كۈن ياكى ئاي تۇتۇلۇش نامىزى توغرىسىدا

كۈن ياكى ئاي تۇتۇلۇش نامىزى توغرىسىدا

يەر شارى، ئاي، كۈن قاتارلىق ئۈچ پىلانېتا بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە كېلىپ، ئاي كۈن بىلەن يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرگەندە كۆلەڭگىسى يەر شارى يۈزىگە چۈشىدۇ، مانا بۇ «كۈن تۇتۇلۇش ھادىسەسى» دېيىلىدۇ. يەر شارى كۈن بىلەن ئاينىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ، ئاي يەر شارىنىڭ «كۆلەڭگە رايونى»غا كىرگەندە «ئاي تۇتۇلۇش ھادىسەسى» يۈز بېرىدۇ. ئىككىلىسى بىرقانچە خىلغا بۆلۈنىدۇ. تەپسىلاتىنى ئاستىرونومىيەگە ئائىت كىتابلاردىن كۆرۈۋالغايسىزلەر.

ئەرەب تىلىدا «كُسُوف» دېگەن سۆز ئادەتتە كۈن تۇتۇلۇشقا قارىتا ئېيتىلىدۇ، «خُسُوف» دېگىنى بولسا ئاي تۇتۇلۇشقا قارىتا ئېيتىلىدۇ. مۇشۇ تاللانغان قاراش. ئەمما، «كُسُوف»نى ئىككىلىسىگە ئورتاق ئىشلىتىش ھادىسەسىمۇ مەۋجۇت. يەنە بەزى ئالىملار: «‹كُسُوف› دېگەن سۆز قىسمەن تۇتۇلغاننى، ‹خُسُوف› بولسا تولۇق تۇتۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن(«لسان العرب»، 9/298. «فتح الباري»، 2/535).

ئاي ياكى كۈن تۇتۇلغاندا ناماز ئوقۇش سۈننەت. «ئاي / كۈن تۇتۇلۇش نامىزى»دا قىرائەت ئۈنلۈك ئوقۇلىدۇ. ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا ئاي تۇتۇلغاندا يىغىلىپ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇلمايدۇ، بۇنداق قىلىش سۈننەت ئەمەس. چۈنكى، ئاي تۇتۇلۇش ھادىسەسى ئادەتتە كېچىسى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا يىغىلىش ئەپسىز بولۇپ قالىدۇ. ئەمما، جامائەت يىغىلىپ بىللە ئوقۇسا مەيلى. بۇ نامازلارغا ئاياللارمۇ چىقىپ ئوقۇسا بولىدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنۇ ھەدىستە بۇ نامازنى ئوقۇشقا بۇيرۇغان:

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئىدۇق. تۇيۇقسىز كۈن تۇتۇلغانىدى، رەسۇلۇللاھ ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىراپ مەسجىدكە كىردى، بىزمۇ كىردۇق. ئاندىن رەسۇلۇللاھ تاكى كۈن ئېچىلغانغا قەدەر بىزگە ئىمام بولۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ بەردى. ئاندىن: ‹كۈن بىلەن ئاي بىرەرسىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك تۇتۇلمايدۇ، شۇڭا ئۇ ئىككىسىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرسەڭلار تاكى بېشىڭلارغا كەلگەن ئەھۋال ئوڭشالغانغا قەدەر ناماز ئوقۇپ دۇئا قىلىڭلار!›» دېدى(«بۇخارىي»، 1040 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 901 – ھەدىس).

بۇ ھەدىستىكى ۋەقەلىك 24 ساھابىدىن نەقىل قىلىنغان. ئۇلارنىڭ قاتارىدا ئائىشە، ئەسما بىنتى ئەبۇبەكرى، ئىبنى ئابباس، ئەلى، مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ بار. شۇڭا، بۇ ھەدىسكە ئاساسەن ئەتراپنى زۇلمەت قاپلىغان، بوران چىققان ياكى دۈشمەندىن ئەندىشە قىلغان چاغلاردا ناماز ئوقۇش، دۇئا قىلىش، زىكىر ۋە ئىستىغپار ئېيتىش مۇستەھەپتۇر.

خوش، كۈن ۋە ئاي تۇتۇلۇشنىڭ ئاسترونومىيەلىك ھادىسە ئىكەنلىكى ئېنىق. ئۇنداقتا، ئاللاھ تائالانىڭ بۇنداق ئاسترونومىيەلىك ھادىسىنى پات – پات كۆرسىتىپ تۇرۇشىنىڭ ھېكمىتى نېمە؟

جاۋابىمىز شۇكى، جانابىي ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا پات – پات مۇشۇ خىل ھادىسىلەرنى كۆرسىتىشى ئۇلارنى كائىنات، تەبىئەت ئالەمى ۋە ئۆزلىرى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلسۇن؛ جانلىقلارنىڭ غايەت زور كائىناتقا نىسبەتەن ھېچقانچە چوڭ يارالمىش ئەمەسلىكىنى ئاڭقىرىسۇن؛ ئۆزلىرى ھەققىدە، ھايات ھەققىدە، ئاخىرەت ھەققىدە تەپەككۇر قىلسۇن؛ ئويلارغا چۆمسۈن، بۇ ئارقىلىق ھايات يولىنىڭ يۆنىلىشىنى توغرا تاللىغانلار ئىشەنچ بىلەن ئالغا قاراپ ماڭسۇن؛ توغرا تاللىيالمىغانلار، گاڭگىراپ قالغانلار توغرا يۆنىلىشنى تاللىۋالسۇن؛ ياخشى ئەمەللەرنى تېخىمۇ ئىشتىياق بىلەن قىلسۇن، خاتالىقلاردىن، گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن يانسۇن… دېگەنگە ئوخشىغان ھېكمەتلەر تۈپەيلىدىندۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر).

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

ھ. 1443 – يىلى 10 – شەۋۋال / م. 2022 – يىلى 11 – ماي

 

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.