توي ئۆتكۈزۈۋاتامدۇق ياكى نەزىرمۇ؟

توي ئۆتكۈزۈۋاتامدۇق ياكى نەزىرمۇ؟

توي – مەرىكىلەرگە دائىر تۈرلۈك سوئاللار چۈشۈپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇلار ئىچىدە شىكايەت، نارازىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس. بەزىدە سوئال تەرىقىسىدە، يەنە بەزىدە توغرىسىنى بىلىۋېلىش مەقسىتىدە سورالغان بۇ سوئاللار ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر بولۇپ، ئەمەلىيەتتە شىكايەت قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ تولىسى يالغۇز سوئال سورىغۇچىلارلا ئەمەس، ئۆزۈممۇ توي – تۆكۈنلىرىمىزگە ئىشتىراك قىلىش جەريانىدا كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىم بىلەن ئوخشاش ئىدى. تېخى يېقىندا بىر قانچە رەت تويدىن قايتىۋېتىپ مېھمانلارنىڭ «بۇ تويمۇ ياكى نەزىرمۇ؟» دېگەندەك ئاغرىنىشلىرىغا شاھىت بولدۇم. ئويلاپ قالدىم. توغرا، توي شادلىق، خۇشاللىق ئىزھار قىلىنىدىغان ئالاھىدە مەرىكەدۇر. ئاللاھ تائالامۇ توي – تۆكۈن، ھېيت – بايراملاردا خۇشاللىق، شادلىق ئىزھار قىلىشنى يولغا قويغان. بۇ سەۋەبتىن توي مەرىكەلىرىدە داپ چېلىش، لايىقىدا ناخشا توۋلاش پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىس شەرىفى بىلەن سۈننەت قىلىنغان. بۇ دىنىمىزدا توي – تۆكۈننىڭ نەزىردىن، قايغۇلۇق ماتەم يىغىلىشلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، نۇرغۇن ئائىلىلەر ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن، پەرزەنتلەر ئاتا – ئانا، ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللىرىدىن، دوست – بۇرادەرلىرىدىن، ئۇستازلىرىدىن ئايرىلدى. ھەممە سەرسان بولدى. ئۇچۇر – ئالاقە ئۈزۈلدى. قايغۇ -پەرىشانچىلىق ھەممىمىزنى باستى. شاد – خۇراملىق تەنتەنىسى تېتىمايدىغان بولۇپ كەتتى. بەلكىم بۇنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك تويلىرىمىز ئاشۇنداق ماتەم – مۇسىبەت چۈمبىلى ئاستىدا قالغان بولۇشى تەبىئىي، بۇنى ھەرھالدا توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.

ئەمما، يۇقىرىقىدەك ئاغرىنىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى، بولۇپمۇ تويلاردىكى جىمجىتلىق، خۇشاللىنالماسلىق ۋە شادلىق ئىزھار قىلالماسلىق قاتارلىق ئىشلارنى ۋەتەن، مىللەت ۋە ئۇرۇق -تۇغقانلار قايغۇسى سەۋەبتىن بولماي، گويا دىنىمىزدا توي – تۆكۈنلەردە خۇشاللىق ئىزھار قىلىش، شادلىنىش، ناخشا – مۇزىكا قاتارلىقلارنىڭ چەكلەنگەنلىكىدىن شۇنداق بولۇۋاتىدۇ دەپ چۈشىنىلگەن بولسا، بۇنداق خاتا چۈشەنچىنى توغرىلىۋېلىش لازىم. چۈنكى، بۇ ئەھۋال ماتەم چىراي تويلارغا قارىتا سۆزلىنىۋاتقان شىكايەت بولماستىن، مۇشۇ مەسىلىدىكى شەرئىي ھۆكۈمنى ئېنىق بىلمەسلىكتىن ئىبارەت نادانلىقتۇر.

شۇنىمۇ ئۇنتۇمايلىكى، پۈتۈن مىللىتىمىزنى قىرىپ تۈگىتىشنى پىلانلىغان دۈشمەن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مەنىۋىيىتى ساغلام، پىسىخىكىسى جايىدا بولۇشىنى ھەرگىزمۇ خاھلىمايدۇ. قايغۇ بىلەن سىقىلىش ئىچىدە تۈگەشتۈرۈشنى كۆزلەيدۇ ۋە شۇنىڭغا تىنىمسىز كۈچىمەكتە.

گېپىمىزگە قايتساق، توي – تۆكۈن مەرىكەلىرى شەرىئەت كۆرسەتكەن تەلەپكە لايىق بىر قېلىپ ياكى ئۆلچەمگە چۈشمەيۋاتقان ئەھۋال ئۇزۇندىن بېرى بار. بەزى تويلاردا «جىمجىتلىق» ھۆكۈم سۈرۈپ، ئۆزئارا پاراڭلار ئەۋجىگە چىقسا، بەزىسىدە قۇرئان تىلاۋىتى بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ. گاھىدا ئىنتايىن تەمسىز ۋە مەزمۇن دائىرىسى ۋەزىيەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ۋەز – تەبلىغلەر ئۇزۇندىن – ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ. ھەتتا مېھمانلارنىڭ تاماققا بەھۇزۇر ئېغىز تېگىشىگىمۇ پۇرسەت قالمايدۇ. يەنە بەزىسىدە بولسا بىرقىسىم ئاياللار يېرىم يالىڭاچ كىيىنگەن ھالدا ئەرلەرگە ئارىلىشىپ ھاياسىز ئۇسسۇللارنى ئوينىشىدۇ، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان ناخشىلارنى توۋلىشىدۇ، تويى بولغان قىزنى ھىجابسىزلا نامەھرەم ئەرلەر سورۇنىغا باشلاپ كىرىشىدۇ، … بۇ تۈرلۈك ناشايان قىلىقلار ھەتتا بىرقىسىم ئەھلى ئىلىملەرنىڭ، دىيانەتلىك كىشىلەرنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى تويلاردىمۇ بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئاللاھ بىزلەرنى ئىسلاھ قىلغاي!

بۇلار ئىسلام كۆرسەتمىسىدىن يىراقلاشقانلىقنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بولۇپ، بىرىنچى ئەھۋال ئىككىنچى ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىشىشىغا سەۋەب بولسا، ئىككىنچى ئەھۋالمۇ بىرىنچى ئەھۋالنىڭ ئۇمۇملىشىشىغا سەۋەب بولماي تۇرالمايدۇ. ئىككىنچى ئەھۋالنىڭ خاتالىقى ئېنىق، بۇنىڭدا توختىلىش ھاجەتسىز. ئەمما، بىرىنچى ئەھۋالدىكى خاتالىقتا ئىشنىڭ خاراكتېرىدە قۇرئان تىلاۋىتى ياكى ۋەز – تەبلىغ ئىشى بولغانلىقى ئۈچۈن بەزىلەرنىڭ كاللىسىنى بىر خىل غۇۋالىق، گۇڭگىلىق قاپلاپ ئېنىقسىزلىقتا تېڭىرقاپ قالماقتا. بۇنىڭ خاتالىقى شۇكى، ئىسلام يول قويغان توي – تۆكۈنلەردىكى تەشەببۇس قىلىنغان شادلىق، خۇشاللىقنى ئىزھار قىلماي، پەقەتلا ۋەز – تەبلىغ قىلىش توينى بىلىپ – بىلمەي بىرخىل غەم – قايغۇغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىق، ھالۋىغا تۇز سالغاندەك توينى نەزىر – ماتەم قىلىۋالغانلىقتىدۇر. شۇڭا، بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلىققا چىقىرىش، ھەر سورۇننىڭ خاسلىقىنى ساقلاش زۆرۈردۇر.

ئىجتىمائىي سورۇنلار ۋە ئۇنىڭدىكى پائالىيەتلەر قائىدە – يوسۇنلارنى تەكرارلاش ئىشىلا ئەمەس. ئۇ يەنە خەلقنىڭ ئىسلامىي ئېڭىنى جانلىق تۇتۇپ تۇرۇش، ئەخلاقىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە مىللىي ئەنئەنىسىنى مۇھاپىزەت قىلىش رولىنى ئۆتەيدىغان مۇھىم سەھنە. شۇڭا سەھنىنىڭ بۇلغىنىشى مىللىي ئاڭنىڭ بۇلغانغانلىقىدىن، دىنىي ئېغىشنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا چىقىۋاتقان مەسىلىلەر ۋاقتىدا تۈزىتىلمەي، خاتا چۈشەنچىلەر توغرىلانماي مېڭىۋەرسە دىنمۇ، مىللىي ئەنئەنىمۇ زايە بولۇپ تۈگەيدۇ. چىقىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ شەرئىي ھۆكمىدە توختىلىشتىن قېچىش، ئېنىق بىر ئىپادە بىلدۈرمەسلىك، ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى بۇنى ھەل قىلماسلىقلارمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك بولۇپ، سۈكۈتنى تاللاپ داستىخاندارچىلىققا دۈم چۈشۈپ ياشاپ كېتىۋېرىش جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلۇشىنى، بولۇۋاتقان سەلبىي ھادىسىلەرنىڭ تېخىمۇ چەكتىن ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ يەنە تۈرلۈك قۇتۇبلىشىشلارغىمۇ، نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئوڭايسىزلىقلارغىمۇ يول ئاچىدۇ، ئەلبەتتە.

مەسىلەن، بىر تويدا مۇزىكا باشلانغاندا بىر شىرەدىكى ھەممەيلەن ئوڭايسىزلىنىشقا باشلىدۇق. يېنىمدىكى بىرەيلەن مۇزىكىنىڭ ھۆكمىنى سورىدى. مەن «مەزمۇن ۋە ئورۇنداش جەھەتتىن باشقا ناشايان ئەھۋال ئارىلاشمىسا، مۇزىكىنىڭ ئۆزى ھارام ئەمەس» دېگەن قاراشنىڭ بارلىقىنى ئېيتتىم ۋە يېنىمدىكى مۆتىۋەر بىر ئەھلى ئىلىم ئۇستازدىن: «ئۆزلىرى مۇزىكىغا قانداق قارايدىلا؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ئۇستاز: «مەن بۇ توغرىدا ئەتراپلىق ئىزدىنىپ باقمىدىم» دەپ دىپلوماتچىلىق ئۇسۇلى بويىچە جاۋاب بەردى. بۇ ئۇستازنىڭ جاۋاب بېرىش ئۇسۇلىنىمۇ توغرا چۈشەندىم. چۈنكى، «جائىز» دېسە، ناشايان ئىشلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، چەكتىن ئاشۇرۇپ: «پالانى ئۆلىما مۇزىكىنى جائىز دېگەن» دەۋالىمىز. يەنە بەزى ئاتالمىش «ئەھلى ئىلىم»لەر چىقىپ ئۇنى «پىسقى – پۇجۇرغا يول ئېچىپ بەردى» دەپ تويغۇزىدۇ. چۈنكى، ھازىر بىز ئاڭلاۋاتقان ناخشىلارنىڭ كۆپ قىسمى شۇنداق. نەتىجىدە، ئۆزىگە باش ئاغرىقى تېپىۋالىدۇ. بەلكىم بۇ يازمام سەۋەبلىكمۇ تىلغا ئېلىنغان ھەر ئىككى تەرەپ مېنى ئەيىبلىشى، ھەتتا تىل سېلىشىمۇ مۇمكىن.

بىر تويغا باردۇق دەيلى، ئۇنىڭدا ساز چېلىشقا باشلىسا، بەزىلەر قوپۇپلا چىقىپ كېتىدۇ. بۇمۇ توغرا ئەمەس. يەنە بىر تويدا ئاياللار يېرىم يالىڭاچ ھاياسىز ئۇسسۇللارنى ئەرلەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئوينىغىلى تۇرسا، «بۇ توي بولغاندىكىن مەيلى، توي ئىگىسى خاپا بولۇپ قالمىسۇن» دەپ ئۇسسۇلغا قاراپ ئولتۇرۇشمۇ خاتا. بۇ يەردە «سازنىڭ، مۇزىكىنىڭ ئۆزى ھاراممۇ؟» دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. يەنە «ئۇسسۇل ئويناشچۇ؟ چاۋاك چېلىشچۇ؟» بۇ ھەقتىمۇ ئاز بولمىغان سوئاللار تۇغۇلىدۇ…

بىر – بىرلەپ كېلەيلى. سازنىڭ، مۇزىكىنىڭ ئادەتتىكى ھۆكمىدە ئىككى خىل قاراش بارلىقى ئىلىم ئەھلىگە مەلۇم. بەزىلەر ئۇ قاراشنى، بەزىلەر بۇ قاراشنى تۇتۇشى تەبىئىي. لېكىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ توي – تۆكۈنلەردە «ھالال بىلەن ھارامنىڭ ئوتتۇرىنى ئايرىيدىغان نەرسە داپ ۋە نىكاھنى جاكارلىغان ئاۋازدۇر»(«تىرمىزىي»، 1088 – ھەدىس) دېگەنلىكى سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن بولغاچقا، يەنە بەزى سەھىھ ھەدىسلەردە «شەرىئەتنى بېكىتىپ بەرگۈچى، ھالال – ھارامنى بايان قىلغۇچى زات بار توي – تۆكۈن سورۇنلىرىدا داپ چېلىنغانلىقى»(«بۇخارىي»، 5174 – ھەدىس) ئېنىق بولغاچقا، توي – تۆكۈنلەردە داپ چېلىش ۋە ئويۇن – تاماشا قىلىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرغىپ قىلغان سۈننەت ئىشلار قاتارىدىن بولىدۇ. داپسىز ۋە ئويۇن – تاماشاسىز ئۆتكۈزۈلگەن توي مەرىكىسى گەرچە ۋەز – تەبلىغ ۋە قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەقدىردىمۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرغىپ قىلغان سۈننەتكە ئۇيغۇن ھېسابلانمايدۇ. بۇنىڭدا ھەرقايسى يۆنىلىشتىكى ئەھلى ئىلىملەر ئارىسىدا تالاش – تارتىش مەۋجۇت ئەمەس. بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە نىكاھ بىلەن توينى جاكارلاشنىڭ بىرقىسمى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنداقتا، داپتىن باشقا سازلارچۇ؟ باشقا سازلارمۇ قىياسەن داپقا ئوخشاش ھۆكۈمدە. چۈنكى، ھەممىسى چالغۇ ئەسۋابلىرى. ھەممىسىدىن ئاۋاز چىقىدۇ. بۇنىڭدا بەزىلەر باشقىچە قاراشتا بولۇشى مۇمكىن. ئەينى دەۋردە ھىجازدا ئاساسەن داپ ۋە نەيگە ئوخشاش بىرقانچە سازلا بار ئىدى. كېيىنكى چاغلاردا دۇتار – تەمبۇرغا ئوخشىغان ئۇد ۋە باشقا تارلىق ۋە تارسىز چالغۇلار باشقا مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىندى. ھازىر تۈرى تېخىمۇ كۆپەيدى. توي – تۆكۈنلەردە بۇنىڭ بىرسىلا چېلىنسۇن ياكى ھەممىسى بىللە چېلىنسۇن، ھۆكمى داپقا ئوخشاشتۇر.

ناخشىغا كەلسەك، يۇقىرىقى («بۇخارىي»، 5174 – ھەدىس) ھەدىسكە ئاساسەن، مەزمۇنى ساغلام، سۆز – جۈملىلىرى پاكىز، ئەخلاقىي قىممەتلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا ئورۇندالغان ناخشىلار ئېيتىلسا بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ناخشىچىلار ھايا ۋە ئەدەبكە رىئايە قىلىشى لازىم.

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، ئۇلار بىر تويدا كېلىننى بىر ئەنسارىينىڭ ئۆيىگە يۆتكەپ ئاپارغان. قايتىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئائىشە! ئويۇن – تاماشا بولدىمۇ؟ ئەنسارلار ئويۇن – تاماشاغا ئامراق» دېگەن(«بۇخارىي»، 5162 – ھەدىس).

ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «ھەزرىتى ئائىشە بىر تۇغقىنىنى بىر ئەنسارىيغا ياتلىق قىلغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ:

— قىزنى يۆتكىدىڭلارمۇ؟ — دەپ سورىدى. ئۇلار:

— ھەئە، — دەپ جاۋاب بېرىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— قىز بىلەن بىللە ناخشا ئوقۇيدىغانلارنى ئېلىپ باردىڭلارمۇ؟ — دەپ سورىغاندا، ئۇلار:

— ياق، — دېيىشتى. بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— ئەنسارلار غەزەلگە ئامراق خەلق. قىزنى يۆتكىگەندە:

بىزلەر كەلدۇق، بىزلەر كەلدۇق، ئەسسالام دەڭلار! ئەسسالام دەيلى.

دەپ ناخشا ئوقۇيدىغانلارنى بىللە ئەۋەتسەڭلار بولماسمىدى؟ — دېگەن»(«ئەھمەد»، 15209 – ھەدىس).

ھازىر قارىساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرغىب قىلغان ھالاللىق دائىرىسىدىكى ئويۇن – تاماشا، ناخشا – مۇزىكىلارنى بىزنىڭ بەزى «تەقۋادار» كىشىلىرىمىزنىڭمۇ قوبۇل قىلمايدىغان بولۇپ كېتىشكىنىنى كۆرىمىز. ئاللاھ بىزنى ھەر ئىشنى چەكتىن ئاشۇرمىغان ئاساستا توغرا قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغاي!

شۇنىڭدەك، خۇشاللىقنى، قىزغىنلىقنى، ياقتۇرغانلىقنى، قوللاشنى، رازىمەنلىكنى ۋە تەبرىكلەشنى ئىپادىلەيدىغان چاۋاك چېلىشمۇ چەكلىنىدىغان ئىش ئەمەس. چۈنكى، چاۋاك چېلىش نامازدا بىرەر سەھۋەنلىك كۆرۈلگىنىدە شۇ نامازدىكى ئاياللارغا نىسبەتەن ۋاجىب ياكى مۇستەھەب («بۇخارىي»، 684 – ھەدىس). نامازدا ئاياللارغا ۋاجىب ياكى مۇستەھەب بولغان ئىش ناماز سىرتىدا ئەر ياكى ئاياللارغا چەكلىنىپ قالىدىغان ئىش يوق. بۇ مەسىلىدە باشقىچە قارايدىغانلار بولسىمۇ، «جائىز» دېگەن قاراشنى تۇتقۇچىلار ئەيىبلەنمەسلىكى كېرەك.

ئاياللارنىڭ ئاياللار ئالدىدا، ئەرلەرنىڭ ئەرلەر ئالدىدا شەرم – ھاياغا ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا ئۇسسۇل ئوينىشىنى دىنىمىز چەكلىمەيدۇ. ئەرلەر بولۇپمۇ ياش يىگىتلەر ناغرا – سۇنايلارنى ياڭرىتىپ ساما سالسىمۇ بولىدۇ. ئەمما، مېھمانلار ئالدىدا قىز – يىگىتنىڭ ياكى ئەرلەرنىڭ ئاياللار بىلەن ئارىلاش ئۇسسۇل ئوينىشى ۋە بىھايا بەزى قىلىقلارنى قىلىشى چەكلىنىدۇ.

دېمەك، خۇشاللىنىش ۋە خۇشاللىقنى ئىزھار قىلىش، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنىمۇ خۇش قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى. بولۇپمۇ توي – تۆكۈن ۋە ھېيت ئايەملەردە تېخىمۇ شۇنداق. قىز – يىگىتمۇ يېڭى تۇرمۇشىنى ئاللاھقا ھەمدۇسانا، ئايەت ۋە ھەدىسلەر ئوقۇلغان نىكاھ بىلەن باشلىغىنىدەك، توي مۇراسىمىنى خۇشاللىق، شادلىق ۋە قىزغىنلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى ھاياتقا دادىل قەدەم ئالسا ياخشى. شۇڭا، توي مەرىكىسى ماتەمگە، مەرىكە زالى تەبلىغ سورۇنىغا ئوخشاپ قالماسلىقى كېرەك. بۇنىڭغا دىققەت قىلىنغىنىدا، نادان كىشىلەرنىڭ تويلاردا «ئۆمۈردە بىر بولىدىغان خاتىرە كۈن» نامى ئاستىدا گۇناھ – مەئسىيەتكە ياتىدىغان ناشايان ئىشلارنى قىلىشىغىمۇ يول قالمايدۇ.

گەپنىڭ قىسقىسى، توي تويدەك بولۇشى، ھەرگىز نەزىر چىراقتەك بولۇپ قالماسلىقى، ئىنسانلارنىڭ خۇشاللىق پەيتلەرنى خۇشال، قايغۇلۇق پەيتلەرنى قايغۇ بىلەن ئۆتكۈزۈشتە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى، ئىككىسى ئارىسىدا مۇۋازىنەت تۇرغۇزۇلۇشى لازىم. توي مەرىكەلەردىلا ئەمەس، جىمى پائالىيەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە شەرىئەت ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن ئىبارەت ئۆلچەم ۋە چەك – چېگرالارغا دىققەت قىلىش زۆرۈر.

ئاللاھ ھەممىمىزنى ئىشلاردا ئوتتۇراھاللىقنى لازىم تۇتۇشقا، ھەر ئىشنى چەكتىن ئاشۇرمىغان ئاساستا توغرا قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغاي، ھەربىرلىرىمىزنى مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ، ساغلاملاشتۇرۇپ ماڭىدىغان، توغرا ۋە جايىدا تەتبىقلايدىغان بېجىرىم مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلغاي!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2022. 6. 19

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.