سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ياشانغانلار ياكى ياشلار بولسۇن كۆپىنچە چاچلىرىنى قارا قىلىپ بويىۋالغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇنداق قىلساق توغرا بولامدىغاندۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
راھىبلار چىرايلىق ياسىنىشنىڭ ئىبادەت قىلىشقا زىيىنى بار دەپ ئويلاپ، ئاق چاچنى بوياپ ئۆزگەرتمەيتتى، لېكىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگىچە، مۇستەقىل بىر خاراكتېرگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، تاشقى كۆرۈنۈشتىمۇ كافىرلارغا ئوخشاپ قالماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان.(1)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «يەھۇدى، خرىستىئانلار بويىمايدۇ، سىلەر بوياڭلار» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان.(2)
چاچ – ساقالنى بوياش مەسىلىسىدە ئالىملار بىرلىككە كەلگەن ئۈچ ئورۇن بار:
بىرى، جىھاد ۋە ئۇرۇش مەيدانلىرىدا قارا قىلىپ بوياشقا بولىدىغانلىقىدا بارلىق ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق. بۇنىڭ سەۋەبى دۈشمەننى قورقۇتۇش، مۇسۇلمانلارنى كۈچلۈك كۆرسىتىشتۇر.(3) يەنە بىرى، توي قىلىش ئالدىدا ئۆزىنى ياش كۆرسىتىپ باشقىلارنى ئالداش ئۈچۈن، قارا قىلىپ بوياشنىڭ ھاراملىقىدا بارلىق ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.(4)
بىرەر مەنسەپ ئۈچۈن ئۆزىنى سالاپەتلىك ياكى مويسىپىت كۆرسىتىش ئۈچۈن چېچىنى ئاق بويىۋېلىشمۇ، ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن چېچىنى بويىۋالغانلار توي قىلماقچى بولغىنىدا، چېچىنىڭ رەڭگىنىڭ تەبىئىي ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ قويۇشى لازىم. ھەدىستە: «كىمكى بىزنى ئالدايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس» دەپ كەلگەن.(5)
ئۈچىنچىسى: چاچنى سېرىق رەڭدە، ياكى خېنىدە، ياكى كەتەم (قارا بىلەن قىزىل ئارىلىقىدا رەڭ چىقىدىغان ئۆسۈملۈك) دە بوياشقا بولىدىغانلىقىدا بارلىق ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.(6)
يەنە، چاچنى كافىرلارنى، بۇزۇقلارنى دوراپ، شۇلارغا ئوخشاش بولۇش ئۈچۈن ئادەمگەرچىلىككە تاقىشىدىغان، چاكىنا رەڭلەردە غەلىتە بويىۋېلىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىدىمۇ، ئالىملاردا باشقىچە قاراش يوق. چۈنكى، ھەدىستە: «كىمكى بىر قەۋمگە ئەتەي ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇلاردىندۇر» دېيىلگەن.(7)
ئەمدى ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشاش بولمىغان مەسىلە بولسا، جىھاد ئۈستىدىمۇ بولمىغان، توي قىلىش ئالدىدا ئالداش ئۈچۈنمۇ بولمىغان ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا، ياشانغانلار ياكى ياشلار بولسۇن، چېچىنى قارا قىلىپ بويىۋالسا بولامدۇ دېگەن مەسىلە بولۇپ، بۇنىڭدا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى قاراش: قارا بوياش مەكرۇھ. بۇ مالىكىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەب قاراشلىرى بولۇپ، ھەنەفىي ۋە شافىئىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ بىر قىسمىمۇ مۇشۇ قاراشنى تۇتقان. دېمەك، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى. بۇلارنىڭ بايانلىرىدىن بۇ يەردىكى مەكرۇھلۇقنىڭ تەنزىيھىي مەكرۇھلۇق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. يەنى مەكرۇھلۇق بىلەن جائىز، ھارام ئەمەس، دېمەكچى.
ئىككىنچى قاراش: قارا بوياش ھارام. بۇ شافىئىي مەزھەبتىكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، ئىمام نەۋەۋىي مۇشۇ قاراشنى تاللىغان.
ئۈچىنچى قاراش: قارا بوياش جائىز. بۇ ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ قارىشى بولۇپ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن: «خېنە، كەتەم ۋە قارا ئوسمىدا بويىسا ياخشى» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن: «قارا ئوسمىدا، خېنىدە ۋە سارغۇچ رەڭدە بويىسا مەيلى دەيمىز. ئاق قويۇپ قويسىمۇ مەيلى. ھەممىسى ياخشى» دېگەن. ئىمام ئەبۇ يۈسۈف رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ: «ئايالىمنىڭ ماڭا ياسىنىشىنى ياقتۇرغىنىمدەك، ئايالىممۇ ياسىنىشىمنى ياقتۇرىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.
دېمەك، ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ كېيىنكىلىرىنىڭ بەزىلىرى بىرىنچى قاراشتىكىلەردەك تەنزىھىي مەكرۇھ دەپ قارىسا، يەنە بەزىلىرى جائىز دەپ قارىغان. ئىمام ۋە ئىككى شاگىرتىدىن كەلگەن نەقىلمۇ، ئۇلارنىڭ جائىز دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەللامە ئىبنى ئابىدىنمۇ مۇشۇ قاراشنى ھەنەفىي مەزھەبكە ۋەكىللىك قىلىدىغان توغرا قاراش دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.(8)
بىرىنچى قاراشتىكى ئالىملار چەكلەش ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر بىلەن ساھابە – كىراملارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، چەكلىمە ھاراملىقنى بىلدۈرمەيدۇ، ھاراملىقنى بىلدۈرىدىغان بولسا، ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن بولغان نۇرغۇنلىغان سەلەفلەر قارا قىلىپ بويىمىغان بولاتتى. دېمەك، بۇ تەنزىھىي مەكرۇھ دەپ قارىغان. ھارام دەپ قارىغانلار چەكلەش مەزمۇنىدا كەلگەن ھەدىسلەرنى سەھىھ دەپ قاراپ، ساھابەلەرنىڭ قىلغىنى ھەدىس ئالدىدا پاكىت بولالمايدۇ دەپ قارىغان. جائىز دېگەنلەر بولسا، چەكلەش دەلىللىرىنى زەئىف دەپ قاراپ، ساھابە – كىراملەر، سەلەف – سالىھلەرنىڭ كۆپلىرىنىڭ قارا بويىغانلىقى ۋە بۇ تۈرلۈك ئادەتلەردە مۇباھلىق ئاساس قىلىنىدىغانلىقىغا تايانغان.
قاراشلارنىڭ ئىچىدە، قارا بوياش جائىز دېگەن ئۈچىنچى قاراش دەلىل جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئالدى بىلەن قارا بوياشنى مەكرۇھ ياكى ھارام دەپ چەكلىگەنلەر تايانغان دەلىللىرىنى تەكشۈرۈپ باقايلى: قارا بوياشنى چەكلىگەنلەر تايانغان بىرىنچى دەلىل: جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، مەككەنى فەتھ قىلىش كۈنىدە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئاتىسى ئەبۇ قۇھافە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما چېچى بىلەن ساقىلى ئاقىرىپ، خۇددى ئاق چىچەكلىگەن دەرەخكە ئوخشاپ قالغان ھالەتتە كەلتۈرۈلگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «بۇنى بىر نەرسە بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىڭلار، قارىنى ئىشلەتمەڭلار» دېگەن.(9)
بۇ ھەدىس «سەھىھۇ مۇسلىم»دە بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭدا بىرقانچە ئىللەت(10) جەملەنگەن بولۇپ، بۇلاردىن بەزىلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز:
1. ئىبنى جۇرەيج بۇ ھەدىسنى ئەبۇززۇبەيردىن، ئۇ جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن دەپلا (ئەنئەنە قىلىپ) رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئىمام نەسەئىي، دارەقۇتنىي قاتارلىق ھەدىسشۇناسلار ئىبنى جۇرەيجنى «مۇدەللىس»(11) دەپ سۈپەتلىگەن، بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇ، ئاڭلىغانلىقىنى ئېنىق دېمىگەن ئەھۋالدا، رىۋايەتى قوبۇل قىلىنمايدۇ.(12)
2. بۇ ھەدىسنى ئىبنى جۇرەيجدىن پەقەت مىسىرلىق ئىبنى ۋەھبلا رىۋايەت قىلغان. يەھيا ئىبنى مەئىن ئۇنىڭ ئىبنى جۇرەيجتىن قىلغان رىۋايەتى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇنىڭ رىۋايەتى ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس. ئۇ ئىبنى جۇرەيجتىن ھەدىس ئاڭلىغان چاغلار، ئۇنىڭ بەكلا كىچىك چاغلىرى ئىدى» دېگەن.(13)
3. ئەبۇززۇبەير ئۆزى «قارىنى ئىشلەتمەڭلار» دېگەن ئىبارىنى ئىنكار قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئىبنى جۇرەيجنىڭ بۇ ھەدىسنى ئەبۇززۇبەيردىن دەپ تەدلىس(14) قىلغانلىقى، ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەدىسنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىمىغانلىقى، ئاڭلىغان بولسىمۇ، بۇ ئارتۇق ئىبارە بىلەن ئاڭلىمىغانلىقى، بەلكى ئارتۇق ئىبارىنى ئۇنىڭغا چاپلاپ رىۋايەت قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئىمام مۇسلىم ئۇنىڭ رىۋايەتىنى ئەسلى ھەدىسلەر قاتارىدا ئەمەس، يانداشتۇرۇپ ئەكەلگەن مۇتابەئەت(15) قاتارىدا كەلتۈرگەن. ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان زۇھەيرنىڭ رىۋايەتىدە، ئەبۇززۇبەير ئاشۇ ئارتۇق ئىبارىنى ئېنىق ئىنكار قىلغان. زۇھەير دەيدۇ: مەن ئەبۇززۇبەيردىن:
— ‹قارىنى ئىشلەتمەڭلار› دېگەن ئىبارىنى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەنمۇ؟ — دەپ سورىسام، ئۇ:
— ياق — دەپ جاۋاب بەردى.(16)
4. بۇ ھەدىسنىڭ «سەھىھۇ مۇسلىم»دا كەلگەن ئارتۇق ئىبارىسىز رىۋايەتىدىمۇ ئىللەت بار. چۈنكى، ئەبۇززۇبەير مۇدەللىس.(17) ئۇنىڭ ئاڭلىدىم دەپ ئېنىق دېمىگەن مۇئەنئەن رىۋايەتى(18) ئىللەتلىكتۇر. بۇنىڭدىن ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئۇستازى، ھەدىس ئىللەتلىرىنى تېپىشتا كامالەتكە يەتكەن پېشىۋا ئىمام بۇخارىينىڭ بۇ رىۋايەتنى سەھىھىگە نېمە ئۈچۈن كىرگۈزمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئىمام نەسائىيمۇ ئەبۇززۇبەيرنى مۇدەللىس دەپ قارىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇززۇبەير كۆپ ھەدىس يادلىغانلارنىڭ بىرى. شۇئبە ئۇنىڭغا ياخشى باھا بەرمەيتتى. ئۇ جابىردىن ئاڭلىدىم دەپ ئاڭلىغانلىقىنى ئىپادىلەپ ھەدىس رىۋايەت قىلسا، ئاندىن رىۋايەتى سەھىھ بولىدۇ. ئۇ يەنە تەدلىس قىلاتتى».(19)
ئىمام زەھەبىيمۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «سەھىھۇ مۇسلىمدا بىر نەچچە ھەدىس بار بولۇپ، بۇ ھەدىسلەردە ئەبۇززۇبەير جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاڭلىغانلىقىنى ئېنىق دېمىگەن. بۇ رىۋايەتلەر لەيس ئىبنى سەئد ئەبۇززۇبەيردىن سوراپ، ئېنىق ئاڭلىغانمىدىڭ دەپ تەكىتلىگەن ھەدىسلەر قاتارىدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ھەدىسلەرگە قارىتا كۆڭۈلدە ئازراق شەك بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆۋەندىكى ھەدىسلەر بار…».(20)
ئىمام ئىبنى ھەزم ئەبۇززۇبەيرنىڭ لەيس ئۇنىڭدىن قىلغان رىۋايەتىدىن باشقا رىۋايەتلەردە ئالڭلىغانلىقنى ئىپادىلىمىسە سەھىھ بولمايدىغانلىقىنى ئىزاھلايدىغان بۇ ۋەقەلىكنى بايان قىلىدۇ: لەيس ئىبنى سەئد دەيدۇ: ئەبۇززۇبەير ماڭا بەرگەن ئىككى ھەدىس دەپتىرىنى كۆرۈپ ئەبۇززۇبەيردىن:
— بۇلارنىڭ ھەممىسىنى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاڭلىغانمىدىڭ؟ — دەپ سورىغان ئىدىم. ئۇ:
— بەزىلىرىنى ئۇنىڭدىن بىۋاسىتە ئاڭلىغان. بەزىلىرىنى باشقىلار ماڭا سۆزلەپ بەرگەن — دېدى. مەن:
— ئۇنىڭدىن بىۋاسىتە ئاڭلىغان ھەدىسلەرگە بەلگە قويۇپ بەرگىن، — دېسەم، ئۇ ماڭا مەن ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرگە بەلگە قويۇپ بەردى.
دېمەك، ئەبۇززۇبەير «بۇنى مەن جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاڭلىمىغان» ياكى «ئۇ ماڭا سۆزلەپ بەرمىگەن» دېگەن ھەرقانداق ھەدىس، ئۇنى لەيس ئىبنى سەئد ئەبۇززۇبەير ئارقىلىق جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلمىغانلا بولىدىكەن، بۇ ھەدىس ئەبۇززۇبەيرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقرارى بىلەن جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاڭلىمىغان ھەدىس بولىدۇ. بىز ئۇ ھەدىسنى كىمدىن ئالغانلىقىنى بىلەلمەيمىز. بۇ سەۋەبتىن، ئۇنى دەلىل قىلىپ ئەكىلىشكە بولمايدۇ».(21)
ئالبانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ مۇنداق دەيدۇ: «يىغىپ ئېيتساق، ئەبۇززۇبەير جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ياكى باشقىلاردىن ‹پالانىدىن› ياكى ‹پوكۇنىدىن› دەپ رىۋايەت قىلغان ھەرقانداق ھەدىس، ئەبۇززۇبەيردىن لەيس ئىبنى سەئد رىۋايەت قىلمىغانلا بولسا، ئەبۇززۇبەيرنىڭ قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغانلىقى ئىسپاتلانمىغۇچە ياكى ئاڭلىغانلىقىنى كۈچلەندۈرىدىغان باشقا بىرەر رىۋايەت كەلمىگۈچە، ئۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىشتىن توختاپ تۇرۇش لازىم. مانا بۇ ھەقىقەتنى ھەقسۆيەر ھەربىر كىشى بىلىشى كېرەك. چۈنكى، كۆپچىلىك بۇ تەرىپىگە دىققەت قىلمايدۇ. مەنمۇ شۇلاردىن بىرى ئىدىم. كېيىن ئاللاھ ئۆز پەزلى – مەرھىمىتى بىلەن ئۇنى ماڭا بىلدۈردى. ئاللاھقا شۈكۈر – ھەمدىلەر بولسۇن. شۇڭا، بۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشۇم ماڭا ۋاجىب بولۇپ كەتتى ۋە مەن مانا ئەسكەرتىپ قويغان بولدۇم. ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگار يوقتۇر».(22)
ئىمام مۇسلىممۇ «سەھىھ»ىدە بىرنەچچە ئورۇندا ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا ئەبۇززۇبەيرنىڭ ئۇ ھەدىسنى مەن ئاڭلىغان دەپ ئېنىق ئەسكەرتىشىنى ئەكىلىپ قويىدۇ. بولۇپمۇ، ئىبنى جۇرەيج ئەبۇززۇبەيردىن قىلغان رىۋايەتلەردە، ئۇ ئىككىسىنىڭ «ئاڭلىدىم» ياكى «ماڭا سۆزلەپ» بەردى دېگەندەك سۆزلىرىنى ئەكىلىپ قويىدۇ. بۇ ئىمام مۇسلىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئىبنى جۇرەيج بىلەن ئەبۇززۇبەير ھەر ئىككىلىسىنى مۇدەللىس دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.(23)
دېمەك، قارا قىلىپ بوياشنى چەكلەشتە مەزكۇر رىۋايەت دەلىل بولالمايدۇ. بوياش مەسىلىسىدە ئەڭ سەھىھ ھەدىس بولسا، «سەھىھەين»دىكى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان: «يەھۇدى، خرىستىئانلار بويىمايدۇ، سىلەر بوياڭلار»(24) دېگەن ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىس مۇتلەق كەلگەن. قارا رەڭ ئىستىسنا قىلىنمىغان. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن ئىمام زۆھرىي قارا قىلىپ بويايتتى. ساھابە – كىراملاردىنمۇ بىر قانچىسى مۇشۇ ھەدىسنىڭ ئومۇمىيلىقى بويىچە ئىش تۇتۇپ، قارا بويىغان. مەسىلەن، سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس، ئۇقبە ئىبنى ئامىر، جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ، ئەمر ئىبنى ئاس، ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىقلار.
بۇ سەۋەبتىن، ئىمام مالىك رەھمەتۇللاھ ئەلەيھى چاچنى قارا قىلىپ بوياش ھەققىدە: «بۇ ھەقتە مەلۇم رەڭ بېكىتكەن بىرەر ھەدىس ياكى كۆرسەتمە ئاڭلىمىدىم. قارىدىن باشقىسىنى ياقتۇرىمەن. ھېچقانداق رەڭدە بويىمىسىمۇ، ئىنشائاللاھ كەڭچىلىك بار. كىشىلەرگە تارايتىش يوق» دېگەن.(25)
بۇنىڭدىن كۆرۈۋالىمىزكى، قارىنى مۇستەسنا قىلىش ياكى قارا قىلىپ بوياشتىن توسۇش مەدىنە ئاھالىسىدا مەلۇم بولمىغان بىر ئىش ئىدى. مەدىنە ئىمامى مالىكمۇ بۇ ھەقتە ھەدىس ئاڭلاپ باقمىغان. بەلكى تېخى ئەبۇ ھۇرەيرە، جابىر ۋە ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردەك مەدىنەلىك ساھابە – كىراملار قارا قىلىپ بوياشنى ياقتۇراتتى.
قارا قىلىپ بوياشنى چەكلىگەنلەر تايانغان ئىككىنچى دەلىل: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان ھەدىس بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق كەلگەن: «زامان ئاخىرىدا كەپتەرنىڭ پوكانلىرىدەك قارا بويىۋالىدىغان شۇنداق بىر قەۋملەر بولىدۇكى، ئۇلار جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ».(26)
بۇ ھەدىسمۇ قارا قىلىپ بوياشنى چەكلەشتە دەلىل بولالمايدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدا بىرقانچە ئىللەت بار:
1. ھەدىسشۇناسلار بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمىدە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان. بۇلار ئىچىدە ئىمام ئىبنۇلجەۋزىي، شەۋكانىي قاتارلىق ھەدىسشۇناسلار بۇنى توقۇلما ھەدىس دەپ قارىسا، يەنە ھافىز ئىراقىي ۋە مەقدىسىي قاتارلىق ھەدىسشۇناسلار سەھىھ دەپ قارىغان. توقۇلما دەپ قارىغانلار بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى ئابدۇلكەرىمنى، ئىبنى ئەبى مۇخارىق ئەبۇ ئۇمەييە ئەلبەسرىي دەپ قاراپ، توقۇلما دېسە، سەھىھ ياكى ھەسەن دېگەنلەر ئابدۇلكەرىمنى، ئىبنى مالىك ئەلجەزرىي دەپ قاراپ شۇنداق باھا بەرگەن. بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىلىقىنى ئايرىش قىيىن، ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئادەتتە ئەلجەزرىيدىن رىۋايەت قىلسىمۇ، لېكىن ئىبنى ئەبى مۇخارىقتىنمۇ رىۋايەت قىلغان. تەبەرانىي «ئەۋسەت» دېگەن كىتابىدا، ھەكىم تىرمىزىي «مەنھىيات» دېگەن كىتابىدا، خەللال «تەرەججۇل» دېگەن كىتابىدا قىلغان رىۋايتىدە: «ئابدۇلكەرىم ئەبۇ ئۇمەييە مۇجاھىدتىن، ئۇ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن» دەپ ئېنىق كەلگەن. ئابدۇلكەرىم ئەبۇ ئۇمەييە بولسا ئىبنى ئەبى مۇخارىق بولۇپ، رىۋايەتتە زەئىفتۇر. بۇنى ئابدۇلكەرىمدىن رىۋايەت قىلغان ھىشام، ئابدۇلكەرىم ئەلجەزرىيدىن ھەدىس رىۋايەت قىلىپ باقمىغان. ئابدۇلكەرىم ئىبنى ئەبى مۇخارىق بولسا، ئادەتتە مۇجاھىدتىن رىۋايەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سەنەدتىكى راۋىينىڭ ئابدۇلكەرىم ئەلجەزرىي ئەمەس، ئابدۇلكەرىم ئەلبەسرىي ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىدۇ. نەتىجىدە بۇ ھەدىس زەئىف بولىدۇ.
2. ئابدۇلكەرىمنى، ئەلجەزرىي دەپ پەرەز قىلغاندىمۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەدىسنى سەھىھ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئەلجەزرىي ئىشەنچلىك دەپ قارالغىنى بىلەن، يەھيا ئىبنى مەئىن، ئىبنى ھىببان ۋە ئىبنى ئەدىي قاتارلىق ھەدىسشۇناسلار ئۇنىڭ ھەققىدە گەپ قىلىپ: «ئۇنىڭ يالغۇز رىۋايەت قىلغىنى قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېيىشكەن. بۇ رىۋايەتتە ئابدۇلكەرىم ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرى ئىچىدىن پەقەت سەئىد ئىبنى جۇبەيردىنلا، سەئىد ئىبنى جۇبەيرنىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرى ئىچىدىن پەقەت ئۆزى يالغۇزلا رىۋايەت قىلغان. يەنى ئۇنى ئىبنى ئابباسنىڭ باشقا شاگىرتلىرى رىۋايەت قىلمىغان. سەئىد ئىبنى جۇبەيرنىڭ ئەلجەزرىيدىن باشقا شاگىرتلىرىمۇ بۇنى رىۋايەت قىلىپ باقمىغان. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئەلجەزرىينى ئىشەنچلىك دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ يالغۇز رىۋايەت قىلغان ھەدىسى مۇنكەر(27) ياكى يوچۇن (شاز) (28) بولىدۇ.
3. ئابدۇلكەرىمدىن بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ، ئۆزى ئىشەنچلىك بولسىمۇ، خاتالىشىدىغان كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئابدۇلكەرىمدىن، سەئىد ئىبنى جۇبەيردىن، ئىبنى ئابباستىن قىلغان رىۋايەتىدەك ھېچكىم رىۋايەت قىلىپ باقمىغان. ئۇنداقتا، مەزكۇر رىۋايەت ئۇبەيدۇللاھ تەرىپىدىنمۇ مۇنكەر بولىدۇ.
4. ئالىملار بۇ ھەدىس «مەرفۇﺋ»(29)مۇ ياكى «مەۋقۇف»مۇ(30) دەپ ئوخشىمىغان يەكۈنلەرنى چىقارغان. لېكىن، بۇنداق مەسىلىلەردە ساھابە ئۆز رايى بىلەن گەپ قىلمايدۇ دەپ مەرفۇئنىڭ ھۆكمىدە دېيىشكە تىرىشقان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭ سەئىد ئىبنى جۇبەير ئارقىلىق ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن مەۋقۇف رىۋايەتنىڭ ئۆزى، سەھىھ ئەمەس مۇنكەر بولغاچقا، يا «مەرفۇﺋ»، يا «مەۋقۇف»، يا «مەقتۇﺋ»(31) بولۇپ ئىسپاتلانمايدۇ.
5. بۇ ھەدىسنىڭ، «ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئابدۇلكەرىمدىن» دەپ قىلىنغان بارلىق رىۋايەتلىرى، ھەر تەبىقىدە «پالانىدىن، ئۇ پوكۇنىدىن» دەپلا (ئەنئەنە بىلەن) كەلگەندۇر. بىرىدىمۇ «ئاڭلىدىم» دېيىلمىگەندۇر. دېمەك، مۇنكەر بىر ھەدىستىكى بۇ زەئىفلىك، ئۇنى تېخىمۇ زەئىفلەشتۈرىدۇ.
6. بۇ ھەدىس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەسەن، ھۈسەين ۋە مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييە قاتارلىق ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ قارا قىلىپ بويايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان سەھىھ رىۋايەتلەرگە زىت. مەزكۇر ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمامۇ ئەھلى بەيت فەقىھلىرىدىن بىرى. ئۇ بۇنداق چەكلىگەن ھەدىسنى بىلىپ تۇرۇپ ئەھلى بەيتكە يول قويۇشى مۇمكىن ئەمەس.
7. ھەدىسنىڭ مەتنى (تېكىستى) دىمۇ ئىللەت بار. ئۇ بولسىمۇ، كېيىنكى چاغلاردا مۇسۇلمان بولغان ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن: «يەھۇدى، خرىستىئانلار بويىمايدۇ، سىلەر بوياڭلار» دېگەن «سەھىھەين»دىكى ھەدىسكە زىت كېلىشىدۇر. ئەگەر قارا رەڭدە بوياش چەكلىنىدىغان بولسا ئىدى، بۇ ھەدىستە ئۇنى كېچىكتۈرمەي بايان قىلغان بولاتتى.
يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولىدۇكى، قارا بوياشنى چەكلەپ كەلگەن رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسى يا مۇنكەر، ياكى زەئىفتۇر. ئىسلامنى ئەڭ ساغلام چۈشەنگەن، ھەقنى يەتكۈزۈشتە ھېچكىمنىڭ تاپا – مالامىتىدىن قورقمايدىغان ساھابە – كىرام ۋە تابىئىنلاردىن تەركىپ تاپقان سەلەف – سالىھلارنىڭ نۇرغۇنلىرىدىن قارا قىلىپ بوياشقا رۇخسەت قىلىدىغانلىقى كەلگەن بولۇپ، بۇمۇ قارا بوياشنى چەكلىگەن ھەدىسلەرنىڭ زەئىفلىكىنى تەكىتلەپ، چەكلەش بولمىغانلىقتىن، ئەسلىدىكى مۇباھلىقتا قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئۆزى مەكرۇھ دېگەن قاراشنى تاللىغان بولسىمۇ، لېكىن مۇنداق دېگەن: «قارا قىلىپ بوياشنىڭ چەكلەنگىنى ئالدامچىلىق قىلىش ئۈچۈن دېدەك ياكى يېشى چوڭ ئايالنى ئەرگە ياكى خوجايىنغا، قېرى ئادەمنى ئاياللارغا ياش كۆرسىتىپ ئالداپ بوياشتۇر. چۈنكى، بۇ ئالدامچىلىق. ئەمما، ئالدامچىلىق بولمىغان ئەھۋالدا بويىسا چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قارا قىلىپ بويىغانلىقىنى ئىبنى جەرىر ‹تەھزىبۇل ئاسار› دېگەن كىتابىدا رىۋايەت قىلغان. ئۇ يەنە قارا قىلىپ بويىغانلىقىنى ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر، سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس، ئۇقبە ئىبنى ئامىر، مۇغىيرە ئىبنى شۇئبە، جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ، ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن رىۋايەت قىلغان. يەنە ئەمر ئىبنى ئوسمان، ئەلى ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس، ئەبۇ سەلەمە ئىبنى ئابدۇرراھمان، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەلئەسۋەد، مۇسا ئىبنى تەلھە، زۆھرىي، ئەييۇب، ئىسمائىل ئىبنى مەئدىي كەرىب قاتارلىق تابىئىنلاردىنمۇ قارا قىلىپ بويىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. ئىبنۇلجەۋزىي قارا قىلىپ بويىغانلىقنى يەنە مۇھارىب ئىبنى دىسار، يەزىيد، ئىبنى جۇرەيج، ئەبۇ يۈسۈف، ئەبۇ ئىسھاق، ئىبنى ئەبى لەيلا، زىياد ئىبنى ئىلاقە، غەيلان ئىبنى جامى، ناﻓﯩﺌ ئىبنى جۇبەير، ئەمر ئىبنى ئەلى ئەلمەقدەمى ۋە ئەلقاسىم ئىبنى سەللام قاتارلىق زاتلاردىنمۇ رىۋايەت قىلغان».(32)
قارا قىلىپ بوياش مەسىلىسىدە ئەر بىلەن ئايال ئوخشاشمۇ؟
ئىمام ئىبنى ھەجەر بەزى ئالىملارنىڭ: «ئەر بىلەن ئايالنى پەرقلەندۈرۈپ، بوياشقا بېرىلگەن رۇخسەت ئاياللارغا خاس» دېگەنلىكىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ھەدىسلەردىن، ئالىملارنىڭ بايانلىرىدىن، شۇنداقلا ئىمام ئەبۇ يۈسۈف رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ يۇقىرىقى سۆزىدىن قارىغاندا قارا قىلىپ بوياشتا ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئوخشاشلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇنىڭدا ئېرى بار ئايال بولسۇن، ياش ياكى قېرى ئايال بولسۇن ئوخشاش.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئايال كىشى چېچىنى قارا قىلىپ بويىشى ھەققىدە سورالغاندا: «قېشىمدا چېچىمنى قارا قىلىپ بويايدىغان بىرەر نەرسە بولسىكەن دەپ ئارزۇ قىلدىم» دېگەنلىكى سەھىھ رىۋايەت قىلىنغان.(33)
يەنە قەتادە: «چاچنى قارا قىلىپ بوياش ئاياللارغا رۇخسەت قىلىنغان» دېگەن.(34)
بۇ رىۋايەتمۇ رۇخسەت قىلغۇچىنىڭ ساھابە ياكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، يۇقىرىقى ئىككى رىۋايەت، ئاياللار قارا قىلىپ بويىسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتە يېتەرلىك. چۈنكى، ئاياللارنىڭ قارا قىلىپ بويىسا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە، بۇ ئىككى رىۋايەتكە قارشى بىرەر رىۋايەت كەلمىگەن. ئەرلەر ھەققىدە قارا قىلىپ بوياشنى چەكلىگەن رىۋايەتلەرنىڭ سەھىھ ئەمەسلىكى، بويىسا بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولغاچقا، ئاياللار قارا قىلىپ بويىسا، ئەلبەتتە چەكلەنمەسلىكى كېرەك. بەلكى، تېخى ئېرى بار ئاياللارنىڭ ئېرىگە ياسىنىش ئېھتىياجى باشقىلاردىن ئارتۇق بولىدۇ. لېكىن، ئاياللار بويىغاندا ئۆزىگە ۋە قورسىقىدىكى تۆرەلمىگە زىيىنى بولمايدىغان بوياقلارنى ئىشلىتىشى، شۇنداقلا ھازا تۇتۇۋاتقان ئاياللار ھازا (ئۇرۇق – تۇغقىنىغا 3 كۈن، ئېرىگە 4 ئاي 10 كۈن) مەزگىلىدە بويىسا بولمايدۇ.
«ئاقارمىغان چاچنى بويىسا بولامدۇ؟» دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، چاچ – ساقالنى بوياشنىڭ سەۋەبى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرى، ياشانغانلىقتىن بولسۇن ياكى مەلۇم كېسەللىكتىن بولسۇن، چاچ – ساقالغا ئاق كىرىشى.
يەنە بىرى، ئاق كىرمىگەن بولسىمۇ، چاچ – ساقالنىڭ تەبىئى رەڭگىنى ئۆزگەرتىش.
ئاق كىرگەن سەۋەبتىن بولسۇن ياكى ئاق كىرمىگەن بولسىمۇ ياسىنىش ئۈچۈن بولسۇن، ھەر ئىككى ئەھۋالدا بوياش جائىز. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چاچ – ساقاللىرىغا تېخى ئاق كىرىپ كەتمىگەن تۇرۇقلۇق سارغۇچ رەڭدە بويىغان.(35)
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1434، 28 – زۇلھەججە / م. 2013، 2 – نويابىر
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 104 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام»، 122 – بەت.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3275)؛ «مۇسلىم»، (2103).
3. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 6/499؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇلمۇھتار»، 6/422.
4. مۇبارەكفۇرىي: «تۇھفەتۇل ئەھۋەزىي»، 5/360؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇلمۇھتار»، 6/422.
5. «مۇسلىم»، (101).
6. ئىبنى جۇزەي: «ئەلقەۋانىينۇل فىقھىييە»، 1/293.
7. «ئەبۇ داۋۇد»، (4031). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
8. «مالىك»، مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن رىۋايەتى. 331 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 1/360؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، 8/437؛ نەفراۋىي: «ئەلفەۋاكىھۇددەۋانىي»، 2/307؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/67؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇلمۇھتار»، 6/422؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئەلفەتاۋالھىندىيە»، 5/359.
9. «مۇسلىم»، (2102).
10. ئىللەت (العِلَّةُ): ئەرەب تىلىدا: «ئەھۋالنى ئۆزگەرتكۈچى كېسەللىك ۋە سەۋەب» مەنىسىدە بولۇپ، تۈرلۈك ئىلىملەر ئىستىلاھىدا پەرقلىق قوللىنىلىدۇ. مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «سەھىھ كۆرۈنگەن ھەدىسنىڭ سەنەدى ياكى مەتنىدىكى سەھىھلىكىنى زىدىلەيدىغان مەخپىي سەۋەب». بەزى مۇھەددىسلەر ئىللەتنى ئاشكارا سەۋەبكىمۇ ئومۇملاشتۇرىدۇ. سەنەدتىكى ئىللەتنىڭ مىسالى، مۇدەللىسنىڭ ئەنئەنە بىلەن قىلغان رىۋايەتى ياكى مەۋقۇفنىڭ مەرفۇﺋ قىلىنىشى… قاتارلىقلار بولسا، مەتىندىكى ئىللەتنىڭ مىسالى، بىرەر كەلىمەسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ياكى ئارتۇق رىۋايەت قىلىنىشى… دېگەندەك. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «فىقھىي ھۆكۈمنى تونۇتقۇچى بەلگە». باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا: «ئەسل بىلەن فەرﺋ ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق بىر سۈپەت» بولۇپ، فەرئنىڭ ھۆكمى شۇ سۈپەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ ۋە شۇ سۈپەتكە بىنائەن، ئەسلنىڭ ھۆكمى ئەسلدىن فەرئگە ھالقىپ ئۆتىدۇ. مەسىلەن، ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ ئىللىتى مەست قىلىشتۇر. پەلسەپە ئىستىلاھىدا: «بىر نەرسىنىڭ ماھىيىتىدىن تاشقىرى، ئەمما ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكۈچى» بولۇپ، ئۇ نەرسىنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۇنىڭغا قاراشلىق بولىدۇ. مەسىلەن، ئالەمنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئىللىتى ئاللاھ تائالادۇر، ئالەم ئىللەتلەنگۈچى (مَعْلُوْلٌ) دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 30/286؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ العَقِيدَةِ الْإِسْلَامِيَّةِ (ئىسلام ئەقىدىسى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 817 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2010؛ مۇھەممەد ئۇبەيدۇللاھ ئەلئەسئەدىي: «الْمُوْجَزُ فِيْ أُصُوْلِ الْفِقْهِ مَعَ مُعْجَمِ أُصُوْلِ الْفِقْهِ»، 249 – بەت، «دارۇسسالام نەشرىياتى»، قاھىرە. م. 2021.
11. مۇدەللىس (الْمُدَلِّس): ئەرەب تىلىدا: «قاراڭغۇلاشتۇرغۇچى ياكى ئەيىبنى يوشۇرغۇچى» مەنىسىدەدۇر. ھەدىس ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: «بىر ھەدىسنى ئىسنادتىكى ئەيىبنى يوشۇرۇپ، ياخشى كۆرسىتىپ رىۋايەت قىلغۇچى»نى كۆرسىتىدۇ. مۇدەللىس ئادەتتە ئۆزى ئۇچراشقان ۋە تەلىم ئالغان ئۇستازىدىن ئاڭلىمىغان بىر ھەدىسنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىغاندەك قىلىپ رىۋايەت قىلىدۇ ياكى ئۇچراشمىغان ۋە تەلىم ئالمىغان ئۇستازىدىن بىر ھەدىسنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىغاندەك قىلىپ رىۋايەت قىلىدۇ. ھەر ئىككى ئەھۋالدا ئۇ ھەدىسنى كىمدىن ئاڭلىغانلىقىنى يوشۇرىدۇ. بۇ تۈرلۈك راۋىيلەر ئېنىق قىلىپ «ئاڭلىدىم» دېمىسە، كۈچلۈك قاراشتا رىۋايەتى قوبۇل قىلىنمايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 330 – 335 – بەتلەر، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
12. ئىبنى ھەجەر: «تاباقاتۇل مۇدەللىسىن»، 1/41.
13. زەھەبىي: «مىزانۇل ئىئتىدال»، 4/224؛ ئىبنى ئەدىي: «ئەلكامىل»، 4/202.
14. تەدلىس: ھەدىس ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا «بىر ھەدىسنى ئىسنادتىكى ئەيىبنى يوشۇرۇپ، ياخشى كۆرسىتىپ رىۋايەت قىلىش»نى كۆرسىتىدۇ.
15. مۇتابەئەت (الْمُتَابَعَةُ): لۇغەت مەنىسى «ئەگىشىش، مۇۋاپىق كېلىش» دېگەنلىك بولۇپ، ھەدىس ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: «مەلۇم بىر راۋىينىڭ بىر ھەدىسنى مەلۇم بىر ساھابەدىن رىۋايەت قىلىشتا باشقا بىر راۋىينىڭ رىۋايەتىگە ئوخشاش رىۋايەت قىلىشى» بولۇپ، بىر راۋىي ئۇ ھەدىسنى ئىككىنچى بىر راۋىينىڭ ئۇستازى ياكى ئۇنىڭمۇ ئۈستىدىكى راۋىيلەردىن رىۋايەت قىلىشى مۇمكىن. باشقا راۋىينىڭ ئۇستازىدىن ئوخشاش سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلسا، «تولۇق مۇتابەئەت (الْمُتَابَعَةُ التَّامَّةُ)»، ئۇنىڭمۇ ئۈستىدىكى راۋىيلەردىن رىۋايەت قىلسا، «كەمتۈك مۇتابەئات (الْمُتَابَعَةُ الْقَاصِرَةُ)» بولىدۇ. «مۇتابەئەت»تىن مەقسەت بىرەر ھەدىسنى كۈچلەندۈرۈش بولغاچقا، مۇھەددىسلەر ئۇنىڭ بىلەن بەزى ھەدىسلەرنى «سەھىھ لىغەيرىھى» ياكى «ھەسەن لىغەيرىھى» دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 621 -، 622 – بەتلەر، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى قامۇسى)»، 1408 -، 1409 – بەتلەر.
16. «ئەھمەد»، (14582).
17. ئىبنى ھەجەر: «تاباقاتۇل مۇدەللىسىن»، 1/41.
18. ئەنئەنە (الْعَنْعَنَة): ئەرەبچە پالانىدىن، ئۇ پوكۇنىدىن دېگەندىكى شەخستىن شەخسكە يېتىپ كەلگەنلىكنى بىلدۈرىدىغان «- دىن/ – تىن» مەنىسىدىكى «ئەن» ھەرپىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن كەلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئەنئەنە» كەلىمەسىمۇ مۇشۇنىڭدىن كەلگەندۇر. ھەدىس ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: «ھەدىسنى پالانى پالانىدىن، ئۇ پوكۇنىدىن دەپ سۆزلەپ بېرىشنى ياكى ئاڭلىغانلىقنى، ياكى خەۋەر بەرگەنلىكنى بايان قىلماستىن رىۋايەت قىلىش»نى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەرزدە رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس «مۇئەنئەن» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەنئەنە ھەدىسنىڭ سەنەدىنىڭ تۇتىشىشىنى ئېنىق بىلدۈرىدىغان ئىبارىلەردىن بولماستىن، بىر خىل ئېھتىماللىقى بار بولغاچقا، مۇھەددىسلەر بۇ خىل مۇئەنئەن ھەدىسلەرنى راۋىيلەرنىڭ بىر – بىرى بىلەن ئۇچراشقان بولۇشى، مۇدەللىس بولماسلىقى شەرتى بىلەن سەنەدى تۇتاشقان دەپ قوبۇل قىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 556 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
19. نەسائىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، 1/640.
20. زەھەبىي: «مىزانۇل ئىئتىدال»، 6/335.
21. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 9/11.
22. ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، (25).
23. مىسالغا «مۇسلىم»، 970 – ھەدىسكە قارالسۇن. 970 حدثنا أبو بَكْرِ بن أبي شَيْبَةَ حدثنا حَفْصُ بن غِيَاثٍ عن بن جُرَيْجٍ عن أبي الزُّبَيْرِ عن جَابِرٍ قال نهى رسول اللَّهِ صلى الله عليه و سلم أَنْ يُجَصَّصَ الْقَبْرُ وَأَنْ يُقْعَدَ عليه وَأَنْ يُبْنَى عليه. 970 وحدثني هَارُونُ بن عبد اللَّهِ حدثنا حَجَّاجُ بن مُحَمَّدٍ ح وحدثني محمد بن رَافِعٍ حدثنا عبد الرَّزَّاقِ جميعا عن بن جُرَيْجٍ قال أخبرني أبو الزُّبَيْرِ أَنَّهُ سمع جَابِرَ بن عبد اللَّهِ يقول سمعت النبي صلى الله عليه و سلم بمثله.
24. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3275)؛ «مۇسلىم»، (2103).
25. «مالىك»، 2/ 949.
26. «ئەھمەد»، (2470)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (4212).
27. ھەدىس ئىلمىدا «مۇنكەر ھەدىس»: زەئىف ياكى پىششىق بولمىغان راۋىينىڭ يالغۇز قىلغان رىۋايەتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنى كۈچلەندۈرىدىغان باشقا راۋىينىڭ بىرەر رىۋايەتى بولمايدۇ. يەنە بەزىدە زەئىف ياكى ئىشەنچلىك راۋىينىڭ ئۆزىدىنمۇ ئىشەنچلىك باشقا بىر ياكى بىرقانچە راۋىينىڭ رىۋايەتىگە چۈشمەيدىغان شەكىلدە قىلغان رىۋايەتىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بەزى ھەدىسشۇناسلار باشقا بىرنەچچە تۈرلۈك زەئىف ھەدىسلەرنىمۇ «مۇنكەر» دەپ ئاتايدۇ.
28. شاز (اَلشَّاذُّ): ئەرەب تىلىدا: «باشقىلاردىن ئايرىلىۋالغۇچى، توپتىن چىققۇچى، يات، غەيرىي، قائىدە سىرتىغا چىققۇچى ۋە غەلىتە» دېگەن مەنىدە. مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «رىۋايەتى قوبۇل قىلىنىدىغان بىر راۋىينىڭ ئۆزىدىنمۇ ئىشەنچلىكرەك ياكى ياخشىراق بىر ياكى بىرقانچە راۋىينىڭ رىۋايەتىدىن باشقىچە قىلغان رىۋايەتى» بولۇپ، ئىككى رىۋايەتنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش مۇمكىن بولمىغىنىدا، ئۇ رىۋايەت «شاز (يات)» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچسىز بىر راۋىينىڭ ئۆزى يالغۇز قىلغان، تەكشۈرگۈچىگە خاتالىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان رىۋايەتىگىمۇ قوللىنىلىدۇ. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «مۇتلەق كۆپچىلىك ئالىملارغا، ئۇسۇل (ئاساسلىق پرىنسىپ ۋە قائىدە – قانۇنىيەتلەر) غا مۇخالىپ ھۆكۈم»دۇر. فىقھ ئىستىلاھىدا: ھەنەفىيلەر ۋە مالىكىيلارنىڭ قارىشىدا: «شاز مەشھۇرنىڭ ياكى راجىھنىڭ، ياكى سەھىھنىڭ قارىمۇقارشىىسى»دۇر. يەنى شاز قاراش دېمەكلىك «مەرجۇھ ياكى زەئىف، ياكى غەرىب قاراش» دېگەنلىك بولىدۇ. شافىئىيلارنىڭ بايانلىرىدا شاز قاراش «راجىھقا ياكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا مۇخالىپ»نى كۆرسىتىدۇ. قىرائەت ۋە قۇرئان ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: قىرائەتلەر «مۇتەۋاتىر» ۋە «شاز» دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. شاز قىرائەت سەھىھ قىرائەتنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ ئاساسىدىن بىرەرسى كەم بولغان قىرائەتتۇر: سەنەدى سەھىھ بولۇش، ئەرەب تىلى قائىدىسىگە مەلۇم جەھەتتىن ئۇيغۇن بولۇش ۋە ئوسمانىي مۇسھەف (قۇرئان) غا ماس كېلىش. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 25/357؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 430 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
29. مەرفۇﺋ (الْمَرْفُوعُ): پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلگەن سۆز ۋە خەۋەر مەنىسىدىكى ھەدىس ئاتالغۇسى. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 4 – بەت.
30. مەۋقۇف (الْمَوْقُوفُ): ساھابەنىڭ سۆزى ياكى ھەرىكىتى مەنىسىدىكى ھەدىس ئاتالغۇسى. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 4 – بەت.
31. «مەقتۇﺋ» (الْمَقطُوعُ): تابىئىنگە ياكى تابىئىنلاردىن كېيىنكىلەرگە تۇتاشقان سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
32. ئىبنۇلقەييىم : «زادۇلمەئاد»، 4/368.
33. ئىبنى سەئد: «ئەتتاباقاتۇل كۇبرا»، 8/487.
34. «ئابدۇرراززاق»، (20182).
35. «بۇخارىي»، (5513).