يېمەك – ئىچمەك، دورا – دەرمان ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرى تەركىبىدىكى خىمىيىلىك ماددىلار

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مېنىڭ كەسپىم بىئولوگىيە، ئۇنىڭدا خىمىيە دەرسىنىمۇ ئۆگىتىدۇ. ناھايىتى مۇھىم ۋە قىيىن بىر سوئال پەيدا بولدى.

ھەممەيلەنگە مەلۇم، ھازىر تۇرمۇشىمىزدا ھەربىر ساھە خىمىيىلىك ماددىلاردىن ئايرىلالمايدۇ. مەسىلەن:

1) تېببىي ساھە: بۇ جاھاندا ئاغرىمايدىغان ئادەم يوق. دورا ئوكۇلنىڭ %90 قىسمى خىمىيىلىك دورىلاردۇر.

2) تۇرمۇش بۇيۇملىرى: چاچ، بەدەن سوپۇنلىرى، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى، ئەتىرلەر، چىش پاستىسى، ھەرخىل گىرىم بۇيۇملىرى… ۋەھاكازالار.

3) ئەڭ چوڭ ۋە مۇھىم بولغىنى يېمەكلىك ساھەسى. ھازىر بارلىق يېمەكلىكلەرگە قوشۇمچە ماددىلارنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، ئۇنغا ئاقارتقۇچ قوشىدۇ، مايغا سۈزۈكلىتىدىغان، بۇس چىقارمايدىغان ماددا قوشىدۇ، يەنە بۇنىڭدىن باشقا ئوكسىدلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، چىرىشتىن ساقلايدىغان ماددىلار، رەڭ، پۇراق، تەم تەڭشىگۈچ قاتارلىق نەچچە يۈز خىل ماددىلار بار.

دېمەك، خىمىيىلىك ماددىلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. شۇڭا، مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم بۇ خىمىيىلىك ماتېرىياللارنىڭ ھالال – ھاراملىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟ گالدىن ھارام ئۆتسە دۇئا ئىجابەت بولمايدۇ، قان بۇلغىنىدۇ، ئەقىل بۇلغىنىدۇ، ئىمان بۇلغىنىدۇ! (ئاللاھ ساقلىسۇن)

بۇ سوئال قانداق بولۇپ پەيدا بولدى دېسىڭىز، بىز ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ يېمەك – ئىچمەكتىن راسا قىينالدۇق. (ھېلىمۇ شۇنچە كەڭ رىزىقلارغا ئىگىمىز، ئەلھەمدۇلىللاھ)

بىر قىسىم پېچىنە – پىرەنىكلەرنى سېتىۋالماقچى بولغاندا، تەركىبىگە قارايمىز، سۇ مېيى بولسىلا، ئۇن ۋە شېكەرلەر ھالال بولغاندىكىن يېسەك بولار دەپ نۇرغۇن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار يەۋېرىدۇ،

ئەمما، بۇنىڭدىن باشقا خىمىيىلىك تەركىبلەرگە پەرۋا قىلمايمىز، دىققەت قىلايلى دېسەكمۇ ھەممىمىز خىمىيە كەسپى ئۆگەنمىگەندىكىن نېمىدىن ياسايدۇ ئۇقمايمىز – دە!

شۇنىڭ بىلەن مەن ئىزدىنىپ باقتىم، ئىسلامدىكى ھالال – ھارام ۋە شۈبھىگە بولغان بىلىملىرىم يوق دېيەرلىك بولغاچقا، جاۋاب تاپالمىدىم، مېنى تېخىمۇ گاڭگىرىتىپ قويغىنى، بىر خىمىيىلىك ماددىنىڭ ياسىلىش جەريانى ھەرخىل بولىدۇ، ھەتتا كۆپلىرى قاتمۇ – قات ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش جەريانىغا ھۆكۈمنى پەقەت سىلەردەك ئۇستازلار چىقىرالايدۇ.

بۇ شۈبھىلىك تەركىب جەدۋىلى

Cholestela
胆固醇
Diglyceride
甘油二脂
Enzyme

Fatty Acid
脂肪酸
Glyceride
甘油酯
Glycogen
肝糖
Hormones
激素
Hydrolyzed animal fat
水解动物脂
Pepsin
胃蛋白酶
Phospholipid
鳞脂
Renin
肾素
Emulsifiers
乳化剂
Flavors
香料
بۇ ھارام تەركىب جەدۋىلى

Alcohol
酒精
Animal fat
动物脂肪
Collagen
胶原脂
Gelatin
骨胶
Liqueur

Stearate
硬脂酸盐
Lard
板油
 

 

بۇ ھالال تەركىب جەدۋىلى

Acetic acid
乙酸
Ammonium sulfate
硫酸铵
Ascorbic acid
抗坏血酸
Sweeteners
甜味剂
Benzoic acid
安息香酸盐
Calcium carbonate
碳酸钙
Carrageenan
卡拉交
Citiric acid
柠檬酸
Cocoa butter
可可油
Corn meal/corn starch
麦片
Corn syrup
玉米糖浆
Dextrin/dextorse
糊精
EDTA
乙二胺四乙酸
Ergosterol
麦角固醇
Ferrous Sulfate
硫酸铁
Fructose
果糖
Fungal Protease
真菌蛋白酶
Glucose
葡萄糖
Gum acacia
阿拉伯树胶
Hydrogenated oil
氢化植物油
Malt
麦芽
Mono saccharides
单糖
MSG
味精
Nitrates/Nitrires
硝酸盐
Oxalic acid
草酸
PABA
苯甲酸
Pectin
胶质
Potassium citrate
柠檬酸钾
Saccharine
糖精
Yeast
酵母

 

ھازىرقى مەسىلە:

مەسىلەن، Corn syrup玉米糖浆 نى ھالال دېدۇق، چۈنكى ئۇنى قوناقنى خام ئەشيا قىلىپ ياسايدۇ، ئەمما ياساش جەريانىدا淀粉酶 Amylase)) قوشىدۇ، بۇ 淀粉酶نى ياسىغاندا يەنە كۆپلىگەن خىمىيىلىك ماددىلارنى ئىشلىتىدۇ.

بۇ زەنجىرسىمان مۇناسىۋەت جەريانىغا بولغان ھۆكۈم بەك مۇھىم بولۇپ قالدى.

يەنە بىر سوئالىم: ئادەتتە، يېمەكلىكنىڭ تەركىب ئىزاھاتىغا قارىساق، پەقەت «رەڭ قوشقۇچ» ياكى «پۇراقلىق ماتېرىيالى» دەپلا يېزىپ قويىدۇ. ۋەھالەنكى، رەڭ قوشقۇچ دېگەنلا بىر چوڭ ساھە!

شۇڭا، مۇشۇ ھەقتە بىر جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز. ئەگەر ئېنىق جاۋاب بولسا بىز يېسەك بولمايدۇ دەپ قىينىلىپ يۈرگەن نەرسىلەر ئازىيىشى مۇمكىن، ۋە بەلكىم ھالال دەپ يۈرگەن ھاراملاردىن ساقلىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. گەرچە بىر قىسىم تەقۋا مۇسۇلمانلار ھەرقانداق شۈبھىدىن قەتئىي ساقلانغان بولسىمۇ، بۇ دائىرە بەك كەڭ، شۇنداقلا كۆپ قىسىم ئاددىي مۇسۇلمانلار بىلىمسىزلىكى ۋە بىپەرۋالىقى تۈپەيلى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قالمىغاي!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

پۈتۈن ئىشلىرىڭىزدا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى، تەقۋادارلىقنى كۆزلەپ ئىش قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىڭىز ئۈچۈن جانابى ئاللاھ ئەجرىڭىزنى كاتتا قىلسۇن! دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىڭىزنى خەيرلىك قىلىپ بەختىڭىزنى بەرسۇن! بىللە ئوقۇۋاتقان ساۋاقداش قېرىنداشلىرىڭىزنىمۇ دۇنيادا مۇسۇلمانچە ياشاپ ئۆتۈشكە، ئاخىرەتتە جەننەتتىن يۇقىرى مەرتىۋىگە نائىل بولۇشقا نېسىپ قىلسۇن! ئامىن.

ئىچكىرىدە تەبىئىي پەن ئوقۇۋاتقان سىزدەك ھەمشىرەلەرنىڭ دىندا مۇستەھكەم، ھالال – ھارامنى ئايرىشقا ھېرىسمەنلىكىدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەزلى مەرھەمىتى كەڭ ئىكەن، بەندىسىگە خەيرلىك ئىرادە قىلسا مەيلى قەيەردە بولمىسۇن ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلىدىكەن. ئاللاھقا شۈكۈر.

مەقسەتكە كەلسەك، يېمەك – ئىچمەك ساھەسى ھازىر پۈتۈن مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ، مىللىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر ھەم خەتەرلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭ سەۋەبى بۈگۈنكى كۈندە يېمەك – ئىچمەك تەركىبىگە تۈرلۈك ھارام ۋە شۈبھىلىك ياكى نامەلۇم ماددىلار كىرگۈزىلىۋاتىدۇ. توخۇ، بېلىق ۋە باشقا ھايۋانلارمۇ نىجىس يەم – خەشەكلەر بىلەن بېقىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بۇنداق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

سىز تىزىملىكىنى يوللىغان خىمىيىلىك ھارام ۋە شۈبھىلىك ماددىلار تىزىملىكىدىكى بەزى ماددىلار ھەققىدە ئىسلام دۇنياسىدىكى نوپۇزلۇق ئالىملار، ئىشەنچلىك پەتىۋا كومىتېتلىرى پەتىۋا ئېلان قىلغان. بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھالال ياكى ھاراملىقىدا ئىتتىپاققا كەلگەن شۇنداقلا بەزى كۆزقاراش ئوخشاش بولمىغان ماددىلارمۇ بار. مەسىلەن ئالايلۇق:

1 – كوللاجىين (Collagen) بىلەن جىلاتىين (Gelatin) ماددىلىرى ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىشلەر بولغان. بۇنىڭ ئۆسۈملۈكتىن ياكى ئۆزىمۇ ھالال، بوغۇزلىنىشىمۇ ھالال بولغان كالا ۋە باشقا ھايۋانلاردىن چىقىرىلغىنى ھالال ئىكەنلىكىگە ھەممە بىردەك ئىتتىپاق.

چوشقىدىن ياكى ھارام ھايۋاندىن چىقىرىلغىنى ياكى ئەسلى مەنبەسى ئېنىق ئەسكەرتىلمىگەن كوللاجىين بىلەن جىلاتىين ھەققىدە بىرقانچە قاراش بار:

1 – ھارام.

2 – خىمىيىۋىلىك ئۆزگىرىش جەريانىدا چوشقا مېيى ياكى چوشقا تەركىبى باشقا بىر خىمىيىۋىلىك ماددىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولسا، بىر قىسىم ئالىملار: بۇنىڭ ھۆكمى يېڭى ئايلانغان ماددىنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ. يەنى، يېڭى ماددا پاك دەپ قارالسا پاك بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ قاراش باشقا ماددىغا ئايلىنىپ كېتىش نەزەرىيىسىگە تايانغان. مەسىلەن، ئۈزۈم شەربىتى ھاراققا ئايلانسا ھارام بولىدۇ، ھاراق سىركىگە ئايلانسا ھالال بولىدۇ، دېگەندەك.

3 – شۈبھىلىك ھالىتىدە قالىدۇ.

لېكىن، باشقا ماددىغا ئايلانغان تەقدىردە، پۈتۈن ئايلىنامدۇ ياكى قىسمەن ئايلىنامدۇ؟ خىمىكلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ پۈتۈنلەي ئايلانماي قىسمەن ئايلىنارمىش، چۈنكى ئۇ باشقا بىر ماددىغا ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىنمۇ تەركىبىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەسلى نېمىلىكىنى بىلگىلى بولىدىكەن.

2 – ئالكوھول (Alcohol) ماددىسى. بۇ ئادەتتە، تېببىي ساھەدە شۇنداقلا ئەتىرلەرگە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئىسپىرت دېسەك ھەممە كىشى بىلىدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا: بىرى، پاك، بىرى، نىجىس. پاك دېگەن قاراش جانلىق.([1])

بۇنىڭغا ئاساسەن ئىسپىرت قېتىلغان ئەتىرلەر پاك بولىدۇ. ئىسپىرت ساپ بولسۇن ياكى سۇغا ئارىلاش بولسۇن نىجىس ئەمەس. بۇنىڭغا بىنائەن، ئىسپىرتنى تېببىي جەھەتتىن دېزىنفېكسىيە قىلىش ياكى ئەتىرگە قېتىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

لېكىن، ئەلكوھول مەست قىلىدىغان ماددا بولغاچقا، ئۇنى ئېغىزدىن ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. لېكىن، ساقلاش ياكى ئېرىتىش مەقسىتىدە ئاز مىقداردا ئەلكوھول تەركىبى بولغان دورا – دەرمانلارنى ئېغىزدىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئەمما، ئاغرىق پەسەيتىش ياكى مەست قىلىشقا ئىشلەتسە بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدىغان باشقا ھالال دورا بولمىغان ئەھۋالدا شۇنداق. تەركىبىگە ھاراق ياكى ئەلكوھول كىرگۈزۈلگەن يېمەك – ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.([2])

ئىسپىرت قېتىلغان ئىچىملىك ئىسپىرت پىرسەنتى تۆۋەن بولۇپ مەست قىلمايدىغان بولسا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

3 – ھايۋاندىن چىقىرىلغان ماي (Animal Fat) ياكى (Animal Shortening) ماددىسى. بۇ ئادەتتە، ھايۋاندىن چىقىرىلغان ماي بولۇپ، ئۇنىڭغا بەزىدە ئازراق ئۆسۈملۈكتىن چىقىرىلغان ماي قوشۇپ قويۇلىدۇ. بۇ ماي ئەگەر چوشقا ياكى شەرىئەت ھارام قىلغان ھايۋاندىن چىقىرىلغان بولسا، ھارام بولىدۇ. شەرئى بوغۇزلانغان ھالال ھايۋاندىن ياكى ئۆسۈملۈكتىن چىقىرىلغان بولسا ھالال بولىدۇ. ئادەتتە، پۈتۈنلەي ئۆسۈملۈكتىن چىقىرىدىغانغا (Pure Vegetable Shortening) دەپ يېزىلىدۇ. كۆپ قىسمى ئۆسۈملۈك مېيى بولسا (Vegetable shortening) دەپ يېزىلىدۇ.

4 – چوشقا مېيى (Lard) ماددىسى. بۇ چوشقا مېيى بولغاچقا، ئېنىق ھارام.

5 – پىشلاق ياكى ئىرىمچىك ياساشتا ئېچىتىشقا ئىشلىتىدىغان خېمىرتۇرۇچ ياكى كۆنەلگۈ (Pepsin) ماددىسى. بۇ ئادەتتە، چوشقا ياكى باشقا ھالال ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنى ياكى ئۆچەيلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئېنزىم ياكى يېلىمدەك ماددا. بۇ ئېنزىم بىلەن ئىشلەنگەن پىشلاقلارنى ئىستېمال قىلىشتا ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا:

1 – ھالال. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ساھابىلار رىم ياكى باشقا ئەللەردىن كەلگەن پىشلاقلارنى ئىستېمال قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭدىكى ئېنزىم ئاساسلىق تەركىب بولماستىن، ئاز مىقداردا قوشۇلىدۇ.

2 – ئەگەر چوشقا ياكى شەرىئەت ھارام قىلغان ھايۋاندىن چىقىرىلغان بولسا، ھارام بولىدۇ. شەرئى بوغۇزلانغان ھالال ھايۋاندىن ياكى ئۆسۈملۈكتىن چىقىرىلغان بولسا ھالال بولىدۇ. (Renin) دېگەن ماددىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئېنزىم. (Flavour) دېگەن ماددىمۇ ئوخشاشلا پىشلاق ياساشتا ئىشلىتىدىغان بىر خىل ئېنزىم.

6 – يەنە 350 خىلدىن ئارتۇقراق نومۇرغا (e) ھەرپى قوشۇلۇپ يېزىلىدىغان تەم ياكى رەڭ ياكى پۇراق ياكى ساقلاش ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ماددىلار بولۇپ، بۇ ماددىلار كىرگۈزۈلگەن يېمەك – ئىچمەكلەر ھەققىدە كۆزقاراش ئىككى خىل:

1 – بۇلارنىڭ ھارام ۋە نىجىس ماددىلاردىن ياسالغىنى ھارام.

2 – ھەممىسى ھالال.([3])

7 – تۈرلۈك ھورمۇن (Hormones) ماددىلىرىمۇ كۆزقاراش ئوخشاش بولمىغان ماددىلار دائىرىسىگە كىرىدۇ. دىئابېت كېسەللىكلىرى ئىستېمال قىلىدىغان ئىنسۇلىن (Insulin) ماددىسىمۇ بىر خىل ھورمۇن بولۇپ، بۇ چوشقىدىن چىقىرىلغان ئەھۋالدىمۇ داۋالىنىشتا ئىستېمال قىلىشقا رۇخسەت قىلغان ئالىملار بار. يەنە (Glycogen) دېگەن ماددىمۇ گلۇكوزاغا يېقىن كېلىدىغان، ئىنسۇلىنغا قارىمۇ قارشى تەسىرلىك ماددا بولۇپ، ھۆكمى شۇنىڭغا ئوخشاش. (Amylase) دېگەن ماددىمۇ ئىنسۇلىنغا ئوخشاش ئاشقازان ئاستى بېزىدىن چىقىدىغان بىر خىل ئېنزىم. ھۆكمىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.

باشقا شۈبھىلىك ماددىلار تىزىملىكىدىكى ماددىلار ھەققىدە مەلۇماتىم يوق. ئۇلارمۇ يۇقىرىقىلارغا ئوخشىسا كېرەك.

8 – ئۇن زاۋۇتىدا ئاقارتىشقا قاتىدىغان ماددا سەھىيە مىنىستىرلىكى رۇخسەت قىلغان پىرسەنت دائىرىسىدە بولسا مەيلى. ئۇنىڭدىن ئارتۇق قوشۇپ ئىشلەشكە ياكى ئىشلەنگىنىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

ئەمدى ئەھۋال يۇقىرىقىدەك بولغاندىن كېيىن مېنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم تۆۋەندىكىچە:

1. ھەر بىر مۇسۇلمان يېمەك – ئىچمەك، دورا ۋە باشقا ئىستېمال بۇيۇملىرىدا شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە رىئايە قىلىشى لازىم.

2. داۋالىنىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش زۆرۈر ئېھتىياجنى قامداش ئۈچۈن تەركىبىگە يۇقىرىقىدەك ماددىلار كىرگۈزۈلگەن يېمەك – ئىچمەك ۋە دورا – دەرمانلارنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.

3. ئېھتىياج بولمىسا، ئورنىدا تۇرىدىغان شۈبھىسىز ھالال نەرسە بولسا، شۈبھىلىك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

4. ئازغىنە بولسىمۇ تەركىبىگە ھاراق قوشۇلغان يېمەك – ئىچمەكنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. ھاراق قۇيۇپ قورۇلغان قورۇمىلارنى يېگىلى بولمايدۇ. ساقلاش ياكى ئېرىتىش ئۈچۈن ئەلكوھول قوشۇلغان بولسا، ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

5. ئازغىنە بولسىمۇ تەركىبىگە چوشقا مېيى قوشۇلغان يېمەك – ئىچمەك ۋە باشقا مايلارنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

6. كافىر دۆلەتلەر شەرئى ھالال دەپ يېزىۋالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ. شۇڭا، مۇسۇلمان كىشى ئومۇمەن، يېمەك – ئىچمەكتە ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلىپ شۈبھىلىك نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشى لازىم. كافىرلار ئىشلەپچىقارغان يېمەك – ئىچمەك قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشتا سەزگۈر بولۇشى لازىم. ئۇلۇغ ئاللاھ مۇنداق دېگەن:

[ئېيتقىنكى، ماڭا ۋەھىي قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، يەيدىغان ئادەم ئۈچۈن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان ياكى تۆكۈلگەن قان، چوشقا گۆشى – چۈنكى، ئۇ نىجىستۇر – ۋە يولدىن چىقىپ كەتكەن ھالدا ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان مال بولغاندىن باشقا ھارامنى تاپالمايمەن. كىمكى ئاچلىقتىن مەجبۇر بولۇپ قېلىپ كۆڭلى خالاپ ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا، ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر].([4])

يەنە مۇنداق دېگەن: [شۇڭا، ئاللاھنىڭ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە پەقەتلا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن باشقىسىغا بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى ئاچلىقتىن مەجبۇر بولۇپ كۆڭلى خالاپ ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا، ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر].([5])

نۇئىمان ئىبنى بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ھالال ئىشلارمۇ ئېنىق، ھارام ئىشلارمۇ ئېنىق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قالغان شۈبھىلىك ئىشلار بار، ئۇ ئىشلارنىڭ ھۆكمىنى نۇرغۇن ئادەملەر بىلمەيدۇ. شۈبھىلىك ئىشلاردىن ھەزەر قىلغان ئادەم دىنىنى ۋە ئابرۇيىنى پاك تۇتقان بولىدۇ، شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلغان ئادەم چېگرا چۆرىسىدىكى چوپانغا ئوخشايدۇ، پادا چېگرىغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن، ھەر پادىشاھنىڭ بىر چېگراسى بولىدىغۇ؟ ئاللاھنىڭ زېمىنىدىكى چېگراسى ئاللاھنىڭ ھارام قىلىپ بېكىتكەن ئىشلىرىدىن ئىبارەت، قۇلاق سېلىڭلار! ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر چىشلەم گۆش بولىدۇ، بۇ گۆش تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ يۈرەكتۇر».([6])

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ھارامدىن يىراق قىلسۇن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011 – 5 – 23
————————————————
([1]) «تېببىي پەنلەر ئىسلامىي تەشكىلاتى»، 8 – قۇرۇلتاي – كۆۋەيت.
([2]) «تېببىي پەنلەر ئىسلامىي تەشكىلاتى»، 8 – قۇرۇلتاي – كۆۋەيت.
([3]) «ياۋروپا پەتىۋا ۋە تەتقىقات كومىتېتى»، 34 – نومۇرلۇق پەتىۋاسىغا قارالسۇن.
([4]) «ئەنئام» سۈرىسى، 145 – ئايەت.
([5]) «نەھل» سۈرىسى، 114 – 115 – ئايەتلەر.
([6]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 52 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1599 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز