلىكنىڭ ئەسىرى كۆرۈلمىسە، ياكى بىر مۇددەت سولاپ قويۇپ پاك يەم بىلەن بېقىلىپ، مەينەتلىكنىڭ ئەسىرى قالمىسا، يېيىشكە بولىدۇ.(3)
مالىكىي مەزھەب قارىشىدا، مەينەت يەم – خەشەك بىلەن بېقىلغان ھايۋان، ئۇچار قۇشلارنىڭ گۆشى ھالال.(4)
شافىئىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ بەزىلىرى: يەم – خەشەكنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ مەينەت ئىكەنلىكىگە قارايمىز دېسە، يەنە بەزىلەر: گۆشى ياكى تەرىدە مەينەتلىكنىڭ ئەسىرى كۆرۈلۈشىگە قارايمىز، دەپ قارىغان. بۇنىڭغا بىنائەن، بۇنداق ھايۋانلارنىڭ گۆشى، سۈتى، تەرى ۋە تۇخۇملىرى مەكرۇھ تەنزىيھىي بولىدۇ.(5)
ھەنبەلىي مەزھەبتە يېمىنىڭ كۆپ قىسمى مەينەت بولسا، بۇنداق ھايۋاننىڭ گۆشى، تۇخۇمى ۋە سۈتى ھارام بولىدۇ. ئۈچ كۈن سولاپ قويۇپ پاك يەم بىلەن باقسا ئاندىن پاكىز بولىدۇ.(6) بۇ ئىلگىرىكى ئالىملىرىمىزنىڭ يۇقىرىقى ھەدىسنى چۈشىنىشىدىن كېلىپ چىققان كۆزقاراش ئوخشاشماسلىقى بولۇپ، بۇ يەردە بىرقانچە نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈر:
1. مەينەت يەمنىڭ گۆش، سۈت ۋە تۇخۇمغا قايسىبىر شەكىلدە بولمىسۇن چوقۇم تەسىرى بولىدۇ. نەتىجىدە، تەن سالامەتلىكىگە تەسىرى بولماي قالمايدۇ. بولۇپمۇ، ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغان تەقدىردە، مەلۇم كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ھورمۇن بىلەن بېقىلغان توخۇلارنىڭ بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ كۆپ گەپ – سۆزلەر بولغان.
2. پوق، تېزەكلەرنى يەيدىغان ئۆچكە، توخۇ قاتارلىق ھايۋانلار بەزىدە پاك نەرسىلەرنى يەپ، كۈن كۆرۈپ ھەرىكەت قىلىپ يۈرۈپ ساغلاملىقى ياخشى ئىدى، ھازىر مەينەت يەمدە بېقىلىۋاتقان توخۇلار كۈن كۆرمەيدۇ، ھەرىكەت قىلمايدۇ، پاك نەرسىگە ئارىلاشتۇرۇپ بەرگەن تەقدىردىمۇ ئىزچىل ئاشۇنداق مەينەت ياكى ئارىلاشما يەم يەيدۇ.
3. توخۇلارنىڭ يەم – خەشەكلىرىگە ھاك قوشۇپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ تۇخۇمنىڭ ئاق چىقىشىغا پايدىسى بولىدۇ. دېمەك، يەم – خەشەكنىڭ تۇخۇمغا ئاشۇنداق تەسىرى بار.
4. مىللىتىمىز ئومۇميۈزلۈك يېمەك – ئىچمەك بۇلغىنىشىغا دۇچ كېلىۋاتقان بۇنداق بىر دەۋردە بۇ تۈرلۈك يېمەكلىكلەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
5. بۇ تۈرلۈك تۇخۇم ۋە گۆشلەر ئەقەللىي تەقدىردە، مەكرۇھ ياكى شۈبھىلىك دائىرىگە كىرىدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن دىننى، بەدەننى ساغلام تۇتۇش ئۈچۈن بۇنداق گۆش، تۇخۇم ۋە سۈتلەرنى ئىستېمال قىلىش مەكرۇھ ھەم زىيانلىق. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردىكى مۇسۇلمانلار جامائەتچىلىكى ھالال، پاك يېمەكلىكلەرنى ھازىرلاپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشى لازىم.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 25 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 28 – ماي
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 181 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «ئەھمەد»، (1989)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (3786)؛ «تىرمىزىي»، (1825)؛ تىرمىزىي «ھەسەن سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
2. مۇبارەكفۇرىي: «تۇھفەتۇل ئەھۋەزىي»،5/450.
3. زەيلەئىي: «تەبيىينۇل ھەقائىق»، 6/10.
4. ئىبنى جۇزەي: «ئەلقەۋانىينۇل فىقھىييە»، 1/116.
5. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 9/28.
6. مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 10/367.