سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ئۇزۇندىن بۇيان سوراشنى ئويلاپ تۇرغان بىر سوئالنى سوراي دېگەن ئىدىم. ئاللاھ تائالا 2/«بەقەرە»: 30 – ئايەتىدە: ﴿مەن يەر يۈزىدە خەلىفە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن﴾ دېگەندە، پەرىشتىلەر: ﴿يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىفە قىلامسەن؟ ھالبۇكى، بىز سېنى پاك دەپ مەدھىيەلەيمىز…﴾ دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغىنىمدا ۋە قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە يەر يۈزىدە ئىنسانلارنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرىگە قارايدىغان بولساق، پەرىشتىلەرنىڭ دېگىنىدەك، ئىنسانلارنىڭ كۆپ ۋاقىتلاردا شۇ قان تۆككەن، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلىۋاتىمىز ۋە ھازىرمۇ كۆرۈۋاتىمىز. شۇنىڭغا قاراپ، پەرىشتىلەر ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى ئىنسان يارىتىلىشتىن بۇرۇن بىلەر بولغىيمىدى دەپ ھەيران بولىمەن. ۋاقىتلىرى چىققاندا جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئاللاھ تائالا: ﴿«مەن يەر يۈزىدە خەلىفە (يەنى ئورۇنباسار) قىلىمەن» دېدى، پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىفە قىلامسەن؟ ھالبۇكى، بىز سېنى پاك دەپ مەدھىيەلەيمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى﴾(2/«بەقەرە»: 30) دېگەن.
پەرىشتىلەرنىڭ بۇ سوئالى ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسىگە ئېتىراز ياكى ئادەم بالىلىرىغا ھەسەت قىلىش بولماستىن، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بۇ خىل مەخلۇقاتنى يارىتىشنىڭ ھېكمىتىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېگەن. يەنى مەن بۇ تۈردىكى مەخلۇقاتنى يارىتىشتا سىلەر بايان قىلغان بۇزۇقچىلىققا قارىغاندا سىلەر بىلمەيدىغان پايدىلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. چۈنكى، مەن ئۇلاردىن ئەلچى، پەيغەمبەرلەرنى چىقىرىمەن. ئۇلاردىن سىددىقلەر، شەھىدلەر، سالىھلەر، ئابىدلەر، زاھىدلەر، ئەۋلىيالار، ياخشىلار، مۇقەررەبلەر، ئالىملەر، ئەمەل قىلغۇچىلار، ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ ئۇ زاتنى سۆيىدىغانلار ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكۈچىلەر چىقىدۇ(1).
قارايدىغان بولساق، بۇ ۋە باشقا ئايەتلەردىن ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلەرنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىشتىن بۇرۇن ياراتقانلىقى مەلۇم بولىدۇ.
مەزكۇر ئايەتتە پەرىشتىلەرنىڭ بۇ يېڭى «خەلىفە»نىڭ زېمىندا قان تۆكۈپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى قانداق بىلگەنلىكى ئىزاھلانمىغان. باشقا ئايەتلەردە، شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «سەھىھ» ھەدىسلىرىدىمۇ ئۇنى قانداق بىلگەنلىكى بايان قىلىنمىغان. بۇ سەۋەبتىن سەلەفلىرىمىز ۋە ئۇندىن كېيىن كەلگەن ئالىملار بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان.
كۆپچىلىك مۇفەسسىرلەر: «پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بۇ يېڭى ‹خەلىفە› يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق ۋە ئۆزئارا ھەسەتخورلۇق قىلىشىدىغانلىقىدەك تەبىئىتىنى بايان قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇ سوئالنى قويغان» دەپ قارىغان. لېكىن، ئاللاھ تائالانىڭ بۇنى پەرىشتىلەرگە بىلدۈرگەنلىكى مەزكۇر ئايەتتە ۋە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنمىغان بولۇپ، بۇ مەزمۇن ئايەتلەردە قىسقارتىۋېتىلگەن بولۇشى چوڭ ئېھتىمال. چۈنكى، بەزى ساھابەلەردىن كەلگەن رىۋايەتلەردە ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: «مەن يەر يۈزىدە خەلىفە قىلىمەن» دېگەندە، ئۇلار: «ئۇ قانداق خەلىفە؟» دەپ سورىغان. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بۇ مەخلۇقنىڭ ئەۋلادلىرى بولىدىغانلىقى ۋە ئۇ ئەۋلادلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ، بىر – بىرىنى ئۆلتۈرۈپ قان تۆكىدىغان، يەنە بىر قىسمىنىڭ بولسا ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ ھەمد ئېيتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان(2). شۇندىلا پەرىشتىلەر: «ئۇلارنىڭ بىر قىسمى سېنى پاكلاپ ئۇلۇغلايدىغان بولسا، مانا بىز بار، يەنە بىر قىسمىنى نېمە ئۈچۈن يارىتىسەن؟» دەپ سورىغان بولۇشى چوڭ ئېھتىمال. بۇنى پەرىشتىلەرنىڭ: ﴿بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز﴾(2/«بەقەرە»: 32) دېگەن سۆزىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ.
يەنە بىر قىسىم مۇفەسسىرلەرنىڭ قارىشىچە: «ھەزرىتى ئادەمدىن بۇرۇن زېمىندا جىنلار ياشىغان بولۇپ، پەرىشتىلەر بۇرۇن جىنلارنىڭ ئەسكىلىكىنى ۋە بۇزغۇنچىلىقىنى كۆرگەن ۋە بىلگەن بولغاچقا، جىنلارغا قىياس قىلىپ شۇنداق دېگەن. ‹خەلىفە› كەلىمەسىنىڭ ‹پەرزەنتلىرى ئاتىسى ئادەمنىڭ ئىزىنى باسىدىغان، بىر ئەۋلاد يەنە بىر ئەۋلادنىڭ ئىزباسارى بولىدىغان› دېگەن مەناسى بولغىنىدەك، ‹ئىلگىرىكىلەرگە ئىزباسار› دېگەن مەناسىمۇ بار. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ئۇنىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ‹زېمىنغا تۇنجى يەرلەشكەن مەخلۇقاتلار جىنلار بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭدا قان تۆكۈپ، بىر – بىرىنى ئۆلتۈرۈپ بۇزغۇنچىلىق قىلغان. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا ئىبلىسنى پەرىشتىلەر قوشۇنى بىلەن ئەۋەتىپ ئۇلارنى قىرىۋەتكەن. تىرىپىرەن بولغانلىرىنى دېڭىز ئاراللىرى ۋە تاغلارغا قوغلىۋەتكەن. ئاندىن ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىپ ئۇنى زېمىنغا يەرلەشتۈرگەن. شۇڭا، ﴿مەن يەر يۈزىدە خەلىفە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن﴾› دېگەن». بۇ قاراشقا ئاساسەن، «مەن (ئادەمنى) زېمىنغا يەرلىشىپ زېمىننى گۈللەندۈرىدىغان، جىنلارنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ئىزباسار قىلىمەن» دېگەن بولىدۇ(3).
يەنە بىر قىسىم مۇفەسسىرلەر: «پەرىشتىلەر خەلىفە دېگەن سۆزنى ئاڭلاش بىلەنلا ئادەم بالىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. چۈنكى، ‹خەلىفە› دېگەن ئىسلاھ قىلىپ، بۇزغۇنچىلىققا قارشى تۇرىدۇ. ھەق – ناھەقنى ئايرىيدۇ. گۇناھ – مەئسىيەتتىن توسىدۇ. بۇنىڭدىن ئىنسانلارنىڭ بىر – بىرىگە زۇلۇم قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇ قاراشقا ئاساسەن، ‹خەلىفە› كەلىمەسى ‹زېمىندا ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان ئاللاھنىڭ ئىزباسارى› دېگەن مەنىدە بولىدۇ» دېگەن(4).
يەنە بەزى مۇفەسسىرلەر بولسا: «پەرىشتىلەر لەۋھۇلمەھفۇزنى كۆرگەن بولسا، لەۋھۇلمەھفۇزدا ھەممە ئىشلار، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ پۈتۈن ئىش – ئىزلىرى ۋە قىلمىشلىرى يېزىلغان بولغاچقا، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ قىلىدىغانلىرىنى بىلگەن» دەپ قارىغان(5).
كېيىنكى قاراشلارنىڭ ھەممىسىنى ئىلگىرىكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىنىڭ تەپسىلاتى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق پەرىشتىلەرگە بىلدۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.
يەنە بەزى مۇفەسسىرلەر: «پەرىشتىلەر بۇ يېڭى مەخلۇقنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەركىبىگە قاراپ، ئۇنىڭ تائەتتىن باش تارتىپ ئىسيانغا ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان تەبىئىتىنى پەرەز قىلىپ شۇنداق سورىغان» دەپ قارىغان(6).
يۇقىرىقى قاراشلارنىڭ ھەممىسى ئالىملارنىڭ ئىجتىھادى ۋە تەھلىللىرى بولۇپ، پەرىشتىلەرنىڭ بۇرۇنقى مەخلۇقاتلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەنلىكتىن ئىنسانلار ھەققىدە شۇنداق پەرەزدە بولغانلىقى چوڭ ئېھتىمال. بۇنى كېسىپ ئىزاھلىيالمايمىز ۋە بىزمۇ پەرىشتىلەر ئېيتقاندەك: ﴿سېنى (پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن﴾(2/«بەقەرە»: 32) دەيمىز.
سەييىد قۇتۇب يۇقىرىقى تەھلىللەرنى خۇلاسىلىگەن تەرىقىدە مۇنداق دەيدۇ: «(ھاسىلىكالام) پەرىشتىلەرنىڭ بۇ سۆزى ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى ياكى يەر يۈزىدىكى ئۆتمۈش تەجرىبىلەر ۋەياكى بەسىرەت ئىلھامى ۋەيا بۇ يېڭى يارالمىشنىڭ يەر يۈزىدىكى ھاياتىنىڭ تەقەززاسى تۈپەيلى ئۇنىڭ تەبىئىتىنى تونۇپ يەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە قان تۆكىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پەرىشتىلەر مۇتلەق خەيرلىكنىلا تەسەۋۋۇر قىلىدىغان پاك تەبىئىتى بىلەن ئاللاھقا ھەمد ئېيتىپ، ئۇ زاتنى پاكلاپ ئۇلۇغلاشنى پۈتۈن مەۋجۇدىيەتتىن كۆزلەنگەن غايە، بىردىنبىر يارىتىش سەۋەبى دەپ قارىۋالغان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بارلىقى بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك دەپ ئويلىۋالغان. چۈنكى، ئۇلار تىنىم تاپماي ئاللاھقا ھەمد ئېيتىپ، ئۇ زاتنى پاكلاپ ئۇلۇغلاپ تۇرىدۇ. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن بوشاپ قالمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارغا ئىلاھىي ئىرادىنىڭ ئاللاھنىڭ زېمىندىكى خەلىفەسى (ئىزباسارى) ئارقىلىق بۇ زېمىننى بىنا قىلىپ ئاۋاتلاشتۇرۇش، ھاياتنى تۈرلۈك شەكىلدە گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى، شۇنداقلا ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسىنى ۋە مەۋجۇدىيەت قانۇنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ھېكمىتى بىلىنمىگەن. بۇ خەلىفە (ئىزباسار) گاھىدا بۇزۇقچىلىق قىلىپ، گاھىدا قان تۆكۈپ قالىدىغان بولسىمۇ، بۇ كۆرۈنۈپ تۇرغان جۈزئىي يامانلىقتىن تېخىمۇ چوڭ ۋە ئومۇميۈزلۈك بولغان، داۋاملىق ئۆسۈپ، تەرەققىي قىلىپ تۇرىدىغان، ئۆرۈپ يەنە بىنا قىلىدىغان، توختاۋسىز ئۇرۇنۇپ، ئىنتىلىپ تۇرىدىغان، بۇ چوڭ مۈلۈكنى ئۆزگەرتىش ۋە تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت خەير – ئېزگۈلۈكنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى ئۇلارغا بىلىنمىگەن. مانا شۇ چاغدا ھەممىنى ۋە ھەممە ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلگۈچى زاتتىن: ‹مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن› دېگەن قارار يېتىپ كەلگەن»(7).
شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇش كېرەككى، «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىش ۋە چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىش ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. لېكىن، سورالغان تەپسىلاتنى بىلىش مۇھىم بولسا ئىدى، ئەلبەتتە ئاللاھ تائالا ئۇنى «قۇرئان كەرىم»دە ياكى پەيغەمبىرىمىز «ھەدىس»لەردە بايان قىلغان بولاتتى. شۇڭا، ئۇنى بىلمەسلىكنىڭ دىنىمىزنى ۋە «قۇرئان كەرىم»نى چۈشىنىشتە زىيىنى يوق. بىلىشتە ئەمەل – ئىبادەتكە ئالاقىدار چوڭ پايدىمۇ يوق. بىزگە مۇھىم بولغىنى ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، پاكلاش ۋە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇش، ئاللاھ تائالا ئېنىق بايان قىلمىغان نۇقتىلارنى كوچىلاشقا سەرپ قىلغان كۈچنى بۇ قىسسەلەردىن ۋە بۇ سوئال – جاۋابلاردىن ئالىدىغان ئىمان ۋە ئەدەبكە ئالاقىدار دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشكە سەرپ قىلىشىمىزدۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1443، 6 – شەۋۋال / م. 2022، 7 – ماي
1. ئىبنى كەسىر: «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر (تەفسىرۇل قۇرئانىل ئەزىم)»، 1 – ج، 217 – بەت.
2. تەبەرىي: «جامىئۇل بەيان ئەن تەئۋىلى ئايىلقۇرئان»، (608). سەنەدى «زەئىف»تۇر.
3. تەبەرىي: «جامىئۇل بەيان»، (604). بۇ رىۋايەتنىڭمۇ سەنەدى «زەئىف»تۇر.
4. فەخرۇررازىي: «مەفاتىيھۇل غەيب»، 2 – ج، 392- بەت.
5. زەمەخشەرىي: «ئەلكەششاف»، 1 – ج، 125- بەت.
6. قۇرتۇبىي: «ئەلجامىئۇ لىئەھكامىل قۇرئان»، 1 – ج، 274 – بەت؛ ئىبنى ئاشۇر: «ئەتتەھرىرۇ ۋەتتەنۋىر»، 1 – ج، 389 – بەت.
7. سەييىد قۇتۇب: «فىي زىلالىل قۇرئان»، 1 – ج، 56 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

