دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمىتى

دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمىتى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ، ئۇستاز! سەھىھ ھەدىسلەردە دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنى، شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش تەكىتلەنگەن ۋە ساۋابىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى ھەم دىيىلگەن. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا تۇتۇشقا نېمە ئۈچۈن باشقا كۈنلەرنى تاللىماي دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنىنى تاللايدۇ؟ يەنە نېمە ئۈچۈن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇشنى بۇيرۇيدۇ؟ بۇنىڭ ھېكمىتى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

رامازاندىن باشقا بىرنەچچە ۋاقىتلاردا روزا تۇتۇش مۇستەھەب ئىكەنلىكى ھەققىدە ھەدىسلەر كەلگەن. مەسىلەن، ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ھەققىدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا:

— ئى ئابدۇللاھ! مەن سېنى كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى ئىبادەت قىلىدۇ، دەپ ئاڭلايمەنغۇ، — دېگەندە، مەن:

— شۇنداق ئى رەسۇلۇللاھ! — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇنداق قىلما! بەزىدە روزا تۇتۇپ، بەزىدە تۇتما! كېچىنىڭ بەزىسىدە ناماز ئوقۇ، بەزىسىدە ئۇخلا! چۈنكى، ھەقىقەتەن جىسمىڭنىڭ سەندە ھەققى بار، كۆزۈڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار، ئايالىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار، مېھمىنىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار. ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ساڭا كۇپايە قىلىدۇ. چۈنكى، ھەربىر ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىلىدۇ. دېمەك بۇ ھەر ۋاقىت روزا تۇتقانغا تەڭ بولىدۇ، — دېدى.

مەن ئۆزۈمگە ئېغىرراق ۋەزىپە يۈكلىۋالماقچى بولىۋىدىم، ئىشلار ماڭا قىيىنلاشتۇرۇلدى. مەن:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن كۆپ تۇتۇشقا قادىر بولالايمەن، — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:

— ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسىنى تۇت، ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋەتمە، — دېدى. مەن:

— داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسى قانداق ئىدى، — دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ:

— زاماننىڭ يېرىمىنى تۇتاتتى، — دېدى».(1)

يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «دوستۇم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا ‹ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، چاشگاھ ۋاقتىدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋىتر ئوقۇش›تىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنى تەۋسىيە قىلغان».(2)

ئالىملار ھىجرىيە ئاينىڭ 13 -، 14 -، 15 – كۈنلىرىگە توغرىلاپ ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشنى ئەۋزەل دەپ قارايدۇ. بەزى ھەدىسلەردە شۇنداق بايان قىلىنغان.

ئىبنى مىلھان قەيسى ئاتىسىدىن رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى تولۇن ئايلىق كۈنلەردە، يەنى ھەر ئاينىڭ 13 -، 14 – ۋە 15 ـ كۈنلىرى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇپ: «شۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇش بىر ئۆمۈر روزا تۇتقانغا باراۋەردۇر» دەيتتى.([3])

ھەربىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاب يېزىلىدىغان بولغاچقا، ئۆمۈر بويى ئادەتلەنسە، ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش رەسۇلۇللاھ بايان قىلغاندەك، بىر ئۆمۈر روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ.

شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇشنىڭ مۇستەھەب ئىكەنلىكى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى رامازاندا روزا تۇتۇپ ئاندىن ئۇنىڭغا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈننى ئەگەشتۈرۈپ تۇتىدىكەن، بۇ پۈتۈن بىر ئۆمۈر روزا تۇتقانغا ئوخشاش» دېگەن.(4)

رامازان ئېيىدا روزا تۇتۇش ئون ئاي روزا تۇتقان بىلەن باراۋەر، شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش ئاتمىش كۈن، يەنى ئىككى ئاي روزا تۇتقان بىلەن باراۋەر، بۇلارنى جەملىسەك ئون ئىككى ئاي بولىدۇ.

يەنە ئەرەفات كۈنى ئەرەفاتتىن باشقا جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ پەزىلىتى، مۇھەررەم ئېيىدا، ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدىمۇ ھەدىسلەر كەلگەن.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «رامازاننىڭ روزىسىنى تۇتقاندىن سىرت، ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش يىلبويى روزا تۇتقانغا باراۋەردۇر. مەن ئاللاھ تائالادىن ئەرەفات كۈنى روزا تۇتقانلارنىڭ ئىلگىرىكى بىر يىللىق ۋە كېيىنكى بىر يىللىق گۇناھىنى، ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتقۇچىلارنىڭ ئىلگىرىكى بىر يىللىق گۇناھىنى كەچۈرىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.(5)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن پەرز نامازدىن كېيىن قايسى نامازنىڭ ۋە رامازان ئېيىدىن كېيىن قايسى روزىنىڭ ئەۋزەللىكى سورالغانىدى، رەسۇلۇللاھ: «پەرز نامازدىن كېيىنكى ئەۋزەل ناماز كېچىدە ئوقۇلغان (تەھەججۈد) ناماز، رامازان ئېيىدىن كېيىن ئەڭ پەزىلەتلىك روزا، ئاللاھنىڭ ئېيى بولغان مۇھەررەم ئېيىدا تۇتۇلغان روزىدۇر» دېدى.(6)

يەنە بەرائەت(شەئبان) ئېيىدا روزا تۇتۇش ھەققىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىز ئۇ زاتنى توختىماي روزا تۇتىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالغانغا قەدەر روزا تۇتاتتى. روزا تۇتمىغاندىمۇ بىز ئۇ زاتنى ئەمدى روزا تۇتمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالغانغا قەدەر روزا تۇتمايتتى. مەن رەسۇلۇللاھنىڭ رامازاندىن باشقا ئايلاردا بىر ئاي تولۇق روزا تۇتقانلىقىنى كۆرمىدىم، شۇنداقلا ئۇ زاتنىڭ باشقا ئايلاردا شەئبان ئېيىدا روزا تۇتقاندەك كۆپ روزا تۇتقانلىقىنىمۇ كۆرمىدىم».(7)

بۇ ئايدا كۆپ روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمەتلىرى تۆۋەندىكى ھەدىستە بايان قىلىنغان:

ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:

— ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ھېچبىر ئايدا شەئبان ئېيىدىكىدەك روزا تۇتقانلىرىنى كۆرمىدىم، — دېسەم، ئاللاھنىڭ رەسۇلى:

— ئۇ ئاي رەجەپ ئېيى بىلەن رامازان ئېيىنىڭ ئارىلىقىدىكى بىر ئاي بولۇپ، كىشىلەر ئۇ ئايدىن غاپىل قالىدۇ. ئۇنىڭدا ئەمەللەر ئالەملەرنىڭ رەببىگە كۆتۈرۈلىدۇ. مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزا تۇتقان ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن، — دېدى.(8)

بۇ ھېكمەتلەرنىڭ بىرى، شەئبان ئېيى رەجەپ بىلەن رامازاندىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىككى ئاي ئارىلقىدا كېلىدۇ. رەجەپ ئېيى ھەرەم ئايلاردىندۇر.(9) كىشىلەر بۇ ئىككى ئۇلۇغ ئاي بىلەن بولۇپ كېتىپ شەئباندا غەپلەتتە قالىدۇ. ئالىملارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ھەدىستىن كىشىلەر غاپىل قالغان پەيتلەردە تائەت – ئىبادەت قىلىشنىڭ مۇستەھەبلىكى چىقىدۇ.

بۇ جەھەتتىن، رەسۇلۇللاھ يەنە بىر ھەدىستە خۇپتەننى بەكلا كېچىكتۈرۈپ ئوقۇغان ۋە غەپلەت ۋاقتىدا تائەت – ئىبادەت قىلىپ تۇرۇشنىڭ پەزىلىتىنى مۇنداق بايان قىلغان: «يەر يۈزىدە سىلەردىن باشقا ھېچكىم بۇ نامازنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ» دېگەن.(10)

ئىككىنچى ھېكمەت: ئەمەللەر شەئبان ئېيىدا ئاللاھقا كۆتۈرىلىدۇ. بۇ خۇددى ئەمەللەرنىڭ يىللىق دوكلاتىغا ئوخشايدۇ. يەنى يىلبويى قىلغان ئەمەللەر توپلىمى شەئبان ئېيىدا دوكلات قىلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، زاكاتنى شەئبان ئېيىدا بېرىش ياخشى دەپ قارىغان ئالىملار بار. تۇتالمىغان روزىلارنىڭ قازاسىنى شەئبان ئېيى چىقىپ كەتكۈچە تۇتۇۋېتىشمۇ مۇشۇ جەھەتتىن بولسا كېرەك.

يەنە كېلىپ، شەئبان ئېيىدا روزىنى كۆپ تۇتۇش ئۇلۇغ رامازان ئېيىنى كۈتۈۋېلىشقا تولۇق تەييارلىنىش جەھەتتىن بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ خۇددى پەرزگە سۈننەت ئارقىلىق تەييارلىق قىلغاندەك بىر ئىش.

شەئباندىكى روزا نامازغا ئوخشاش پەرز رامازان ئالدىدىكى سۈننەت بولسا، كەينىدىن كېلىدىغان شەۋۋالدىكى روزىمۇ پەرز كەينىدىكى سۈننەتتۇر.

يەنە دۈشەنبە كۈنى بىلەن پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتۇش سۈننەت بولۇپ، بۇ ھەقتە ھەدىسلەر كەلگەن.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇشقا بەكمۇ تىرىشاتتى.(11)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەمەللەر پەيشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى ئاللاھ تائالاغا كۆتۈرۈلىدۇ. مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن.(12)

ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر ئايدا ئۈچ كۈن يەنى دۈشەنبە، پەيشەنبە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دۈشەنبە كۈنى روزا تۇتاتتى.(13)

يۇقىرىقى ھەدىسلەردە ھەققىدىكى مۇھەددىسلەرنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس، بەزىلەر سەھىھ، بەزىلەر زەئىف دەپ قارىغان. لېكىن، تۆۋەندىكى سەھىھ ھەدىستە، دۈشەنبە كۈنى روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى مۇنداق بايان قىلىنغان:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن دۈشەنبە كۈنى روزا تۇتۇش توغرۇلۇق سورالغانىدى: «ئۇ مەن تۇغۇلغان، پەيغەمبەرلىككە تەيىنلەنگەن، ماڭا (قۇرئان) چۈشۈرۈلگەن كۈندۇر» دېدى.(14)

ئەمدى پەيشەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى بولسا، بۇ ھەدىستە سەھىھ ھالەتتە كەلمىگەن بولسىمۇ، شەيخ ئالبانىي قاتارلىقلار سەھىھ دەپ قارىغان يۇقىرىقى ھەدىسلەر بىلەن بىللە تۆۋەندىكى «مۇسلىم» رىۋايەتى پەيشەنبىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىكتۇر. بۇنىڭدا روزا تۇتۇش تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، پەيشەنبە كۈنىدە جەننەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جەننەتنىڭ دەرۋازىسى دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئېچىلىپ، ئاللاھقا شىرك كەلتۈرمىگەن ھەرقانداق بەندىگە مەغپىرەت قىلىنىدۇ. پەقەتلا قېرىندىشى بىلەن ئوتتۇرىسىدا ئاداۋىتى بولغان كىشىلا مەغپىرەت قىلىنماي: ‹بۇ ئىككىسى ياراشقانغا قەدەر كۈتۈپ تۇرۇڭلار، بۇ ئىككىسى ياراشقانغا قەدەر كۈتۈپ تۇرۇڭلار، بۇ ئىككىسى ياراشقانغا قەدەر كۈتۈپ تۇرۇڭلار!› دېيىلىدۇ».(15)

يۇقىرىقىلاردىن، دۈشەنبە كۈنى بىلەن پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتۇشنىڭ سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىكى چىقىدۇ.

دۈشەنبە كۈنى روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمىتى يۇقىرىقى ھەدىسلەردە مۇنداق كۆرسىتىلگەن:

1. ھەپتىلىك ئەمەللەر دۈشەنبە كۈنى ئاللاھقا كۆتۈرۈلىدۇ. يۇقىرىدا بىز يىللىق ئەمەللەرنىڭ شەئباندا كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى بايان قىلدۇق. بۇنىڭدىن ئەمەللەر كۆتۈرۈلگەندە كىشى روزا تۇتقان ھالەتتە بولۇش مەقسەت قىلىنغانلىقى چىقىدۇ. ئىمام شەۋكانىي: «بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىككى كۈن ئەمەللەر سۇنۇلىدىغان كۈنلەردۇر» دەيدۇ.(16)

2. دۈشەنبە كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۇغۇلغان كۈندۇر. بۇنىڭدا ئالىملار ئىتتىپاق. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ دۈشەنبە كۈنى پەيغەمبەرلىك كەلگەن ياكى «قۇرئان» نازىل قىلىنغان كۈندۇر.

ئىمام ئىبنى رەجەب ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۈشەنبە كۈنى روزا تۇتۇشى ھەققىدە سورالغاندا: ‹ئۇ، مەن تۇغۇلغان، ماڭا قۇرئان نازىل قىلىنغان كۈندۇر› دەپ جاۋاب بېرىشى، ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان كۈنلەردە روزا تۇتۇشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھەقىقەتەن، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئۈممەتكە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى، ئۇلارغا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئەۋەتىشىدۇر. چۈنكى، ئۇ زاتنى ئۈممەتكە ئەۋەتىش ئۇلارغا ئاسمان – زېمىننى ۋە باشقا نەرسىلەرنى پەيدا قىلىپ بېرىش نېئمىتىدىن كاتتىدۇر… دېمەك، ئاللاھ تائالادىن بەندىلىرىگە مۇشۇنداق كاتتا نېئمەتلەر ئاتا قىلىنغان كۈنلەردە روزا تۇتۇش ئىنتايىن ياخشىدۇر. ئۇ، نېئمەت ئاتا قىلىنغان كۈنلەرنى شۈكۈر بىلەن قارشى ئېلىشتىن ئىبارەت. ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇشمۇ نۇھ ئەلەيھىسسالامنى سۇ ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇرغان، مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن قەۋمىنى فىرئەۋندىن قۇتۇلدۇرغان كۈن بولغاچقا، نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالاملار ئۇ كۈندە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىپ روزا تۇتقان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىپ ئۇ كۈندە روزا تۇتقان».(17)

ئىمام ئىبنى رەجەب بۇنى: «كاتتا نېئمەتلەر ئاللاھ تائالادىن بەندىلىرىگە ئاتا قىلىنغان كۈنلەردە روزا تۇتۇش ئىزچىل قىلىپ كېلىدىغان ھېيتقا ئوخشاش قىلىۋالمىسىلا ياخشى ئىش» دەپ قەيت قىلغان.(18)

دېمەك، دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتۇش ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش جەھەتتىن، ئەمەللەرنىڭ روزا تۇتقان ھالەتتە كۆتۈرۈلۈشى جەھەتتىن، رەسۇلۇللاھنىڭ دۈشەنبە، پەيشەنبە روزا تۇتقانلىقى جەھەتتىن مۇستەھەب بولغاندۇر.

بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، روزا تۇتۇش پەزىلەتلىك بولغان كۈنلەر كۆپتۇر. كىشىنىڭ شۇ كۈنلەرنىڭ بىر خىلىنى چىڭ تۇتۇپ تاشلىماي داۋاملاشتۇرغىنى، ئۇ كۈنلەرنىڭ ھەممىسىدە روزا تۇتىمەن دەپ ئاندىن تۇتۇپ بولالماي پۈتۈنلەي توختاپ قالغىنىدىن ئەۋزەلدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بىر ئەمەلنى قىلسا، ئاز بولسىمۇ، ئىزچىل داۋاملاشتۇراتتى.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1436، 14 – رامازان / م. 2015، 1 – ئىيۇن

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 40 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1975)؛ «مۇسلىم»، (1159).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1981)؛ «مۇسلىم»، (721).
3. «ئەبۇ داۋۇد»، (2449). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
4. «مۇسلىم»، (1164). بۇ يەردە مەقسەت قىلىنغىنى، بىر ئۆمۈر ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش يولغا قويۇلغان دەپ پەرەز قىلىنسا، شۇنىڭ ساۋابى بولىدۇ. يەنى ساۋابى ئىنتايىن كاتتا دېمەكچى. قاراڭ: شەۋكانىي: «ئەسسەيلۇل جەررار»، 2/142.
5. «مۇسلىم»، (1162).
6. «مۇسلىم»، (1163).
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1969)؛ «مۇسلىم»، (782).
8. «نەسائىي»، (2357). ئالبانىي «ھەسەن» دېگەن.
9. ھەرەمئاي (الشَّهْرُ الْحَرَامُ): بۇ ئۇلۇغلاش ۋە ھۆرمەتلەش تەلەپ قىلىنغان، گۇناھ – مەئسىيەت ۋە تائەت – ئىبادەتنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتى ھەسسىلىنىدىغان، ئالاھىدە پەزىلەتلىك ئاي بولۇپ، ھىجرىي كالېندار بويىچە 11 -، 12 -، 1 – ۋە 7 – ئايلىرى بولمىش زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم ۋە رەجەب ئايلىرى ئاللاھ ئاسمان – زېمىننى ياراتقاندىن تارتىپ مەڭگۈلۈك ئۇلۇغلىنىدىغان ھەرەمئايلاردۇر. «ھەرەمئايلار» بولسا «قۇرئان كەرىم»دە (2/«بەقەرە»: 194، 217؛ 5/«مائىدە»: 2، 97؛ 9/«تەۋبە»: 5، 36 – ئايەتلەردە) تىلغا ئېلىنغان. بۇ تۆت ئاينى ئۇلۇغلاش جاھىلىيەتتىكى ئەرەبلەردىمۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام زامانىدىن تارتىپ بار ئىدى. ئەمما، ئۇلار بۇ ئايلاردا پەقەتلا ئۆزئارا ئۇرۇش قىلمايتتى، قىساسمۇ ئالمايتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەبىي قىلىنىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، بۇ ئايلارنىڭ ھۆرمىتى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، بۇ ئايلاردا قىلىنغان جىنايەتلەرنىڭ جازاسىمۇ، تائەت – ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابىمۇ ھەسسىلىنىدىغان بولغان ۋە بۇ ئايلاردا زۇلۇم قىلىپ سېلىشتىن ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 5/50 – 52.
10. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (566)؛ «مۇسلىم»، (638).
11. «نەسائىي»، (2360). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
12. «تىرمىزىي»، (747). ئالبانىي «ھەسەن» دېگەن.
13. «ئەبۇ داۋۇد»، (2451). ئالبانىي «ھەسەن» دېگەن.
14. «مۇسلىم»، (1162).
15. «مۇسلىم»، (2565).
16. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 4/336.
17. ئىبنى رەجەب: «لەتائىفۇل مۈئارىف»، 189 – بەت. قىسقارتىپ ئېلىندى.
18. ھافىز ئىبنى رەجەب: «فەتھۇلبارىي»، 1/159.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ