ھاراق ساتىدىغان، ناماز ئوقۇمايدىغان تۇغقانلارنىڭ ئۆيىدە تاماق يېيىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئادەمنىڭ ھەممە تۇغقانلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىكەن، بەزىلىرى تەقۋا، بەزىلىرى پاسىق بولىدىكەن. بىزنىڭ بىر تۇغقان بار، كۆڭلىنى ماڭا بەك يېقىن تۇتىدۇ. ئەمما، ئاشخانىسىدا باشقىلارنىڭ پىجۇ ئىچىشىگە يول قويىدۇ ھەمدە نامازمۇ ئوقۇمايدۇ، دائىم مېھمان بولۇپ كېلىشكە چاقىرىدۇ، ھەر قېتىم بارسام تەربىيە قىلىمەن. گەپ قىلساق «ۋاي ماقۇل» دەيدۇ، ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدۇ. مۇشۇنداق تۇغقانلارنىڭ ئۆيىدىن تاماق يېيىشكە بولامدۇ؟ ئۇلار ناماز ئوقۇمىغان بىلەن زاكاتنى ئايرىيدۇ. ئەگەر بۇنداق بولسىچۇ؟ يەنە بەزى تۇغقانلار ھاراقمۇ ساتمايدۇ، ھالال ئىشلار بىلەن كۈنىنى كۈن ئېتىدۇ، ئەمما ناماز ئوقۇمايدۇ، ئەمما زاكات بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، بۇلارنىڭ ئۆيىدىن تاماق يېيىشكە بولامدۇ؟

يەنە بىر سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بەزى تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئائىلىسىدە ئايال بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدۇ، ئەر ئوقۇمايدۇ، ئىچىپمۇ، قىمار ئويناپمۇ قويىدۇ، ئەمدى بۇنداق ئائىلىلەردە تاماق يېيىشكە بولامدۇ؟ ئۇندىن باشقا بەزى قولۇم – قوشنا، خىزمەتداش دېگەندەكلەر كوممۇنىست. بۇنداق ئائىلىلەردىچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

[ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان نەرسىلەرنىڭ پاكلىرىدىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە پەقەتلا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن باشقىسىغا بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى ئاچلىقتىن مەجبۇر بولۇپ قېلىپ كۆڭلى خالاپ ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا، ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ].([1])

(شۇڭا، ئاللاھنىڭ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە پەقەتلا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن باشقىسىغا بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى ئاچلىقتىن مەجبۇر بولۇپ قېلىپ كۆڭلى خالاپ ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا، ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر].([2])

نۇئىمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شۈبھىلىك ئىشلار بار، كىمىكى گۇناھ ئىكەنلىكى شۈبھىلىك بولغان ئىشلارنى تەرك ئەتسە، ھارام ئىكەنلىكى ئېنىق ئىشلارنى تېخىمۇ تەرك ئېتىدۇ. كىمىكى شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلسا، ھاراملىقى ئېنىق ئىشلارنىمۇ قىلىپ سېلىشقا تاس قالىدۇ. گۇناھ ئىشلار ئاللاھنىڭ چەكلىگەن رايونىدۇر، كىمكى ئۇ رايوننىڭ ئەتراپىدا ئوينايدىكەن، ئۇ رايونغا كىرىپ قېلىشى ئېھتىمالغا يېقىن».([3])

بۇنىڭغا ئاساسەن سىزگە باشقىلار ئېلىپ كەلگەن ھەدىيەنىڭ دەل ئۆزى ياكى تاماقنىڭ دەل ئۆزى ھارام مالدىن ئىكەنلىكى كەسكىن بولسا، ياكى ئۇ كىشىنىڭ بارلىق كىرىمى پۈتۈنلەي ھارامدىن بولغان تەقدىردە، ئۇنىڭ تامىقىنى يېيىش، ھەدىيەسىنى ئېلىش كەسكىن ھارام بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالىملارنىڭ قارىشى بىردەك ئوخشاش.

ئەگەر كىرىمى ھالال بىلەن ھارام ئارىلىشىپ كەتكەن بولسا، ھارام كىرىمى كۆپرەكمۇ ياكى ھالال كىرىمى كۆپرەكمۇ ياكى قايسىنىڭ ئاز، قايسىنىڭ كۆپلۈكى نامەلۇممۇ؟

ھارام كىرىمى كۆپرەك بولغان ئەھۋالدا ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس.

ئىمام غەززالىي مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشىنىڭ مېلىغا ھالال ھارام ئارىلاشقان بولسا، ئەگەر كۆپرەك قىسمى ھارام بولسا، ئۇنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىماي تۇرۇپ ئۇنىڭ زىياپىتىنى ياكى سوۋغىسىنى يېيىشكە بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئەكەلگىنى ھالال پۇلدىن بولسا يېيىشكە بولىدۇ، ناۋادا ھارام مېلى ئازراق، ھالال مېلى كۆپرەك بولسا بۇ چاغدا ئېلىپ كەلگەن نەرسىسىنى يېيىش گۇمانلىق نەرسىلەرنى يېيىش دائىرىسىگە كىرىدۇ».([4])

يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر تاماق ئېلىپ كەلگەن ئادەمنىڭ مال – مۈلكىنىڭ كۆپ قىسمى ھالال بولۇپ، سۈرۈشتە قىلسا ئاچچىقلاپ قالىدىغان بولسا سوراپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما ھارام مېلى كۆپرەك بولسا، ئۇنى سوراپ سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك، ئاچچقلاپ قېلىشىغا پەرۋا قىلماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئۇ زالىم ئادەمدۇر».([5])

دېمەك، ئىمام غەززالىي مال – مۈلكىنىڭ كۆپ قىسمى ھارام كىشىنىڭ تامىقىنى يېيىشنى ھارام دەپ قارايدۇ. باشقا بىر تۈركۈم ئالىملارمۇ مۇشۇ قاراشنى تاللىغان.

شافىئىي مەزھەپ قارىشىدا: مال – مۈلكىنىڭ كۆپ قىسمى ھارام كىشىنىڭ تامىقىنى يېيىش مەكروھ. ئىمام سۇيۇتى مۇنداق دېگەن: «مال – مۈلكىنىڭ كۆپ قىسمى ھارام كىشىگە مۇئامىلە قىلىش ئەگەر ھارام مالنىڭ دەل ئۆزى ئېنىق بىلىنمىسە ھارام بولمايدۇ، لېكىن مەكروھ بولىدۇ».([6])

ھەنبەلىي مەزھەپتە بۇ مەسىلىدە تۆت خىل قاراش بولۇپ، ئاساسلىق قاراشتا: «ھارام مال – مۈلكى كۆپ بولسۇن ياكى ئاز بولسۇن ئۇ كىشىنىڭ تامىقىنى يېيىش مەكروھ بولىدۇ. بۇ قاراشقا ئاساسەن ھارام مال – مۈلۈكنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە قاراپ مەكروھلۇقنىڭ دەرىجىسى ئېغىر ياكى يەڭگىل بولىدۇ. يەنە بەزى ھەنبەلىي مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا: زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا ھارام ئارىلاشقان مالدىن يېسە بولمايدۇ».([7])

يەنە بەزى ئالىملار: مال – مۈلكى ھالال بىلەن ھارام ئارىلاشقان كىشىنىڭ تامىقىنى يېيىش ھاراممۇ ئەمەس، مەكروھمۇ ئەمەس، دەپ قارىغان. مەلۇمكى، ئەينى زاماندا مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار جازانە ۋە باشقا تۈرلۈك ھارام كىرىملارنى قىلاتتى، يەنە ئۇلارنىڭ ھالال ئېلىم – سېتىم ۋە باشقا كىرىملىرىمۇ بار ئىدى.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەرز ئالغان ئارپا ئۈچۈن ساۋۇتىنى گۆرۈگە قويغان. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئارپا نېنى بىلەن كۆيدۈرۈلگەن ماينىڭ پۇراپ قالغىنىدا مېھمان قىلىش تەكلىپىنى ئېلىپ بارغان.([8])

يەنە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر يەھۇدىي رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئارپا نېنى بىلەن كۆيدۈرۈلگەن ماينىڭ پۇراپ قالغىنىدا مېھمان قىلىشقا چاقىرغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان.([9])

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر يەھۇدىي ئايال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە زەھەر سېلىنغان قوينىڭ گۆشىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ گۆشتىن يېدى.([10])

سۈرىيەدىكى ئاتاقلىق شەرىئەت ئالىمى دوكتور ۋەھبە زۇھەيلى مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئادەمنىڭ مېلى شۈبھىلىك ياكى ھالال – ھارام ئارىلاش بولسا، ئۇنىڭ سوۋغىسىنى ياكى مېھماندارچىلىقىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ، قوبۇل قىلغۇچى مەن ئۇنىڭ ھالال كەسپىدىن ئېلىپ كەلگىنىنى ئالدىم دەپ نىيەت قىلىدۇ، ھارامدىن پۇل تاپقانلىق گۇناھى تاپقۇچىغا بولىدۇ، چۈنكى ھارام مال ئىككى ئادەمنىڭ گەدىنىدە بولمايدۇ».

قاتار شەرىئەت فاكۇلتېتى فىقھى بۆلۈمى رەئىسى دوكتور ئەلى قاراداغى مۇنداق دەيدۇ: «كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىچە مېلىنىڭ كۆپ قىسمى ھالالدىن بولۇپ ئۆسۈم مۇئامىلىسى ئارقىلىق مېلىغا ئۆسۈم ئارىلىشىپ قالغان ئادەمنىڭ سوۋغىسىنى ياكى زىياپىتىنى يېيىش جائىز، چۈنكى ئۇنىڭ ئەسلى ئانا پۇلى ھالال، ھارام پۇلنىڭ گۇناھى يالغۇز ئۆزىگىلا بولىدۇ، تامىقىنى يېگەن ئادەمگە بولمايدۇ، بولۇپمۇ، يېمەي تۇرۇۋالغاندا تۇغقانچىلىق سىلە – رەھىمنى ئۈزۈش ئاقىۋىتى كېلىپ چىقىدىغان بولسا».([11])

يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، تاماق ياكى ھەدىيەنىڭ دەل ئۆزى ھارام مالدىن ئىكەنلىكى كەسكىن بولمىسا، ياكى بارلىق كىرىمى پۈتۈنلەي ھارامدىن بولماي، مال – مۈلكى ھارام بىلەن ھالال ئارىلاش بولسا، ئۇنداق كىشىلەرنىڭ تامىقىنى يېيىش ھەققىدە ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس.

بۇنداق تاماق، ھەدىيەلەردىن ساقلىنىش مۇمكىن بولغان ئەھۋالدا ئۇرۇق – تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتمەيدىغان بولسا، گۇمانلىق نەرسىلەردىن ساقلىنىش تەقۋادارلىق جۈملىسىدىن بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىش، ساقلىنىش ئەۋزەلدۇر. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇنداق ئادەملەرنىڭ ئۆيىگە بارمىسا، تامىقىنى يېمىسە گۇناھ بولمايدۇ.

«كۇۋەيت فىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى»دە كېلىشىچە: «زىياپەتكە چاقىرغۇچىنىڭ مېلى ھالال – ھارام ئارىلاش بولسا چاقىرغان زىياپەتكە بارمىسا گۇناھ بولمايدۇ».([12])

ئەگەر ئۇنى يېمەي، ھەدىيەنى، قوبۇل قىلماي، ئۆيىگە بارماي تۇرۇۋالغان ئەھۋالدا ئۇرۇق – تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىدىغان بولسا، يېسە جائىز. بۇنداق ئەھۋالدا، يېگەن نەرسىنى ھالال پۇلىغا ئالغاندۇر دەپ يېسە بولىدۇ.

بۇ يەردە تەكىتلەپ قويىدىغىنىم شۇكى، ھارام مال ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرى ئۆزى ھارام بولغان مال، مەسىلەن، باشقىلاردىن ئوغرىلانغان، بۇلانغان مال. يەنى، بىرەر قوينى ياكى تاۋۇزنى ئوغرىلاپ ئۇنىڭدىن يېيىشكە تەكلىپ قىلسا، ئۇنىڭدىن ھەدىيە قىلسا، بۇنى يېسە، قوبۇل قىلسا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش ۋاجىپ.

يەنە بىرى، جازانە، پارا، ساختىلىق قاتارلىق ھارام ئىشلاردىن ياكى ھارام ھۈنەر – كەسىپتىن تاپقان پۇل بولۇپ، بۇنداق پۇللار تاپقان كىشىنىڭ ئۆزىگە ھارام، باشقىلار بۇ پۇلنى مېھماندارچىلىق ياكى سوۋغات ياكى سودا – سېتىق قاتارلىق قانۇنلۇق يول بىلەن ئالسا، گۇناھ بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن ساقلانسا ئەۋزەل.

بەزىدە ئۇرۇق – تۇغقانلار ياكى دوست – بۇرادەرلەر ئارا ھارام پۇل تاپىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە تاماق يېمەي، ھەتتا گەپمۇ قىلماي ئۇنىڭغا بېسىم قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ھارامنى تاشلاشقا زورلىغىلىمۇ بولىدۇ. بۇنى شارائىتقا، ئەھۋالغا قاراپ چارە سۈپىتىدە مۇۋاپىق قوللىنىشقا بولىدۇ. بۇ بىر خىل دەۋەت ئۇسۇلى بولۇپ، ئالىملار بۇنى «تاشلىۋېتىش ئارقىلىق توسۇش» دەپ ئاتايدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بىر كىشى: مېنىڭ جازانە يەيدىغان بىر قوشنام بار، مېنى چاقىرىپلا تۇرىدۇ، قانداق قىلاي؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ: «ھالالى ساڭا، گۇناھى ئۆزىگە» دەپ جاۋاب بەرگەن.([13])

ئۇنداق بولغان ئىكەن، مال – مۈلكى ھالال بىلەن ھارام ئارىلاشقان كىشى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى كافىر بولسۇن، تەقۋادار بولسۇن ياكى پاسىق بولسۇن، ھاراقكەش ياكى قىمارۋاز ياكى جازانىخور بولسۇن ھەممىسىنىڭ ھۆكمى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئوخشاش.

ئاللاھ ھەممىمىزنى ھارامدىن يىراق قىلسۇن، ھالالغا مۇيەسسەر قىلسۇن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011 – 5 – 31
———————————-
([1]) «بەقەرە» سۈرىسى، 172 – 173 – ئايەتلەر.
([2]) «نەھل» سۈرىسى، 114 – 115 – ئايەتلەر.
([3]) «بۇخارى»، 2051 – ھەدىس.
([4]) «إحياء علوم الدين»،  2/108.
([5]) «إحياء علوم الدين»،  2/110.
([6]) «الأشباه والنظائر»، 1/107.
([7]) «الفروع»، 2/503.
([8]) «بۇخارى»، 2508 – ھەدىس.
([9]) «مسند أحمد»، 13224 – ھەدىس.
([10]) «بۇخارى»، 2617 – ھەدىس.
([11]) www.onislam.net
([12]) 20 – توم 335 – بەت.
([13]) ئىمام ئەھمەد بۇ رىۋايەتنى »ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سەھىھ» دەپ قارىغان. سەلمان ئەلفارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ۋە يەنە بەزى تابىئىيلاردىنمۇ شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان. «المحلى»، 9/156 »جامىئۇل ئۇلۇم ۋەلھىكەم» 1/71.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز