بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

101 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئۇستاز! ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن! ئۇستاز! ئۆتكەن يىلى زاكات بېرىلگەن، ئەمما بۇ يىل يەنە شۇ پېتى تۇرغان ئالتۇنغىمۇ زاكات كېلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! ئەلبەتتە. ئۆتكەن يىلى زاكىتى بېرىلگەن ئالتۇنغا بۇ يىل يەنە قىرىقتىن بىرى (₄₀⅟) يەنى 2.5% بويىچە زاكات كېلىدۇ. چۈنكى، زاكات ئايرىش ئۈچۈن مالنىڭ ئاۋۇغان بولۇشى شەرتى ئەمەس، بەلكى ئاۋۇتسا ئاۋۇيدىغان، ئېھتىياجىدىن ئاشقان مال بولۇشى شەرتتۇر. شۇڭا، ئۇ ئالتۇن ئۆتكەن يىلدىكىدىن كېمىيىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ بىر يىل ئۆتسە يەنىلا زاكات كېلىدۇ.

102 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، زەنجىرسىمان سېتىش شىركەتلىرىدە تىجارەت قىلىش، شاخلىتىپ سېتىش ھارام ئىكەن، ئۇنداقتا بۇنداق شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىپ تىجارەت قىلىش مەقسىتىدە ئەمەس، كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنىش ئۈچۈن سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەزا بولۇش ئۈچۈن مەھسۇلات سېتىۋالماي ياكى بەدەل تۆلىمەي ۋەياكى بۇنىڭدىن باشقا گىچماچ سودا ئۇسۇلى بولمىسا مەھسۇلاتنى ئېلىپ ئىشلىتىشنىڭ ئۆزىدە مەسىلە يوق. ئەمما، ئۇنى سېتىۋالغاندا چوقۇم ئۈستىدىكىلەرنىڭ ناتوغرا سودا قىلىشىقا ھەمكارلاشقان ۋە ئۇلارنىڭ ناتوغرا ئۇسۇلدا كىرىم قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن ۋە سەۋەب بولغان بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتساق، بۇ مەھسۇلانلار ئۈنۈمى ۋە سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولسىمۇ لېكىن، دوختۇرغا بېرىپ داۋالىنىپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن دورا ئىستىمال قىلىش ۋە غىزالىنىش ئەڭ توغرىسىدۇر.

103 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت، ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن! مېنىڭ سوئالىم خىتتاي ماللىرىنى ئېلىپ – سېتىش ۋە شۇنداق سودىنى قىلىدىغان ئۇيغۇر سودىگەرلەر ھەققىدە ئىدى.

1) ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تاجاۋۇزچى خىتتايدىن مال ئەكىلىپ سېتىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ شۇنداق ماللارنى سېتىۋېلىشنىڭچۇ؟

2) بىز شەخسەن خىتتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش يولىنى تۇتۇپ، ئامالنىڭ بارىچە ئالماسلىققا تىرىشىمىز. قىممەترەك بولسىمۇ خىتتايدىن باشقىسى ئىشلەپچىقارغاننى ئىزدەپ يۈرۈپ سېتىۋالىمىز. لېكىن، بەزىدە «ئاز بولسىمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سودىسىنى قوللايلى» دەپ، ئاتايىن ئۇيغۇر دۇككانلىرىدىن ياكى پارچە تىجارەت قىلىدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدىن مال سېتىۋالساق، ئاساسەن خىتتاي مېلى چىقىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بۇ كىشىلەر بىلەن سودا ئالاقىنى ئۈزۈش كېرەكمۇ ياكى قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك، بىرەر شەخس مۇنداقلا ھۆكۈم چىقىرىدىغان مەسىلە ئەمەس. بەلكى نەزەرىيە جەھەتتىن ھەر ساھە مۇتەخەسسىس ئالىملار يىغىلىپ مۇزاكىرىلىشىپ، ئەتراپلىق ئويلىشىپ قارار چىقارسا مۇناسىپ. ئەلبەتتە خىتتاي مېلىنى بايقۇت قىلىش ۋاجىب. شۇڭا، خىتتاي مېلىنى ئېلىپ – ساتماسلىق، تىجارەت قىلىۋاتقانلار باشقا تىجارەت يولىنى ئىزدىشى، تاپقان ھامان بۇ خىل تىجارەتنى تاشلىشى كېرەك. دەرھال تاشلىيالايدىغانلار دەرھال تاشلىشى كېرەك. مال زاكاز قىلىدىغان ئىستېمالچىلارمۇ ئالاھىدە زۆرۈر بولمىغان ماللارنى زاكاز قىلماسلىقى ۋە سېتىۋالماسلىقى كېرەك. تۈرلۈك ساھەلەردىكى زۆرۈرىيەت دائىرىسى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپ چىقارغان ماللىرىمۇ ئاساسەن خىتتاينىڭ خام ياكى دەسلەپكى ماتىرىياللىرىغا تايىنىدۇ. تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىمۇ خىتتاي مېلىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. يەنە نۇرغۇن زاۋۇتلار خىتتاي مېلىنى ئالمىسا پۈتۈنلەي توختاپ كېتىشى مۇمكىن… شۇڭا، خىتتاي مېلىدىن مۇمكىن قەدەر يىراق تۇرىشىمىز ۋە تىجارەتچىلەرمۇ ئامال بار باشقا تىجارەت يولى تېپىشى كېرەك، ئەمما تۈپتىن ھەل قىلىش چارىسى تاپماي تۇرۇپ، بايقۇت قىلىش تەسكە توختىشى مۇمكىن. شۇڭا، كىشىلەر بىلەن بۇ سەۋەبتىن ئالاقىنى ئۈزۈش توغرا بولمايدۇ.

104 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىر قېرىندىشىم كرېدىت كارد ئىشلىتىپ قەرزگە كىرىپ قالدى. ئۇنىڭ قەرزنى تۆلىگۈدەك ئىمكانىيىتى يوق. ئۇنىڭ قەرزى ئۈچۈن بۇ يىللىق زاكىتىمنى بەرسەم بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ قېرىندىشىڭىز پۇشايمان قىلغان ۋە بۇندىن كېيىن قايتا جازانە قىلماسلىققا بەل باغلاپ تەۋبە قىلغان شەرت ئاستىدا، ئەگەر بۇ قەرزلەرنى تۆلەش ئىمكانىيىتى بولمىسا، زاكىتىڭىزنى بۇ قەرزنى تۆلەش ئۈچۈن قېرىندىشىڭىزغا بەرسىڭىز بولىدۇ. تەۋبە قىلمىغان بولسا، بەرسىڭىز بولمايدۇ.

105 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ھەيزدار پاك بولىدىغان كۈنى سوھۇر ۋاقتىدا ئۆزىدىن ئازراق ھەيز كەلگەنلىكى ئۈچۈن، چۈشتىن كېيىن پاكلىنىپ يۇيۇنغان بولسىمۇ، ئۇ كۈندىكى روزىغا نىيەت قىلمىغان، ئۇنداقتا بۇ ئايالنىڭ بۇ كۈنلۈك روزىسى قانداق بولىدۇ؟ قازاسىنى قىلامدۇ ياكى پاكلانغاندىن كېيىن بىرنەرسە يېمەسلىكى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بامداتتىن بۇرۇن ساقايغان بولسا، روزا تۇتۇشى كېرەك. بامداتتىن كېيىن ساقايسا، روزا تۇتسا گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئايال بامدات ۋاقتىدا ھەيزدار. دېمەك، روزا ھېساب ئەمەس. قازاسىنى تۇتىدۇ. لېكىن، ھەنەفىي مەزھەبتە ئۇ ئايال رامازان ھۆرمىتى ئۈچۈن كۈندۈزى بىرنەرسە يېمەيدۇ.

106 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۆزلىرىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن! ئۇستاز مەن تۈركىيەدە كۇريەچىلىك قىلىپ (موتو ھەيدەپ) ئىشلەپ ئائىلەمنىڭ خىراجىتىنى تاپىمەن. مەن بىر ئاشخانىغا باغلىق ئەمەس، قايسى ماركىتلاردىن ياكى ئاشخانىلاردىن تەلەپ كەلسە، خېرىدارلاغا ئاپىرىپ بىرىمەن. رامازان ئېيىدا كۆپىنچە ماركىتلاردىن نەرسىلەرنى باشقىلارغا ئاپىرىپ بېرىمەن. بەزىدە تاماقخانىلاردىن ئاپىرىش ئۇدۇل كېلىپ قالىدىكەن، مۇنداق ئىشلەش توغرىمۇ؟ ياكى ئىشلىمەي، باشقىلار بەرگەن سەدىقە – زاكاتلارنى يەپ يېتىش توغرىمۇ؟ زاكات – سەدىقە دېگەننى ئىشى يوق، تېنى ئاجىز ئادەملەرگە دۇرۇس دەپ، زاكات – سەدىقە ئالماي كەلگەنىدىم. مۇشۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب بەرگەن بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. كۈندۈزى ماركىتلاردىن نەرسىلەرنى ئاپىرىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ئەمما، كۈندۈزى تاماق توشۇماي، كەچتە توشۇشنى تاللاش كېرەك. ئىشلىمەي، يەپ يېتىش توغرا ئەمەس ھەم بۇ ئىشتىن باشقا ئىش يوقمۇ ئەمەس.

107 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قىزىم ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكىلى 5 يىلغا يېقىن بولۇپ قالدى. بىر ئوغلى بار ئىدى، ئۇ نەۋرەم مەن بىلەن تۇرىدۇ. بەزىدە نەۋرەم دادىسى بىلەن ۋىدىيولۇق كۆرۈشكەندە، مەن ئۆيدىكى كىيىملىرىم بىلەن بولغاچقا، تۇيۇقسىز يالاڭ باش ھالەتتە كۆرۈنۈپ قالىدىكەنمەن، يەنى نەۋرەم كۆرسىتىپ سالىدىكەن. بەزىلەر: «ئۇ بالا بىلەن ساڭا نىكاھ چۈشمەيدۇ، شۇڭا ھېچنىمە بولمايدۇ» دەيدۇ، بۇ راستمۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن، ئۇستاز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كۈيئوغۇل قېيىنئانىغا مەھرەمدۇر. چۈنكى، قېيىنئانا كۈيئوغۇلغا نىسبەتەن نىكاھلىنىش مەڭگۈ ھارام بولغان ئاياللار قاتارىدىن. شۇڭا، سابىق كۈيئوغۇل قېيىنئانىسى بىلەن سەپەر قىلسا ۋە خالىي بىر يەردە ئولتۇرسا بولىدۇ. كىيىنىشتىمۇ كۈيئوغۇل ئالدىدا ئۆز ئوغلىدەك كىيىنسە بولىدۇ.

108 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! تەراۋىھ نامىزى ھەققىدە بىر سوئال سورىماقچىمەن، كىچىك بالام بولغانلىقتىن تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇۋاتقان ئىدىم، شۇڭا تەراۋىھ نامىزىنىڭ 12 رەكئەتىنى ئوقۇپ، قالغىنىنى بالامنى ئۇخلىتىپ بولۇپ ئوقۇساممۇ بولامدۇ ياكى بىر قېتىمدا ئوقۇپ بولۇش كېرەكمۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. خاھلىغانچە بىر قېتىمدا ياكى بىرقانچىگە بۆلۈپ تاڭ ئاتقۇچە ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.

109 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى سالامەت تۇراملا؟ ھازىر تۈركىيەدە ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسلىرىنىڭ باھاسى خېلى قىممەت بولۇپ كەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئىستانبۇلدا ياشايدىغان نۇرغۇن قېرىنداشلار باشقا شەھەرلەردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېتىبار باھالىق ئاممىۋى قاتناش كارتىسىنى ئارىيەت ئېلىپ قوللىنىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىكەن، بۇنداق قىلىش شەرئەن دۇرۇس بولامدۇ؟ ئەگەر دۇرۇس بولمىسا، كارتىنى قوللانغۇچى ۋە كارتا بىلەن تەمىنلىگۈچى يەنى كارتىنىڭ ئەسلى ئىگىسى ۋە ئارىيەت ئالغۇچى ھەر ئىككى تەرەپ گۇناھكار بولامدۇ ياكى كارتا بىلەن تەمىنلىگۈچىلا گۇناھكار بولامدۇ؟ مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلىۋاتقان بارلىق خىزمەتلىرىگە ئاللاھ ھەسسىلەپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن، ئىنشائاللاھ. ئاللاھ مەرھۇم ئانىلىرىنىڭ قەبرىسىنى جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچا قىلىپ بەرسۇن. ھەشىر مەيدانىدا نامەئى ئەئمال دەپتىرى (ھايات ۋاقتىدا قىلغان ياخشى – يامان ئەمەللەر يېزىلغان دەپتەر) نى ئوڭ تەرەپتىن ئالغىلى نەسىب قىلسۇن، ئىنشائاللاھ.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ گۇناھكار بولىدۇ. ھەم بۇنىڭ سەلبىي تەسىرىمۇ بولىدۇ. پەقەت كارتىسى يوق ئوقۇغۇچىلارلا ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىپ تۇرسا مەيلى دېيىش مۇمكىن. چۈنكى، ئۇمۇ ئوقۇغۇچى بولغاندىكىن.

110 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سوئاللىرىم:

1) تەراۋىھ نامىزىدا جامائەت مەسجىدكە سىغمىغانلىقتىن سەپلەرنى جىنازا نامىزى ئوقۇغاندەك يېقىن قىلىپ، ئالدىدىكى كىشىنىڭ دۈمبىسىگە سەجدە قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

2) خۇپتەننىڭ ئەزانىنى ئاڭلاپ مەسجىدكە ماڭغان كىشى كىيىملىرىنىڭ تەر پۇراپ كەتكەنلىكىنى سەزسە، جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ 27 ھەسسە ساۋابىنى كۆزلەپ ئالدىراپ مېڭىشى كېرەكمۇ ياكى قايتىپ يۇيۇنۇپ، پاكىز كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، تەراۋىھتىن 4 – 5 رەكئەت ئوقۇلۇپ بولغاندا كەلسىمۇ، شۇ ساۋابقا ئېرىشەلەمدۇ؟

3) نامازغا كېچىكىپ كەلگەن داموللامنىڭ چاقىرىلىپ 20 – 30 سەپنى يېرىپ ئۆتۈپ بىرىنچى سەپكە كېلىشىنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ ياكى داموللام ئاتالغانلىكى كىشىنىڭ ئالدىنقى سەپتە تۇرۇشى سۈننەتمۇ؟ بىز ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇپ قالساق، بىزگە گۇناھ بولامدۇ؟

 4) ئۇيغۇر مەسجىدى تۈركلەرنىڭكىدىن خېلى كەڭرى بولسىمۇ، بىز رامازاندا بەك تەقۋا بولغاچقا، جامائەت سەپنى يېقىن قىلىپ ناماز ئوقۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز، بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇششاق بالىلارنى نامازنى ئۆگەنسۇن، جامائەتنى كۆرسۇن، مەسجىدتە ئوينىسۇن … دەپ بىللە ئېلىپ كېلىپ تېخىمۇ قىستاڭچىلىق تۇغدۇرۇش ياخشىمۇ ياكى ئانىلىرى بىلەن ئۆيدە قالغىنى ياخشىمۇ؟

5) تون، سەللە كىيىش ئۇستازلارغىلا خاس سۈننەتمۇ؟ 1000 ئادەم نامازغا كەلسە، ئاران 20 – 30 «ئەھلى ئىلىم»لام شۇنداق كىيىنىدىكەن، مەنمۇ كىيەي دېسەم ئىلىمىم يوق بولغاچ، «ئالدىنقى سەپكە ئۆتكۈزۈلۈپ قالماي» دەپ كىيمىدىم. نادان ئادەم تون، سەللە كىيىۋالسا جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) جائىز. 2) قايتىپ يۇيۇنۇپ كېلىدۇ. 3) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹تۈز تۇرۇڭلار، قىڭغىر تۇرماڭلار. سېپىڭلار تۈز بولمىسا، قەلبىڭلاردا بىرلىك بولمايدۇ. ئاراڭلاردىكى ئىلىملىك ۋە ئەقىللىق كىشىلەر ماڭا يېقىن تۇرسۇن، ئاندىن كېيىن ئۇلاردىن تۆۋەنلەر، ئاندىن كېيىن ئۇلاردىن تۆۋەنلەر تۇرسۇن› دەيتتى»(«مۇسلىم»، 432). مەزكۇر ھەدىسكە ئاساسەن ھازىر بولغان جامائەت سەپ تۈزگەندە، ئىمامنىڭ ئارقىدا ئىلىم ئەھلى تۇرۇشى كېرەك. ئارقىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە باشقىلار تۇرسا بولىدۇ. ئەمما، كېچىكىپ كەلگەنلەر باشقىلارنى سۈرۈۋېتىپ ئالدى سەپكە چىقىۋالسا بولمايدۇ. ئالدى سەپتىكى كىشىنىڭ ئورنىنى باشقىلارغا بېرىش – بەرمەسلىكىمۇ قاراش ئوخشاش بولمىغان مەسىلە. 4) چوقۇم قىستىلىپ ئوقۇش كېرەك ئەمەس، بالىلارنى ئېلىپ باشقا جامەلەردە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. ھەممىسى ئاللاھنىڭ بەيتلىرى. 5) شەرئىي جەھەتتىن «سەللە سۈننەت ياكى مۇستەھەب» دېگەن قاراش بار. بۇ ھەممىگە ئوخشاش. ئەمما، بىلىشىمچە، خەلقىمىزنىڭ ئادىتىدە ئەھلى ئىلىم ياكى مويسىپىتلار كىيىدۇ. تون ھەممىگە ئومۇمىي مىللىي كىيىمىمىز بولۇپ، «ئەھلى ئىلىم بولمىغانلار كىيسە بولمايدۇ» دەيدىغان گەپ يوق. پەقەتلا ئادەت تۈپەيلى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتۇش مۇناسىپ.

 111 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەن مەلۇم بىر دەرنەككە ئىشقا چۈشكەنىدىم، دەرنەك مەسجىدكە يىراق ئەمەس، بىزنىڭ ئىش ۋاقتىمىز ئۇزۇن، مائاشىمىز ئەسغەرى ئۈجرەت (دۆلەت بېكىتكەن ئەڭ تۆۋەن ئايلىق مائاش) تىنمۇ ئاز، ئەمما «مەزلۇملار ئۈچۈن خىزمەت قىلغاچقا، ساۋابى مائاشتىنمۇ ياخشى» دەپ ئىشلەۋاتىمەن. بەزىدە بىزگىمۇ دەرنەكتە بولغاچقا، باشقا پايدىلارمۇ يېتىپ تۇرىدىكەن. سوئالىم: ئەزان چىققاندا مەسجىدكە بېرىش ئۈچۈن باشلىقىمدىن سورىشىم كېرەكمۇ؟ ياكى پەرز ئىبادەت بولغاندىكىن، پەقەت ناماز ئوقۇۋېلىپلا تېز قايتىپ كېلىۋەرسەم بولامدۇ؟ ئەگەر سورىسام «ماقۇل» دېسە، نامازدىن سالام بېرىپلا قايتىشىم كېرەكمۇ ياكى زىكىر – تەسبىھلەرنى قىلىپ، دۇئادىن كېيىن جامائەت بىلەن تەڭ قايتسام ياخشىراقمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. نامازلارنى مەسجىدتە ئوقۇپ كېلىشىڭىزنى باشلىقنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇپ، مەسجىدكە بېرىپ ناماز ئوقۇۋېلىپلا تېز قايتىپ، تەسبىھلەرنى يولدا قايتقاچ ئېيتىۋالسىڭىز مۇناسىپ.

112 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مۇشۇ قىلغان خىزمەتلىرىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن.

1)   سوئالىم: مېنىڭ شەخسەن ئۆزۈمنىڭ 20 مىڭ دوللىرىم بار ئىدى، يولدىشىم تۈركىيەگە كېلىپ، «تىجارەت قىلدىم» دەپ ئىقتىسادىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، يېنىدا پۇل قالماي مېنىڭ يېنىمدىكى 20 مىڭ دوللارنى دەسمايە قىلىپ پۇل تاپماقچى بولۇپ، مەندىن قەرز سۈپىتىدە ئېلىپ تۇرغان. ئۇ پولنى 3 – 4 ئاي ئىچىدە يوق قىلغان بۇلدى. بۇنىڭغا 5 يىل بۇلدى. بۇ بەش يىل جەريانىدا بۇ پۇل يېنىمدا بولمىغاچقا، زاكات ئايرىمىدىم. شۇنداق قىلغىنىم توغرىمۇ؟

2)   سوئالىم: مېنىڭ ۋەتەندىن تاقاپ كەلگەن، زاكات چۈشىدىغان ئالتۇنۇم بار. بۇنىڭغا زاكات ئايرىپ باشقىلارغا بېرىپ كەلدىم. يېنىمدا 40 مىڭ لىرا ئەتراپىدا تۈرك پۇلى بار، بۇنىڭغا زاكات ئايرىمدىم؟

3)   سوئالىم: يولدىشىم مۇقىم بىر ئىش قىلالمىغاچقا، گاھىدا ئۆيگە خىراجەت قىلىدىغانغا پۇلى يوق بولۇپ قالغاندا، باشقىلارغا قەرز بولۇپ قالغان يېرى باركەن. شۇڭا، مەن ئايرىلغان زاكىتىمنى يولدىشىمغا بەرسەم دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ ئۆزلىرىدىنمۇ رازى بولسۇن! 1) ئۇ پۇلغا زاكات ئايرىمايسىز. يولدىشىڭىز قاچان ئۇ قەرزنى قايتۇرۇپ بەرسە قايتۇرۇپ بەرگەن شۇ يىلىغا زاكات ئايرىپ ئۆتكەن يىللارغا ئايرىمايسىز. 2) ئەلبەتتە ئايرىيسىز. 3) ئايالى زاكىتىنى (كەمبەغەل) ئېرىگە بەرسە بولىدۇ، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالىنىڭ ئېرىگە سەدىقە بېرىش ھەققىدىكى سوئالىغا: « ئۇنىڭغا ئىككى ئەجىر بولىدۇ: بىرى سىلە – رەھىم قىلغانلىقنىڭ ئەجرى، يەنە بىرى سەدىقە قىلغانلىقنىڭ ئەجرى» دەپ جاۋاب بەرگەن( «بۇخارىي»، 1466).

113 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئىككى – ئۈچ سوئالىم بار ئىدى: 1) ھازىر ئەتراپىمىزدا دەرنەكلەردىن ئۇن، ياغ، گۈرۈچ دېگەندەك بىرنېمىلەرنى ئېلىپ، ئاپىرىپ ساتىدىغانلار بار ئىكەن، سېتىش شۇلارغا ھالالمۇ، ھاراممۇ؟ 2) كىچىك بالىلار لاتا قونچاق ئوينىسا بولامدۇ – بولمامدۇ؟ (توقۇلغان لاتا قونچاقلار كۆزى ئوچۇق ئەمەس، كۆز ئورنىغا بىر تال يىپ قىلىپ قويغان. بەزىلىرىنىڭ ئېغىزى يوق، بۇرنى بار؛ بەزىلىرىنىڭ بۇرنى يوق، ئېغىزى بار ھالەتتە)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) پېقىر بولۇپ ئاشلىق ياكى يېمەك سەدىقە ئالغان بولسا، ئالغۇچىنىڭ ئىختىيارى. شۇڭا، خاھلىسا يەيدۇ، خاھلىسا ساتىدۇ، خاھلىسا ھەدىيە قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۇنىڭ مۈلكىگە ئايلاندى. مۇھىم بولغىنى ئېھتىياجى بولمىسا ئالماسلىق كېرەك. 2) پۈتۈن ئەزالىرى ساق قونچاق بولسىمۇ بالىلارغا رۇخسەت، ئوينىسا بولىدۇ.

114 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكەتۇھۇ، ئۇستاز! بىر ئايالنىڭ يەنى ھىجاپلىق ئايال ئۈچۈن، ئۆيدە قېيىنئاتىسى ۋە بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇللىرى ئالدىدا باشتاق، كالتا كىيىملەر بىلەن تۇرۇشى توغرىمۇ؟ قېيىنئاتىمىزنىڭ ئالدىدا يالاڭباش ياكى قىسقا قول كىيىم كىيەلەمدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق بۇيرۇغان: ﴿مۇئمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن! ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن! زىننەتلىرىدىن سىرتتىن كۆرۈنگەندىن باشقىنى ئاشكارىلىمىسۇن! لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن! زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىنئاتىلىرىدىن؛ ئوغۇللىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن؛ ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن؛ دىنداش ئاياللاردىن، قول ئاستىدىكى چۆرىلىرىدىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن ۋەيا بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلاردىن باشقىلارغا كۆرسەتمىسۇن! يوشۇرغان زىننەتلىرىنىڭ بىلىنىشى ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن!﴾(24/«نۇر»: 31). مەزكۇر ئايەتكە ئاساسەن، ئاياللار قېيىنئاتىسىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرى ئالدىدا باشتاق، كالتا كىيىملەر بىلەن تۇرسا بولىدۇ. ئەمما، قېيىنئاتىسىنىڭ ئوغۇللىرى يەنى ئېرىنىڭ بىر تۇغقانلىرى ئالدىدا تولۇق كىيىم بىلەن تۇرىدۇ. پەرقى باشتىكىلەر ئايالغا مەڭگۈلۈك مەھرەملەر. كېيىنكىسى ۋاقىتلىق مەھرەملەر.

115 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، بىرقانچە يېتىم بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان بىر كىشى بار بولۇپ، بۇ كىشىگە باشقىلار «مۇشۇ يەردىكى يېتىم بالىلار يېسۇن» دەپ ئېھتىياجىدىن زىيادە گۆش بەرسە، بۇ كىشىنىڭ بالىلارنىڭ ئېھتىياجىدىن زىيادە بولغان قىسىمىنى باشقا ئېھتىياجلىقلارغا بېرىۋېتىشى جائىزمۇ؟ (تۈركىيە)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. جائىز ئەمەس.

116 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! 1) ئۆيدە چۈمۈلە كۆپ بولۇپ كېتىپ يېمەك – ئىچمەكلەر ئارىسىغا كىرىۋالسا، يوقىتىش ئۈچۈن دورا چاچساق بولامدۇ؟ يەنى چۈمۈلىنى ئۆلتۈرسە گۇناھ بولامدۇ؟ 2) ھازىر بازاردا، تورلاردا «پۇت، بەل ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ» دەپ چۈمۈلە مېيى ساتىدىكەن. چۈمۈلە مېيىنى چىقىرىش ئۈچۈن، چۈمۈلىنى ئۆلتۈرۈشى مۇمكىن. شۇ «چۈمۈلە مايلىرى»نى ئىشلەتسەك، بىزگە گۇناھ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) زۆرۈرىيەت بولغاچقا ئۆيدىكى چۈمۈلىنى ئۆلتۈرسە گۇناھ بولمايدۇ. 2) زۆرۈرىيەت بولۇپ قالسا، چۈمۈلە مېيى بىلەن داۋالىنىش جائىز. گۇناھ بولمايدۇ.

117 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكەتۇھۇ، ئاللاھ يولىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق ئۇستازلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن!

1) ئايال كىشىنىڭ ئەر كىشىگە سالام قىلىشى ۋە سالام قايتۇرۇشىنىڭ شەرئىي ھۆكمى نېمە؟ ئەگەر چەكلەنسە، قايسى خىل ئەھۋال ئاستىدا چەكلىنىدۇ؟

2) ئايال كىشى ئۆز ھاجىتى ۋە پەرزەنتىنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن سىرتقا (سودا ـ سېتىققا) چىقسا، پەزىلەتلىك بولۇشتىن مەھرۇم قالامدۇ؟

3) تۇل ئايال، يېتىم بالىلارنى ئازراق بولسىمۇ خۇشال قىلىش ئۈچۈن (يەنى بىر ئەر ئۆز ئايالى، پەرزەنتى بىلەن قوشۇپ ئەتراپىدىكى تۇل ئايال بالىلارنى) باغچىغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ قويۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ ئۆزلىرىدىنمۇ رازى بولسۇن! 1) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «سالامنى كەڭ قانات يايدۇرۇڭلار»(«بۇخارىي»، 5175) دېگەن ھەدىس شەرىفىگە ئاساسەن ئەرلەر ئاياللارغا، ئاياللار ئەرلەرگە يالغۇز ۋە جامائەت سالام قىلسا بولىدۇ. سالامنى ئىلىك ئېلىپ ئوبدانراق قايتۇرۇشمۇ ئايەتتە بۇيرۇلغان. بۇنىڭدا پەقەتلا كېيىنچە يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقماسلىققا دىققەت قىلىپ، ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتۇش لازىم. شۇڭا، ئالىملاردىن «ياش يىگىت ياش ئايالغا، ياش ئايال ياش يىگىتلەرگە سالام قىلمايدۇ» دەيدىغانلارمۇ، جامائەت ھالىتىدە بولسا ياكى يالغۇز ياشانغانلارغا رۇخسەت قىلىدىغانلارمۇ ۋە ئۇندىن باشقا چەكلىمە قويغانلارمۇ بار. سەلەفلىرىمىزدىنمۇ ھەرخىل بايانلار كەلگەن. شۇڭا، توغرىسى ھەركىشى ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش تۇتسا بولىدۇ. ئەمما، سالام قىلسا قايتۇرۇش لازىم. 2) مەھرۇم قالمايدۇ. 3) مۇستەھەب.

118 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇزۇندىن بېرى كاللامدا بىر سوئال بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام ۋە ئەھلى بالىلىرى نېمىشقا سەدىقە يېمەيدۇ، ئەمما ھەدىيە ئالىدۇ؟ (تۈركىيەدىن)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. جانابىي ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئىززەتلەپ، پاكلاپ، دەرىجىسىنى پۈتۈن خالايىقتىن ئۈستۈن قىلغان. يەنە ئۇ زاتنى دۇنياغا تەلمۈرۈشتەك بەزى ئىشلاردا ئومۇم خالايىققا ئوخشاپ قالمىسۇن دەپ، ئول زاتنىڭ پەيغەمبەرلىك ماقامىغا لايىق بەزى خاس ھۆكۈملەرنى بەرگەن. زاكات كىشىلەرنىڭ ئۆز مال – مۈلكلىرىنى تازىلاپ چىقىرىۋەتكەن كىرى بولغاچقا، زاكات ئېلىش ۋە زاكات يېيىشنىمۇ بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبىرىگە ۋە جەمەتىگە ھارام قىلغان. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە زاكات بېرىلمەيدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەي ھاشىم ئەۋلادلىرى! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە كىشىلەرنىڭ (پۇل – ماللىرىنىڭ) كىرلىرىنى ھارام قىلدى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرگە يىگىرمە بەشتىن بىرىنى بەردى» دېگەن. ھاشىم جەمەتى ــ ئابباس، ئەلى، ئەقىيل، جەئفەر ۋە ھارىس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىدۇر. بۇلارنىڭ نەسەبلىرى ئابدۇمەنافنىڭ ئوغلى ھاشىمغا تۇتىشىدىغان بولغاچقا «ھاشىم ئەۋلادلىرى» دەپ ئاتالغان.

119 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى سالامەت ئوبدان تۇرۇۋاتاملا؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن.

1)   Trendyol, Hepisiburada, n11, Amazon, Gittigidiyor غا ئوخشاش توردا سېتىش سۇپىلىرىدا مال سېتىش ئارقىلىق تىجارەت قىلساق بولامدۇ؟ ئۆزىمىز توربەت قۇرۇپ مال ساتساقچۇ؟

2)   ئىنستېگرام، يۇتۇب، فېيسبۇك قاتارلىق (كۆرۈلۈش سانى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە پۇل تېپىش كۆزنىكى ئېچىلىدىغان ۋەياكى ئېلان بېرىش ئارقىلىق كىرىم قىلىنىدىغان) ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە پۇل تاپساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! 1) جازانىگە، نائېنىقلىققا ۋە ئالداشقا ياتمايدىغان شەكىلدە توردا مال سېتىشقا بولىدۇ. تور سۇپىلىرىدا سېتىش ئۇسۇللىرى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا ئومۇمىيۈزلۈك بىر ھۆكۈم بېرىش توغرا بولمايدۇ. ئەمما، بەزى سېتىش ئۇسۇللىرىدا بەزىدە چەكلەنگەن ئىشلار ياكى ناتوغرا شەرتلەر بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، قولىدا يوق تاۋارنى دروبشىپپىڭ (Drop Shipping) قىلىپ سېتىش جائىز ئەمەس. شۇڭا، ھەركىم دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا كۆڭلى خاتىرجەم بولمىغان نۇقتىنى سوراپ ئايدىڭلاشتۇرۇۋالسا بولىدۇ. 2) بېرىلىدىغان ئېلانلارنى سۈزۈشتە خېلى كۈچىسىمۇ يەنىلا بىھايا ۋە ناتوغرا ئېلانلار چىقىپ قالىدىكەن. ئەگەر شۇنى تولۇق تىزگىنلىيەلىسە ۋە زىيانلىق ئېلان چىقمايدىغان قىلالىسا جائىزدۇر. مەن ئىككى يىل ئىلگىرى ئىزدىنىپ ئۇنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇندىن كېيىن ئۆزگەردىمۇ بىلمەيمەن.

120  – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دوكتور! مەن ئەمىن ئەۋىمگە ئۆيگە تىزىملاتقان، چەك تارتىشتا ئۆي چىققان، ئەمما ئۆي چىقىپ، ئۆي ئېلىپ بولغۇچە، ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كېتىپ ئۆي ئالالمىدىم. ھازىر ئەمدى «ماشىنا ئالغىن» دېدى. ماشىنا ئالاي دەپ تۇرغاندا سىلىنىڭ پەتىۋالىرىنى ئوقۇپ، ئىككىلىنىپ قالدىم. مەن ئەمىن ئەۋىمگە تىزىملاتقىلى ئىككى يىل بولدى، 170 مىڭ لىراغا تىزىملاتقان، مەندىن 13700 لىرا «مەشغۇلات ھەققى» ئالدى. بۇرۇن ھەر ئايدا 1400 لىرادىن تۆلەيتتىم، چەكتە ئۆي چىققاندىن كېيىن 2350 لىرا تۆلەۋاتىمەن. مەن مۇدىردىن سورىدىم، ئەمىن ئەۋىم مۇدىرى: «بۇرۇن بىزنىڭ بانكا بىلەن كېلىشىمىمىز بار ئىدى، لېكىن يېقىندىلا ھۆكۈمەتكە باغلاندۇق» دەيدۇ. يەنە بىر گەپ، مەن قانداق قىلاي؟ مەن ئىمزا قويساملا ماشىنا ئېلىپ بېرىدىغان يەرگە كەلدى. ئەمما، ھازىر يېنىۋالسام، «مەشغۇلات ھەققى»نى قايتۇرۇپ بەرمەيدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ كەمگىچە تۆلىگەن پۇللىرىمنى يىغىپ، ئالتە ئايدىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەن چېكىنىپ چىكىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى، بۇنداق ناتوغرا توختامدىن يېنىش ۋاجىب.

121 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئۆيدە كۈيئوغۇلنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغاندا، قېينىئانىسى كەينىدە تۇرۇپ لوقما سالسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قېيىنئانىغا كۈيئوغۇل مەھرەم بولغاچقا، قېيىنئانىسى ئۇنىڭغا لوقما سالسا بولىدۇ. نامەھرەم بار يەردە لوقما سالماي تەسبىھ ئېيتىدۇ.

122 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار كۆپ يىغىلىشقان بىر جايدا مېۋە ئېلىۋاتسام، يولدا ھەممە ئادەمگە «ئىفتارلىق ئېلىپ بەر» دەپ كەينىگە كىرىۋېلىپ بارغان بىر ئايال بار ئىكەن، يېنىمغا كېلىپ ماڭىمۇ دېگەنىدى، «ساختىپەزمۇ» دەپ بىلەلمىگەنلىكتىن، ھېچنېمە بەرمىدىم، لېكىن كۆڭلۈم بىرخىل بولۇپ قالدى. مۇشۇ ئەھۋالدا ماڭا گۇناھ بولغانمىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 17 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ.

123 – سوئال: بىتكۇۋين مەبلەغ سېلىش شىركىتىدە ئىشلىسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇ تىجارەتنىڭ كۆڭۈل خاتىرجەم بولىدىغان دەرىجىدە ھالال دېگەن پەتىۋاسى چىققۇچە ئىشلەشكە بولمايدۇ.

124 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مېنىڭ دادىسى ۋەتەندە قالغان بىر قىزىم بار، 14 ياشقا كىردى. مەن ھازىر باشقا ئەرگە نىكاھلاندىم، رامازاننىڭ فىترىسىنى شۇ قىزىمغا بەرسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قىزىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭكىنى بەرسىڭىز بولمايدۇ. يولدىشىڭىزنىڭكىنى بەرسىڭىز بولىدۇ.

125 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مېنىڭ ئىككى سوئالىم بار ئىدى: 1) ئېمىدىغان كىچىك بوۋاقنىڭ ئېمىپ بولۇپ ياندۇرىۋەتكەن قۇسۇقى يۇقۇپ قالغان كىيىمىمىزدە ناماز ئوقۇساق بولامدۇ؟ 2) قاچا – قۇچا ياكى كىر يۇيغاندا كىر سۈيى چاچراپ كەتكەن كىيىملەر بىلەنچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) ئىنساننىڭ بەدىنىدىن چىققان، چوقۇم تازىلىۋېتىشكە تېگىشلىك بولغان چوڭ – كىچىك تەرەت، قان، يىرىڭ ۋە قۇسۇققا ئوخشاش نىجاسەتلەر ئېغىر دەرىجىلىك نىجاسەت دەپ قارىلىدۇ. ئېمىۋاتقان بوۋاقنىڭ قۇسۇقىمۇ شۇنداق. چۈنكى، بوۋاقنىڭ قۇسۇقىمۇ ئاشقازاندىن قايتقان نەرسە. لېكىن، ھەنەفىي مەزھەبتە بوۋاقنىڭ قۇسۇقى كىيىم ياكى بەدەنگە چوڭ تەڭگە مىقدارىدىن ئارتۇق يۇقمىسا نامازغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. 2) قاچا – قۇچىدا نىجىس نەرسە بولمىسا، قاچا – قۇچا يۇيغاندىكى سۇ نىجىس ئەمەس. ئەگەر مەينەت كىيىم – كېچەكنىڭ كىر سۈيى بولسا كىيىم ياكى بەدەنگە چوڭ تەڭگە مىقدارىدىن ئارتۇق يۇقسا ئۇنى تازىلىۋەتمەي ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ. مەينەت ئەمەس (يەنى مەنىي ياكى سۈيدۈك ۋەياكى قاندەك ئېنىق نەجاسەت بولمىغان) كىيىم – كېچەكلەرنىڭ سۈيى قانچىلىك چاچراپ كەتسە نامازغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

126 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مېنىڭ شەھۋىتىم بەك كۈچلۈك، ئەمما يېتەرلىك پۇلۇم يوق، تۆت خوتۇنلۇق بولۇش ئۈچۈن زاكات، سەدىقە ئالسام بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. بىر ئايالنى ئېلىشقا قۇربى يەتمىگەنلەرگە زاكات پۇل بېرىپ ئۆيلىنىشكە ياردەم قىلىش جائىز. ئەمما، بىر ئايالى يېنىدا بار تۇرۇپ ئىككىنچى ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولغانلارغا زاكات بېرىشكە قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى، ئېھتىياج بىر ئايال بىلەن قامدىلىدۇ. «مېنىڭ شەھۋىتىم كۈچلۈك، بىرسى بىلەن قامدالمايدۇ» دېسىڭىز روزا تۇتۇپ تۇرۇڭ. باشقا ئۆيلىنەلمىگەن نۇرغۇن قىز – يىگىتلەر زاكاتقا سىزدىن لايىقراق.

127 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ھەرەمدە ئۆز يېنىدىن ئىقتىساد چىقىرىپ تۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق ئايال كىشى، جەمئىيەتتىن زاكات سەدىقە توپلاپ، شۇنىڭغا ئىقامەت ئېلىپ تۇرسا جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. جائىز ئەمەس. چۈنكى، باشقا دۆلەتتە تۇرسا بولىدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ ھەرەمدە تۇرۇشى كېرەك ئەمەس.

128 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ ياۋروپادا زاكات فىترى قانچە ياۋرو كېلىدىكەن؟ شۇ يەردىكى بەزىلىرى فىترلىرىنى بۇ يەردىكىلەرگە بېرىدۇ، بىر كىشىگە قانچە ياۋرو كېلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. ياۋروپادا گېرمانىيەدەك بەزى دۆلەتلەردە فىترنى 10 ياۋرو بېكىتكەن. يەنە بەزىلىرى ئۇنىڭدىن سەل پەرقلىق. مېنىڭچە، باشقا دۆلەتكە ئەۋەتمەكچى بولغانلار تۇرۇۋاتقان جاي بىلەن ئەۋەتمەكچى بولغان جاينىڭ قايسىسىدا باھا يۇقىرى بولسا، شۇ جاينىڭ باھاسى بويىچە بەرگىنى تۈزۈك. چۈنكى، باھا ئەرزان جايدا تۇرغان كىشى پۇلنى باھا قىممەت جايلارغا ئەۋەتسە، ئۇ پۇلغا پېقىرغا بەرمەكچى بولغان تاماق ياكى كىيىم – كېچەك كەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ جايدا شۇ پۇلغا شۇ نەرسە كېلىدىغان بولسا، ئەرزان باھا بويىچە ئەۋەتسە جائىز. مەسىلەن، بىر كىشى ياۋروپادا تۇرۇپ سەدىقە فىتر بەرمەكچى بولسا، ياۋروپادا بىر كىشىلىك سەدىقە فىتر ئون ياۋرو بولسا، تۈركىيەدە بەش ياۋروغا سەدىقە فىتر كېلىدىغان بولسا، ئون ياۋرو ئەۋەتىپ بەرسە ئەۋزەلنى قىلغان بولىدۇ. بەش ياۋرو ئەۋەتسىمۇ جائىز. ئەمما، تۈركىيەدە تۇرۇپ ياۋروپاغا بەش ياۋرو ئەۋەتسە جائىز بولمايدۇ، چۈنكى ياۋروپادا ئۇ باھادا تاماق بېرەلمەيدۇ.

129 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مېنىڭ ھىجرەت توغرىسىدا ئازراق سوئاللىرىم بار ئىدى. 1) ھازىر بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مۇھاجىر ھېساپلىنامدۇق؟ 2) ياۋروپاغا ھىجرەت قىلىش توغرىمۇ؟ 3) ئەگەر خىتتاي پاسپورتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تاللاشسىز ياۋروپاغا پاناھلىق تىلەپ كەلگەن بولساق، ياۋروپا پاسپورتىنى قولىمىزغا ئالغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلار كۆپ ئورتاقلاشقان بىرەر دۆلەتكە كەتكىنىمىز ئەۋزەلمۇ؟ ئاللاھ ۋاقىتلىرىغا بەرىكەت بەرسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) زۇلۇمدىن قېچىپ ھىجرەت نىيىتىدە چىققانلار ياكى باشقا سەۋەبتىن چىقىپ زۇلۇم سەۋەبىدىن تۇرۇپ قالغانلار نىيەتنى ھىجرەتكە ئۇدۇللىسا، مۇھاجىر بولىدۇ. چۈنكى، ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق. 2) بۇ ھەقتە ئايرىم پەتىۋا بار. مۇنۇ ئۇلىنىشتىن كۆرۈۋالغايسىز. https://sajiya.biz/?p=2237 3) ياۋروپا پاسپورتى ئالغاندىن كېيىن، خاھلىسا ياۋروپادا تۇرۇپ مۇسۇلمانلار سېپىنى كۈچەيتسە بولىدۇ، خاھلىسا باشقا دۆلەتكە كەتسىمۇ بولىدۇ. ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى.

130 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! bitcoin ئارقىلىق پۇل تېپىش ھالالمۇ؟ kaldıraç قىلماي، bitcoin دا پۇل تېپىش bitcoin نى ھالال قىلامدۇ؟ «پۈتۈن دۇنيا bitcoin غا مەجبۇر يۈزلىنىدۇ. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار bitcoin دا پۇل تېپىۋاتىدۇ» دېگەنلەرگە دىنىمىز قانداق قارايدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كېسىپ «ھالال ئەمەس» ياكى «ھارام» دېيەلمەيمىز. ئەمما، قىمار تۈسىنى ئالغان بىر تىجارەتلىكى ھەممىگە ئايان. ئەقەللىي تەقدىردە شۈبھىلىك دائىرىگە كىرىدۇ. كېلەچەكتە ئەھۋال ئۆزگىرىپ، كېيىنچە ئېنىق ھۆكۈم چىقىشىمۇ مۇمكىن. مەن ھازىرچە «قىلماي تۇرۇش كېرەك» دەپ تەۋسىيە قىلىمەن. قالدىراچ kaldıraç (LEVERAGE) ئېنىق جازانە. چۈنكى بۇ ئۆسۈملۈم قەرزدىن ئىبارەت. شۇڭا، ھەرقانداق نەرسىنى قالدىراچ قىلسا جازانە بولىدۇ.

131 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! يولدىشىم ئەسغەرى ئۈجرەت مائاش (دۆلەت بېكىتكەن ئەڭ تۆۋەن ئايلىق) ئالىدۇ. بۇ پۇلنى تېجەشلىك ئىشلىتىش ئارقىلىق بىر ئاينى چىقىرىمىز. لېكىن، بالىلارنىڭ ئوقۇشتىن سىرت ھەرخىل كۇرس ۋە كىتاب ئېھتىياجلىرىغا ئېشىنالمايمىز. سورىماقچى بولغىنىم: بىز زاكات، فىتر ۋە سەدىقە دېگەندەكلەرنى ئېلىپ، بالىلارنىڭ كۇرس ھەققىگە ۋە كىتاب سېتىۋېلىشقا ئىشلەتسەك توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قولۇڭلاردا يىغىلغان بەش مىڭ دوللاردىن ئارتۇق پۇل بولمىسا، زاكات، فىتر ۋە سەدىقە دېگەندەكلەرنى ئېلىپ، بالىلارنىڭ كۇرس ھەققىگە ۋە كىتاب سېتىۋېلىشقا ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.

132 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! يولدىشىم بامدات نامىزىدىن يېنىپ ئازراق ئۇخلىۋېلىپ، سائەت ئالتە يېرىم بىلەن ئىشقا ماڭىدۇ (ئۇخلىغاچقا تاھارىتى يوق). بۇ ھالەتتە خىزمەتداشلىرى كېلىپ ئىش باشلىغۇچە بولغان ۋاقىتتا قۇرئان ئوقۇۋالىدۇ. ۋاقىت قىسقا بولغانلىقتىن، تاھارەت ئالماي قۇرئان ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بولىدۇ.

133 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قىزلارنى قانچە ياشتىن تارتىپ ھىجابلىنىشقا بۇيرۇيمىز؟ قاچاندىن تارتىپ قىزلارغا ھىجاب پەرز بولىدۇ؟ ئوغۇللارغا قاچاندىن تارتىپ ناماز پەرز بولىدۇ؟ «ئېھتىلام بولغاندا پەرز بولىدۇ» دېيىش توغرىمۇ؟ ئەگەر توغرا بولسا، ئاتا – ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئېھتىلام بولغىنىنى بىلىش ئىمكانىمىز بولمايدۇ. نامازنىڭ پەرز بولغىنىنى يەنە قانداق فىزىئولوگىيىلىك ئالامەتلەر بىلەن بىلىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بالىلارنى يەتتە ياشتا نامازغا بۇيرۇشقا باشلايمىز. ئون ياشتا كۆندۈرىمىز. ھىجابمۇ شۇنداق. بۇ ئاتا – ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. لېكىن، ناماز بىلەن ھىجاب بالىلارغا بالاغەتكە يېتىش بىلەن پەرز بولىدۇ. بالاغەتكە يېتىش قىزنىڭ ھەيز كۆرۈشى ياكى 15 ياشقا كىرىشى ۋەياكى ئېھتىلام بولۇشى بىلەن مەلۇم بولىدۇ. ئوغۇلنىڭ ئېھتىلام بولۇشى ياكى 15 ياشقا كىرىشى بىلەن مەلۇم بولىدۇ. يەنە ئوغۇلنىڭ ئاۋازىنىڭ توم چىقىشى ۋە قىز – ئوغۇللارغا ئەۋرەت ۋە قولتۇق تۈكى ئۈنۈشتەك ئالامەتلەر بىلەن بولىدۇ.

134 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مېنىڭ سوئالىم شۇكى، بىر ئەر – خوتۇن ئۆيىدە جېدەللىشىپ قېلىپ، خوتۇنى ئېرىگە قېيداپ: «چىقىپ كەتسەم، قايتىپ كىرمەيمەن» دەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن بولسا، ئاندىن بىر – ئىككى سائەتتىن كېيىن ئاچچىقى يېنىپ، ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن بولسا، بۇنىڭ ھۆكمى نېمە بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئايالنىڭ سۆزى ۋە چىقىپ كېتىپ، قايتىپ كىرىشىنىڭ نىكاھقا تەسىرى يوق. ئەمما، ئۆيدىن چىقىپ كېتىشى ئەرنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىشقا ياتىدىغان گۇناھ قىلمىش.

135 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ مەن بىر سوئال سوراي دېگەنىدىم، مەن بەش بالىنىڭ ئانىسى. ۋەتەندە بالىلىرىم كەينى – كەينىدىن تۇغۇلۇپ، تۆتىنچى بالامغا كەلگەندە، ھەيز مەزگىلىمنى ساناپ 30 كۈن توشا – توشمايلا، يەنە ھامىلە ئىكەنلىكىمنى تەكشۈرتۈپ بىلدىم ۋە دورا يېيىش ئارقىلىق ھەيزنى ماڭدۇرۇۋېتىشنى ئويلاشتىم. چۈنكى، مەن بەزى ئالىملارنىڭ «40 كۈن توشماستىن ھامىلىنى چۈشۈرسە، ئۇ مەنىي ھالىتىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەزلە قىلغانغا ئوخشاش» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، شۇنداق قىلغانىدىم. لېكىن، «ئىبنى كەسىر»نىڭ تەكۋىر سۈرىسى تەپسىرىدە: «كىشىلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مەنىينى سىرتىغا تۆكۈۋېتىشنىڭ ھۆكمى ھەققىدە سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹بۇ ئىش بولسا يوشۇرۇن تىرىك بالا كۆمۈۋېتىشتۇر ۋە ›سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟‹ دەپ سورىلىدىغان تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدۇر› دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى ۋە يەنە بىر ھەدىستە: ‹تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن ›سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟‹ دەپ سورالغان چاغدا› دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، بىر ساھابە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ: ‹ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئىسلام كېلىشتىن بۇرۇن بىرنەچچە قىزىمنى كۆمۈۋەتكەن ئىدىم› دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئۇنداقتا، سەن ھەربىر قىزىڭ ئۈچۈن بىر قۇل ئازاد قىلغىن› دېگەن ۋە ئۇ كىشىنىڭ تۆگىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ: ‹ھەربىر قىزىڭ ئۈچۈن بىر تۆگە ئۆلتۈرگىن›» دېگەنلەرنى ئوقۇدۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن شۇ چاغدا قىلغان بۇ ئىشىم ئۈچۈن فىديە بېرىمەنمۇ؟ ئەگەر بېرىش توغرا كەلسە، قانچىلىك بېرىمەن؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تەپسىلىيرەك جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ سىزگە توغرىسىنى مۇيەسسەر قىلسۇن. بۇ ئىشنى قىلغانلىقىمنىڭ سەۋەبى بولسا ھەم ۋەتەندىكى پىلانلىق تۇغۇتنىڭ بېسىمى، ھەم بالىلىرىم بەك ئۇششاق بولغانلىقتىن، ياخشى تەربىيەلەپ بولالماي قېلىشتىن قورقۇشتۇر.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بالىنى چۈشۈرۈۋېتىش مەيلى قايسى باسقۇچتا بولسۇن، ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ بىرى. بۇنداق جىنايەت سادىر قىلغان ئەھۋالدا، بۇنىڭدىن ھەقىقىي تەۋبە قىلىپ، تەۋبىسى قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن، ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش ئارقىلىق كەففارەت بېرىش لازىم.

شۇنداقلا بالىنى چۈشۈرۈۋەتكەن جىنايەتكە قارىتا، بىر قاراشتا: «دىيەت تۆلەش لازىم». بالىنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ تۆلىمى بولسا، بەش تۆگە ياكى ئۇنىڭ قىممىتى بولۇپ، بالىنى چۈشۈرۈۋەتكەن كىشى بۇ پۇلنى بالىنىڭ مىراسخورلىرىغا تاپشۇرىدۇ. بالىنى ئانىسى ياكى ئاتىسى چۈشۈرگەن بولسا، بۇلار ئۇ پۇلنى بالىنىڭ ئۆزلىرىدىن باشقا مىراسخورلىرىغا تاپشۇرىدۇ. ئۆزلىرى ئۇنىڭدىن مىراس ئالالمايدۇ.

يەنە بىر قاراشتا: «دىيەت كەلمەيدۇ». شۇڭا، تەۋبە قىلىپ كۆپ سەدىقە قىلىپ، كېيىنكى مۇشۇ قاراش بويىچە دىيەت تۆلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

136 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەن 2 – ئاينىڭ 24 – كۈنى يەگڭىگەنىدىم. ئاخىرقى كۈنلەردە سېرىق ۋە تۇتۇق سۇيۇقلۇقتىن پاكلىنىشنى ساقلاپ، 40 كۈن توشۇپ كەتتى ۋە 41 – كۈنىدىن باشلاپ (يەنى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى) روزا تۇتۇپ، ناماز باشلىدىم. تۈنۈگۈن (يەنى 4 – ئاينىڭ 7 – كۈنى) پېشىندىن باشلاپ قايتىدىن ھەيز قېنىغا ئوخشاش توق رەڭلىك قان كېلىشكە باشلىدى. شۇنداق بولسىمۇ روزىنى بۇزمىدىم ۋە بۈگۈنمۇ روزا تۇتتۇم. تۇغۇتتىن بۇرۇنقى ئادەت كۈنلىرىممۇ ھەر ئاينىڭ 6 -، 7 – كۈنلىرىگە توغرا كېلەتتى. شۇڭا ھازىر مەن پاك ھالەتتە ھېسابلىنامدىم ياكى ھەيزدار ھالەتتىمۇ؟ (مەن ئىككى ئادەت ئارىلىقى ئەڭ ئاز 15 كۈن دەپ قاراپ، روزىنى داۋاملاشتۇرغانىدىم)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھەيزدار ھېسابلىنىسىز.

137 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، روزىدار ھالەتتە ئەتىرنىڭ پۇرىقى ئاغزىغا ياكى بۇرنىغا كىرىپ كەتسە، روزا بۇزۇلامدۇ؟ جاۋاب بەرگەن بولسىلا ئۇستاز! ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇزۇلمايدۇ.

138 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئۇستاز! ناماز ۋاقتى كىرىپ قالغاندا، قولىمىزدا بوۋىقىمىزنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇساق بولامدۇ؟ ياكى ياندا ياتقۇزۇپ قويغان بوۋىقىمىز ناماز ئارىلىقىدا يىغلاپ كەتكەندە، كۆتۈرۈۋېلىپ نامازنى داۋاملاشتۇرساق، نامازنى بۇزغان بولامدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئېھتىياج بولغاندا بوۋىقىمىزنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇساق بولىدۇ. رۇكۇ – سەجدىگە بارغاندا يەرگە قويىمىز. نامازغا تەسىر قىلمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەۋرىسى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان، رۇكۇ قىلىدىغاندا يەردە قويۇپ قويغان، رۇكۇدىن كېيىن يەنە كۆتۈرۈۋالغان(«بۇخارىي»، 516؛ «مۇسلىم»، 543).

139 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، رامازان ئېيىدا بېرىدىغان فىترنى رامازاندىن بۇرۇن شۇ نىيەتتە بەرسە توغرا بولامدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سەدىقە فىتر رامازان ئاخىرلاشقاندا ھېيت نامىزىغىچە بېرىلىدۇ. بۇنى جايىغا يەتكۈزۈشكە ۋاقىت كېتىدىغان بولسا، رامازاننىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى ياكى ھېچ بولمىغاندا رامازان ئىچىدە بەرسە، ئالىدىغانلارنىڭ قولىغا ھېيتقىچە تەگسە بولىدۇ. ئەمما، يىراققا ئەۋەتمەيدىغان بولسا، ھېيتتىن بىر – ئىككى كۈن بۇرۇن بېرىشى لازىم.

140 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاللاھ ھەممىڭلارنى سالامەت قىلسۇن.

«ئۆيدە سۈرەتلىك نەرسىلەرنى ساقلاشقا بولمايدۇ» دەپ بىلىمىز. لېكىن، بالىلارغا بەزىدە قونچاق ياكى ئويۇنچۇقنىڭ ئۈستىدە سۈرەت بار نەرسىلەر ئېلىنىپ قالىدىكەن. كىتابلاردا ھەم بار. چۈنكى، رەسىمسىز كىتابلار يوق دېيەرلىك.

سوئالىم: ناماز ئوقۇيدىغان ئۆيدە بۇنداق نەرسىلەر بولسا، ناماز دۇرۇس بولامدۇ؟ قونچاقلارنى بالكونغا ياكى باشقا ئۆيگە قويۇپ ئوقۇمدۇق؟ ناماز ئوقۇيدىغان ئۆيدە سۈرەتلىك كىتابلارنى باشقا يەردە قويۇش كېرەكمۇ ياكى كىتابنىڭ ئىچىدە بولغانلىقى ئۈچۈن بولىۋېرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن!

بالىلارنىڭ قونچاقلىرىغا ۋە ئويۇنچۇقنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەتكە رۇخسەت. رۇخسەت بولغانىكەن، ئۆيدە قويۇشقا بولىدۇ. رۇخسەت قىلىنغانىكەن، پەرىشتىلەرنىڭ كىرىشىگە توسالغۇ بولمايدۇ.

141 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! سالامەت تۇرۇپلىمۇ؟ ئاللاھ ئىككى دۇنيادا سالامەت قىلسۇن!

تۆۋەندىكى سوئاللىرىمنىڭ جاۋابىنى دەپ بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

1) ۋەتەندە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا «مەكتەپ گېزىتى» چىقىرىدىغان بىر ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى بار ئىدى. مەنمۇ شۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى ئىدىم. بەزى ماددىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، گۇرۇپپا ئەزالىرى ئورتاق پۇل چىقىرىپ مەبلەغ توپلايتتۇق. ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلى بىر قېتىم گۇرۇپپىنىڭ پائالىيىتى بولغاندا، ئەزالار تەڭ پۇل چىقىرىپ كېرەكلىك بۇيۇملارنى سېتىۋالغانىدۇق. شۇ پائالىيەتتە ئىشلەتكەن بىر تال چاي چەينىكى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن مەندە قالغانىدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندە، مەن ئۇنى گۇرۇپپا ئىشخانىسدا قويۇپ قويالماي، ئۆيۈمگە ئەكىتىپ قالغانىدىم. سەككىز يىل بولدى، ھازىرغىچە بۇ ئىشنى بىرتەرەپ قىلمىدىم. ئەمدى قانداق قىلسام بولار؟ دېمەك، سەككىز يىل ئىلگىرىكى بىر كوللېكتىپنىڭ چەينىكى مېنىڭ ۋەتەندىكى ئۆيۈمدە قالغان ئىدى.

2) چۈشكەن چاچ، ئالغان تىرناق دېگەنلەرنى ئەخلەتكە قوشۇپ تاشلىۋەتسەك بولىۋېرەمدۇ؟ ياكى شەرىئەتتە بىرەر كۆرسەتمە بارمۇ؟

3) ئاياللار ئۆيدە ھىجابلانمىغان ھالەتتە ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇغان بولسا، ئەگەر سەجدە ئايەتى ئۇچرىسا، ھىجابلىنىپ سەجدە قىلىشى كېرەكمۇ ياكى ناماز بولمىغاندىكىن، ھىجابلانمىغان ھالەتتە سەجدە قىلىۋەتسىمۇ بولامدۇ؟

4) بىر سەجدە ئايەتىنى بىر ئولتۇرۇشتا بىرقانچە قېتىم ئوقۇغان بولساق، بىر سەجدە قىلساقلا كۇپايىمۇ ياكى نەچچە قېتىم ئوقۇلسا، شۇنچە قېتىم سەجدە قىلىنامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! 1) بۇ سىز ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئورتاق نەرسە بولغاندىكىن ھەم ئۇ سىزدە ئامانەت سۈپىتىدە تۇرغاندىكىن ھېچ گەپ بولمايدۇ. 2) چۈشكەن ياكى چۈشۈرۈلگەن چاچ، ئالغان تىرناق دېگەنلەرنى ئەخلەتكە قوشۇپ تاشلىۋەتسەك بولىدۇ. كۆمۈۋېتىش ۋاجىب ئەمەس. 3) ناماز بولمىغاندىكىن ھىجابلانمىغان ھالەتتە سەجدە قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ. 4) بىر ئولتۇرۇشتا بىر ياكى بىرقانچە قېتىم ئوقۇسا ياكى ئاڭلىسا، ھەربىر سەجدىگە ئايرىم – ئايرىم سەجدە قىلسىمۇ، ھەممىگە بىراقلا بىر قېتىم سەجدە قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ. سەجدە قىلىشنى ئولتۇرۇشتىن قوپۇشىغىچە كېچىكتۈرسىمۇ مەيلى، لېكىن ۋاقتىدا قىلىش ئەۋزەل.

142 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز، ياخشىمۇ؟ مەن ئۆزۈم بالىلار كىيىمى دۇكىنى ئاچىمەن. ئەمما، قوشۇمچە ئاياللارغا ئائىت كىيىم، سومكا ياكى تۇرمۇشقا كېرەكلىك ھەرقانداق بىرنەرسىلەنى توپ سېتىش بازىرىغا بارغاندا، خېرىدارلار توپىغا يوللايمەن، «مۇنداق نەرسىلەر بار قېرىنداشلار! باھاسى مۇنداق، ئالىدىغانلار بولسا، ئالغاچ كېتىمەن» دەيمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇيرۇيدۇ ۋە ئېلىۋالىدۇ. مۇشۇ شەكىلدە خېرىدارلارمۇ ئالغان نەرسىلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. دېمەكچىمەنكى، مەسىلەن دۇكانغا ئەكەلمىگەن نەق بولمىغان ماللارنىڭ رەسىم ۋىدىيولىرىنى يوللاپ تۇرۇپ، خېرىدارلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئەكىلىپ بېرىش ئارقىلىق سودا قىلىشنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھقا شۈكۈر. سۈپەت ۋە ئۆلچەملىرىنى ئېنىق بايان قىلىپ، «مەندە مۇنداق مال بار» دېمەي، «بازاردا بار، ئالغاچ كېلىمەن ياكى ئېلىپ بېرىمەن» دېسىڭىز، توغرا بولىدۇ.

143 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئايال كىشىنىڭ ئاغرىيدىغان ۋاقتى كەلسە، بۈگۈنى ئاغرىپ قالغاندەك بولۇپ ناماز ئوقۇمىسا، ئاندىن ئەتىسى ھەيز كەلمىسە، ئالدىنقى كۈنى ئوقۇمىغان نامىزىنى قانداق ئوقۇيدۇ؟ ۋە ئەتىسى ناماز ئوقۇش ئۈچۈن يۇيۇنۇشى كېرەكمۇ ياكى تاھارەت ئېلىپلا ئوقۇمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھقا شۈكۈر. ئادەت ۋاقتى كېلىپ ھەيز كەلمىسە، نامازنى تەرك قىلماي ئوقۇيدۇ. ناماز ئوقۇمىغان بولسا، قازاسىنى ئوقۇشى كېرەك. ھەيز كەلمىگەندىكىن، يۇيۇنۇش ھاجەتسىز.

144 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئۇستاز! بىر بالىسى بار كىشى بۇرۇن رامازاندا زىنا قىلغان بولسا ۋە ئۇ گۇناھى قەدر كېچىسىگە توغرا كېلىپ قالغان بولسا، ئۇ گۇناھىنى قانداق يۇيىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھقا شۈكۈر. زىنا ھەر ۋاقىت ھارام قىلىنغان چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن. رامازاندا تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. بۇنداق بىر ئىشنى سادىر قىلىپ سالغان كىشى تەۋبە قىلىپ، ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلىشى، تائەت – ئىبادەت ۋە سەدىقىلەرنى كۆپ قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھىنى يۇيۇۋېتىدۇ. چۈنكى، رەببىمىز ئەپۇ قىلغۇچى، كەرەملىك زاتتۇر.

145 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سالامەت تۇرلىمۇ؟ ئۇستاز! ئىجارىگە بېرىش ئۈچۈن ئالغان ماشىنىنىڭ تاپقان پۇلىغا زاكات كېلەمدۇ ياكى ماشىنىغىمۇ باراۋەر زاكات كېلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھقا شۈكۈر. زاكات ئىجارىگە بېرىش ئۈچۈن ئالغان ماشىنىنىڭ تاپقان پۇلىغا كېلىدۇ. ماشىنىغا كەلمەيدۇ.

146 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. تور ئارقىلىق زاكات بەرمەكچى بولغاندا، تور بېتىگە تاپان ھەققى تۆلەيدىغان يېرى بار ئىكەن. شۇنى بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەگەر زاكاتنى بەرگۈچى ئۆزى ئەۋەتىدىغان بولسا، جايىغا ساق تاپشۇرۇشى ئۈچۈن چىقىمىنى ئۆز يېنىدىن چىقىرىدۇ ۋە بۇ چىقىمنى زاكاتتىن تۇتۇپ قالسا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئەھۋالدا زاكات پۇل ئىگىلىرىگە كەم تېگىدۇ. ئالىملار «زاكاتنى يۆتكەش چىقىمىنى زاكات بەرگۈچى كۆتۈرىدۇ» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئىمام نەۋەۋىي: «زاكاتنى يۆتكەشنىڭ چىقىمىنى زاكات بەرگۈچى كۆتۈرىدۇ» دېگەن. زاكات بەرگۈچى زاكاتنى ئەۋەتكىنىدە ئەۋەتىش چىقىمىنى سەدىقە نىيىتىدە چىقارسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئەجرى بولىدۇ. چۈنكى، ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق. ئەگەر زاكاتنى ئۆزى ئەۋەتمەي، زاكات يىغىپ جايىغا يەتكۈزىدىغان بىرەر كىشىگە ياكى ئورۇنغا بەرسە، بۇ ئەھۋالدا ئۇنى يۆتكەش چىقىمى زاكاتنىڭ ئۆزىدىن چىقىرىلىدۇ.

147 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دوكتور ئۇستاز!

1) قارىيلار خەتمىگە تۇرماي، «كۈندۈزلىرى قۇرئانغا قاراپ 30 كۈن رامازاندا 30 قېتىم تۈگىتىمەن» دەپ نىيەت قىلىپ تۈگىتەلمىسە، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ گۇناھ بولامدۇ؟

2) خەتمىگە تۇرۇش ئەۋزەلمۇ ياكى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇپ جىقراق تۈگىتىش ئەۋزەلمۇ؟

3) قۇرئانغا قاراپ ئوقۇپ ھەربىر قېتىم تاماملىغاندا، «بۇ تامام قىلغىنىمنىڭ ساۋابى ئانامغا ياكى دادامغا بولسۇن» دەپ، ئۇرۇق – تۇققانلىرى ۋە دوست – يارەنلىرىگە ساۋابىنى ھەدىيە قىلىش توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) كۆڭلىدە نىيەت قىلىپ تۈگىتەلمىسە ھېچ گەپ بولمايدۇ. ئېغىزىدا دېسە، بۇ نەزر بولۇپ، ئورۇندىشى ۋاجىب بولىدۇ. ئورۇندىيالمىسا كەففارەت (يەنى قەسەم كەففارىتى) كېلىدۇ. 2) خەتمىدە تۇرۇش تەكرارلاشتا ئۈنۈملۈك بولۇش جەھەتتىن، ھەم سۈننەتلىكى جەھەتتىن ئەۋزەل. 3) توغرا.

148 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! دوللار 9.5 ۋاقتىدا بىرەيلەن مەندىن 2300 تېلى قەرز ئالغان ئىدى، شۇ ۋاقىتتا مەن دوللىرىمنى پارچىلاپ بەرگەن ئىدىم، قايتۇرماقچى بولغاندا شۇ ۋاقىتتىكى دوللار ئۆلچىمى بويىچە قايتۇرامدۇ ۋەياكى شۇ 2300 تېلىنى بېرەمدۇ؟ چۈنكى، ھازىر دوللار 14.7 بولۇپ كەتتى. ئەگەر شۇ چاغدا «تېلى بېرىپ تۇرسىلا» دېمىگەن بولسا، دوللىرىم بۇزۇلمايتتى. ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەسلىدە 2300 تېلىنىلا قايتۇرۇشى كېرەك. لېكىن، پۇل پاخاللىشىشتىن كېلىپ چىققان زىيان پۈتۈن پۇلنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئاشىدىغان بولسا، بۇ ئەھۋالدا ئىككى تەرەپ سۈلھىلىشىپ مۇۋاپىق قايتۇرسا ياكى بىرەر ئەھلى ئىلىم ھۆكۈم پىچىپ قويسا، شۇ بويىچە قايتۇرسا بولىدۇ.

149 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ ھەر زامان سالامەتلىك بەرسۇن! مېنىڭ بىر سوئالىم بار ئىدى: مېنىڭ يولدىشىم يوق، تۇرمۇشنى قامداش ئۈچۈن ئاتوليە (تىكىمچىلىك ئورنى) دە بىر ئايال ھەمشىرەم بىلەن ئىشلەيمەن، ئۇ زالدا يەتتىگە يېقىن ئەر كىشى بار بولۇپ، بەزىلىرى بالىلىرىم بىلەن تەڭ دېمەتلىكتۇر. شۇڭا، مېنىڭ ئۇ يەردە ئىشلىشىم توغرىمۇ؟ بەزىدە ھەمشىرەم يوق چاغلاردا شۇ ئەرلەر ئىچىدە يالغۇز ئىشلەپ قالىمەن. بۇ توغرىدا بىر جاۋاب بەرگەن بولسىلا، چۈنكى ئىستانبۇلدا بۇنداق ئىشلەيدىغانلار خېلى بار.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق، ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆلچەملىك كىيىنىپ، بىھۇدە پاراڭلىشىش، چاقچاقلىشىش ۋە سۈركۈلۈش بولمىغان تەقدىردە، ئاياللار ياكى بىر ئايال يات بىرقانچە ئەرلەر بىلەن ئاتوليەدە ئىشلىسە جائىز. ئەگەر بىر ئەر بىلەن بىر ئايال يالغۇز قالىدىغان بولسا، بۇ خالىي قالغانلىق جەھەتتىن دۇرۇس بولمايدۇ.

150 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن ئەتىگەن سائەت 11:00 دە بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزدىن دۇخوپكا ئالغان ئىدىم. ئېلىشنىڭ ئالدىدا «قىرىق لىتىرلىق، سىفىر دۇخوپكا» دېدى، ئۆيىگە بارغاندا كۆرىمەن دەپ رەسىملىرىنى جىق ئەۋەتكۈزمىگەنىدىم. ئۆيىگە بارسام «سىرتقا ئەپچىقىپ بېرەي» دەپ، مېنى 20، 30 مېتىر يىراقلىقتىكى دورىخانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرۇشۇمنى تاپىلىدى (ئەسلىدە بىناسىنىڭ ئالدىدا ساقلاۋاتقان ئىدىم) ۋە شۇ يەرگە يەشىككە قاچىلانغان دۇخوپكىنى ئەپچىقىپ بەردى. سىرت بولغاچقا، يەشىكنىڭ پىلاستىرسىنى ئېچىپ قاراپ بېقىش قولايسىزلىقتىن ھەم ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزغا بولغان ئىشەنگەنلىكتىن، تەكشۈرمەيلا ئېلىپ كېتىپتىمەن. ئۆيگە ئەكىرىپ قارىسام قىرىق لىتىرلىق ئەمەس، بەلكى كىچىك ئوتتۇز ئىككى لىتىرلىق دۇخوپكا چىقتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈستى ئازراق مىجىق. ئۇ قېرىندىشىمىزغا دېسەم، «مەن ئىچىنى سانتىلىغاندا قىرىق سانتىمېتىر چىققان، قىرىق لىتىر بولىدۇ، ئۈستى مىجىق ئەمەس، ئۇ دېگەن پاسونى» دەپ تۇرۇۋالدى. توردىن رەسىمىنى ئەۋەتىپ ئوتتۇز ئىككى لىتىرلىقنى كۆرسەتسەم، «ئۇ نەدىكى بىر توربەتلەرنىڭ رەسىمى» دەپ ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن توردىن ئاختۇرۇپ، ئۇ دۇخوپكىنىڭ ناچارلىقى، يېمەكلىكنى پىشۇرالمايدىغانلىقى، ھەتتا پارتلاپ كەتكەنلىك شىكايەتلىرىنى كۆرۈپ، دۇخوپكىنى قايتۇرۇۋېتىشنى قارار قىلدىم ۋە ئۇچۇر قىلدىم. ئۇ قېرىندىشىمىز: «ئۆيۈڭگە ئېلىپ كېتىپ بىرنېمىلەرنى قىلىپ، تۆت – بەش سائەتتىن كېيىن قايتۇرىمەن دېسەڭ بولمايدۇ، مەن ئۇنىمايمەن، ھازىرلا پۇلنى ئەكىلىپ بەر، دۇخوپكىنى قانداق قىلساڭ قىل!» دەپ تۇرۇۋالدى. مەن مۇشۇنداق ئۆزۈمنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلغان ئەھۋال ئاستىدا يەنە بۇ سودىنى داۋاملاشتۇرۇپ پۇلنى بېرىۋېرەمدىم ياكى قايتۇرۇۋەتسەممۇ توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، رازى بولمىسىڭىز قايتۇرۇۋېتىسىز.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ