يوشۇرۇن كۆزلۈك تاقاش ھۆكمى ۋە تاھارەتكە تەسىرى

يوشۇرۇن كۆزلۈك تاقاش ھۆكمى ۋە تاھارەتكە تەسىرى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! ھازىر قولايلىق دەپ قاراپ، كۆزنىڭ ئىچىگە سېلىۋالىدىغان كۆزئەينەك تاقاش خېلى ئومۇملىشىپ قالدى. مۇشۇ خىل يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى سېلىۋېلىپ، تاھارەت ئالسا دۇرۇس بولامدۇ ياكى نۇقسان يېتەمدۇ؟ چوقۇم ئۇنى ئېلىۋېتىپ ئاندىن تاھارەت ئېلىش كېرەكمۇ؟ بۇ خىل كۆزئەينەكنى تولا ئېلىپ – سېلىپ تاقىسا، كۆز ياللۇغلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.

مۇشۇ ھەقتىكى يەنە بىر سوئالىم: بۇ خىل يوشۇرۇن كۆزئەينەك 2 خىل بولىدۇ. بىرى، يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلار ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ گىرادۇسلۇق كېلىدۇ. يەنە بىر خىلى، پەقەت زىننەت ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ، ھەر خىل رەڭلىك بولىدۇ. كۆزنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ، چىرايلىق بولىدۇ دېگەن مەقسەتتە زىننەت سۈپىتىدە تاقاشنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قانداق؟ بۇ ئاللاھنىڭ يارىتىشىغا شۈكرى قىلمىغانلىق بولامدۇ قانداق؟ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئالدى بىلەن بۇ تۈرلۈك يوشۇرۇن كۆزئەينەكلەرنىڭ ھۆكمى ئۈستىدە توختىلايلى.

بۇ يېڭى مەسىلە بولغاچقا، قەدىمكىلەر بۇ ھەقتە توختالمىغان. ھازىرقى زامان ئالىملىرى ئىزدەنگەن.

بۇ تۈرلۈك كۆزئەينەكلەرنىڭ رەڭسىزلىرىنى تېببىي مەقسەتتە تاقىسا دۇرۇس. بۇنىڭدا ھەممە ئىتتىپاق.

ئەمما، زىننەتلىنىش مەقسىتىدە تاقاش مەسىلىسىدە كۆزقاراش ئوخشاش ئەمەس.

بىر قىسىم ئالىملار بۇنى بىرنەچچە سەۋەب تۈپەيلىدىن ھارام، دەپ قارىغان. بۇ سەۋەبلەر ئىچىدە ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناش، توي قىلماقچى بولغانلارنى ئالداش، كۆزگە زىيانلىق بولۇشى، دېگەندەك سەۋەبلەر بار.([1])

يەنە بىر قىسىم ئالىملار: توي قىلماقچى بولغانلارنى ئالداش ياكى يات ئەرلەرگە ياسىنىش ياكى كۆزگە زىيىنى بولمىغان ئەھۋالدا تاقاش جائىز دەپ قارىغان بولۇپ، بۇلار بۇنى ئاللاھنىڭ ياراتقىنى ئۆزگەرتىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، بۇ خۇددى لەۋ ۋە مەڭزىنى بوياپ گىرىم قىلغانغا ئوخشاش، دەپ قارىغان.

تېببىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا كۆز موھتاج بولمايدىغان ئەينەكنى كۆزگە تاقىۋالسا، كۆز زىيانغا ئۇچرايدىكەن. بولۇپمۇ، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتسە زىيانغا ئۇچرىشى تۇرغانلا گەپ.

مېنىڭچە، كۆزنىڭ ئىچىگە ئەينەك تاقاپ زىننەتلىنىش ئارتۇقچە زىننەتلىنىش بولغاچقا، پەقەتلا زىننەتلىنىش ئۈچۈن تاقىسا زىيانغا ئۇچراش جەھەتتىن چەكلىگەن قاراش جانلىق كۆرۈنىدۇ.

بولۇپمۇ، بۇ تۈردىكى كۆزئەينەكدىكى رەڭلەر كۆزگە زىيانلىق ئىكەنلىكى، بەزى شىركەتلەر بۇ تۈرلۈك كۆزئەينەكنىڭ سۈپەتسىز ياكى ساختىلىرىنى ياسايدىغانلىقى بىر ھەقىقەت. شۇڭا، بۇنى ئىشلەتمىگەن تۈزۈك.

ئەمدى بۇنى تاقىغانلارنىڭ ئالغان تاھارىتىگە كەلسەك، بۇ تۈرلۈك كۆزئەينەكلەر بىلەن تاھارەت ئالسا تاھارەت توغرا بولۇۋېرىدۇ، چۈنكى كۆزنىڭ ئىچى تاھارەت ئالغاندا يۇيۇش كېرەك بولغان جايلار قاتارىغا كىرمەيدۇ. كۆزنىڭ ئىچىنى تاھارەت ۋە غۇسلىدا يۇيۇش ۋاجىپ بولمايدىغانلىقىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق.

ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دېگەن: «تاھارەتتە يۇيۇش ۋاجىپ بولغىنى يۈزنىڭ ئىچكى تەرىپى ئەمەس تاشقى تەرىپى ئىكەنلىكىدە، كىشىنىڭ ئىككى كۆزىنى يۇيۇشىنىڭ ياكى ئىچىنى چايقىشىنىڭ كېرەك ئەمەسلىكىدە بىرەرسىنىڭ قارشى قاراشتا بولغانلىقىنى بىلمەيمەن».([2])

دېمەك، كۆز ئىچىگە سۇ كىرگۈزۈپ يۇيۇش تاھارەتنىڭ شەرتىمۇ ئەمەس، ھەتتا مۇستەھەپ ئىشمۇ ئەمەس. بەلكى، تېخى ئالىملار كۆزنىڭ ئىچىنى يۇيۇشنى مەكروھ، دەپ قارىغان. چۈنكى، بۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلمىغان، ھەم بۇنداق قىلىش زىيانلىق.([3])

كۆز ئىچىدىكى ئاق، چاپاق سۇيۇقلىقىمۇ نىجىس ئەمەس بولغاچقا، ئۇنى يۇيۇش كېرەك ئەمەس.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 7. 21
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 32 – نومۇرلۇق پەتۋا.

———————————————
([1]) مەسىلەن: «فتاوى اللجنة الدائمة»، 17/133 – 134 – پەتىۋا.
([2]) «الأم»، 1/24.
([3]) «المغني»، 1/76.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز