ئىمام كەۋسەرىي

ئىمام كەۋسەرىي

(ھ. 1296 – 1371 / م. 1879 – 1952)

 

قەلەمدە: ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە

 

[1] ئىسلام ئالەمى ھ. 1371 – يىلى 19 – زۇلقەئدە / م. 1952 – يىلى 11 – ئاۋغۇست كۈنى قاھىرەدە خۇددى بۇ ئۆتكۈنچى ھاياتنىڭ پۈچەك ئىشلىرىدىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇپ، بېشىچىلاپ ئىبادەتكە كىرىشىپ كەتكەن مۇئمىن كەبى ئۆزىنى ئىلىمگە تەسەددۇق قىلغان بىر ئالىمىنى يوقاتتى. ئۇ ئالىمكى، ئىلىمنى ئىبادەت بىلگەن، ھەقىقىي ئالىملارنىڭ شوئارىنى چىڭ تۇتۇپ، شۇ ئىلىم بىلەن باشقا ھېچكىمنىڭ ئەمەس، بىرگىنە ئاللاھنىڭ رىزاسىنى تەلەپ قىلغان، ئىلىمى بائىس يەر يۈزىدە چوڭچىلىق، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ئابروي تېپىپ باشقىلارنىڭ گەدىنىگە مىنىشنى ئەمەس، بەلكى شۇ ئىلىم ئارقىلىق ھەقتائالانى رازى قىلىش ئۈچۈن ھەقكە ياردەم بېرىشنى كۆزلىگەن ئىمام مۇھەممەد زاھىد كەۋسەرىي(1) ئېرۇر. ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان جايىنى مۇبارەك قىلغاي، ئۇنىڭدىن رازى بولغاي ۋە ئۇنى رازى قىلغاي!

يېقىنقى يىللاردا ئارىمىزدىن كەتكەن بىرەر ئالىمنىڭ ئۆلۈمى ئىمام كەۋسەرىينىڭ ئۆلۈمىدەك بوشلۇق قالدۇرغانلىقىنى بىلمەيمەن. چۈنكى، ئۇ شۇنداق ياخشىلارنىڭ ۋارىسى ئىدىكى، ئىلىمنى قورساق بېقىشتا دەسمايە، بىرەر مۇددىئا – مەقسەتكە ۋاسىتە قىلىۋالمايدىغان، بەلكى ئۇ ئىلىمنى ئەڭ يۇقىرى غايە ۋە ئەڭ ئالىي نىشان قىلغان سەلەف – سالىھلەرنىڭ دەۋرىمىزدىكى ۋەكىلى ئىدى. چۈنكى، دىن ئىلمىدىن قالسا مۇئمىن يەتكۈدەك بىر مەنزىل ۋە ئالىم يەتكۈدەك بىر چوققا يوقتۇر.

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئىمام كەۋسەرىي (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولغاي) ھەقىقەتەن «ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر» دېگەن ھەدىسكە تىمسال كاتتا بىر ئالىم ئىدى. ئۇ: «ۋارىسلىق قىلىش ئالىم بولۇپ كىشىلەر ئالدىدا ماختىنىش ۋە چوڭچىلىق قىلىش ئەمەس، بەلكى ئىسلامنى جاكارلاش ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەتلىرىنى بايان قىلىش، ئىسلامنىڭ شەنىگە چۈشكەن مۇدھىش داغلارنى يوقىتىش ئۈچۈن جىھاد قىلىشتۇر» دەپ قارايتتى. شۇڭا، ئۇ بار كۈچى بىلەن كىشىلەرگە ئىسلامنى سۈزۈك، ئوچۇق – ئايدىڭ ۋە نۇرانە ھالەتتە كۆرسىتىپ بېرەتتى – دە، كىشىلەر ئىسلام نۇرى ئەتراپىغا قىزىقىپ كېلەتتى ۋە ئىسلام ھىدايىتى بىلەن شەرەپلىنەتتى. شۈبھىسىزكى، مەزكۇر ۋارىسلىق ئالىم كىشىنىڭ كۇفۇرغا قارشى پەيغەمبەرلەرگە ئ‍وخشاش جىھاد قىلىشىنى، قاتتىقچىلىق ۋە يوقسۇزلۇق ئالدىدا نەبىلەردەك سەبر قىلىشىنى، كىشىلەرنىڭ قوپال مۇئامىلىلىرىگە قارىماي، ئاللاھنىڭ رەسۇللىرى كەبى ھەق ۋە ھىدايەتكە چاقىرىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىمام كەۋسەرىي دەل شۇنداق ئالىم ئىدى.

[2] يېتۈك ئالىم ئىمام كەۋسەرىي (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولغاي) قانداقتۇر بىرەر يېڭى مەزھەبنى كۆتۈرۈپ چىققۇچىلاردىن ياكى ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن ئاللىقانداق يېڭىچە بىر ئىشقا چاقىرغۇچىلاردىن ۋەياكى كۈنىمىزدە «جەدىدچى» لەقەبى قويۇلغان كىشىلەردىنمۇ ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇ دەل شۇنداق كىشىلەردىن نەپرەتلىنىدىغانلاردىن ئىدى. چۈنكى، ئۇ بىدئەت پەيدا قىلغۇچى ئەمەس، ئەسلىيەتكە ئەگەشكۈچى ئىدى. مەنچە ئۇ راستتىنلا ھەقىقىي مەنىدىكى «مۇجەددىد»لەردىن ئىدى. چۈنكى، جەدىدچىلىك زامانداشلىرىمىز تونۇپ قالغاندەك دىننىڭ ئارغامچىسىنى قويۇۋېتىش ياكى دەسلەپكى نۇبۇۋۋەت دەۋرىنى قايتۇرۇپ كېلىشمۇ ئەمەس، بەلكى دىننىڭ ئەسل گۈزەللىكىنى قايتۇرۇپ كېلىش، دىنغا چاپلىنىپ قالغان خاتا چۈشەنچىلەرنى يوقىتىش، دىننى ئىنسانلارغا ئەسلىدىكىدەك ساپ ۋە ئەسلىدىكىدەك سۈزۈك ھالەتتە بايان قىلىش دېمەكتۇر. شۈبھىسىزكى، سۈننەتنى ئىھيا قىلىپ بىدئەتنى دەپنە قىلىش، ئىنسانلار ئارىسىدا دىننىڭ تۈۋرۈكىنى قايتا تىكلەش جەدىدچىلىكنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بەلكى ھەقىقىي ۋە راست تەجدىد شۇدۇر.

ئىمام كەۋسەرىي رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى تىرىلدۈرۈش يولىدا ئۆتمۈشتە كۆمۈلۈپ قالغان سۈننەتكە ئالاقىدار كىتابلارنى قېزىپ چىقىپ، ئۇ ئەسەرلەرنىڭ راۋىيلىرىنى، مېتودلىرىنى بايان قىلدى. ئۆزى يازغان شۇ كىتاب ۋە رىسالەلەردىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزلىرى، ئۇ زاتنىڭ ۋە ساھابە – كىراملىرىنىڭ ئۆزى يول قويغان ئىش – ھەرىكەتلىرى قاتارلىق سۈننەتى نەبەۋىييەنى خالايىققا جاكارلىدى. ئاندىن دىققىتىنى ئۆتمۈشتە ئول سۈننەتلەرنى تىكلىگەن ۋە ھەقىقىي رەۋىشتە رىئايە قىلغان ئالىملارنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سۈننەتنى ئىھيا قىلغان خىزمەتلىرى توپلانغان كىتابلارنى نەشر قىلىپ چىقاردى. دەرۋەقە ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ كۆڭۈللىرىگە دىن مۇھەببىتى سىڭگەن، قەلبلىرى پىتنە – پاسات بىلەن دۇغلاشمىغان، دۇنيا ھاياتى ئاخىرىتىدىن مەشغۇل قىلالمىغان ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇلار ھېچقاچان ھۆكۈمدارلارنىڭ ئىشىكلىرىدە قول باغلاپ تۇرۇشمىغان ئىدىلەر.

گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئىمام كەۋسەرىي ھەق ئالىم ئىدى. ئالىملار ئىچىدە ئۇنىڭ ئىلمىنى تونۇپ يەتكەنلەر بولسىمۇ، ئۇنىڭ مۇجاھىدلىق تەرىپىنى بىلىدىغان ئالىملار كۆپ ئەمەستۇر. مەن ئۇ كىشىنى ئۆزى بىلەن ئۇچرىشىشتىن نەچچە يىل بۇرۇنلا ھەم ھەق نۇرى چاقناپ تۇرغان يازمىلىرىدىن، ھەم ئۆزى نەشر قىلغان قوليازمىلارغا يازغان شەرھ – ئىزاھلىرىدىن تونۇغانىدىم. مەرھۇم ئالىم زىيادە كەمتەرلىكىدىن كىتابلىرىنىڭ مۇقاۋىسىغا ئۆزىنىڭ ئوسمانىيلار دۆلىتىدە ئېرىشكەن رەسمىي ئۇنۋانىنىمۇ يازمايتتى. چۈنكى، ئۇ ــ ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ــ :«بىر ئالىمنىڭ شەرىپى ئۇنىڭ ئۇنۋانىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگىكىدىن كېلىدۇ» دەپ قارايتتى. ئاللاھ شاھىدكى، ئالىم نەشر قىلدۇرغان قوليازمىلاردىن بەكرەك ئۇ يازغان ئىزاھلارغا ھەيران قالاتتىم. ئەسلى كىچىككىنە رىسالە بولغان بەزى قوليازمىلار ئىمام كەۋسەرىينىڭ شەرھلىرى بىلەن كىشى ئوقۇغانسېرى ئوقۇغۇسى كېلىدىغان بىر كىتاب بولۇپ چىقاتتى. ئەتراپلىق بىلىم، تېرەن چۈشەنچە ۋە كەڭ نەزەر مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرغان ئىزاھاتلار گۈزەل ئىبارە، نازۇك ئىشارە، كۈچلۈك تەنقىد، توغرا نىشان، ئۆتكۈر تەپەككۇر ۋە نەق تەبىر بىلەن بېزەلگەن بولاتتىكى، جايىدا ۋە چۈشىنىشلىك كىرىش سۆز، ئۆزگىچە ئۇسلۇب، تەپسىلىي مەزمۇن ۋە راۋان تىل قاتارلىقلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسىغا يازغۇچىنىڭ ئەسلىدە ئەرەب دىيارلىرىدا تۇغۇلۇپ، ئەرەبلەر ئىچىدە ياشىغان تېگى ئەرەب بىرى ئەمەس، بەلكى (تېگى چەركەس) بىر تۈرك ئىكەنلىكىنى ئەسلا كەلتۈرمەيتتى.

توغرىسى، بۇنىڭ ھەيران قالارلىقى يوق، چۈنكى ئۇ ئۆز ئائىلىسى، ئۆسۈپ يېتىلىشى، شۇنداقلا تۈركىيە ۋە مىسىردىكى ھاياتىدا تۈرك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىلمىي ھاياتى ھەقىقەتەن خالىس ئەرەبچە ھايات ئىدى، ئەرەبچە ئوقۇيتتى ۋە يورۇق زېھنىنى مۇھەممەدىي ئەرەبچە نۇرغا تولدۇرغانىدى. شۇڭا، ئۇ ئەرەب يېزىقچىلىقىدا سىرتتىن كىرگەن ئۇسلۇبلاردىن خالىي، پاكىز يازاتتى، سۆز ئىشلىتىشتە ئىختىلاپسىز پاساھەتلىك سۆزلەرنى تاللايتتى. مانا بۇ ئۇنىڭ لۇغەت، نەھۋى، بالاغەت قاتارلىق تىل كىتابلىرىنى ناھايىتى پىششىق ئىگىلىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ئاندىن ئۇ يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئەرەبچە نەزم تۈزەتتى ۋە تۈزگەن نەزملىرى گۈزەل ئىدى.

[4] كەۋسەرىي (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولغاي) ھەقىقەتەن ئۇنى يۇقىرى ئۆرلىتىپ، پۈتۈن مۇسۇلمان ئالىملارغا ئۈلگە قىلغان بىرقىسىم ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىدى. ئۇ ھەقىقەتەن ئىلىم بىلەن بولۇپ، مەئىشەتتىن يىراق تۇرغان. ئۇ پۈتۈن جاھانغا شۇنى ئۇقتۇرغانكى: «مۇسۇلمان ئالىمنىڭ ۋەتىنى ئىسلام زېمىنىدۇر. مۇسۇلمان ئالىم يوقىلاڭ دۇنيا ئۈچۈن دىنىنى ساتمايدۇ، ئىسلامنى ئىززەتلىمىگەنلەرنى دوست تۇتمايدۇ. ئاللاھتىن ۋە ھەقتىن باشقىغا پەرۋا قىلمايدۇ. گەرچە ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى بولسىمۇ، مۇسۇلمان ئالىمنىڭ ھەقنى سۆزلىيەلمەيدىغان ۋە ئىسلام كەلىمىسىنى ئالىي قىلالمايدىغان بىر زېمىندا ياشىشى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، ئالىم ماددا بىلەن ئەمەس، بەلكى روھ بىلەن ياشايدۇ؛ يوقىلاڭ مال – ماتالار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆچمەس ھەقىقەتلەر بىلەن ياشايدۇ. ئالىم ئۈچۈن ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆرگۈسى نېئمەت ۋە ئىززەت كۇپايىدۇر، دۇنيالىق ھۆرمەت ۋە شان – شەرەپلەر بولسا مىسالى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يوقاپ كېتىدىغان ئەرزىمەس ئالۋۇندۇر».

[5] بىز ئۇشبۇ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ ھاياتىغا قىسقىچە بىر نەزەر سېلىش بىلەن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، ئۇ ئىسلام دىيارلىرىدىكى ھەقىقەتەن جاپا – مۇشەققەتكە تولغان مۇساپىرلىق ھاياتىدا نەگە بارسۇن ۋە نەدە تۇرسۇن، نۇرۇئىرفان تارقىتىشتا ناھايىتى سەۋرچان، تىنىمسىز ۋە ھارماس بىر ئالىم ئىدى. ئۇ ئىسلام ئەللىرىنى كۆپ ئايلانغان بولۇپ، ئۇ چۈشكەن ھەر شەھەردە ئۇنىڭ شېرىن بۇلىقىدىن سۇ ئىچكەن ۋە كۆڭۈللىرىدە ئۇنىڭ ئىمانلىق، ئىخلاسلىق روھى ئورۇن تاپقان شاگىرتلىرى بار ئىدى. ئۇ شاگىرتلىرىغا شەك ۋە ئەگرىلىك دۇغلىرىدىن خالىي ساپ ۋە سۈزۈك ئىلىمنى تەقدىم قىلاتتى. ھەقنى دېيىشتە دادىل ئىدى. ئاللاھ رازى بولىدىغانلا ئىش بولسا، خەق خۇش بولامدۇ ياكى خاپا بولامدۇ پەرۋا قىلمايتتى.

شۇ ئاشكارىدۇركى، ئەنە شۇ خىسلەت ئۇنىڭ قېنىدا بار ئىدى. چۈنكى، ئۇ ھەنۇز ئۆسمۈر ياشتىن تارتىپلا ھەق ئۈچۈن جىھادقا ئاتلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ناھايىتى تەقۋادار، كۈچلۈك روھقا ئىگە، سەۋرچان ۋە مۇجاھىد ئائىلە ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭدا يۇقىرىقى خىسلەتلەر ناھايىتى روشەن گەۋدىلىنەتتى. ئۇنىڭ تېگى كاۋكازلىق بولۇپ، ئۇ جاي قاۋۇل، زەبەردەست، باتۇر، راستچىل ۋە ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ ماكانىدۇر.

ئالىمنىڭ ئاتىسى كاۋكازدىن ئىستانبۇلغا ھىجرەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ھىدايەت ۋە ھەق ئۈستىدىكى بىر ئاتىدىن تۇغۇلغان. دىنىي ئىلىملەرنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تەخمىنەن 28 يېشىدا دىنىي ئىلىملەردە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. ئاندىن مۇدەررىسلىك شوتىسىدا پەيدىنپەي ئۆرلەپ، ياپياش تۇرۇپلا مۇدەررىسلىكتىمۇ ئەڭ ئۈستۈن ماقامغا يەتكەن. كېيىن ئۇ ئاللاھ نازىل قىلغان شەرىئەتنى تاشلاپ دىن بىلەن دۇنيانى ئايرىماقچى بولغان كىشىلەر بىلەن قارىمۇقارشى كېلىپ، ئۇلار بىلەن قاتتىق ئېلىشقان. ھالبۇكى، ئۇ كۆڭلى ئارزۇ – ئارمانغا تولغان، كېلەچىكى پارلاق، ياشلىق ئوتلىرى يالقۇنجاپ تۇرغان نەۋقىران يىگىت ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ دۇنياسىدىن ئۆزىنىڭ دىنىنى ئۈستۈن تۇتتى، باياشات تۇرمۇشتا بولۇشنىڭ ئورنىغا ئىسلام مىراسلىرىنى قوغداشنى ئەلا بىلدى. ئۇ ئۆزىچە دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بەندىلەرنىڭ رىزاسى ۋە ئۇلار قۇرغان پاراۋان تۇرمۇشنىڭ مەھكۇمى بولۇشنىڭ ئورنىغا ھەقىقىي ھۆكۈمران ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تاپىدىغان، ئەمما دائىما مۇشەققەتكە تولغان ھاياتنى ئەلا بىلدى. چۈنكى، ئاللاھنىڭ رىزاسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىماننىڭ غايىسىدۇر.

[6] دەۋلەتى ئالىيەنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان «ئىتتىھاد ۋە تەرەققىيات»چىلار دىنىي ئوقۇشنىڭ دائىرىسىنى تارايتىپ، مۇددىتىنى قىسقارتماقچى بولغاندا، ئىمام كەۋسەرىي ئۇلار بىلەن جىھاد قىلغان. ئۇ زات بۇنىڭ دىنىي مائارىپنى چۈشەپ قويىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال چارە قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ پىلانىنى بىتچىت قىلغان ھەمدە ئىسلامىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىدىغان تالىبلارنىڭ، بولۇپمۇ، روشەن ئەرەب تىلى بىلەن ئىلىم ئۆگىنىدىغان ئەجەملەرنىڭ چوڭقۇرلاپ ئىلىم ئالالىشى ۋە ئالغان ئىلىملەرنى ھەزم قىلالىشى ئۈچۈن، ئۇلار قىسقارتىشنى پىلانلىغان مۇددەتنى تېخىمۇ ئۇزارتقان.

[7] ئۇ ھەر ھالىدا ئىنتايىن غۇرۇرلۇق پاك ئالىم ئىدىكى، يۇقىرى ئۆرلەش ئۈچۈن ھېچكىمگە تايانمايتتى، قانچىلىك شەرەپلىك غايە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىرەر غايىگە يېتىش ئۈچۈن ھېچبىر ئەمەلدارغا خۇشامەت قىلمايتتى. چۈنكى، ئۇ ــ ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ــ :«ئالىي نىشانلارغا پەقەت ساغلام يول ۋە ساغلام مېتودلا يەتكۈزىدۇ، ئېسىلنىڭ ئېسىل غايىگە يېتىشى پەقەتلا ئۆزىنى خارلىقتىن ساقلايدىغان بىر يول بىلەن مۇمكىندۇر. چۈنكى، شەرەپلىك نەرسىگە پەقەت شەرەپلىك نەرسىلا يەتكۈزىدۇ. بۇ دۇنيادا دۆلەتمەن كىشىلەرگە تايىنىش قىلچە شەرەپ كەلتۈرمەيدۇ. دەرۋەقە، بۇ دۇنيادا ئابرويلۇق كىشىلەرگە تايانغان كىشى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئىززەت – ئابرويغا مۇشەررەپ بولالمايدۇ» دەپ قارايتتى.

[8] كەۋسەرىي ھەزرەت ئۆزىنىڭ ئەستايىدىللىقى ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن ئۇلۇغۋار ئىشلار يولىدا مېڭىپ، ئاخىرى (1919 – يىلى 15 – ئاۋغۇست) «شەيخۇلئىسلام ۋەكىلى» بولۇپ تەيىنلەندى. ئۇ مەنسىپىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندايدىغانلاردىن بولۇپ، قانچىلىك مەرتىۋىلىك ۋە كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىرەر دۆلەتمەننى رازى قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ھېچبىر مەنپەئەتىگە قارا سانىمىدى. ھەتتا بۇ يولدا مەنسىپىدىن ئېلىنىشىغا پىسەنت قىلمىدى. چۈنكى، ھەق يولدا مەنسەپتىن ئايرىلىش باتىلغا بويسۇنۇشتىن ياخشىدۇر.

[9] شەيخ كەۋسەرىي (سۇلتان مۇستافا III تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان بىر مەدرەسەنىڭ باش ۋەزىر ئەھمەد تەۋفىق پاشا باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت تەرىپىدىن ئۆرۈلۈشىگە دەرس ۋەكىلى سۈپىتى بىلەن قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن بىر مەزگىلدىن كېيىن) شەيخۇلئىسلام ۋەكىللىكىدىن ئېلىنغان بولسىمۇ، مەجلىس ئەزالىقى ساقلاپ قېلىندى. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىدىن ئېلىنىپ، ئاددىي ئەزالىققا چۈشۈپ قېلىشىنى ــ مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار بىر سەۋەب يۈزىسىدىن بولغاچقا ــ نەزەر پىسەنتىگە ئالمىدى. بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۈستۈن روھتۇر. بۇنداق روھىي ئۈستۈنلۈك كىشىنى باشلىق ياكى ئاددىي ئەزا بولۇپ ئىشلەشتىن توسالمايدۇ. چۈنكى، ئىززەت دېگەن ھەقتىنلا ئېلىنىدۇ ۋە ھەقتائالا بۇ ئىززەتكە بەرىكەت بېرىدۇ.

[10] لېكىن، تەقۋادار، غۇرۇرلۇق ۋە ئىپپەتلىك بۇ ئالىم ئەڭ قاتتىق ئىمتىھانغا دۇچار بولماقتا ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ ئەزىز دىيارى، يەنى ئىسلامنىڭ ئەڭ كاتتا دىيارى، ئىسلامنىڭ ئىززەت تۈگۈنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈمىد مەنبەسى بولمىش ۋەتىنى دىنسىزلىق چاڭگىلىغا چۈشۈپ، دىنى ئىسلامنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى خاھلىمايدىغان ئادەملەر تەرىپىدىن تىزگىن ئاستىغا ئېلىنغان، دىننى ياقىلىغۇچى گويا چوغنى تۇتقۇچىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. نەتىجىدە، ئالىم ئۆزىنىڭ رەنج – مۇشەققەت ئوقىنىڭ ئۆزىگە بەتلەنگەنلىكىنى، ئەگەر ئۆزىنى ئېلىپ قاچمىسا، ئىلىم – ئىرفان ۋە تەلىم – تەربىيەدىن مەﻧﺌ قىلىنىپ، قاراڭغۇ تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

شۇ چاغدا ئىمام ئۆزىنىڭ مۇنداق ئۈچ ئىشنىڭ ئارىسىدا قالغانلىقىنى ھېس قىلدى: بىرىنچىسى، يا زەنجىر – كىشەنگە مەھكۇم ھالدا ئىلمى بىلەن قاراڭغۇ زىندانلاردا چىرىپ تۈگەش. بۇ ھەقىقەتەن ئاقارتىشقا ھېرىسمەن، دىن كانلىرىنى قېزىپ، ئۇنى كىشىلەرگە ئۆگىتىشكە ئادەتلەنگەن بىر ئالىم ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر ئىش؛ ئىككىنچىسى، ئەمەلدارلارغا خۇشامەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەش. شۇندىلا ئازار – كۈلپەتلەردىن، بەلكى بوينىغا تەڭلەنگەن قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن؛ ئۈچىنچىسى، ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى بولغاندىكىن باشقا دىيارلارغا ھىجرەت قىلىش. ھەقىقەتەن بۇ چاغدا ھەركىمنىڭ يادىغا ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿أَلَمْ تَكُنْ أَرْضُ اللَّهِ وَاسِعَةً فَتُهَاجِرُوا فِيهَا (ھىجرەت قىلساڭلار ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟)﴾(4/«نىساﺋ»: 97) دېگەن سۆزى يېتىدۇ.

[11] شۇنىڭ بىلەن ئۇ (1922 – يىلى ئەۋۋەلا) مىسىر ئىسكەندەرىيەگە ھىجرەت قىلدى، ئاندىن (بېيرۇت ئۈستىدىن 1923 – يىلى) شامغا يۆتكەلدى، ئاندىن (1926 – يىلى) قاھىرەگە يېنىپ كەلدى، (1928 – يىلى ئىلمىي ساياھەت بىلەن) ئىككىنچى قېتىم دىمەشقكە باردى، (ئۇ يەردە مۇۋاپىق مۇھىت تاپالماي) ئاخىرىدا (ياندۇرقى يىلى) قاھىرەگە قايتىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. ئۇ ھەم شام سەپەرلىرىدە، ھەم قاھىرەدىكى كۈنلىرىدە مىسالى بىر نۇر ئىدى. ئۇنىڭ تۇرالغۇسى بىر مەدرەسە ئىدىكى، مەكتەپ يۈزى كۆرگەنلا كىشى ئەمەس، ھەقىقىي ئىلىم شەيدالىرىمۇ ئۇنى پاناھ تارتىپ كېلەتتى – دە، بۇ مەدرەسەدىن ئىسلامىي ئىلىملەر تازا روناق تاپقان، ئالىملارنىڭ كۆڭۈللىرى ئىسلام بىلەن ئاۋات بولغان زامانلاردا يېزىلغان مەرىپەت بۇلاقلىرى بولمىش كىتابلارنى ئۇچرىتاتتى. ئىمام كەۋسەرىي ئاشۇ تالىبۇلئىلىملەرنىڭ سۈزۈك ئەقىللىرىنى ئۇشبۇ مەرىپەت بۇلاقلىرىدىن قېنىپ ئىچىشى ئۈچۈن شۇ تەرەپكە باشلاپ قوياتتى. ئۇلار قىينالغان يەرلەرنى ئىنچىكە چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مول ئىلمى ۋە پىكىر سەمەرىلىرىنى ئوتتۇرىغا تۆكەتتى.

[12] مەنكىم بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە جانابى شەيخ بىلەن پەقەت ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن ئىككى يىل بۇرۇنلا يۈزمۇيۈز ئۇچرىشىشقا مۇيەسسەر بولغان ئىدىم. ھالبۇكى مەنىۋىي ئۇچرىشىش ئۇندىن نەچچە يىل بۇرۇن بولغانىدى. چۈنكى، مەن خېلى بۇرۇنلا ئۇنىڭ يازمىلىرىنى، ئۇ نەشرگە تەييارلىغان قوليازمىلاردىكى ئىزاھلارنى، ئۆز ئالدىغا يازغان كىتابلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيتتىم. ھەقىقەتەن ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەنكى، مېنىڭ كۆڭلۈمدە بۇ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ يۇقىرى ئورنى بولغىنىدەك، ئۇنىڭ كۆڭلىدىمۇ مېنىڭ يۇقىرى ئورنۇم بار ئىكەن. مەن ئۇنىڭ «حسن التقاضي في سيرة الإمام أبي يوسف القاضي» دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ، ــ ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ــ ئۇنىڭ ئىمام ئەبۇ يۈسۈفكە نىسبەت بېرىلگەن ھىيلە شەرئىييە ھەققىدىكى مەزمۇندا مېنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ تەرىپلىگەنلىكىنى كۆردۈم(2). شۇنداق گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مەن نۇرغۇن ئەكابىر ۋە ئۆلىمالارنىڭ مەدھىيەسىنى ئاڭلىغان. لېكىن، شۇ ئۇلۇغ شەيخنىڭ مەدھىيەسىدىن ئىپتىخارلانغانچىلىك ھېچبىر مەدھىيەدىن ئىپتىخارلانمىغانىدىم. چۈنكى، ئۇنىڭ مەدھىيەسى چىن مەنادا لايىق كىشى تەرىپىدىن بېرىلگەن بىر «ئىلمىي ئوردېن» ئىدى.

ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ دەرگاھىغا يۈگۈردۈم، لېكىن ئۇنىڭ زاتى شەرىپىنى تونۇمايتتىم. «ئەتەبە مەيدانى»دا كېتىۋاتسام، توساتتىن ناھايىتى سالماق ۋە نۇر يۈزلۈك بىر زاتنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئاق چاچلىرى ھەق نۇرىدەك يالتىراپ تۇراتتى ۋە تۈركىي تون پەرىجە كىيىۋالغان ئىدى، سۈرىيەلىك تەلەبەلەر ئۇنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدىۋالغان ئىدى. شۇئان كۆڭلۈمدىن مەن ئىزدەۋاتقان شەيخنىڭ شۇ ئىكەنلىكى كەچتى. شەيخ شاگىرتلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان پۇرسەتتە، بىر تالىبدىن:

ــ بۇ شەيخ كىمدۇر؟ ــ دەپ سورىدىم، ئۇ:

ــ بۇ كىشى شەيخ كەۋسەرىي بولىدۇ، ــ دېدى. دەرھال شەيخ بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا سالام بەردىم ۋە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى تونۇشتۇردۇم. ئەسلىدە ئۇمۇ مەن بىلەن ئۇچرىشىشنى ئىستەيدىكەن ئەمەسمۇ! ئۇنى تونۇغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسلىدە يازغان كىتابلىرىدىنمۇ، ئېلان قىلغان تەتقىقاتلىرىدىنمۇ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەسلىدە مىسىردا ياتقان بىر كان ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم.

[13] كەمىنە بۇ يەردە ئەنە شۇ شەيخ ئىمامنىڭ تارىخىدىن ئازغىنە كىشىلەردىن باشقىسى بىلمەيدىغان بىر ئىشنى ئىزھار قىلماقچىمەن، بۇنىڭ ھەممەيلەن ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولۇشىنى، تالىبۇلئىلىملەرنىڭ ئۇنىڭ شېرىن بۇلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇنىڭ مول بۇلىقىدىن بەھر ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۆز ۋاقتىدا قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ شەرىئەت بۆلۈمى فاكۇلتېت مەجلىسىگە شەيخ مۇھەممەد زاھىد كەۋسەرىي مەزكۇر فاكۇلتېتنىڭ شەرىئەت ئىلمى ماگىستىر ئاسپىرانت ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەۋسىيە قىلىنغانىدى، مەجلىس ئۇنىڭ ئىسلام ئىلىملىرىدىكى ئىستىدادى ۋە زور ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىپ دەرھال خىزمەتكە تەكلىپ قىلدى.

شۇ چاغدا شەرىئەت بۆلۈمى مۇدىرىمىز بىلەن ئىككىمىز شەيخنىڭ ئالدىغا باردۇق. لېكىن، بىز ئويلىمىغان يەردىن شەيخ ئۆزىنىڭ ۋە ئايالىنىڭ ساقسىز ئىكەنلىكى ھەم كۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، شۇڭا تەكلىپىمىزنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆزۈر ئېيتتى. بىز تەكلىپىمىزدە قانچىلىك چىڭ تۇرۇۋالساق، ئۇمۇ ئۆزۈر ئېيتىپ شۇنچىلىك چىڭ تۇرۇۋالدى. ئاخىرىدا، ھېچقانداق نەتىجە چىقماي، ئۇنىڭدىن بىزنىڭ چوڭ ئۈمىدلەر بىلەن كەلگەن بۇ ئىلمىي ھەمكارلىق توغرىسىدا قايتا بىر ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۆتۈندۇق. كېيىنرەك مەن ئۆزۈم يالغۇز ئۇنى يوقلاپ باردىم، ئۈمىدلىرىمنى تەكرارلاپ قاتتىق تۇرۇۋالدىم. ئۇ بۇ قېتىم ماڭا ئوچۇقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «قاھىرە ئۇنىۋېرستېتى ھەقىقەتەن ئىلىم ماكانىدۇر، لېكىن مەن ئۇ يەردە پەقەت دەرسلىرىمنى ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن رەۋىشتە ئۆتەلەيدىغان بولسام، ئاندىن مۇدەررىسلىك قىلىشنى خاھلايمەن. ياشىنىپ قالغانلىقىم، ئايالىم ئىككىمىزنىڭ سالامەتلىكىمىزنىڭ ناچارلىقى ــ ھالبۇكى ئايالىم بۇ ھاياتتا يالغۇز ــ قاتارلىق ئىشلار مېنى بۇ ۋەزىپىنى مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك ئادا قىلىشىمغا ئىمكان بەرمەيدۇ».

[14] شۇنىڭ بىلەن شەيخنىڭ ھۇزۇرىدىن مۇنداق دېگەنچە چىقتىم: بۇ كىشى نېمىدېگەن ئۈستۈن روھلۇق زات! بۇ روھ ھەقىقەتەن كەۋسەرىيدىن باشقا كىشىدە تېپىلمايدۇ!

ئېغىر قاتتىقچىلىقلار بىلەن سىنىلىپ، شۇ سىناقلار ئۈستىدىن غالىب كەلگەن بۇ ئۇلۇغ ئەركەك دوستلىرىنى يوقىتىپ قويۇش بىلەن سىنالدى. ئۆزى قېلىپ بالىلىرىنى يوقىتىپ قويدى، ئۆلۈم ئۇنىڭ بالىلىرىنى بىر – بىرلەپ ئېلىپ كەتكەنىدى. ھەر يوقىتىشتا بىر ئەلەم، ھەر ئەلەمدە كۆپلىگەن يارا ۋە قايغۇ – ھەسرەت قالىدۇ. ئۇ ئىلىمنىڭ ياردىمىدە بۇلارغا سەۋر قىلالىدى، چۈنكى ئۇ دائىما ياقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇشبۇ سۆزىنى تەكرارلايتتى: ﴿فَصَبْرٌ جَمِيلٌ وَاللَّهُ الْمُسْتَعَانُ (چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، ئاللاھ مەدەتكاردۇر)﴾(12/«يۈسۈف»: 18). شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ياخشى ۋە يامان كۈندىكى، خاپىلىق ۋە دىشۋار تولا ھاياتىدىكى شېرىكى سەۋر قىلىشقا تىرىشاتتى – يۇ، زورغا سەۋر قىلاتتى. شەيخ ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرەتتى، يارىلىرىغا داۋا قىلاتتى. ھالبۇكى شەيخنىڭ ئۆزىمۇ بىر داۋاغا موھتاج ئىدى.

ئۇ ھەقىقەتەن سالىھلەر ۋە سىددىقلار كەبى سەۋر قىلغان، شۈكۈر قىلغان ۋە ھەمد ئېيتقان ھالدا رەببىنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلدى. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولغاي ۋە ئۇنى رازى قىلغاي!

 

مەنبە: «دار الكتب العلمية» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «العقيدة وعلم الكلام من أعمال الإمام محمد زاهد الكوثري» ناملىق كىتاب.

https://books.rafed.net/m/?type=c_fbook&b_id=4161&page=5

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد قاۋۇل (قاراخانىي)


1. مۇھەممەد زاھىد كەۋسەرىي (محمد زاهد الكوثري) 1879 – يىلى 16 – سېنتەبىر ئوسمانلى دۆلىتىگە قاراشلىق دۈزجە ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئاتىسى ھۈسەين ھىلمى ئەپەندى (1831 – 1929) كاۋكازىيىدە تۇغۇلغان. تېگى چەركەس، مۇددەرىس ئىدى.
2. ئىمام ئەلكەۋسەرىي مەزكۇر كىتابتا مۇئەييەن بىر مەسىلىنى «پەزىلەتلىك ئۇستاز، ئىجادكار يېتۈك ئالىم سەييىد مۇھەممەد ئەبۇ زەھرەنىڭ ئەتراپلىق چوڭقۇر تەتقىق قىلغانلىقى»نى، بۇنىڭ ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىدىكى ئادىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ھاشىيەدە مۇنداق دېگەن: «ئۇستاز مۇھەممەد ئەبۇ زەھرەنىڭ پايدىلىق ئەسەرلىرى بىلەن ئىلىمگە قوشقان تۆھپىلىرى نۇرغۇندۇر. شۇ جۈملىدىن ئۇنىڭ ‹ئەبۇ ھەنىفە›، ‹مالىك›، ‹شافىئىي› ۋە ‹ئىبنى ھەنبەل› (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ناملىق يىرىك ئەسەرلىرى باردۇر. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز ئالدىغا شۇ ئۇلۇغ ئىماملارنىڭ بىردىن تەرجىمىھالىدۇر. مۇئەللىف ئۇلارنىڭ ھاياتىنى، چوڭ – كىچىك ھەر ھالىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلغان. ھەربىر ئىمام ھەققىدىكى شامىل تەتقىقاتلىرىنىڭ يەكۈن – خۇلاسىلىرىنى ئاشۇ بىباھا كىتابلارغا پۈتكەن بولۇپ، بۇلار ئىماملار ھەققىدە ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ قەلبلىرىگە مەلھەم بولغۇسىدۇر. بۇ ھەقىقەتەن يېڭى بىر غەلبە، يېڭى بىر يۈزلىنىش بولۇپ، بۇ يېڭى بوغۇنلارنى ئىسلام ئىماملىرىنىڭ مەنىۋى مىراسلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۈندەيدۇ. مول – ھوسۇللۇق يازغۇچى بۇ ئارقىلىق پۈتمەس مەدھىيە – ئالقىشلارغا لايىق بولدى. ئاللاھ ئۇنى ئىلىمگە قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىغاي! مەن ئۇنىڭدا ھېچقانداق چاتاق يوق دەپ قارايمەن. ئاللاھ ئۇنىڭغا تەۋپىق ۋە ئىستىقامەتنى زىيادە قىلغاي!» ــ ت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ