سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، زاكات مۇسۇلماننىڭ زىممىسىدىكى 5 پەرزنىڭ ئىچىدە بار بولغان، قىلىشقا تېگىشلىك ئىش. لېكىن، بەزىلەر مۇۋاپىق ئادەم تاپالمىدىمۇ ياكى نېمە ئۈچۈن بىلمىدىم. ئىشلەتمىسىمۇ زاكاتنى كارتىغا ساقلاپ تۇرىدىكەن. بۇنىڭ ھۆكمى قانداق؟ ساقلىسا بولامدۇ؟ زاكاتنى ئايرىغاندىن كېيىن مانچە كۈن ئىچىدە چوقۇم بېرىش كېرەك دەپ بىرەر ھەدىس بارمۇ؟ مۇشۇ توغرىسىدا ئېنىقراق چۈشەنچە ھاسىل قىلاي دېگەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
مال – مۈلكى بايلىق ئۆلچىمىگە يەتكەن كىشى زاكاتنى ئايرىپ بېرەلەيدىغان ئەھۋالدا، ساقلىۋالماي دەرھال بېرىۋېتىشى ۋاجىب بولۇپ، كېچىكتۈرىۋەتسە توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، زاكات دېگەن پېقىر – مىسكىن ۋە شۇ قاتاردا ئاللاھ تائالا تىلغا ئالغان سەككىز تۈرنىڭ ھەققىدۇر. ناۋادا ئۇنى ۋاقتىدا بەرمىسە، ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئارقىغا سوزۇۋېتىش قىلمىشى كېلىپ چىقىپلا قالماي، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنتۇلۇپ، ياكى پۇل لازىم بولۇپ قېلىپ خەجلىۋېتىش، ياكى ئۆلۈپ كېتىپ بېرىلمەي قېلىش نەتىجىسىدە، زاكاتنى يەپ كېتىش ياكى بېرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن زاكات ئالىدىغانلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن باشقا زاكات گەدىنىدە قېلىشتەك يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.
بۇ ھەقتە، ھەنەفىي مەزھەب ئىماملىرىدىن زاكاتنى ئۆزرىسىز كېچىكتۈرۈشنىڭ تەھرىمىي مەكرۇھلىقى(1)، ۋاجىبنى ۋاقتىدا ئادا قىلمىغان ئەھۋالدا پاسىق بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇ كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.(2)
«زاكاتنى كېچىكتۈرۈشكە بىرەر زۆرۈرىيەت بولمىغان ئەھۋالدا دەرھال بېرىۋېتىشى ۋاجىب، كېچىكتۈرىۋەتسە گۇناھكار بولىدۇ» دېگەن بۇ قاراش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، ئىمام قەرەداۋىي قاتارلىق مۇھەققىق ئالىملار مۇشۇ قاراشنى توغرا دەپ قارىغان.(3)
ئۇقبە ئىبنى ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ئەسىرنى ئوقۇپ بېرىپ ئالدىراپ ئۆيىگە كىرىپ كېتىپ، ئۇزۇن تۇرماستىنلا يېنىپ چىقىۋىدى، ئالدىرىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىدىم، رەسۇلۇللاھ: ‹ئۆيدە سەدىقەدىن قالغان ئازراق ئالتۇن بار ئىدى. ئۇنى كەچ كىرگىچە ئۆيدە ساقلاشنى ياقتۇرماي تەقسىم قىلىۋەتتىم› دېدى».(4)
بۇ يەردىكى «سەدىقە» سۆزى زاكات ۋە باشقا ئىختىيارى سەدىقىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ زاكاتنى بىر كېچە ئۆيىدە ساقلاشنى يامان كۆرگەن. بۇ زاكاتنى ۋاقتىدا بېرىۋېتىشكە ئالدىراشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى كۆرسىتىدۇ.(5)
لېكىن، قانچىلىك مۇددەت كېچىكتۈرۈش دائىرىسىگە كىرىدۇ؟
مەلۇمكى، زاكات ئايرىيدىغان مال – مۈلۈك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرى، مال – چارۋا، تاۋار ۋە نەق پۇللارغا ئوخشىغان ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتۈپ بىر يىل ئۆتسە زاكات ۋاجىب بولىدىغان مۈلۈك.
يەنە بىرى، زىرائەت ۋە مېۋە – چېۋە مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشىغان قاچان ھوسۇل ئالسا شۇ چاغدا زاكىتىنى ئايرىيدىغان مۈلۈكلەر. بۇ تۈرلۈك مۈلۈكتە جانابى ئاللاھ: ﴿ئۇنىڭ ھەققىنى ھوسۇل ئالغان كۈنى بېرىڭلار﴾ دەپ بۇيرۇغان﴾ (6/«ئەنئام»: 141).
پۇل ۋە تىجارەت تاۋارلىرى ھەمدە مال – چارۋىلارنىڭ زاكىتىنى زىرائەت زاكىتىغا قىياس قىلىدىغان بولساق، بىر يىل توشقان كۈندە ياكى ئەتىسى بېرىشى ۋاجىب، ئۇنىڭدىن بىرقانچە كۈن كېچىكتۈرسىمۇ گۇناھكار بولىدۇ، دېگەن مەزمۇن چىقىدۇ. لېكىن، شەرىئەتتىكى قولايلىقنى ياقىلاش ۋە قىيىنچىلىقنى يەڭگىللىتىش قائىدىسى بويىچە يول تۇتقىنىمىزدا، بىرەر ھەپتىدىن ئاي ئاخىرىغىچە كېچىكتۈرسە مەيلى دېيىش مۇمكىن. ئەمما، بىر ئايدىن كېچىكتۈرىۋېتىشكە بولمايدۇ.(6)
زاكاتنى بېرەلەيدىغان تۇرۇقلۇق كېچىكتۈرىۋەتسە، گۇناھكار بولۇش بىلەن بىللە زاكات پۇل يوقاپ كەتسە يېنىدىن تۆلەيدۇ. شۇنداقلا كۆز ئالدىدا ئاچ – يالىڭاچ قېلىۋاتقان زاكاتقا لايىق كىشىلەر تۇرۇپ باشقىلارغا بېرىمەن دەپ ساقلىۋالسىمۇ گۇناھكار بولىدۇ.(7)
لېكىن، كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان ياكى ۋاقتىدا بەرسە ئۆزىگە ياكى مال – مۈلكىگە زىيان يېتىدىغان تۆۋەندىكىدەك بەزىبىر ئەھۋاللاردا ئۆلىمالار بىر مۇددەت كېچىكتۈرۈشكە رۇخسەت قىلغان:
1. زاكاتنى ئىسلام ھۆكۈمىتى يىغىدىغان بولۇپ، ئەگەر يىل توشقان چاغدا زاكاتچى كەلمەي، ئۆزى ۋاقتىدا بېرىۋەتسە زاكاتچى بۇنى ھېساب قىلماي قايتا ئالىدىغان بولسا، زاكاتچىنىڭ كېلىشىنى ساقلايدۇ.
2. زاكاتنى تېخىمۇ لايىق، تېخىمۇ موھتاج بىرىگە ياكى تۇغقان، قوشنا كېلىدىغان بىرىگە بېرىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ سەپەردىن قايتىشىغا ياكى ئۇنىڭغا يوللاپ بېرىشكە بىر مۇددەت ساقلىسا بولىدۇ.
3. زاكاتقا نەق پۇل بېرىدىغان بولۇپ، قولىغا نەق پۇل كىرگىچە ياكى بىرسىدىن پۇلىنى ئالغۇچە ساقلىسا بولىدۇ.
4. بىرەر يۇرتتا ئاچارچىلىق، ياكى يەر تەۋرەش، ياكى ئۇرۇش تۈپەيلى ياردەمگە پۇل توپلاش يۈزىسىدىن مەلۇم مىقداردا پۇل يىغىلغۇچە زاكاتنى ئايرىپ قويۇپ ساقلىسا بولىدۇ.
5. ھۆكۈمەتتىن ياكى ئوغرى – بۇلاڭچىلاردىن قورقۇپ، زاكاتنى ۋاقتىدا بېرەلمەي قالغان بولسا، مەجبۇر بولغانلىق جەھەتتىن تاكى خاتىرجەم بېرەلەيدىغان بولغىچە كېچىكتۈرسە گۇناھ بولمايدۇ.
6. زاكات ئالىدىغانلارنى تېپىپ بولغۇچە ياكى بار كىشىلەرنىڭ زاكاتقا لايىق ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاپ بولغۇچە ساقلىسا بولىدۇ.
يۇقىرىقى ئەھۋاللاردا زاكات بەرگۈچىگە ياكى زاكات ئالغۇچىلارغا زىيان بولىدىغانلىقتىن كېچىكتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.
ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىمالى بولغاچقا، بۇنداق كېچىكتۈرگەن ئەھۋالدا، زاكات پۇلنى ئايرىم قويۇپ، ئۈستىگە زاكات پۇل دەپ يېزىپ قويغىنى ياكى بالىلىرىغا تاپىلاپ قويغىنى ياخشى.
دېمەك، يۇقىرىقىدەك ئۆزرە تېپىلمىغان ئەھۋالدا، پايدىلىنىش ئۈچۈن زاكاتنى ساقلىۋالماسلىق كېرەك.(8)
بۇنىڭغا ئاساسەن زاكات ئايرىش ۋاجىب بولغان چاغدا، مەسىلەن، رامازاننىڭ بىرىنچى كۈنى زاكات ئايرىپ كېلىۋاتقان بولسا، بىرىنچى كۈنى ئايرىپ شۇ كۈنى ياكى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە بېرىۋېتىشى لازىم. ئۆزىگە پۇل لازىم بولۇپ قالغانلىقتىن زاكات پۇلنى باشقا يەرگە ئىشلىتىۋېتىپ كېيىن بېرەرمەن دېسە بولمايدۇ. شۇنداقلا بىرەر جايغا ياردەم توپلاش يۈزىسىدىن ياكى زاكاتنى تارقىتىشتىن ئەنسىرەپ قالغان ئەھۋالدا، بەك ئۇزۇنغا سوزماي رامازاننىڭ ئاخىرىغىچە كېچىكتۈرۈشكە بولىدۇ.
ئەڭ ئەۋزىلى رامازان كېلىشتىن بۇرۇن زاكاتقا ئېھتىياجى بار ئورۇنلارغا ئالدىن بېرىپ مېڭىپ، كېيىن رامازاننىڭ بىرىنچى كۈنى زاكىتىنى ھېسابلاپ كۆرۈپ، زاكىتىنىڭ قالغان قىسمىنى بېرىۋېتىشتۇر. كۆپچىلىك ئالىملارمۇ زاكاتنى ئالدىن بېرىۋەتسە بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
زاكاتنى يىلبويى ھەر ئايدا ئازراقتىن بۆلۈپ بېرىشكىمۇ بولمايدۇ. ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ھەر ئايدا بېرىدىغانغا ئايلىققا بۆلۈپ بەرسە جائىز بولمايدۇ، ئەمما ۋاقتىدىن بۇرۇن بۆلۈپ ياكى بىراقلا ئالدىن بېرىۋەتسە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كېچىكتۈرمىگەن، دېگەن.(9)
بۇنى باشقا ئالىملارمۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: زاكاتنى دەرھال تارقىتىش ۋاجىبتۇر. ئەمما، زاكاتقا لايىق كىشىلەر كەلسە، يىلبويى ئۇدۇللۇق تارقىتىش ئۈچۈن زاكات بەرگۈچىنىڭ قولىدا قالسا جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، بۇمۇ زاكاتنى كېچىكتۈرىۋېتىشتىن ئىبارەت.(10)
بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ھەر يىلى زاكات بېرىشنى ھىجرىيە كالېندارى بويىچە، رامازان ياكى باشقا بىر ئاينى مۇقىم بېكىتىپ ئايرىش لازىم. بولمىسا، مىلادى يىل ھىجرىيە يىلدىن ھەر يىلى 11 ~ 12 كۈن ئەتراپىدا ئۇزۇن بولغانلىق تۈپەيلى 33 يىلدا بىر يىللىق زاكات گەدەندە قالىدۇ.
يەنە، زاكات پۇلنى مەيلى قانداق ياخشى نىيەتتە بولسا بولسۇن، تىجارەتكە سېلىپ ئاۋۇتۇشقا بولمايدۇ. بەلكى كېچىكتۈرمەستىن جايىغا بېرىۋېتىش لازىم. چۈنكى، تىجارەتكە سالغان ئەھۋالدا ھەق ئىگىلىرىنىڭ قولىغا تەگمەي كېچىكىپ كېتىدۇ.
دەرۋەقە، زاكاتنى ۋاقتىدا ئادا قىلىۋېلىش كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئەتە ئۆزىگە نېمە بولۇشىنى، شارائىتنىڭ قانداق ئۆزگىرىپ كېتىشىنى بىلمەيدۇ. كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىزكى، بىرنەچچە يىل بۇرۇن زاكاتنى خاھلىغان ۋاقىتتا، خاھلىغان يەرگە بېرەلەيدىغانلار، بۈگۈنكى كۈندە زاكىتىنى بېرىشكىمۇ پېتىنالماس بولۇپ كەتتى. بۇ توغرىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق تەرغىب قىلغان: «سەدىقە قىلىڭلار! سىلەرگە شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، كىشى بېرىدىغان سەدىقىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، ئۇنى ئالىدىغان ئادەم تاپالمايدۇ، كىشىلەرگە تەڭلىسە: ‹ئۇنى تۈنۈگۈن ئېلىپ كەلگەن بولساڭ قوبۇل قىلغان بولاتتىم، بۈگۈن ئۇنىڭغا ھاجىتىم يوق› دەيدۇ (قوبۇل قىلمايدۇ)».(11)
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1438، 29 – سەپەر/ م. 2016، 29 – نويابىر
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 33 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. يەنى ھارام دەرىجىسىدە يامان كۆرۈلگەن مەكرۇھ.
2. ئىبنۇل ھۇمام: «فەتھۇلقەدىر»، 2/156.
3. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 5/301؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/290؛ دۇسۇقىي: «ھاشىيەتۇددۇسۇقىي»، 1/500؛ قەرەداۋىي: «فىقھۇززاكات»، 2/871.
4. «بۇخارىي»، (1430).
5. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 8/298.
6. قەرەداۋىي: «فىقھۇززاكات»، 2/880.
7. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 5/299.
8. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 5/299؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/290؛ رەملىي: «نىھايەتۇل مۇھتاج»، 3/135.
9. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/290.
10. دۇسۇقىي: «ھاشىيەتۇددۇسۇقىي»، 1/500.
11. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1411)؛ «مۇسلىم»، (1011).