سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. نامايىشقا چىقىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ياكى ساھابە كىراملەرنىڭ نامايىشقا چىققانلىقىغا دەلىل بارمۇ؟ قىز – ئاياللارنىڭ نامايىشقا چىقىشى چەكلىنەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
نامايىشلار مەلۇم توپنىڭ كۆزقارىشىنى ئىپادىلەش، بار ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلىش، باشقۇرغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش، نەسىھەت قىلىش ۋە زالىملارغا بېسىم قىلىش قاتارلىق چارە – ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇش بىلەن بىرگە، ھەربىر شەخس ۋە خەلقلەرنىڭ ھەققىدۇر. بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەر جائىز بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەھۋال ۋە شارائىتقا، شۇنداقلا ۋەزىيەت تەقەززاسىغا قاراپ، مۇستەھەب ياكى پەرز كۇپايە(1) ھۆكمىدە بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا: ﴿سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 104) دەيدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە: ﴿سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتىسلەر﴾(3/«ئال ئىمران»: 110) دەيدۇ. مەشھۇر بىر ھەدىستىمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «قايسىبىرىڭلار يامان ئىشنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن؛ ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن؛ ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا، قەلبىدە نارازى بولسۇن! قەلبىدە نارازى بولۇش ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز دەرىجىسىدۇر»(2).
نامايىشمۇ مەزكۇر ئايەتلەر ۋە ھەدىس شەرىفلەردە بۇيرۇلغان ئەمرىمەرۇپ ۋە نەھيىمۇنكەر (ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش)، شۇنداقلا مۇنكەر ئىشنى قولى، تىلى ۋە قەلبى بىلەن توسۇش، كۈچى يەتسە ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ئىمانىي بۇرچنىڭ بىر تۈرىدۇر. ئەمرىمەرۇپ ۋە نەھيىمۇنكەر ۋەزىپىسى يالغۇز ئادا قىلىنغىنىدەك، توپلىشىپ كوللېكتىپ ھالدىمۇ ئادا قىلىنىدۇ.
ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بەيئەت قىلىنغاندا، ئۇ زات مۇنبەرگە چىقىپ، خالايىققا سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: «ئى خالايىق! مەن سىلەرگە باشلىق تەيىنلەندىم. ھالبۇكى مەن سىلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىڭلار ئەمەسمەن. توغرا قىلسام ماڭا ياردەم قىلىڭلار! خاتالاشسام توغرىلاپ قويۇڭلار!»(3)
مانا بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىرىنچى ئىزباسارى خەلقتىن ئۆزىنى نازارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن تۇنجى خەلىفە خەلقنىڭ باشقۇرغۇچى ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ۋە كېرەك بولغاندا توغرىغا قايتقانغا قەدەر بېسىم قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بېكىتكەن. بۇنىڭدىن خەلقنىڭ بەگ – ھاكىملارنى نازارەت قىلىش، ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش، ئېزىپ كەتسە توغرىنى كۆرسىتىپ قويۇش ۋە ھەتتا بېسىم قىلىش ھەققى بارلىقى مەلۇم بولىدۇ. بېسىم قىلىش گېزى كەلسە نامايىش ئارقىلىقمۇ ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.
ھىجرىيەنىڭ 36 – يىلى (م. 656) تۆگە ئۇرۇشى(4) يۈز بېرىشتىن ئەۋۋەلمۇ ھەزرىتى تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ، زۇبەير ئىبنى ئەلئەۋۋام ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىق زاتلار باشچىلىقىدىكى نەچچە مىڭ ساھابە ۋە تابىئىنلەر خەلىفە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قاتىللىرىدىن قىساس ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، بۇ مەسىلىدە خەلىفە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بېسىم قىلىش ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ چىققان. لېكىن، تىنچ ئۇسۇلدىكى بۇ توغرا ۋە يوللۇق قارشىلىق كۆرسىتىش (نامايىش) ھەرىكىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇزغۇنچىلار تۈپەيلى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن(5).
مەككەدە مۇسۇلمانلار ئىنتايىن ئاجىز چاغلاردا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابە كىراملىرى مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پىلانلىق ھالدا قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ سورۇنلىرىغا چىقىپ «قۇرئان»نى ئۈنلۈك تىلاۋەت قىلغان، ھەتتا ئۇلاردىن تاياق يېگەن(6). بۇنىمۇ بىر خىل يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلىش شەكلى دېيىشكە بولىدۇ.
ئىسلام تارىخىدا نامايىشنىڭ مىساللىرى ئىنتايىن كۆپتۇر. ئىمام ئىبنۇلجەۋزىينىڭ بايان قىلىشىچە، ھىجرىيە 458 – يىلى 14 – مۇھەررەم (م. 1065 – يىلى 16 – دېكابىر) كۈنى باغدادتا پۈتۈن خەلق دۇكانلىرىنى تاقاپ، قارىي – قۇررا ۋە دەۋەتچىلەرنىڭ باشلامچىلىقىدا، خەلىفەنىڭ قەسرىگىچە يۈرۈش قىلغان ۋە كەرخ (ھازىرقى ئىراق كەركۈك) شەھرىدىكى شىئە ئاھالىسىنىڭ ساھابە كىراملارغا تىل ئۇزارتقانلىقىغا قارىتا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. خەلىفە ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ بۇ يوللۇق تەلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە بۇنداق قىلمىشلارنىڭ قايتا يۈز بېرىشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، نامايىشچىلار قايتىپ كەتكەن(7).
باتىلغا ۋە زۇلۇمغا قارشى نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىدە ئەقلى ساغلام ئىككى كىشى ئىختىلاپلىشىپ قالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىسلام شەرىئىتىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى تۈرلۈك ئەقىدە ۋە ئېقىملارغا، تۈرلۈك ئىقلىم ۋە دۆلەتلەرگە تەۋە ھەر مىللەت ۋە ئىرق مەنسۇپلىرى يەنى پۈتۈن ئىنسانىيەت نامايىش قىلىشنى پايدىلىق دەپ قارىغان ۋە تارىختىن بۇيان پەرقلىق شەكىللەردە نامايىش قىلىپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇنىڭ ھۆكمىدە مۇنازىرىلىشىش ھەيران قالارلىق ئىش، بەلكى ئەخمىقانىلىك. چۈنكى، خەلقنىڭ ئۆز رايىنى ئىپادىلەپ ئۆزگىرىش تەلەپ قىلىشى ئۈچۈن گويا دىنىمىز بۇنى رەت قىلىدىغاندەك، قوبۇل قىلمايدىغاندەك ئويلاپ دەلىل سوراپ يۈرۈش ئارتۇقچە ئىش. بىراق بەزى دۆلەتلەردىكى مۇستەبىت ھاكىم – باشقۇرغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تۈرلۈك ئېتىراز ۋە تەنقىدتىن يىراق تۇتۇپ، خەلق بېسىمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھاكىملارغا يانتاياق بولىدىغان موللىلارنى (بولۇپمۇ بەزى سەلەفىي ئېقىم موللىلىرىنى) «نامايىش قىلىش ھارام»، «سەلەفلەر نامايىش قىلىپ باقمىغان»، «پىتنە»، «بىدئەت» دەپ تەشۋىق قىلدۇرغان بولغاچقا، خەلقلەر قايمۇققان ئەھۋاللار بار. ۋەھالەنكى، دىنىمىزدا نامايىشنى چەكلەيدىغان بىرەر كۆرسەتمە يوق. شۇنداقلا نامايىش قىلىش ئىسلامنىڭ بىرەر ئاساسىي پرىنسىپى ياكى شەرئىي ھۆكمىگە زىت كەلمەيدۇ. ئىسلامنىڭ ئومۇم قائىدە – پرىنسىپلىرىمۇ ئۇنى رەت قىلمايدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ جائىزلىقى ئالاھىدە ئايرىم دەلىلگىمۇ موھتاج ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇ مۇنكەر ئىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ئەمرىمەرۇپ دائىرىسىگە كىرىدىغان يوللۇق ئىشتۇر. ئەمرىمەرۇپ ۋە نەھيىمۇنكەرنى توپلىشىپ قىلىشمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار﴾(5/«مائىدە»: 2) دېگەن ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. شۇڭا، بۇ ھەقتىكى ھەر خىل تەتۈر تەشۋىقاتلارغا پەرۋا قىلماسلىق، شەرىئەتنى بۇرمىلايدىغانلارغا قۇلاق سالماسلىق، ئىشلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشەنگەن ئاساستا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش لازىم.
شۇنىمۇ تەكىتلەش كېرەككى، نامايىش ۋە شۇنىڭدەك ئىش تاشلاش، ئولتۇرۇپ قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە توپلىشىپ يۈرۈش قىلىش قاتارلىق نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىدە ئىسلام ئەقىدىسىگە ياكى ئەخلاقىغا زىت شوئارلارنىڭ توۋلىنىشىدىن ياكى چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش، شۇنداقلا قىز – ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن سۈركىلىشى بولماسلىقىغا، قىزلارنىڭ ئاتا ياكى ۋەلىيلىرىدىن، ئاياللارنىڭ ئەرلىرىدىن ئىجازەت سوراپ چىقىشىغا، ئاممىنىڭ مال – مۈلكىگە زىيان سېلىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق شەرت ۋە ئەدەب – قائىدىلەرنىڭ تېپىلىشىغا رىئايە قىلىش كېرەك.
ئاياللارنىڭ نامايىشقا چىقىشىغا كەلسەك، ئۇلار دىنىمىز كۆرسەتكەن ئۆلچەم بويىچە كىيىنىپ، ئاممىۋى سورۇن ئەدەب – ئەخلاقىغا رىئايە قىلغان ئاساستا زۇلۇمنى تونۇتۇش ۋە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن چىقسا، شەرىئەتتە چەكلىمە يوقتۇر. لېكىن، قىزلار ئاتىسى ياكى ئاكىسى قاتارلىق ۋەلىيلىرىنىڭ، ئېرى بار ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىپ چىقىشى شەرت. چۈنكى، نامايىش نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋاسىتىسى بولۇپ، زالىمغا بېسىم قىلىش ۋە زۇلۇمغا نارازىلىق قىلىش ۋاسىتىلىرىدىن بىرى خالاس! ھەرگىزمۇ چوقۇم چىقمىسا بولمايدىغان ۋە چىقمىغانلار قاتتىق گۇناھكار بولىدىغان ئومۇمىي جىھاد چاقىرىقى ئەمەس. ئومۇمىي جىھاد چاقىرىقى بولمىغان پەيتنىڭ ئەھكاملىرى چاقىرىق پەيتىدىكى ئەھۋالنىڭ ھۆكۈملىرىدىن پەرقلىقتۇر، ئەلبەتتە.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1443، 27 – شەۋۋال / م. 2022، 28 – ماي
1. پەرز كۇپايە (فَرْضُ كِفَايَةٍ): چوقۇم ئادا قىلىنىشى كېرەك بولغان، بىر قىسىم كىشىلەر ئادا قىلسا، باشقىلاردىن ساقىت بولىدىغان، ھېچكىم تەرىپىدىن ئادا قىلىنمىسا، ھەممە گۇناھكار بولىدىغان پەرزلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: مېيىتنى يۇيۇپ – تاراپ، نامىزىنى چۈشۈرۈش، ئەمرىمەرۇپ ۋە نەھيىمۇنكەر مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، تۈرلۈك ئىلىملەرنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش قاتارلىقلار.
2. مۇسلىم (49).
3. ئىبنى ھىشام: «ئەسسىيرەت ئەننەبەۋىييە»، 6 – ج، 83 – بەت؛ ئىبنى كەسىر: «ئەسسىيرەت ئەننەبەۋىييە»، 4 – ج، 493. ئىبنى كەسىر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
4. تۆگە ئۇرۇشى (مَعْرَكَةُ الْجَمَلِ): ھ. 36 / م. 656 – يىلى نويابىردا خەلىفە ھەزرىتى ئەلى قوشۇنى بىلەن خەلىفە ئوسماننىڭ قاتىللىرىدىن قىساس ئېلىشنى تەلەپ قىلغان ھەزرىتى تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام ۋە ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم باشچىلىقىدىكى قوشۇن ئارىسىدا بەسرەدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتۇر.
5. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 7 – ج، 257 – بەت.
6. ئىبنى ھىشام: «ئەسسىيرەت ئەننەبەۋىييە»، 2 – ج، 156 – بەت؛ ئىبنى كەسىر: «ئەسسىيرەت ئەننەبەۋىييە»، 7 – ج، 182 – بەت.
7. ئىبنۇلجەۋزىي: «ئەلمۇنتەزەم»، 8 – ج، 240 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

