توي كۆينىكى كىيىشنىڭ ھۆكمى

توي كۆينىكى كىيىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، توي كۈنى توي كۆينىكى كىيسە بولامدۇ؟ دېمەكچى بولغىنىم ھەممە يەرلىرى تولۇق ئورالغان، يەنى ھىجاب ئۆلچىمىگە توشىدىغان، ئاستى تەرىپى كۆپتۈرمە شەكلىدە بولغان توي كۆينىكىنى كىيسە بولامدۇ؟ بۇ كافىرلارنى دورىغانلىق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

توي كۆينىكى كىيىشنىڭ ھۆكمىدە ئالىملارنىڭ ئىككى خىل قارىشى بار:

بىرىنچى قاراش: توي كۆينىكى كىيىش كافىرلارنىڭ ئادەتلىرىنى دوراش جەھەتتىن ھارام بولىدۇ.

مەلۇمكى، توي كۆينىكى دەپ ئاتالغان ھازىرقى قۇيرۇقى ئۇزۇن، بېلى تار، ئاستى كەڭ ئاق كۆينەك، قىزچاقنىڭ قولىدىكى بىر دەستە گۈل، ئارقىغا ساڭگىلاپ تۇرىدىغان رومال قاتارلىقلار ئىنگلىزلاردىن كەلگەن ئادەت. بۇنى ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ۋىكتورىيا 1840 – يىلى تويى بولغاندا كىيىپ چىققاندىن تارتىپ، ياۋروپالىقلار ئۇنى دوراپ شۇنداق كىيىدىغان بولغان، ئۇندىن كېيىن غەربلىكلەرنى دوراشقا باشلىغان مۇسۇلمانلار شۇنداق قىلىدىغان بولغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىر قەۋمگە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇلاردىندۇر» دېگەن.(1)

ئىككىنجى قاراش: توي كۆينىكى خرىستىئانلارنىڭ ئادىتى بولسىمۇ، دىنىي ئادەت ئەمەس، ھەم كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار دىيارىدا كەڭ تارقالغان بولغاچقا، خرىستىئانلارغىلا خاس ئادەت ئەمەس. شۇڭا، شەرئى كىيىمنىڭ ئەۋرەتنى يۆگەش، نېپىز بولماسلىق، بەدەننى گەۋدىلەندۈرمەسلىك قاتارلىق شەرتلەر تېپىلسا، يات ئەرلەر ئالدىغا گىرىم قىلغان ھالدا چىقىش بولمىسا، ھۆكمى مۇباھ. بۇ قاراشتىكى ئالىملاردىن: ئىبنى ئۇسەيمىن، بىن باز، فەۋزان قاتارلىق بەزى سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرىمۇ بار.

بۇلاردىن بەزىلىرى: «توي كۆڭلىكىنىڭ ئۆزى بىر خىل زىننەت بولغاچقا، بەدەننى تولۇق يۆگەيدىغان بولسىمۇ، ئۇنى يات ئەرلەر ئالدىدا كىيىشكە بولمايدۇ،» دەپ قارايدۇ.

ئالىملارنىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرىدىن مەلۇم بولىدۇكى، بۇلار ئاساسەن مەيلى ئاق، مەيلى قىزىل بولسۇن، يېرىم يالىڭاچ توي كۆينىكى كىيىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىدە بىردەك ئىتتىپاق. بۇنىڭغا ئاساسەن تويدا يېرىم يالىڭاچ توي كۆينىكى كىيىش ھارام بولىدۇ.

يەنە ئالىملار، بەدەننى تولۇق يۆگەيدىغان ئاق رەڭلىك توي كۆينىكى كىيىشنىڭ ھۆكمىدە يۇقىرىقىدەك ئىككى خىل قاراشتا بولغان بولسىمۇ، بۇلار ئاساسەن بۇ ئادەتنىڭ ئەسلىدە ياۋروپالىقلارنىڭ ئادىتى بولۇپ، كېيىنچە مۇسۇلمانلار ئۇلارنى دوراپ قىلىۋاتقان بىر ئادەت ئىكەنلىكىدە ئىتتىپاق.

ئومۇمەن، ياتلارنىڭ ھېيت – ئايەم، توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم قاتارلىق تەبرىكلەش مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئادەتلىرىنى دوراشقا قەتئىي بولمايدۇ. بولۇپمۇ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتراپىدا كافىرلار ياشايدىغان بولغاچقا، بۇنداق خۇشاللىق مۇناسىۋەتلىرىدىكى كىيىنىش ئادەتلىرىدە، شۇنداقلا باشقا ئۆرپ – ئادەت، مىللىي ئەنئەنە مەسىلىلىرىدە مۇسۇلمانلار كافىرلاردىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئۆرپ – ئادەت، مىللىي ئەنئەنە، ئانا تىل ۋە مۇسۇلمانچە كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشى مۇسۇلماندارچىلىقنى ساقلاپ قېلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

بۇ مەسىلىدە سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ «جائىز» دەپ بەرگەن پەتۋاسى بەكلا زەئىف. ئەرەبىستان جەمئىيىتىدە توي كۆينىكى مەسىلىسى ئىنتايىن ئېغىر، شۇنداقلا توي ئادەتلىرىمۇ ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئاياللارنى بۇ مەسىلىدە توسۇپ بولالمايدىغان بولغاچقا، ئۇلار شۇنداق ئاجىزلىق كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، مۇسۇلمانلاردىن غەرب مەدەنىيىتى تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر قىسىم خاراكتېرى زەئىف كىشىلەرنىڭ غەرب ئادەتلىرىنى سىڭدۈرۈشى بىلەن بۇ ئادەت مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالمايدۇ.

يەنە ياۋروپالىقلارنىڭ توي كۆينىكى ئادەتتە، بىرقانچە مېتىر كېلىدىغان ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق كۆينەك بولۇپ، بۇ ئىسراپ دائىرىسىگە كىرىشى مۇمكىن. تېخى بەزىدە توي كۆينىكىنىڭ ئۆزى بەزى دۆلەتلەردە نەچچە يۈزمىڭغا تەييار بولىدۇ. بەزى قىزلار ھېچكىم كىيىپ باقمىغاننى كىيىمىز دەپ ئارتۇقچە چىقىم قىلىپ تىللاردا داستان بولغىدەك كىيىم كىيىشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇمۇ ئىسراپ قاتارىغا كىرىپ قالىدۇ. پۇل تاپالمىغانلار باشقىلار كىيگەن كىيىملەرنى ئىجارىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

ئۇندىن باشقا بىر دەستە گۈل چۆرۈش قاتارلىق ئادەتلەر ئېتىقادىي قاراشقا بېرىپ تاقىلىدۇ.

شۇڭا، ئۇيغۇر قىزلىرى ئەۋرەتلىرىنى ياپىدىغان، تارىخىمىزنى ئەسلىتىدىغان، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان، شاھانە، ئېسىل شايى – ئەتلەسلىرىمىزدە تىكىلگەن ئۆزىمىزنىڭ گۈزەل ۋە كۆركەم پاسۇندىكى كۆينەكلىرىمىزنى، روماللىرىمىزنى، نەپىس دوپپىلىرىمىزنى كىيسە، دىنىي جەھەتتىنمۇ شۈبھىدىن، ھارامدىن يىراق بولىدۇ، خرىستىئانلارغا، كافىرلارغا ئوخشاپ قالمايدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭ بىلەن بىللە مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قالغان بولىدۇ.

ئەمدى بۇ يەردە تەكىتلەپ قويىدىغىنىم شۇكى، ئىسلامدا ئاياللارنىڭ بەدىنىنى يۆگەش بىلەنلا شەرئى كىيىم كىيگەن بولۇپ قالمايدۇ، بەلكى بەدەننى يۆگەش بىلەن بىللە، يات ئەرلەر كۆرىدىغان ئەھۋالدا گىرىم قىلماسلىقى ۋە ئەتىر ئىشلەتمەسلىكى، كىيگەن كىيىم نېپىز ياكى تار بولماسلىقى شەرت. ھازىرقى بەزى توي كۆينەكلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇنى كىيگەنلەر باشنى ئورۇۋالغىنى، يۈزنى يۆگىۋالغىنى بىلەن، كۆينەكنىڭ تارلىقىدىن ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

يەنە تەكىتلەپ قويىدىغىنىم: يات ئەرلەر كۆرمەيدىغان، ئاياللارغا خاس سورۇنلاردا قىز – چوكانلىرىمىز گىرىملىرى بىلەن ياكى زىننەتلىك كىيىملىرى بىلەن ئازادە يۈرسە، ئولتۇرسا بولىدۇ. يات ئەرلەر كۆرىدىغان بولسا بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 14 – شەئبان / م. 2011، 15 – ئىيۇل

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 103 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «ئەھمەد»، (5115)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (4031). ئىمام ئىبنى ھەجەر («فەتھۇلبارىي»، 10/271): «سەنەدى ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ