سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! ھازىر قولايلىق دەپ قاراپ، كۆزنىڭ ئىچىگە سېلىۋالىدىغان كۆزئەينەك تاقاش خېلى ئومۇملىشىپ قالدى. مۇشۇ خىل يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى سېلىۋېلىپ، تاھارەت ئالسا دۇرۇس بولامدۇ ياكى نۇقسان يېتەمدۇ؟ چوقۇم ئۇنى ئېلىۋېتىپ ئاندىن تاھارەت ئېلىش كېرەكمۇ؟ بۇ خىل كۆزئەينەكنى تولا ئېلىپ – سېلىپ تاقىسا، كۆز ياللۇغلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.
مۇشۇ ھەقتىكى يەنە بىر سوئالىم: بۇ خىل يوشۇرۇن كۆزئەينەك 2 خىل بولىدۇ. بىرى، يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلار ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ گىرادۇسلۇق كېلىدۇ. يەنە بىر خىلى، پەقەت زىننەت ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ، ھەر خىل رەڭلىك بولىدۇ. كۆزنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ، چىرايلىق بولىدۇ دېگەن مەقسەتتە زىننەت سۈپىتىدە تاقاشنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قانداق؟ بۇ ئاللاھنىڭ يارىتىشىغا شۈكرى قىلمىغانلىق بولامدۇ قانداق؟ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئالدى بىلەن بۇ تۈرلۈك يوشۇرۇن كۆزئەينەكلەرنىڭ ھۆكمى ئۈستىدە توختىلايلى.
بۇ يېڭى مەسىلە بولغاچقا، قەدىمكىلەر بۇ ھەقتە توختالمىغان. ھازىرقى زامان ئالىملىرى ئىزدەنگەن.
بۇ تۈرلۈك كۆزئەينەكلەرنىڭ رەڭسىزلىرىنى تېببىي مەقسەتتە تاقىسا دۇرۇس. بۇنىڭدا ھەممە ئىتتىپاق.
ئەمما، زىننەتلىنىش مەقسىتىدە تاقاش مەسىلىسىدە كۆزقاراش ئوخشاش ئەمەس.
بىر قىسىم ئالىملار زىننەتلىنىش مەقسىتىدە تاقاشنى بىرنەچچە سەۋەب تۈپەيلىدىن ھارام، دەپ قارىغان. بۇ سەۋەبلەر ئىچىدە ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناش، توي قىلماقچى بولغانلارنى ئالداش، كۆزگە زىيانلىق بولۇشى، دېگەندەك سەۋەبلەر بار.(1)
يەنە بىر قىسىم ئالىملار: توي قىلماقچى بولغانلارنى ئالداش ياكى يات ئەرلەرگە ياسىنىش ياكى كۆزگە زىيىنى بولمىغان ئەھۋالدا تاقاش جائىز دەپ قارىغان بولۇپ، بۇلار بۇنى ئاللاھنىڭ ياراتقىنى ئۆزگەرتىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، بۇ خۇددى لەۋ ۋە مەڭزىنى بوياپ گىرىم قىلغانغا ئوخشاش، دەپ قارىغان.
تېببىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا كۆز موھتاج بولمايدىغان ئەينەكنى كۆزگە تاقىۋالسا، كۆز زىيانغا ئۇچرايدىكەن. بولۇپمۇ، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتسە زىيانغا ئۇچرىشى تۇرغانلا گەپ.
مېنىڭچە، كۆزنىڭ ئىچىگە ئەينەك تاقاپ زىننەتلىنىش ئارتۇقچە زىننەتلىنىش بولغاچقا، پەقەتلا زىننەتلىنىش ئۈچۈن تاقىسا زىيانغا ئۇچراش جەھەتتىن چەكلىگەن قاراش جانلىق كۆرۈنىدۇ.
بولۇپمۇ، بۇ تۈردىكى كۆزئەينەكدىكى رەڭلەر كۆزگە زىيانلىق ئىكەنلىكى، بەزى شىركەتلەر بۇ تۈرلۈك كۆزئەينەكنىڭ سۈپەتسىز ياكى ساختىلىرىنى ياسايدىغانلىقى بىر ھەقىقەت. شۇڭا، بۇنى ئىشلەتمىگەن تۈزۈك.
ئەمدى بۇنى تاقىغانلارنىڭ ئالغان تاھارىتىگە كەلسەك، بۇ تۈرلۈك كۆزئەينەكلەر بىلەن تاھارەت ئالسا تاھارەت توغرا بولۇۋېرىدۇ، چۈنكى كۆزنىڭ ئىچى تاھارەت ئالغاندا يۇيۇش كېرەك بولغان جايلار قاتارىغا كىرمەيدۇ. كۆزنىڭ ئىچىنى تاھارەت ۋە غۇسۇلدا يۇيۇش ۋاجىب بولمايدىغانلىقىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق.
ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «تاھارەتتە يۇيۇش ۋاجىب بولغىنى يۈزنىڭ ئىچكى تەرىپى ئەمەس تاشقى تەرىپى ئىكەنلىكىدە، كىشىنىڭ ئىككى كۆزىنى يۇيۇشىنىڭ ياكى ئىچىنى چايقىشىنىڭ كېرەك ئەمەسلىكىدە بىرەرسىنىڭ قارشى قاراشتا بولغانلىقىنى بىلمەيمەن» دېگەن.(2)
دېمەك، كۆز ئىچىگە سۇ كىرگۈزۈپ يۇيۇش تاھارەتنىڭ شەرتىمۇ ئەمەس، ھەتتا مۇستەھەب ئىشمۇ ئەمەس. بەلكى، تېخى ئالىملار كۆزنىڭ ئىچىنى يۇيۇشنى مەكرۇھ، دەپ قارىغان. چۈنكى، بۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلمىغان، ھەم بۇنداق قىلىش زىيانلىق.(3)
كۆز ئىچىدىكى ئاق، چاپاق سۇيۇقلىقىمۇ نىجىس ئەمەس بولغاچقا، ئۇنى يۇيۇش كېرەك ئەمەس.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 20 – شەئبان / م. 2011، 21 – ئىيۇل
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 32 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. مەسىلەن: «فتاوى اللجنة الدائمة»، 17/133 -، 134 – پەتۋا.
2. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 1/24.
3. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/76.