سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، يەل چىقسا ئىستىنجاسىز تاھارەت ئالسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
يەل چىقسا چوڭ ياكى كىچىك تەرەت قىلغاندا سۇنغاندەكلا تاھارەت سۇنۇپ كېتىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئەلمازىنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ناماز ئوقۇۋېتىپ يەل چىقىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغان ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئېيتىلىپ، ئۇ كىشى نامازنى توختىتامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، رەسۇلۇللاھ: «ياق، ئاۋاز ئاڭلىغانغا ياكى پۇرىغانغا قەدەر» دېگەن.([1])
«ئىستىنجا دېگەن فۇقاھالارنىڭ قوللىنىشىدا: ئالدى – ئارقا ئىككى تەرەت يولىدىكى مەينەتلىك قالدۇقىنى چالما ياكى سۇ بىلەن يوقىتىۋېتىشتىن ئىبارەت».([2])
بۇ سەۋەبتىن، ئىستىنجا دېگەن چوڭ ياكى كىچىك تاھارەت سۇندۇرغاندىلا كېرەك بولىدۇ، پەقەتلا يەل چىققان بولسا نىجاسەت بولمىغاندىن كېيىن ئىستىنجا قىلىش كېرەك ئەمەس، بۇ بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشى.
بەلكى، تېخى ھەنەفىي مەزھەپتە ئەگەر چوڭ ياكى كىچىك تەرەت چىقمىغان ئەھۋالدا يەلدىن ئىستىنجا قىلىش بىدئەت دەپ قارالغان.([3]) بۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھاراملىقنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنداق بولۇشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدە يەلدىن ئىستىنجا قىلىش كەلمىگەن.
بۇنىڭغا ئاساسەن يەل چىقىپ كەتسە، تاھارەت سۇنۇپ كېتىدۇ. قايتا تاھارەت ئالماقچى بولسا، ئىستىنجا قىلمايلا يۈز – قوللىرىنى يۇيۇپ، ئاغزى – بۇرنىنى چايقاپ، بېشىغا مەسىھ قىلىپ تاھارەت ئېلىۋەتسە، يەنى، «دەستۇر» قىلىۋەتسە بولىدۇ.
ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇخلىغان ياكى يەل چىقىپ كەتكەن كىشىگە ئىستىنجا قىلىش كېرەك ئەمەس. بۇنىڭدا بىرەر ئالىمنىڭ باشقىچە كۆز قارىشى بارلىقىنى بىلمەيمىز. ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دېگەن: ئاللاھنىڭ كىتابىدا ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە يەلدىن ئىستىنجا قىلىش يوق، پەقەتلا (ئىستىنجاسىز) تاھارەت ئېلىۋېتىش كېرەك».([4])
ئىمام مالىكمۇ: «يەلدىن ئىستىنجا قىلمايدۇ، ئەگەر چوڭ ياكى كىچىك تەرەت قىلسا، ئاشۇ مەينەت نەرسە چىققان جاينىڭ ئۆزىنىلا يۇيۇۋەتسۇن، كىچىك تەرەت قىلغان بولسا سۈيدۈك يولى ئېغىزىنىلا، چوڭ تەرەت قىلغان بولسا شۇ ئورۇننىلا» دېگەن.([5])
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن:«بارلىق ئالىملار يەلدىن، ئۇيقۇدىن، ئاياللارنى تۇتۇشتىن ۋە زەكىرىنى تۇتۇشتىن ئىستىنجا كېرەك ئەمەسلىكىگە بىردەك ئىتتىپاق. شىئەلەرنىڭ بەزىلىرىدىن ئىستىنجا ۋاجىپ بولىدۇ، دېگەنلىكى كەلگەن بولسىمۇ شىئەلەرنىڭ قارشىلىقى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. شەيخ نەسر «ئىنتىخاب» دېگەن كىتابىدا يۇقىرىقىلاردىن بىرەرسى ئۈچۈن ئىستىنجا قىلىپ قالسا بىدئەتتۇر، دېگەن. جۇرجانىي: يەلدىن ئىستىنجا قىلىش مەكروھ بولىدۇ، دېگەن».([6])
ۋاجىپ دەپ قارىغان شىئەلەر زەيدىيە مەزھىپى بولۇپ، ئۇلار يەلدىن ئىستىنجا قىلىشنى ۋاجىپ، دەپ قارىغان.([7]) بۇ قاراشنىڭ تۈزۈك دەلىلى بولمىغاچقا، ئەھلى سۈننە ئالىملىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.
يەلدىن ئىستىنجا قىلمىسىمۇ بولىدۇ دېيىشنىڭ دەلىلى: پەقەت قۇرئان ياكى ھەدىسلا بىر نەرسىنى ۋاجىپ دەپ بەلگىلەيدۇ. ئىستىنجا قىلىشنى ۋاجىپ دەيدىغان بىرەر ئايەت ياكى ھەدىس يوق. ئۇيقۇدىن قوپقان كىشى ئۇيقۇ ئەسناسىدا يەل قويۇپ بېرىشتىن خالىي بولالمايدىغان تۇرۇقلۇق ئاللاھ تائالا تاھارەت ئېلىش ئايىتىدە ئۇنى ئىستىنجا قىلىشقا بۇيرۇمىغان.
[نامازغا تۇرماقچى بولساڭلار، يۈزۈڭلارنى، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلارغىچە يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىپ، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلارغىچە يۇيۇڭلار].([8])
ئۇنىڭ ئۈستىگە يەلنىڭ پۇرىقى سېسىق بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ نىجىس ماددىسى يوق. ئەگەر ئۇنىڭدىن ئىستىنجا قىلىش كېرەك بولىدىغان بولسا، ئۇ تەگكەن ئىشتاننىمۇ يۇيۇش كېرەك بولغان بولاتتى.
بەزىلەر بۇ مەسىلىدە: «يەلدىن ئىستىنجا قىلغان كىشى بىزدىن ئەمەس» دېگەن ھەدىسنى دەلىل قىلغان بولسىمۇ، بۇنى ئىبنى ئەدىي «ئەلكامىل» دېگەن كىتابىدا رىۋايەت قىلغان بولۇپ، راۋىيلىرى ئىچىدە ئاجىز كىشىلەر بولغاچقا، بۇ ئىنتايىن ئاجىز ھەدىستۇر.([9])
ئەگەر يەل چىققاندا يەل چىققان جاي قۇرۇق بولسا ئىستىنجا قىلىش كەتمەيدىغانلىقىدا، مەكروھ ياكى بىدئەتلىكىدە ئالىملار يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك ئىتتىپاق. ئەمما، نەم بولغان تەقدىردە، بەزى ئالىملار يەل چىققان جاي نەم بولسىمۇ ئىستىنجا قىلىش يا ۋاجىپ يا مۇستەھەپ ئەمەس دېسە، يەنە بەزىلەر يەل چىققان جاي نەم بولسا ئىستىنجا قىلىش مەكروھ بولمايدۇ، دېگەن. بۇ نەم بولغان ئەھۋالدا ئىستىنجا قىلسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىقىلارغا بىنائەن، ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا يەل چىققان جاي خېلىلا نەم ياكى ھۆل بولسا، ئىستىنجا قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، نەملىك بىر ئاز نىجاسەت ماددىسىنىڭ بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ، بۇنى ھەر كىشى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ مۆلچەرلىسە بولىدۇ. بولۇپمۇ، ئىچى سۈرۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە يەل بىلەن بىللە بىرەر نەرسە سەزسە ئىستىنجا قىلىۋەتكىنى تۈزۈك.
بەزى كىشىلەر ناماز ۋاقتى بولمىغان چاغدا چوڭ ياكى كىچىك تەرەت قىلىپ ئىستىنجا قىلىدۇ. كېيىنچە، ناماز ۋاقتى كىرگەندە نامازغا تاھارەت ئالماقچى بولغاندا قايتىدىن ئىستىنجا قىلىش لازىم دەپ ئويلاپ قېلىپ قايتا ئىستىنجا قىلىۋېتىدۇ. ئەسلىدە بۇنداق قىلىش كېرەك ئەمەس. چۈنكى، چوڭ ياكى كىچىك تەرەت چىققان ئورۇننى پاكىزلاپ ئىستىنجا قىلىۋەتكەندىن كېيىن تەرەت چىققان ئورۇن پاكىز بولغان بولدى. بۇنداق ئەھۋالدا، قايتا چوڭ ياكى كىچىك تەرەت قىلمىسا، ئۇ يەر مەينەت بولۇپ كەتمەيدۇ. نەتىجىدە، تاھارەت ئالماقچى بولسا قايتا ئىستىنجا قىلىشى كېرەك بولمايدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2011. 7. 12
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 33 – نومۇرلۇق پەتۋا.
—————————————————-
([1]) سەھىھەين: «بۇخارىي»، 2056 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 361 – ھەدىس.
([2]) «عمدة القاري»، 2/287.
([3]) «الاختيار»، 1/39.
([4]) «المغني»، 1/100.
([5]) «المدونة»، 1/8.
([6]) «المجموع»، 2/116.
([7]) «البحر الزخار»، 2/52.
([8]) «مائىدە» سۈرىسى، 6 – ئايەت.
([9]) «الكامل»، 4/35 «إرواء الغليل»، 1/86.
Please follow and like us: