ھېيت كۈنى روزا تۇتساق بولامدۇ؟

ھېيت كۈنى روزا تۇتساق بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، جۈمە كۈنى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئىكەن، بىراق ۋەتەندە ھېيت نامىزىنى شەنبە كۈنى ئوقۇيدۇ. شۇڭا، جۈمە كۈنى روزا تۇتساق بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بىلەن روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش ھارام. بۇ كۈنلەردە مەيلى نەفلە، مەيلى مۇتلەق نەزر،(1) مەيلى رامازاننىڭ قازاسى، مەيلى كەففارەت روزىسى بولسۇن ھەرقانداق روزىنى تۇتۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئىككى ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش ئېنىق ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن چەكلەنگەن. ئەگەر بىر كىشى بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇش ھاراملىقىنى بىلمەي روزا تۇتقان بولسا، روزىسىنى بۇزۇۋېتىشى ۋاجىبتۇر.(2)

ئەبۇ ئۇبەيد رىۋايەت قىلىپ دېدى: مەن ھېيتتا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىللە بولغان ئىدىم. ئۇ: بۇ ئىككى كۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن كۈنلەردۇر، بىرى، روزاڭلاردىن ئېغىز ئاچقان (روزا ھېيت) كۈنى، يەنە بىرى، قۇربانلىقىڭلارنى يەيدىغان (قۇربان ھېيت) كۈنى، دېدى.(3)

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا ھېيت بىلەن قۇربان ھېيت كۈنلىرى روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن دېگەن.(4)

ئەتاﺋ ئىبنى مىينا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: ئىككى كۈندە روزا تۇتۇش ۋە ئىككى خىل سودا قىلىش چەكلىنىدۇ. يەنى روزا ھېيت كۈنى ۋە قۇربان ھېيت كۈنى روزا تۇتۇش. قاراپ باقمايلا تۇتۇپ بېقىپ سودىلىشىش، قاراپ باقمايلا تاۋار تاشلىشىپ سودىلىشىش.(5)

زىياد ئىبنى جۇبەير رىۋايەت قىلىپ ئېيتتىكى: بىر ئادەم ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ يېنىغا كېلىپ: بىر ئادەم بىر كۈن روزا تۇتۇشقا نەزر قىلىۋالغان(6) ئىكەن، – ئۇ ئادەم دۈشەنبە كۈنى دېدىغۇ، دەيمەن، – شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈن ھېيت كۈنىگە توغرا كېلىپ قاپتۇ، دېۋىدى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: ئاللاھ نەزرنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولسا بۇ كۈندە روزا تۇتۇشنى چەكلىگەن، دېدى.(7)

قەزەئە رىۋايەت قىلىپ ئېيتتىكى: ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئون ئىككى قېتىم غازاتقا قاتناشقان كىشى ئىدى، مەن ئۇنىڭدىن مۇنداق دەپ ئاڭلىغان: تۆت سۆزنى مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغان ئىدىم، بۇ سۆزلەر ماڭا بەكلا يىقىپ قالدى: «ئايال كىشى يولدىشى ياكى مەھرىمى بىللە بولمىسا، ئىككى كۈنلۈك يولغا سەپەر قىلمىسۇن، روزى ھېيت ۋە قۇربان ھېيت ئىككى كۈندە روزا تۇتۇش يوق، بامداتتىن كېيىن كۈن چىققۇچە، ئەسىردىن كېيىن كۈن پاتقىچە بولغان ئارىلىقتا ناماز ئوقۇش يوق، ئۈچ مەسجىدتىن باشقا مەسجىدكە ئالاھىدە سەپەر قىلىنمايدۇ. ئۇلار: مەسجىدى ھەرەم، مەسجىدى ئەقسا ۋە مېنىڭ مۇشۇ مەسجىدىمدۇر».(8)

ئۆلىمالىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىككى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت شۇكى، روزا ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇشنى چەكلەش ئارقىلىق يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ئەڭ چوڭ پەرز ئىبادەتلەرنىڭ بىرى بولغان رامازان روزىسىنى باشقا نەفلە روزىدىن ئايرىش ھەمدە ئۇنىڭ باشلىنىشىدىن بىر – ئىككى كۈن بۇرۇن روزا تۇتۇشنى ۋە ئۇندىن كېيىنمۇ روزا ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇشنى چەكلەش ئارقىلىق، رامازان روزىسىنى خرىستىئانلاردەك پەرز قىلىنغان مىقداردىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشتۇر. قۇربان ھېيت كۈنىمۇ ئۆمۈردە بىر قېتىم پەرز قىلىنغان ئەڭ چوڭ ئىبادەتلەرنىڭ بىرى بولغان ھەج ئىبادىتىدىن كېيىن كېلىدۇ. بۇ كۈندە قۇربانلىق قىلىش يولغا قويۇلغان. ناۋادا بۇ كۈندە روزا تۇتۇۋالسا، ھەج جاپاسىدىن ئارام ئالماسلىق ۋە كۈندۈزى قۇربانلىقتىن يېمەسلىك كېلىپ چىقىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدا روزا تۇتۇش ھارام قىلىنغان ۋە ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى بۇ ئىككى كۈندە ئېغىز ئېچىشقا بۇيرۇغان. نەتىجە ئېتىبارى بىلەن بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇۋېلىش ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بەرگەن زىياپىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىق بولىدۇ.(9)

روزا ھېيت كۈنى ھېيت نامىزىغا بېرىشتىن بۇرۇن ناشتا قىلىشنىڭ، شۇنداقلا قۇربان ھېيت كۈنى قۇربانلىق گۆشىگە ئېغىز تېگىشنىڭ سۈننەتلىكىمۇ، ئۇ ئىككى كۈندە روزا تۇتماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزى ھېيت نامىزىغا بىرنەچچە تال خورما يېمەستىن ماڭمايتتى» دېگەن.(10)

ئىمام ئىبنى قۇدامە: «ئەگەر ھېيت كۈنى ئاللاھ ئۈچۈن روزا تۇتۇشنى نەزر قىلدىم دېسە، بۇ گۇناھ ئىشنى نەزر قىلىش بولىدۇ» دېگەن.(11) ئۇ يەنە: «ھېيت كۈننى رامازانغا تەۋە دەپ ئويلاپ قېلىپ روزا تۇتقان بولسا، كېيىن ئۇ كۈننىڭ ھېيت كۈنى ئىكەنلىكى ئايان بولسا، روزىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۇنىڭغا ھارام بولىدۇ» دېگەن.(12)

ئادەتتە، زۇلھەججە ئېيىنىڭ بېشىدىكى 10 كۈندە قىلىنغان ئەمەل – ئىبادەتلەرنىڭ پەزىلىتىنىڭ كاتتىلىقى ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان تۇرۇقلۇق، بۇ كۈنلەرنىڭ پەقەت 9 كۈنىدىلا روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلەتلىك ئەمەل دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى، 10 – كۈنى روزا تۇتۇشنىڭ ھارام ۋە مەئسىيەت بولىدىغانلىقىمۇ ھېيت كۈندە روزا تۇتسا زادى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەگەر يىلبويى تاشلىماي روزا تۇتسا، روزا تۇتمىغان قاتاردا بولىدىغانلىقىمۇ شۇنى تەكىتلەيدۇ.

ئەتاﺋ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «يىلبويى تاشلىماي روزا تۇتقان كىشى روزا تۇتمىغان بولىدۇ» دېگەن سۆزنى ئىككى قېتىم تەكرارلىغان.(13)

چۈنكى، يىلبويى تاشلىماي روزا تۇتقان كىشى ئىككى ھېيت كۈنى بىلەن تەشرىق كۈنلىرىدىن ئىبارەت روزا تۇتۇش ھارام قىلىنغان بەش كۈندە روزا تۇتقان بولىدۇ.

«تەشرىق كۈنلىرى» قۇربان ھېيتنىڭ 2 – ، 3 – ، 4 – كۈنلىرى بولۇپ، بۇ كۈنلەر 22/«ھەج»، 203 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «ساناقلىق كۈنلەر»دۇر. بۇ كۈنلەردىمۇ روزا تۇتۇش ھارام قىلىنغان. بۇنىڭغا ئاساسەن قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ جەمئىي 4 كۈن روزا تۇتۇش ھارام بولىدۇ.

نۇبەيشە ئەلھۇزەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «تەشرىق كۈنلىرى يەپ – ئىچىش كۈنلىرىدۇر» دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «تەشرىق كۈنلىرى يەپ – ئىچىش ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلىش كۈنلىرىدۇر» دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «مىنا كۈنلىرى يەپ – ئىچىش كۈنلىرىدۇر» دېگەن.(14)

ئۇرۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن، يەنە سالىم ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «قۇربانلىق تاپالمىغانلاردىن باشقىلارغا تەشرىق كۈنلىرى روزا تۇتۇشقا رۇخسەت قىلىنمىغانىدى» دېگەن.(15)

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى روزا تۇتۇش ھارام، بۇ كۈندە رامازان روزىسىنى تاماملاش نىيىتىدە سوھۇرلۇق يېيىشمۇ ھارام. روزا تۇتۇپ بولغان تەقدىردە، شۇ كۈننىڭ ھېيت ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھامان، روزىسىنى بۇزۇۋېتىشى ۋاجىب. بىرەر ئورۇننىڭ ياكى شەخسنىڭ خالايىققا بۇ كۈنلەردىمۇ روزا تۇتۇشنى تېڭىشى شەرىئەتكە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن رەت قىلىنىدۇ. قۇربان ھېيتنىڭ 1 – كۈنى ۋە ئۇندىن كېيىنكى 3 كۈنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. پەقەتلا 5 – كۈنىدىن باشلاپ روزا تۇتۇشقا رۇخسەت.

ئۇنداق بولغان ئىكەن، روزا ھېيتنىڭ 2 – كۈنىدىن ۋە قۇربان ھېيتنىڭ 5 – كۈنىدىن باشلاپ نەفلە، ياكى قازا، ياكى كەففارەت، ياكى نەرز روزىلارنى تۇتسا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1436، 29 – زۇلقەئدە / م. 2015، 13 – سېنتەبىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 39 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «نەزر قىلىش»: كىشىنىڭ شەرىئەت ئۇنىڭغا ۋاجىب قىلمىغان بىر ئىشنى، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆزىگە ۋاجىب قىلىۋېلىشىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن 3 كۈن روزا تۇتىمەن، مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن مېڭىپ بېرىپ ھەج قىلىمەن، دېگەندەك.
2. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/226؛ نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 8/15؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/51.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1990)؛ «مۇسلىم»، (1137).
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1991)؛ «مۇسلىم»، (1137).
5. «بۇخارىي»، (1993).
6. «نەزىر قىلىش»: كىشىنىڭ شەرىئەت ئۇنىڭغا ۋاجىب قىلمىغان بىر ئىشنى، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆزىگە ۋاجىب قىلىۋېلىشىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن 3 كۈن روزا تۇتىمەن، مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن مېڭىپ بېرىپ ھەج قىلىمەن، دېگەندەك.
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1994)؛ «مۇسلىم»، (1139).
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1995)؛ «مۇسلىم»، (1138).
9. ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 3/143؛ مۇسا شاھىن لاشىن: «فەتھۇلمۇنئىم»، 4/596؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 7/220؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 4/352؛ شىنقىيتىي: «ئەزۋائۇل بايان»، 7/374.
10. «بۇخارىي»، (953).
11. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 10/81.
12. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 10/34.
13. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1977)؛ «مۇسلىم»، (1159).
14. «مۇسلىم»، (1141).
15. «بۇخارىي»، (1997ـ 1998).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ