ئىپتاردا ۋە سوھۇردا قىلىنىدىغان ئۇيغۇرچە دۇئا

ئىپتاردا ۋە سوھۇردا قىلىنىدىغان ئۇيغۇرچە دۇئا

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىپتاردا ۋە سوھۇردا قىلىنىدىغان ئۇيغۇرچە دۇئانى دەپ بەرگەن بولسىلا، رەھمەت ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

ئىپتار قىلىشتىن بۇرۇن (شۇنداقلا كۈن بويى) دۇئا قىلىش مۇستەھەپتۇر. چۈنكى، روزا تۇتقۇچىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان دۇئالاردىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «چوقۇمكى، روزىدارنىڭ ئىپتار قىلغاندا رەت قىلىنمايدىغان بىر دۇئاسى بولىدۇ»(1).

بۇ ھەدىستىكى «ئىپتار قىلغاندا» دېگەن ئىبارە ئىپتار قىلىشتىن بۇرۇن دېگەننىمۇ، ئىپتار قىلىپ بولغاندىن كېيىن دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، ھەر ئىككى ۋاقىت دۇئا قىلىدىغان ۋاقىتتۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈچ كىشىنىڭ دۇئاسى قۇرۇق قايتۇرۇلمايدۇ: روزىدارنىڭ )ئىپتار قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا(، ئادالەتلىك ھاكىمنىڭ ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ»(2).

بۇ ھەدىستىكى «ئىپتار قىلغۇچە» دېگەن ئىبارە ئىپتار قىلىشتىن بۇرۇنقى چاغنى، بەلكى پۈتۈن كۈندۈزنى كۆرسىتىدۇ. ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىبارە روزىدارنىڭ دۇئاسىنىڭ كۈندۈزنىڭ دەسلىپىدىن ئاخىرىغىچە مۇستەھەپلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ شۇ چاغلارنىڭ ھەممىدە ›روزىدار‹ دەپ ئاتىلىدۇ»(3).

ئىپتار قىلغاندا، ئۆزى بىلگەن مەزمۇنى ياخشى دۇئالارنى قىلسىمۇ بولىدۇ. ئۆزىگە، بالا – چاقىلىرىغا، ئاتا – ئانىسىغا، دوست – يارەنلىرىگە ھەتتا بارلىق مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابىلەر قىلغان تۆۋەندىكى مەزمۇنى مول دۇئالارنى قىلىشتۇر:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دۇئا قىلغان: «ذَهَبَ الظَّمَأُ وَابْتَلَّتْ الْعُرُوقُ وَثَبَتَ الْأَجْرُ إِنْ شَاءَ اللَّهُ (ئۇسسۇزلۇق تۈگەپ، تومۇرلار نەملىنىپ، روزا تۇتقاننىڭ ئەجرى يېزىلدى، ئىنشائاللاھ)»(4). بۇنىڭ ئىپتار قىلىپ بولغاندا قىلىنغان دۇئالىقى ئېنىق.

ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بالىلىرىنى توپلاپ مۇنداق دۇئا قىلغان: «اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ بِرَحْمَتِكَ الَّتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ أَنْ تَغْفِرَ لِي (ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھەممە نەرسىنى قاپلىغان كەڭ رەھمىتىڭ بىلەن مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىڭنى سورايمەن!)»(5).

«اللَّهُمَّ لَكَ صُمْتُ وَعَلَى رِزْقِكَ أَفْطَرْتُ (ئى ئاللاھ! سەن ئۈچۈنلا روزا تۇتتۇم، سېنىڭ بەرگەن رىزقىڭ بىلەن ئىپتار قىلدىم)»(6).

ئەمما، سوھۇرلۇقتا مۇئەييەن بىر دۇئا يوق. خاھلىغانچە دۇئا قىلسا، ئىستىغفار ئېيتسا ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد ئېيتسا ياخشى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «رەببىمىز تەبارەكە ۋەتائالا ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشۈپ: ‹كىم ماڭا دۇئا قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن؛ كىم مەندىن سورايدۇ؟ ئۇنىڭغا (سورىغىنىنى) بېرىمەن؛ كىم مەندىن مەغپىرەت تىلەيدۇ؟ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىمەن› دەيدۇ»(7).

ئىستىغفارنىڭ ئەڭ كاتتىسنى ئوقۇسا تېخىمۇ ياخشى: «اللَّهُمَّ أَنْتَ رَبِّي لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ خَلَقْتَنِي وَأَنَا عَبْدُكَ وَأَنَا عَلَى عَهْدِكَ وَوَعْدِكَ مَا اسْتَطَعْتُ أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا صَنَعْتُ أَبُوءُ لَكَ بِنِعْمَتِكَ عَلَيَّ وَأَبُوءُ لَكَ بِذَنْبِي فَاغْفِرْ لِي فَإِنَّهُ لَا يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا أَنْتَ (ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىمسەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق. سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن. ساڭا ئىمان ئېيتىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بەرگەن ۋەدەمدە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بەرقارارمەن. ساڭا سىغىنىپ يامان قىلمىشلىرىمدىن پاناھ تىلەيمەن. سېنىڭ ماڭا بەرگەن نېئمەتلىرىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھلىرىمنى ئىقرار قىلىمەن، گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن! ھەقىقەتەن گۇناھلىرىمنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن)»(8).

يەنە بۇ دۇئانى قىلسىمۇ بولىدۇ: «اللَّهُمَّ أَصْلِحْ لِي دِينِي الَّذِي هُوَ عِصْمَةُ أَمْرِي وَأَصْلِحْ لِي دُنْيَايَ الَّتِي فِيهَا مَعَاشِي وَأَصْلِحْ لِي آخِرَتِي الَّتِي فِيهَا مَعَادِي وَاجْعَلْ الْحَيَاةَ زِيَادَةً لِي فِي كُلِّ خَيْرٍ وَاجْعَلْ الْمَوْتَ رَاحَةً لِي مِنْ كُلِّ شَرٍّ (ئى ئاللاھ! پۈتۈن ئىشلىرىمنىڭ ھىمايىچىسى بولغان دىيانىتىمنى ئىسلاھ قىلغىن؛ ياشىشىم ئۈچۈن كېرەك بولغان دۇنيالىقىمنى تۈزەتكىن؛ بارار جايىم بولغان ئاخىرىتىمنى ياخشى قىلغىن، ھاياتىمدا ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن؛ ئۆلۈم ئارقىلىق مېنى دۇنيانىڭ پۈتكۈل يامانلىقلىرىدىن خاتىرجەم قىلغىن!»(9)

ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتسە، ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد ئېتىڭلار! بىرىنچى سۇر چېلىنىدىغان ۋاقىت يېتىپ كېلىپ قالدى. ئۇنىڭغا ئىككىنچى سۇر ئەگىشىدۇ، ئۆلۈم دەھشەت بىلەن كېلىدۇ» دەيتتى. مەن:

ــ ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن سىلىگە كۆپ دۇرۇد ئېيتاي دەيمەن، دۇئايىمنىڭ قانچىلىكىنى سىلىگە دۇرۇد ئېيتىشقا قاراتسام بولار؟ ــ دېگەنىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ خاھلىغىنىڭچە، ــ دېدى. مەن:

ــ تۆتتىن بىرىنى قىلايمۇ؟ ــ دېسەم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ خاھلىغىنىڭچە، ــ دېدى. مەن:

ــ يېرىمىنى قىلايمۇ؟ ــ دېسەم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ خاھلىغىنىڭچە، ــ دېدى. مەن:

ــ ئۈچتىن ئىككىسىنى قىلايمۇ؟ ــ دېسەم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە:

ــ خاھلىغىنىڭچە قىلغىن، ئەگەر كۆپ قىلساڭ ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياخشى، ــ دېدى. مەن:

ــ بارلىق دۇئالىرىمنى سىلىگە دۇرۇد ئوقۇشقا قاراتسامچۇ؟ ــ دېدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ئۇ چاغدا غەم – قايغۇڭنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە كۇپايە قىلىدۇ، گۇناھلىرىڭ مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ــ دېدى(10).

قەدر كېچىسى رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىسىدە بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ، بۇ كېچىلەردە «اللهُمَّ إِنَّكَ عَفُوٌّ تُحِبُّ الْعَفْوَ، فَاعْفُ عَنّا (ئى ئاللاھ! سەن ئەپۇ قىلغۇچىسەن، ئەپۇنى سۆيىسەن، شۇڭا، بىزنى ئەپۇ قىلىۋەتكەيسەن)»(11) دەپ دۇئا قىلىش ئەۋزەل بولغاچقا، رامازان كېچىلىرىدە شۇنداقلا سوھۇرلۇق يېگەندىن كېيىن ئاشۇ دۇئانى قىلسا ياخشى.

يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەھەججۈد نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن ئويغانغاندا قىلغان مۇنۇ دۇئانى ئوقۇسىمۇ ياخشى: «اللَّهُمَّ لَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ قَيِّمُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ وَمَنْ فِيهِنَّ وَلَكَ الْحَمْدُ لَكَ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ وَمَنْ فِيهِنَّ وَلَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ نُورُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ وَلَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ الْحَقُّ وَوَعْدُكَ الْحَقُّ وَلِقَاؤُكَ حَقٌّ وَقَوْلُكَ حَقٌّ وَالْجَنَّةُ حَقٌّ وَالنَّارُ حَقٌّ وَالنَّبِيُّونَ حَقٌّ وَمُحَمَّدٌ صلى الله عليه وسلم حَقٌّ وَالسَّاعَةُ حَقٌّ. اللَّهُمَّ لَكَ أَسْلَمْتُ وَبِكَ آمَنْتُ وَعَلَيْكَ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْكَ أَنَبْتُ وَبِكَ خَاصَمْتُ وَإِلَيْكَ حَاكَمْتُ. فَاغْفِرْ لِي مَا قَدَّمْتُ وَمَا أَخَّرْتُ وَمَا أَسْرَرْتُ وَمَا أَعْلَنْتُ (ئى رەببىمىز ئاللاھ! ھەمدۇسانالار ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمانلار ۋە زېمىن شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكىلەرنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچىسەن. ساڭا ھەمدۇسانالار بولسۇنكى، سەن ھەقسەن! سېنىڭ ۋەدەڭ ھەقتۇر، ساڭا ئۇچرىشىش ھەقتۇر، جەننەت ھەقتۇر، دوزاخ ھەقتۇر، پەيغەمبەرلەر ھەقتۇر، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەقتۇر، قىيامەت ھەقتۇر. ئى ئاللاھ! ساڭا بويسۇندۇمكى، ساڭا ئىمان ئېيتتىم؛ ساڭا تەۋەككۈل قىلدىم؛ سەن تەرەپكە تەۋبە قىلىپ قايتتىم؛ سېنىڭ ھەققىڭدە جېدەللەشتىم؛ سېنىڭ ھۆكمىڭگە چاقىردىم؛ (شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ) مېنىڭ ئىلگىرى ۋە كېيىن، مەخپىي ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن». يەنە بىر رىۋايەتتە: «وَمَا أَنْتَ أَعْلَمُ بِهِ مِنِّى، أَنْتَ الْمُقَدِّمُ وَأَنْتَ الْمُؤَخِّر،ُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ (سەن مەندىنمۇ بەكرەك بىلىدىغان قىلمىشلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، سەن ئىلگىرى قىلغۇچى ۋە كېچىكتۈرگۈچىسەن، سەندىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر) دەيتتى» دېيىلگەن(12).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋۋاب (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر).

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1443 – يىلى رامازاننىڭ 2 – كۈنى / م. 2022 – يىلى 3 – ئاپرېل

 

————————————————–
1. «ئىبنى ماجە»، 1753 – ھەدىس. «ھەسەن» دەپ باھالانغان.
2. «تىرمىزىي»، 3598 – ھەدىس. تىرمىزىي ۋە ھافىز ئىبنى ھەجەر «ھەسەن» دەپ باھالىغان.
3. «ئەلمەجمۇﺋ»، 6 – توم، 396 – بەت.
4. «ئەبۇ داۋۇد»، 2357 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
5. «ئىبنى ماجە»، 1753 – ھەدىس. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «ھەسەن» دېگەن.
6. «ئەبۇ داۋۇد»، 2358 – ھەدىس. بۇ مۇرسەل ھەدىس بولۇپ، ئابدۇلقادىر ئارنائۇت «الأذكار» تەھقىقىدە: «ئۇنى كۈچلەندۈرىدىغان باشقا رىۋايەتلەر بار» دېگەن.
7. «بۇخارىي»، 1145 – ھەدىس، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
8. «بۇخارىي»، 6306 – ھەدىس، شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
9. «مۇسلىم»، 2720 – ھەدىس.
10. «تىرمىزىي»، 2457 – ھەدىس. «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
11. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 25423 – ھەدىس. «سەنەدى سەھىھ».
12. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1120 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 771 – ھەدىس. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.