رامازان ئۈچۈن ئايغا قاراشنىڭ ھۆكمى

رامازان ئۈچۈن ئايغا قاراشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھەر يىلى رامازان تۇتۇش ياكى ھېيت قىلىشتا بىر – ئىككى كۈن ئېگىز – پەسلىك بولىدۇ. بۇ ئىشلاردا ئايغا قاراشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئايغا قارىمايدىغان دىيارلاردا قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئىسلام تارىخىمىزدا «ئايغا قاراش» دېگەن بىر ئەنئەنە بار. ئەھلى ئىلىملەر، يۇرت چوڭلىرى ۋە ئەمەلدارلاردىن تەركىب تاپقان تەجرىبىلىك كىشىلەر ياكى مەخسۇس ئاي كۆرۈش ھەيئىتى شەئبان ئېيىنىڭ 29 – كۈنى شامدىن سەل بۇرۇن، يېڭى تۇغۇلغان ئاينى كۆرۈشكە چىقىدۇ. ئەگەر ئەتىسى رامازان بولسا، ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە كۈن پاتقاندىن كېيىن (بۇ ۋاقىت ئەمەلىيەتتە، 30 – كۈنگە تەۋە) رامازاننىڭ يېڭى تۇغۇلغان ئېيى ئىنچىكە ھالىتىدە بىرنەچچە مىنۇت كۆرۈنىدۇ. ئەقەللىي تەقدىردە، ئىشەنچلىك 2 كىشى، ياكى تۇتۇق ھاۋادا 1 كىشى، ياكى شەھەر سىرتىدىن كەلگەن 1 كىشى ئاينى كۆرسە مۇسۇلمانلار ئەتىسى رامازان تۇتۇپ قوپىدۇ. كۆرمىسە شەئبان ئېيىنى 30 كۈنگە تولۇقلىۋېتىپ ئۆگۈنى روزا تۇتۇپ قوپىدۇ. بۇ ئەنئەنە ئىسلام دۆلەتلىرىدە تا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

ئەسلىدە شەئبان ئېيىنىڭ كىرىشىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈنمۇ ئايغا قارىشى لازىم. شۇندىلا كۈنلەرنىڭ سانى توغرا بولىدۇ. چۈنكى، رامازاننىڭ ئەۋۋىلىنى بېكىتىشتە، ھاۋا تۇتۇق بولغان ئەھۋالدا، بىز بۇرۇنقى شەئبان ئېيىنىڭ چىقىپ كەتكىنىگە دەلىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن، شەئباننى 30 كۈنگە تولۇقلىۋېتىپ ئاندىن رامازان كىردى، دەپ ھېسابلايتتۇق. شەئبان 30 كۈن تولۇقلانغانلىقى رامازان كىرگەنلىكىنىڭ دەلىلى بولىدۇ. ھاۋا تۇتۇق بولمىغان ئەھۋالدا، ئاي كۆرۈش رامازان كىرگەنلىكىنىڭ دەلىلى بولىدۇ. مانا، بۇ ئىككى دەلىل بىزنىڭ بىر ئايدىن يەنە بىر ئايغا يۆتكىلىشىمىزنىڭ دەلىلىدۇر. شۇڭا، ھەر بىر ئاينى بېكىتىش رامازانغا ئوخشاش مۇشۇ تەرىقىدە بولىدۇ، چۈنكى ھىجرىيە يىلنامىسىدا بىر ئاي بەزىدە 29 كۈن، بەزىدە 30 كۈن بولىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىز (ئەرەبلەر) خەت يازالمايدىغان، ھېسابلىيالمايدىغان، ساۋاتسىز بىر ئۈممەت، ئاي دېگەن مۇنداق مۇنداق بولىدۇ» دەپ بىر قېتىم يىگىرمە توققۇزغا، بىر قېتىم ئوتتۇزغا ئىشارەت قىلغان.(1)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامازان توغرۇلۇق سۆزلەپ: «يېڭى تۇغۇلغان ئاينى كۆرمىگىچە روزا تۇتۇشنى باشلىماڭلار! ئۇنى كۆرمىگىچە روزاڭلارنى توختاتماڭلار. ئەگەر ھاۋا تۇتۇقلىقتىن ئاي كۆرۈلمىسە، ئۇنى مۆلچەرلەڭلار» دېگەن.(2)

يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسەن، شەرىئەتتە روزا تۇتۇشنى باشلايدىغان كۈننى بېكىتىشتە، شۇنداقلا ھىجرىيە يېڭى ئاينىڭ باشلىنىشى بىلەن ئاخىرلىشىشىنى بېكىتىشتە، يېڭى تۇغۇلغان ئاينى كۆز بىلەن كۆرۈشكە تايىنىلىدۇ. ئاسترونومىيىلىك ھېساب ياكى كالېندار ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. ئەلبەتتە، ئاينىڭ كۆز بىلەن كۆرۈلىشى ئۈچۈن قۇياشنىڭ پاتقان ۋاقتىدىكى ئورنى ئايدىن مەلۇم ئارىلىقتا يىراق بولۇشى، ھاۋانىڭ سۈزۈك بولۇشى قاتارلىق ئامىللار تېپىلىشى لازىم.

ئاينى كۆز بىلەن كۆرۈشنى ھېسابقا ئېلىشتىكى ھېكمەت شۇكى، ۋاقىتقا ئالاقىدار بولغان ناماز، روزا ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئىسلام دىنىمىز كۆز بىلەن كۆرۈشتەك ھېسسىي ئىشلارغا باغلاپ قويغان، مەسىلەن، كۈن چىقىش ۋە پېتىش، ئاي تۇغۇش قاتارلىقلارغا ئوخشاش. بۇ ھېسسى ئىشلاردا بىلىملىك ياكى بىلىمسىز، شەھەرلىك ياكى سەھرالىق بولسۇن ھەممە ئىنسانلار ئوخشاشتۇر، شۇنداقلا پەن تېخنىكا تەرەققىي قىلغان يەرلەر ۋە زامانلار بىلەن تەرەققىي قىلمىغان يەرلەر ۋە زامانلارمۇ ئوخشاشتۇر. بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئەبەدىي ۋە دۇنياۋى دىن ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

يېڭى تۇغۇلغان ئاي دەسلەپكى كۈندە بەزى جايلارنىڭ ئاسمىنىدا كۆرۈنسىمۇ، يەنە بەزى جايلارنىڭ ئاسمىنىدا ھاۋا تۇتۇق بولۇشتەك تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆرۈنمەي 2 – كۈنى كۆرۈنىدۇ. ئاينىڭ كۆرۈنۈش ياكى كۆرۈنمەسلىكى روزا تۇتۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەھكاملارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، داۋاملىق ئاي كۆرۈش جەھەتتە قاراش ئوخشاشماسلىقى مەيدانغا كېلىپ تۇرىدۇ.

ئاي كۆرۈش ھىجرىيە يىلنامىسىدا ئاينىڭ 29 – كۈنى كۈن پاتقاندىن كېيىن بولىدۇ. كۈن پاتقاندىن كېيىن كېچە كىرگەن بولغاچقا، بۇ كېچە 30 – كۈنگە تەۋە كېچە بولىدۇ. چۈنكى، ھىجرىيە كالېندارى بويىچە كېچە كۈندۈزدىن بۇرۇن كىرىدۇ. كۈن پاتقاندىن كېيىن بىر مىنۇت بولسىمۇ، ئاي كۆرۈنسە شەرىئەت بويىچە يېڭى ئاي كىرگەن بولىدۇ. يۇقىرىقى «يېڭى تۇغۇلغان ئاينى كۆرمىگىچە روزا تۇتۇشنى باشلىماڭلار! ئۇنى كۆرمىگىچە روزاڭلارنى توختاتماڭلار» دېگەن ھەدىسكە ئاساسەن، كۈندۈزى كۈن تىكلەشكەندىن كېيىن ياكى بۇرۇن ئاي كۆرۈنسە ياكى 28 – كۈن كەچتە كۆرۈنسە شەرىئەتتە ھېساب بولمايدۇ. چۈنكى، مەزكۇر ھەدىس ئاي كۆرۈشنىڭ روزا تۇتۇش ياكى ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن بولىدىغانلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاي كۆرۈش ۋاقتى بولسا ساھابە – كىرام ۋە تابىئىنلارنىڭ نەزەرىدە ھەر ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى چاغدۇر.(3)

ئاينى كۆرگەن گۇۋاھچىلار ئاي كۆرگەن ۋاقىت، شۇ چاغدىكى ئاينىڭ ئورنى، ئاينىڭ ئۇچى قايسى تەرەپكە ئىكەنلىكى… قاتارلىقلار ھەققىدە قازىنىڭ ناھايىتى ئىنچىكە ۋە تەپسىلىي سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ جاۋابلىرىدا قىلچىلىك ئىلمىي زىتلىق بايقالسا قازى ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى رەت قىلىدۇ. ئەلبەتتە، ئاي كۆرگەن گۇۋاھچىدا راستچىللىقىنى، كۆرۈش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىرىغا تاقىشىدىغان روھىي ۋە جىسمانىي ئىللەتلەردىن خالىي بولۇشتەك تۈرلۈك شەرتلەر تېپىلىشى لازىم.

يۇقىرىقى شەرتلەر ۋە سەۋەبلەر تۈپەيلى يېڭى ئاي كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلىش ئىشى خۇپتەندىن كېيىنگە كېچىكىدۇ.

ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئايغا قارىشى ۋاجىب كۇپايە. ھەنبەلىي فەقىھلەر قارىشىدا، مۇستەھەب. مالىكىي ۋە شافىئىي مەزھەبلەر بۇنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئېنىق توختالمىغان.(4)

ئەلبەتتە، «ۋاجىبنى ئادا قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىش ۋاجىب بولىدۇ» دېگەن قائىدىگە ئاساسەن، ھەنەفىي مەزھەبنىڭ «ئاي كۆرۈشكە چىقىش ۋاجىب كۇپايە» دېگەن قارىشى كۈچلۈك. چۈنكى، بۇ روزا تۇتۇش ۋاقتى كىرىشنى بىلىشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر. ئاي كۆرۈش رامازان روزىسىنىڭ پەرز بولۇشىنىڭ سەۋەبىدۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ ئىش ۋاجىب كۇپايە بولىدۇ.

ھۆكۈم شۇنداق. لېكىن، دىيارىمىزدا ئايغا قاراش ھەيئىتى بولمىغانلىقتىن، ئۇلارغا باشقا ئاي كۆرگەن ئىسلام ئەللىرىگە ئەگىشىش مۇئەييەنلىشىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1436، 5 – رامازان / م. 2015، 22 – ئىيۇن

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 38 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (1913)؛ «مۇسلىم»، (1080).
2. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (1906)؛ «مۇسلىم»، (1080).
3. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇلمۇھتار»، 2/392.
4. ئىبنۇلھۇمام: «فەتھۇلقەدىر»، 2/313؛ ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/403؛ ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 2/284؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/4.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ